بۇ گەپ توغرا

يوللىغۇچى : uyghurek يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-14 06:56:28

بۇ گەپ توغراگېپىمنى ئۇدۇللا قىلاي:مەلۇم بىر تور بېتىدىكى «ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇردىن باشقا دوستى يوق» ناملىق ئۈزۈندىنى كۆرگەندىن بېرى كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئۈزۈندىنى مۇنبەرنىڭ ئاس...

    بۇ گەپ توغرا
     



    گېپىمنى ئۇدۇللا قىلاي:

    مەلۇم بىر تور بېتىدىكى «ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇردىن باشقا دوستى يوق» ناملىق ئۈزۈندىنى كۆرگەندىن بېرى كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئۈزۈندىنى مۇنبەرنىڭ ئاستىغا نەقىشلىق قىلىپ ئويۇپ قويۇپتۇ. مۇراجىەت نامىسىدە «تور بېتىمىزدىكى بارلىق يازمىلار ھەم سۈرەتلەرنى خالىغان كىشى ھېچكىمدىن رۇخسەت سورىمايلا كۆچۈرۈپ ئېلىپ پايدىلانسا ياكى ئۆز تور بەتلىرىدە ئېلان قىلسا بولىدۇ. تور بېتىمىزدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسا ئەلۋەتتە خۇرسەنت بولىمىز»دەپتۇ.

    مەزكۇر تور بېتىنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىلتىپاتلىرىنىڭ راست – يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، ھازىر ھېچ بىرىمىزنىڭ تور بېتىدە مەۋجۇت بولمىغان، پەقەت مۇشۇ تور بېتىلا ئوچۇق ئېلان قىلغان تولۇمۇ قىممەتلىك  ئېلكىتاپلارنى كومپيۇتېرىمغا چۈشۈرۈپ باقتىم. دەرۋەقە، ھېچ خاتاسى يوق ۋە ھېچ چەكلىمىسى يوق رەۋىشتە ئىلكىمگە ئۆتتى. بۇ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئاىت مىڭلىغان ئەسەرلەر، 300 پارچىغا يېقىن قىممەتلىك تارىخىي كىتابلار، يەنە مىڭلىغان مۇھىم سۈرەتلەر ۋە ئېلكىتاپلار پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىپتۇ. تېخى«بۇ ئەسەرلەرنى ساقلىۋېلىڭ!» دېگەن ئەسكەرتمىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

    ئەكسىچە، مەن ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىدىن بەزى كېرەكلىك ئەسەرلەرنى چۈشۈرەلمەي ئاۋارە بولغان ئىدىم. تور مەسئۇللىرىنىڭ چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ياكى چالا چۈشىدىغان قىلىپ قويۇشتەك قىلىقلىرىدىن نارازى بولۇپ يۈرگەن ئىدىم. 2009 – يىلى 7 – ئايدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىدىكى پايدىلىق ماتېرىياللار گويا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كىتاب كۆيدۈرۈش دولقۇنى قوزغالغاندەك بىراقلا يوقالدى. ئەمدى ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دەپمۇ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتكە قالدۇق. بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تور بەتلىرى تاقىلىپ كەتكەن ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئويلىسا قەلبى قانچىلىك پۇچىلىنىدىغاندۇ – ھە؟ ۋىجدانى قانچىلىك ئازابلىنىدىغاندۇ – ھە؟؟؟!

    مېنىڭ بۇ يازما ئارقىلىق دېمەكچى بولغانلىرىم؛ بىر بىرىمىزگە باغرىمىزنى ئاچايلى! «ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇردىن باشقا دوستى يوق!» لىقىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەيلى. تور بېتىنى ئۇيغۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرايلى! ئۆز نام – شەرىپىمىز، مەنپىەتلىرىمىز، ئۆز تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تورىمىزدىكى ئەسەرلەرگە قۇلۇپ ئىشلەتمەيلى. كۆچۈرۈپ ئىشلەتكۈچىلەرمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن قايسى تور بېتىدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ تور بېتىنىڭ ئۇلىنىشىنى ئەسكەرتىپ قويايلى. شۇنى ئۇنۇتمايلىكى، بىزنىڭ تور بەتلىرىمىزمۇ بىر كۈنى يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن! بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نېمە دېگىلى بولامدۇ؟

    مەن باشقىلارنىڭ بەك دىققىتىنى جەلپ قىلماسلىق ئۈچۈن، مېنى تەسىرلەندۈرگەن تور بېتىنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىدىم. ئۇنى سىز چوقۇم ئىزدەپ تاپالايسىز ياكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالىسىز. شۇ چاغدا، ھېچ ئېرىنمەي بىر ئاي ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ، ئۇ يەردىكى مىڭلىغان ئەسەرلەرنى چالا قويماي چۈشۈرۈۋېلىڭ!

    ئاللاھ  ئۇيغۇرنى ئامان قىلسۇن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۇ گەپ توغرا