بىزگە ئاقساقاللار بەك كېرەك(نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن)

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 02:29:51

بىزگە ئاقساقاللار بەك كېرەكنۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنبىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلاردا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەتكەن‹يۇرت ئاقساقىلى›دىن ئىبارەت ...

    بىزگە ئاقساقاللار بەك كېرەك

    نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن

     

     

     

    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلاردا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەتكەن‹يۇرت ئاقساقىلى›دىن ئىبارەت بىر سىرلىق كۇچنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ نۇپۇزىنىڭ،كىشىلەرنىڭ ھەركەت،ئەملنى تىزگىنلەش كۇچىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ھەقىقەتەنمۇ،مەھەللە،قوۋملار ئىچىدىكى ئەقىلدە پشقان ئاقساقال،بوۋايلاريۇرتنى ئىناقلىققا،بىرلىككە دەۋەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە يۇرتنى بىر پۇتۇن يىمىرىلىمەس گەۋدە سۈپۇتىدە تۇتۇپ كەلگەن.كىشلەر چوڭ- چوڭ ئىشلارنى ئاقساقاللارنىڭ پىكىرى،مەسلىھىتى،باش بولۇشى بىلەن قىلغان.كىشلەر ئاقساقاللاردىن قاتتىق ھىيىققان،ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن،ھەتتا يولدا ئاقساقاللار ئولتۇرسا كىچىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلگەن.يۇرتتىكى قىيىنچىلىق ۋە نامراتلارنىڭ باش ئاغرىقلىرى يۇرت چوڭلىرىنىڭ باش بولىشى بىلەن بىجىرىلگەن.يۇرت چوڭلىرى بەجايىكى يۇرتنىڭ ئەخلاقى،ئىجتىمائىى،ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرغۇچى تەڭشەكلىك رولىنى ئوينىغان.يۇرت چوڭلىرى يۇرتنىڭ يۇزى،ئىناۋىتى،شەرىپى دەپ قارالغان...

     

    ۋەھالەنكى،يۇكسەك دەرىجىدىكى شەھەرلىشىش،بازارلىشىش،ئىجتىمائىيلىشىش بىزدىكى بۇخىل يۇرت تەڭشىكىنى ئاستا- ئاستا سىقىپ چىقاردى.كىشلەر ئەمدى بىر –بىرىنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىپ كەتمەس،ئۆينىلا ئەلا بىلىدىغان بولدى.شەخىسنىڭ قارشى،نۇپۇزى كۈچەپ تەكىتلەندى-دە،ئومومى بىرلىك يەردە قالدى.دېمەككى،ئاقساقاللار،يۇرت چوڭلىرى تۆردىن چۇشتى.كىچىكلەرگە ئىززەت،چوڭلارغا ھۆرمەت يوق بىر ھېسسىز ئال بىزدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.ۋەھالەنكى،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ:‹كىچىكلىرىگە رەھىم قىلمىغان،چوڭلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى تونۇمىغان كىشلەر بىزلەردىن ئەمەس›...

     

    ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۇچى ۋە كىشلەر ئارا ئەخلاق،باراۋەرلىك نۇقتىستىن ئىلىپ ئىتقاندا،بىزگە ئاقساقاللار بەك كىرەك.بۇگۇنكى ئاقساقاللار ئۆتمۈشتىكى ئاقساقاللارغا ئەلۋەتتە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.بۈگۈنكى ئاقساقاللاركوسا،يەكتەكسىز بولۇشى مۇمكىن،يىشى كىچىك بولىشىمۇ مۇمكىن،مەلۇم بىر يۇرت دائىرسىدە ئەمەس،مەلۇم جەمەت،ئىدارە،شىركەت،مەھەللە ياكى قورولاردىمۇ ئاقساقاللىق نوپۇزغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بىرەر شەخىسنىڭ بولغىنى ياخشى.

     

    بىر نەچچە يىللاردىن بىرى،ئۆزلۇكىدىن ئۇيۇشۇپ ،جەمىيەتتىكى ئوقۇشسىز قېلۋاتقان نامرات بالىلارنى ئىزچىل يۆلەپ كىلىۋاتتقان‹مېھرىبان ئانىلار›ھەربىر تەپەككۇرى ئويغاق ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدى،كىشلەرگە مېھرىبانلىقىنى،كۆيۈنۈشنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى،بىزنىڭ نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى مۇئەييەن نۇقتىدا تۇرۇپ تونۇتتى.مەن ئۇلارنىڭ ھەربىر ساخاۋىتىگە چەكسىز ئاپىرىن ئىيتىپ،ئەجىر تىلەپ تۇردۇم.ئەمما شۇچاغدا يەنە ئويلاپ قالدىم.جەمىئىيەت قۇرۇش،جەمىئىەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۇرۇش،يىتىم-يىسىر،ئاجىز- مىسكىنلەرنىڭ بىشىنى سيلاش ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرلەرنىڭ ئىشى،ۋەزىپىسى.ئەمما ئاشۇ ياشسىرغان،كۆز،يىتىمسىرغان قەلىپ تىتىرگەن تەنلەرنى نىمىشقا ئەرلەرنىڭ كۆزى كۆرمىدى؟ كۆرگەن بولسا نىمىشقا ئەرلەر ئالدى بىلەن‹مېھىرىبان دادىلار›ياكى ‹يۆلەك ئاتىلار›بولۇپ مەيدانغا چىقالمىدى؟...شۈبىھسىزكى،تەن ئالماي تۇرالمايمىزكى،ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىزلاپ كەتتى. ئەرلەر جەمىئيەتتىكى نەق مەسىللەرگىمۇ كۆزىنى يۇمىۋالدىغان بولۇپ قالدى...

    مەن ئەرلەر قىلالمىغان ئىشنى باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ جان پىدالىق بىلەن ياخشىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ‹مېھرىبان ئانىلار› نى ۋە ساخاۋەتلىك،قەلبى ئىنسانغا رەھمەت ۋە مېھرىبانلىققا تولغان ھەرقانداق بىرزاتى ئىنساننى‹ئاقساقال،يۇرت چوڭى›قاتارىدا كۆرىمەن.ئەسلى بىزگە مانا مۇشۇنداق ئاقساقاللار كىرەك ئىدى. باشقىلارنىڭ تەڭقىسلىقىنى كۆرگەندە مەيدە كىرىپ چىقالايدغان،قىرىندىشىغا ياخشىلىق يەتكۈزۈشنى بۇرچۇم دەپ بىلىدىغان،يامانلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلالايدىغان،ياخشىلىقنى غەرەزسىز،تەمەسىز تەرغىپ قىلغان ھەرقانداق بىر ئىنسان ھۆرمەتكە،ئىززەتكە سازاۋەر ئاقساقال،چوڭام،قابىل،پازىل ئىنساندۇر.

     

    ئاقساقاللارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆزلەشتۈرۇڭ. ئۇلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئومۇم ئۈچۇن ئويلىغان،جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى مۇھىم بىلگەن،كىشلەر ئارا ئەدلى-ئادالەتنى باشتىن-ئاخىر تەرغىپ قىلغان،كىشلەرنى ئالدىمىغان،ئۆز قوۋمغا كىلىۋاتقان ھەر قانداق بىر خەۋپنى بار كۇچى بىلەن توسقان.ئۇلاردا ئەڭ ئالدى بىلەن ساغلام،چىڭ ئەقىدە بار.شۇڭا ئۇلار ھەر ئىشتا كەسكىن،پوزىتسىيىى ئىنىق،جاۋابى كەڭ،چوڭقۇر،مۇئامىلىسى سىيلىق،ئەپۇچان.ئۇلاردا ئۆزلىرى قەتئىي ئەمەل قىلىدىغان ئەخلاقىي مىزان،تۇرمۇش پىرىنسىپى بار.شۇڭا ئۇلاردىن ھەممە تارتىنىدۇ،ھىيىقىدۇ،ئاشكارە يوشۇرۇن بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ سۆزىنى شەرتسىز ئاڭلايدۇ،پىكىرگە كىرىدۇ.قىلما دەپ قويۇپ ئۆزى قىلىۋېردىغان سەپسەتە بەندىلىرى ئەمەس.ئۇلار باشقىلارنى ئىشقا توۋلاپ قويۇپ ئۆزى ئىشلىمەي ياتقۇچى،تىلى بىلەن دىلى زىت رىياخورلاردىن ئەمەس.ئۇلار‹بىلىش›نى‹قىلىش›تىن ئەۋزەل بىلگىنىگە،دىگنىگە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلغۇچى پازىل بەندىلەردۇر.شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزى ئوق،ھۆكۇمى شەمشەر بولغان.كىشلەر ئۇلارنىڭ مۇنداقلا قارشىدىنمۇ ھوشىنى تىپىش كىرەكلىكىنى چۈشنىپ يىتەلىگەن.

     

    بۈگۈنىمىز ئاقساقالغا تىخىمۇ موھتاجدۇر.ئاقساقاللارنىڭ پەزىلىتىنى ئۆزىڭىزگە مۇجەسسەملەشكە تىرىشىڭ.بىر ئەرنىڭ ھايات يولى ئەمەليەتتە ئاقساقاللار ھازىرلىغان ۋە ھازىرلىشى كىرەك بولغان پەزىلەتلەر بىلەن پەرىق قىلمايدۇ.

     

    بىلىڭ،بىلگىنىڭىزگە جەزمەن رىئايە قىلىڭ،باشقىلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىڭ،ئەمما ئالدىدا ئۆزىڭىز باشلاپ مېىڭىڭ.ھەر قاچان شەخسي تۇرمۇشىڭىزنىلا ئەمەس،ئائىلە،مىللەت،دۆلەتنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئويلىنىڭ. مەسلەرگە ھەرگىزمۇ ئارسالدىلارچە،قېچىرلارچە مۇئامىلە قىلماڭ.دۇنيادا جاۋاپ ئىككى:ھە ياكى ياق!بۇزۇقچىلىق ۋە يالغان-ياۋىداق نەزەرىيە،مەپكۈرلەرنىڭ كىشلەر ئارىسدا توسقۇنسىر ئىقىپ يۇرۇشكە سۈكۈت قىلماڭ.ئەقىدە ئىتقادنىڭ ساپ،كامىللىقنى قوغداڭ،ئايالىڭىز،باللىرىڭىزنى خاتىرجەم قىلىڭ،ئۇلارنىڭ تەلىپى،ئېھتىياجىنى قاندۇرۇڭ.ئۆز تەۋەيىڭىز دائىرسىدىكى مۇھىم ئىشلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇڭ،پىكىر قاتناشتۇرۇڭ.

     

    كىشلەر پەزىلىتىڭىزدىن ئۈلگە ئالسۇن،ياخشى خىسلەتلىرىڭىز كىشلەرنى ھىدايەتكە ئۈندىسۇن.ھاياتىڭىز ھەقىقي مەنىدىكى پاك،راھەتبەخىش،رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا لىپمۇ لىق تولسۇن.مەڭگۇ ئۇنۇتماڭكى،ئەرنىڭ ئەرلىكى لامزەللىلىك،بىكارچىلىق،بۇزۇقچىلىق،ئەخلاقسىزلىق،بوشاڭلىق،مەسۇليەتسىزلىكتە،گادايلىقتا ئەمەس،بەلكى جۇشتا-ھۇشتا،مەسئۇليەت-مەجبۇريەت ئۈستىدىكى تىنمسىز ئىزدىنىش،بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا!ئەرلەرنىڭ كۈچى-سۈرىدىن ئاياللار ھېيىقىسۇن،ئەرلەرنىڭ تۇرغان تۇرقىدىنمۇ بالىلار تارتىنسۇن ۋەئاياللار،بالىلار ئىپتىخار،پەخىر ھىس قىلسۇن.ئەرلەرنىڭ قەتئىيەتكە تولغان بەردەم قەدەم ساداسىدىن ياخشىلىق-ھىدايەتنىڭ ئۈنى كەلسۇن،زالالەتنىڭ يۈرىكى تىتىرسۇن.ئەر تىك تۇرسۇن،ئايال يۆلەنسۇن.ئەرنىڭ بارىدىن ئەندىشىسىز خاتىرجەملىك ئىلىكىدە مېھىر گۇلخانلىرىغا ئايلانسۇن.ئەرنىڭ بارىدىن ئەندىشىسىز خاتىرجەملىك ئىلىكىدە مېھىر گۇلخانلىرىغا ئايلانسۇن.ئەرنىڭ تۇرىقىدىن پەرزەنىت غۇرۇرلانسۇن،تومورىغا قان،يۈرىكىگە جان ئالسۇن.

     

    مەنبە:مىسرانىم تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.