ئەخلاق تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-24 11:26:12

ئەخلاق تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەكمائارىپ ۋە مەكتەپ ــــ مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى يارىتىش ۋە روھنى يىتەكلەش جەريانى. ھالبۇكى، بەزى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار نوقۇل ھالدا نەتىجە ھەممىنى ...



     

    ئەخلاق تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك

    مائارىپ ۋە مەكتەپ ــــ مەنىۋى مەھسۇلاتلارنى يارىتىش ۋە روھنى يىتەكلەش جەريانى. ھالبۇكى، بەزى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار نوقۇل ھالدا نەتىجە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قاراپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئىنسانىي خىسلەت، مەنىۋى روھ ۋە ئەخلاق پەزىلەت يىتىلدۈرۈشنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق قارىشى سۇسلىشىپ، ئادەم بۇلىشنىڭ يوللىرىنىڭ ئۇنتۇشقا باشلىغان. شۇڭا، ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، بۇ تەربىيىنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش لازىم. ئۇنداقتا، ئەخلاقىي تەربىيىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك؟

    1.ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرىسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك

    ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىلار يەنە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشى لازىم:

    (1)ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى يۇقىرى بۇلىشى كېرەك.

    زامانىۋى مائارىپ ئەنئەنىۋى مائارىپقا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئوقۇتقۇچىلار ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك.

    (2)بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، نەزەر دائىرىسى كەڭ بۇلۇشى لازىم.

    ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىلىم ۋە قابىلىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئاندىن ئۇنۋېرىسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.

    شۇڭا،ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىللە، يەنە باشقا ئالاقىدار پەنلەرگە ئائىت بىلىملەرنىمۇ ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ساپاسى تۆۋەن، بىلىمى چولتا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن بىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، بۇ بەلكىم ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، جىدەلخور بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    (3)ئوقۇتۇش قابىلىيىتى يۇقىرى بۇلىشى كېرەك.

    ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەن بولسا،ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىيەلمەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىلغار پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشى، تىرىشىپ ئۆزىنىڭ سىياسى – ئىدىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇندىلا ئەقلى ۋە ئەخلاقىي تەربىيىنى ھەرقايسى ئوقۇتۇش ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق يىتىلدۈرەلەيدۇ.

    2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولالىشى كېرەك

    ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆز- ھەركىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۈنسىز تەربىيە. ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆز-ھەركىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ھەم ئۇنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ.باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياخشى-ياماننى پەرق ئىتىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركىتىنى قارا-قۇيۇقلا ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ناتوغرا سۆز-ھەركەتلەردىن خالىي بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەل ئەخلاقىي، سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بۇلۇشى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.

    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتىدۇ،شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

    (1)ئوقۇغۇچىلارغا قەتئىي يالغان سۆزلىمەسلىك، پو ئاتماسلىق لازىم.

    ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا يالغان سۆزلەپ پو ئاتسا، ئۆز گىپىدە تۇرمىسا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئىشەنمەس بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ-دە، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يىتىدۇ.

    (2)ئوقۇتقۇچىلار ھەممە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بۇلۇشى لازىم.

    ھەرقانداق بىر سىنىپتا ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارمۇ، ناچار ئوقۇغۇچىلارمۇ بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىدىن زىيادە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆگىنىشى ناچار ئوقۇغۇچىلارغا ئىتىبارسىز قارىسا، قوپال تەگسە، ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلىسە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر خىل ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنى پەيدا قىلىپ، ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بېسىش روھىغا تەسىر يەتكۈزىدۇـ دە، گۇرۇھۋازلىق خاھىشىنىڭ پەيدا بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    دەرستە ئاجىز، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، دىلى نازۇك بولىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ باشقا بالىلارغا قارىغاندا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.شۇڭا، بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك.

    ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا قالايمىقان چاقچاقلاشماسلىقى، بىر-بىرىنى ھاقارەتلىمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى سەت گەپ-سۆزلەر بىلەن تىللىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى، ھاراق ئىچىپ سىنىپقا كىرمەسلىكى ، كىيىم-كىچەكلىرى ھەرۋاقىت رەتلىك، پاكىز بۇلۇشى كېرەك. ئايال ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىقى، قېنىق گىرىم قىلماسلىقى كېرەك، قىسقا، بەدەن شەكلىنى نامايان قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك.

    3.ئوقۇغۇچىلار ئارىسدىكى ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى ناچار ئوبىكتىپ شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە تەدىرىجىي شەكىللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ،ئۇلاردىكى ئەخلاقسىزلىقلارنى تۈگىتىشنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە پائالىيىتىدىكى رولى ناھايىتى زور.

    (1)ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى قارشىلىش كەيپىياتىنى تۈگىتىش لازىم.

    خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشى ۋە زاڭلىق قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ھەتتا باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىش كويىدا بولدىغانلىرىمۇ بۇلىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىغا يۇلۇققاندا جىم بۇلىۋالىدۇ ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.ئوقۇتقۇچى ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا تەنقىد بەرگەندە مۇناسىۋەتتە تىرىكلىشىش كىلىپ چىقىدۇ.شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، تەسىرلەندۈرۈش لازىم.

    (2)ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەخلاق قارىشىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق-ناھەق، توغرا-خاتا، ياخشى- ياماننى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ـــ ئۇلاردا توغرا ئەخلاق قارىشىنى يىتىلدۈرىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن  ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھەق- ناھەقنى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش،ئۇلاردا ناچار قىلمىشلاردىن نەپرەتلىنىدىغان توغرا سۆز-ھەركەتلەرنى مەدھىيلەيدىغان ھىسىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

    (3)ئوقوغۇچىلارنىڭ غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ، شان- شەرەپ تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.

    غۇرۇر ۋە شان-شەرەپ تۇيغۇسى ـــ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىپ، تىرىشىپ ئالغا بېسىشىدىكى مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۇلارغا كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.

    (4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنى بەزى ناچار تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى پسىخىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامۇۋاپىق ھەۋەسلىرى ۋە ناچار ئىدىيىلىرىنى ۋاقتىدا كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ توغرا مۇددىئا بىلەن ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

    (5)جانلىق ۋە خلمۇ-خىل ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى بويىچە تەربىيىلەش كېرەك.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى تۈگىتىشتە ھەم ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلىش، ھەم ئۇلاردىكى ئايرىم پەرقلەرنى نەزەردە تۇتۇش لازىم. ئۇلارنىڭ يېشى، جىنسىي ئايرىمىسى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، جانلىق ۋە خىلمۇ-خىل تەلىم-تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش لازىم.ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىپادىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ياخشى ئاساس سېلىش لازىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.