ياۋروپا كېڭىشى ھەققىدە - ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە رولى ھەققىدە

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-11 13:00:37

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە رولى ھەققىدەبۈگۈنكى كۈندە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 -يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ياۋروپا كېڭىشى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئېغىر زىيانلار بىلەن چىققان ي...

       

     

    ياۋروپا كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە رولى ھەققىدە

     

     

    بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 -يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان ياۋروپا كېڭىشى، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئېغىر زىيانلار بىلەن چىققان ياۋروپادا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئېغىر تىراگېدىيە يۈز بەرمەسلىكى پىكىرى بىلەن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتۇر. مەركىزى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان كېڭەشنىڭ ئاساسلىق غايىسى، ياۋروپا مىقياسىدا توقۇنۇش ۋە سۈركۈلىشلەرنىڭ ئورنىغا بىخەتەرلىك، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېلگىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، ئېرلاندىيە، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، ليۇكسىمبۇرگ ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق 10 دۆلەت، 1949-يىلى 5- ماي كۈنى ياۋروپا كېڭىشىنى قۇرۇپ چىقىشقا دائىر بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

    ياۋروپا كېڭىشى قۇرۇلۇپ ئىككىنچى يىلى يەنى 1950-يىلى تۈركىيە، گېرېتسىيە ۋە ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قۇرغۇچى ئەزا سۈپىتىدە مەزكۇر كېڭەشتىن ئورۇن ئالغان. كېيىنچە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنمۇ شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەن سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كېڭەشنىڭ ئەزا سانى 46 گە يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخىرقى قېتىم يەنى 2007 -يىلى11 -ماي كۈنى قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى ئەزا بولغان. مۇشۇنداق قىلىپ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئەزا سانى 47 گە يەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرمۇ بار بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە، كانادا، ۋاتىكان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا كېڭىشى بالقانلار كومىتېتىدا، ئىسرائىلىيە، كانادا، ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىدە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئاساسلىق كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپلىرىغا چەكسىز ھۆرمەت قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ياۋروپا دۆلىتى كېڭەشكە ئەزا بولالايدۇ.

    ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىدە ياۋروپا كېڭىشى ئەزالىقىغا ئىلىتماس قىلغان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، مەزكۇر دۆلەتلەرنى كېڭەش ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشتا تىگىشلىك ياردەملەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مەقسىتىدە « ئالاھىدە دۆلەتلىك » سالاھىيىتى بېرىلىدۇ. بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىن بىرەر ھەيئەت ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىدە ۋە تۈرلۈك كومىتېتلىرىدىكى خىزمەتلەرگە قاتنىشالايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بىر تەرەپتىن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ فونكىسيەسى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىپ مۇئەييەن تەجرىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت بېرىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا كېڭىشىدىن قايسى ساھەلەردە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا دائىر مەلۇماتلارغا بىۋاستە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.

     

    ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى تۆۋەندىكى تۆت تۈر بويىچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.

    •          كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى، كۆپ سانلىق دېموكراتىيىسى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پرىنسىپلىرىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش.
    •          ئىرقچىلىق ۋە چەتئەل دۈشمەنلىكى، زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرى، مۇھىت مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش يولى تېپىش.
    •          ياۋروپا كۈلتۈر ئىندىۋىدالىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا ھەسسە قوشۇش.
    •          ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى شارائىتقا ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

    يۇقىرىدا قەيت قىلىنغانلار ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. كېڭەش، تېخنولوگىيىلىك تەرەققىياتلارنىڭ كىشىلىك قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىگە زىيان بەرمەيدىغان بىر ياۋروپا جەمئىيىتى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلمەكتە. ياۋروپا كېڭىشى، مۇداپىئە مەسلىلىرىدىن  سىرت، جەمئىيەت دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرى ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلىرى ئارىسىدا كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى، قانۇنىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق، سەھىيە، مائارىپ، كۈلتۈر، مېديا، تەنتەربىيە، ياشلار، يەرلىك ھاكىمىيەتلەر، پىلانلاش خىزمەتلىرى، مۇھىت، ئائىلە ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ. تەشكىلاتنىڭ سالاھىيىتىدە ئىقتىسادىي ساھەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان ئەھۋالدا، ئىجرا قىلىشتا بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر چەكلىنىپ قالىدۇ.

    ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بەلگىلەنگەن ساھەلەردىكى خىزمەتلىرى ئومۇمەن كېلىشىم، توختامنامە ياكى نىزامنامىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېڭەش، مەزكۇر ساھەلەردە ھازىرغىچە تەييارلاپ چىققان 211 كېلىشىم ۋە نىزامنامىلەر بىلەن ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئورتاق قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە بىر ياۋروپا قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش مەقستىگىمۇ يەتكەن بولىدۇ.

    ياۋروپا كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھۆكۈمەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بالقانلار كومىتېتى، خەلقئارا پارلامېنتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت مەجلىسى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان يەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر كېڭىشى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ئۈچ ئورگان، بەش يىللىق مۇددەت ئۈچۈن سايلانغان باش كاتىپ باشچىلىقىدىكى كادىرلاردىن تەشكىل تاپقان سىكرىتارلىقنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ.

    ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ راسخوتى، ئەزا دۆلەتلەردىن تەرىپىدىن كۆتۈرۈلىدۇ. كېڭەشنىڭ رەسمىي تىللىرى ئىنگىلىزچە ۋە فرانسۇزچە قاتارلىق ئىككى تىلدىن تەشكىل تاپقان. ياۋروپا كېڭىشىدە تەپتىش سىستېمىلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىمۇ قەتئىي نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشىدە تەپتىش خىزمەتلىرى ھۆكۈمەت قانىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان بالقانلار كومىتېتى، پارلامېنتلار قانىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان يەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مەجلىسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى كېلىشىمى ۋە ياۋروپا قىيىن قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى قاتارلىق ئۆز ئالدىغا فونكىسىيەسى بولغان كېلىشىملەرمۇ بار.

     

    تۈركىيە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئەڭ كونا ۋە قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى كېڭەش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بولسۇن مەيلى كېڭەشنىڭ گۈزەل ياۋروپا قۇرۇپ چىقىش پىلانىدا بولسۇن، زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ياۋروپانىڭ تىروتورىيەسى ئىچىدە ئورۇن ئالغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ئورگاننىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە.

    تۈركىيە ياۋروپا كېڭىشىنى ھەر ساھەدە بولغىنىغا ئوخشاش كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى مەسىلىلىرىدىمۇ مۇھىم بىر دىئالوگ مۇنبىرى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىدە 12 نەپەر مۇقىم، 12 نەپەر زاپاس پارلامېنت ئەزالىرىمىز تۈرك ھەيئىتى سۈپىتىدە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى خىزمەتلىرىگە ئاكىتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە.  تۈركىيە، يەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مەجلىسى خىزمەتلىرىگىمۇ 12 مۇقىم ئەزا، 12 نەپەر زاپاس ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن ئاكتىپ ھالدا قاتنىشىپ كەلمەكتە.

    تەشكلاتنىڭ ئۈچ ئاساسلىق ئورگاندىن بىرى بولغان قارار چىقىرىش مىخانىزمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ياۋروپا كېڭىشى بالقانلار كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى، 2010-يىلى نويابىر ئېيىدىن 2011- يىلى ماي ئېيىغىچە، ئالتە ئايلىق مۇددەت بىلەن دۆلىتىمىز ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى. 2011-يىلى 10- ۋە 11- ماي كۈنى چاقىرىلىدىغان يىغىندا تۈركىيە بالقانلار كومىتېتى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى، ئوكرائىناغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان 121-نۆۋەتلىك ياۋروپا كېڭىشى بالقانلار كومىتېتى يىغىنى 2011-يىلى 10- ۋە 11- ماي كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا، ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يىغىن ئاخىرىدا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ياۋروپانىڭ دېموكراتىك مۇقىملىقىنىڭ داۋاملىشىشى نۇقتىسىدىن ئويناۋاتقان رولى ۋە بۇ دائىرىدە پىرىنسىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەملەر ۋە ۋەدىلەر بىلەن رولى كۈچلۈك تەپتىش مىخانىزىملىرىنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بېرىدىغان، بۇنىڭ بىلەن قالماستىن كېلەچەككە دائىر نىشانلارنى بەلگىلەيدىغان « ئىستانبۇل خىتابنامىسى » نىڭ ماقۇللىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

    يىغىندا يەنە، ياۋروپا كېڭىشى ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش ۋە بۇلارنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشىغا دائىر كېلىشىمىگىمۇ ئىمزا قويۇلىدۇ. ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 11-ماي كۈنى سائەت 09:00 دا چىراغان مېھمان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    تۈركىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدىكى ئاساسلىق رولى مەزكۇر ئورگان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ، سەلبىي جەھەتتىكى بىر تەرەپلىك تەنقىدلەردىن خالىي بولغان ئاساستا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ۋە ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىققا تايانغان سەۋىيەگە ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت.

    ياۋروپا كېڭىشىدە تېررورىزم ۋە ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زىممىسىگە چۈشكەن بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.

    مەنبە:تۈركيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر -