دوستۇم ، ئۈمىدۋار بولۇڭ!

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-19 16:21:00

دوستۇم ، ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۆز غايسى ئۈچۈن تىرىشقان ھەرقانداق بىر ياش چوقۇم ئۆز ئىستىقبالىغا ئىگە بولالايىدۇ. --- كۈندىلىك خاتىرەمدىن ياشلىق - ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن پەسىلى، ئۇ جۇشقۇن روھ ، ...

    دوستۇم ، ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۆز غايسى ئۈچۈن تىرىشقان ھەرقانداق بىر ياش چوقۇم ئۆز ئىستىقبالىغا ئىگە بولالايىدۇ. --- كۈندىلىك خاتىرەمدىن

       ياشلىق - ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن پەسىلى، ئۇ جۇشقۇن روھ ، قىزغىن ئېنتىلىش ، ھاياتى كۈچگە تولغان، شۇنداقلا رۇمانتىكىغا باي بولغان بر دەۋر بولۇپ، ئادەمگە ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ياشلار ئۇنى قەدىرلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تۈنجى باھاردىكى قىزىل گۈل چىچىكىدەك بەرق ئۇرۇپ ئېچىلدۇرۇشمىز كىرەككى ، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، ئاچچىق -ئازاب ياكى ئۈمىدسىزلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ ، بىھۇدە خازان قىلماسىلىقىمىز لازىم.
       يېقىندا ، مەلۇم ژۇرنالدىكى مۇنداق بىر ۋەقە مىنى ئۆزىگە جەلپ قىلۋالدى؛ مەلۈم ناھىيىلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىغان ئا xxx ئىسىملىك بىر ياش روھى جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىنىپ ، ئاتا-ئانىسى ،ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدىدا ئۆزىنى يارىماس ،قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئەمدى مىنىڭ چىقىش يولۇم قالمىدى دەپ قاراپ زەھەرلىك دۇرا ئېچىپ ئۆلۈۋالغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولدۇم . ئا xxxنىڭ چىدامىسزلىقىغا ، ئۈمىدسزلىكىگە ، ئۈزىنىڭ ياشلىق ھاياتىنى بىۋاقىت نابۇت قىلغاننىڭ ئۈسىتىگە ،ئاتا-ئانىسىمۇ مەڭگۈلۈك دەرت- ئازابقا دۇچار قىلغانلىقىغا چۇڭقۇر ئېچىندىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ،بىراق بۇنداق«بەخت -تەلەي » نىڭ ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولۇشى ناتايىن ، ئۇنداقتا زادى جەمئىيەتتە ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشىتىن باشقا چىقىش يولى يوقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن يول بار. بىزدە پەقەت كۆزلىگەن نىشانغا يىتىش ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتكە چىداش روھى ھەم قەيسەر ئىرادە بولىسىلا، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى؛ ھازىر جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن ياشلار بازار ئىگىلىكى دولقۇنىغا ماسىلىشىپ ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سېىلىپ، ھۆنەر-كەسىپ،سودا -تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ،باي بولىۋاتىدىغۇ!!!. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ، زاۋۇت-كارخانا ،شىركەتلەرنى قۇرۇپ، ۋەتەن – خەلققە تېگىشلىك تۆھپە يارىتىپ ئالقىشلىنىۋاتىدىغۇ؟!...
       «ئارمان» شىركىتىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى ۋەباشقا «ئىخلاس»، «ئامىنە» شىركەتلىرىنىڭ دىرىكتورلىرى ،«سۇلتان» زاۋۇتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟!!!
       جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ سەنشىيا بۇغۇزىدىن ئۆتكەن « ئاسمان پادىشاھى» ئادىل ھوشۇر، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان بوكىسچى پالۋانلىرىمىز، نى نى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، موتسىكىلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىققان جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتكەن »قۇملۇق مەلىكىسى« زۆھرەگۈل قاتارلىقلار ئانىسىدىن مۇشۇنداق شۆھرىتى ۋە قابىلىيىتى بىلەن تۇغۇلغان ئەمەس! شان -شەرەپلەرمۇ ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس! بەلكى ئۆز تىرىشچانلىقى ، جاپالىق ئەجىر -مېھنىتى بەدىلىگە مۇناسىپ شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىپ،جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئورنىنى تاپقان،خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ياشلىرىمىزدور.
       ھەتتا جەمئىيىتىمىزدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي تۇرۇپمۇ،ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ،نى-نى كەشپىيات-ئىختىرالارنى يارىتىۋاتقان دېھقان ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس!...
       ئادەمنىڭ ھايات مۇساپسى تۈرلۈك ئەگىرى-تۇقايلىق ،ئاچچىق -چۇچۇكلەر بىلەن تولغان بولىدۇ.خۇشاللىق ھەم خاپىلىق ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بىز خۇشاللىق ،نەتىجە ئالدىدا كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكمىز، مەغرۇرلۇقتىن ساقلىنىشمىز، قىيىنچىلىق ،ئوڭۆشسىزلىق ئالدىداتەمتىرەپ ئۆزىمىزنى يۇقۇتۇىپ قويماسلىقىمىز، ئاشۇ قىيىن - مۇشكۇللەر ئىچىدىن ئۆزىمىزگە يېڭى چىقىش يولى ئىزدىشىمىز لازىم. قىسقىسى ، بىزدە ھاياتقا نىسبەتەن چۇڭقۇر ئىشەنىچ، ئۈمىد ھەم ئوتلۇق مۇھەببەت بولۇشى كېرەك ،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا گۈزەل ياشلىقىنى ھەقىقىي مەناغا ئىگە قىلىپ ، ئالتۇن كەبى نۇر چاقناتقىلى بولىدۇ. ياش دوستۇم، ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بۇلۇڭ ! ئۈمىدۋارلىق كۆزىڭىز بىلەن يىراقلارغا نەزەر سېلىڭ! ئۈمىدسىز،چۈشكۈن ئادەم يول كۆرسەتكۈچى ماياكتىن ئايرىلىپ ،دېڭىزدا لەيلەپ قالغان پاراخۇتقا ئوخشايدۇ، قاراڭ، يىراق ئۇپۇقتا ئەمدىلا كۆتۇرۇلگەن يېڭى قۇياش سىزگە قاراپ ئېللىق كۆلۈمىسىرەۋاتىدۇ، بەلكىم سىزنى گۈزەل ئىستىقبال ۋە چەكسىز بەخت كۆتۈپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن!...

    يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال 2009-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق