مايمۇننىڭ نارازىلىقى ۋە باراۋەرلىك

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-02 22:35:40

مايمۇننىڭ نارازىلىقى ۋە باراۋەرلىكئابلاجان تۇردى ئامېرىكا Emory ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر دوكتۇرى ھايۋانات پسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقال...



    مايمۇننىڭ نارازىلىقى ۋە باراۋەرلىك

    ئابلاجان تۇردى




      ئامېرىكا Emory ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر دوكتۇرى ھايۋانات پسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: بىر نەچچە مايمۇن ئوخشاش بىر ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇلارغا ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىپتۇ: بىرىگە تەرخەمەك، بىرىگە بانان، يەنە بىرسىگە ئۈزۈم بېرىپتۇ. قىزىقارلىق بولغىنى، تەرخەمەك بېرىلگەن مايمۇن بانان ۋە ئۈزۈم يەۋاتقان شېرىكلىرىگە قاراپ، قولىدىكى تەرخەمەكنى يېمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرخەمەكنى ئىگىسىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. دوكتۇر بۇنىڭدىن باراۋەرلىك قارىشى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى بولماستىن، تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، دەپ يەكۈن چىقىرىپتۇ. قاراڭ، ماقۇلجان بولمىغان بۇ مايمۇنجاننىڭ خېلى جىگىرى بارمىكەن؟

       مايمۇنلار باراۋەرلىك تەلەپ قىلغان يەردە، ئەسلىدىن باراۋەر يارىلىپ، باراۋەرسىزلىك ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان ئىنسانلار باراۋەرلىك تەلەپ قىلماي قالمايدۇ. ئەنە شۇنداق تەلەپ ۋە چۇقانلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىنسانلار باراۋەر بولۇشقا تىرىشىپ كەلدى.

       ئوخشاش بىر ھادىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلىپ كەتسە، بىرى شەھەرلىك ئاقنانچى، بىرى سەھرالىق جاپاكەش دېھقان بولسا، بېرىلىدىغان تۆلەم ئۈچ ھەسسە پەرقلىنەتتى. سىزنىڭچە، قايسىسى ئۈچۈن كۆپ تۆلەم بېرىلەر؟ ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ، دېھقان ئۈچۈن كۆپ تۆلەم بېرىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، دەل ئويلىغىنىڭىزنى ئەكسىچە بولىدۇ. بۇنداق باراۋەرسىزلىك يېقىندا ئازراق ئوڭشالدى، تەلتۆكۈس ئەمەس. ئوخشاش بىر ھادىسىدە قازا قىلغان، زەخمىلەنگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىگە قارىماي، ئوخشاش تۆلەم بېرىلىدىغان بولدى. بىر ھادىسىدە زىيانلانمىغان بولسا، تۆلەم سوممىسى يەنىلا پەرق قىلىدۇ.

       باراۋەرلىك مەسىلىسىنى ئائىلىڭىزدىمۇ بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئىككى پەرزەنتىڭىز بولسا(ھازىرقى سىياسەت بويىچە مائاشلىقلار ئىككىلا پەرزەنتىلىك بولىدىغۇ)، بىرىگە ئويۇنچۇق ياكى كىيىم-كېچەك ئېلىپ، يەنە بىرسىگە ئالمىسىڭىسىز، ئۇلارنىڭ جېدىلىنى ئايرىپ بولالماي، باشلىرىڭىز ئاغرىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى، ئۇلار سىزدىن باراۋەر مۇئامىلە تەلەپ قىلىدۇ.

    ئەمدى، باراۋەرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ باقايلى. ئەلباشى سايلىماقچى بولغاندا، مېنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ ئەلباشى بولۇش ياكى ئەلباشى تاللاش ھوقۇقىمىز بولىدۇ. بىرىمىز قۇل، يەنە بىرىمىز قۇلدار بولساق بولمايدۇ. گەپنى مەن دەيمەن، ناخشىنى مەن ئوقۇيمەن، سىز ئاڭلىسىڭىزلا بولىدۇ، دېسەم بولمايدۇ. سىزنى خالىغانچە ئەدەپلەپ، ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا پۇرسەت بەرمىسەم، نارازى بولۇشىڭىزغا يول قويمىسام بولمايدۇ. باشقۇرۇشقا مەن يارالغان، باشقۇرۇلۇشقا سىز، ئېسىل داچىدا مەن تۇرىمەن، ئەسكى كاپىدا سىز، دېسەم بولمايدۇ. مەن قەشقەرچە سۆزلەيمەن، لاتىنچە ھەرپتە يازىمەن، سىزمۇ شۇنداق سۆزلەڭ-يېزىڭ، دېسەم بولمايدۇ. سىزنىڭ ئەر-ئاياللىقىڭىز، رەڭگى-رويىڭىز، ئاق-قارىلىقىز، ساق-مېيىپلىقىڭىز، تىلىڭىز-دىنىڭىز، باي-كەمبىغەللىكىڭىز، ئالىم-قاراتۈركلىكىڭىز، پادىشاھ-گادايلىقىڭىزغا قاراپ، بايىقىدەك «بولمايدۇ»لارغا «بولىدۇ» دېسەم تېخىمۇ بولمايدۇ. باراۋەرلىك دېگەن ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

    ئەر-ئاياللار باراۋەر، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. مانا بۇ باراۋەرلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇندا ئىپادىلىنىشىدۇر. باراۋەرلىك ھوقۇقى ئادەملەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە باراۋەر ئورۇندا تۇرۇش، باراۋەر مۇئامىلىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىدۇر. باراۋەرلىك ھوقۇقى ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇشنى، قانۇندا باراۋەر قوغدىلىشنى، باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشنى، ئوخشاش بىر پۇرسەتتىن باراۋەر پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىلەر ئىمتىيازغا ئىگە بولىۋېلىپ، باشقىلارنى باراۋەر پۇرسەت ۋە مۇئامىلىدىن مەھرۇم قىلسا، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ.

    ئادەملەرنى مال-دۇنياسىغا قاراپ دەرىجە-تەبىقىگە ئايرىش، ئەمىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى باھالاش، ئەمەلدارلار تاجىسى بىلەن جىنايى جازانى ئالماشتۇرۇش، پادىشاھلىقنى مىراس قالدۇرۇش، «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇش، «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دېيىش، بىر بالىسىغا ئامراقلىق قىلىپ، يەنە بىر بالىسىغا سۆرۈن تەلەت بولۇش، ساقال-بۇرۇتى بولسا ئەتىۋارلاپ، ساقال-بۇرۇتسىزلارنى كەمسىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باراۋەرلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر.

    ئىنسانلىق ھوقۇقىنى، جۈملىدىن باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىنسانلارنىڭ، ھەرقايسى ئەللەر، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نىشانى بولۇپ كەلدى. بىزنى خۇرسەن قىلىدىغىنى، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»، «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»، «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسى » قاتارلىق خەلئارا قانۇن-خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قانۇن-نىزاملىرىدا پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت كونكىرىت بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلغانلىقىدۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.