مەن كېسەل ئەمەس

يوللىغۇچى : gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-18 12:56:00

مەن كېسەل ئەمەسگۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز) 9-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان چىرايى تاتارغان ھالدا پىسخىك مەسلىھەت ئىشخانىسىغا كىردى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئۆزىنى ئارانلا كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقانلىقى ب...

    مەن كېسەل ئەمەس
    گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

        9-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان چىرايى تاتارغان ھالدا پىسخىك مەسلىھەت ئىشخانىسىغا كىردى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئۆزىنى ئارانلا كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىراق ئۇ دەرھاللا ئولتۇرمىدى ئەكسىچە، ئىككى قولى بىلەن ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈگىنى قاماللاپ تۇتۇپ، ئىتتىك ئىتتىك نەپەس ئالغىنىچە ، ئوقۇتقۇچىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. مۇئەللىم بىر ئىش بولغانلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە بېلىكىدىن تۇتۇپ ياندىكى كىرىسلودا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
    -ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى بولدىمۇ، شۇنچە بالىنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈردى.
    -نىمە ئىش بولدى؟ ساڭا قانداق ياردىمىم كېرەك؟
    -ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى بولدىمۇ؟....ئادەمنى شۇنداقمۇ دىگەن بارمۇ؟ئويلىغانسېرى ئاچچىقىم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ-دىسە، ئالىمجان تىترىگىنىچە شۇنداق دەيتتى.
    نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەمسەن؟
    -خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچۇم بولمامدۇ،بۈگۈن ئەزىمەت سۆزلۈكلەرنى يادلاپ كەلمەپتىكەن، مۇئەللىم ئەزىمەتنى تەنقىتلەۋېتىپ، «قارا ئەزىمەت، ئالىمجان ئاغرىق جېنىدا سۆزلۈكلەرنى يادىلاپ كەپتۇ. سەن نىمىشقا يادىلىيالمايسەن» دەيدۇ. ئويلىغانسېرى كاللامدىن ئۆتمىدى. مېنى نىمىشقا ئاغرىق دەيدۇ؟ مېنىڭ نەرىم ئاغرىق ئىكەن؟ ساۋاقداشلىرىم قانداق چۈشۈنۈپ قالىدۇ؟ مېنىڭ سىنىپقا كىرگىدەك يۈزۈم قالمىدى.
    -مۇئەللىم يەنە نىمە دىدى؟
    -ھىچنىمە دىمىدى.
    -كېيىن قانداق بولدى؟
    -مۇئەللىم شۇنداق دىگەندىن كېيىن پەقەتلا ئولتۇرالمىدىم، ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. ئۆزۈمنى پەقەتلا باسالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل تورخانىغا كىرىپ، ئويۇن ئويناپ ۋاقىتنى توشقۇزدۇم-دە، ئۆيگە قايتتىم. كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم. بەك جىلى بولۇپ كېتىۋاتىمەن، مېنىڭ كېسىلىم يوق، مانا بىر ئوبدان تۇرمامدىم. مېنىڭ راستىنلا كېسىلىم يوق تۇرسا.
    ئۇ سۆزلىگەنسېرى يۈزلىرى قىزىرىپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كۆزىگە كەلگەن ياشنى ھەرقانچە قىلىپمۇ يوشۇرالمىدى.
    -بەلكىم مۇئەللىم مەقسەتسىزلا شۇنداق دەپ قويغاندۇ، كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمە.
    ياق، مۇئەللىم بولغان ئادەممۇ ئويلىمايلا شۇنداق گەپلەرنى قىلامدۇ؟ چوقۇم مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دىدى. مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيمەن. ئۇنى قانداقلا قىلىۋەتسەم دەردىم چىقمايدۇ. مەن ئۇنى....
    -مەن ساڭا ئاچچىقىڭنى چىقىرىپ، كەيپىياتىڭنى ياخشىلايدىغان بىرقانچە خىل ئۇسۇلنى ئېيتىپ بېرەي، سىناپ باقامسەن؟
    -ماقۇل،
    پىسخىك مەسلىھەت ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجانغا كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدىغان بىرقانچە تۈرلۈك ئاددى ئۇسۇلنى ئېيتىپ بەردى.
    -ئالىمجان ئوقۇتقۇچى ئېيتىپ بەرگەن ئۇسۇل ئارقىلىق كەيپىياتىنى ياخشىلىيالايدىغانلىقىغا تازا ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
    پىسخىك مەسلىھەت ئوقۇتقۇچىسى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى بىنورماللىقنى پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئېغىز گېپى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، بەلكى ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشى مۇمكىن دىگەنلەرنى ئويلاپ، دەرھال بالىنىڭ ئاپىسىغا تېلېفون قىلدى.
    چۈشتىن كېيىن ئالىمجاننىڭ ئاپىسى كەلدى ۋە بولغان ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەپسۇسلانغان ھالدا مۇنداق دىدى.
    -بالامنىڭ كېسەل دىگەن سۆزنى ئاڭلىسا، ئۇنچىلىك ئاچچىقلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن. بالامنىڭ بۇ گەپكە نىسبەتەن سەزگۈرلىكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ئادەم مەن...
    -نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز، تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرەمسىز؟
    -ئوغلۇم بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولغاچقا، كىچىكىدىن ئۇنى بەكلا ئاۋايلايتتىم.ئاكا، ھەدىلىرىمۇ ئۇنى ھىچ ئىشقا سالماي، ئاسرايتتى. ئىشقىلىپ ئۆيدە ھەممىمىز ئۇنىڭ كۆزىگە قارايتتۇق. ئۇ كىچىكىدە تولا ئاغرىپ قالغاچقا، ئۆيدىكى ھەممىمىز ئۇنى «دىققەت قىل، ئاغرىپ قالما يەنە» دەپ تۇراتتۇق.
    -ئۇ سىلەرنىڭ شۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارغا نىسبەتەن قانداق ئىنكاستا بولىدۇ.
    -كىچىك ۋاقتىدا ھىچقانداق ئالاھىدە ئىنكاستا بولمايتتى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، «ئاغرىپ قالىسەن»دىگەن گەپنى ئاڭلىسىلا، جىددىلىشىپ كېتىدىغان، ۋارقىرايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى تالىشىپ قىلىدىغان، «قېلىنراق كىيىن» دىگەنسېرى، يىلىڭ كىيىنىدىغان، «سوغۇق، ئاچچىق يىمە»دىگەنسېرى گەپ ئاڭلىمايدىغان بولىۋالدى.
    -ئۇ ئائىلىدە قانداق ئىشلارنى قىلىدۇ؟
    -ئۇنى ئادەتتە ئىشقا سالمايمىز، ھەتتا قايناقسۇنى تۆكۈۋالىدۇ دەپ، ئىچىدىغان چېيىنىمۇ تەڭشەپ بېرىمەن. چۆگۈن قاينىسا، چايدانغا قۇيۇمەن دىسە، ئۇنىماي ئۆزۈم ياكى ئاچىلىرى ياكى ئاكىلىرىنى بۇيرۇيمەن. شۇ بالامنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن.
    -سىزنىڭچە ئۇنىڭ مىجەز خارەكتىرى قانداق؟ 
    -ئۇ بارغانسېرى تەرسا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئاسان جىلە بولىدىغان، چېچىلىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق ئۆزى تۇرۇپلا ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن.
    -ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ تەرسا بولۇپ قالغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟
    -شۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بېرى مىجەزى شۇنداق ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى.
    -ئۇنىڭ ھازىر تەن سالامەتلىكى ياخشىمۇ؟
    -ئۇ بەش ياشقا كىرگىچە تۈزۈكتەك ماڭالمايتتى. سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.  چوڭ بولغانسېرى ئوڭشۇلۇپ ھازىر ياخشى بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا تۇرىمەن.
    ئالىمجاننىڭ پىسخىكىسىدىكى بىنورماللىقنىڭ يىلتىزى تېپىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پىسخىك مەسلىھەت ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجاننىڭ ئاپىسىغا ئائىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرەر قۇر تاپىلىدى. ۋە ئائىلىدە ئۇنىڭغا كۆپرەك ئىش قىلىش پۇرسىتى بېرىش، ئۇنى كېسەل دەپ قارىماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
    ئەتراپىمىزدا ئالىمجانغا ئوخشاش مەلۇم سۆز، مەلۇم ھەرىكەتكە نىسبەتەن سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىدىغان، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، ئاچچىقلىنىپ كېتىدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئۇلاردىكى شۇ خىل ئالامەتنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 29-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، پىسخىك مەسلىھەتچىسى بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:
    ئالىمجان «كېسەك» دىگەن سۆزنى ئاڭلىسىلا جىددىلىشىپ بىئارام بولىدۇ. ھەتتا غەزەپلىنىدۇ. ئەتراپىمىزدا ئۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن يوق ئەمەس. ئۇنداق كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا ئامال بار ئۇلارنى جىددىلەشتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق، ئۇنى ئامال بار پىسخىك مەسلىھەتچىسىگە كۆرسۈتۈپ، پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەشنى قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىپ، كۆڭۈل بۆلۈشى، پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم.  چۈنكى، پىسخىكا جەھەتتىكى ھەرقانداق بىر بىنورماللىقنىڭ يىلتىزى ئائىلىدە بولىدۇ. مەسىلەن: ئالىمجاندىكى پىسخىك توسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈشى، ئاسرىشى، ئۇنىڭغا ئۆز ئىقتىدارى دائىرىسىدە ئىش قىلىش، ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بەرمەسلىكى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا مەن ئاجىز قىلالمايمەن، دىگەن قاراشنى پەيدا قىلغان. بىراق يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ  ئۇ خىل مۇئامىلىگە نىسبەتەن قارشىلىق شەكىللەنگەن. ۋە كېسەل ئاجىز دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا بىئارام بولىدىغان، غەزەپلىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ كېسەل دىگەن سوزىنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن ۋاختىدىكى روھى ھالىتى خۇددى پۈلەپ كۆپتۈرۈلگەن شارنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا «كېسەل» دىگەن گەپنى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن ئاڭلىغان بولسا، ئۇنىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسى شۇنداق بولغان بولاتتى. ھەتتا، تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ پىسخولوگىيىدىكى ناچار كەيپىيات جۇغلانمىسىنىڭ، پارتىلىشى بولۇپ، بۇ خىل پارتلاش بەزىدە خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن ئائىلە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ تۈنجى تەربىيىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلغاندا دىققەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشنى كۈزۈتۈشكە ماھىر بولۇشى، ۋە بىنورماللىقلارغا قارىتا ۋاختىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلىشى، زىيادە قوپال مۇئامىلىگە ئوخشاشلا، زىيادە ئاسراش، كۆيۈنۈشمۇ بالىلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغانغا ئوخشاش، پىسخىك ساپاسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، ياكى مەكتەپلەردە بولسۇن، بالىلاردىكى پىسخىك بىنورماللىقلارنى ۋاختىدا بايقاپ، ۋاختىدا تەدبىر قوللۇنۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، كېيىنكى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق، ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈلنار تىيىپ