ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 00:00:00

ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ؟ ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر جامائىتىگە تەۋە خەلقتە بۇ خەلقنى جاھان سورۇنىغا باشلىغۇچى ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى شەكىللەنگەنگە ئاز كەم يۈز يىل بولدى. بۇ...

    ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ؟

     

        ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر جامائىتىگە تەۋە خەلقتە بۇ خەلقنى جاھان سورۇنىغا باشلىغۇچى ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى شەكىللەنگەنگە ئاز كەم يۈز يىل بولدى. بۇ توپ مىللەتنى ئەنئەنە تەقۋالىقىدىن «قۇتۇلدۇرۇپ»، تېخنىكا بىلەن تويۇنغان، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دىنىي ۋە خۇراپىي كەيپىياتىدىن خالىي ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرمەكتە (دەرۋەقە بۇ توپ ئىچىدە مۇنبەر دۇنياسىدىكىلەر قاتارىدا مەن ھەم مەۋجۇد). بۈگۈنكى زاماندا نىكاھ كاتېگورىيىسىدىكى توي-تۆكۈنلىرىمىز ئاجايىب بىر يوسۇندا ئاجايىب غەلىتە قىلىقتا داۋام ئەتمەكتە. بىر-بىر مىسال كەلتۈرۈشمىسەكمۇ ھەممىمىز كۆرۈپ، بىلىپ، قۇلاق يوپۇرۇپ، ئېتراپ قىلىپ جىممىدە يۈرمەكتىمىز. ئۇزاق قالمىغان كېلەچەكتە مەنمۇ ئوغۇل ئۆيلەش سېپىگە قېتىلىپ، قانداق مالامەتلەرگە ئىشتراك قىلىپ، قانداق ئالامەتلەرگە ساھىب بولىدىغانلىقىمنى ئويلىسام، جاھاندىن ئۈن-تىنسىزلا يۈتكۈم كېلىدۇ. ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ بېقىشىم مۇمكىن، تەلىيىم كەلسە غالىب كېلىپ ئەنئەنىمىزنى تاپالىشىممۇ مۇمكىن، شۇنىڭدەك يەنە ئەنئەنىمىزنىڭ خرىسىغا قۇل بولۇپ، ئىرادەمگە مۇخالىپ ھالدا بۇ قەدەمنى بېسىشىممۇ مۇمكىن. بۇنى قادىر ئىگەمدىن باشقىسى ھازىر بىلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنىمىز زادى قانداق ئىدى؟ «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئېتنىك قەۋمنى شەكىللەندۈرگۈچى خەلق ئۆز تارىخىدا نىكاھ ئادىتى شەكىللەندۈرگەنمۇ؟ بۇ ھەقتە مەن پەقەت 20- ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا يۇرتىمىزنىڭ كاشغەرىيە رايونىدا (كاشغەر، ياركەنت، قارغالىق، خوتەن دىيارىدىكى ھەرقايسى يۇرت-ئايماقلار، ئاقسۇ دىيارىدىكى يۇرت-ئايماقلاردا) قەدىمدىن قالغان قوليازما ماتېرىياللارنى يىغىش يەنى بىرەر زاغرا، بىرەر كىيىملىك ماتا، نەچچە كويچەن-موچەنلەرگە سېتىۋېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغاچ يۇرت كەزگەن بۇزۇرۇگ سۈپەت جەننەت ماكان ھەزرىتى ئىزچى ئەپەندىگە نەچچە يىللار قوشنىدارچىلىق قىلىش داۋامىدا ئول ھەزرەت قولىدا كۆرگەن ماتېرىياللاردىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھازىرقى چاغدا نەلەردە كۈلى توزۇپ، نەلەردە نەملىشىپ، نەلەردە چاشغانغا يەم بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىر قادىر ئاللاھدىن باشقا بەندە بىلمىسە كېرەك. چۈنكى، سەل ئىلگىرىكى زاماندا، يەنى 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۇرتىمىزنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيىسى زامان زورلىرىنىڭ تەھلىكىسىدە جۇدۇنلۇق چاغلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇنداق ۋەسىقىلەرگە قۇياش نۇرىدىن بەھرلىنىش نېسىب بولمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھەم شۇنداق بولماقتا. ھازىر بىز پەقەت ئۇ ۋەسىقىلەرنىڭ پارچە-پۇرات ئۈزۈندىلىرىنى ھەزرىتى ئىزچى ئەپەندىنىڭ تەۋەررۈك قوليازمىلىرىدىنلا بىلەلەيمىز. بۇنى ئەسلىدە ھەزرىتىم «تويلىشىشمۇ ياكى چىرىكلىشىشمۇ؟» سەرلەۋھەلىك تەقرىزىدە نەقىل قىلىپ ئۆتكەن ئىدى، بۇنىڭ مەندە ساقلانغانلىرىنى مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويغان بولساممۇ ھېچبىر ئەتىبارسىز كۆمۈلۈپ قالدى، ئەمدى يەنە «ئەسكى خامان»نى سورىغۇچى غەيۋەتخورنىڭ رولىنى ئېلىپ « ئاتالمىش دەھرىي پاسىبانلار توپى»نىڭ نەزەرلىرىگە ئىتتەرمەكچىمەن.

     

         «پۇل-مال، دەپن-دۇنيا، ئابروي، نەسەب-مەنسەب، ئىمتىياز ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەر روھى سىڭگەن ۋە ياكى سەۋەبچىلىك تەسىرى بولغان قىز-يىگىت تويى بىزدە ئەزەلدىن ساغلام-پاك (ھالال) توي ھېسابلانغان ئەمەس. ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن توي-تۆكۈن مىزان-قائىدىلىرىمىزدە، جۈملىدىن نىكاھ-توي «رىسالە» مىزدە بۇ قارىشىمىز مۇنداق دەلىللەنگەن» دەپ كېلىپ تۆۋەندىكى «نىكاھ رىسالەسى»نىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ھوزۇر-ئېتىبارىمىزغا سۇنىدۇ:
         «... نىكاھدىن مۇددىئا ــ نىكاھى قېتىلغان قىز-يىگىتنىڭ پاك-ھالالەت خۇدايى بەندىچىلىكى ئۈچۈن، ئەبەدىل-ئەبەد جۈپتى ھەمدەملىكى ئۈچۈن، خۇدالىق پەرزەنت ئۈچۈندۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇر مۆئىمىنلىرىمىزنىڭ نىكاھ-توي مۇراسىملىرى ئاشكارا ۋە خۇپىيانە تەمەدىن، زورلۇق-ناشايان ئەلەمدىن، كۇفرانە ھەشەم-مالامەتلەردىن، دەپن-دۇنيا ساراسىمەلىرىدىن، نەھى ھارامدىن (قويۇق-سۇيۇق، قاتتىق-يۇمشاق، مەست ۋە بىھۇش قىلغۇچى خۇرچ-بۇيۇملاردىن)، قەرزدىن، بىچارىلىق ئەلەملىرىدىن، شەرمى-ھاياسىزلىقتىن ... پۈتۈنلەي خالىي، بەندىلىكتە ساۋابلىقى روشەن ئادەت يوسۇن ... بىلەن تامام بولمىقى شەرتتۇر ...».


         مانا بۇلارنى كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ «ئۇيغۇر» ئاتلىق بۇ مىللەتنىڭ قەدىمدىكى ئاشۇ تەقۋائىي ھالال زاماندا ھەر قاچان تەكتلەپ تۇرغان مۇشۇنداق ئىزگۈ دالالەتلىرىنى دەھرىي ھاراملىق شەيتانلىرى قاپلاپ كەتكەن زامانىمىزدا تەكتلەشنىڭ تېخىمۇ ھەم زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلمايمىزمۇ؟      
     

    يەنە قاراپ باقايلى:
        «توي-مۇراسىملىرىمىزدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار توغرىسىدا بۇ ‹رىسالە›دە يەنە تۆۋەندىكى زۆرۈرىيەتلەر قەيت قىلىنغان: ‹... نىكلاھى قېتىلغان مەزكۇر ئىككى مۆئىمىننىڭ ھەقدار ھامىيلىرى (ئاتا-ئانا، بىۋاسىتە ھامىيىلىك ئاكا-ئۇكىلىرى) نىڭ خۇدالىق خالىس ھەمدەملىكى، مۇراد-مەقسەت بىرلىكى، شەپقەت-شاپائەت ئېتىبارى مەزكۇر ئىككى مۆئىمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئىقبال ۋە تەقدىرىگە مەنبەدۇر... نىكاھى قېتىلغان مەزكۇرلەرنىڭ دەستۇرخان-سورۇنلىرى، مەسۇمە (قىز) نىڭ تويلۇق ھەققى مېھرى، تويلۇق بوخچا ۋە تويلۇق باراۋەت...لىرى ھامىيلىرى ۋە نىكاھى قېتىلغان ئىككى مۆئىمىننىڭ نەفتانە مال-دۇنيا مادارىغا بىنائەن ھەم شۇلارنىڭ قۇربىتى، رازىلىقى بىلەن زەخىمسىز، زورلۇقسىز ئۆتمىكى خۇدالىق دالالەتتۇر... نىكاھ-توي ئىنسان ئۈچۈندۇر. مال-دۇنيا، مەئىشەت ئۈچۈن بولمىقى دىنىمىزغا ھەم ئۇدۇمىمىزغا مۇخالىپتۇر...».
         ئەمدىكى ھالىمىز نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ سورۇنلاردا، مۇنبەرلىرىمىزدە زاماندىن، دەۋران ساھىبلىرىدىن ئاغرىنىش، قاقشاش ھەقىقەتەن كۆپ ھەم بۇنىڭ مۇئەييەن تارىخىي-ئەمەلىي ئاساسلىرىمۇ بار، ئەمما سىياسىي ئېكولوگىيىمىز تۇمانلىشىۋاتقان، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيىمىز خىرەلىشىۋاتقان، ئىقتىسادىي ئېكولوگىيىمىز زىيادە ئاجىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى مۇشۇ چاغدا ئۆزىمىز قىلىقلاندۇرۇپ، شاخلىتىپ بېرىۋاتقان يات ئۇدۇملارنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇيمىز ياكى تىلغا ئالغان، ئەسكە ئالغان تەقدىردىمۇ «ئەلقاتارى» غا سۇندۇرۇپ جىممىدە يات ئۇدۇمنى قوبۇل كۆرۈۋېرىمىز. بۈگۈنكى مۇشۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەنئەنىچىلىكىمىزنى تەكىتلەش تەكىتلىگۈچىگە دەشنام تاش-چالمىلىرىنى ياغدۇرماي قالمايدۇ، بۇلارنى ئۇنتۇيمىز-يۇ، زامان زورلىرى ۋە دەۋران ساھىبلىرىدىن ئاغرىنغان چاغدا ئاشۇ ئەنئەنىمىزنى تامامىي ئۇنتۇيمىز. يەنە تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:


        «... مەسۇمە تەرىپىدىن ئۈچ ھامىي (قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، چوڭ ئاتا-چوڭ ئانىسى، بىۋاسىتە ھامىيلىق يەتكۈزىدىغان بالاغەتلىك چوڭ قېرىنداشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، يىگىتتىن بىر ھامىي (ئاتا-ئانىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) تويدىن خالىس نېسىۋە ئالماق جايىزدۇر... ئۇنىڭدىن غەيرىلەرنىڭ نەپ ئالمىقى ھارامدۇر... رەئىييە-پۇقرانىڭ قىزلىق توي بوخچا-بوغۇنچىلىرى قوش قاتتىن لىباس (بىر جۈپتىن باش-ئاياغ ئېغىزمان كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، قوش قەۋەتتىن ئەۋرەت كىيىملىرى (ئىچ كىيىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، لېچەك (ئىككىدىن باز ياغلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، زىبۇ زىننەت (بايلار ئالتۇندىن، ئادەتتىكى پۇقرالار كۈمۈشتىن زىرە، بىلەزۈك، ئۈزۈك ئالمىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) لەر بىلەن تەللەنمىكى ئەزەلىي ئۇدۇمدۇر... مەسۇمەنىڭ توي لىباسلىرى ئۆزىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەم لايىق تەل قىلىنمىقى، ھەرىتە (قەرز ئېلىپ تۇرغان) بولماسلىقى تەلەبتۇر... مەھبۇبىنى رازى ۋە مەمنۇن قىلماق، ئەلەمسىز خەۋەر ئالماق، كىيىندۈرمەك مەجبۇرىيەتتۇر... ».
         بىز بۇ ئۇدۇملىرىمىزنى تولۇقى بىلەن ئادا قىلالىدۇقمۇ؟ قىلالايمىزمۇ؟ بۇ سوئاللارنى قويۇۋاتقىنىمدا "Uyghurbiz" سەركىسى ئاپتاپ بۇرادەر يازغان «زامان زورنىڭ» يېزىلىۋاتقان داۋامى «تاماشا كورنىڭ» دېگەن مۇشۇ ئىككى سۆزلۈك ماۋزۇسىنىلا ئويلاپ تۇرۇپتىمەن، ئىچىدىكى مەزمۇن چوقۇم قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنە قاراپ باقايلى:


        «نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تېجەشلىك ۋە قەرزسىزتاماملىماق شەرىئەت ھەم ئەزەلىي ئۇدۇم دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي پاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلىقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھدۇر...»
    بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ بىزنىڭ نىكاھ-تويلىرىمىزنىڭ ئەھۋالاتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەشەمخورلۇقتا ئۇچىغا چىقىپ، ھەتتا يىگىتلىرىمىز ئىسراپخورلۇق بەدىلىگە ھالال جۈپتىنى كوچا-كويلاردا ئاۋام-رەئىيەتكە سازايى ئالەم قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى ھەم شۇ ھالال جۈپتىنى بۇنداق قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىدە كۆندۈرۈپ يېڭى«ئۇدۇم» ئىختىرا قىلدى، توي مۇراسىم قائىدىلىرىمىز ئىنتايىن ئېنىق بولمىغان، دورامچىلىق، ھەشەمەتچىلىك بىلەن بېزىلىپ، ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتتى...

     
     

     
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.