بالدۇر مۇھەببەتلىشىش

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-19 15:27:22

بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بىز دائىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ۋە ئەپسۇسلىنىمىز. چۈنكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنى چەكلەش بىزدىلا ئەمەس ئېچىۋېتىلگەن غەرپ ئ...

    بالدۇر مۇھەببەتلىشىش

      
     بىز دائىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز ۋە ئەپسۇسلىنىمىز. چۈنكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنى چەكلەش بىزدىلا ئەمەس ئېچىۋېتىلگەن غەرپ ئەللىرىدىمۇ ئۇمۇمىيۈزلۈك توغرا دەپ قارىلىدىغان ۋە مائارىپ ۋە پىسخولوگىيە تارماقلىرى ئىزچىل چارە قوللىنىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.
     جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادى مۇھتاجلىق ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش نۇرغۇن ئەخلاقى ئېتىقادى كىرزىسلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە   يەنە بالىلارنىڭ زۆرۈر بىلىمگە  ئېرىشىشىگە، بىرەر كەسىپ ياكى پەن تۈرىگە ئىشتىياق يېتىلدۈرۈشىگە، تېگىشلىك تالانتنىڭ بايقىلىش باسقۇچىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ۋە جەمىيەت تەجرىبىسى، كۈزىتىش ئىقتىدارى، پىسخىك ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.
        مائارىپچىلار ۋە پىسخولوگلارنىڭ نەزىرىدە بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئائىلە ۋە جەمىيەتتە تېگىشلىك مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىك ئېھتىياج بولۇپ، بالدۇر مۇھەببەتلەشكۈچى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق تۇققان، دوست-بۇرادەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلار تېخى ئادەمنىڭ فىزولوگىيە ۋە پىسخولوگيە نۇقتىسىدىن تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، ئۆزىنىڭ ھىسىياتى ۋە توغرا خاتانى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغانلىقتىن ئاسانلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ خاتالىق ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ھامىسى ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچىلىرىنىڭ مەسئۇل بولۇش مەجبۇريىتى بولىدۇ.
       ئۇنداقتا قانچە ياشتا مۇھەببەتلەشكەنلەر بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنلەر ھىساپلىنىدۇ؟ نورمال مۇھەببەتلىشىش يېشى قانچە بولىدۇ؟
       بۇ نۇقتىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئاۋال مۇھەببەتلەشكۈچى تەۋە بولغان جامائەت پىكرى، مۇھەببەتلەشكۈچىنىڭ فىزولوگىيە ۋە پىسخىك ئەھۋالى قاتارلىقلارغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ رايونىدا فىزولوگىيە جەھەتتىن بالىلار 13-14 ياشتىلا ئاساسەن بالاغەتكە يەتسىمۇ لېكىن بەدەن ئىگىزلىكى، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۇراقلىشى ۋاقتى 17-18 ياشلاردا ئاندىن تاماملىنىدۇ، بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بىر-ئىككى يىل بالدۇر. ئۇمۇمەن بۈگۈنكى دۇنيادا فىزولوگىيە تەرەپتىن يېتىلگەن بىلەنمۇ ئىقتىسادى مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۆزى شەخسنىڭ كېيىنكى كەسىپ مۇۋەپپىقىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان  نامۇۋاپىق مۇھەببەتلىشىش ھىساپلىنىدۇ. ئۇنداقتا بىزدىچۇ؟
        فىزولوگىيىلىك يېتىلىش، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇش پەقەت مۇھەببەتلىشىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرەرسىنىڭلا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شەخسنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشقا قۇربى يېتىش يەتمەسلىكىمۇ مۇھىم ئۆلچەم. ناۋادا بىزدىكى ئەنئەنە ۋە جامائەت ئەخلاقى بويىچە ھىساپلىغاندا نىكاھتىن سىرت سىنىشىشنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىزلىق بولۇپ جامائەت تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان، شۇنداقلا بىزنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئېتىقاد ئەقىدىلىرىمىزگە زىت بولغان ھەركەتتۇر.
        مۇھەببەتنىڭ ياخشى كۆرۈشتىن باشقا شەرتى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلار ئەلبەتتە يوق ئەمەس. بىراق ئاقىللىق بىلەن يىراقنى كۆرۈش كېرەككى، بالاغەتكە يەتكەن ئەمما  فىزولوگىيە جەھەتتىن تۇراقلاشمىغان مەزگىلدە بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ئىنتايىن ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز بولىدۇ. يەنە كېلىپ بىزدە جەمىيەت تەربىيىسى ۋە بالىلارنىڭ كىتاپ ۋە ئائىلە-مەكتەپ قاتارلىقلاردىن ئېرىشىدىغان مائارىپ-تۇرمۇش تەجرىبىسى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ ، نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلاردىكى پىسخىك ئېھتىياجنى چۈشەنمەيدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا غەرپتە  بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنلەر غەيرى ئىجتىمائى ھادىسە ھىساپلىنىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چىقىپ كېتىدۇ، بىزدە بولسا ئاللا توۋا ياكى ئائىلىدىكى تەن جازاسى بىلەن پىتنە ئىغۋالار ئارىسىدا بېسىقىپ كېتىدۇ.
         دۇنيادا ئۇمۇمەن ھالدا بالدۇر مۇھەببەتلىشىش- بالاغەتكە يەتكەن ئەمما  فىزولوگىيە جەھەتتىن تۇراقلاشمىغان مەزگىلدىكى مۇھەببەتلىشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ خەتەرلىك يېرى  كۆپ ھاللاردا مۇھەببەتلىشىش ھىسىياتى دەل مۇشۇ خىل ۋاقىتتا شەكىللىنىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە ئۆزى ۋە ئۆزگىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ.
       بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن بالىلار ھەتتا  فىزولوگىيە جەھەتتىن تۇراقلاشقان 18-19 ياشتىن كېيىنمۇ بارلىق  ئىشلارنى ساددىلىق، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن چۈشىنىدۇ ۋە مۇھەببەت قەھرىمانى، ۋاپادار بولماقچى بولىدۇ،  مەسىلىلەرنى تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسەن ھېسياتقا كۆپ تايىنىپ، ئەقلىي يەكۈن بويىچە ئىش قىلمايدۇ. ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ، رىئاللىقنىڭ رەھىمسىز، تەڭسىز تەرەپلىرىنى  چۈشەنمەيدۇ. ئېتىقادىمۇ نىسبەتەن قىزغىن ئەمما تۇراقسىز كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بىر بىرىگە كۆڭلى چۈشكەنىكەن بىر بىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، كىشىلىك مۇۋەپپىقىيىتى دېگەنلەر ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما مائارىپچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى پەقەت بىر بىرىگە قىزىقىش بولۇپ، ھەقىقى مۇھەببەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئاساسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا بالىلار بۇ دەۋردە تېخىمۇ كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىشتىياقىغا  قارىتىلىشى ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېزلىك بىلەن پۇختىلاشقا قارىتىلىشى ، يوقىلاڭ خىياللارغا ۋاقىت بېرىلمىگۈدەك زىچ كىتاپ ئوقۇش، چۈشىنىش، ئۆرلەشكە ئادەتلەندۈرۈلىشى كېرەك.
        بىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە بالىلار بالىلىق  دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپلا، چوڭلارغا ياردەملىشىپ ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستىگە  ئالىدۇ. چوڭلارمۇ بالىنىڭ پىسخىك ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق قىلارىنى  بىلمەي قالىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ پىكرى چېچىلىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، زېھنى چېچىلىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلار مۇھتاج بولىدىغان مېھرى- مۇھەببەت، خۇشاللىققا يېتەرلىك ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا بوشلۇق پەيدا بولىدۇ. ئادەم ئۆزىدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. ھاياتىدا شۇنى ئىزدەيدۇ. نەتىجىدە بالىلار قەلبىدىكى بوشلۇقنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بۇنىڭغا ئۆيدىكىلەرنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى قاتتىق مۇئامىلىسى سەۋەپ بولۇپ  بالدۇرلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىدۇ. ھەم پۈتۈن دىققىتىنى بۇ خىل ھىسسىياتقا قارىتىۋالىدۇ. تېخى ېتىلمىگەن مەلىكىدەك قىز-شاھزادىدەك ئوغۇللىرىمىزروھى دۇنياسىدىكى مۇھەببەتكە بولغان ئېھتىياجنى يات جىنىسلارنىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

      بۇ ۋاقىتتا بالدۇر مۇھەببەتلەشكۈچىنى قانچە توسسا، ئۇلاردىكى يېتىلىۋاتقان قارشىلىق ئېڭى شۇنچە ئەۋج ئالىدۇ. ئائىلىدە بالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بالىنىڭ ئائىلە ۋە جەمىيەتتتىن ئېرىشىدىغان پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ مېڭىش بالىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىكە قارشى ئىمونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامالدىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاندىمۇ بالىدا بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بايقالسا  بۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا بىر بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، ئۇنىڭغا ھەيران بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىل نورمال ئەھۋالغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
       بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدە بىر بىرىگە ياخشى ھىسىياتنىڭ شەكىللىنىشنىڭ نورمال ھادىسە ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ئەقىل ئارقىلىق قوبۇل قىلدۇرۇش، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد ۋە ئىرادە، غايە نۇقتىسىدىن ھەقىقى تونۇتۇش مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى. بالىلارنىڭ كاللىسىدا بۇ نۇقتا ئايدىڭ بولسا، ئۆزلىرىدە شەكىللەنگەن ھىسسىياتتىن قورقۇش، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قېلىش، ياكى شۇ قاينامغا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي بۇ ھىسىياتنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئاكتىپ ماسلىشىشى، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ھىسسىيات ئۆزگىرىشلىرىنى، قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى مەقسەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
       ياش-ئۆسمۈرلەردە يۈز بېرىدىغان فىزولوگىيىلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشۈنۈش بىلەن بىرگە مۇھەببەت بېرىش ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۆپەيتىش، نادىر دۇنياۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق بالىنىڭ روھى تەجرىبىسىنى موللاشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلاردا غايە ۋە ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ ئىمونت كۈچىنى ئاشۇرۇش بالدۇر مۇھەببەتلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە داۋالايدىغان تەدبىرلەردۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مائارىپ