ئامىرىكا فىلىملىرىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئىپادىلىنىشى

يوللىغۇچى : kiyan يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-28 17:36:17

ئامىرىكا فىلىملىرىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى، ۋە ئورۇنلاشتۇرلىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ،مەن بىر كىنو ھەۋەسكارىئادەتتەئامىركا فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن شاڭگاڭنىڭ داڭلىق چ...



    ئامىرىكا فىلىملىرىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى، ۋە ئورۇنلاشتۇرلىشى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ،

    مەن بىر كىنو ھەۋەسكارى ئادەتتە ئامىركا فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن شاڭگاڭنىڭ داڭلىق چولپانلىرى رول ئالغان كىنولارنىمۇ ئىزچىل كۆرىمەن، مەسىلەن چىڭلۇڭ ،لىلىەنجى ، چىنزىدەن ،  سەمموۋ خۇڭ ،جۇرۇڭفا،قاتارلىقلارنىڭ كىنولىرىنىمۇ ئىزچىل ياقتۇرۇپ كۆرىمەن ،ئارقىدىن ئۆزىمىزنىڭ شىنجاڭدا كەسپى ئارتىسلىرىمىز ئىشلىگەن كىنولارغىمۇ نەزىرىمنى ئاغدۇرىمەن كۆرمەيدىغىنىم بولسا ئېلىمىزدا ئىشلەنگەن ۋە ھىندىستان فىلىملىرىنى قەتئى ياقتۇرمايمەن ،مەن ئاسىيا قۇرۇقلىقى دا ئىشلەنگەن ۋە ياۋرىپا قىتئەسىدە ئىشلەنگەن كىنولاردا تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىدا زورۋە ئالاھىدە پەرىقنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم ،ئەلۋەتتە بۇپەرىقلەر ئىچىدىن ياۋرىپا قىتئەسى دە ئىشلەنگەن فىلىملارنىڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرلىشىغا قايىل بولۇپ كەلدىم ،ئىنسانىيەت بولسا يارىتىلىشىدىنلا يۈكسەك ئەقىل پاراستى گۈزەللىكى قەلبىدە ھىسىيات ئوي پىكىر تەپەككۈر ،ۋە بىربىرىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئادىمىيلىك مىھرى مۇھەببىتى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن يارىتىلغان ،شۇڭا ئىنسانلار ئوتتىرىسىدا بىربىرىگە كۆيۈنۈش بىربىرىگە ياردەم قىلىش بىر بىرىنىڭ ھالىغا يىتىش ،بالىنىڭ ئاتا ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى ، ۋە ئۇرۇقتۇققان لار ئوتتىرسىدىكى مىھرى مۇھەببەت شۇنداق لا بۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ئوتتىرىسىدىكى بارلىق كىشىلىك مۇناسىۋىتىمىزدىكى بىربىرسىمىزگە بولغان يېقىن ئادىمىيلىك  مۇھەببەت بولسا بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات ،ھەم بىز ئىنسانلار مۇناسىۋەت جەمىيىتىنىڭ تەبىئى قانۇنىيىتى شۇڭا بۇنى يەنە ئارتۇقچە كۆپتۈرۈپ بىز ئىنسانلارغا تەلىم تەربىيە قىلغان  ئاساسدا كىنولىرىمىزدا ھەيۋەتلىك مۇزىكىلار بىلەن  ۋە ئۇزۇن -ئۇزۇن ياكى قايتا- قايتا ئىنسانلارنىڭ سەمىگە سېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۇلارنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش خۇددى ئۇلاردا ئەسلىدىنلا يوق بولغان ئاڭ پىسخىكىنى تۇيغۇنى خىيالى ئوي تەپەككۈرنى يىتىلدۈرۈپ  ئىنسان قەلبىگە كۆچۈرۈپ سەپەرۋەر قىلىشتەك كىنولاردىكى بۇخىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ  ئارتۇقچە ھاجىتى يوق ،

    ئىككى قىتئە ئارا ئىشلەنگەن كىنولاردىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردە بۇنداق پەرىقلەرنىڭ بولىشىدا شۇ قىتئە كىشىلىرى جەمىيىتىنىڭ مۇ مۇناسىۋىتى بولىشى مومكىن ، ئامىركا فىلىملىرىدىكى بەزى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر مۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىدۇ بۇخىل ئادىمىيلىك مىھرى مۇھەببەت ھىسىياتىنى بولسا كۆرۈرمەننىڭ قەلىپ دۇنياسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھىس قىلىپ داغدۇغا بىلەن ۋۇجۇدىغا تەسىر كۆرسىتىشىگە قالدۇرلىدۇ ،ياكى شۇ قىتئە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق يىتىلگەن بۇخىل ئادىمىيلىك مىھرى مۇھەببەتنى مۇنداق دبدەبە بىلەن نامايەن قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارالسا كىرەك، ياكى شۇخىل تەسىرلىك كۆرۈنۈش ئادىمىيلىك مىھرى مۇھەببەتنى كۆرۈرمەنلىگە ئۇنچىلىك ماختانغىدەك چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇنى قىلىشنىڭ تەبئى ئەقەللىي ساۋات ئىكەنلىكىنى بىدۈرۈپ قويۇش بولساكىرەك ، مىنىڭچە كىنولاردىكى بۇنىڭدەك  ئىجابىي ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى  ئۇچۇق ئاشكا رە داغدۇغا ۋە ھەيۋەتلىك مۇزىكىلاربىلەن بىز ئىنسانلارنى سەپەرۋەرقىلىشقا ئۈندەشتەك بۇخىل شەكىلدىن ئەنە شۇنداق كۆرۈrمەننىڭ ئۆز ھىسسى قەلىپ دۇنياسىغا قالدۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھىس قىلىپ قەلبىدە زىلزىلە پەيداقىلىشىغا قالدۇرۇش ، شۇخىل كۆرۈنۈشنى ئىكران يۈزىگە ئېلىپ چىققان مەخسەتنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى ھەم ساپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كۆرۈرمەن قەلبىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان بۇخىل ئادىمىيلىك تۇيغۇ ئۆزىچىلا مۇستەھكەملىنىپ شۇكۆرۈنۈشنىڭ رولى تېخىمۇ   غەلبىلىك بولىشى مومكىن  ،ئەلۋەتتە ئىنسانلار روھىيىتى ۋە پىسخىكىسىغا يات بولغان سەلبى كۆرۈنۈشلەرگە مەن يۇقۇر دا ئىنكار قىلغاندەك ۋاستىلەر ئىشلىتىلسە بەلكىم بۇ بىير ئاز مۇۋاپىق بولىشى مومكىن ........ 

    ئەمدى دىيارىمىز كىنولىرىغا كەلسەك ئۆزخەلقىمىز ئىسلام دىنى ئىتقادى بىلەن بۇتۇپراقتا ياشاپ كەلمەكتە ، ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى باش تارتماي قاپاق تۈrمەي ئاخىرغىچە قىلىشى ، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى مىھرى مۇھەببەت جۈملىدىن يەنە شۇنداق بىر ئورتاق قاراش بىز مۇسۇلمانلار ھەممىمىز بىرتۇققان دەيدىغان ئەنە شۇنداق روھى دۇنيا ئالىمىدە ياشاۋاتقان بۇدىيارىمىزدا ئىشلەنگەن فىلىملاردىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرگە نەزەرسالساق بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئەك كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ  بۇنى گەرچە يامان ئەھۋال دىگىلى بولمىسىمۇ لىكىن بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولسا كۆرۈمەننى شۇخىل ئىش ھەركەتكە چاقىرىش، سەپەرۋەرقىلىشنى ئالدىنقى شەrت   قىلغان   ئاساستا  تولمۇ ھەيۋەتلىك، داغدۇغا ۋە دەبدەبە بىلەن تەكرار -تەكرار ۋە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن بولىدۇ ، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر بولسا كۆرۈرمەن قەلبىدە بىرخىل سۈنئىي شەكىلگە ئايلىنىپ ئۆزھىسىياتى بىلەن تەبئى ئىنسانىي قانۇنىيەت بىلەن  ھىس قىلغانچىلىك تەسىر قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ئەقەللى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغانلار ئىجابى قەھرىمان بولۇپ قالىدۇ-ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئۆلچىمى ئىنتايىن ئاددىلىشىپ كېتىدۇ.

    شۇڭىلاشقا مەن كىنو فىلىملىرىمىزدىكى يەنىلا كۆپ قىسىم  بىز ئىنسانلار روھى دۇنياسىدا ئەسلىدىنلا باربولغان ئادىمىيلىككە تۇيۇنغان مىھرى مۇھەببەت كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇنداق دەبدەبە ھەيۋەت بىلەن كۆرۈمەن قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىر خىل سۈنئى ساختىلىق تىن باشقا نەرسە ئەمەس مىنىڭچە ئۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ چىن سەمىمىيەت بىلەن تەبئى  خۇددى ئەقەللىي بىر قانۇنىيەتكە ئۇخشاش ئىپادىلىنىشىنى كۆرۈرمەن روھى دۇنياسىغا تېخىمۇ تەسىر قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.