تاشنى ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 12:07:29

تاشنى ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ(مۇنارجان تەرجىمىسى) بۇ دۇنيادا ياشاش قارىماققا ئەڭ ئاددىي ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئىشقىلىپ ھاياتلا يۈرگەن ئادەم بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئادە...

     

    تاشنى ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      بۇ دۇنيادا ياشاش قارىماققا ئەڭ ئاددىي ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئىشقىلىپ ھاياتلا يۈرگەن ئادەم بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا بىر «مەن» بار، نېمىشقا «مەن» بولماي قالمايمەن؟ «مەن» بولغانىكەنمەن، ئۇنداقتا بۇ «مەن» قانداقتۇر «قىممەت» كە ئىگىمۇ؟ بۇ سۇئال ھەرقېتىم كاللامغا كەلگەندە، مەن گويا قاتتىق چۈش كۆرىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتكەندەك بولىمەن. بەلكىم مەن ئەزەلدىن ھەقىقىي ئويغىنىپ باقمىغاندىمەن، بەلكىم ھەقىقىي ئويغانغان كۈنى بۇ سوئالنىڭ تىگىگە ئاندىن يېتەرمەن، لېكىن ئاشۇ چاغدىمۇ «مەن» مەۋجۇت بولمايمەنغۇ دەيمەن؟

    دارىلئېتامدا بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى، ئۇ دائىم ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا دارىلئېتام مەسئۇلىدىن:

    -مەندەك بىر ئىگە-چاقىسىز بىر بالىنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟-دەپ سورايتتى.

    دارىلئېتام مەسئۇلى ئۇنىڭ سوئالىغا كۈلۈپلا قوياتتى.
    بىر كۈنى، دارىلئېتام مەسئۇلى بالىغا بىر پارچە تاشنى تۇتقۇزدى.

    -ئەتە ئەتىگەن بۇ تاشنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كەل،-دېدى ئۇ،-لېكىن«ھەقىقىي ساتمايسەن». ئېسىڭدە بولسۇن، باشقىلار قانچىلىك يۇقىرى باھا قويسىمۇ ھەرگىز ساتمىغىن.

    ئەتىسى بالا بازارنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاشنى ئالدىغا قۇيۇپ ئولتۇردى. ھەيران قالارلىقى، تاشنى نۇرغۇن ئادەم سېتىۋالماقچى بولدى، باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆرلىدى. بالا دارىلئېتام مەسئۇلىغا خۇشاللىق بىلەن دوكلات قىلدى. دارىلئېتام مەسئۇلى كۈلۈپ قويۇپ، تاشنى ئەتە ئالتۇن بازىرىغا ئاپىرىپ بازارغا سېلىشنى تاپشۇردى. ئالتۇن بازىرىدا بەزىلەر بۇ تاشنى تۈنۈگۈنكىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولدى. ئەڭ ئاخرىدا، دارىلئېتام مەسئۇلى بالىغا تاشنى گۆھەر-ياقۇت بازىرىغا ئاپىرىشنى تاپشۇردى. نەتىجىدە، تاشنىڭ باھاسى يەنە ئون ھەسسە ئۆرلىدى. بالا ھەرقانچە يۇقىرى باھا قويسىمۇ ساتقىلى ئۇنىمىغاچقا، بۇ تاش «ئەتىۋارلىق گۆھەر» دېگەن نام بىلەن كەڭ تارقالدى. بالا تاشنى ھاياجان بىلەن قايتۇرۇپ كېلىپ، پۈتۈن ئەھۋالنى دارىلئېتام مەسئۇلىغا سۆزلەپ بەردى.

    دارىلئېتام مەسئۇلى بالىغا قاراپ قويۇپ، ئاستا گەپ باشلىدى:

    -ھاياتنىڭ قىممىتى مۇشۇ تاشقا ئوخشايدۇ، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر پارچە ئەسكى تاش سېنىڭ ئەتىۋارلىشىڭ بىلەن قىممىتى ئۆستى، ئەتىۋارلىق گۆھەر دەپ قارالدى. سەنمۇ مۇشۇ تاشقا ئوخشايسەنغۇ؟ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئەھمىيەت بەرسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قەدىرلىسەڭلا، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتى بولىدۇ.

    ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تاش گۆھەر ياشاش _