ئېرىنى ئۆلتۈرگەن ئايال ھەققىدە

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-15 12:18:00

ئېرىنى ئۆلتۈرگەن ئايال ھەققىدە قانۇنچىلىق گېزىتى دە ئېرىنى ئۆلتۈرگەن ئايال ھەققىدىكى پاجىئەنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم. نۇرغۇن كىشلىرىمىز بۇ ياش ئايالنى قاتتىق ئەيىبلىشى مومكىن، يەنە بەزى كىشلى...

    ئېرىنى ئۆلتۈرگەن ئايال ھەققىدە 

         قانۇنچىلىق گېزىتى دە ئېرىنى ئۆلتۈرگەن ئايال ھەققىدىكى پاجىئەنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم.
        نۇرغۇن كىشلىرىمىز بۇ ياش ئايالنى قاتتىق ئەيىبلىشى مومكىن، يەنە بەزى كىشلىرىمىز ئەسلى مۇشۇنداق بولماقچىتى ئۆلگىنى ياخشى بولدى دېيىشىمۇ مومكىن. ئەمما بۇ پاجىئەدىن مەن شۇنى ئويلاپ قالدىمكى، نۇر غۇن ئاياللىرىمىز ئېرىمىز تالاغا قاراپ قالدى، مېنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالدى......ۋەھاكازالار. دەپ ھەدىسىلا ئەل- ئاغىنىلىرىگە ياكى قۇلۇم- قوشنىلىرىغا ھال ئېيتىشىدۇ. ھەتتا ئېرى بىلەن سەۋەپسىزلا ئۇرۇشىدۇ، شۇ چاغدا ئايال بولغۇچى نىمە ئۈچۈن ئېرىم ئۆزگىرىپ قالىدۇ، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ دەپ ئۆزىدىن سەۋەبىنى ئىزدەپ باقمايدۇ.
        ئايال بولغۇچى ئۆز ئاياللىق ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلدىمۇ -يوق! بۇمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىل ئامىل. بەزى ئەرلىرىمىز ھەدىسىلا سىرتتىن كىرمەي ئايالى بۇرۇنقىدەك چىرايلىق كۆرۈنمەيدىغان تاپقان پۇلنى ئەيش-ئىشرەتكە، ساھىبجاماللارغا خەجلەپ تۈگىتىدۇ! ھەدىسىلا سىرتتىكى قىزلار مېنى ئازدۇرۇپ مەن بۇ يولغا كىرىپ قاپتىمەن دەپ باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىدۇ. ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىغا خەجلەشكە قارنى ئاغرىيدۇ. يوقىرىقىدەك ئەھۋاللار خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى. بۇتوغرىسىدا قەلەمكەشلىرىمىز تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ چىگىش ئائىلە ۋەزىيىتى ساقلانماقتا! بىز نىمە ئۈچۈن يەنە ئىبرەت ئالمايمىز! بۇ پاجىئەدىكى زۇلپىيەدەك ئېرىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟
      بۇ ھازىرقى كىشلىرىمىزدىكى ئاڭ ساپا، ئىنسانى سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، قانۇن ئېڭىنىڭ يوقلىدىن، ئەقىلسىزلىقىدىن دەپ خۇلاسە چىقىرىشغا بولىدۇ.
        ھەممىمىز ئويلىنىپ باقايلى، ئۆينىڭ تۆۋرىكى بولغان ئەرلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلۋاتامدۇق! نازاكەتلىك ئاياللىرىمىز ، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانىلىرىمىز ئۆز زىممىمىزدىكى ئۇلۇغ،شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىدۇقمۇ ؟

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:04:44]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.