ئۆزىڭىزگە خۇشاللىقنى ھەمراھ قىلىڭ

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:23:17

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} ئۆزىڭىزگە خۇشاللىقنى ھەمراھ قىلىڭئەنۋەر ئۆمەر كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت ئوغلىنى ئالد

    ئۆزىڭىزگە خۇشاللىقنى ھەمراھ قىلىڭ
    ئەنۋەر ئۆمەر

     

       كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ شۇنداق دەپتۇ:
    −ئوغلۇم، سەن دائىم شەھەر ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك خاپىغان، تۈرگۈن يۈرمەي، خۇشاللىقنى ئۆزۈڭگە دوست قىلىپ، رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ياشىساڭ بولاتتى. بۇنداق كېتىۋەرسەڭ نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇپ قالىسەن. مۇھىمى، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل قىسمىنى سېزەلمەي ئۆمرۈڭ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئوغلى دادىسىغا جاۋابەن:
    −مېنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتكۈم يوقمۇ دادا! ئەلۋەتتە بار. بىراق، تۇرمۇشۇمدىكى ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق ئىشلار، مۇھىمى تۇرمۇش مەنبەيىمنىڭ مۇقىمسىزلىقى تۈپەيلى، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۆزۈمنى شۇنچە زورلىساممۇ ماڭا خۇشاللىق بەرمەيۋاتىدۇ،−دەپتۇ.
    − بۇنداق روھنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىۋالساڭ ياخشى بولمايدۇ بالام،−دەپتۇ مويسىپىت سۆز ئېلىپ،−غەم-قايغۇ جانغا سۈرۈلگەن ئېكەك. ئاۋۋال ئۇ روھنى سۇندۇرىدۇ، روھى سۇنغان ئادەم شۇ روھسىزلىقى ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارى قاتماللىشىپ كەتكەن بولغاچقا، قاشاڭ تەپەككۇر بىلەن ئۆزىگە كېلىۋاتقان قىممەتلىك پۇرسەتنى، خۇشاللىقنى سېزەلمەيدۇ.
    − مەن تولىمۇ سەگەك،−دەپتۇ ئوغلى دادىسىنىڭ سۆزلىگە قايىل بولماي. كېيىن مويسىپىت تولىمۇ تەستە قىممەتلىك پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوغلىغا ئەۋەتىپتۇ. بىراق، ئوغلى بۇ پۇرسەتنى سېزەلمەي، سەزگەن بولسىمۇ قانداق قولدا تۇتۇپ قېلىشنى بىلەلمەي ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.
    بۇ قېتىم مويسىپىت كىشى ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ:
    −ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن، قانداق شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەي، چۈشەنمەي، روھىنى ئۈگدىتىپ، سەگەك تۇتۇشنى بىلمەي، ئۆلۈك-تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا سان تولدۇرۇپ ياشاۋاتقان ئادەم قانداقمۇ ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىپ، لەززىتىنى تېپىپ تېتىيالىسۇن،−دەپتۇ.
    روھى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز كەيپىيات روھنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەممە مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە قاراش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ-دە، ئادەمنى نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر