سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىم خۇمارلىققا كۆچۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغۇرسىدا(غەي

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 01:48:05

سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىم خۇمارلىققا كۆچۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغۇرسىدامەدەنىيەت چۈشەنچىمىزنى جىددىي يېڭىلاپ، سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىم خۇمارلىققا كۆچۈش ۋە تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلى...

     



    سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىم خۇمارلىققا كۆچۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغۇرسىدا

     

    مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزنى جىددىي يېڭىلاپ، سەنئەتخۇمارلىقتىن ئىلىم خۇمارلىققا كۆچۈش ۋە تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى توغۇرسىدا


    بۇ ماقالەمنى مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئىلىم-پەن پا ئالىيەتچىسى، ھاياتلىق  ئىلمى ئالىمى مەرھۇم  ئابباس بورھان ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىغا بىغىشلايمەن
    غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

     


    تەبىئىي پەن تەبىئەتنىڭ تىلى. -گالىلېي 

    تەبىئىي پەن – ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىرخىل قورالى.-ماۋزېدوڭ

    پەن – تېخنىكا بىرىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى ۋە جىنى، پەن – تېخنىكىدىن ئايرىلغان مەدەنىيەت قۇرۇق ۋە ساختا مەدەنىيەتتۇر. - خاتىرەمدىن

    ئىلىم-پەن(تەبىئى پەن) ئادەم روھىنى جەسۇر قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئوبىكتىپ ئۇستازى.- بىرونۇ.

    دۈشمەندىنمۇ ئۆگۈنىش كېرەك ،پەقەت دۈشمەن بىلىملىك بولسىلا - گوركىي .

    ئىلىم-پەن خۇددى سىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋاغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ يوق يەر يوق. - ئىزىنخاۋۇر

    ئۆمۈر بويى تىۋىنىدىغان بىر نىشانىمىز بولسۇنكى، باشقا نىشانلىرىمىز شۇ چوڭ نىشانىمىز ئۈچۈن پەلەمپەيگە ئايلانسۇن.- ھېمىڭۋاي

     

    نېمىس پەيلاسوپى ھىنرى نىتېزى مۇنداق دەيدۇ:" ئويغۇتۇش تولىمۇ ئازابلىق ئىش، ئۇ ئويغاتقۇچىنىمۇ ،ئويغانغۇچىنىمۇ ئوخشاشلا بىئارام قىلىدۇ." مەن ئەشۇ ئازابقا چىداش بەدىلىگە ئەقلىي ئويغانغۇچى ۋە ئويغاتقۇچى بولۇپ ، بىلىم ئىراسىغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە يۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ئىنسان ئۈچۈن تۈرلۈك-تۈمەن بىلىملەر ئىچىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق ھەم ئەڭ مۇكەممەل بولمايۋاتقىنى دەل ئىنساننىڭ‹ئۆزى›-ئادەم ھەققىدىكى بىلىملەردۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى "ئۆزىنى بىلىش(تونۇش)" ؛ تالايلىغان كىتاب دۆۋىلىرىدىكى بارلىق بىلىملەردىن مۇھىم.  ئەمەلىيەتتە، كىم ۋە قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىي قىلىش ۋە ئىلگىرىلەشتە، ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بىرىنچى ۋەزىپە- دەل ئىنساننىڭ ئۆزىنى تونۇش ۋە بايقاشتىن ئىبارەت. ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ھېس قىلىش ئەڭ زور ئەقىل ۋە بىلىم. ۋاھالەنكى ئۇيغۇردىن ئىبارەت كلاسسىك بۇ قەۋم يېقىنقى زامانلاردىن بۇيان تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىزچىل ھالدا ئاق توچكا ھالىتىدە ياشاپ كەلدى. 

     

    تەبىئىي پەننى  ئومۇملاشتۇرۇش شۇنچىۋالا زۆرۈر بولغانلىقتىن دۆلەت مەخسۇس" (تەبىئىي) پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى" ماقۇللاش يولى بىلەن ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى،ئاپتونۇم رايۇنمۇ مەخسۇس پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى ماقۇللاپ يولغا قويدى.  بىراق بۇنداق قانۇن، نىزاملارنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولمايدۇ. مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى ۋە جېنى. مەدەنىيەتتىن ئىبارەت  بۇ روھ ۋە جان ئىلىم-پەن ئىددىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلغاندىلا ئاندىن قۇدىرەتلىك-كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ ۋە جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە تولۇپ تاشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانغا بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئەدەبىيات -سەنئەت بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىكى كېرەك.  ھازىر بىزنىڭ ئىلىمدارلىرىمىزدا مۇنداق ئىككى خىل كېسەل مەۋجۇت، ئۇنىڭ بىرى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىمىزدىكى ئىلىم-پەن ساۋاتسىزلىقى، ئىلىم قەھەتچىلىكى؛ يەنە بىرى تەبىئىي پەنچىلىرىمىزنىڭ تىلىدىكى كالۋالىق ۋە تەپەككۇردىكى ھۇرۇنلۇق. ئەدەبىيات -سەنئەتچىلىرىمىز تەبىئەت پەنلىرىگە ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ يازمىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرىدە بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن قەھەتچىلىكى تۈپەيلىدىن كىشىنىڭ ئىچى ئاغرىغۇدەك دەرىجىدە بىچچارە. ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى قورۇقتىن قۇرۇق تىل-يېزىق ئويۇنلىرى، قۇرۇق خىيال(بەلكىم بۇمۇ تەپەككۇرنىڭ  بىر قاتلىمى ياكى تۆۋەن سەۋىيىلىك بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئىلمىيلىق ۋە ئەقلىيلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن خام تەپەككۇر  ھېسابلانسا كېرەك) ۋە بىر قىسىم   قۇرۇق سۆز تىزمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەمگە ئازدۇر -كۆپتۇر بەدىئىي لەززەت ۋە لىرىك ھىس-تۇيغۇ ئاتا قىلىپ، روھى ھارغىنلىقلارنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولسىمۇ، بىراق ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتىنى سۇغۇرۇپ ئىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان يېڭى ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك، كۆپ قاتلاملىق ئەقلىي تەپەككۇر ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا، ئىجادىيىتىگە يېڭى ئوزۇق ياكى خۇرۇچ ئاتا قىلالايدىغان ،ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەرنىڭ  تولىمۇ كەمچىللىكى تەنقىدچىلەرنىڭ‹‹جۇڭگونىڭ ئادىبىياتى ــــ ئەخلەت ئەدەبىيات›› دىيىشلىرى قىلچىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى  ھىس قىلدۇرىدۇ. بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ‹‹ئادىل قازىسى›› يالقۇن روزى ئەپەندىم ئۇيغۇرىمىزدىكى بۇ‹‹ئەخلەت ئەدەبىيات›› ۋە ‹‹پاخال ماقالىلار››لارغا  قاراتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىلمىي تەنقىتنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۆزىدە  بولسا تۈزۈتۈش، بولمىسا ساقلىنىش ئورنىغا  ،ئۆكتە قوپۇپ كوتۇلدايدىغان توكراڭ ھەۋەسكار ۋە بىلىمسىز‹‹يازار››لارمۇ ئاز ئەمەس. تەبىئەت پەنلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلىمدارلىرىمىزدا بولسا ئەتىدىن كەچكىچە ئۇنۋان ۋە ئىش ئورنى رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى-بۇنى جىجىلاپ،تۆۋەن سەۋىيەلىك تەكرار ئەمىگەك قىلىپ، يادرولۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە  ئېلان قىلىش كويىدىلا بولۇپ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك  پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سەمىيمىلىك بىلەن باش قاتۇرۇشقا ۋاقتى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئادىمىيەت ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى تەلقىن قىلىنىدىغان<<مۇنبەر>> ،<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەنىۋىي مەدەنىيەت ژۇرناللىرىنى ئوقۇشقا رايى يوق . ئېزىپ- تېزىپ بىرەر نۆۋەت ئانا تىلدا نۇتۇق سۆزلىمەك ياكى ماقالە يېزىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ، قوناق ئۇنىدا لەڭمەن بولمىغاندەك گەپلىرى قولاشمىغان، ئورىگىنال ياكى كومپيۇتېردىن ئايرىلسا توك تۇتۇپ گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي، "پەنگوشى" دەك كېكەچلەيدىكى، ھەتتا خاتا سۆزلەپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئېغىرلىقى كىشىنى ئچېندرۇرىدۇ. ھەر خىل ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئەسەرلەردە ئىدىۋىيلىك تولىمۇ كەمچىل ، ئىدىۋىي سىجىللىق ۋە تاكاممۇللۇق يوق دىيەرلىك، ھەتتا بەزى  سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ زادى نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولمايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش دىگەنلەردىن سۆز ئىچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.

     

    نەشىر ئەپكارلىرىمىزدا بىلىم قەھەتچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەسەرلەردە بىلىمچانلىق كەمچىل، كىشىگە ھەقىقىي مەنىۋى ئوزۇق ۋە روھى ئىلھام بولالايدىغان ئەسەرلەر بەكمۇ ئاز  دېيەرلىك. بەزى ئەسەرلەردە بىلىم بار دىيىلسىمۇ، تەكرار تۆۋەن سەۋىيەلىك،ئاللىبۇرۇن ئومۇمىي ساۋاتقا ئايلىنىپ بولغان ئەسەرلەر كۆپ. 21- ئەسىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، يەنى بارلىق تەرەققىيات بىلىم ۋە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشىدىغان زامان. ھالبۇكى بىزنىڭ  ئەدىب  -يازغۇچىلىرىمىزدا پەن تېخنىكا ئېڭى  ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە بولغان ئىنتىلىش، روھى يوق دېيەرلىك بولغانلىقتىن ئۇلاردا تەبىئەت ھەققىدىكى بىلىمى تولىمۇ يۈزەكى. يەنە بىر قىسىم ئەدىب، سەنئەتكارلىرىمىز ، جۈملىدىن ئادىمىيەت پەنلىرىدە بىر قەدەر چوڭقۇر ھەم سىستېمىلىق ئىلمى بار ، مۇنەۋۋەر ھىساپلىنىدىغان ئىلىمدارلىرىمىزدا بولسا تەبىئەت پەنلىرىدىن قىلچە ئاساسى بولمىغانلىقتىن پىكىرلىرى چوڭقۇر ئەمەس، تەپەككۇرلىرىنىڭ ۋەزنى يوق، سەۋىيەسى تۆۋەن،پىكىرلەردە ئالەملىك نەزەر، دۇنياۋىي سەۋىيەيوق. بار دىيىلسىمۇ دەۋىرنىڭ كەينىدە قالغان، ھەتتا بەزى پىكىرلىرى تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە مۇخالىپ كىلىپ قالىدىغان ئەھۋالارمۇ مەۋجۇت. يەنە بىر قىسىم دەۋىر ۋە جەمئىيەتتىن ۋايساپ ئۆتىدىغان زىيالىلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇنداقتا، زىيالىيلارنى ئەرزىمەس ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان سەۋەب نەدە؟ئەجەبا دۆلەت زىيالىلارغا ئەھمىيەت بەرمىدىمۇ؟ جەمئىيەت ۋە مىللەت زىيالىيلارنى ئەرزىمەس ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ؟ ئۇلارغا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدىمۇ؟جاۋاب ئۇنداق ئەمەس.ئەمىلىيەتتە، مەسىلە ئۇلارنىڭ ئۆزىدە.كىم ئۇلارنى نابابلىق،جانباقتىلىق يولىنى تۇتۇپ،ئۆزىنىڭ تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا  قىلىپ، دۆلەت ،جەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي تۆھپە قوشماي ئۆتسۇن دەپتىكەن؟!

     

    بىلىشىمىز لازىمكى، "ناخشا-ئۇسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز بولسىمۇ ھەرگىز بارلىقىمىز ئەمەس."  چۈنكى، شېئىر-قوشاق ،ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز بىلەن ئاسايىشلىق، بەختىيار تۇرمۇشنى، تەرەققىياتىنى تەسۋىرلىگىلى، مەدھيەلىگىلى بولسىمۇ، ھەرگىز ئۇنىڭغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. دېمەك، ناخشا-ئۇسۇل بىلەن قورساق تويمايدۇ، تەرەققىياتقىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر يولى ،  قانداق ياشاشنى، ئىجات ئىختىرا قىلىشنى بىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، ئەقلى پاك، دىلى ھۆر ، زاماندار ئادەملەرگە تايىنىش،ئۇلار ئارقىلىقلاتەرەققىياتقا ئېرىشىشتۇر. بىر پەقەت شۇندىلا يېڭىدىن يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلەيمىز ۋە ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايمىز.   "يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ جىنى."،" تارىخ بېتىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئومۇمەن تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەن ئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس." بۈگۈنكى دەۋردە بىزگە ئەڭ جىددىي كېرەك بولۇۋاتقان ۋە ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە- قانداقتۇر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈدەك بىرقانچە پارچە كاتتا ئەدەبىي ئەسەر ۋە ياكى 12مۇقامىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن نادىر سەنئەت ئىجادىيەتلىرى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل مىللەتكە ئىختىراۋىي تەپەككۇر تەربىيىسى بېرىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرپ، بىر مەيدان تەپەككۇر  ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، ئەقلىي جەھەتتىن ئويغۇنۇش، ئىدىيە- ئىستىلىمىزنى تەپتىش قىلىپ، روھىمىزنى تەمىزلەپ(مەنىۋىيىتىمزنى تازىلاش ئارقىلىق پاكلاپ – ساپلاشتۇرۇپ)؛ چىن مەنىدىكى بىر مەيدان ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ئىنقىلابى ياكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى(مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەركىتى) قوزغاپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىجات-ئىقتىرا كۈچىنى ھەقىقى ئۇرغۇتۇش؛ ئەدەبىيات -سەنئەتخۇمارلىق ۋە قوشاقچىلىقتىن  تەبىئىي پەن تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ،تەبىئىي پەن ئۆگىنىشكە يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت. تەبىئى پەن بىلىملىرىنى بىلمەسلىك ۋە ئۆگەنمەسلىكنى نومۇس،ئۇنى ئۆگۈنىشنى شەرەپ دەپ تونۇيدىغان؛ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشنى بىر خىل مەدەنىيەت  تەرىقىسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش؛ بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ،جۈملىدىن ئۆزىنى مۇشۇ ئاۋامنىڭ ئەزاسى دەپ قارايدىغان ھەر قانداق بىر ئىلىمدارلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدغىان مۇقەددەس بۇرچى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى.

     

    خەلقىمىزنىڭ تەبىئىي پەنلەردە ئاق توچكا، تۆھپىسىز بولۇشىنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىلىم – پەن تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى، بىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىمىز ئىتنوگىراپىيەلىك(ئىپتىدائىي) ھالەتتە بولۇپ، مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزدىكى پەن-تېخنىكا ئېڭى ۋە ئۇنىڭ سالمىقىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىدا. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىدىۋىي تونۇش جەھەتتىكى مۈجىمەللىكمۇ مەۋجۇت ؛ يەنە بىرى، زىيالىي(ئىلىمدار) لىمىزنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ سۇسلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنى ئادەتتىكى ئاۋامدىن كۆرۈشكە ھەققىمىز يوق.

     

    تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، دىن ۋە پەلسەپىدىن ھەقىقى ئايرىلىپ چىققان تەبىئى پەن سىستېمىسى، ئىلىم-پەن ئىدىيىسى دەسلەپكى ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى شەكىللەنگىلى ئاران 500 يىلچە ۋاقىت بولدى، بىراق بۇ جەرياندا قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت ھىساپلىنىدىغان ئۇيغۇر قەۋمى ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ساھەسىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى بىر ئىلغار ئىستېمالچىمۇ بولالماي قۇيرۇق چۆرۈگۈچى بولۇپ  كەلدى.

     

    ئالايلۇق، تېخى 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلىم-پەن تارىخدىكى تەڭداشسىز زۇلمەتلىك كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى رىمدىكى گۈللۈك مەيداندا بىرونۇ كۆيدۈرىلگەنىدى. ئارىدىن289يىل ئۆتكەندە(1889-يىلى6-ئاينىڭ9-كۈنى) ئاندىن بۇ ئىلىم-پەن ھەقىتىنى قوغداش يولىدا بىئەجەل ئۆلگەن بۇ قەھرىماننىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ، ئۇ ئۆلگەن كۈننى ئۇنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويۇپ خاتىرلەشكە ئۆزگەرتىلدى.

     

    14- 16- ئەسىر ياۋروپا مەدەنىيەت سەنئەت گۈللىنىش ھەرىكىتى يېقىنقى زامان پەن – تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بولسا، كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز» تەلىماتى ئىلىم – پەننىڭ دىندىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ، يېقىنقى زامان ئىلىم پەننى ئاپىرىدە قىلدى.

     

    17- ئەسىرىدە، گالىلىينىڭ ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى،كېپلېرنىڭ «يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنى» ئاساسىدىكى نيۇتون كىسلاسسىك مېخانىكا سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىلىم – پەن نەزەرىيىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك ئۇنۋىرساللاشتۇردى.

     

    يېقىنقى زامان ئىلىم – پېنىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ بىلىم سىستېمىسىنى ئۆزگەرتتى. قوللىنىشچان تېخنىكا پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن18- ئەسىردە بولسا1764-يىلدىكى جىننىي توقۇمۇچىلىق ماشىنىسى، 1782-يىلدىكى ۋاتنىڭ ئۇنۋىرسال  ھور (پار) ماشىنىسى ۋەكىللىكىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلابى يۈز بەردى.

     

    19- ئەسىردە بولسا ئېلېكتر ماگنىت مەيدان نەزەرىيىسىنى تەتبىقلاش مۇھىم بەلگە قىلىنغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك تېخنىكا ئىنقىلابى مەيدانغا كەلدى. قەتئى مەنىدىكى ھەقىقى ئىلىم-پەن دەۋرى دەل مۇشۇ ئەسىردىن باشلاندى دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىردە بىر تالاي ئىلىم-پەن نەزەرىيەلىرى شەكىللەندى ۋە تەرەققى قىلدى.

     

    20- ئەسىرنىڭ (1905- 1915- يىللىرى) باشلىرى ئېينىشتېين تار ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماكان، زامان ۋە ماددا ھەرىكەت ئوتتۇرىسىكى ئىچكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ماكان، زامان قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن بولسا؛ (1900-1928- يىللىرى) پلانك كۋانت نەزىرىسىنى ئىجات قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ مىكرو دۇنيادىكى ئالاھىدە ھەركەتلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىچىپ بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىنى ئىچىپ نەزەر دائىرىسىنى ماكرو ئالەمدىن مىكرو دۇنياغا باشلاپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن نىسپىيلىك(تاناسىپ) نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مىخانىكىسىدەك ئۇلۇغ بايقاشلار  20- ئەسىرنىڭ ئىلىم- پەن تارىخىغا غايەت زور ئاساس سالدى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئالەملىك چوڭ پارتلاش مودېلى، ماددا تۈزۈلۈشىنىڭ كۋارك مودېلى، يەر شارىنىڭ قۇرۇلما مودېلى، DNAقوش بۇرمىلىق مودېلى قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيىلەرنىڭ ئىجات قىلىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ نەزەرىيە دائىرىسى ۋە ئەقىل كۆزىنى ئالەم، ماكرو ۋە مىكرو ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ  مەدەنىيەت پاراۋوزنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان غايەت زور قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.

     

    21- ئەسىردە بولسا ھاياتلىق ئىلمى سەركىلىكىدىكى يەنە يىڭى بىر نۆۋەتلىك ئىلىم- پەن ئىنقىلابى ئۈنسىز داۋام ئەتمەكتە. ئۇنىڭ ئالدىنقى فرونتى ۋە پاراۋوزى دەل ھاياتلىق ئىلمى ساھەسى بولۇپ، ئۇنىڭغا كومپيۇتېر ئۆچۈر تېخنىكىسى، يىڭى ماتېرىياللار تېخنىكىسى، نانومېتىر تېخنىكىسى، دېڭىز – ئوكيان تېخنىكىسى، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت، بوشلۇق پەن – تېخنىكىلىرى جور بولۇپ، بىر پۈتۈن يۇقىرى يېڭى تېخنىكا توپى ۋە يىڭى كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.  ئەمما بىز يەنىلا ئاتالمىش ناخشا -قوشاقلىرىمىز ۋە داپ-دۇمباقلىرىمىز بىلەن مەستخۇش بولۇپ يېڭى ئىراغا تۆھپىسىزلا كىرىپ كەلدۇق ھەم غەپلەتتە ياتماقتىمىز. خەلقىمىز ناخشا -ئۇسسۇلغا شۇنچىۋالا ھىرىسمەنكى، ناۋادا شارۇنخان، يۇلتۇز ئوسمانىۋا ۋە ياكى ئابدىكېرەم ئابلىز خەلق سارىيىدا ناخشا ،سۆز ئويىنى قويدىكەن دىسە، يۈز سومغا بىلەت ئىلىپ، يەنە يۈز سومغا گۈل ئىلىپ بىر ھەپتە بۇرۇن ئىشتەي ساقلايدىغان ئۇيغۇرنىڭ  ئېينىشتىيىن ياكى ياڭ جىڭنىڭ كىلىپ ھەقسىز ئىلمىي دوكىلات بېرىدىكەن دىسە، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  بىكار تۇرۇپمۇ بارغىلى خوش ياقمايدىغان ھەلەتتىدۇر.

     

    تەبىئىەت تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى، تەبئى پەن  ئۇنىڭ بىرنىچى تىلى. ئىلىم-پەن(جۈملىدىن تەبىئىي پەن) بارلىق بىلىمنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئالاھىدە بىر خىل تەپەككۇر قورالى. بۇ خىل تەپەككۇر قورالى ئەستايىدىللىق بىلەن گۇمانلىنىش ۋە يېڭى ئىدىيە، يېڭى شەيئىلەرگە قارىتا ئىچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزىگە خاراكتېرلىگەن. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى ھەممە ساھە ئىلىم-پەنگە خۇددى بارلىق جانلىقلار ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك مۇتلەق ئېھتىياجلىق. ئىلىم – پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولۇپ، ئىلىم – پەن ئىگىلەش ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى. ئىلىم ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئىزدەش سەپىرىدىكى ئادەمدىكى ئىلاھى خۇسۇسىيەتنى نۇرلاندۇرىدىغان بىردىن بىر قورال. كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا  ئوخشاش بىر قۇياش نۇرىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، ئىلىم – پەن ئالدىدا ھەممە ئادەم باب باراۋەر. شۇنداقلا، ھەممە ئادەمنىڭ ئىلىم-پەن ئىگىلەش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئۆزىنى ئىلىمدار چاغلايدىغان ھەر قانداق ئىلىم-ئەھلى(بىلگىن) ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە پەن-تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاڭلىق -تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش  ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ۋە ۋىجدانى بۇرچى. بۇ ئەقەللىي ئۆلچەمگە يەتمىگەن ھەر قانداق كىشى قانچىلىك بىلىم ئىگىسى(ئىلىمدار) بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنى بىر لاياقەتلىك ئالىم-مەتەخەسىس دېيىشكە لايىق ئەمەس.

     

    شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدۇكى، مەكتەپلەر "ھەممىدە ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش" تا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مائارىپ ئىدىيىسى، ئەندىزىسى، تۈزۈم،  مېخانىزم، ئۇسۇل، مەزمۇن، شەكىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تەلتۆكۈس يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچى– ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي (تەبىئىي، ساپ يېشىل، زىيانسىز يېمەكلىكلەر بىلەن) مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش؛ قانغۇچە ئۇخلاپ يېتەرلىك ئارام ئىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش؛ سەمىمىي ئەمىلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتۇش ئىلپ بېرىش؛ تەبىئىي پەنلەر ئوقۇتۇشى ۋە پەن تەتقىقاتقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى بوشاشتۇرماي باشتىن – ئاخىر ئىزچىل ئىلىپ بارىدىغان بولساق، نوبېل مۇكاپاتى ئۇزاققا بارمىغان يېقىن كەلگۈسىدە بىز جۇڭگولۇقلارغا تەبەسسۇم بىلەن قۇچاق ئاچقۇسى.

     

    تەبىئى پەن ئاساسى بولمىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەقىقى مۇكەممەل بىر ئالىم، جۈملىدىن ھەقىقى بىر لاياقەتلىك پەيلاسوپ بولالىشى مۈمكىن ئەمەس. بۇ يەردە تىلغا ئىلىنىۋاتقان  ئىلىمدار(تالانت، بىلگىنلەر، زىيالى) دېگەنلەر قانداقتۇر بىرخىل ئىلىمنى بىلسە يەنە بىر پەنگە  چولتا "يەكپاي ئىقتىساسلىقلار(تالانت)"نى كۆزدە تۇتماستىن، ئادىمىيەت پەنلىرى خادىمى بولسا تەبىئەت پەنلىرى، تەبىئەت دىئالېكتىكىسى، تەبىئەت پەلسەپىسى، تەبىئىي پەن مېتودىكىسى ۋە ئەڭ ئاساسلىق تەبىئىي پەن بىلىملىرىدىن جەزمەن خەۋەردار بولغان؛ تەبىئەت پەنلىرى خادىمى بولسا پەلسەپە ۋە  ئانا تىل مەدەنىيىتىنى جەزمەن بىلىدىغان، قوش قاتلاملىق، قوش تىللىق، كۆپ قىرلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە،  مول بىلىم، چوڭقۇر پىكىرلىك  زاماندار ئىختىراۋىي ئىنسان بولۇشى لازىم. ئىتالىيەلىك مەشھۇر رەسسام داۋىنچى ئۆز نۆۋىتىدە فىزىك ،بىئولوگ ھەم ئېنژىنېر ، شۇنىڭ سەۋەبتىن ئۇنىڭ"مۇنالىزا"،"ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا" قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىنسانىيەت سەنئەت بايلىقى بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئەسەرلىرىمۇ شۇنچە ئەتىۋالانماقتا. ئىبىنسىنا شائىر ،شۇنداقلا تەبىئى پەن ئالىمى. ئۇنىڭ شىئىرلىرى  شۇ دەرىجىدە پاسائەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مىدىتسىنا ،ئاستىرنومىيە قاتارلىق پەن ساھەسىدىكى ئەسەرلىرىمۇ ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىدا پارلاق نۇر چىچىپ تۇرماقتا. ھەممىگە تونۇش فرانسىلىيلىك پەيلاسوپ Descartes(دكارت) ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ بىر ماتېماتېكا ئالىمى، تىبابەت ئۇستىسى. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تەبىئى پەنلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ ئوقۇغان، شۇڭا ئۇ ئانالىز گېئومېتىرۇىسنى بەرپا قىلىپ،ماتېماتېكىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، يۈرەك چىرتويۇزىنى سىزىپ چىققان.  ئۇندىن كىيىن دكارت <<پەلسەپە پىرنىسىپلىرى>>نى  يېزىپ ئۆزىگە خاس يېڭى پەلسەپەنىڭ بايراقدارى بولالىغان. مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جامىس جۇيىس بىر قانچە ئۇنۋىرسىتىتلاردا تەبىئى پەن ئۆگەنگەن مۇنەۋۋەر تەبىئى پەن مۇتەخەسىسى ئىدى. لۇشۈن ئەسلى ھاياتلىق ھەم مىدىتسىنا ئۇستىسى ئىدى، بىراق ئۇ تەندىكى كېسەلنى داۋالاشتىن روھنى داۋالاشقا كۆچكەن.شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھى كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئۆزگىچە ئاپۇراتسىيە پىچىقى بولالىغان. شائىر ھۈسىيىنخان تەجەللى ئۆز زامانىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ئىلىم مەركەزلىرىدە 20يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىملىي نۇجۇم، مىدىتسىنا ۋە بىئو-خىمىيە قاتارلىق تەبىئى پەنلەردىن يۇقىرى مەلۇماتلىق ئالىم ئىدى. ئابدشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەسلى خېمىيە ئىلمى بويىچە تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئەدىب، پەيلاسوپلۇق يولىغا ماڭغان بولغاچقا دۇنياغا تونۇلغان نۇرانە ئالىم پەيلاسوپ بولالىغان. ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابى تەبىئەت دەپ قاراپ، تەبىئى پەن بىلىملىرىنى تېنىمسىز ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تەبىئى پەن پۇرىقى ئىنتايىن قويۇق ، بىلىمچانلىقى باشقا ھەر قانداق ئىجتىمائى پەن ئەسەرلىرىدىن كۈچلۈك ، تەپەككۇرى تەبىئەتنى ھاسىل قىلىپ تۇرغان تۆرت تادۇ بويىچە ئەركىن. ئۇنىڭ خاس پەلسەپىۋىي ئەسەرلىرىدىمۇ"سېنتىزلاش"دىگەندەك بىئو خىمىيىلىك تېرمىنلارنى ھەر ۋاقىت ئۇچۇرتىمىز.  بۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار نۇرغۇن. دىمەك، مۇكەممەل ئىلىم-پەن ساھىبى جەزمەن پەنلەر چىگىرىسىنى بۆسۈپ تاشلاپ ئەتراپلىق يىتىلگەندىلا ئىنسانىيەتكە ھەقىقى ئۆلمەس بايلىقلارنى يارىتالايدۇ.

     

    ئالىملىق قىلىش  ئۇ بىر ئالى ھەم مۇقەددەس ئىشتۇر، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالىملىق قىلىش ئەمەس، ئالىمنىڭ <<چاپىنىنى كۆتۈرۈش>>مۇ ئوخشاشلا شەرەپ ۋە بەخت. يەھۇدىلار ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغاندا، بۇ دۆلەتنى قۇرۇشنى پىلانلغان سىياسىيونلا، قان كىچىپ جەڭ قىلغان سەركەردە -سەرۋازلار ۋە پۈتۈن يەھۇدى خەلقى ئېينىشتىيېننى تۇنجى نۆۋەتلىك زوڭتۇڭ بولۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئالىمنى چوڭ بىلىپ،ئۇلۇغلىغىنىدىن  ئىدى.  بىراق ئېينىشتىيېن رەت قىلدى، سەۋەبى ئېينىشتىيېن ئۆزىنىڭ ئالىملىقىنى بىر دۆلەتنىڭ زوڭتۇڭلىقىدىن ئەلا بىلەتتى. بىراق، كۈنىمىزدە ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ قىممىتىنى تونۇمايدىغان،نانباي(جانباقتى)، ئەبگا  ،ساقتى ئىلىمدارلار، جۈملىدىن ئۆز كەسپىنى سۆيمەيدىغان ، ئىش ئورنىنى قەدىرلىمەيدىغان، تۈرلۈك ماددىي مەئىشەتلەر، نام-ئاتاق، قۇرۇق شۆھرەت ۋە زىغىردەك ئەمەللەرنى چوڭ بىلىپ، ئۆز كەسپىدىن ۋاز كچىپ ، ماددىي مەنپەئەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتقان ئىلىمدارلىرىمىز كۆپۈيىپ قالماقتا. مىنىڭچە ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىنى پۇختا قىلىشى، نىمە بولسا تۈزۈك بولىشى، كەسپىنى سۆيۈپ ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، كەسپىگە سەمىمى سادىق بولۇپ، جان پىداكارلىق بىلەن ئۆزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئادىمى مىزانى ، ھاياتى ئىزدىنىشى ۋە ئەخلاقى پەزىلەت ئۆلچىمى قىلىشلىرى لازىم. ئەقەللىيسى كىم نىمېنى ئەڭ قىزغىن سۆيسە  ۋە نىمېنى ئەڭ ياخشى قىلالىسا شۇنى قىلىشى كېرەك.  ھەر قايسى كەسىپ ۋە پەن ساھەلىرىدە بارلىق ئىلىمدارلاردا ئىدىيۋىي ئۆملۈك، دىل بىرلىكى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.  پۇرسەت ۋە رىقابەت بىلەن تولۇپ تاشقان كۈنىمىزدە،  بىلىم ۋە تالانت ئىگىلىرى بارغانسېرى  بىر  دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە ۋە ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولالمىغان ھەر قانداق ئادەم چوقۇمكى بىر ياخشى ئالىم بولالمايدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ھەر قانچە توم -توم كىتابلارنى ئوقۇغان  ۋە تاغدەك بىلىمى بولغان بىلەنمۇ بىكار، ئۇنداقلارنىڭ قولىدىن ھەرگۈز بۈيۈك -چوڭ ئىشلار كەلمەيدۇ. بىلىم، پەقەتلا ئەخلاقىي مىزانغا تويۇنغان بىلىملا  ئادەمنى ئەركىن ۋە ئۇلۇغ ئىنسانغا ئايلاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  بىر ياخشى ئالىم بولۇش ئۈچۈن  ئىلىمگە ھېرىسمەن؛ ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا خالىس كۈچ سەرپ قىلىش؛ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بولغاندىن تاشقىرى، يەنە باشقىلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ-ھەمكارلىشىقا، ماھىر بولىشلىرى لازىم.  بۇ جەھەتتە 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىىدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى، مەشھۇر ئالىم ،يېڭى مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ سەركىسى ئابدىقادىر داموللام ئىلىمدارلارنىڭ ئىتتىپاقلىشى لازىملىقىنى كۆپ تەكىتلىگەنەنىدى. ئابباس بورھان پەن-تېىنىكا خادىملىرىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ،ئەقلىي ئويغۇنۇش ،قەلب ھۆرلۈكى، دىل بىرلىكى ۋە ئىدىۋىي ئۆمۈلككە  يىتەكلەشنىڭ بايراقدارى بولغان بولسا، ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى  تالانتشۇناسلىق ۋە ياشاش سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىردە ئىنساننىڭ ئۆزىنى بايقاش ۋە قايتا قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ  دەسلەپكى باسقۇچى بولغان‹‹ئۆزلۈك›› بوسۇغىلىرىدىن دىلى بىر، ئىدىيەسى ئۆم، ئەقلىي ھۆر ،ئىجاتچان تەپەككۇرلۇق‹‹ئۆگلۈك››مەنزىلىگە يىتىش ئۈچۈن مەنىۋىي ماياك بولغان بولسىمۇ  ئۇنى ئادەتتىكى ئاۋام ئەمەس، ئالى بىلىم يۇرتلىرىدىكى يۇقىرى قاتلام زېيالىرىمۇ تونۇپ يىتەلمەيۋاتماقتا. جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە تۇنجى يىتىشىپ چىقىۋاتقان تىرەن پىكىرلىك دوكتورىمىز زۇلپىقار ئەلى بارات ئۆز باش  ئىلىم سەرخىللىرىنىڭ ئىناق ئىتتىپاقلىقى، ئۆملۈك ۋە ھەمكارلىققا  ھەقىقى ئەھمىيەت بىرىش، ئەبجەش كىملىكتىن ئۆزلۈكنى بايقاپ ئۆگلۈككە ئۆتۈشكە يېڭى جارچىلىرىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن زىيەلىيلاردىكى پاراسەتسىزلىك،ئىلىمسىزلىك،چۈشكۈنلىك، ئىناقسىزلىق، ئىلمىي ئىستىل،ئىلمىي موتود جەھەتلەردىكى نۇقسانلارنى دادىل قامچىلاپ، بۇ ھەقتە ئىنتېرنېت ۋە ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتتى››دە بىر قانچە نادىر ماقالىلەرنى يېزىپ ئۇيغۇر زېيالىرىنى ئىلمىي ئىندوكسىيەلەش ئۈچۈن تىىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇنى ئالقىشلاپ پائال ئاۋاز قوشۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە بەزىلەرنىڭ ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى مۇقاملارنى توۋىلاپ ماقالە يېزىشلىرى تولىمۇ كۈلكىلىك. پۈتكۈل جەمئىيەت، تەبىئەت پەنلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلىم-پەن ۋە ئىلىمدارلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلمىگەن، ئۇنلارغا ھەسەت غەيۋەت قىلىدىغان،شېكەردەك تاتلىق سۆزلىرى بىلەن ھەممە دىللارنى ئىللىتىپ،ئىناقلىق مارشىنى ياڭرىتىش ئورنىغا چاياندەك بىر-بىرىنى چاياندەك‹‹چاقىدىغان›› ئەلنى يەر شارىدىكى ئەڭ نادان-ھاماقەت قەۋم دىمەي تۇرالمايمىز  ۋە بۇنداق قەۋملەرنىڭ مەڭگۈ روناق تاپالمايدىغانلىقى جاھان  ئەھلى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئورتاق تونۇشقا ئايلانغان مۇنازىرسىز پاكىت. بۇ يەردە شۇنداق بىر چۇقان  سىلىشقا تىگىشلىككى ، ئاۋام-خەلقمۇ سەنئەتكارىغا  ئۆلگىدەك چوقۇنۇش، تەبىئىي پەن  ۋە پەلسەپە-ئىجتىمائى پەن ئالىملىرىنى چوڭ بىلمەسلىك، ئۇلارغا ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرگە بىلدۈرگەندەك ئىززەت -ھۆرمەت بىلدۈرمەسلىككە ئوخشىغان پاراسەتسىزلىك ۋە باراۋەرسىز مۇئامىلەرگە خاتىمە بېرىشى؛ سەنئەتخۇمار مىللەتتىن، ئىلىمخۇمار  زامانىۋى پەن-تېخنىكا مىللىتى بولۇشقا ۋە يەنە  ھىسياتپەرەس جىسمانىي مىللەتتىن پاراسەتلىك، جۈملىدىن پەلسەپىۋى ۋە تەبىئەت پەنلىرىنى بىلىدىغان ئەقلىي مىللەت بولۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشى لازىم. مانا بۇ مەركەزنىڭ" مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىختىراۋىي دۆلەت قۇرۇش"تىن ئىبارەت چاقىرىقىنىڭ تۈپكى تەلىپىلا بولۇپ قالماستىن، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە يەرشارىلىشىش  شارائىتىدىكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ جىددىي تەقەززاسى ۋە مۇنەۋۋەر ئۆگلۈك يولىنى تۇتقان ھەر قانداق  ئىنساننىڭ ۋىجدانى قەرزى ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. بۇجەھەتتە ئاۋامنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەسئۇلىيەتچان ئۇستاز، مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلەش كۈچىگە ئىگە ئەدىب ، پروفېسسور ئابدىقادىرجالالىدىن ئەپەندىممۇ  زىيالىرىمىزنى ئىلىمىي ئىناقلىق-ھەمكارلىققا ئۈندەپلا قالماستىن، ئەدىبىيات-سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ تەبىئەت پەنلىرى  ۋە پەلسەپىنى تىرىشىپ ئۆگۈنىپ ئېينىشتىيىندەك تەبىئەت ئالىمى، ئارىستوتىلدەل پەيلاسوپ ۋە لۇشۈندەك ئەدىب بولالمىغان تەقدىردىمۇ، ھىچ بولمىغاندا بۇ 3نى سەرخللاشتۇرپ سېنتىزلاشتىن پۈتىلگەن‹‹زاتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىلىمدار››لاردىن بولۇشقا كۆپ دەۋەت قىلىپ، ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئۆلگە بولۇپ كەلدى.  بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىلىمنى بىلمەسلىكى گۇناھ ئەمەس، بىراق ئۆگەنمەسلىك نومۇس ۋە يارىماسلىق، زېمىنغا يۈك، دۆلەت ۋە خەلققە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىلىمنىڭ ھەققى -ھۆرمىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئىلىمدارلار ئىتتىپاقلىشايلى! ئۆگىنەيلى، ئۆگىتەيلى، ئىجات-ئىخـىرا قىلايلى، يېڭىلىق يارىتايلى!  ئورتاق تىرىشچانلىق بىزنى ئىلىم-پەن تارىخىدا نۇرانە مەنزىلگە يەتكۈزگۈسى. ھەق گەپ قىلىپ سەمىمىي ئىشلەيلى، ئىلىم پەن ھەقىققەتلىرى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەيلى، بۇ بىزنىڭ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىپ سىجىل تەرەققىي قىلىشىمىز ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىزغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ. نەق گەپ قىلىش، ھەق سۆزلەش، ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىغىنى بىغىشلاش،ئۆزى ئېرىشكەن ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرى ۋە بىلىملەرنى جەمئىيەتكە خالىسانە ئومۇملاشتۇرۇش ھەر قانداق بىر ئىلىمدارنىڭ مۇقەددەس ئىجتىمائى مەسئۇلىيىتى ۋە ۋىجدانى بۇرچى. ئىلىم-پەننىڭ بۈگۈنى تالايلىغان ئىلىمدارلارنىڭ ساناقسىز بەدەللىرى ۋە ھاياتىنى دەسمايە قىلىپ، ئاز بولمىغان يۈرەك قېنىنى تۆھپە قىلغانلىقىدىن كەلگەن ؛ بىرونۇنى كۆيدۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا ئۆز قارىشىدىن ۋاز كەچسە ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندا، ئۇ ئۆلۈم ئالدىدا قىلچە ئىككىلەنمەستىن "بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۇنى ئۇلۇغ ئىنسانغا ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈم قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. (ئىلىم-پەن)ھەقىقەتلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خوشاللىق." دەپ، شەرەپ بىلەن ئۆلۈمنى تاللىغانىدى. ئاتوم پىشىۋاسى، ئىلىمىزنىڭ پەخرلىك ئالىمى مەرھۇم چىيەن شۆسېن ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىدىن قورۇقماي ئامىرىكىدىكى ئالاھىدە شەرت-شارائىت ۋە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، ئەڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ۋەتەنگە قايتىپ كلىپ يېڭى جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ئىشىلىرىغا ئۆزىنى بىغىشلىغانىدى. نوبېل مۇكاپات ساھىبى مەشھۇر نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ياڭ جىڭنىڭ ئەپەندىم توققۇزى تەل غەمغۇسۇسىز ئادەم، بىراق ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ،80نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇقمۇ ئىلىمىز ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تالانتلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش ، ئىلىم-پەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. شىنجاڭلىق ئايال ئاكادىمىك ۋۇمىڭجۇ خانىم 80ياشقى يىقىنلاپ قالغىنىغا قارىماي،تۇرپان –پىچان، سانجىلاردىكىق قاقاس ئىتىزلىقلاردا قوغۇن-تاۋۇز ئۇرۇقى يىتىشتۈرۈش ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سىپىدە  تەر تۆكمەكتە.  غۇلجىنىڭ دادامتۇ دىگەن سەھراسىدىن پىنسىيىگە چىققان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى قاسىم سىدىق (ئەسلى ئۇ تالانتلىق ئەدىب ئىدى) ئاجىز جىنىنى بېقىپ ئۇزۇنراق ياشاش  كويىدا بولماي، پەن تەتقىقات يولىدا گادايلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپ، قۇرۇق نان غاجاپ، دۈم يىتىپ دۈم قوپۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىلمىي ئېتىقادى:" شەكىل نەزەرىيەسى" تەتقىقاتى ئۈچۈن، كۈتۈپخانا، كىتابخانىلاردا تىڭىرقاپ ،ئۈن تۈنسىز <<شەخسى تەتقىقات>>(ئەسلى ئۇ قىلىۋاتقان تەتقىقات پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان زور ئىلمىي نەزەرىيىۋىي سىستېمىغا تەۋە) بىلەن شۇغۇللانماقتا. بەس! ئەمدى تەسىرلەنمىگەن ، ئۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئالالمىغان كىشىلەرنى ئادەم دىگەندىن كۆرە ئادەمسىمان مەخلۇق دىگەن تۈزۈك. بىراق بۈگۈنكىدەك ئىلىم-پەنننىڭ راسا گۈللەنگەن ھۆر زاماندىمۇ <<گاچا>> بولۇپ قالغان، ھەر قاچان پەرۋاسىز ياشايدىغان، مەسئۇلىيەتسىز ئەبگا ئىلىمگەرلەر ئاز ئەمەس.  بۇنداق ئىستىل ئۇلاردىكى روھى مىتە بولۇپ، ئىلىم-پەندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ساھە ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قىلىنغان ھاقارەت. بۇنداق پاسىقلىق ئىنسانىيەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسىز. شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىش كېرەككى، ھەر قانداق بىر مىللەت توپىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىدە پەقەت چىن ئېتىقاد، ھۆر قەلىب، پاك ئەقىل، دىل بىرلىكى، ئىدىۋىي ئۆملۈك، مول بىلىم ۋە چىدام- شىجائەت بولغاندىلا ئاندىن ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

     

    سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن تەبىئىي پەنلەر بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى تام-توساقنى ئۆرۈپ تاشلاپ بۇ ئىككىسى  ئارىلىقىدىكى ئۆتكىلى بولماس ھاڭنى تىندۇرۇپ، چوڭ ئىلىم-پەن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، چوڭ پەن-تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسى(ئىتتىپاقى) قۇرۇپ چىقىپ ، پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ سىجىل تەرەققى قىلىش ئىسىتىراتىگىيەسىدە ئەبەدىي چىڭ تۇرايلى!

     

     ھۆرمەتلىك تەھرىر -مۈھەرر، پەزىلەتلىك ئوقۇرمەن،  بۇ،  ئەسلى يىقىندا تاماملىغان <<ھاياتلىق مەنبەسىنى ئىزدەش سەپىرى>> ناملىق كىتابىمنىڭ خاتىمىسىنىڭ بىر قىسم مەزمۇنى ئىدى. كىتاب نەشىردىن چىقىش ھارپىسىدا توساتتىن، مەرھۇم بىئولوگىيە ئالىمى ئىلىم-پەن تەشكىلاتچىسى ۋە پائالىيەتچىسى ئابباس بورھاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ قايغۇردۇم، ئەسلىدە ۋاقتىدا خەۋر تاپقان بولسام ، دەپىنە مۇراسىمىغا باراتتىم ھەم مەرھۇمغا ئاتاپ بىرەر مەرسىيە يازار ئىدىم(مۈمكىن بولسا كىيىن ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئەسلىمى يېزىش ئويۇم بار). لىكىن كېچىكىپ خەۋەر تاپتىم. تۇرۇپ ئويلاپ باقسام، مەرھۇم ئابباس بۇرھان  ئەپەندىم بىر ئۆمۈر تەبىئى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ئالىم ئىدى.  تېخى ئىككى ئاي ئىلگىرىلا مەرھۇمنى يوقلاپ ،مەرھۇم بىلەن تەبىئى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش،پەن-تېىنىكا يېزىقچىلىقى توغۇرسىدا پاراڭلاشقان  ئىدىم. شۇڭا بۇ ماقالەمنى مەرھۇمنىڭ روھى خوش بولۇپ قالغۇسى دەپ ئويلاپ،  مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنىڭ كارتىنىسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ جامائەتنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم،   بەلكىم  بۇمۇ ئۆزگىچىرەك بىر خىل ئەسلەش بولسا كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى مەھۇمنى بۇ خىل ئەسلەش شەكلى بەكلى تېرىكلىرىمىزنىڭ ئەقلىي ئويغۇنۇشىمىزغا، ئىلمىي ئىناقلىق،ئىلمىي ھايات مەدەنىي تۇرمۇش  بەرپا قىلىشىمىزغا ئاز تولا ياردىمى يېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دىگەن ئۈمىتتىمەن.

     

    مېنىڭچە، ئالىم بولۇش ئادەم بولۇشتىن كۆپ ئاسان. ھەق گەپ قىلىش،راستچىل، سەمىمىي ئادەم بولۇش، ئالىم بولۇشتىن كۆپ ئەۋزەل. قايسى بىرسى ئېيتقىنىدەك، ئەدەب ئەخلاق بىلەندۇر ئادەم زىننىتى، ئىلىم-ئىرپان بىلەندۇر ئۇنىڭ قىممىتى. ئابباس بۇرھان ئادىمىي پەزىلەت ۋە  ئىلىمى ئەخلاقى جەھەتتە ئۇنى تۇنجى كۆرگەن25يىلدىن بىرى  مەن ئۇچراتقان نوېبل مۇكاپات ساھىبى دوكتور ئابدىسالام، ياڭ جىڭنىڭ، تالايلىغان ئاكادىمىك ، دوكتور ۋە پاس دوكتور  قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار ئىچىدە  ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغانلىرى يوق دىسەم  قىلچە ئارتۇق كەتمەيدۇ. دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن چىئەن شۆسېن ئۇنىڭغا تولىمۇ قىزغىن ھەم ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلىدە بولسا، دوكتور ئابدىسالام ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلەن  مۇئامىلە قىلاتتى ۋە ئۇنى چوڭ بىلەتتى. شۇڭا دوكتور ئابدىسالام بىز قەدرىنى بىلىپ بولالماي ئالەمدىن  بىغۇبار كەتكەن شۇ ئالىمىز  ئابباس بورھاننىڭ  تەكلىۋىگە بىنائەن ھەتتا قەشقەرلەرگىچە كېلىپ  ئىلمىي دوكىلات بەرگەنىدى. بۇ مەن يولۇققان رىئاللىق ھەم چىن تەسىرات. مېنىڭچە مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئۇندىن باشقا تەپسىلات ۋە ئۇنىڭدىكى پاراسەت ۋە پەزىلەتلەرگە باھا بىرىشكە مېنىڭ سالاھىيىتىم كىچىك كېلىدۇ.  لىكىن مەن 30يىلدىن بىرى تەبىئى پەننى ئۆگۈنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئشىتىياق باغلاپ ،ئىلىم ئىشقىدا شەيدا بولۇپ بىلىمنى يار تۇتۇپ،بىلىكار دىگەننى ئۆزەمگە تەخەللۇس ۋە فامىلە قىلىپ كەلگەن بىر ئۆگەنگۈچى، جۇڭگونىڭ ئىلىم مۇنبەرلىرى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ  ئەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرىن بىرى ھەم گۇۋاچىسى  بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن(خەينەن ئۇنۋىرسىتىغا ياڭ جېڭنىڭ بىر مەيدان ئىلمىي دوكىلاتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يېرىم كىچىدە يۈزسمغا تاكسى كىرا قىلىپ بىرىپ كەلگىنىم ،دۆلەتلىك ۋە خەلققئارالىق نەچچە ئونلىغان  ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىگە ئۆز خىراجىتىم بىلەن  پويىزغا ئولتۇرۇپ قۇرۇق نان غاجىلاپ بارغانلىقىمنى ،ھەتتا ئىلىپ بارغان  يىمەكلىرىم تۈگەپ كېتىپ قالغاندا،  مەندىن باشقا مۇسۇلمان يىغىن ئىشتاراكچىسى ياكى مۇسۇلمانچە تاماق بولمىغانلىقتىن نەچچە كۈنلەپ مىۋە-چىۋە يەپ جان ساقلىغىنىمنى  بىلىپ قالغان يىغىن تەشكىللۈگۈچى ئالىملارنىڭ تەسىرلىنىپ يىغىن خىراجەتلىرنى كەچۈرۈم قىلىشلىرى ۋە قايتىدىغانغا ئايرىپىلان بىلەتلىرىنى ئېلىپ ،كىتابلارنى سوغا قىلىپ يولغا سەپ قويۇشلىرى، ھەتتا 2004-يىلى11-ئايدا بوئاۋ خەلقئارا يىغىن مەيدانىدا  ئون مىڭغا يىقىن يىغىن ئەھلى چاۋاك چىلىپ تۇرۇپ  دوكتور ياڭ جېڭنىڭ نى  مۇنبەرگە  يەنە بىر قىتىم چىقىپ بەش مىنۇت  نۇتۇق سۆزلەپ ئۆزىنىڭ  قانداق قىلىپ 1957-يىلىدىكى 30نەچچە ياش ۋاقتىدىلا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى تەقەەززالىق بىلەن  ئۆتۈنگەن بولسمۇ رەت قىلغان تۇرۇغلۇق ، مەن يىزىپ  ئۆز قولۇم بىلەن سۇنغان مەكتۇپنى كۆرۈپ خوشاللىق بىلەن ماقۇل  بولۇشلىرى ۋە دەرھال قول كۆتۈرۈپ يىغىن رىئاسەتچىسىنىڭ  ئۆزىگە  ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى  تەلەپ قىلىشى ،پۈتۈن يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ھاياجانلىق چاۋاكلىرى  ۋە  بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قېتىم سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ بىرىشلىرىدىن ئىختىيارسىز يىغلىۋەتكەنلىرىم؛ 2007-يىلى8-ئاينىڭ 18-كۈنى چشۈتە نۇتۇق سەھنىسىدىن چۈشكىنىمدە نىۋيورك شەھەر قۇرۇلۇش ئۇنۋىرسىتىنىڭ پروفېسسورى سۇساننا خانىم قاتارلىقارنىڭ:” سىزنىڭ بايامقى نادىر نۇتقىڭىز، چىرايلىق كانىۋاي كۆينىكىڭىز ۋە چىمەن دوپپىڭىز ئۈچۈن جانابىڭىز بىلەن  خاتىرىگە سۈرەتكە چۈشىۋالساق بولامدۇ؟“دەپ بىرگە سۈرەتكە چۈشىۋىلىشلىرى ھىلىھەم ھازىرقىدەك ئىسىمدە.)  شۇنداق دىيەلەيمەنكى ،  ئابباس بۇرھان خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان تەبئىي پەنلەر ساھەسىدىكى يىتىلگەن ھەم تونۇلغان، بىر  ئىلىم سەركىسى ئىدىكى، ئۇ يالغۇز  شىنجاڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە  كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ئىلىمگەر بولۇپلا قالماي، داھىيانە ھەم كىچىك پىئىل ئالىم ئىىدى. شۇڭا ئۇ ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن «پارتىيە11-نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىن»دىن كېيىنكى ئىلىم – پەننىڭ يېڭى باھارى يىتىپ كەلگەن 80 – يىللاردا  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتلىرى،شىنجاڭ پەن – تېخنىكا نەشرىياتى (ئەسلى نامى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنقاڭ ئۇيغۇر قازاق شۆبىسى بولۇپ، ئابباسكام بىۋاسىتە دوكلات سۇنۇپ، ئۆزى بىۋاستە   يول مېڭىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلىمەن)، «بىلىم – كۈچ»، «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى،شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سارىيى قاتارلىق پەن – تېخنىكا ئاپپارات ۋە ۋاسىتىلىرىنى پىلانلاش، قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىغا بىر قوللۇق قوماندانلىق قىلىپ  ۋە قاتنىشىپ ، رايونىمىزنىڭ پەن –  تېخنىكا تەرەققىياتىنى كاپالەت سىستېمىسى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ، بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە  ھەمكارلىققا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، چىيەنشۆسېن ،جۇ گۇاڭيا قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن پىشىۋالىرى ۋە ئۇلارنىڭ رادىئاتسىيەسى  ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەمىلىي قوللاشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەرەب-ئىسلام  ئەللىرىنىڭ ئىلىم-پەن ئىپتىخارى ، ئىسلام دۇنياسىدىن چىققان تۇنجى(تەبىئى پەن بويىچە) نوبېل مۇكاپات ساھىبى دوكتور ئابدۇسالام ، قۇرغاق رايۇن جۇغراپىيە مۇتەخەسىسى مىجىت خۇدابەردى قاتارلىق ئالىملارنى باشلاپ جاي – جايلارغا بېرىپ ئىلمىي دوكلات بېرىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەرنى تەشكىللەپ، خەلقىمىزدە ئەقلىي ئويغۇنۇش تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىش، ئىلمىي ھاۋانى جانلاندۇرۇپ ، ئىلمىي كەيپىياتلارنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتلەردە باش سەركە ۋە ئالىي ئىنزىملىق رول ئوينىغانىدى. بۇ دەل كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم – پەن پائالىيەتچىسى، تەبىئي پەنلەر بويىچە ئۇيغۇرنى جاھان ئەھلىگە تونۇتقان داڭدار ئىلىم  - پەن دىپلوماتچىسى، ئىلىم – پەن تەشكىلاتچىسى، ناتىق، جۇڭگودىكى، ھاياتلىق ئىلمى ئالىمى،مەشھۇر مول ھوسۇللۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، مەرھۇم ئابباس بوھاننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىگە رەئىس بولۇۋاتقان مەزگىللىرى بولۇپ، ، بۇ مەزگىلنى  ئۇيغۇر ئىلىم – پەن ساھەسىدە ئەڭ جانلىنىش، گۈللىنىش بولغان مەزگىل ئالتۇن مەزگىل  دەپ ئاتاش مۈمكىن. دەرۋەقە،  بۇ كېيىنكى مەزگىللەردىكى تەبىئىي پەنگە يۈرۈش قىلىش، دۇنيا ئىلىم مەركەزلىرىدە ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈش ، ھەمدە  خەلقىمىزدىن تۈركۈملەپ تەبىئىي پەن دوكتورلىرى يىتىشىپ چىقىشقا چوڭ مۇھىت ۋە ئىدىيىۋى ئاساس ھازىرلىغانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان   ھەممىگە ئايان  رىئال پاكىت.

     

    ئابباس بورھان مەن بىلىدىغان جۇڭگولۇق ئالىملار ئىچىدىكى فۇدەن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ سابىق مۇدىرى ،ئاكادىمىيىك ، داڭدار ناتىق ياڭ فۇجيا قاتارلىقلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ناتىق بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتقى شۇ دەرىجىدە جۇشقۇن ھاياتى كۈچكە تولغان،پاساھەتلىك، يۇمۇرىستىك، جەڭگىۋار- جەلىپكار، كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلىش ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئىدىكى، ئاڭلىغان كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ يۈرەك تارىنى چەكمەي قالمايتتى.ئۇنىڭ ھەر بىر نۇتقى بىلىم ۋە پاراسەت بىلەن‹‹پاتلانغان››، ‹‹سۇدەك راۋان››، ‹‹قەنت››تەك شىرىن ۋە تاتلىق، ۋەزنى ‹‹چۆيۈندەك ئېغىر››،‹‹سىماپ››تەك سىڭىشچانلىققا ،‹‹ۋىرۇستەك››تىز <<مەنپەئەتلىك يۇقۇملاندۇرۇش>> كۈچىگە ئىگە ئىدى، دىگەن ئىبارىلەرگە كارتىنىلاپ  پىرىسلاش مۈمكىن. ئۇنىڭ خەنزۇچە نۇتۇقلىرىمۇ  شۇنچىۋالا ئۆلچەملىك ۋە نادىرلىقىدىن تۇنجى ئاڭلىغۇچى ياكى ئۇنى تونۇمايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىدى. ئىھتىمال1987-يىلى بولسا كېرەك ،شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونۇم رايۇننىڭ پەن-تېىنىكا خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ماۋدېخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشقان ،كوئىنلۇن مىھمان خانىسىدىكى بىر يېغىندا، ئۇ سۆزىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان:‹‹  ئالدى بىلەن كۆپچىلىكتىن  ماڭا ،ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن جاپاكەش ،ھەر مىللەت  پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا  كەمىنە ئابباس بورھاننىڭ خۇسۇسىي نامىدىن ۋە ئاپتونۇمرايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ۋاكالەتەن ئەڭ سەمىمى مىنەتدارلىقىم ۋە ئالى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرۋىلىشمغا ئىجازەت بىرىشىنى سەمىميمى ئۆتىنىمەن.›› دەپ ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام بىرىشى بىلەن جىمى يىغىن ئەھلىنىڭ چاۋاك ئۇرغاچ ئىختىيارسىز  ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكى ۋە بىر ھازاغىچە چاۋاكلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي كېتىشلىرى؛ يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قاتلام پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا سۆز قىلىۋىتىپ ئۇلارنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە كۈچلۈك دەۋەت قىلىش يۈزىسىدىن شۇنداق دىگەن بولسا كېرەك :‹‹ بىز كۆپچىلىك، ھەر قانداق بىر ئالىم-مۇتەخەسىس ۋەياكى ئادەتتىكى بىر پەن –تېخنىكا خادىمى بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر، بىزنىڭ شۇنداق بىر ئورتاق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ۋىجدانى بۇرچىمىز بارىكى ، ئۇ بولسىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە  ئىلىم-پەن ئۇرۇقلىرىنى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا چىچىپ، بارلىق دىللارنى يورۇتۇش ۋە ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈۈشكە خالىس تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت  بولۇپ، بۇ ھەرگىز ئانچىكە ئىشلەپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ شۇنداقلا بىز پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا تەڭرى يۈكلىگەن ساماۋىي مەسئۇلىيەت ۋە مەڭگۈكلۈك مۇقەددەس ۋەزىپە. بۇنى تونۇپ يىتەلمىگەن ۋە بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتنى ھەقىقىي ئادا قىلالمىغان كىشىلەر قانداقمۇ‹ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدىندۇر› دىگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولالىسۇن؟!›› ۋە ئۇنداقلارنى قانداقلارچە لاياقەتلىك بىر  ئىلىم ئەھلى دىگىلى بولسۇن؟! دىگەن ئىبارىلىرى ھىلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ .ۋاھالەنكى ،ئۇنىڭدىكى ئەنەشۇنداق ئادەتتىكىدىن تاشقىرى پاراسەت ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىلمىي قىزغىنلىق ، ناتىغلىق ۋە پائالىيەتچانلىق  ،ئۇنىڭغا بالدۇر ‹‹كۆز تىگىپ›› ، بالدۇر‹‹پىنسىيەگە چىقىشى››غا تۈرتكە بولغانلىقىنى  كىملەر  بىلمەيدۇ!.

     


    ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىنىڭ باشلىرى ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە كونا ئادىتىم بويىچە ئىلمىي ئۈلپەتلىرىم ۋە پەلسەپە، تەبىئەت پەنلەر ساھەسىدىكى ئالىملارنى يوقلاپ،  ئۇلارغا سالام بېرىش يۈزسىىدىن ئاۋۋال ئابباس  بورھاننى  يوقلاپ باردىم. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن  ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمىلەرنى يوقلاپ ئىشخانىسىغا بارغانىدىم.  قارىسام ، بەشكېرەمى جىددىي ئىشلەۋىتىپتۇ،  مەن سۆز ئارىلىقىدا ئابباسكامنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىم، جىددىي ئىشلەۋاتقان ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى دەرھال قەلىمىنى قويدى – دە، «جۈرۈڭ، ھازىرلابارايلى! ئالىمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى بىزدەك ئىلىمدارلار قىلمىسا كىم قىلىدۇ!؟ سىز بېرىپ بولغان بولسىڭىزمۇ يەنە بارايلى! بېرىپ بۇ پېشقەدەم ئىلىم-پەندىكى داھىيانە ئالىمنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كېلەيلى!» دەپلا ئورنىدىن تۇردى (بۇ دەل 2009 – يىلى 11 – ماي چۈشتىن بۇرۇن بولۇپ ئۈرۈمچىدە ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق ئىدى). بېرىۋىدۇق، مەرھۇمنىڭ كېسەل چىرايىغا ۋىللىدە كۈلكە يۈگۈردى ۋە كۈلۈپ ياتقىنىچە ئىككىمىزگە ئىككى قولىنى تەڭلا ئۇزۇتۇپ كۆررۈشتى. بىردەم ئەھۋال سوراپ مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ سۆزلىرى شۇنچىۋالا ئورۇنلۇق بولدىكى  يۈرۈكىمىزنىڭ قېتىدىن ئورۇن ئالدى. شۇ ھاياجان بىلەن ، رەسىم ئاپپاراتى تېپىپ كېلىپ (ئۇنىڭ ئۆيىدە) خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق . ياخشىمۇ سۈرەتكە چۈشۈۋاپتىكەنمىز.  بۇ يىل 3-ئايدا يغىن مۇناسىۋىتى بىلەن كىلىپ يلدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ يەنە كۆڭلۈم تارتتى-دە، مۇنداقلا كىرىپ سلام بىرىپ ئەھۋال سوراپ قوياي دەپ كىرەسم مەرھۇمنىڭ كېسىلى بىرئاز ئىغىرلىشىپ قاپتۇ، يوقلاپ كېرگىنىمدە ،كېسەل ئازابىدىن باشقا،يەنە يالغۇزسىراپ قالغان بۇ مويسۈپىت تولىمۇ خوشال بولدى بولغاي ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹ بالام، سەن مېنى  كۆپ قېتىم يوقلاپ كەلدىڭ،  ساڭا رەھمەت›› دىدى ۋە ئىككىنچى خانىمىنى بۇيرۇپ كىتابخانىسىدىن ئۆزى يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان كىتابلاردىن بىر يۈرۈش  ئەپ چىققۇزۇپ  بەردى. بۇ كىتابلارئىچىدە ھەقىقىي ئانا تىل موھىتىدا تۇرۇپ دۇنيا ھاياتلىق ئىلمى ساھەسىدىكى ئاساسىي بىلىم ۋە يېڭى مۇۋەپپىقىيەتلەرنى تونۇشتۇرغان، مەن غاجىلاپ ئوقۇپ، ئاستىغا جىجىلاپ بويىۋەتكەن ۋە يادا بولۇپ كەتكەن‹‹ھاياتلىق قۇرۇلۇشى››مۇ بارئىدى. ئۇ يەنە :‹‹ مەن بىلىمەن،  سەن مەن بىلىدىغان ئەڭ ئىلىم خۇمار يىگىت، ئۆزۈڭ  ساقلاپ قويارسەن بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىھتىمال سەندە بار ، بار بولۇپ قالسا باشقىلارغا بەرسەڭمۇ ھىساپ.›› دەۋىتپ ئۇخلاپ قالدى. مەنمۇ يىنىدا ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئايالى ۋە قىزىغا : بۇ كاتتا ئالىم ، مىنىڭچە بۇ كىشى ئەڭ ياىشى كۈتۈنىشى  كېرەك . بۇنداق ھالەتتە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتسا بولمايدۇ ، مۈمكىن بولسا ئەڭ ياخشى دوختورخانىلارغا ئاپىرىپ كۆرسۈتۈپ  داۋالىتىپ بېقىڭلار!››دەپ قويۇپ ،ئۇلار بىلەن  خوشلۇشۇپ كېتىپ قالغانىدىم .  بۇ دەقىقىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق ۋىدالىشىش بولۇپ قىلىشىنى كىممۇ بىلگەن دەيسىز!!؟ ئەلۋىدا ،ئالىم ياتقان يېرىڭ ياخشى جاي بولغاي! 

     

    بۇ شۇنداق توغرا كېلىپ قىلىشمۇ ياكى ئالىمنىڭ كۆڭلى ئالىمى تارتىپ قالدىمۇ بىلىمىدىم،  ئىش قىلىپ 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ،جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى ،مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، كانادادا ياشاۋاتقان  خەلققئارا ئىلىم-پەن پائالىيەتچىسى تاۋسىلوڭ ئەپەندىم ماڭا  قىسقا بىر پارچە خەت يېزىپتۇ، ئۇ خېتىدە مەندىن ئەھۋال سوراپ بولۇپلا ،ئارقىدىن: «ماڭا ۋاكالەتەن سىلەرنىڭ شىنجاڭلىق ئالىم ئابباس بورھانغا سالام دەپ قويۇڭ. ئۇ كىشى سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى. مەن ئۇنىڭ جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دائىملىق مۇدىريەت ئەزالىقىغا  ئەڭ يۇقىرى بىلەت بىلەن سايلانغانلىقىنى بىلىمەن. ››  دىگەنلەرنى يازغانىدى. دىمىسىمۇ نۇرغۇن ئىلىم-پەن<<ئاشىق>>لىرى خەت يېزىپ ھال سوراشقا، ھۆرمەتلەشكە ئۆگۈنىشكە  تىگىشلىك ئالىم ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس مەن بۇ سالامى‹‹ئامانەت››نى يەتكۈزۈپ بولغۇچە  ئۇ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭ نەزىرىسى بولغان كۈنى كىتابخانىدىكى بىر دوستۇمدىن ئۇ زاتنىڭ ماتەم خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدا گەرچە  ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق قانداشلىق ۋە ياكى ئۇستاز شاگىرتلىق مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ  ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە ئىلىم ىشتىياقىدىن بولسا كېرەك، ئىختىيارسىز كۆزۈم ياشلىنىپ ئالەم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى. شۇندىلا  شۇ كۈلەردە ئۇيقۇمنىڭ ياخشى بولماي ئىچىمنىڭ قانداقتىندۇر بىرنىمىلەرگىدۇر سەۋەبسىزلا پۇشىۋاتقانلىقىدىن روھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلغاندەك بولدۇم.  مەن بۇلارنى نىمىشقا دەيمەن؟ سەۋەب خەلقىمىز ئىلىم-پەن ۋە ئۇنىڭ بىگىنلىرىنىڭ قەدرىگە  ئۆلگەندە ئەمەس تىرىكلىدە يىتەيلى! ئۇلارنى ئېزىزلايلى! ئىلىم-پەن ئۆگۈنەيلى! ئىلىمدارلار بولسا ئىتتىپاقلىشايلى!  كۈنىمىزدىكى ياش ئىلىمدارلىرىمىزدىمۇ ئالىمنىڭ ئىزچىسى بولۇش جاسارىتى بولسۇن دىمەكچىمەن.

     

    پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئالىم ۋە پەن –تېىنىكا خادىملىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۇ كىشى بۇ جەمئىيەتكە نەچە قارار رەيىش بولۇپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن ، تۇجى  قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەۋەللۇتى ۋە ۋاپاتىنى خاتىرلەش مۇراسىملىرىنىمۇ شۇ كىشى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان مەنمۇ ھەم قاتناشقانىدىم. ئۇنداق ئىكەن بۇ زات ئەلەمدىن ئۆتكەندىمۇ ئۇنىڭغا بىرەر ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىشى كېرەكىدى.   ئۇنىڭ دۆلەت ‹‹ئىقتىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرش›› ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويىۋاتقان ، ئىقتىساسلىقلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىۋاتقان، ئۇلارنىڭ ئىززەت ئىكرامىنى شۇنداق قىلىۋاتقان ، ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىۋاتقان  مۇشۇ كۈنلەردە، تېخىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەكىدى. بەكمۇ ئەپسۇس، دەپىنە مۇراسىمى ئۇياقتا تۇرسۇن ، بىرەر چالا ساۋات داپچىنىڭ دۇمبىقى تاراڭلىسا ۋە ياكى بىرەر ساۋاتسىز دېھقاننىڭ( بۇ ھەرگۈزمۇ مىنىڭ  ئۇلارنى ياقتۇرماسلىقىم ئەمەس، بەلكى مەن ھىچكىمنى پەس كۆرمەسلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا  ئۇلارنىمۇ ئىيتايىن مىھنەتكەش دەپ چوڭ بىلىمەن . بۇ يەەردىكى ئوخشىتىش پەقەت    ئىجادىيەت زۆرۈيىتىدىن  بولۇپ، شۇناقلا  تىلغا ئىلىنىپ قالدى ئىدراكى كىشىلەرنىڭ تامامەن توغرا چۈشەنىلىشىگە  قەتئى ئىشىنىمەن)كالىسى ئىككىنى موزايلاپ بىرسى ئۆلۈپ قالسىمۇ خەۋەر بىرىشنى ئۇنتىمايدىغان ئاخپارات ۋاستلىرى  شۇنچە كاتتا ئالىمىمىز ئالامدىن ئۆتۆپ تۇرۇغلۇق ،  بىرەر ماۋزۇ خەۋەر بولسىمۇ بىرىپ قويماسلىقى كىشىنى ئىچىندۇرماي قالمايدۇ.


    ئىناقلىق ئەقىدىلىرى ھەممىمىزنىڭ دىللىرىنى قاپلىسۇن! دىللىرىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ھەر قانداق ئىلىمدىن ئىمانىي ئىلھام ئىلىپ مەنپەئەتلىك ئىلمىي زەرەتلىنىپ توسالغۇسىز تەپەككۇر قىلىپ، دۇنيا تىلسىماتلىرى ۋە ھاياتلىق سىرلىرىنى يېشىپ، بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسى ئىنسانىيەتكە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك، بەخت-سائادەت يارىتىش يولىدا دوستانە ، خوشال- خورام سۆزلىشىپ ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ، قول تۇتۇشۇپ كۆرەش قىلىپ،  ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ۋە پارلاق كېلىچىكىنى ئورتاق يارىتايلى! ئىناقلىق ھەممىگە يار بولسۇن! دۇنيا مۇھەببەتكە تولسۇن! ئىلىم -پەن ھەممىمىزگە كۈچ-مادار ۋە قانات بولسۇن!

    مەنبەسى: «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىدىن ئىلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.