نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:15:36

نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 3كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى مۇنەۋۋەر فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئاساسىي ب...



     

    نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 3

    كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى
          مۇنەۋۋەر فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئاساسىي بولغان ساھەلەرگە قارىتىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى:
    «مەن قولىغا بىر تاختاينى تۇتقۇزۇپ قويسا، دائىم ئەڭ نېپىز، ئەڭ ئاسان تېشىلىدىغان جايلىرىغا نۇرغۇن تۈشۈكچىلەرنى تېشىشنى ياقتۇرىدىغان تەتقىقاتچىلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن.»
         1907-يىلى باشقا فىزىكا ئالىملىرى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى چۈشىنىپ كېتەلمەي، «ئېھتىياتچانلىق» بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقاندا، ئېينىشتىيىن ئاللىبۇرۇنلا يەنە بىر مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلانغانىدى. تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تېخى ئىلىم ساھەسىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئېينىشتىيىن بۇ نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى. لېكىن 1907-يىلى بىر ژورنالنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىىيىسىنى ئاممىباب تىل بىلەن تونۇشتۇرىدىغان بىر ماقالە يېزىش جەريانىدا ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى نەزەرىيىسىنىڭ نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى نەزەرىيىسى بىلەن سىغىشالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
         نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى ئىككى جىسىمنىڭ ماسسىسىغا ئوڭ تاناسىپ، ئارىلىقنىڭ كۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ. نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى پايدىلىنىش سېستىمىسىدا تۇرۇپ ئۆلچىگەندە ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى ئارىلىق ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، بىز قۇياش بىلەن مېركۇرىي ئارىسىدىكى ئارىلىقنى قۇياش يۈزىدە تۇرۇپ ۋە مېركۇرىي يۈزىدە تۇرۇپ ئۆلچىسەك ئىككىسى ئارىسىدا بىر مىلياردتىن بىر پەرق كېلىپ چىقىدۇ.
         ئۇنداقتا قۇياش پايدىلىنىش سېستىمىسى بىلەن مېركۇرىي پايدىلىنىش سېستىمىسىنىڭ زادى قايسىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك؟ مەيلى قايسىسىنى تاللاپ ئىشلەتمەيلى بۇ نىسبىيلىك پىرىنسىپىغا خىلاپ. چۈنكى نىسبىيلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن مەيلى قايسى سېستىمىدا بولسۇن نەتىجە ئوخشاش بولۇشى كېرەك، بىز مەلۇم بىر پايدىلىنىش سېستىمىسىنى يەنە باشقا پايدىلىنىش سېستىمىسىدىن ناچار ياكى ياخشى دېيەلمەيمىز.
         ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچىنىڭ ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ئەڭ زور بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ ھەقتە ئېينىشتىيىننىڭ بىر قەدەر تەپسىلىي ئەسلىمىسى بار.
         «كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئائىت ئويلىرىم 1907-يىلىدىن باشلانغان. بۇ خىل ئوينىڭ كېلىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز بولدى . ئەينى ۋاقىتتا مەن تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدىم. چۈنكى ئۇ ئۆزئارا مۇقىم تېزلىككە ئىگە بولغان سېستىمىلاردىلا كۈچكە ئىگە ئىدى. ئۇنى ھەر قانداق خالىغانچە ھەرىكەت قىلغان پايدىلىنىش سېستىمىسىغا قوللىنىشقا بولمايىتتى. (مەسىلەن تارتىش كۈچى مەيدانىدا، تېزلىنىشچان ھەرىكەت سېستىمىسىدا) شۇڭا مەن ئامال قىلىپ بۇ چەكلىمىنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئويلىدىم ......
         بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىز بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى تاپتىم. ئۇ كۈنى مەن بېرىن پاتېنت ئىدارىسىدىكى ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ، كاللامدا تۇيۇقسىز بىر خىيال پەيدا بولدى: ئەگەر بىر ئادەم تۇيۇقسىز ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. ( ئەلۋەتتە يەرگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، يەرگە چۈشكەندە ئېغىرلىق كۈچى سىزدىن بىراقلا ھېساپ ئالىدۇ -ئاپتور) بۇ ئاددىي خىيالنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى ھەم مېنىڭ يېڭى تارتىشىش كۈچى نەزەرىيىسىنى تېپىشىمغا تۈرتكە بولدى. مەن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىدىم: ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان ئادەم تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر تېزلىنىشچان پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئۇ قانداق ھېس قىلار؟ ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان ئادەم دەل ئۇنىڭ سېستىمىسىدا يەنە بىر يېڭى تارتىشىش كۈچى مەيدانى ھاسىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. يەنى بۇ يېڭى ھاسىل بولغان تارتىشىش كۈچى مەيدانى يەرشارىنىڭ تارتىشىش كۈچى مەيدانى بىلەن يىيىشىپ كېتىدۇ.»
         مەسىلەن، بىر فىزىكا ئالىمى سىزنى ئالەم كېمىسىدىكى يېپىق بۆلۈمچىگە سېلىپ تەجرىبە ئىشلىدى دەيلى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سىزدىن كېمىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى. سىز قارىسىڭىز ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە يەرشارىدىكى بىلەن ئوخشاش، قولىڭىزغا بىر بوتۇلكىنى ئېلىپ قويىۋەتسىڭىز ئۇ بوتۇلكا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا تېزلىنىشچان ھەرىكەت بىلەن تۆۋەنگە چۈشتى، ئۆزىڭىزنىڭ پۇت-قوللىرىڭىزنى ئىشلەتكەن، كۆتۈرگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش. كارىۋاتنى كۆتۈرمىگىڭىز يەنىلا شۇنچە تەس.
         - بىز تېخى يەر شارىدىن ئايرىلماپتۇققۇ؟- سىز ھەيرانلىق بىلەن سورىشىڭىز مۇمكىن.
         - خاتالاشتىڭىز، بىز ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا، سىزدىكى ھېس-تۇيغۇلار يەر شارىدىكىگە ئوخشاش بولۇشى، پەقەت بۇ كېمە ھازىر تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن.-جاۋاپ بەردى فىزىكا ئالىمى.
         سىز قانچە مۇنازىرىلەشسىڭىزمۇ بىكار. ماشىنىدا ماڭغاندا ماشىنا تۇيۇقسىز سۈرئەت تېزلەتسە ئورۇندۇق يۆلەنچۈكىنىڭ سىزگە بولغان بېسىمى ئېشىپ كېتىدىغۇ دەيمەن. لېفىتتا ئولتۇرۇپ باققان بولغىيتىڭىز، لېفىت يۇقىرىغا تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغاندا ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغاندۇ؟ بۇ ئالەم كېمىسىمۇ شۇنداق، ئۇ يەر شارىدىن ناھايىتى يىراقتا بولغاچقا ئۇ ئۇچرايدىغان ئالەملىك تارتىشىش كۈچى نۆل دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن كېمە تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولغاچقا كېمىدە سۈنئىي ئېغىرلىق مەيدانى ھاسىل بولدى. فىزىكا ئالىمىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قايىل بولمايمەن دېيەلمەيسىز.
         يەنە بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ سىزدىن يەنە بىر قېتىم كېمىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىشنى تەلەپ قىلدى. قارىسىڭىز ئەمدى ئەھۋال باشقىچە، بۆلۈمچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچالايدىغاندەك ياكى ئېغىرلىق يوقتەك بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن، سىزمۇ ئەركىن ھالدا سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى تاماملىيالىدىڭىز. قارىغاندا كېمە ھەرىكەتتىن توختاپتۇ-دە، ياكى تەكشى ھەرىكەت قىلىۋېتىپتۇ. بۇ فىزىك ئالەم بوشلۇقىدا تارتىش كۈچى يوق دېدىغۇ؟
    لېكىن فىزىكا ئالىمى سىزگە سىزنىڭ يەنە خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئېيتتى، ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولسىمۇ ئالدىرىماڭ، ئۇ چۈشەندۈرۈپ باقسۇن. كېمە ھازىر يەر شارى بوشلۇقىدا، بىز بارلىق ماتورنى ئۆچۈرۈۋەتتۇق. كېمە ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى قىلىۋاتىدۇ. بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئالدىرىماڭ، سىز لېفىتتا ئولتۇرۇپ باققان بولغىيتىڭىز لىفىت تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا سىز ئېغىرلىقىڭىزنىڭ سەل يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان بولغىيىتىڭىز، بىز ھازىر يەر شارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىشى بىلەنلا تۆۋەنلەۋاتىمىز، سىزنى يۇقىرىغا تىرەپ تۇرىدىغان نەرسە بولمىغاچقا (ئالەم كېمىسىمۇ سىز بىلەن بىرگە تۆۋەنلەۋاتىدۇ) سىز ئېغىرلىقىڭىزنى ھېس قىلالمايسىز. ماشىنىدا ئولتۇرغاندىمۇ ماشىنا تۇيۇقسىز سۈرئەت ئاستىلاتسا يۆلەنچۈكنىڭ سىزگە بولغان بېسىمىنىڭ ئازايغانلىقىنى ھېس قىلغان بولغىيتىڭىز،... فىزىكا ئالىمىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن سىز يەنە بىر قېتىم خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلدىڭىز. تېخى ئالدىرىماڭ، ساياھەت تۈگىمىدى.
         يەنە مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، فىزىكا ئالىمى سىزدىن يەنە ئوخشاش سوئالنى سورىدى. قارىسىڭىز يەنىلا بايىقىدەك، ئېغىرلىقىڭىز يوقتەك خالىغانچە ئۇچۇپ يۈرگەن. ھە، ماڭا چۈشەندۈرۈپ بولالماي كاللىسى قېيىپ قاپتۇ-دە، يەنىلا بايىقىدەك ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتى قىلىۋېتىپتۇققۇ؟
         - ھاھا ھاھا... خاتالاشتىڭىز، بىز ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا، تېنچ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ يەردە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز، نۆلگە تەڭ دېيىشكە بولىدۇ، مەن بۇنى سىزگە سۆزلىگەنغۇ دەيمەن...
         ئاچچىقىڭىز نەچچە گىرادۇسقا چىققاندۇ؟ لېكىن يەنىلا ئامال يوق، مەنمۇ سىزگە يان باسالمايمەن، سىلەر ھازىر راستىنلا ئالەم بوشلۇقىدا، يىراق ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىق كۈچى بولمايدىغانلىقىنى سىز بايا تېخى ئاڭلىغانىدىڭىزغۇ؟ تارتىشىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، يەر شارىدا ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئېغىرلىق يوقىتىش ھادىسىسى بولىدىغانلىقىنى سىز ئاللىقاچان بىلىپ بولغان تۇرسىڭىز، يەنە نېمىشقا ئىچكىرىلەپ يەنە بىر ئۋھتىماللىقنىمۇ ئويلاپ باقمايسىز؟
         ئالدىرىماڭ، سىزنى بىزار قىلغان بۇ سەپەرمۇ تۈگەي دەپ قالدى. ئەڭ ئاخىرقى سوئال. سىز يەنە بىر قېتىم ئالەم كېمىسىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭە؟ دېدى فىزىكا ئالىمى. قارىسىڭىز ھەممە ئەھۋال يەر شارىدىكىگە ئوخشاش، يەر شارىغا كېلىپ بولدۇقمۇ نېمە؟ ياق، بۇ قاقباش فىزىك مېنى يەنە ئالدىغان بولمىسۇن، تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغاندىمۇ مۇشۇنداق سەزگۈ بولىدىغۇ؟ كېمە چوقۇم تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ تېزلىنىشى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچ تېزلىنىشى بىلەن تەپمۇ تەڭ.
         ئەمدى يۇقىرىدا بىز بىلىۋالغان بۇ قانۇنىيەتلەرنى ئەينى ېاقىتتا ئېينىشتىيىننىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
         1920-يىلى يازغان ماقالىسىدە ئۇ يەنە مۇنداق يازغان.
        «ئۇنىڭدىن كېيىن مەندە ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خوشاللىنارلىق پىكىر پەيدا بولدى. تارتىش كۈچى مەيدانى پەقەت بىر خىل نىسپىي مەۋجۇتلۇق. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئەركىن تۆۋەنلەۋاتقان كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن تارتىش كۈچى مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر بۇ كۆزەتكۈچىنىڭ يېنىدىكى بىر نەچچە جىسىم كۆزەتكۈچىدىن ئايرىلسا، ئۇنداقتا بۇ جىسىملار بىلەن كۆزەتكۈچى ئۆز-ئارا تېنچ ياكى ئۆز-ئارا تەكشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ ھەم بۇ جىسىمنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىكى كۆزەتكۈچى ئۆزىنى تېنچ ھالەتتە دەپ قارىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
         مۇشۇ پىكىر تۈپەيلى، تارتىش كۈچى مەيدانىدا جىسىملار ئوخشاش تېزلىنىش بىلەن تۆۋەنلەيدىغان بۇ ھادىسە دەرھال چوڭقۇر فىزىكىق مەنىگە ئىگە بولدى. يەنى، تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئەگەر پەقەت بىر ئەركىن چۈشۈۋاتقان جىسىمنىڭ تېزلىنىشى باشقا ئەركىن چۈشىۋاتقان جىسىملار بىلەن ئوخشىمىسا، ئۇنداقتا كۆزەتكۈچى بۇ ھادىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا تۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئەگەر مۇنداق جىسىم بولمىسا (ئىنتايىن يۇقىرى ئىنچىكىلىكتىكى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلىدىكى مۇنداق جىسىم مەۋجۇت ئەمەس ) ئۇنداقتا كۆزەتكۈچى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەنمۇ ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، كۆزەتكۈچى ئۆزىنى تارتىش كۈچى يوق ئورۇندا تېنچ تۇردۇم دەپ قارىسا بولىۋېرىدۇ. شۇڭا، تەجرىبىلەردىن بىلگەن «ئەركىن چۈشۈش تېزلىنىشى جىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېگەن بۇ ھۆكۈم ماھىيەتتە نىسبىيلىك پىرىنسىپىنى ئۆزئارا تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقان پايدىلىنىش سېستىمىسىغىچە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
         يۇقىرىقىلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىككى ئاساسى پەرىزىنى 1907-يىلىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان.
        1.كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك پىرىنسىپى: فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق پايدىلىنىش سېستىمىسىدا ئوخشاش ئىپادىلەش شەكلىگە ئىگە.
        2. تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى: ھەر قانداق فىزىكىلىق تەجرىبە ئارقىلىق تارتىش كۈچى مەيدانى بىلەن تەڭ قىممەتتىكى تېزلىنىش مەيدانىنىڭ تەسىرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
         ھەر قانداق فىزىكىلىق نەزەرىيە چوقۇم مەلۇم ماتېماتىكا مودىلى ئىچىدە ماتېماتىكىلىق تىل بىلەن مىقدارلىق ھىساپلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىشى كېرەك. نىيوتوننىڭ دېففىرىنسئال بىلەن ئېنتىگرالنى كەشىپ قىلىشىمۇ پۈتۈنلەي سەييارىلەرنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىدى. كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ماتېماتىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەش ناھايىتى تەسكە چۈشتى. ئېينىشتىيىن نىيوتوندەك ماتېماتىكىغا ماھىر ئەمەس ئىدى، لېكىن تەلىيىگە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ماتېماتىكا ئىلمى ئاللىقاچان كەشىپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ، كەشىپ قىلغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن لېيمان گېئومىتىرىيىسى دەپ ئاتالغانىدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ گېئومىتىرىيە ئۈچۈنلا كەشىپ قىلىنغان نەرسىگە فىزىكىلىق مەنە بېرىش، ھەم نۇرغۇن مۇرەككەپ ھېساپلارنى ئىشلەشكە كۆپ ۋاقىت كېتەتتى. (ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ەچچە قېتىم تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى ھىساپلاش خاتالىقلىرىنى بايقاپ قايتىدىن ئىشلىگەنىدى.) 1907-يىلى يۇقۇرىقى ئىككى پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ ھېساپلىغاندىمۇ 1915-يىلىغىچە ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تاماملاشقا جەمئى  سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى.
         ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى تاماملىشىنىڭ ئەھمىيىتى بەك زور. كېيىنچە ئېينىشتىيىن ئۆزىمۇ ئۇ ۋاقىتلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئۆزى چوڭ بىلىدىغان مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكا ئىلمىنىڭ ئېھتىياجى، كىم بولمىسۇن ھامان بىرەيلەن چوقۇم نىيوتون مېخانىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولاتتى. لېكىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر مەن ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسام بەلكىم ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭمۇ ئېسىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.
         كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ئىجادچانلىق يۇقىرىقىدەك تەرىپلەشكە تامامەن ئەرزىيدۇ. ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن فىزىكا ئىلمىنىڭ تارىخىدىكى دەۋىر بۆلگۈچ يۈكسىلىشتىن يەنە بىرنى بارلىققا كەلتۈردى. ھەر قانداق ھەرىكەت ھالىتىدىكى جىسىمغا تەدبىق قىلىشقا بولىدىغان بۇ نەزەرىيە ئۇلۇغ بىرلىككە كەلگەن فىزىكا نەزەرىيىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ھەممىمىز بىلىمىز، فىزىكا جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم. ھازىر ئېينىشتىيىن ھەر خىل ھەرىكەت ھالىتىدىكى جىسىملارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان نەزەرىيىدىن بىرنى بارلىققا كەلتۇردى، دېمەك يۇقىرىقى خىزمەتنىڭ يېرىمى ئازايدى دېگەن گەپ، ئەمدى پەقەت جىسىملارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى (ھەر خىل كۈچ تەسىرى) بىر ئورتاق نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسىلا فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئەسىرلەپ قوغلاشقان نىشانىغا يەتتۇق دېگەن سۆز.
         كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانىنى كۆرگەندىن كېيىن بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز مەن ئالدىنقى مەزمۇندا دەپ ئۆتكەن بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگەن بولسا كېرەك. بىز مەلۇم ئەھۋاللاردا تەجرىبە ھادىسىلىرىنىڭ ياردىمىسىزمۇ مەۋجۇد نەزەرىيىنىڭ قايسى يېرىدە يۇچۇق بارلىقىنى تېپىپ چىقالايمىز. ئېينىشتىيىن دەل تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ياراتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ خىزمەتنى باشلىغان ۋاقتى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تېخى تولۇق ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋاقىت ئىدى. بۇ بىزگە ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «نوقۇل ئەقلى پىكىر ئارقىلىقمۇ تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ.» ئېينىشتىيىن بۇ يولنى باشلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېينىشتىيىن باشچىلىقىدا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بىز ھازىر بىلىدىغان تەبىئەت سىرلىرى ئېينىشتىيىن دەۋرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتتى. ئېينىشتىيىن ۋە ئۇنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئېچىپ بەرگەن يېڭى ئىلىم ساھەلىرى تا ھازىرغىچە باشتىن ئاخىر فىزىكا ئىلمىنىڭ قىزىق نوقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. كېيىنكى باپتا بىز ئايرىم-ئايرىم ماقالچاق شەكلىدە نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ كېيىن ئىنسانلار تۇرمۇشى ۋە ئىلىم پەن تەرەققىياتىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

     

    (ئاخىرى كېلەركى ساندا)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېينىشتېيىن _