ھاراق سورۇنىدىكى ھېكايە

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-30 13:31:00

ھاراق سورۇنىدىكى ھېكايە نامانجان ياسىن ئۆزھال *ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر، ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال. قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى، ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال. ---كۈندىل...

    ھاراق سورۇنىدىكى ھېكايە
        نامانجان ياسىن

     ئۆزھال *ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
    ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
    قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
    ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
    ---كۈندىلىك خاتىرەمدىن.

       يېقىندا بىر ئاغىنەمنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا قاتنىشىپ قالدىم. ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن قەدەم ئېلىپلا ئۆي ئىچىگە لىق تولغان قاڭسىق ھاراق بۇسى ، ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتەي دېدىم -يۇ، يەنىلا ئاغىنەمنىڭ كۆڭلىنى ئاياشقا توغرا كەلدى. (دېمىسىمۇ مەندەك يا ھاراق ئىچمەيدىغان ،يا تاماكا چەكمەيدىغان،بىكار بولساملا قولۇمدىن كىتاپ چۈشمەيدىغان ،كومپىيۇتېر ئالدىدىن كەتمەيدىغان بىر ‹‹كىتاپ خالتىسى››ئۈچۈن بۇنداق ئايىغى چىقماس سورۇندا ئولتۇرماقمۇ بىر بەسى مۈشكۈل ئىش ئىدى). كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا جايلىشىپ بولۇپ ،ئەتراپىمغا سەپسالدىم. سورۇندا 15-20 چە ئادەم بار بولۇپ، كۆپىنچىسى مەن دېمەتلىك ،مۇقىم خىزمەت ئورنى بار زىيالى ياشلار ئىدى.سورۇن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. پات-پات رۇمكىلارنىڭ جاراڭشىپ سۇقۇشتۇرۇشلىرى، توختىماي كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى... شۇ ئارىدا ئۇدۇلىمدا ئولتۇرغان چاچلىرىنى گەدەنگىچە قويۇپ ،بىر يەرلىرىنى سارغايتىپ،بىر يەرلىرىنى قىزارتىۋالغان ،ئۇچىسىغا يا ئايالچىغا يا ئەرەنچىگە ئوخشىمايدىغان ئالا پۇلىماچ غەلىتە بىر كىيىملەرنى كىيىۋالغان ‹‹ئاقسا›› بىرسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى؛
        -ئادەم ياش چېغىدا ئوينىماي نېمە ئىش قىلىدۇ دەيمەن!؟ خىزمەتنىمۇ قىلىش ،ئويۇننىمۇ ئويناش كېرەك.‹ ياشلىق چېغىم- ئالتۇن چىغىم ›دەيدىغۇ كونىلار. ياشلىق مەڭگۈ تۇرامدۇ ئادەمدە. قېرىپ ھەممە نەرسە پىنسىيىگە چىققاندا نېمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ دەيسىلەر! مانا مەن،پو ئاتقىنىم ئەمەس، باشقا چوڭ ئىش قولۇمدىن كەلمىسىمۇ، مۇشۇ قىز كەلتۈرۈشتە تولىمۇ ئېپىم بار ،بۇ قىزلارمىچۇ،تەپسە تەۋرىمەيدىغان، يولدا ماڭسىمۇ ئۇخلاپ ماڭىدىغان ،بېلى بوش ‹مۆمىنجان›لارغا ئەمەس،بەلكى شاش ئاتتەك چاپچىپ تۇرىدىغان،گەپ-سۆزىنىڭ ئازراق‹شېكىرى› بار،‹دەۋىرگە لايىق› ئاقسا يىگىتلەرگە ئامراق. مانا مەن سىلەرگە دېسەم ،ھەرقانچە مانا مەن دېگەن قىزنىمۇ 1-2 كۈن ئىچىدە ئېرىتىپ ‹ شاما › قىلىۋىتمەن.مانا مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا نەچچە قىز بىلەن ئارلىشىپ ،مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ،ئاخىرىدا ئاستاغىنا يولىغا سېلىپ قويدۇم. كۆرگەنسىلەر،ھازىر ھېلىقى تۇمۇچۇق بىلەن يۈرۈۋاتىمەن...-ئۇنىڭ ئەزۋەيلەشلىرى ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى. ئۇ ھەتتا يېنىدىكىلەرگە قىز كەلتۈرەلمىگەن ‹ھاجەتمەنلەر› بولسا، ئۆزىنىڭ دوستلۇق يولىدا ياردەم قولىنى ئايىمايدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاشقا باشلىدى.
       ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم ھەم شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، شۇنداق ئەمەسمۇ ،سېنىڭ قەيىرىڭ نەچچە يىل تەربىيە كۆرگەن زىيالى،جەمئيەتتىكى بىرەرسى بولغان بولسىغۇ، بوپتۇلا دېسەك، ھەي، سېنىڭچە بۇ مۇھەببەت دېگەن شۇنداق ئاددىي نەرسىمۇ، ساڭا نېسبەتەن خۇددى بىر ئويۇننىڭ ئورنىدا. مۇھەببەت دېگەن زادى نېمە؟---مۇھەببەت-كىشلىك ھاياتتىكى قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ مۇقەددەس،ئەڭ گۈزەل بىباھا نەرسە ئەمەسمۇ؟!!! سەن بەلكىم مۇھەببەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن، ئويلاپ باقتىڭمۇ، سەن ئەخمەق قىلىپ، كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ تاشلىۋەتكەن شۇ ساددا،سەبىي قىزلار قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندۇ؟ ۋىجدانىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۆرتەنمىدىمۇ؟،دەپ باققىن، سېنىڭ ئۆز سىڭلىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىپ تاشلىۋىتىلسە،قانداق ھېسسىياتتا بولار ئىدىڭ!!!!!!!.............................
        چۇڭقۇر خياللار ئىچىدە ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا يېنىمدىكى ئاداشنىڭ نۇقۇشى بىلەن ئېسىمگە كېلىپ قارىسام ،ئەسلى ھاراق ‹نۆۋىتى› ماڭا كېلىپ قالغانىكەن، ھاراق قۇيۇۋاتقان ساقىي لىق تولدۇرۇلغان بىر رۇمكا ھاراقنى ماڭا تەڭلەپ تۇرغانىكەن، قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ ،ئەدەپ بىلەن ساقىيغا ئۆزۈمنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. شۇ ھامان ساقىي ۋە باشقىلار تۇشمۇ تۇشتىن توينىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىرەر رۇمكا ئىچكەنگە ھېچ نەرسە بولمايدىغانلىقى ،بۇندىن كېيىن پەقەت ئېچىشكە زورلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سالا قىلىپ تۇرۇۋالدى. راسىتلا بىرەر رۇمكىمۇ ئىچەلمەيمەن دىۋىدىم، ياندىكى چالا كەيىپ بولغان بىرسى، ھاراق دېگەننى بۇرۇت چىققان ئەر كىشى ئىچىدۇ دېمەسمۇ،قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى.ۋاي بولدىلا، ئادەم ئۆلىدىغان زەھەر بولسىمۇ ،مۇشۇنى ئىچىپلا چىقىپ كېتەي دەپ رۇمكىنى قولۇمغا ئالدىم ۋە بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىمەكچى بۇلۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللىدىميۇ،دەررۇ نىيىتىمدىن ياندىم،بېھۇدە سۆزلەپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ قانداق قىلارمەن، ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا دۇتتار چېلىپ بەرسە چۈشىنەمدۇ دەيسىز؟! شۇنداق قىلىپ ھاراقنى ئىچكىنىمنى بىلەرمەن، خۇددى بىر چوغ گېلىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك ، قىزىق سۇيۇقلۇقتا ئۈچەي-باغرىم ئۆرتىنىپ كەتتى،كۆڭلۈم ئېلىشىپ ،كۆزلىرىمدە ياش لىغىرلاپ كەتتى، شۇئان ئۆزەمنى تالاغا ئاتتىم...

       مانا شۇ ئىش يۈز بېرىپ نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك خارامۇش يۈردۈم،ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولدى. ئولتۇرسام-قوپسام ھېلىقى سورۇندىكى كۆرۈنۈشلەر ،گەپ-سۆزلەر كۆز ئالدىمدىن كەتمەيىتتى،ئىختىيارسىز قايسىبىر دانىشمەننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى يادىمغا ئالدىم؛ ‹‹دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە- گۈزەل ئەخلاقلىق،تەربىيىلىك بولۇپ،شۇ گۈزەل خىسلەتلەر بىلەن نام چىقىرىشتۇر. ئۆلۈمدىنمۇ بەتتەر يامان نەرسە-ئەخلاقسىزلىق،ۋىجدانسىزلىق،بەتخۇيلۇق ۋە ئىپلاسلىق-پاسىقلىق بىلەن نام چىقىرىشتۇر... ... ...››. 

        2010-يىل فېۋرال يېزىلدى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق