بىزدىكى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان

يوللىغۇچى : maripet يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-09 00:22:00

مەۋسۈملۈك ئىمتىھان -ئىمتىھان باشلاندى ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار ! مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن تەڭ سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى . ئوقۇغۇچىلار بۇلاقتەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ مۇئەللىمنى...

      مەۋسۈملۈك ئىمتىھان

      -ئىمتىھان باشلاندى ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار ! مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن تەڭ سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى . ئوقۇغۇچىلار  بۇلاقتەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ مۇئەللىمنىڭ  ئاغزىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان تۈزۈملىرىنى  بىر  قېتىم  تەكىتلىۋەتكەندىن كېيىن سۇئاللارنى  بىر-بىرلەپ تارقىتىشقا باشلىدى. 

    -سۇئال يەتمىگەنلەر بارمۇ ؟

    —يوق .  ئۇنداق بولسا ئاۋال  ئىسمىڭلارنى يېزىڭلار ، ئاندىن سۇئالغا قاراڭلار.

    1– سۇئال پىنيىنغا قاراپ خەنزۇچە خېتىنى يېزىڭ، تەلەپ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇ ئوقۇتقۇچى بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرىۋاتاتتىم، بىرىنچى خەت دەپ داۋاملاشتۇردى  ئوقۇتقۇچى

    shiدىگەن خەتنى قانداق يېزىشنى بىلەمسىلەر؟
         —بىلىمىز. ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يېزىپ كۆرسەتتى ئوقۇغۇچىلار دەرھال يېزىۋالدى. 
       — nao دىگەن خەت قانداق يېزىلىدۇ يەنە دوسكىغا يېزىپ كۆرسىتىلدى بۇنىمۇ ئوقۇغۇچىلار دەرھال كۈچۈرىۋالدى.
        ئىمتىھان  مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىۋاتاتتى، ئىچىمنى مىڭلاپ مىليونلاپ قۇرۇتلار تاتىلاۋاتاتتى، نىمىلەرنىدۇر دىگۈم كەلدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ  قولىدىن قەغەزنى يۇلۇپ  ئېلىپ يىرتىۋەتكىم كەلدى،  ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم . نىمىشقا شۇنداق قىلمىغىنىمنى ئۆزەممۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. ئاڭلىسام ھەممە مەكتەپتە شۇنداق قىلارمىش، مەن بالىلارنى مۇستەقىل ئىمتىھان بېرىشكە دەۋەت قىلىپ ئىمتىھاننى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئالسام بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چۈشۈپ كېتىپ مەكتەپنىڭ ۋە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ نامىغا سەت بولارمىش.
       ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنىڭ ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىسىگە قويۇلغان تەلەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىشى بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈبرۈپ چىقىرىپتۇمىش... توۋا دەيمەن ئۇقۇتقۇچى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىسە ئۇنىڭ ئىشلىگىنىنى ھەممە ئادەم كۆرسە، تەلەپ يۇقىرى بولغانلىقتىن ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى ئۆلچەمگە يەتمىسە يەنە ئوقۇتقۇچىغا سەت بولىدىغان نەرى بار؟   نەتىجىگە قاراپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىلىدىغان بۇگۈنكى بۇكۈندە شۇ تۈ پەيلى مۇئاشىنى تولۇق ئالالمايۋاتقان ، دەرىجىسى ۋەزىپىسىگە تەسىرى بولۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ھالىغا ۋاي ...
        لېكىن ئويلىنىپ باقايلى بىز كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ بۈگۈنىنى مۇشۇنداق يارىتىپ بەرسەك ئۇلار ئەتىگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرەر،  ئەتىنى ئۆگۈنگە قانداق ئۇلار ،  ئۇلار مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا بىزدىن نەپرەتلىنەرمۇ ياكى بۇ ئۆتمۈشىنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتەرمۇ؟    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق