ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق(تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:05:38

ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇقتاھىر ئىمىن ئىلتەبىرياشلىرىمىز ئەتىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تۈۋرۈكىرېئاللىقتا گاھ ئاچچىق، گاھ تاتلىقكەچمىشلەر تۇمۇشىمىزنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. كونا ھادىسىلەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈش...

    ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇتۇق
    تاھىر ئىمىن ئىلتەبىر


    ياشلىرىمىز  ئەتىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تۈۋرۈكى

    رېئاللىقتا گاھ ئاچچىق، گاھ تاتلىقكەچمىشلەر تۇمۇشىمىزنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. كونا ھادىسىلەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈش تۈگۈل چۈشىنىپ يېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قىلىۋاتقان دەقىقىلىرىمىزدە يەنە يېڭىلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ بىزنى ئۆزىمىز ۋە  رېئاللىقىمىز ھەققىدە قايتا ئويلۇنىشقا قىستىماقتا. بۇ ھادىسىلەر ھەممىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتى، ئورنى، مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ بۈگۈننىڭ شاھىدى، كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئاساسچىلىرى بولغان ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئورنىنى باشقىدىن مۆلچەرلەش كېرەكلىكى ھېس قىلىنماقتا. ياشانغانلار دائىم يولنىڭ ئاخىرى، ئىزنىڭ داۋامىنى جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، يېڭى قاراش، ئۇدۇل يول تاپالايدىغان ئىشەنچلىك ياشلارغا قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. نۆۋەتتە بۇنى تونۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئالاھەزەل كۆپ ياشلىرىمىز ئۆز ئورنى ۋە سالاھىيىتىنى بەلگىلەپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ساھەدە خاس يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنىلا ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆز قولىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىماقتا. بىز بۇلارغا ۋە ياشلىرىمىزنىڭ بىرقاتار ئەمەلىيەتلىرىگە بىرنەچچە نۇقتىدىن يۈزە بولسىمۇ نەزەر سىلىپ ئۆتىمىز.

    نەزىرىمىزدىكى بۈگۈنكى دەۋر روھى

    بۈگۈنكى دەۋرنى سىياسىئونلار، ئىقتىسادشۇناسلار، ئەدەبىياتچىلار، دىندارلار... ھەممىسى ئۆز تەپەكۇر يولى بويىچە خۇلاسىلەپ كەلدى. ھەرقايسى تىرىتورىيە ئىگىلىرىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلان ۋە ئىجرا يولىدا بولۇشتى. ئەمما بۈگۈنكى دەۋرنىڭ بىز ئۈچۈن چىن مەنىسى نېمە؟ گەرچە ئۇچۇر دەۋرى دېيىلىۋاتقان بۈگۈن بىزدە تولاراق «گەپ دەۋرى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ ئەمما رېئاللىق ئۆز خىرىس ۋە كىرزىسلىرىنى بىزدىن ئاياپ ئولتۇرمىدى. بۈگۈنكى دەۋر روھى پەقەت ئىنسانىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىي ئېھتىياجى بولغان يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ شارائىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە نۇرغۇنماددىي ئىنشائاتلارنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە مۇھىمى مەنىۋىيەتتىكى  تەشنالىقلارنى قاندۇرۇش ئىستىىدە بولغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى دەۋر روھىنىڭ بىزدىكى رىقابەت ئىنكاسى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللى ئېھتىياجى بولغان قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسىدە تولىمۇ يالىڭاچ ئەكس ئەتتى. باشقىلار بۈگۈنكى دەۋرنى نېمە دېسە دېسۇن، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن چىن مەنىسى يەنىلا كۈچلىنىشكە تەخىرسىز يول ئېلىشتىن ئىبارەت. بۈگۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ھاياتلىق مەنبەلىرى ۋە مەۋجۇتلۇق ئاساسى بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىنى كەسكىن تالىشىدىغان بىر دەۋر. كىشىلەر ھېچكىمگە ئادىمگەرچىلىك قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ھەممە نەرسە مەنپەئەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
    بۈگۈن بىز مەيلى كىم بولايلى، ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن نەرسە ئۈچۈن ئۆزىمىز ئاخىرغىچە تىرىشىدىغان، ئىلىشىدىغان روھنى تەلەپ قىلىدىغان بىر دەۋر. بىزدە ماھارەت، رىقابەت، ئەمەلىي كۈچ بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى دەۋردە بارلىق ياخشى ئامال - چارىلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان ياشاش شارائىتىمىز، مۇھىتىمىزنى ياخشىلاشقا ئاتلىنىدىغان بىر دەۋر. قاخشاشقا، چۈشكۈنلىشىشكە، يامانلاشقا، تىركىشىشكە قەتئىي پۇرسەت ياكى ھوقۇقىمىزمۇ يوق. پەقەت تولىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئەمگەك قىلىش، ئىقتىدار ھازىرلاش، ئىتتىپاقلىشىشلا بىزنى دەۋر روھىغا باشلاپ ماڭىدۇ.
     ئەڭ يېڭى شەكىل بىلەن ئىلغارلاشتۇرۇلغان بوشلۇق پىلانىتالىرى، يېڭى - يېڭىدىن سىلىنىۋاتقان مىليون - مىليارد يۈەنلىك قۇرۇلۇشلار، ياسىلىۋاتقان، ئىشقا كىرىشتۈرىلىۋاتقانماشىنا، كومپيۇتېرلار... كۈنلەپ كۆپەيتىلىپ ئىمزالىنىۋاتقان زور مەغلۇبىلىك سودا توختاملىرى؛ تۈركۈملەپ ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق دوكتۇر، ئاسپىرانتلار؛ مىنۇتىغا بىسىلىۋاتقان ھەر ساھە قورال ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى؛ كۈنساناپ كۆپىيىۋاتقان كەشپىيات تۈرلىرى؛ توختىماي  ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى، دائىم ئىلىنىپ تۇرىۋاتقان كەسپىي مۇلازىمەت سەۋىيە ئىمتىھانلىرى... ھەممىسى بىزنى ئويغا سالىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە ياشاش شارائىتى ئېلىپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان تۈرلۈك بىسىملارنى رىقابەت كۈچىمىز ئارقىلىقلا يېنىكلىتىش ۋە يېڭىشقا مەجبۇر بولماقتىمىز. مانا بۇ بىزدىكى بۈگۈنكى دەۋر روھىدۇر.

    رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى ۋە زۆرۈرىيەت

    ھەممە توغرا بولغان دۇنيا قاراشتىن باشلىنىدۇ. ياشاشتا، مەڭگۈلۈك ھەرىكەت تۈرتكىمىز بولغان روھنىڭ ۋە تەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىمىز. ئىنساننىڭ ياخشى ياشاش ھوقۇقى بار. ئىنسان ئۆزى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرسە، پەقەت ئۆزىنىلا ئەمەس، ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنى رازى قىلىپ ماڭىدۇ. بىزگە نىسبەتەن مەزكۇر رېئاللىقتىن سىزىلغان چەمبىرەكلەر دائىرىسىدە پايدىلىنىش قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن ئۇنىڭدىن قاخشاپ يۈرگەندىن مىڭ ئەۋزەل. مۇشۇنداق شارائىت، مۇشۇنداق چاغ، مۇشۇنداق ئورۇندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئۆزگىچە شارائىت، مۇھىتقا بارغاندىمۇ ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىمىزنىڭ دەلىلى. مەزكۇر رېئاللىقتا ئىش ئاققۇزالماي، ئۆز رېئاللىقىنىڭ ناخۇش تەرىپىنى تارىخقا دۆڭگەش، جەمئىيەتنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان تارماقلىرىدىن قاخشاش، ئۆزىنى چەتتىكى ئادەمدەك كۆرسىتىش مەغلۇبىيەتچى، غايىپەرەسلەرنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى يوشۇرۇشتا قوللانغان پەردازدۇر. ئاۋال مۇشۇ رېئاللىق تەلەپ قىلغان بەدەلنى تۆلەپ، ئۇ بىزگە تەڭلىگەن خىرىسلارنى بىر - بىرلەپ يىڭىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئىنكار قىلىدىغان جايلىرى بولۇپ قالسا،  بىزگە ئاتا قىلغان بەخشەندىلىرىنى لازىم قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرسەك بەكلا چوڭ ئىش قىلغان بولىمىز.  نۇرغۇن ياشلار رېئال مەۋجۇتلۇقنى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى تۈزۈلمىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلىۋالغان. بۇنداق ئويلىۋېلىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە كېلەيلى، پەقەت ئۆزىنىلا (ئۆزىنىڭ روھى قىياپىتى، بىنورمال پسىخىكىسى) ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېتىدىغان بەدەل ھەرقانداق تاشقى كۈچنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېتىدىغان بەدەلدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ.  بۇنداق تۇرۇقلۇق ئاۋال كۆپ جەۋر تارتىپ روھىيىتىنى، ئاندىن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىپ تۇرمۇش شارائىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلەر ھەم ئۆزگەرتىشكە قۇربى يوقلار ئەلۋەتتە رېئاللىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزى رازى بولىدىغان يۆنىلىشكە تارتىپ بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن  چوقۇم ئىقتىدار ھازىرلاش كېرەك.
    جەمئىيەتتە ئۆز شارائىتلىرىدىن رازى بولمايۋاتقانلار خىلىلا مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل نارازىلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. لېكىن ھەممىسى مەيلى قانداقلا سەۋەن بولمىسۇن مەسىلەئالدى بىلەن  ئۆزىمىزگە، ئىقتىدارىمىزغا بېرىپ تاقىلىدۇ.

    قىيداش ئاقمايدۇ

    ياشلىرىمىزدا ھادىسە سەم سەۋەب شەكلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان پاكىت  ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى ۋە يۇقىرى ئىقتىدارىنى ئاخىرغا چىقارماي تۇرۇپلا ۋاز كېچىشتۇر. نۇغۇنلار ھازىر ئۆزىدىكى ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدىغان چاغنىڭ تېخى يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەڭ زور تېخنىكىلىق ۋە زور كۈچ سەرپ قىلىدىغان، رىقابەت خاراكتېرلىك ئىشلارغا يۈرۈش قىلىشقا كۆنمىگەن. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر مىنۇت، ھەربىر جاي بىز ئۈچۈن  رىقابەت، ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى. كەسكىن رىقابەت ئادەمنى ھەر چاغ سەگەكلەشتۈرىدۇ. ئۇتۇق  دەل بىز سەل قارىغان، كۆزگە ئىلمىغان ئاشۇ دەقىقىلەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. باشقىلار بىز دىققەت قىلمىغان ياكى ئىزچىل ئەستايىدىل بولالمىغان نۇقتىلاردىن كېلىپ بىزنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز شەخس سۈپىتىدە خۇسۇسى شارائىتىمىز تۈپەيلى ئاغرىنىشقا ھاقلىق بولساقمۇ، كوللېكتىپ روھىي ھالىتى ۋە كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلىشىش ھوقۇقىمىز يوق: خۇددى نىتزى ئېيتقاندەك: «ئازاب چەككەنلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش ھوقۇقى يوق».
    ئورۇنلۇق قاخشاش  پەقەت شەخسنىڭ ئۆز ئۆزىدىن قاخشىشى، ئۆز نۇقسانلىرىنى ۋە ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ قاخشىشىدۇر.
    خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار پروففىسسورى لاۋرىنس ھارسون بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئارقىدا قالغان ۋە ئاجىز ھالەتتە ياشاۋاتقان بىرقىسىم مىللەتلەر سەۋەبىنىڭ بېقىندىچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشنىڭ مىللەت توپىنىڭ ئومۇمى ھەرىكىتىگە ئايلانغاندىكى پاجىئەسىنى تەھلىل قىلغان.
    تۆۋەندىكىلەر ياشلىرىمىز تولاراق تىلغا ئالىدىغان مەسئۇلىيەتتىن قىچىش ئىبارىلىرىنىڭ تۈرىدۇر:
    1. تارىخقا ئارتىپ قويۇش .
    2. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئارتىپ قويۇش.
    3. ئۆزىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشىغا ئارتىپ  قويۇش.
    4. ئۆزىنىڭ يارىلىش شەكلىگە، ئۆسۈش مۇھىتىغا ئارتىپ قويۇش.
    قاخشىغان چاغدا بىزنىڭ زادى نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىز  بىزنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە يەنى، مۇشۇ رېئاللىقنى قانچىلىك چۈشەنگەن، قانداق ئىدىيەدىكى ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ئەھۋالىنى تۇنجى قەدەمدە ئىسلاھ قىلىش  مۇشۇ غەۋغالارنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى.

    كۆزقاراش  ھەممىنى بەلگىلەپ قويىدۇ

    ئارىمزىدا خاس ياشاش ئۇسۇلى، ئېتىقاد،قىممەت قاراشتىن خالىي ياشاۋاتقانلار كۆپ ساندا مەۋجۇت. گەرچە رايونىمىزدا «قىممەت قاراش تەكشۈرۈپ باھالاش» خىزمىتى رەسمى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ بۇ ھەقتە ئىزلەنگۈچىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، دەل بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرىمىزلا ئەمەس، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئىچىدىمۇ ئىدىيە قالايمىقانچىلىقى مەۋجۇت. بۇ خىل قالايمىقانچىلىق قانداقتۇر ئۆز ئەھۋالىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەس، خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىل تولغاق دەۋرىدە تۇرۇشى مۇمكىن. گەپنى مىغىزلىق ئېيتساق ئىدىيە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكنىڭ بىزدىكى ئىپادىسى  قايمۇقۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش شەكلىدە ئىپادىلەندى. بىز بۇ يەردە قىممەت قاراشقا سەۋەب بولغان ئېتىقاد ياكى ئىدىئولوگىيە ئەھلىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكىك ئۆز روھىيىتى ۋە رېئاللىقى ئۈچۈن ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغان مەۋقەدىكى ياشلار ھەققىدە ئازراق توختىلىمىز.
    بىز تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە تولىمۇ ئاددىي يەنى سىزگە ئەمگەك قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ۋە مېھرى - مۇھەببەت بېرەلەيدىغان روھ بەرسۇن.

    ياشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى

    ئۆز خۇشاللىقى، ئارزۇسى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان ياشلار ئۆزى ئۈچۈنچەكسىز ئەركىنلىك، چەكسىز بوشلۇق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇلار چۈشىنىشكە، قوللاشقا مۇھتاج. نۇرغۇنلارنىڭ ئارزۇسىنى مۇشۇلار ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئۇلار ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. پىلان ۋە تەسەۋۋۇرغا باي بولۇپ، يېڭى - يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئەمەلىي ئىشلەش روھىغا ئىگە، جاپادىن قورقمايدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتالايدۇ. ياشلىق بىر خاس ئايرىم دەۋر مەزگىل بولۇپ، بۇ دەۋردىكى خاراكتېرنىڭ فورمىلىسى بولمايدۇ. ئۇنى يەنە تىزگىنلەش، يول كۆرسىتىپ تۇرۇشتىن ئايرىۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ.

    ياشلىرىمىزنىڭ ھەۋەس ۋە قىزىقىشلىرى

    بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك ھەۋەس، قىزىقىشلىرى بولۇشى تەبىئىي. نۆۋەتتە تىپىك بولغان ۋە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان ھەۋەسلەردىن: كىتاب يېزىش، ناخشا پىلاستىنكىسى چىقىرىش، كىنودا رول ئېلىش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش، (ياخشى خىزمەت، ياخشى ئائىلە)، كاتتا ئەربابلار بىلەن تونۇشۇش، چەت ئەلگە چىقىشقا ھەۋەس قىلىش، چوڭراق بىرەر ئىش قىلىپ تونۇلۇش، ھەممە ئادەم ۋاي دېگۈدەك كاتتا ئىش تەۋرتىش، گۈزەل نازىنىن ياكى كېلىشكەن يىگىتكە ئېرىشىش... دېگەندەكلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ياشلىرىمىز زادى نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ نېمىگە قىزىقىدۇ؟ بۇ ئۆز تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالدى. گەرچە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز بىزنى ئۆز ئارزۇ ۋە قىزىقىشىمىزنىڭ يېتەكلىشى بويىچە ئەمەس ئەڭ جىددىي ئېھتىياج ۋە زۆرۈرىيەت بويىچە ئىشلەشكىلا مەجبۇرلاۋاتقان بولسىمۇ نوپوسىمىزنىڭ جىنى بولغان ياشلىرىمىز يەنىلا قىزىقىشنى مەركەز قىلغان ھالەتتە ئىلگخرلىمەكتە. لېكىن قىزىقىش ئەقلى تەلەپكە ۋە رېئال ئېھتىايجغا ئۇيغۇن بولغاندا نەتىجە بېرەلەيدۇكى ئەكسىچە بولغاندا ۋاقتىلىق كۆڭۈل ئېچىشتىن باشقا نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ. لېكىن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسە سۈپىتىدە بىز قىزىقىش ۋە قىزىقىشتىن ھالقىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۈستىدە بايان ۋە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز. بىزدە چەت ئەللەردىكىگە ئوخشاش مەخسۇس جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيەتلىرى قۇرۇلمىغان ۋە مەلۇم كاتىگورىيىگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ «قىممەت قاراش»نى باھالاپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغاچقا بۇلار دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇ يوسۇندا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرمىز.

    ياشلىرىمىزغا ئورتاق مەسىلىلەر

    ياشلار دېگەندە  ئورتاق ئىتىراپ قىلىنغان  قاراش بويىچە 18 ياشتىن 35 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەلۇم بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نوپۇسى 2 يىرىم مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولۇپ، نوپۇسىمىزنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئەسىرلىك مەۋجۇدلىقىمىزنىڭ غوللۇق ئاساسى، تۈرلۈك ساھەدە بىزنى كۆتۈرىدىغان ۋە چۈشۈرىدىغانلارمۇ، ياشانغان، تالاي رىيازەت ۋە ئارزۇلار ئىچىدە قىرانلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىنى كېيىنكى بىر ئەۋلادقا ئۇلايدىغانلارمۇ يەنە شۇلار.
    ياشلىرىمىزغا ئورتاق مەسىلىلەر ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇد. بىرى ئېرىشمىگەنلەرنىڭ تەشنالىق ۋە زارلىق ھالىتى. يەنە بىرى ئېرىشىپ بولغانلارنىڭ ئورۇنسىز ۋە قالايمىقان ئىشلىتىش ھالىتى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
    1. ئىدىيە ۋە كۆز قاراش مەسىلىسى (قالايمىقانچىلىق ۋە قايمۇقۇش)
    2. جان بېقىش  ئىقتىساد مەسىلىسى (نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق)
    3. ئىقتىدار ۋە بىلىم مەسىلىسى (بىلىمسىزلىك ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالماسلىق)
    4. ھېسسىيات  مۇھەببەت، نىكاھ، كۆڭۈل ئېچىش (ئەخلاقچىلار نەزىرىدە تەشنالىق ۋە باشقىلار ئۈچۈن رەسۋالىق)
    5. مۇناسىۋەت  ئەل - ئاغىنە، قۇرداشلار ئارا ئىناۋەت مەسىلىسى (توغرا مۇئەمىلە قىلالماسلىق)
    بۇلار مۇنداق شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ:
    1)ئىدىيە ۋە پىسىخىكا مەسىلىسى ئۆزىگە خاس دۇنيا قاراش يىتىلدۈرمەسلىك. كەلگۈسىگە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراش، ئەھۋالى ياخشىلارغا ئەجەبسىنىش، چۈشكۈنلىشىش، يىرىم يولدا توختاپ قالىدىغان ياشلارنىڭ كۆپ بولۇشى.
    2) نامراتلىق ۋەجىدىن ئوقۇيالماسلىق، توي قىلالماسلىق، ئۆيسىز قىلىش يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك مەسىلىسى ھەل بولماسلىق.
    3) ياش بولغانلىقى تۈپەيلى تەڭقۇر ياشلارغا ھەۋەس قىلىش، ئەمما ئىرىشەلمەسلىك ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ يامان كۈنگە قىلىش، يۈز - ئابروي ۋە نوپۇزىدىن مەھرۇم قىلىش.
    4) كىشىلەر توپىدىن ئايرىلىش، يالغۇز قىلىش، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇچرىغانلىكى ئادەم بىلەن جۈملىدىن مۇھىم بولمىغان ۋە دۇرۇس بولمىغان ئادەملەر بىلەنمۇ قويۇق باردى - كەلدى قىلىش.

    ئۈمىدسىزلىك، ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك  ياشلىرىمىزدىكى يەنە بىر پاجىئە
    بىر ئىشقا تۇتۇش قىلماي تۇرۇپ ئۈمىت ئۈزۈش؛ بىر ئىشنى باشلاپ ئاياغقا چىقارماي تۇرۇپ ئۈمىد ئۈزۈش؛ بىر ئىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئاتىماي، ئەڭ زور ئىقتىدرىنى چىقارماي تۇرۇپ ۋاز كېچىش؛ باشقىلارنىڭ ئەمەلىي شارائىتى بىلەن ئكزىنىڭ شارائىتىنى تەپسىلىي كۈزەتمەي تۇرۇپ ئەگىشىش ياكى قارىغۇلارچە يول تۇتۇش.
    مۇۋەپپەقىيەت كۆزقارىشى ھەققىدە تۆۋەندىكى سۆھبەتلەرگە نەزەر ئاغدۇرايلى:
    مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەلۇم شەخس بىلەن سۆھبەت:
     سىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن، چۈشكۈنلەشكەن چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟
     شۇنداق، چۈشكۈنلەشكەن، ئۈمىدسىزلەنگەن، جاھاندىن، ھەممىدىن بىزار بولغان چاغلىرىم بولغان. يەنە ياشاشقا مەجبۇر ئىكەنمەن، ئىزچىل چۈشكۈنلىشىپ، لايغەزەللىك بىلەن ياشىغاندىن ئۆلسەم بولىدىكەن. شۇڭا تايىنلىق ئازراق بولسىمۇ ياخشىراق ياشاش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم.
     بەزىلەر جان بىقىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، چوڭ ئىش قىلىش مۈشكۈل، كىچىك ئىش قىلىش ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدۇ دېيىشىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
     مېنىڭچە ئۇنداقلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلار بولۇپ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلىشنى بىلمىگەنلەردۇر. ئۇلار دائىم بەك كاتتا، يوغان ئىشلارغا چىپىلىۋالىدۇ. ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەقەللى نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ، ياراتمايدۇ.ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى توغرا بولمىغان كىشىلەردۇر. ئادەم ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىشى كېرەكتە. لېكىن قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن:
    مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى  ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم ئۇتۇق قازىنالايدۇ. ئۇتۇق كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئەمەس، ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى، ئۆزىنىڭ نېمىگە ماس كېلىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلالايدىغان ۋە قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە بىرنەرسىلەرنى بىلىشكە باغلىق بولىدۇ.
    ھەممە كىشى ئۇتۇق ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال ئۆز رېئاللىقى ۋە سالاھىيىتىنى، ئۆزىئۇچراۋاتقان مۇئامىلە، شۇنداقلا ئۆز ئورنىنى ئالدى بىلەن بىلىش كېرەك. ئادەم غەلىبە قىلسا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلغانلىقىنى، مەغلۇپ بولسا نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلگەندىلا، ئۆزىنىڭ ھالى ياخشى بولسا خۇدىنى قوقىتىپ، مەستخۇش بولۇشتىن، يامان بولسا چۈشكۈنلىشىپ، تۈگىشىپ كېتىشكە يۈزلىنىشتىن ساقلىنالايدۇ. ئۆزىنى تونۇش  تېخىمۇ ئىلگىرىلەشكە، ئىسلاھاتقان ئېلىپ بېرىشى كېرەككى، چىكىنىشكە ئىمكان قويماسلىقى كېرەك.
    ئۆزىنىڭ ھاياتتىن بەھر ئېلىش ھوقۇقىنى ھېس قىلالىغان ئادەم چۈشكۈنلەشمەيدۇ.

    ياشلىرىمىز نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟

    ئادەم ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا ئۇ شەخس نۇقتىسىدىن ھۆددىسىدىن چىقالىسىلا نېمىش قىلسىلا بولىۋېرىدۇ. لېكىن كوللېكتىپ بىلەن ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ھەربىر ئىش - ھەرىكىتىدە بىلىپ - بىلمەي باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە، ئابرويىغا مۇناسىۋەتلك ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن سۆرەلمە ياكى ئاشقۇن كىشىلەرر ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن شىمالىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچى، سانجى، جىمىسار، گۇچۇڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن قەشقەر، يەكەن، پوسكام، قاغىلىق، مارالبىشى ناھىيىلىرى، ئۈرۈمچى، سانجى شەھەرلىرىدە زىيارەت ئارىلاش تەكشۈرۈش ئې،لىپ بېرىش ئارقىلىق ئىگىلىشىمچە:
    جانۇبى شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك شەكىللىرى ئاساسەن: ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىشىپ قىلغان تىجارەت؛ دېھقانچىلىك ۋە يەككە تىجارەت (ئۇلاغچىلىق، بورداقچىلىق، كۆكتاتچىلىق، باققاللىق، ئاشلىق سودىسى، تىرىكچىلىك قىلىش؛ ئاتا - ئانىسى سىلىپ بەرگەن دەسمايىنى ئاساس قىلىش ئىلىپ - سىتىش بىلەن مۇستەقىل سودا قىلىش؛ مائاشقا تايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرۈش؛ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش... قاتارلىقلار ئىكەن.
    دەۋر تەلىپى ۋە ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ خۇسۇسىي ئىگىلىككە مەنسۇپ بولغان بارلىق تۈرلەر ياكى شەللىنىش ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ ماسلىشىش، يىتىشىۋېلىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ.
    پوسكام ناھىيىسىدە ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ياش ئۆزىنىڭ تىجارەت يولى ھەقىدە مۇنداق دېدى:
    مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن. بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان. بوۋام كاتتا تىۋىپ بولغاچقا دەسلەپتە دادام مېنى ئۇنىڭغا شاگىرتلىققا بەردى.ئۇنىڭ يىنىدا ئۈچ يىل تېبابەتچىلىك ئۆگەندىم، كېيىن بوۋام ئۆلۈپ كەتتى. تېبابەتچىلىك مېنىڭ ئەستايىدىل ۋە ئېغىر بېسىق مىجەزىمگە ماس كېلىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ دۇكان ئاچتىم. تاپقان پۇلنى دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە دادام تۇتتى، كېيىن مەن ئىشەنچلىك دەپ قارالغاندىن باشلاپ ئۆزۈم تۇتتۇم.ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تېببىي ئىمتىھانغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى. مەن خوتەن تېببىي تېخنىكومى ئوقۇشلۇقى ۋە يەرلىك رېتسىپلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم. ھازىر يېڭى ئۆي سالدۇق. بىر كىچىك ماشىنا ئالدىم. كومپيۇتېرىممۇ بار بولدى، مەن بۇ جەرياندا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مۇناسىۋەت دائىرەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جامائەت خوش بولىدىغان توغرائىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالىلار. يەنە ناھىيىمىزدە كۆزدە كۆرۈنگەن، ئىش ئوقىتى ياخشى، يۈز - ئىناۋىتى بار، بىزگە پايدىلىق نەسىھەت ۋە مەسلەھەت بېرەلەيدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئارىلىق ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. يەنە بىر نەچچە يىل ئىشلەپ پۇل يىغىپ تېببىي تېخنىكومدا مەخسۇس ئوقۇپ كېلىش پىلانىم بار. شۇ چاغدا ئاساسىم تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
    بۇ مەن جەنۇبتا ئۇچراتقان، ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆز يولىنى پۇختا باسقان، ھۆكۈمەتكە يۆلەنمەي، مۇستەقىل يول تۇتۇۋاتقان ياشلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك بىرسى.

    ياشلىرىمىزنىڭ جان بېقىش شەكىللىرى:
    (1) مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش؛ (2) ئاتا - ئانىسىغا ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش؛ (3) مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى؛ (4) سەرسانلارچە تۇرمۇش كۆچۈرۈش شەكلى؛ (5) قانۇنسىزلارچە جان بىقىش شەكلى؛ (6) پارچە سودا ئارقىلىق جان بىقىش شەكلى

    ئۈرۈمچىدىكى ئىشسىز ياشلار

    نوغاي كوچىسىدىن بۇلاقبىشى كوچىسىغىچە بولغان ئۈچ كىلومېتىرغا يېقىن جايغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇششاق ئىلىم - سىتىم بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئات بەيگە مەيدانى، ليۇداۋان كۆمۈر كېنى، باگاڭ، ۋىيخۇلىياڭ، خىيجياسەن، يۆجىڭگەي، ۋاڭ جيالياڭ، ئەرمو قاتارلىق جايلاردىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان نامراتلىق ۋە بىچارىلىك بۇ يەردىكى ياشلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ھالسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ.
    مۇنداق ئۈچ قىسىم ياشلار:
    1) جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن، ھۈنەر - تېخنىكىسى بولمىغان ياكى ئۈرۈمچىگە ماس كەلمىگەن ياشلار؛ 2) ئۈرۈمچىگە يەرلىك بولۇپ،مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغان، جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ ئويۇنخۇمارلىق قىلغانلار، ئىچكىرىگە، سىرتلارغا قاڭقىپ يۈرگەنلەر؛ 3) ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مۇناسىپ يول تاپالمايۋاتقانلار.
    بۇلارنىڭ ئىشسىز قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى  ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە تەربىيە ئەھۋالىدىن بولغان.

    مۇستەقىل جان بىقىشنى ئۆگىنىش  ئائىلە تەربىيىسىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك
    تەرەققىيات بىلەن بىۋاسىتە توقۇنىشىۋاتقان، تىڭىرقاۋاتقان بۇ خىل ياشلىرىمىزنىڭ قىلىشقا ئۈلگۈرىدىغان بىردىنبىر يولى ئېغىر ئەمگەككە چىداش، مەسئۇلىياتچان ۋە تىجەشلىك بولۇش، ھەرقاچان سگەك بولۇپ يول تىپىش كويىدا بولۇشتۇر.
    قەشقەردىن كەلگەن مۇھەممەتتۇرسۇن ئىسىملىك بىر ياش مۇنداق سۆزلەپ بەردى: مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم. تولۇقسىزغىچە ئوقۇغانمەن.ئىلگىرى يۇرتۇمدا سودا قىلغان، ھۈنەر ئۆگەنمىگەن ئەمما ئۆگەنگەنلىرىم بۇ يەرگە ماس كەلمىگەچكە ئىش تىپىش بەك تەسكە چۈشتى.ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى بىلەن بىر ھەپتە ئالاقىلىشىپ پويىز ئىستانسىسىدا مال چۈشۈرىدىغان ئىش تاپتىم. دەسلەپتە ئايلىقىم مىڭ يۈەن بولدى. ھەر كۈنى ئۈچ نان بىلەن جان بېقىپ بىر ئاينى ئۆتكۈزدۈم. جاپاغا چىدىغانلىقىم، ئىش ئىگىسى دېگەن يەردىن چىققانلىقىم ئۈچۈن مەن بۇ يەردە خىلى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ ئىشلەپ قالدىم. كېيىن ھېساب تۇتىدىغان ئادەم كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەتتىن بوشىغانلىقى ئۈچۈن مەن ھېسابقا ئەستايىدىل بولۇش شەرتى بىلەن پۇل تۇتىدىغان، ئامبار باشقۇرىدىغان بولدۇم. مائاشىم بىر يىرىممىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ھازىر مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتقىلى يەتتە ئاي بولدى. تاپقان پۇلۇمنى ئۇدۇللۇق بانكىغا قويۇپ، ئانچە - مۇنچە ئۆيگە ئەۋەتىپ كېلىۋاتىمەن. ئەگەر شىركەتكە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگىنىم يەردە قالمىسا مەن چوقۇم يەنە ئۆرلەيمەن. ئەگەر شىركەت ۋەيران بولسا تاپقان پۇللۇرۇم بىلەن ئۆزۈم مۇستەقىل بىرەر ئىشنىڭ ئىپىنى تۇتساممۇ بولىدۇ.
    ئادىلجان ئىسىملىك بىر ياش مۇنداق سۆزلەپ بەردى:
    مەن 19 ياشقا كىردىم، ئۈرۈمچىگە كەلگىلى بىر يىل بوپتۇ. ئىلگخرى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كېيىن دادامغا ئەگىشىپ دىلكالىق قىلغان. دەسلەپتە مەن بەك تىڭىرقىدىم. كېيىن خىجىل بولۇپ ھېچكىمگە ھال ئېيتماي ياكى يول سورىماي يۈرىۋەرسەم ئاچ قالىدىغانلىقىمنى بىلدىم. ئاخىرى ئاغرىپ قالغان چىغىمدا ئەخمەتجان ئىسمايىل دەيدىغان بىر دوختۇرغا كۆرۈنگەچ مەسلىھەت سورىدىم. ئۇ كىشى ماڭا كۆپ ئىلھام بەردى ۋە يول كۆرسەتتى. مەن ئۆز جىنىمنى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا بىقىشىمكېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قۇرۇلۇش شىركىتىگە بېرىپ خەنزۇلار ئارىسىدا ئىشلىدىم. خەنزۇ تىلىنى بىلمىسەممۇ سەۋرچانلىق ۋە چاققانلىق بىلەن ئىشلىدىم. كۈنلۈكۈم 40 يۈەندىن توختىدى.
    بۇ ئىشىم بەك جاپالىق.جاپاغا چىدىمىسام قانداق قىلىمەن؟ مېنىڭ ئاتا - ئانام ياكى باشلىق ياكى باي ئەمەسكەن. مەكتەپتە يا ئاخىرغىچە ئوقۇماپتىمەن. ئەمدى چىدىشىم، ۋايسىماسلىقىم كېرەك. مەن  ھامان ياخشى تۇرمۇش قۇرالايدىغانلىقىمغا، يۇرتۇمغا نۇرغۇن پۇل كۆتۈرۈپ ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئالدىغا يۈزۈم يورۇق بارالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

    ئۆيسىزلىك، خوتۇنسىزلىق، ئىشسىزلىق، سەرسانلىق  ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئەڭ نەق ۋە ئېغىر مەسىلىمىز. لېكىن بىز ھەممىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا، ياشلىرىمىزنىڭ جاپاغا بەرداشلىق بېرىپ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىغان يۇقىرىدىكى ئىككى ياش دوستىمىزغا ئوخشاش ئۆزىدىكى روھىي ئاجىزلىقنى كەسكىن ئىرادە بىلەن يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
    ئۆيسىزلىك، خوتۇنسىزلىق، سەرسانلىقنىڭ ئالدىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەش خىلى ئوغۇلبالىدارچىلىققا ياتىدىغان ئىشتۇر.

    توغرۇلۇق ئىچىدە ئىزىۋاتقان ياشلىرىمىز

    قەلبىگە نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى پۈككۈن بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز ئىزىپ يۈرمەكتە. ئۇلار بارلىق شىرىن ئارزۇلىرىنى كىتاب دۆۋىسىگە ئاتىۋەتكەن بولۇپ، ئاشۇ كىتابلار دۆۋىسىدىن ئاللىقانداق غايىۋى نەتىجىلەرنى كۈتىدۇ.كىتاب ئۇلارغا لەززەتلىك سىزىم بېرەلەيدۇ. ئۇلار  خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ. گېزىتنى ئەستايىدىللىق بىلەنئوقۇيدۇ. بىرقىسىم ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولىدۇ. بارلىق ئۇچۇر ۋە ھادىسىلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. ماقالە، شېئىر يېزىشقا ھېرىسمەن كېلىدۇ. سورۇنلاردا بەس - بەستە تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىدۇ. تولىمۇ قىزغىن ۋە ھاياجانبىلەن سۆز باشلىيالايدۇ ۋە ئاخىرلاشتۇرالايدۇ. غەلىتە ۋە ئۆزگىچە ئىبارىلەرنى ياد ئېلىۋالغان بولۇپ دەل جايىدا كەلتۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ. قارىماققا ئۇلار ھەممىدىن خەۋەرداردەك، ھەممىنى بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كاللىسى ئەخلەتلەرگە توشۇپ كەتكەن بولۇپ،  كاللىسىدىن مۇھىم ۋە مۇھىم بولمىغان بارچە ئۇچۇرلارنى تاپالايدۇ. ئۇلار مەشھۇرلىرىمىزغا ئائىت ئىنچىكە ئۇچۇرلارنىئىگىلەپمۇ قويىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىرىنى قاتتىق سۆكەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ سەكسەن خالتا ئەيىپلىرىنى بىلىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىنى ئۇزۇن تارىخ ئارقىلىق سۆزلەپ بېرىدۇ.  مۇشۇ قاتلام ياشلىرىمىز بىر تەجرىبە ئىتىزى بولۇپ قالغانبولۇپ،ئۇلار ھازىر  مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن، مەلۇم بىر ئىدىئولوگىيىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى ئىدىيىۋى لەشكىرى بولۇپ قالماقتا. ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈشتە ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىلسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ھېچقايسى ساھەدە ۋايىغا يەتمىگەن، لېكىن ھەممىدىن ئاندا - ساندا خەۋەردار بولۇپ، «تەرمىلەر»  ژۇرنىلىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپى كىتاب ۋە بىلىمنى سۆيىدۇ. يېڭى كۆز قاراشلارغا ھېرىسمەن.قەلبى بىر يېڭى دۇنياغا تەلپۈنىدۇ. تېخى ئۇلار باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ، رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. دېمەك ئۇلار بىر تۈركۈم ياخشى نىيەتلىك، ساپ دىل ياشلىرىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچان، كۆيۈملۈك ۋە   غايىۋى روھىدىن سۆيۈنۈشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ يامان تەرىپى ئۆزى رېئاللىقتا ياشاپ تۇرۇپمۇ،ئاشۇ رېئاللىقنى چۈشەنمەيۋاتقان، ئۆزى بىلەن  رېئاللىقنى سۈنئىي ھالدا ئايرىۋېتىپ بارماقتا. ئۇلار بىلىم ۋە رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا تىڭىرقاپ يۈرىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن  زەڭ سالساق ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇشبۇ ھادىسىلەرنى ئۇچرىتالايمىز.
    1) بىلىمنى ياخشى كۆرۈش ئەمما نېمىنى ئۆگىنىش ۋە قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەسلىك.
    2) مۇئەييەن بىر ساھەدە مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولالماسلىق.
    3) ئۆگەنگەنلىرى رېئاللىقتا ئىشلىمەسلىك ياكى ئىشلىتەلمەسلىك.
    4)نوپۇزغا، شۆھرەتكە بېرىلىپ ئەمەلىي نەتىجە قازىنالماسلىق، غايىۋىلىشىپ مەغلۇپ بولۇش يولغا چىقىپ بولغان،ئەمما قانداق مىڭىشنى بىلەلمىگەن، كىتاب ۋە خىيال  بىلەن تۈگىشىپ كېتىۋاتقان شۇ ياشلىرىمىزغا ئېيتىمىزكى، سىزنىڭ ئۆزىڭىز بىر كاتتا كىتاب.كىتابلا ئەمەس بىر كاتتا ئەسەر. سىزمۇ تىرىشسىڭىزلا ياخشى يازالايسىز.

    ئەمگەك قىلمىغانلارنىڭ ئۇلۇغ نەزەرىيىلىرىدىن گۇمانلىنىڭ!

    كىتابنى باشقىلار يازىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، كىتابى يازغۇچىنىڭ رېئال دۇنيانى ماددىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياكى ئادەملەرنىڭ روھىغا، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەرنى پۈتۈشتىن ئىبارەت. بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەرنى يازىدىغان، تەرجىمە قىلىدىغانئاتور - يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىشى ھەل بولۇپ بولغان، مۇقىم خىزمىتى، ئىش ئورنى بار كىشىلەردۇر. ئۇلار يەنە قەلەم ھەققى ئالىدۇ. ئۇلار مۇھتاج نەرسە ئۆزىنىڭ تونۇلۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى. شۇڭا ئۇلار شۇنداقراق نەرسىلەرنى يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىلمىي ئەمگەكنى ئىزلەنگۈچىلا قىلالايدۇ، يازالايدۇ بىز ئۇنىڭدا ئىزىپ يۈرگۈچىلەردىن ئەمەس، بەلكى باھا بېرەلەيدىغان،ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئوقۇيالىغىنىمىزدىلا كاللىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ساقلاش بىلەن ئەمەس، ئىشلىتىش بىلەن ئاشىدۇ. ئۆگەنگەنلىرىمىز ۋە ئىزلەۋاتقانلىرىمىز ئەمەلىي ئۈنۈمى بار ۋە بىزگە ماس كېلىدىغان بولسۇن.

    خىزمەت قىلىۋاتقان يالشىرىمىز

    نۇرغۇن ياشلىرىمىش خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك چىقىش يولى دەپ قاراپ، ھۆكۈمەت مەسئۇللۇقىدىكى مۇقىم خىزمەتكە پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەنئىنتىلىدۇ ۋە بىر ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ئىرىشىدۇ.
    خىزمەتنى بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قاراش ياشلىرىمىزنى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىن توسۇپ قويماقتا. ئۇلار بېقىندىچىلىق، ھورۇنلۇققا كۆنمەكتە. خىزمەتتىن ئايرىلسا قانداق كۈن ئىلىش ھەققىدە پىكىر قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ىزمەتنى ساقلاپ قىلىشمۇ مۇھىم. بۇ ئارقىلىق مەمۇرى ئورۇنلاردىكى نوپوزىمىزنى ساقلاپ، تېگىشلىك بولغاندا ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
    خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغانلار نۆۋەتتىكى خىرىس ۋە رىقابەت ئالدىدا ئۆز خىزمىتىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ھەرقاچان تاقابىل تۇرالىشى كېرەك.

    تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت

    ھەرقانداق خىزمەت ئادەمدىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىنتايىن مۇھىم. بانا كۆرسىتىش ئاقمايدۇ. كىم ياخشى قىلالىسا شۇ ئىشلىتىدۇ. بازار ئىگخلىكى - بىزدىن ئەڭ ياخشى قىلىشنى،ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارىمىزنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلغان خىزمىتىمىز چوقۇم ئىستىمال قىممىتى، ئېھتىياج تەلىپىگەماس كەلگەندىلا ئاندىن ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت ئادەتتە ئىككى نەرسىگە مەركەزلىشىدۇ. بىرى: كەسپى ماھارەت يەنە بىرى مەسئۇلىيەت ئىڭى. ئادەم قىلغانئىشنى چوقۇم ئەستايىدىل ۋە ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل داۋاملاشتۇرۇپ قىلغاندىلا ئاندىن غەلىبە قازىنالايدۇ.

    ياشلارنىڭ شاللىنىپ كىتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار

    ۋاقىت ۋە ئىنتىزام مەسىلىسى  بۇ ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئەبگالىقنىڭ كېيىنكى تەسىرى تېخنىكا ۋە ئىقتىدار مەسىلىسى، تىل ۋە كەسىپكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكنىڭ نەتىجىسى. مۇناسىۋەت ۋە پەزىلەت مەسىلىسى، مىللى پەرقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈۋېلىش ۋە توغرا قاراشتا بولماسلىقنىڭ نەتىجىسى.
    نۇرغۇن كىشىلەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتقان خىزمەتنى بەزىلەر بوشاڭلىقى تۈپەيلى قولدىن بەرمەكتە. شىركەتلىرىنىڭ يالداما سۆزى بويىچە  ئېيتىمىزكى، بۈگۈن سىز ئەستايىدىل خىزمەت قىلمىسىڭىز ئەتە يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىزلەيسىز.
    ماھىنۇر ئىسىملىك بىر بانكا خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: بىزنى ھەر بىر خىزمەت پەسلىدە ئەخلاق، كەسپىي ماھارەت، مۇئامىلدارلار پىكرى، كۈندىلىك بېرىش - كېلىش، تازىلىق...  قاتارلىق تەرەپلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى بويىچە باھالاپ چىقىدۇ. بىز ئاساسەن قىلىپقا چۈشتۇق. چۈشمەي ئامال يوق. بۇنىڭغا كۆنۈش كېرەك. بولمىسا نېمە ئىش قىلالايمىز؟ خىزمەتتىن ئايرىلساق يېڭى بىر ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا پۈتۈن كۈچىمى بىلەن تىرىشىپ جانىجان مەنپەئىتىمىزنى قوغداپ قىلىشىمىز كېرەك.

    ستودىنتلىرىمىز

    ئوقۇۋاتقان، ئوقۇپ خىزمەت ئىزلەۋاتقان ياشلىرىمىز  ئۆز كەلگۈسىنى روشەنراق كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ياشلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئومۇمى مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە خۇسۇسىي مۇۋەپپەقىيەت نۇقتىسىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئويلىشى نۆۋەتتىكى قىسقا تەۋسىيەىمىزدۇر.
    سىتودىنتلىرىمىزدىكى مەسىلە مۇنداق بىرنەچچە جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ:
    1) ياخشى ئوقۇماسلىق (كەسپىي بىلىم، سىياسەت، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى)
    2) ياخشى ۋە تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرمەسلىك (ئىقتىساد ۋە تازىلىق)
    3) مۇستەقىللىق ۋە جاپاغا چىداش ئىڭى تىكلىيەلمەسلىك (بىقىنىش، خىزمەت تاپالماسلىق)
    4) ئەخلاق ۋە مىللىي ئاڭ مەسىلىسى (بىزگە پەزىلەتسىز ئالىم كېرەك ئەمەس دەيدۇ چوڭلار)
    بۇنىڭ سەۋەبلىرى  ئىجتىمائىي مۇھىت، ياشلىق پسىخىكىسى ۋە ئېھتىياج.
    كۆرۈلىۋاتقان يامان خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى قويۇپ بىر ئىجابى مىسال كەلتۈرسەك: خوتەندىن كەلگەن تۇرسۇنجان ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى) ئۆز ھېكايىسىنى مۇنداق بايان قىلغان. مەن 3 - يىللىقتا ئوقۇۋاتىمەن. يېڭى كەلگەندە خەنزۇ تىلىغا يېتىشەلمەي، خەنزۇ تىلىدىكى دەرسلەرنى چۈشەنمىگەچكە ئاخىرى يىل زېھنىمنى خەنزۇ تىلىغا قاراتتىم. بوش ۋاقىتلاردا كېرەكلىك كېتاب، خاتىرە ۋە باشقا مەدەنىي بويۇملارنى ئىلىپ كېلىپ ياتاقمۇ - ياتاق كۆتۈرۇپ يۈرۈپ خىلى پايدا تاپتىم. مەكتەنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ تاماق مەسىلەمنى ھەل قىلدىم. ھەتتا بەزىدە قاراۋۇلخانىدىمۇ تۇردۇم. ئاساسەن جاپاغا پىشتىم. ئىككىنچى يىلى مەن ماتىماتىكا ۋە خىمىيە دەرسلىرى بويىچە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. ھازىر ئۆزۈمگە ئاساسەن ئاساس سېلىپ بولدۇم. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىغان بولساممۇ لېكىنئىرادەم بار. ھەم شەرتىممۇ توشۇپ قالاي دېدى. كېلەر يىلى چوقۇم ئالىمەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈش بىلەن تەڭ ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلىپ ئۈلگۈرىمەن.

    ئارقا تىرىكى بار ياشلىرىمىز

    بۇنداقلار ياكى ئەمەلدار ياكى باي ئۇرۇغ - تۇققانلىرىغا تايىنىپ كۈچىيىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ياكى چوڭ بولۇپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقۇدەك بولغۇچە ئىلگخرىكىلەر تىكلىگەن ئىگىلىككە ۋارىسلىق قىلىش شارائىتى بار بولغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە مۇشۇ يول بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلار بولغاچقا ئۇلار ئۆز كەلگۈسىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئەجەللىك يىرى - ئارقا تىرىكى خاس مۇشۇنداق ھوقۇق بىلەن پۇلدىن ئىبارەت تاشقى كۈچكە تايىنىۋېلىش. ئەگەر مەڭگۈلۈك تىرەك ئۇرۇلمىسىلا ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيدۇ. لېكىن كۆپىنچى ھاللاردا ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولماي قالىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان ۋە خادىم ئىسلاھاتى، كەسپىي ماھارەت تەكشۈرۈپ باھالىشى، رېئاللىقنىڭ ئادەمدىن تەلەپ قىلىۋاتقان زور ئىچكى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ بىزنى ئۆزىمىزگىلا تايىنىدىغان ئاخىرقى مىنۇلارنىڭ بارغانسىرى يىقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىنكاسسىز ياشلىرىمىز

    شۇنداقمۇ ياشلىرىمىز  بار. ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، ھەممىدە پاسسىپ ئورۇندا تۇرىۋالىدۇ. ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەۋجۇت رېئاللىقتا قانداق ۋەزىپىسى ۋە رولى بارلىقىى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. بىراۋ بوزەك قىلسا بىردە مىتمۇ قىلمايدۇ بىردە تەتۈر تىپىرلايدۇ. مۇشۇ قاتلام ياشلىرىمىز ئەڭ زور پاجىئەلەرگە ئەلچى بولۇپ تۇرماقتا. ئەيدىز، زەھەرلىك چىكىملىك، تورخۇمارلىق، قىمارۋازلىق، ھاراقكەشلىك، بىكار تەلەپلىك، ئابگالىق...  توغرىدىسىدىكى ياشلىرىمىز ھوقۇقنى ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ توغرا ئۇسۇل بىلەن قوغداشنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، ئىپادە بىلدۈرۈشى، گەپ قىلىشى كېرەك. گەپ قىلغاندىمۇ مۇۋاپىق يوسۇندا بولۇشى زۆرۈر. بۇنىڭ مەيلى قانداق ئورۇندىكى ئادەم ئۈچۈن ھەرقاچان پايدىسى بار.

    چەت ئەلگە چىققۇسى كېلىدىغان ياشلىرىمىز

    مەزكۇر رېئاللىقتىن مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىرىشىپ بولالماي، سىرتقا ئىنتىلىۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز قازاقىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، گىرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، فىرانسىيە قاتارلىق نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. ئۇلار روس تىلى، ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىللىرىدىن ئۆگەنگەن. ئۇلار  پەقەت ئوقۇشنىلا ئەمەس، يەرلىشىپ قىلىشنىمۇ خىيال قىلىشىدۇ. ئاپتورنىڭ كۆزىتىشىچە ئۇلار نۇرغۇنلىرى مۇشۇ يەردە ئۆزى رازى بولغۇدەك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىغانلاردۇر. مۇشۇ يەردىكى تونۇش - بىلىشلەر ئۈچۈن ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايدىغانلاردۇر.
    گىرمانىيىدىكى نازدار قىز مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر كىشىلىك جان بىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ بولسا، نەگىلا بارماڭ سىزدە ئىككىلا نەرسە بولۇشى كېرەك، بىرى ئىقتىدار يەنە بىرى جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى، ھېچقانداق يەردە تەييارغا ئىگە بولىدىغان ئىش يوق. ئىنسان دېگەن مۇستەقىل جان بىقىش مەجبۇرىيىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ. بۇ يەردىكى تەرەققىي قىلغان ياۋروپادىكى ئادەمنىڭ ساپاسىغا قويۇلغان تەلەپ باشقا ئەللەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى.»
    ئاۋستىرالىيىدە ئوقۇۋاتقان نۇرمۇھەممەتجان ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە يۈكسىلىشلىرىدىن ھەقىقەتەن خۇرسەن ئىكەنلىكى، ئەمما ئانا يۇرت سىغىنىشى، مىللىي ئۆزلۈك، ئىقتىسادىي بىسىم قاتارلىق جەھەتتە قانائەتلىنەرلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
    ياپونىيىدە مىدىتسىنا ئىلمى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئالىمجان تۇرمۇشىمۇ ئاپتوماتلىشىپ كەتكەن بۇ دۆلەتتە ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئالدىراش، خىزمەت تۈزۈمى، ۋاقىتنىڭ بىز كۆنۈپ كەتكەن ئۇسۇلغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگودىكىدىنمۇ بەكرەك بەدەل تۆلەشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
    سۈرىيىدە ياشاۋاتقان ئابدۇسەمەتجان يەتكۈزەن خەۋەر بۇلاردىن پەرقلىق: «بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن دىنى پائالىيەتلەرگە ماسلىشالايدىغان ئىتىقادلىق بولۇشى، ئەرەب تىلى بىلىشى، ۋە ئىقتىسادىي دەسمايىسى بولۇشى كېرەك. پەقەت بولمىسا دىنى ساھەدە ئارقا تىرىكى بولۇشى كېرەك. بۇلار بولمىغاندا ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ.»
    ئادەم نەگىلا بارسا ياشاپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن قورقۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. مەسىلە يېڭى مۇھىت، يېڭى ئادەملەرنى كۆرگەندە ھودۇقماسلىق ۋە يولۇققان جاپاغا چىداشلىق بېرىشتە.
    سىرتقا تەلپۈنۈش چوقۇمكى مەۋجۇت مۇھىتتا ئىزلىگەن نەرسىنى تاپالماسلىقتىن بولىدۇ ياكى خاتىرجەملىك ۋە ئازادىلىك ياكى ياخشى ۋە پاراۋان تۇرمۇش ياكى كۆپرەك جاھان كۆرۈش ۋە كۆپرەك ئۆگىنىش  ئەلۋەتتە. بۇمەقسەتلەر  خاتا ھېسابلانمايدۇ. لېكىن قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمىغانغا ئوخشاش، ئەمەلىي ۋە كونكرېت نىشان تۇرغۇزۇپ نەگە، نېمەئۈچۈن، قانداق ئۇسۇلدا، قانچىلىك ۋاقىت... دېگەندەكلەر ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ ئاتلىنىش كېرەك.
    مېنىڭچە چەت ئەلگە چىقىش كويىدىكى ياشلىرىمىز: نەگىلا بارسا مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى؛ چىدامچان، قاتتىق سۆڭەكلەردىن بولۇشى كېرەكلىكى، تولىمۇ كۆپ شارائىت تاللاپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ كونكرېت غايىسى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، بەلگىلىك رېئال مۇددىئا ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەككى، ھەرگىز باشقىلارنىڭ ھاياجانلىق يوللىرىغا كىرمەسلىكى كېرەك.

    بىلىمگە قىزىقىدىغان ياشلار

    مۇنتىزم مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ياشلىرىمىز يەنىلا بىلىم كويىدا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆز تەبىئىي بىلىش ئىستىكى، ئىجتىمائىيلىقىدىكى نوپۇز ئېھتىياجى، كوللېكتىپ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەكچى بولغان ياخشى تەلىپى تۈپەيلىدىن بىلىم ئىلىش كويىدا يۈرىۋاتقانلاردۇر.
    بىلىم ۋە ئۇ ھەقتە ئىزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز ھەققىدە مەيلى نېمىلەرنى دېمەيلى، ئۆگەنگەنلىرىمىز ئەسقاتىدىغان ۋە بىزگە ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك.
    كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى
    1. تۇرمۇش، مۇناسىۋەت، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇنىۋېرسال كىتابلار.
    2. كەسپىي ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلار.
    3. كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەدەبىي تىپتىكى كىتابلار.
    ئادەمدە دىپلوم بولمىسىمۇ بولىدۇ لېكىن بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ لېكىن بىلىم ئۆگەنمىسە بولمايدۇ.
    بىلىمنىڭ قەدىر - قىممىتى ۋە بىز ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز بىلىم ئىلىش ئىستىكىدە ئىزلەنمەكتە. ئۆزىنى رىقابەت سورۇنىغا توغۇرلىماقتا. ھەتتا نۇرغۇن ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان ياشلىرىمىزمۇ يىراق يەرلەردىنبىلىنى باغلاپ جاپالىق مۇھىت ئىچىدە ئۆگىنىش ئۈچۈن چاپماقتا. لېكىن بىز ئۆگەنگەن بىلىملەر زادى بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىلىملەرمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ زادى بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەت ياراتتى؟ بىز بىلىمگە، كىتابقا ئالدىنىپ قىلىۋاتامدۇ - قانداق؟ نېمە ئۈچۈن كىتاب قولتۇقلاپ يۈرۈپمۇ يەنە ئەمەلىي شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ كېتەلمەيمىز؟
    مانا بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇھىم مەسىلىلەردنبىرى.

    بىر يولنى ئىككىگە بۆلىۋاتقان ياشلىرىمىز

    ئۆزىنى «مىللەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلغۇتقۇچى» دەپ قارايدىغان خىلى بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز  بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ قاراشلىرىدا ئەستايىدىل ۋە خالىس نىيەت بولۇپ، ياخشى ئىش - ھەرىكەتلەردە بولىدۇ ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىدۇ. يەنە بىر تۈركۈمى پەقەت ئېغىزىدىلا گەپ سىتىش ۋە خەقنى ئاغزىغا قارىتىش، ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مىللەتنىڭ غىمىنى يىگۈچى سۈپىتىدە نامايەن قىلىدۇ.
    تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىرنەچچە خىل تۈرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز: 1. مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش تەرەپدارلىرى؛ 2. كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئىنتىرنىت تورى... ئاخبارات ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛3. پۇل ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛ 4. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق روناق تاپقۇزغۇچىلار؛ 5. ئۇچۇر مەپتۇنكارلىرى.
    ئۆزىنى مۇشۇ خىزمەتلەرگە بىغىشلىغان ۋە مۇشۇ ئىشلار ئارقىلىق مىللەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدىغانلار  ئۆزىنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇتىدۇ. يۇقىرىقى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنى دائىم شۇ ئىشنىڭ ۋەكىلى دەپ ھەقىقى ئىخلاس بىلەن ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئۈن - تىنسىز تىرىشىۋاتقان، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن، باشقىلارغا ئاندا - ساندا ياخشىلىق قىلىش بىلەن جان بېقىۋاتقانلارمۇ بار. ۋە يەنە جىنىنى «مىللەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش» دېگەن نام بىلەن بىقىۋاتقانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
    ماقالە، كىتاب ۋە تەتقىقات قىلىش (ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە) ئارقىلىق مىللەتنى ئالغا سىلغۇتقۇچىلار نۆۋەتتە ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە تەرەپدارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاساسلىق تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىۋالغانلاردۇر. ئۇلار ئىشتىن سىرتقى چاغلاردا كىتاب ئوقۇيدۇ، جەمئىيەت تەكشۈرىدۇ، ماقالە يازىدۇ، زىياپەت، ئولتۇرۇشلاردا قاينايدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، تۇرالمۇ، يىمەك - ئىچمەك جەھەتلەردە ئالاھىدە چوڭ غەملەردىن خالىي. ئەمدى ئۇلار مىللەت سۆيەرلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتمىسىلا بولىدۇ،مەتبۇئاتلاردا ئىسمى چىقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلار يېزىپ تۇرۇشى كېرەك.

    سىياسىغا قىزىقىدىغان ياشلار
    باشقا ئەللەردىكى جىدەل - ماجرالارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ناتوغرا ئىنكاسلىرى بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى تەجرىبە ئىتىزى قىلىپ كەلمەكتە. ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنىڭ قانچىلىك راست - قانچىلىك چىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئوخشاش ھاياجانلىنىش بىزنى بەزىدە ھاردۇرۇپ، بەزىدە تىرىكتۈرۈپ كەلدى.
    سىياسىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى: سىياسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاز - تولا قۇلاقدار بولۇپ تۇرۇش بولۇپ، قانداقتۇر سىياسى ھەققىدە ئۇنىۋېرسال ۋە رەسمى ساۋات ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىرى بەك ئاز. ھەممىسى يۈز بەرگەن ھادىسە ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرىلەر قىلىشىدۇكى، ھەرگىزمۇ شۇ ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتى، سەۋەبى، باش - ئاخىرى ھەققىدە ئۈزۈل -كېسىل خۇلاسىگە ۋە تونۇشقا كېلەلمەيدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان خەلقئارانىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىكى ھادىسە ھەققىدە خىيالى تەسەۋۋۇردا بولىدۇكى، ئۆز رېئاللىقى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىشىپ قويىدۇكى، ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى ئۇنتۇيدۇ.

    سەنئەتكە قىزىقىدىغان ياشلىرىمىز

    ئىگخلىشىمىزچە خىلى كۆپ ياشلار كىنو ئارتىسى بولۇشنى خالايدىكەن. ياشلىرىمىز ئۆز ۋۇجۇدىدىكى تەلپۈنۈشلەرنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلەپ، ئاشكارىلاپ كەلگەن، بەزىلىرى جەڭگاھتا، بەزىلىرى مەشرەپتە، بەزىلىرى چىلىشىش، بەيگىلەردە... سەنئەتكە بولغان قىزىقىش ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سىرتقا  چىقىرىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇۋاتقان  ياكى بىلدۈرگىسى كەلگەن تەرەپلىرىنىڭ باشقىچە شەكلىدە ئىپادىلىنىشى. بۇ پەقەت قىزىقىش ئۈچۈن بولۇپ قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش يۆنىلىشىدە بولسا ياخشى ئىقتىسادى ھەم ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخس، مۇھىم دەۋرلەر، مۇھەببەت ۋە جاپالىق ئۆتمۈشلەر، گۈللەنگەن مەزگىللەر ئىكرانغا چىقىرىلسا ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق بىزگە يىقىن ئەللەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ.
    بىز بۇ تۈركۈمدىكى ياشلىرىمىزغا كەسپى ماھارەت (ئاكتيورلۇق، ناخشا ئېيتىش، ساز چىلىش)؛ مەبلەغ سالغۇچى ئىزلەش (فىلىم شىركەتلىرى، خۇسۇسى سودىگەرلەر)؛ ئۆزىنى ۋە خەلقنى نامايان قىلىش قىزغىنلىقى بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    ئۈن - تىنسىز ئىزلىنىۋاتقان ياشلىرىمىز

    شۇنداق بىر تۈركۈم خالىس ياشلىرىمىزمۇ باركى، ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنى نام - شۆھرەتتىن خالىي ئاددىي كەسىپلەرگە، كۆزگە چىلىقمايدىغان جايلاردىكى مۇشەققەت ئەمگەكلەرگە بېغىشلىغان. كۆپلىگەن كىشىلەر بىرنان تاپسا تۆت ناندا داپ چالىدىغان، بىر دەقىقىلىك خۇشاللىقنى نەچچە كۈن خاتىرىلەپ داغدۇغا چىقىرىدىغان بولۇپ كەتكەن شۆھرەت ئالىمىدە نەتىجە قازانغۇچى ئۆز ئىسمىنى ھېچكىمگە تىنمايدىغان ياكى نەتىجە قازانسىمۇ ئۆزىنى بازارغا سىلىپ كەتمىگەن ياشلىرىمىز بىزگە شۇنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇكى، ھەقىقىي قىممەت يارىتىش ئىنسان ھاياتىنى ئەھمىيەتك ئىگە قىلىدۇ، بۇقىممەت يارىتىش كىشىدىن تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ سۈكۈت، تېخىمۇ ئاددىي يول، تېخىمۇ يىراقنى كرەر كۆز بىلەن تىرىشىش، نەزەر تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز بۇنداق ياشلىرىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ھەس قىلالايمىز. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزلىنىشتىن كېيىنكى نەتىجىنى غايە قىلىپ تىرىشىۋاتقان بۇ ياشلىرىمىز ئىچىدە ئەقلى ئەمگەك ياكى جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ بار. ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۇرمۇشىنى مۇستەقىل قامدىغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى مۇھتاجلارغا يار - يۆلەك بولۇۋاتقانلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
    مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا يۆلەنمەي، باشقىلارنى يۆلەيدىغان ياشلار نېمىدېگەن بەختلىك! مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، مىللىي خاسلىقنى ئۆز ئىگىلىكىگە سىڭدۈرگەن ياشلارنىڭ بۇ خىسلىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى ئورنىنى ھەرقانداق ئىلمىي خادىمدىن تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.

    ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىغان ياشلىرىمىز

    نۆۋەتتە زامانداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى كىرىى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىنچىكە ھالدا كۆرسىتىپ بېرىشكە ئامالسىزمىز. لېكىن ئارىمىزدا كۈندىلىك ئىش ھەققى 5 - 4 دوللارغا يەتمەيدىغانلار ساماندەك تولا. مەبلىغىنى 5 مىليون دەپ تىزىملاتقان شىركەت، كارخانا ۋە خۇسۇسى تىجارەتچىلەر 500 گىمۇ يەتمەيدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بايلارنىڭ كۆپ قىسمى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك تېخنىكا، زامانىۋى پەنلەر، ئۆي - مۈلۈك، ئىنتىرنىت ۋە تور تېخىنىكىسى، چىگرا سودىسى، ئاشلىق، دورا ياساش ۋە يۆتكەپ سىتىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى... قاتارلىقلار بىلەن نەتىجە قازىنىۋاتقانلار ئىكەن. بىزدىمۇ 90 - يىلدىنكېيىن قوزغالغان بازار ئىگخلىكى، ئىقتىساد قىزغىنلىقىغا ئەگىشىپ مۇستەقىل ئىش قىلىۋاتقانلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇلار كۆپىنچە مەلۇم بىر ساھەدە ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە شارائىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ مۇستەقىل ھالدا يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلاردۇر. بۇلارنىڭ بەزىلىرى شىركەت سۈپىتىدە، بەزىلىرى دۇكان ۋە يەرلىك سودا شەكلى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئومۇمى ھالىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ زور بولىدۇ. مەلۇم بىر چوڭ كارخانا مەلۇم رايوننىڭ ئىقتىسادى، سىياسى ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەمەلىي كۈچى ۋە تېخنىكا قۇۋۋىتى بار بولغان كارخانىلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى ھالسىرىغان بىر جامائەنى روھى قۇۋۋەت ۋە ئەمەلىي مادار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىزدە ئېچىشقا تىگىشلىك ساھەلەر ھەقىقەتەن كۆپ. دەسمايە - چوڭلاردا، يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە تېخنىكا پىلانى ياشلاردا پەقەت ھەمكارلىشىش پوزىتسىيىسى چوڭقۇرلاشسىلا بىزدىمۇ چوڭ - چوڭ كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىدا گەپ يوق. باشقا مىللەتلەرگە، ئىچكىرىگە، چەئەللەرگە يۈزلىنىش، بازارنى پەقەت ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار بىلەن چەكلەپ قويماسلىق - كېڭىيىش ۋە ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇشنىڭ يەنە بىر ئاساسى.
    ئۈرۈمچى مەشرەپ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەت ياسىنجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ سودا ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئۇچۇرى ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: مەن تېخى 30 ياشقا قەدەم باسمىدىم. لېكىن سودا ساھەسىدە كۆپ ئەگرى - توقايلىقلارنى بېسىپ 94 - يىلى 10 مىڭ يۈەن بىلەن باشىغان سودىنى ھازىرقى ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ساق 10 يىل تىرىشتىم. ھازىر  بىر يىرىم مىليون مەبلەغ بىلەن  ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئاساسلىق سودا شەكلىم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بۇيۇملىرى سىتىش ۋە توشۇپ يەتكۈزۈش. مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئائىت بىرنەچچە كىتابنىڭ تەسىرى (مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى) ۋە ئەمەلىي تەجرىبەمدىن يەكۈنلىگەن ئۇسۇللۇرۇم بىلەن پىششىق بولۇپ كەتكەنسودا پسىخىكىسى ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتىم. ئاساسلىقى مېنىڭ قاتتىق كىرىشىپ باشتىن - ئاخىر ئۆز ئىشىمنىڭ كويىدا بولغانلىقىمدىن دەپ قارايمەن.

    ئېچىش مۇمكىن بولغان تۈرلەر

    ئېلېكترون ساھەسى؛ يۈك ترانسىپورتى، مەدەنىيەت سورىدى (كىتاب، كىنو، نەشرىيات، سەنئەت بۇيۇملىرى)، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش، چىگرا سودىسى، يۆتكەپ سېتىش، ۋاكالەتچىلىك، يەرلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كىيىم - كېچەك سودىسى، تەنتەربىيە ساھەسى ۋە بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ئاددىي ۋە كىچىك يېمەكلىكلەر، بارلىق تەن راھىتى، سغلاملىقى مۇلازىمەتلىرى، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى، كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلار (بورا، قەن - گېزەك، قەغەز، سۇلياۋ، پايپاق، پەلەي، گىلاستۇك زاۋۇتلىرى)،
    ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى مۇلازىمتىى، سىتىش ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
    بىز پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىرى: زەنجىرسىمان سىتىش ئۇسۇلى، پارچە سىتىش ئۇسۇلى، توپ سىتىش ئۇسۇلى، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ سىتىش ئۇسۇلى، يەككە، ماگىزىنسىز سىتىش ئۇسسۇلى.

    مۇھىمى تاپقان پۇلنى ئىشلىتىش يولى

    پۇل ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. مۇھىمى ئۇنىڭغا قانداق ئۇسۇلدا ئېرىشىش ۋە ئۇنى قانداق يولغا سەرپ قىلىشتۇر. ياشلىرىمىز پۇل تاپقان بىلەن ئۇنى قانداق سەرپ قىلىش ۋە قانداق ئورنىنى ساقلاپ قىلىش، قانداق يەرگە خەجلەش ھەققىدە زۆرۈر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇقىم مۈلۈك، جامائەت پاراۋانلىقى، بانكا ئامانىتى، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قوغداش،مائارىپ سىلىنمىلىرى،نامرات رايونلار قۇرۇلۇشى، يىتىملار تەربىيىلىنىشى، ئۇيغۇرلاردا ئېچىلمىغان يېڭى تېخنىكا مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە ئىشسىز ياشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى بار ساھەلەردۇر.

    مەغلۇپ بولۇش فۇرمۇلاسى:
    سودا بىلەن ساۋابنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش

    ئاشنان يىيىش، كىيىم كىيىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ تەبىئىي ئېھتىياجى بولۇپ ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتى قانداقتۇر بىر يەككە ئىنساندىن سىرت ئىجتىمائىي توپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. سودىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ھېچكىمنىڭ«خەلق ئۈچۈن جان باقىمەن»،«مىللەت ئۈچۈن مۇزىكا ئاڭلايمەن» دېگەنگىپى ئاقمايدۇ. رېئاللىقىمىزدا بۇنداق ئاقماسلىقلار خېلى بار. ياخشى نىيەتلىك ئىش قىلغاندا چوقۇم خالىسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. پاكىستان خەلقىدە مۇنداق بىر تەمسىل بار ئىكەن. «قوتئوت بىلەن دوست بولسا نېمە يەيدۇ؟»
    تەكشۈرۈشۈمگە ئاساسەن شۇنداق قارايمەنكى، خالقئارا ۋەزىيەت، دۇنياۋى ۋەقەلەر، مۇھىم چوڭ ئىشلارغا ئالاھىزەل بىرىلىپ قىزىقىش ھادىسىسى كۆپىنچە ياشلاردا كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا رېئال ئىقتىسادى ۋە نەق ئەمەلىي نەپ يارىتالمايۋاتقان كىشىلەردىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشى، كەلگۈسى ئارزۇلىرى ۋە رېئاللىققا بولغان غەيرى مەمنۇنلۇق قاراشلىرىنى ئۇچۇپ يۈرەر خەۋەرلەر بىلەن بىسىقتۇرىدۇ، ئىپادىلەيدۇ. گېزىت خەۋەرلىرىگەقىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق ھۇزۇر ھېس قىلىشىدۇ. ئەمما سودا، خىزمەت، ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقان نۇرغۇنكىشىلەر يەنىلا ئۆز ئىشىغا قاتتىق بەنت بولۇپ، ئۆز كۆز ئالدىدىكى، ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىم بولغان ئىشلارغا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ ۋە ئائىلە ئىشلىرىدا مەسىلە نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ. بالىلىرىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ. خەلقئارا مۇھىت، ئىراق ئۇرۇشى، ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمى دېگەنلەرگە قىزىقمايدۇ. پۇل خەجلەشتە زادى چىقىم قىلمىسا بولمايدىغان ئېھتىياجلار ئۈچۈن پۇل خەجلىمەيدۇ.
    نۇرغۇن شىركەتلەر مەغلۇبىيەت فۇرمۇلىسى بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەنمۇقىم، تونۇغىلى بولىدىغان، ھەممە ئادەم ئەستا ساقلىيالايدىغان ئىسمى يوق مۇقىم ئىقتىسادى تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان كەسىپ تۈرى ئاز ياكى يوق. زادى نېمىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بازار ئېھتىياجلىق نەرسىسى ئاز. ئىقتىسادى ۋە مەمۇرى تۈزۈلمىسىدە مەسىلە كۆپ. باشقۇرۇش چاتاق،كىرىم، چىقىم ھېساۋاتى ئېنىق ئەمەس، بازار ئېچىش، كېڭەيتىشكە سالغان سالمىقى يېتەرسىز. مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆلچەمسىز، رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. باشقىلار ياكى رىقابەتچىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇچۇر خادىملار ئارا ماسلىسىش يېتەرسىز، بىر - بىرىنى تونۇماسلىق، ئارىلاشماسلىق،ئىناقسىزلىق مەۋجۇت، ئاكتىپلىق يېتەرسىز. قانۇنى مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلمەيدۇ، قانۇن چۈشەنمەيدۇ. ھەمكارلىق يېتەرسىز بولغانلىقتىن كىچىكى ئاستا - ئاستا يوقىلىدۇ، نورمالراقى چوڭ ۋە كەسكىن رىقابەتتە يالغۇز قىلىپ تاقىلىدۇ. تەشۋىقات سالمىقى يېتەرسىز، ئۆزىنى تونۇتۇش كۆپ ئەمەس. مۇھىتنى قوغدىمايدۇ. شارائىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مىللىي ئەخلققا، جامائەت پىكرىگە دىققەت قىلمايدۇ، بىلىم ساپا كەمچىل بولغانلىقتىن تۈرلۈك ىەۋەر، ئۇچۇرغا ئىشىنىپ قالىدۇ. ئاقىۋەت ئالدىنىپ زىيان تارتىدۇ. خادىملارنى تەشكىللەش، ھوقۇق - مەجبۇرىيەتنى تەڭشەپ بەلگىلەش،  جازا - مۇكاپات تۈزۈمى  قاتارلىقلاردا ئەستايىدىللىق ۋە ئىزچىللىق يارىالمايدۇ.

    ئىقتىسادى ئۈنۈم

    بىز بازاردا ئاقىدىغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرىدىغان مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇمىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا، ئېچىلمىغان ساھەلەرنىڭ يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەرنىڭ موللۇقى، قەدىمقى ئەتىۋارلىق يادىكارلىقلىرىمىز، خەلقىمىزگە نىسبەتەن ناتونۇش نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكىدەك شارائىتىمىز بىلەن ناھايىتى ئاسانلا بەكلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايمىز، ئالقىشمۇ تاپالايمىز. قىسقىسى، بىزدە ئىجتىمائىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ. مەسىلە ئاشۇ ئىجتىمائىيلىق بىلەن بىرگە تەڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ يارىتىشتۇر. بىزدىكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم  شەخسىنىڭ ئىجتىمائىي تۈپ ئىچىدە ئاتاق جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنماي، بەلكى ئۆز مىللىي توپىنىڭ ئۆزگە مىللىي توپقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن ئۆلچەنسە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولاتتى.
    ئەتراپمىزدا قىسقا دەۋر باش كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن مەغلۇب بولغان، ئۆزىمۇ باشقىلارمۇ قاتتىق ئەپسۇسلانغان ھاياجانلىق ئەمما غەيرى ئەمەلىي ئىشلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، بىر سەيپۇڭ يىگىت مىللىيچە كىيىم تىكىش كارخانىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن داغدۇغىلىق ھالدا ناھايىتى نۇرغۇن نامدار ھوقۇق، نوپۇز، ئىلىم ئەھلىنى يىغىدۇ، ئارقىدىن ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى، باشقۇرۇۋاتقىنى رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپى بىلەن ماسلىشالمايدۇ - دە، مەغلۇب بولىدۇ. ھەممىمىز ئەپسۇسلىنىمىز. بىراۋ بىر كاتتا نامدا ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى فوتۇ ئاپپاراتچىلىقى شىركىتىنى قۇرىدۇ، ئارقىدىن ئىچكى ماسلىشىش ۋە تاشقى تەلەپكە بولغان ئۇيغۇنلۇقىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن ھەممىنىڭ ئۈمىدىنى كۆككە توزۇتۇپ ئۈن - تۈنسىز ھەيۋىسىدىن قالىدۇ. جاھاندىكى بارلىق ئۇلۇغ ئىشنى زىممىسىگە ئېلىۋالغان، كاتتا بىر خانىدانلىقنىڭ نامىنى ئىسىم قىلغان شىركەت قۇرۇلۇپ، ئاجايىپ ئارمانلار، شېرىن ھاياجانلار بىلەن ئىش باشلايدۇ. ئارقىدىن رېئاللىقنىڭ ئاچچىق زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ. دېمەك كاتتا نام، ئۇلۇغ غايە، شېرىن ھاياجانلار رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا ھېچنېمىگە ئار تۇرالمايدۇ. پەقەت پۇختا ئاساس بازار ئېھتىياجى ۋە ئۇنى قاندۇرالايدىغان ئەمەلىي كۈچ (تېخنىكا ۋە سۈپەت) بولۇشى كېرەك.
    مەڭگۈ ئەمگەك قىلىش كېرەك.
    مەيلى كىم، نەدىلا بولسۇن ئەمگەك قىلىشى، مۇستەقىل، ھالال ياشىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىشى كېرەك.
    ئەمگەك قىلماسلىق، تىرىشماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىگە قارىتا ھېچقانداق ئۈزۈل - كېسىل ئىدىئولوگىيە يول قويغان، تەشەببۇس قىلغان ئەمەس. ماركىسزم پۈتۈنلەي ئەمەكنىڭ رولىنى ئەڭ چوڭ گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، ھەتتا دۇنيانى ئەمگەك ياراتقان دېگەن قارىشىنى دادىل ئوتترىغا قويۇپ، «ئەمگەكچىلەر ئىدىئولوگىيىسى» دەپمۇ ئاتالغان.
    ھاياجانلىنىدىغان نەرسىلەر - ئەمگەك بىلەن مەنپەئەتلىك ئىگىلىك يارىتىش، ئۇتۇق قازىنىشتۇر.
    تەكشۈرۈش ۋە رىقابەت
    ھەر قانداق خىزمەت ئادەمدىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىنتايىن مۇھىم. بانا كۆرسىتىش ئاقمايدۇ. كىم ياخشى قىلالىسا شۇنى ئىشلىتىدۇ. بازار ئىگىلىكى  بىزدىن ئەڭ ياخشى قىلىشنى، ئەڭ يۇقىرى تالانتىمىزنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلغان خىزمىتىمىز چوقۇم ئىستېمال قىممىتى، ئېھتىياج تەلىۋىگە ماس كېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز ئورنىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
    ئەمگەك قىلمىغانلارنىڭ ئۇلۇغ نەزەرىيىلىرىدىن گۇمانلىنىڭ!
    باشتىن ئاخىر ئۆزى ئۈچۈن ئىسلاھات يولى ھەققىدە ئىزلىنىش كېرەك.
    قىزلارنىڭ پۇلغا قىزىقىشى نورمال ئەھۋال. بۇ بىزنىڭ ھەر قاچان كۈچلۈك بولۇشىمىزغا ھەيدەپ تۇرىدىغان بىر سىگنال. بىزمۇ پۇللۇق بولايلى. پۇل بىلەن ھەل قىلىدىغان مەسىلىمىزنى ھەل قىلىۋالايلى.
    ئاخبارات ساھەسى ياشلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشى كېرەك
    بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، كۆرۈرمەنلىرىمىزنى مەلۇم ئادەمگە، مەلۇم قىزىقارلىق ۋەقەلىك ئىچىگە باشلاپ ئەكىرىپ، شۇنىڭدىن بەھىر ئېلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنمىز. مەتبۇئات ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆزىنى ئۆز كەسپىنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى «باش ئەلچىسى» دەپ قاراپ، «توپ سېتىش ھوقۇقى»نى ھۆددىگە ئېلىۋالىدۇ. ئۆز كەسپى ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتكەنلەر ئومۇمىيلىق، ئۇنىۋېرساللىق ۋە مۆتىدىللىقتىن يىراقلىشىدۇ. ئاستا - ئاستا جامائەتتىن، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ بىتەرەپ پىكىر قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ھەر قانداق جەمئىيەتتى، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ بىتەرەپ پىكىر قىلىدىغانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ھەرقانداق جەمئىيەت ھادىسىسى، جۈملىدىن ئىدىيىۋى پىكىرلەر ناھايىتىمۇ قويۇق ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. كۆزى بىلىم ۋە ئەمەلىي كۈچ ئىزلەش ئارقىلىق يۈكسەكلىك تامان ئىلگىرىلەۋاتقان ساپ دىل ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن باشقا جەمئىيەت ھەققىدىكى توغرا چۈشەنچە، ھاياتقا بولغان مېھرى - مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىشلەشتىن ئىبارەت ساھەلەردە توغرا يوليورۇقلارغا مۇھتاجكى، شەخسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا روي بەرگەن تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئازدۇرما نامايەندىلىرىگگ تەشنا ئەمەس. نەخ گەپ يەنىلا غالىبلارنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۆزى ئۇتۇش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.
    ئاگاھ بولۇڭلار ياشلار
    ھازىرقى ھالىتىمىز مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتە ياكى ئىدىيىۋى تۇنۇش جەھەتتە بولسۇن، كۆپچىلىك ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر ئۆتكۈنچى دەۋر. بۇنداق دەۋردە ئوتتۇرىغا توغرىمۇ خاتامۇ چىقىدۇ. ھەممە ئۆزى بىلگەنچە قىلىدۇ، سۆزلەپ باقىدۇ. لېكىن، ئاخىرىدا ئەڭ نوچىسى، توغرىسى تاللىنىدۇ. ھەممىگە قايتا باھا بېرىدىغان، قىممەتلەرنى تەسقاقلايدىغان بىر مەزگىل بولىدۇ. شۇ چاغدا ھەممە ئايرىلىدۇ. ئاشۇ «ئاخىرىدا» دېگەن مۇددەت كېلىپ بولغۇچە نۇرغۇن ئادەم خاتا يولدا مېڭىپ مەغلۇب بولىدۇ. بەزىلەر تېڭىرقايدۇ. بەزى يامانلار ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدۇ. ساددا، نادان كىشىلىرىمىز خۇددى ئۇرۇش دەۋرىدە تالان - تاراج قىلىنغان خەلقتەك تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ زىياننىڭ ئازراق بولسىمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كاللىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق شىتابىغا ھەممە نەرسىنى كىرگۈزۈش بىھاجەت. پەقەت ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان ياشاش يولى ۋە ئىقتىدارى، ياخشى پەزىلەت، نورمال مۇناسىۋەت كۇپايە. ھېچكىم ھەممىنى بىلىپ بولالمايدۇ. كاللىنىڭ يەنە مۇستەقىل ئويلىنىش، ئىجاد قىلىش فۇنكسىيىسىمۇ بار. ئىدىيە ۋە زېھنىي سەرپىياتىمىز بىزنىڭ يوشۇرۇن بايلىقىمىز بولسۇنكى، بىزگە بىسىم ۋە نائىنىقلىق ئېلىپ كېلىدىغان خالتا بولۇپ قالمىسۇن. بىزگە ئەڭ لازىمى تەلىمات ئەمەس، ئەمەلىي ئىشلەش...
    گەپ ئازدۇرىدۇ، گەپ بىزنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىدۇ. ئارىلىقتا قالغان بىلىم خۇمار ياشلىرىمىز نۇرغۇن قالايمىقان ئۇچۇر، قالايمىقان تەلىماتلارنىڭ تەسىرىدە پايدىسىز ئىدىيە، پايدىسىز شارائىتتا ئېزىقىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ھەقىقىي بىلىم ئەمەس، پەقەت ئۇچۇر بىلەنلا چەكلىنىپ ئۆزىنى رامكىغا سولىماقتا.باشقىلار نېمە دېسە دېسۇن، پەقەت ئىككىلا نەرسە راست ۋە ھەقتۇر. تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش ۋە ئىشلەش يەنە بىرى دۇنيانى، ئۆزىنى، ھاياتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.
    بىز تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشەلەيمىز
    بىز تېخى ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارىمىز ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىزنى چىقارمىدۇق. شۇڭا يىڭىلىشتىن ئېغىز ئىچىش تېخى بالدۇر.
    بىز تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشەلەيمىز، مۇھىتىمىز، شارائىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز. پەقەت تېخىمۇ ياخشى قىلساقلا، گۈزەل كېلەچەك بىزگە يار بولىدۇ. كۆزىمىز تېخى تېخىمۇ يىراقنى، تېخىمۇ ياخشىسىنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك. نۇرغۇنلىرىمىز مەۋجۇت رېئاللىقتىن قانائەتلىنىش باسقۇچىدا. ئارزۇيىمىز قانچە ئاددى بولسا، تىرىشچانلىقىمىزمۇ شۇنچە بولىدۇ، ئېرىشكىنىمىزمۇ شۇنچە ئاددى بولىدۇ. ھازىرقى ھالىتىمزى بىزگە باقىۋەندە ئەمەس. ھالىتىمىزنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكمۇ ياكى ئۆز غايىمىزدىكى ئۆزىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى ھالىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكمۇ بوىدۇ. ئىزچىل ئىسلاھات ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. ياپونلاردىكى «مەڭگۈ ئىسلاھات» سۆزى قانائەتنىڭ چىكىنىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، تىرىشچانلىق ۋە يۈكسىلىشنىڭ ئىدىيىۋى يولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ياخشى بولۇشنىڭ چىكى ئىلغارلىقنىڭ پايانى يوق. شۇڭا كۈچىمىز يەتكەن يەرگىچە ئىلغارلىقنى قوغلىشىشىمىز دانا تاللاشتۇر.
    پىشقەدەملىرىمىزنىڭ ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى:
    مۆتىدىل پىكىر ئېقىمى ۋە توغرا ئىجتىمائىي نەزەرگە ئىگە بىر قىسىم مۆتىۋەرلىرىمىز باشتىن - ئاخىر ياشلىرىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇلار ئۆز يازمىلىرىدا ياشلارغا نەخ پاكىتلار بىلەن يول كۆرسەتتى. ئىشلىرىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. ئۇلار بىزدىن ئۆزلىرى قىلىپ بولالمىغان ياخشى ئىشلارنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىسقىسى ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ مەزمۇت قەدەم بىلەن تۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    ئىستىمال چەمبىرىكىمىز ۋە بىر كۈنلۈك تۇرمۇش
    بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي توپ ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلار قايتىدىن ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك ئىكەنكى، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇتقان پوزۇتسىيىسىمىزنى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز ۋە ئىستېمال چەمبىرىكىمىز بەلگىلەپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە، جۈملىدىن رايونىمىزدا ھەرقانداق ئىقتىسادى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئادەم ئۆزىگە يارىشا ئىستېمال مۇھىتى يارىتالايدۇ. بىراۋ قۇدرىتى يەتسە خەيدېگە بېرىپ يەتكۈچە يۇقىرى ئىستېمالدىن، ئېسىل مۇلازىمەتتىن بەھىر ئالسىمۇ، ھەپتىنىڭ بەشىدە شياڭگاڭ ياكى ئاۋمىنغا بېرىپ ئويناپ، ھەپتىنىڭ بىرى قايتىپ كەلسىمۇ بولىدۇ. شاڭخەيگە بېرىپ ھەر ھەپتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تۇرۇلىدىغان چولچانلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ كەلسىمۇ بولىدۇ. ئىختىيارىيلىق نۇقتىسىدىن ئۇنداق قىلىش ئورنىغا ئاددىيراق ياشاپ بىرەر مائارىپ ئورنىغا ياردەم قىلسىمۇ، چەت ئەلگە ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قىيىنچىلىق ئىچىدىكى تىرىشچان ياشلىرىمىزغا ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ...
    ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىتىدا ھەر كۈنى بەش يۈەن (ئىيىغا 150 يۈەن، يىلىغا 1800 يۈەن) كىرىم قىلالمايدىغانلار نامراتلار قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى بىر كۈنلۈك تاماق چىقىمى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ ۋاق تاماق ئۈچ نان دەپ قارىساق بىر يېرىم كوي، ياتاق ھەققى شارائىتى ئەڭ ناچار ئۆيلەرنىڭ ئايلىقى 50 - 100 يۈەنگىچە بولىدۇ. بىزگە ماددى جەھەتتە دائىم شۇنداق بىر سوئال دىۋەيلەپ كەلمەكتە:
    قانچە پۇلىڭىز بار؟ ھەر كۈنى قانچە پۇل كىرىم قىلىسىز؟ ئۆيىڭىز بارمۇ؟ مۇقىم خىزمىتىڭىز بارمۇ؟ ماشىنىڭىز، پاسپورتىڭىز، پىراۋىڭىز بارمۇ؟
    بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز بارغۇ. تىلىمىز بار، يولىمىز بار، ئىشلەيمىز دېسەك پۇت - قولىمىز بار. بىز ھىلىھەم ئىشلەپ تىكلىنەلەيمىز، مەسىلە ئۆزىمىزدە.
    مۇۋەپپەقىيەت ئۈزۈندىلىرى
    ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان خىيال  دۈشمىنىمىز.
    مەڭگۈ ئەمگەك قىلىش كېرەك.
    ئۆزىنى قۇتقۇزالمىغان كىشى مىللەتنى قۇتقۇزالمايدۇ.
    ئائىلىسىز ئادەم ئالەمگە ئاپەت.
    ئادەم ئۆزىنى نېمىگە ئوخشاتسا تەڭرى ئۇنى شۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەت  ئادەمنىڭ خۇيىغا باغلىق.
    ھەممە كېسەلگە داۋا باركى، ئەبگالىققا داۋا يوقتۇر.
    ئىلگىرىلەش نۇقتىسى تېپىش كېرەك (ئىلگىرىلەش نۇقتىسى  بىلىم ياكى پۇل)
    مۇۋەپپەقىيەت خاراكتېرى يارىتىش كېرەك.
    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان خاراكتېرى ۋە پوزۇتسىيە ئايرىم بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بىر ئىشقا، بىر كەسىپكە كانىدەك چاپلىشىش  مۇھىمنىڭ مۇھىمى.
    تەپەككۇرنى ماددىيلاشتۇرۇش، نەقلەشتۈرۈش كېرەك.
    ياشلىرىمىزدا تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك.
    بىسىمنى ئۆزىمىزگە چۈشۈرسەك، ھېچكىم بىزگە بىسىم چۈشۈرۈپ بولالمايدۇ.
    ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قوزغىتىشنى بىلىش كېرەك. ئۆزىنى تاشلىۋېتىش  كۈتۈش ياكى پاسسىپ ھالەتتە زىيانلىق.
    ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى  رېئاللىقنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر. پاسسىپ ھالەتكە، زەربىگە پەقەت يېڭىلىق ئاچىمەن دەپ ماڭغان ئادەم دۇچ كېلىدۇ. ماسلىشىدىغان، ئەگىشىدىغان ئادەم چوڭ غەلبىمۇ قازىنالمايدۇ ھەم توسالغۇسىز ھالدا بىچارە ھالدا جان بېقىش ئىمكانىيىتىگە بېقىنالىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.