ئىلىمگە خىيانەت ـ ئەلگە جاھالەت(ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 20:22:07

ئىلىمگە خىيانەت ـ ئەلگە جاھالەتئابدۇقادىر جالالىدىن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا جەمئىيىتىدىكى ئىلىم ھاۋاسى توغرىسىدىكى بۇ ماقالىسىنى يېزىپ، چىقىپتۇ. ئىلمىي مەسئۇلىي...

    ئىلىمگە خىيانەت ـ ئەلگە جاھالەت
    ئابدۇقادىر جالالىدىن


       ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا جەمئىيىتىدىكى ئىلىم ھاۋاسى توغرىسىدىكى بۇ ماقالىسىنى يېزىپ، چىقىپتۇ. ئىلمىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىلىم ئەخلاقنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك ئىجتىمائىي ئىللە پۈتكۈل جۇڭگو مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالبولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا ئادەم قۇرققۇدەك دەرىجىدە ئېغىر. بىز بۇ ھەقتە يۈز تۇرانە سۆھبەتتە توختىلىشقانىدۇق. زۇلپىقار ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن قىلىپ مەندىن ئەھۋال سورىغاندىمۇ گېپىمىز تەبىئىي ھلدا جەمئىيىتىمىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم ۋە ساھەلەرگە مەركەزلىشىپ قالىدۇ.

    بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ماقالىنىڭ ئۇلانمىسى :
    ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسلىلىرى(زۇلپىقار بارات)

       مېنىڭ بۇ ئىلاۋىنى يېزىشىم زۇلپىقارنىڭ ماقالىسىدىكى بارلىق قاراشقا بىردەك قوشۇلۇشۇمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. زۇلپىقارنىڭ مەزكۇر ماقالىسى يەنىلا شەخسىي ئوي ـ پىكىر ۋە تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇددىئا قىلغاچقا، پىكىر يوللىرى ئاپتورنىڭ خاراكتېرى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ روشەن ئىزنالىرىغا ئىگە. بۇ ئىزنالاردىن يەنىلا ھاياجانلىق قەدەملىرىنىڭ تىۋىشى سېزىپ تۇرىدۇ. بىراق، زۇلپىقار بىر خەلقنىڭ ئىلىم تۇپرىقىدىكى ئېكولوگىيىلىك بۇزۇلۇشقا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئۆزىنىڭ چىن، سەمىمىي شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرلىغاچقا، ئۇنىڭ ئۆرتىنىشلىرىدىن بىر پۈتۈن مەنپەئەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بايقايمىز. ئورتاق تەقدىرنى شەخسىيىتىگە ئايلاندۇرالىغان ئادەمنىڭ ئاۋازى مەلۇم مەنىدىن ئورتاقلىققا ۋەكىللىك قىلماي قالمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى مۇنداق نۇقتىلارنى مۈئەييەنلەشتۈرىمەن:
       ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتىگە جىددىي مەسئۇل بولىدىغان ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى بارلىققا كەلتۈرۈش دەۋرىنىڭ تەقەززاسى.
       باشقا ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى نەزەرىيەلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كونتېكست بويىچە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي قويۇقلۇقنى ئاشۇرۇش كېرەك.
       ئاكادېمىيە ۋە مەكتەپلەردىكى بىلىم ئادەملىرى، ژۇرنالىستلار ۋە نەشرىياتچىلار جان باقتىلىق مۇرەسسەچلىكنىڭ ئېزىتقۇ قوينىدىن چىقىپ، ئىلىم ساھەسىدىكى يىراقنى كۆرۈش، تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇش مەسلىسىنى رېئاللىقتىتن ئىزدەش بۇرچىغا قايتىشى كېرەك.
       كوللېكتىپ ھەمكارلىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارايلايدىغان يېڭى ئەۋلاد بىلىم ئادەملىرى مەيدانىغا كېلىشى كېرەك.
       ناھايىتى ئەپسۇسكى، يوقنىڭ ئورنىدىكى بىلىم سەھنىلىرىمىز بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئورنىغام بىر گۇرۇھ كىشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەستىگاھىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېھتىياتچانلىقنى ئاقىللىقنىڭ فورمۇلاسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقان خېلى كۆپ كىشى ئىش قىلماسلىقنى ئاقلايدىغان باھانىگە ئىگە بولۇشتى. ئىلىم ئىش ئىلىم ئەھلىگە نېسىپ بولماي، ھەممە ياقتىن سەكراتنىڭ ھىدى كېلىشكە باشلىدى.
       يېقىندىن بېرى «جۇڭگو ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت» ، «جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي پېنى بىر دۆۋە ئەخلەت» دېگەندەك سادالار كۆپىيىپ قالدى، روشەنكى، كىتابلار ۋە ماقالىلەر شىددەت بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقان، بىلىملىكلەر سېپى تېخىمۇ زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا ئاشۇنداق سادالارنىڭ چىقىشى ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكنىڭ يوشۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ ، ئاپەت تۈسىنى ئالغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەىسىدىكى دوگماتىزم گويا ساختىلىقنىڭ قالقىنىغا ئايلانغان ھالدا «كېتى» تەتقىقات تۈرى ئىگىلىگى، تەشىۋىقات ئىگىلىكى كېلىپ چىقتى. ئىلىمنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ھېچكىم ھېسابلاشمىدى.
       زادى ئەخمەت» دېگەن نېمە؟ ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى نەتىجە يېزىلغان ۋە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بەلكى ئىنساننىڭ ئىززىتىنى ئىجتىمائىي ئورنى  ئەڭ تۆۋەن ئادەملەرگىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش غايىسىدىكى قىممىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بەختسىز ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى بىلەن ھېسابلاشمىغان تەتقىقاتلارنىڭ ئەخلەتچىلىكمۇ قىممىتى يوق. چۈنكى، ئەخلەتنىڭمۇ مەلۇم قىممىتى بار. بەزىلەرنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى ۋە خاتىرجەمسىزلىكى ئۈستىگە يەنە بەزىلەرنىڭ ھالاۋىتى ۋە خاتىرجەمسىزلىكىنى دەسسىتىشكە مەسلىھەت بېرىدىغان تەتقىقاتلار جىنايەتتۇر. تۈركىيلىكلەرنىڭ «پەننىڭ دۈشمىنى ئۇنىڭ دوستىدىن ئاز ئەمەس» دېگەن ماقال بۇ ئەھۋالغا تازا باب كېلىدۇ.
       مەن زۇلپىقارنىڭ تەنقىدىنىڭ ئۇچى ئىلمىي مېتود، ئىلمىي ئۆلچەمگە يەتمەيۋاتقان ۋە يېتىشنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيۋاتقان ئىلىم تەتقىقاتى ئەسەرلىرى ۋە ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى تەھرىرلىكىگە قارىتىلغان دەپ قارىدىم. ئاممىنىڭ پىكىر دۇنياسىنى غىدىقلاشنى مەقسەت قىلغان پىكرىي ئەسەرلەرمۇ ئېنىق مەۋقەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
       ئەمدىكى گەپ، شۇ ژۇرنالغا كەلەەن ئادەمنىڭ ئۆزى لاياقەتلىك ئىلمىي خادىممۇ ياكى بىر يوللارنى قىلىپ سوقۇنۇپ كىرگەن قورساق ئادەممۇ؟ ئەگەر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرىنى لاياقەتسىز ئادەملەر ئىگىلەپ كەتتى دېيىلسە، بۇ ئاقىۋەت قايسى خىل ئىجتىمائىي مېخانىزمدىن كەلگەن؟ تېگىدىن ئېيتقاندا، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرنىلى ۋە تەتقىقات ئىستىلىدىكى كەسپىي پاكلىق پەن تەتقىقاتى، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بىر گەۋدىسىدىن كېلىپ چىققان چوڭ سىستېما. شۇنداق ئىكەن، ئىلىم تەتقىقاتى ژۇرناللىرى ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزىك ماھىيەتتە چوڭ بىر ئىجتىمائىيەتتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ. ئانتونىي گرەمشى: «ئادەم بىر جەريان، ئېنىقىنى ئېيقاندا، ئادەم ئۆز پائالىيىتىنىڭ جەريانى» دېگەنىدى. ئۇنداقتا، ئادەمنىڭ پائالىيىتىگە ھالقىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە نېمە؟ مىچېل فۇكاۋ :«بىلىم بىلەن ھوقۇق بىر گەۋدە، بىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ۋە بېكىتلىشى ھوقۇقنى شەرت قىلىدۇ. بىلىم ھوقۇقنىڭ ئەندىزىسى بويىچە رول ئوينايدۇ» دېگەنىدى. ھوقۇق نەپ ئىزدەيدۇ. بىلىم ھەق ئىزدەيدۇ. ئەگەر بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش روھى ھوقۇق ئۈچۈن كېرەك بولغان پايدا بىلەن زىددىيەتلىك بولسا، ئەنە شۇ بىلىم ئەھلىنىڭ ئەخلاقى ۋە قىممەت قارىشى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ، بەلكى تەھدىت ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن. ھوقۇق ئۈچۈن ھەققانىيەت ئىزدەيدىغان ئىلىم ئەھلى كېرەك بولماي، دەل ئەكسىچە بولسا، كىشىلەر ئىلىم ساھەسىدىن دىيانەتكار ئالىملارنى ئۈمىد قىلمىسا بوىدۇ. ئىنسانىي ھاياتقا دائىر ماھىيەتلىك پىرىنسىپلارنى ئۇلۇغلار بۇرۇنلا بايقاشقا ۋە بۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. بۇ پىكىر «رۇمى ھېكمەتلىرى » دە نەقىل قىلىنغان مۇنۇ ھەدىستە ئۆز كامالىتىنى تاپقان: «ئەمىرلەرنى زىيارەت قىلغان ئالىم يامان ئالىم، ئالىملارنى زىيارەت قىلغان ئەمىر ياخشى ئەمىردۇر؛ كەمبەغەلنىڭ ئىشىكىگە كەلگەن ئەمىر قانچىلىك خۇشدۇر ۋە ئەمىرنىڭ ئىشىكىگە بارغان كەمبەغەل نەقەدەر كۆڭۈلسىزدۇر.» بۇ ھەدىستە  ئەمىر بىلەن ئالىم ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئۇناسىۋەتنىڭ تەڭلىمىشى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەقنى مىزان قىلغان ئەمىر بىلەن ئالىمنىڭ بوسۇغىسى ماھىييەتتە بىر بولىدۇ. ئەمىر بىلەن ئالىمنڭى بوسۇغىسىنىڭ باشقا ـ باشقا بوۇشى، توغرا يولدىكى ئالىمنىڭ ئۆز نىشانىدىن ئادىشىپ كەتمەسلىكىگە بېرىلگەن سىگنالدۇر.
       بىلىم بىلەن ھوقۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر سوتسيولوگىيەلىك مەسىلىلەرى ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخىي مەۋقەدە شەرھىلەش ۋە ھەل قىلىش زۇلپىقار بارات كەربىي نۆۋەتتىكى ئىلىم ئەۋلادلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. مانا ، زۇلپىقار ئاشۇ ئىزدىشنىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپتۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، زۇلپىقار بۇ جەھەتتىكى تەنقىدنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇپتۇ.
       ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىلىم زەئىپلىكى تاسادىپىي كېلىپ چىققان ئەمەس، بۇ يەنىلا  جەمئىيەتتىكى مائارىپ قاتارلىق ھەر خىل تۈزۈلمىنىڭ مەھسۇلى، بۇ يانداشما تېمىلار ھەققىدە ئىچكىرىلەپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
       ئىلىمىشى كەسپىيلىك ، چوڭقۇرلۇق ۋە مۇنتىزىملىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە قوللىنىشچانلىق، ئاممىۋىلىق ۋە ئوقۇشچانلىققا ئىگە. نۆۋەتتە، بىز ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىنىڭ ھەممە ساھەسى بويىچە ئەستايىدىل دەڭسەپ ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئەسەرلەرنى پىلانلىق ھالدا تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ بىر قانچە ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ ئىش يەنە ئىلىم سەرخىللىرى بىلەن ھوقۇق سەرخىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوڭ تاناسىپلىق ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
       بىز زۇلپىقارنىڭ تەنقىدىي روھىنى ئۆگىنىپ، نەزىرىمىزنى ئۇنىڭ ماقالىسىگە تاشلايلى، تەنقىد بۆرىسى بىزى ئەقىلنىڭ يورۇق ساھىلىغا باشلىسۇن!
      
      

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-25 13:48:11]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.