بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 08:50:31

بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟ ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى بىزگە قانداق قىزلار كىرەك؟ دىگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم«مەن» دىگەن نوقتىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلا...

    بىزگە قانداق قىزلار كېرەك؟
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى



        بىزگە قانداق قىزلار كىرەك؟ دىگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم«مەن» دىگەن نوقتىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ماڭا قانداق قىز كىرەك دىگەن سۇئالغا ئۇنچە قىينالماي جاۋاپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بىز دىگەن سۇئال ئالدىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ، چۈنكى شۇ «مەن»نىڭ قىممەت قارىشى كۆپچىلىككە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ۋە ياكى«مەن»نىڭ قىممەت قارىشى بىلەن باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەر بارمۇ؟ بۈگۈن بىز كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى چەكسىز پارچىلىنىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. قىسقىغىنا بىر مەزگىل ئىچىدە قىممەت قارشلىرىمىز نەچچە قېتىم ئۆزگىرىپ بولدى.

       يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىر ھىكايىسىدا ئېيتقاندەك «دۆلەت يېڭى قۇرولغاندا نامراتلىق مودا بولغان ، ھۆكۈمەت بىر قىسىم بايلارنى باستۇرغان ئىدى، بۈگۈن يەنە شۇ ھۆكۈمەت باي بولۇڭ دەۋاتىدۇ. بىر كۈنلىرى زادى باي بولالمىغان بىر نەچچە نامراتنى ئەپچىقىپ ئاتامدۇ نىمە؟».
       شۇنداق، بۈگۈن ئايرىم ئۈچ خىل قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلپ ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس. مىسالى بوۋىسى بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشىسا ،دادىسى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشى ئىچىدە ياشايدۇ، ئۆزى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، بەلكىم بىر نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلى يەنە بىر خىل قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇپ چوڭ بولىشى مۈمكىن. بۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پەرقلىق قىممەت قاراشلىرى بەزىدە زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، لېكىن بۇ زىددىيەت قانداشلار ئارا يۈز بەرگەنلىگى ئۈچۈن مەلۇم نوقتىدا ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلىپ تەڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئامالى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ ۋە تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ،لېكىن بەزىلەر بۇ ئىشنى نورماللىق، ياش، دەۋر پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ،لېكىن ۋارسلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا ئۈچ ئەۋلاد ئادەمنىڭ ئۈچ خىل قىممەت قارىشىدا ياشىشى ئادەمدە بۇ قەۋم كىشىلىرىدە ۋارسلىق قىلىدىغان, بىرنەچچە ئەۋلادنى مۇستەھكەم باغلاپ تۇرىدىغان، بۇ قەۋمنى مۇشۇ خىل مۇناسىۋەت ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىدىغان نەرسىلەر يوقمۇ نىمە دىگەن گۇماننى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن مەسىلىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى بۇ ئەمەس. ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىلەن كېيىنكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى پەرقلىنىپ قالماستىن بىر دەۋردە ياشاۋاتقان بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، بىر مىللەتتىن بولغان تەڭتۇش بىرنەچچە ئادەم بىر يەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ قىممەت قاراش نوقتىسىدىن چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. بىر ئۈستەللىك زىياپەتتە بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈرۈمچىدەك بىر چوڭ شەھەردە نورمال ھادىسىگە ئايلانغان. بەزىلەر بۇ مەسىلىنى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقى ياكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەڭ گۈللىنىشى دەپ قارايدۇ. دىمەك مۇشۇ خىل ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزدە «مەن» نوقتىسىدىن پىكىر قىلماق ئوڭاي، «بىز» نوقتىسىدىن پىكىر قىلماق تەس. بىز دىگەن ھامان نۇرغۇن ياق دەپ ئۆكتە قوپۇۋاتقان سادالارنى ئاڭلايسىز. چۈنكى سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز ئۇلارغا يېقىپ كېتىشى ناتايىن. ھەتتا ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ زىددىيەتلىكلىكى. سىز بىر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن بىر نەچچە خىل قىممەت قارىشىنىڭ، ھەتتا ئۆزئارا زىددىيەلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەكس ساداسىنى تېپىپ ھەيران قالىسىز، بۇنداق زىددىيەتلىك قىممەت قاراشلىرى بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق مۇرەسسە بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تورالىغاندۇ دەپ چۆچۈمەي تۇرالمايسىز .ئاددىسى ھەپتىنىڭ تۆت كۈنى ھاراق ئىچىپ بەشىنجى كۈنى جۈمە نامىزىغا بارىدىغان، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم دەپ كومۇنستىك پارتىيەگە ئىلتىماس يازىدىغانلارنى ئارىمىزدىن تاپماق تەس ئەمەس. (كومۇنستىك پارتىيە ئاتىزىمچە قىممەت قارىشىنىڭ ۋەكىلى، جوڭگۇنىڭ يىتەكچى دۆلەت قىممەت قارىشى، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىككى قىممەت قارىشى ئوتتۇرۇسىدىكى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماسلىق ھەممىمىزگە ئايان)12 ئاينىڭ 25 -كۈنى روزدىستوۋى بايرىمى ئوينىسا، كۆپ ئۆتمەي قۇربان ھېيت ئوينايدىغان، كەچكىچە روزى تۇتۇپ، ئىپتادىن كېيىن بىر مەيدان ئىچىپ قويىدىغانلار ھەم يوق ئەمەس.

    بىز بىزگە قانداق قىزلار كىرەك دىگەن نوقتىدىن پىكىر قىلغاندىمۇ دەرھال مانا مۇشۇنداق چۇۋالچاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىمىز. ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە قانداق قىزلارنىڭ كىرەكلىكى ھەققىدە ھەرنىمىلەرنى دىيىشى، ئادەم بار يەردە بەزى ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك گەپلەرنى دىسىمۇ يالغۇز يەردە باشقىچىراق گەپلەرنى دەپ سېلىشىمۇ مۇمكىن.

    بەزىلەر قىزلارنىڭ ئوچۇق-يورۇق، ئۆزى بىلەن سورۇنلاردا تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ ئىچىشىپ بىرەلەيدىغان ياكى قانداقتۇر ئىشلارنى مەرتلىك بىلەن بىللە قىلالايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ماڭا شۇنداق قىزلار كىرەك دەپ ئويلايدۇ، ياكى ئالدىدىكى قىزلارنىڭ ئالدىدا شەيتانى مەخسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق قىممەت قارىشىنى بازارغا سالىدۇ. لېكىن شۇنداق قىزلارنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئادەم ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ، سىڭلىسىنىڭ شۇنداق قىز بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلماسلىقى مۈمكىن. قىسقىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قانداق قىز لازىملىقى ھەققىدە ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئانىنىڭ قىزىغا قويىدىغان تەلىپى بىلەن ئاتىنىڭ، ئاكىنىڭ، ئاچىنىڭ، ئۇستازنىڭ، جەمىيەت ئەربابلىرىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسدا، مۇناسىۋەتنىڭ قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپىدا تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەلۇم پەرىقلەرنىڭ بارلىقى ئېنىق.

    ئۇنداقتا بىزگە زادى قانداق قىزلار كىرەك؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال قىز ياكى ئاياللارنىڭ ھاياتتا تۇتىدىغان ئورنىنى ئېنىقلىۋېلىپ، قىز-ئاياللارغا نىسبەتەن ئېنىق تەبىر بېرىشىمىز كىرەك.

    مەشھۇر ئالىم، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر داموللا ئەزىزى(1862-1924) «نەسىھەتى ئامما» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: « كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر .ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار، ئىسلامىيەتكىمۇ زىيان يەتمەس. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ».
    (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ،4-قىسىم،ئاپتۇرى نۇرمۇھەممەت زامان، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ،1995-يىلى نەشرى).

        دىمەك يۇقارقى بايانلاردىن كۆرۈش مۈمكىن، قىز-ئاياللار ئەڭ ئاۋال يەنە ئانا. ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە تەرىپاتلار نۇرغۇن. «ئانىنىڭ بىر قېتىملىق سۈتى ھەققىگە، يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە»(ئابدۇرېھىم قاسىم) ھەرقانداق بىر قىز ئانا بولۇدۇ. ئايال كىشى بىر مۇنبەت زىمىن، ئۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيا كۆكلەيدۇ. دىمەك قىز-ئاياللارنى بۇ سالاھىيەت نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە بىز ئۇنىڭ ئويۇنچى، ئىچەرمەن، ئىدىيسى ئېچىلىپ كەتكەن بولىشىنى خالىمايمىز. ئانىدىن كۈتىدىغان سۈپىتىمىز مېھرىبانلىق، كەڭ قۇرساقلىق، پەرزەنتكە بولغان تەڭداشسىز مۇھەببەت. ھەر قانداق بىر ئادەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىغا تۈرەلگەندىن باشلاپ ئانىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ، ئانىنىڭ روھىدىكى ھەرقانداق نەرسە قان ئارقىلىق بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچىدۇ. ناۋادا ئانىنىڭ كۆڭلىنى ناچار ئىدىيەلەر قاپلاپ كەتكەن بولسا ئۇنى قان ئارقىلىق بالىغا ئۆتمەيدۇ دىيەلمەيمىز، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئانا ئۇنىڭغا كىچە –كۈندۈز ھەمرا بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئانىدىكى خۇلۇق قاتارلىقلار بالىغا ئۆتىدۇ .ئانا تەبىئىي ھالدا بالىنىڭ بىرىنجى ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ. مانا مۇشۇلارنى تونۇغاندىن كىيىن بىز بىر قىزغا ئادەتتىكى بىر ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس بىر ئانا، بىر مۇنبەت تۇپراق، ئۇستاز سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىمىز. ناۋادا ئابدۇقادىر داموللام ئېيتقاندەك ئاياللار ساۋاتسىز، ئەخلاقسىز، يامان خۇيلۇق بولسا ئەلۋەتتە پەرزەنتلىرىمىز كىچىك ۋاقتىدىلا يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئانىدىكى ئىللەتلەر بالىغا ئۆتىدۇ. بىر قىز قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك بولسىچۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭ نەتىجسى بىزگە مەلۇم. كالللىسى جايىدا ھەرقانداق ئادەم بۇ نەتىجىنى قىياس قىلالايدۇ. ئۇنداقتا بىزگە بىلىملىك قىز كىرەك. بىلىم بىلىش دىمەكتۇر، بىلىشنىڭ ماھىيتى دۇنيانى، دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى، ھەقنى، ھەقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش دىمەكتۇر. بىلىملىك قىز ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا نىمىشقا كەلگەنلىكىنى، مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئەڭ توغرا ھەقىقەتنىڭ روھىغا يېقىن بىلەلىگۈچى دىگەنلىكتۇر. بىزگە ئەخلاقلىق قىز كىرەك. ئەخلاق بىر كەڭ كاتوگىرىيە، ئىنسانلار ئەگىشىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئەخلاقتىمۇ پەرق بولىدۇ. ئىسلام دىنى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا چوشقا گۆشى يىيىش چەكلەنگەن. بۇ ماھىيەتتە بىر ئەخلاق. لېكىن بىر خىرىستىيان ئۈچۈنچۇ؟ ماركىسىزىمچى بىر خەنزۇ ئۈچۈنچۇ؟ چوشقا گۆشى يىيىش ئەخلاقسىزلىق كاتوگىرىيىسىگە تەۋە ئەمەس. دىمەك ئەخلاق پەرقلىق بولىدۇ. ئەخلاققا ئاساسەن كېلىپ چىققان تۇرمۇش قاراشلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا قىزلىرىمىز قانداق ئەخلاققا ئىگە بولۇش كىرەك؟ شەرمىي- ھايا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆركلىرىدىن بىرى. شەرمىي ھايالىق بولۇشى كىرەك. نۇزۇگۇم، ئاماننىساخان، رىزۋانگۈل، سەنەم، لەيلى، شىرىن نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۆز ئەركى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىنى ھاياتىدىن ئۈستۈن بىلىدىىغان، شۇ ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ قىممىتىگە ھەسسىلەپ قىممەت قوشۇدىغان باتۇر، ھەقىقەتنىڭ، ھەقنىڭ پەرۋانىسى بولۇشى كىرەك. بۇ خىل سۈپەتلەر قىزلىرىمىزنىڭ ئانىلىق ئۇلۇغلىقىنى، مەشۇقلۇق سۆيۈملۈكلىكىنى، ئىنسانلىق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. تىرىشچان، پاكىز بولۇشى كىرەك. ياكى بىزگە شۇ سۈپەتلەرنى ھازىرلىغان قىزلار كىرەك.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىدە «دىيانەتلىك خوتۇننى ئالغىن، ئاللا سېنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلىدۇ»دىيىلگەن.(سەھىھۇل بۇخارى ۋە قەستالانى شەرھى، مىللەتلەتلەر نەشىرياتى 1981-يىلى نەشرى).

    ئۇنداقتا دىيانەت دىگەن نىمە؟ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1999 -يىلى نەشىر قىلغان ‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىنىڭ 548 – بېتىدە دىيانەت دىگەن سۆز «كىشىلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ۋىجدان، ئىنساپ، ئىشەنچ، پاكلىق»دەپ ئىزاھلىنىدۇ. دىمەك قىزلىرىمىزنىڭ ۋىجدانلىق، ئىنساپلىق، ئىشەنچلىك، پاك بولۇشى بىزنىڭ بەختىمىز، تەلىيىمىز. دىمەك بىزگە قانداق قىزلارنىڭ كىرەكلىكى مۇشۇ قۇرلاردىن يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. دىيانەتلىك خوتۇن ئېلىش ئەۋلادلارنى دىيانەتلىك ئانىغا ئىگە قىلىش دىگەنلىك، بۇ ماھىيەتتە دىيانەتلىك ئەۋلادقا ئىگە بولۇش دىگەنلىكتۇر.

    «تالاي ئابرويلۇق قىزىل يۈزلۈك ئەر، خوتۇنلار تۈپەيلى ئۆزى بولدى يەر.»(قۇتادغۇ بىلىك، ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مىللەتلەر نەشىرياتى ،1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى)

    مانا بۇ بۈيۈك مۇتىپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىز-ئاياللار ھەققىدىكى ئىخچام كۆز قارىشى، ئۇيغۇرلاردا ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن دىگەن گەپ بار. دىمەك ئايالارنىڭ ساپاسى بىۋاستە ھالدا ئائىلىگە، ئەرلەرگە تاقىلىدۇ. ئەخلاقلىق، نومۇسچان، دىيانەتلىك، گۈزەل، بىلىملىك قىز-ئاياللار ئائىلىنىڭ، ئەرلەرنىڭ بەختىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ بەختى.

    بۈگۈنكى دۇنيا ھەر خىل ئازدۇرغۇچى ئىدىيەلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن، ئاياللار جاپاكەشلىكى، ئاجىزلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكلىكى تۈپەيلىدىن بۇ ئىدىيەلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ ئوڭاي ئۇچرايدۇ. جەمىيەتنى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆزگەرتمەكچى بولغان سىياسىيۇنلاردىن ساختىپەزلەرگە قەدەر جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىكلىتىلگەن بىرلىكى، بىر جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك مۇستەقىل تەركىبى شۇنداقلا تەركىپلىگۈچىسى بولغان ئائىلە ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆز پايدىسىغا ئۆزگەرتىش نىشانىغا يىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىش، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ قورغاننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قورغاننىڭ مەركىزى بولغان ئايال كىشىدىن ئىش باشلايدۇ. ھەتتا بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇنجى ھۇجۇمنى زەھەرخەندىلىك بىلەن ئاياللارغا قارىتىشى، ئائىلىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئائىلىنى بىر مۇكەممەل مەكتەپ، قورغاندىن ھاياتلىق، تەرەققىيات نىشانى يوق ماڭقۇرتلار ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرىۋېتىشى، ئاياللاردىكى ساپاسىز لىق يەنى ئانىلاردىكى كەينىگە چىكىنىش ئارقىلىق ئەۋلادلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەربىيەسى بولغان دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئائىلىۋىي تەربىيەنى بەربات قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئانىدىن ئىبارەت مۇنبەت تۇپراق زەيلىنىپ ئەڭ ئېسىل زىرائەت، كۆكتات، مىۋىلەر ئۆسۈپ چىقىش ئورنىغا ئاق تىكەن دىگەندەك زىيانلىق نەرسىلەر ئۈنۈپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ تارىخ تالاي قېتىم ئىسپاتلىغان ھەقىقەت.

    ئاياللار ھوقۇقى ئىدىيسىنىڭ يامان غەزەرلىك بۇرمىلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان باراۋەرلىككە ئېرىشىشكە ئىنتىلىپ، ئەمگەك ھوقۇقىدىكى باراۋەرلىككە ئەمەس تەڭسىز، ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، ئەمگەك قىممىتى نوقتىسىدىن ئېتىبارغا ئېرىشەلمەسلىك، ئۆز قىممىتىنى تاپالماسلىق بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. بىز ئاياللاردىن نىسپىي كۈچلۈك، لېكىن ئاياللار ناھايىتى گۈزەل ۋە سۆيۈملۈك، شۇنداقلا ئانا. بىز ئاياللارنى كۈچ نوقتىسىدىن باراۋەرلىككە ئۈندىسەك ياكى مانا مۇشۇنداق تەڭپۇڭى بۇزۇلغان تەڭلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچمىسەك، ئاياللارمۇ يالتىراق لېكىن زەھەرلىك شۇئارلارنىڭ ئېزىقتۇرىشىدىن قۇتۇلمىسا بۇ پاجىئە ياكى ئادالەتسىزلىك ئىزچىل داۋاملىشىۋېرىدۇ. مەن بەزىدە ئارىمىزدىكى ئىدارىسىدىكى ئېغىر خىزمەتنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە يانغاندىن كىيىن بالا-چاقىلىرىغا قاراپ، تاماق ئىتىپ، كىر قات يۇيۇپ كىچە–كۈندۈز ئالدىراش يۈرگەن، ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ يۇقۇرىلىقىدىن ياش تۇرۇپلار چىرايىدىن كىتىپ، سەتلىشىپ كىتىۋاتقان ئاياللارغا قاراپ ئاچچىق كۈلىمەن. ئايالىممۇ شۇلارنىڭ بىرى، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قىممىتىنى بىر قەدەر ئىلمىي ئەتراپلىق چۈشىنىدىغان ئەرلەرگە ئوخشاش ئايالىمنىڭ مۇشۇ سەپتىكى بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بۇنداق تەڭسىزلىكنى ھەل قىلىشقا ئامالىم يوق. تۈزۈلمىدىكى كۆز قاراشنىڭ، جەمىيەتتىكى سىياسەت بەلگۈلىگىچىلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان تونۇشىنىڭ يېڭىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۆگىرىپ قېلىشى مۈمكىن بولغان بۇ تەڭسىزلىك مېنى ئۇھ تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
    ئابدۇقادىر داموللا شۇ سەۋەپتىن ئاياللارنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك تەربىيەلەش كىرەكلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەۋلادى بولغان بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمىز غەلىتە. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ئوقۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىمەيدۇ ياكى ئۇلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قىممىتى ئوغۇل بالىلارنىڭ تەربىيەسىگە مەبلەغ سېلىشتىن تۆۋەن تۇرىدۇ. ئۇلارغا بىر قىزنىڭ ئانا بولۇپ بالىلارنىڭ دەسلەپكى ئۇستازى بولىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ ساپاسىنىڭ بىۋاستە ھالدا جەمىيەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەقىقەت بولۇپ تۇيۇلمىسا كىرەك. قىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ قارشى ئېلىىشىغا ئېرىشەلمەسلىكى ھەقىقەتەن بىر پاجىئە. جەمىيەت سەرخىللىرىنىڭ كەلگۈسى ئانىلارغا چىقىش يولى بېرىشتە بېخىللىق قىلىشى بىر ئەلنىڭ نادانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتى.

    بىزگە قانداق قىزلارنىڭ كىرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر ياخشى ئۇسۇل بىزگە كىرەك ئەمەس قىزلارنىڭ قانداقلىقىنى ئايرىپ چىقىش. لېكىن بىز دىگەن ئۇقۇمنىڭ تايانچى چوقۇم بىر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە، ھەقىقەتكە ئەڭ يېقىن ئەخلاق بولىشى كىرەك. بىزگە كىرىكى كۆڭۈل ئېچىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلار ئەمەس توي قىلىشىمىز، بالىللىرىمىزنىڭ، مىللەتنىڭ ئانىسى قىلىنىش ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلاردۇر. بىز لاياقەتلىك ئانا، دىيانەتلىك مەشۇق، گۈزەل، پاكىز، مېھرىبان، بىلىملىك ئاچا-سىڭىل….لارغا مۇھتاج.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.