نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئەگەشكەن ھېسلار 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 18:49:53

نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئەگەشكەن ھېسلار 1ئۇلۇغ زاتنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئېينىشتىيىن دىققىتىنى ئالەمنىڭ ماھىيىتىگە، ...



     

     نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئەگەشكەن ھېسلار 1


     ئۇلۇغ زاتنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى
         كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ خىزمەتلىرى تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئېينىشتىيىن دىققىتىنى ئالەمنىڭ ماھىيىتىگە، ئىنسانلارنىڭ بەختىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان تېخىمۇ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا قاراتتى. 1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن تۇنجى ئىلمىي ئالەم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىلمىي ئالەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالدى. 1935-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا داۋاملىق ئالەمشۇناسلىق ۋە كۋانىت نەزەرىيىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1935-يىلىدىن كېيىن بارلىق كۈچىنى بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىگە قاراتتى. تاكى 1955-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى توختاتمىدى.
         ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەن «قولىغا بىر تاختاينى تۇتقۇزۇپ قويسا نېپىز يېرىگە نۇرغۇن تۆشۈكچىلەرنى تېشىدىغان» تەتقىقاتچىلارغا ئوخشىمايىتتى. 1953-يىلى بىرەيلەن ئۇنىڭدىن بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ «شۇنچە كۆپ ۋاقىتنى بىر نەتىجىسىز خىزمەتكە سەرپ قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، ئېينىشتىيىن پەرۋاسىز ھالدا «مەن ھازىرغىچە ھېچ بولمىغاندا 99 خىل يولنىڭ مېڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقتىم» دېگەنىدى.
         ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىدىن سىرت ئۇ يەنە ھەر خىل خەلقئارا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ياكى ئۆزى تەشكىللەپ، ئىنسانلارنىڭ تېنچلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تىرىشتى. 1939-يىلى ئامېرىكىدىكى بەزى يادرو ئالىملىرى زۇڭتۇڭ روزۋېلىتقا يازغان خەتكە ئىمزا قويۇپ  زۇڭتۇڭدىن يادرو تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ قارار گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ ئاۋال يادرو قورالىغا ئىگە بولۇۋېلىپ دۇنيانى كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

    1945-يىلى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغاندا ياپونىيەگە تاشلانغان ئىككى ئاتوم بومبىسى ئېينىشتىيىننى يۇقىرىقى قارارى ئۈچۈن ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇردى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ «خەلقئارا يادرو قوراللىرى پەۋقۇلئاددە كومېتىتى»نى قۇرۇپ ھەم ئۆزى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، يادرو قورالىنى «خەلقئارا ھۆكۈمەت»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇش، ۋودوروت بومبىسى تەتقىقاتىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
         1945-يىلى 12-ئايدا نيۇيورۇكتا ئۆتكۈزۈلگەن نوبىل زىياپەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى روھى دۇنياسىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
    «فىزىكا ئالىملىرى ئۆز تەقدىرىنىڭ نوبىلنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىماقتا. نوبىل مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ قۇدرەتكە ئىگە پارتلاتقۇچ دورىنى ــــ بىر خىل ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ھالاك قىلىش ۋاستىسىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ بۇ «مۇۋەپپىقىيىتى»گە خاتىمە بېرىش، ئۆز ۋىجدانىغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن، نوبىل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ، تېنچلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى... بۈگۈنكى كۈندە بىزدە تېنچلىق تەمىن ئېتىلمىدى، شۇنىڭدەك ئاتلانتىك ئەھدىنامىسىدە ۋەدە قىلىنغان تۈرلۈك ئەركىنلىكلەر ئىشقا ئاشمىدى. ئۇرۇشتا يەڭدۇق، لېكىن تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىدۇق.....»
         ئېينىشتىيىن بۇرۇندىنلا ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئەركىنلىكى بولۇشىنى تەكىتلەيىتتى. شۇڭا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنى ئەركىنلىكى كەم، ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتكە يولسىز ئارىلىشىۋالىدۇ، دەپ تەنقىد قىلاتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىدا ئەۋىج ئالغان فاشىزىم ئىدىيىسىگىمۇ ئوخشاشلا قاتتىق قارشى تۇردى. 1954-يىلى ئېينىشتىيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىگە پەيدا قىلغان تەھدىتىگە قارشى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
         «ھازىر ئىلىم ئەركىنلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: ھۆكۈمەت بىزنىڭ دۆلىتىمىز سىرتقى تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ، تاجاۋۇزغا ئۇچرىدى، دېگەننى باھانە قىلىپ ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئەركىنلىكى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكى ، ئاخبارات ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ھۆكۈمەت مۇنداق بىر خىل ھالەتنى پەيدا قىلدى: كىشىلەر ئىقتىسادى مەنبەدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئاقىۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەتتا شەخسىي ئالاقىلاردىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ خىل ھالەت دېموكراتىك ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىر تەھدىت.»
         1952-يىلى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا كۆرسىتىلدى. بىراق ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىيدىن خەۋىرى يوقلىقىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتتى. لىكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «تەڭلىمە مەن ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم، چۈنكى سىياسىي دېگەن ۋاقىتلىق نەرسە، لېكىن بىر تەڭلىمە بولسا مەڭگۈلۈك.»
         1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ يۈرىگى سوقۇشتىن توختىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيىسى، نەزەرىيىسى تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ۋە بىلىم خەزىنىسىنى زەرەتلەپ تۇرماقتا.
        خۇددى ئامېرىكا ئالىمى بىروئۇن. فالون ئېيتقاندەك ئەگەر تارىخى نۇقتىئىينەزەر بىلەن قارىغاندا، ئېينىشتىيىننىڭ ئىنسانلار مەدىنىيىتىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىسى ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئويلىغاندەك 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم بولغانلىقى ئەمەس بەلكى كىشىلەرگە غايىۋى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكى ــــ ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى نۇرغۇنلىغان ياش مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھايات يولىنى يورۇتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن باشقا مۇتەپەككۇرلارنىڭ تۆھپىلىرى ئېينىشتىيىننىڭ تۆھپىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدۇ.
         بۇ دەل كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان ئېينىشتىيىن ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىدىيە ـــ بىر ئالاھىدە تالانت ئىگىسى نەچچە ئەۋلاد ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئويغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپە قوشقۇچى ۋە باشقىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ بىر ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدىغان جەريان. بۇ بەلكىم بىز ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ !»

    2.نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارەتلىرى
         ياخشى بىر نەزەرىيە ئىلگىرى بايقالغان ھادىسىلەرنىلا چۈشەندۈرۈپ قالماي يەنە تېخى بايقالمىغان ھادىسىلەردىن بىشارەت بېرەلىشى كېرەك. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەرىيىسىمۇ بىر ياخشى نەزەرىيە. 1781-يىلى ئاسترونوملار ئۇران سەييارىسىنى بايقىغاندا بۇ سەييارىنىڭ ئوربىتىسىدا بىر ئاز نورمالسىزلىق بارلىقىنى بايقىغان. ئاستىرونوملار بۇنى تېخى تېپىلمىغان بىر سەييارىنىڭ ئۇراننى تارتىپ تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ پەرەز قىلىشقان ۋە ئەنگىلىيە ئالىمى ئادامىس بىلەن فىرانسىيە ئالىمى لېۋېرىي نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىگە ئاساسەن، قىياس قىلىنغان سەييارىنىڭ ئورنىنى ھىساپلاپ چىققان ئىدى. 1846-يىلى گىرمانىيىلىك ئاستىرونوم گاللىي تېلىسكوپنى لېۋېرىي كۆرسەتكەن ئورۇنغا توغرىلىغاندا دەرۋەقە بىر يېڭى سەييارىنى كۆردى. كېيىن نېپتون دەپ ئاتالغان بۇ سەييارىنىڭ تېپىلىش جەريانى نىيوتون ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنىڭ شانلىق غەلبىلىرىدىن بىرى.
         ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىچۇ؟
         كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىشارەتلىرىدىن بىرى نۇرنىڭ قۇياشنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەندە تارقىلىش يۆنىلىشىدە ئېغىش كۆرىلىدىغانلىقى.
        كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن قۇياشنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەن نۇر قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئېگىلىش يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن يۆنىلىشىدە ئېغىش ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇياش توسۇۋالغان دائىرىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ.

    1915-يىلى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى تاپشۇرغاندا نۇر قۇياش ئەتراپىدىن ئۆتكەندىكى ئېغىش بۇلۇڭىنىڭ 1.7سېكونت بولىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. بۇ دوكلاتىدا ئۇ يەنە بۇ ھادىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ تونۇشتۇردى: ئاۋۋال مەلۇم تۇرغۇن يۇلتۇزنى رەسىمگە تارتىۋالىمىز. (ئاسترونوملاردا يېتەرلىك توغرىلىق دەرىجىسىدىكى يۇلتۇزلار جەدۋىلى بار) كۈن تولۇق تۇتۇلغاندا بۇ يۇلتۇز قۇياش تەرىپىدىن توسىۋېلىنغاندا يۇلتۇز نۇرى قۇياش ئەتراپىدىن ئۆتكەندە، يۇلتۇز نۇرىدا ئېغىش يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم رەسىمگە ئېلىۋالىمىز. ئىككى پارچە رەسىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق نۇرنىڭ ئېغىش دەرىجىسىنى ھىساپلاپ چىقىشقا بولىدۇ.
         كېيىن ئەنگىلىيە ئالىمى ئىدىنتوننىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرىنىۋىچ رەسەتخانىسى ئىككى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى تەشكىللەپ، 1919-يىلىدىكى كۈن تۇتۇلۇشتىن پايدىلىنىپ ئېينىشتىيىننىڭ بىشارىتىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىدىنتون يېتەكچىلىك قىلغان گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى 1.63 سېكونت، يەنە بىر گۇرۇپپىنىڭ 1.98بولۇپ، ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 1.74سېكونت ئېينىشتىيىن كۆرسەتكەن نەتىجىگە ناھايىتى يېقىنلاشقانىدى. ھازىر بۇ سان ئۇمۇمەن 1.75سېكونت دەپ قارالماقتا.
         ئۇنىڭدىن باشقا كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىىسىگە ئاساسەن خۇددى ئېلىكتىر- ماگېنت تەسىرى ئېلىكتىر ماگنېت دولقۇنىغا تايىنىپ تارقالغىنىغا ئوخشاش، تارتىش كۈچى تەسىرى تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئەگىشىپ تارقىلىدۇ. بۇ تارتىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان تېللىر بىلەن خولىس 1993-يىلىدىكى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
         قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلىقى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بىشارەتلىرىدىن بىرى. ھازىر كۆرىۋاتىمىزكى، قارا ئۆڭكۈر تەتقىقاتى ھازىر فىزىكىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتىلارنىڭ بىرى ھەم بىز ئاللىقاچان ئالەمدە نەچچە مىليۇنلىغان چوڭ-كىچىك قارا ئۆڭكۈرلەرنى بايقىدۇق، ھەتتا ئامېرىكا ئالىملىرى تەجرىبىخانىدا مىكرو قارا ئۆڭكۈر ياساپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى.

    3.ئالەمشۇناسلىق ئىلمى

    ئالەمشۇناسلىقنى كەڭ مەنىدىن ئېيتساق تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئىلىملەرنىڭ بىرى. ئىنسانلار ئىپتىدائى دەۋىردىلا يۇلتۇز، قۇياش ،ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقان ۋە ئالەم ـــ ئۆزلىرى كۆزىتەلەيدىغان بارلىق دائىرىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە كۆپ ئويلانغان.
         بۇ ھەقتە ئەڭ بەس مۇنازىرە قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئالەمنىڭ يېشى، يەنە بىرى ئالەمنىڭ ماكان دائىرىسى.
         ئالەم ئەزەلدىن مۇشۇنداق مەۋجۇتمۇ ياكى چەكلىك ۋاقىت بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ؟
         ئالەمنىڭ ماكان جەھەتتىن چېكى بارمۇ يوق ؟
         ئالەمشۇناسلىقنىڭ ھەقىقىي تەبىئىي پەن تەتقىقات ساھەسىگە كىرىشى ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن 1916-يىلى ئېلان قىلغان «كەڭ مەنىدىكى نىسبىيىلىك نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئالەمشۇناسلىق ئۈستىدە تەكشۈرۈش» ناملىق ماقالىسىدىن كېيىنكى ئىش. ئۇندىن بۇرۇن ئالەمشۇناسلىق ئاساسەن ئىلاھىيەتشۇناسلار ۋە تەبىئەت پەيلاسوپلىرىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ماتېرىيالىستىك پەلسەپەشۇناسلار «ئىلاھ يارىتىش» نەزەرىيىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن دائىم ماكان ۋە زامان جەھەتتىن چەكسىز بولغان تېنچ ھالەتتىكى ئالەمنى ئۆلچەملىك ئالەم مودېلى دەپ تەكىتلىشەتتى. لېكىن 1823-يىلى گىرمانىيىلىك ئوبۇسنىڭ ئۆتكۈر تەنقىدى نەتىجىسىدە بۇ ماكان ۋە زامان جەھەتتە چەكسىز بولغان ئالەم مودىلىدا چوڭ زىددىيەت بارلىقى بايقالدى.
        ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئەمىلىيەتتە قۇياشقا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز، پەقەت ئارىلىقى يىراق بولغانلىقتىنلا بىزگە كىچىك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئەگەر ئالەم ماكان جەھەتتىن چەكسىز بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى بوشلۇقتا چەكسىز كۆپ ساندىكى يۇلتۇزلار بولسا ھەم زامان جەھەتتىنمۇ چەكسىز بولۇپ، يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئەتراپىمىزغا يېتىپ كېلىشكە يېتەرلىك بولسا (گالىلىي دەۋرىدىلا نۇرنىڭ چەكلىك سۇرئەت بىلەن تارقىلىدىغانلىقى بايقالغان) ئۇنداقتا ئەتراپىمىزدىكى بوشلۇق كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك يورۇق بولۇشى كېرەك. چۈنكى چەكسىز بولغان ئالەمدە مەيلى قايسى يۆنىلىشتىن قارايلى كۆرۈش سىزىغىمىز ھامان بىر يۇلتۇزغا بېرىپ ئۇلىنىشى كېرەك.
         ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ئالەم ۋاقىت جەھەتتىن چەكسىز بولۇپ، ھازىرغىچە چەكسىز ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئۇنداقتا بەزى ئىشلار ئاللىبۇرۇن يۈز بېرىپ بولماستىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدىلا يۈز بېرىدۇ؟ چەكسىز ۋاقىت ئىچىدە ئىنسانلار نېمىشقا بۇرۇنلا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ بولماي ئەكسىچە بىز كۆرۈۋاتقان ھازىرقى ھالەتتە بولىدۇ؟
         يۇقۇرىقى مەسىلىلەرگە ئۇ پەيلاسوپلار جاۋاپ بېرەلمەيىتتى.
         لېكىن چەكلىك ئالەم نەزەرىيىسىمۇ ئانچە كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئەمەستەك. چۈنكى ھەر قانداق چەكلىك نەرسىنىڭ ھامان بىر چەت-چېگرىسى بولىدۇ. ئۇنداقتا ئالەمنىڭ چەت-چېگرىسى قەيەردە؟ ئۇنىڭ سىرتىدا نېمە بار؟
         نىيوتون ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ماكان ۋە زامان جەھەتتىن چەكسىز ھەم ماددا تارقىلىشى تېنچ ھالەتتىكى ئالەم مودېلىنى پەرەز قىلغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تېزلا ھېس قىلىپ يەتتىكى ماددىلار ئارىسىدىكى ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تېنچ ھالەتتىكى ئالەم ناھايىتى ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ماددىلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ ئاخىرى بىر نوقتىغا توپلىنىپ قالاتتى. نىيوتون ئالەمنى تېنچ ھالەتتە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، يىراق ئارىلىقتا ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى كۈچ ــ تېپىشىش كۈچى بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان. لېكىن بۇلار مەسىلىنى ھەل قىلالمايىتتى.
         ئېينىشتىيىن بولسا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئالەمنىڭ ماكان جەھەتتىن چەكلىك، لېكىن چەت-چېگراسى يوق بولۇشدەك بىر خىل ھالىتىنى تەسۋىرلىدى. بىراق ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئالەمنىڭ باشقا ماددا - جانلىقلارغا ئوخشاش پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشىنى سىغدۇرالمىغاچقا، بۇ ئالەم مودېلىدا تەسۋىرلىگىنىمۇ بىر تېنچ ھالەتتىكى ئالەم ئىدى.
         ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ : مەسىلەن بىز بىر ئىككى ئۆلچەملىك شار يۈزى دۇنياشىنى تەھلىل قىلايلى. شار يۈزىدە ئىككى ئۆلچەملىك ئۆمىلىگۈچى قۇرت ياشىغان بولسۇن. (دىققەت، بۇ قۇرت ئىككى ئۆلچەملىك) بۇ قۇرت يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە. ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان ئالەمنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇ مەيلى قايسى تەرەپكە قانچە ئۇزۇن ماڭمىسۇن ئۆزى ياشاۋاتقان ئالەمنىڭ چەت-چېگرىسىنى تاپالمايدۇ. ھەممىمىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، شار يۈزى دۇنياسىدا بىر چەت-چېگرانى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، خۇددى يەر شارىغا ئوخشاش. ئېينىشتىيىن كۆرسەتتىكى، بىزنىڭ ئالەممۇ دەل شۇنداق بىر شار يۈزى دۇنياسى، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ شار يۈزى ئۈچ ئۆلچەملىك. دەل جايىدا ئىنسانلار ياشاشقا لايىق. لېكىن بىز بۇ ئالەمنىڭ چەت-چىگرىسىنى تېپىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئالەم مودىلى ئالەمنىڭ چەت-چىگرا شەرتى مەسىلىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن قۇتۇلۇپ، بىزگە ماكان جەھەتتىن چەكلىك، لېكىن چەت-چېگرىسى يوق ئالەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈردى.
         لېكىن ئېينىشتىيىننىڭ بۇ ئالىمى ماددىلار تەكشى ھالەتتە تارقالغان تېنچ ھالەتتىكى ئالەم بولۇپ ، تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن بۇ ئالەمنىڭ تېنچ ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئېينىشتىيىن تېنچ ھالەتتىكى ئالەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېرىشكەن ئالەم تەڭلىمىسىگە ئالەم تۇراقلىقى، دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەزانى قوشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالەمنى سىرتقا كېڭىيىشكە ئىتتىرىدىغان ئىچكى بېسىم ھاسىل بولاتتى-دە، تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىنى يوقىتالايىتتى. تالانتلىقلارنىڭ كۆز قارىشى دائىم بىر يەردىن چىقىدۇ. ئېينىشتىيىنمۇ نىيوتون ئويلىغان ئاشۇ ئۇسۇلنى (جىسىملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا ئۈندەيدىغان كۈچنى پەرەز قىلىش) قوللاندى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۇ ئۇسۇلنى قوللانغان شەكلى تېخىمۇ ئاسانلا چاتاق چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. ئەمىلىيەتتە ئالەم تۇراقلىقى بىلەن جىسىملار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىماق ناھايىتى تەس بولۇپ، كىچىككىنە داۋالغۇش بولسىلا ئالەمنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى ياكى تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى.

    ئېينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ۋە بۇ ئاساستىكى ئالەم مودىلى نۇرغۇن ئۆتكۈر پىكىرلىك ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گوللاندىيە ئالىمى دېشىتى ئەڭ بۇرۇن بۇ جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن ئالىملارنىڭ بىرى. دېشىتى 1916-يىلى ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ يەنە بىر خىل يېشىمىنى تاپتى. ئۇنىڭ يېشىمى تەسۋىرلىگەن ئالەم مودېلى ئېينىشتىيىننىڭ ئالەم مودېلىغا ئوخشاش ئالەم كوئېففىنسىنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئالەم مودېلىدا ماددا يوق ئىدى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى ئەگەر ئۇنىڭ ئالەم مودېلىغا ئازراق ماددا كىرگۈزسە، بوشلۇق كېڭىيىپ ماددىلار بىر-بىرىدىن يىراقلىشىدىغان يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلاتتى. ئېينىشتىيىن دېشىتىنىڭ خىزمىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئەسلىدە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمى بىر خىللا بولۇشىنى ھەم بۇ يېشىمى تەسۋىرلىگەن ئالەم مودېلىنىڭ بىزنىڭ بۇ ئالىمىمىزگە ماس كېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. بىراق ھازىر تەڭلىمىنىڭ يەنە بىر يېشىمى چىقىپ قالدى، يەنە كېلىپ ئىككىلا يېشىمى بىزنىڭ بۇ ئەمىلى دۇنياغا ماس كېلىدىغاندەك ئەمەس.
         1922-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى فىرىدېرمان يۇقىرىقى مەسىلىگە جاۋاب بەردى. ئەمىلىيەتتە تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ يىشىمى بىر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تەڭلىمە بىر تۈركۈم يېشىمگە ئىگە. بۇ يېشىملەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ماتېماتىكا نۇقتىسىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئالەملەرگە ماس كېلىدۇ. فىرىدېرمان يەنە تۇنجى بولۇپ ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئايرىلىشى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى شەرھىيلىدى. مەسىلەن ئۈستىگە رەسىم سىزىلغان شارنى پۈۋلىسەك، پۈۋلىگەنسېرى شار ئۈستىدىكى رەسىملەرنىڭ بىر-بىرىدىن شۇنچە يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ بوشلۇقنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىش جەريانىدىكى ھالىتىمۇ دەل شۇ رەسىملەرگە ئوخشاش.
         دەل شۇ مەزگىللەردە ئاستىرونومىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ بۆسۈش ئالەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېنچ ھالەتتە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
         ئامېرىكا ئالىمى خابو 1923-1924-يىللىرى، ئىلگىرى سامان يولى سېستىمىسنىڭ ئىچىدە، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن «يۇلتۇز»لارنىڭ ئەمىلىيەتتە سامان يولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى ناھايىتى يىراق ئارىلىقتىكى ئاسمان جىسىملىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ «يۇلتۇزلار» بىزدىن بۇنچە يىراق ئارىلىقتىنمۇ بىز كۆزىتەلىگىدەك دەرىجىدە بولغانىكەن ئۇلار چوقۇم ئىنتايىن چوڭ. خابو كۈزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق بۇ «يۇلتۇزلار»نى يەنە نەچچىلىگەن نۇر مەنبەلىرىگە ئاجراتتى، شۇ چاغدا مەلۇم بولدىكى، ئۇلار ئەمىلىيەتتە سامان يولى سېستىمىسىغا ئوخشاش غايەت زور يۇلتۇز سېستىمىسى، ئارىلىق يىراق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ناھايىتى كىچىك كۆرۈنگەن. بۇنىڭ بىلەن تېزلا يۇلتۇزلار سېستىمىسىنى كۆزىتىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. بۇ كۆزىتىشلەردە جەريانىدا ئاستىرونوملار ھەيرانلىق بىلەن ئاساسەن ھەممە يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ نۇرىدا «قىزىل يۆتكىلىش» بارلىقىنى بايقىدى.
          «قىزىل يۆتكىلىش» يەنە «دوپپىلېر ئېففىكتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دولقۇن مەنبەسى بىلەن كۆزەتكۈچىنىڭ نىسبىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە كۈزەتكۈچى قوبۇل قىلغان دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىدا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدىغان فىزىكىلىق ھادىسە. ئاۋستىرالىيە ئالىمى دوپپىلېر بۇنى ئاۋاز دولقۇنىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقىغان. مەسىلەن: سىز تاشيولنىڭ بويىدا تۇرسىڭىز يىراقتىكى كېلىۋاتقان ماشىنا سىزگە يېقىنلاشقانسىرى ماشىنىنىڭ ئاۋازى شۇنچە ئىنچىكە، يۇقىرى؛ يېنىڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن قانچە يىراقلاشقانسىرى ماشىنا ئاۋازى شۇنچە بوم، تۆۋەن. بۇ ئاۋاز دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا ئاۋاز مەنبەسى بىلەن كۆزەتكۈچى ئارىسىدىكى نىسبىي ھەرىكەت تۈپەيلى دولقۇننىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان. بارلىق دولقۇنلار تارقىلىش جەريانىدا بۇ خىل ھادىسە يۈز بېرىدۇ. ئوخشاشلا نۇر مەنبەسىمۇ ئەگەر كۆزەتكۈچىگە يېقىنلىشىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلسا، نۇر سىپىكتىرىدا نۇرنىڭ يۇقىرى ئېنىرگىيە رايونى كۆك نۇر تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. (دولقۇن ئۇزۇنلىقى قىسقىرايدۇ) بۇ كۆك يۆتكىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر نۇر مەنبەسى كۆزەتكۈچىدىن يىراقلىشىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلسا، كۆزەتكۈچى ئۆلچىگەن نۇر سىپىكتىرىدا نۇرنىڭ يۇقىرى ئېنىرگىيە رايونى قىزىل نۇر تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. (دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئۇزىرايدۇ) بۇ «قىزىل يۆتكىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
    ئەتراپىمىزدىكى يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ ھەممىسى بىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ!!!
    1929-يىلى خابو كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسەن «بارلىق يۇلتۇزلار سېستىمىسى بىزدىن يىراقلىشىش يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلماقتا ھەم قانچە يىراقتا بولسا ئايرىلىش تېزلىكى شۇنچە تېز، يەنە كېلىپ يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بىلەن ئۇنىڭ ئايرىلىش تېزلىكى ئاددىي ماتېماتىكىلىق نىسبەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ.» دەپ جاكارلىدى. ئەينى ۋاقىتتا قىزىل يۆتكىلىش ئېنىقلانغان يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ سانى 40نەچچە ئىدى. (بايقالغان ئومۇمىي يۇلتۇزلار سېستىمىسى سانىمۇ شۇنچىلىك، پەقەت بىر نەچچە يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىلا كۆك يۆتكىلىش بايقالغان.) 1935-يىلىغا كەلگەندە قىزىل يۆتكىلىش بايقالغان يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ سانى 150 نەچچىگە يېتىپ، ئەڭ چوڭ ئايرىلىش تېزلىكى سېكونتىغا 40 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى. 1950-يىلىغا كەلگەندە ئەڭ چوڭ ئايرىلىش تېزلىكى سېكونتىغا 100مىڭ كىلومېتىرغا، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە مىليارد نۇر يىلىغا يەتتى.
         ئەگەر ئالەم كېڭىيىۋاتقان بولسا، تېخىمۇ بۇرۇنقى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ناھايىتى زىچ ھالىتى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەجەبا ئالەم راستىنلا «چەكسىز زىچلىق»تىكى بىر نۇقتىنىڭ كېڭىيىشىدىن ھاسىل بولغانمىدۇ؟
         1932-يىلى ئېينىشتىيىن بىلەن دېشىتى يېڭى بىر ئالەم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى تەڭلىمىسىگە ئاساسەن مەۋجۇت بولالايدىغان ئەڭ ئاددىي ئالەم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالەم كوئېففىنسىنتى يوق، بوشلۇق تەكشى ئىۋكىلىد بوشلۇقى ئىدى. بۇ ئالەم مودېلى يەنە ناھايىتى بۇرۇن بىر مۇقىم «ئالەم يارىتىلىش» پەيتىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئالەم ئەنە شۇ پەيتتە چەكسىز زىچلىقتىكى ھالەتتىن بارلىققا كېلەتتى.
         ئۇنىڭدىن كېيىن تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى 1948-يىلى گاموف، ئارىف، بېيىتلار ئېلان قىلغان «ئالفا بېتا گامما نەزەرىيىسى». گاموف 1904-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا فىرىدېرماننىڭ قولىدا فىزىكا ئۆگەنگەن بولۇپ، 1933-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ بۇ ئالەم مودېلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى نېيىترون. ئالەم نۇرغۇن يىللار بۇرۇن نېيىتروندىن تۈزۈلگەن غايەت چوڭ زىچلىقتىكى «ئوت شارى»نىڭ «پارىتلىشى» نەتىجىسىدە شەكىللىنەتتى. نېيىترون ئېلىكتىرون بىلەن پىروتونغا پارچىلىنىدىغان بولغاچقا ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم بولغان ئالەمدىكى بارلىق ماددا زەررىچىلىرى (پىروتون، نېيىترون، ئېلىكتىرون) نىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرگىلى بولاتتى ھەم زەرەت تەڭپۇڭلىقى ساقلىناتتى.
         گاموف نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن بىرى بۇ نەزەرىيىنىڭ ئالەمدىكى ھىدروگىن بىلەن گېلىينىڭ ھاسىل بولۇش مېخانىزىمى ۋە سانلىق نىسبىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكى. يەنە بىرى بولسا ئىپتىدائىي رادېئاتسىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بىشارەت بەرگەنلىكى. بۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ئىپتىدائىي «ئوت شارى پارتىلىشى»دىن ھاسىل بولغان رادېئاتسىيە ئالەم بوشلۇقىدا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ، ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەپ باراتتى. گاموف ئىپتىدائىي رادېئاتسىيىنىڭ ھازىرقى قالدۇق تېمپىراتۇرىسىنىڭ 5 كېلۋىن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ھىساپلاپ چىقتى.
         ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ نەزەرىيىنىڭ بىشارىتى بولغان ئىپتىدائىي رادىئاتسىيىنى ئەينى ۋاقىتتا تامامەن تەكشۈرگىلى بولسىمۇ، گاموف بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەي، نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا تەتقىقات گورۇپپىسىنى تارقىتىۋېتىپ ئەينى ۋاقىتتا قىزىپ كەتكەن DNAتەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتتى. كېيىنچە بارغانسىرى كۆپلىگەن تەجىرىبە نەتىجىلىرىنىڭ گاموفنىڭ نەزەرىيىسىگە ماس كېلىدىغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئاندىن بەزى ئالىملار ئىپتىدائىي رادېئاتسىيە بىشارىتىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەكلىگىنى ئېسىگە ئېلىشتى. 1965-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا پىرىنىستون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئالىملىرى ئەمدى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ ئىپتىدائىي رادېئاتسىيەنى ئۆلچەشكە كىرىشەي دەپ تۇرغاندا بېل تەجرىبىخانىسىدىن ئىپتىدائىي رادېئاتسىيەنىڭ بايقالغانلىق خەۋىرى كەلدى. مەلۇم بولدىكى، ئىپتىدائى رادېئاتسىيە ئالەمنىڭ ھەر قانداق يۆنىلىشىدە ئوخشاش بولۇپ، تېمپىراتۇرىسى 2.7 كېلىۋىن بولغان جىسىم تارقىتىدىغان رادىئاتسىيىگە ماس كېلەتتى. (بۇ 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتنىڭ بىكارغا ئۆتكۈزىۋېتىلگەنلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.)
          20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ «ئىپتىدائىي چوڭ پارتلاش» (گاموفنىڭ نەزەرىيىسى بۇ مودېلنىڭ ئۇلى) مودېلىغا يەنە كۆپلىگەن تۈزۈتۈشلەر كىرگۈزۈلدى ۋە ئالەمشۇناسلىق ئىلمىدىكى ئەڭ كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئۆلچەملىك شەكىلگە ئايلاندى. لېكىن ئالەمنىڭ ماكرولۇق تەرەققىيات جەريانى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدىكى قاراشلاردا تېخى بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغىنى يوق.
         ئىپتىدائىي چوڭ پارتىلاش نەزەرىيىسى بويىچە چوڭ پارتىلاشتىن كىيىن ئالەمدىكى ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن ئالەمنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى بارغانسىرى ئاستىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق 1998-يىلى ئاستىرونوملار ئالەمنىڭ تېزلىنىشچان كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدى! بارلىق يىراقتىكى يۇلتۇزلار سېستىمىلىرىنىڭ بىزدىن ئايرىلىش تېزلىكى بارغانسېرى تېزلەشمەكتە. ئۇنداقتا چوقۇمكى بىر خىل ئېنىرگىيە ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىۋاتىدۇ ــــ ئېينىشتىيىننىڭ ئالەم كوئېففىنسىنتى؟ قارىماققا راستىنلا ناھايىتى كىچىك بولغان ئالەم كوئېففىنسىنتى مەۋجۇت بولۇپ ئۇ ئالەمدىكى ماددىلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچىنى يېڭىپ داۋاملىق تېزلىنىشچان كېڭىيىشىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىۋاتاتتى. ھەيرانلىق ئىچىدە ئالىملار يەنە بىر غەلىتە ھادىسنى بايقىدى. بىز كۆرۈۋاتقان بۇ يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى ئارىسىدا كۆرگىلى بولمايدىغان پەقەت تارتىش كۈچى تەسىرىدىنلا بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم ماددىلار پەيدا بولدى. ھەتتا بۇ ماددىلارنىڭ ماسسىسى ئالەمدىكى بارلىق ماددا ماسسىسىنىڭ %90تىدىن ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىن!
           ئالىملار ئۇ خىل ئېنىرگىيىنى يوشۇرۇن ئېنىرگىيە، ئۇ خىل ماددىنى يوشۇرۇن ماددا دەپ ئاتىدى. ھازىر بۇ تەرەپلەردە ئاكتىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماقتا. يوشۇرۇن ئېنىرگىيە، يوشۇرۇن ماددىلار قانداق كەلگەن؟ قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇ 21-ئەسىر ئالەمشۇناسلىق ئىلمىي دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى

     

    (ئاخىرى كېلەركى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.