تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى(ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-22 23:28:49

تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقخۇلاسەتىل ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇش بىلەن بىرگە كۈلتۈر جەھەتتىن، ئۇنىڭ ساقلىنىدى...

    تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
    ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق



    خۇلاسە
    تىل ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇش بىلەن بىرگە كۈلتۈر جەھەتتىن، ئۇنىڭ ساقلىنىدىغان خەزىنىسى ۋە كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزگۈچىسى. كۈلتۈر، مۇئەييەن بىر گۇرۇپ، قەۋىم، مىللەتلەرگە خاس بولغان ۋە شۇ مىللەتلەر تەرىپىدىن ئەسىرلەر مابەينىدە يارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلار، قىممەتلەردۇر. تىل، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم تەركىپلىرىدىن بىرىدۇر. مىللىي كۈلتۈرنىڭ كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلىشى، كۈلتۈرنىڭ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا تىلنىڭ رولى ئەڭ چوڭدۇر. تىلنىڭ مەۋجۇدىيىتى كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ كاپالەتتۇر. كەڭ مەنىدە يەرشارىلىشىش، تار مەنىدە جۇڭگو مىقياسىدىكى ئىچكى پۈتۈنلىشىش جەرىيانىدا مىللىي تىللارنىڭ مەۋجۇدىيىتى، مىللىي كۈلتۈرلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ كۈلتۈرلۈك (Multicultural/多元文化 ) قۇرۇلمىسىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە داۋام قىلدۇرۇلۇشىدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تىل، كۈلتۈر، ئۇيغۇر تىلى، جۇڭگو

    تىل ۋە كۈلتۈر

    تىل كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئۇچراشقاندا ئىشلىتىدىغان ئالاقە قۇرالىدۇر؛ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تىل كىشى بىلەن كىشى ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ياكى مەقسەت―مۇددىئا، پىكىرلەرنى ئىپادە قىلىدىغان، بىر-بىرىگە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتەدۇر.
    شۇنداقلا تىل مۇئەييەن بىر گۇرۇپنى، جامائەتنى، مىللەتنى يەنە باشقا گۇرۇپ، جامائەت ۋە مىللەتتىن ئايرىيدىغان، پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگە ۋە سىمۋوللار سىستېمىسىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا تىلنىڭ نۇقۇل مىللىيلىقى، تەۋەلىكى باردۇر.
    ئالدى بىلەن ئاتالغۇ جەھەتتىن ناتونۇش بولغان ئەمما ماھىيەت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تونۇشلۇق لېكىن ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتىدە چەك―چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغان «كۈلتۈر» ھادىسىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
    كۈلتۈر جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق(ئانتروپولوگىيە) ئىلىملىرىنىڭ مۇھىم بىر ئاتالغۇسىدۇر. كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر―بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلىرىمىز ئايرىم ماقالىلىرىمىزدا (كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture ، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى جەمىيەتشۇناسلىق (سوتسىئولوگىيە)، ئىنسانشۇناسلىق (ئانتروپولوگىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى بۇ ساھەدەىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يوقلۇقىدەك رىئال سەۋەبلەر بىلەن «كۈلتۈر»گە ئوخشاش ئاتالغۇ ۋە ھادىسىلەر ئىلمىي شەكىلدە ئىزاھلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان مىلەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا بۇ خىل ئاتالغۇلار تەرجىمانلار تەرىپىدىن يەنىلا «مەدەنىيەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان پەقەت ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن مەنالار ئاڭقىرىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003-يىلى 4-سان، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004-يىلى، 2- سان.) ئىنچىكىلەنگەنلىكى سەۋەپلىك تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك مەقسىتىدە بۇ يەردە تەپسىلىي توختىلىشنى، شەرھىيلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق.
    غەرپتە، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ كلاسسىك تەبىرىنى،1871―يىلى ئېدۋارد تايلور (Edward Tylor) شۇ شەكىلدە بېرىدۇ: كۈلتۈر ئىنسان بالىسىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياراتقان بىلگۈ―مەلۇماتلىرىنى، ئەقىدە―ئېتىقات، ئەدەبىيات―سەنئەت، ئەخلاق―پەزىلەت، ئادەت―ئەنئەنەلەر ۋە باشقا قابىلىيەتلەر بىلەن خۇي―مىجەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ بىر گەۋدىدۇر(گوردون مارشال ( Gordon Marshal)، سوتئولوگىيە سۆزلۈكى، (تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمان ئاكىنھاي، دەريا كۆمۈرجۈ)، ئەنقەرە: بىلىن ۋە سەنئەت نەشىرىياتى، 1999. يىل، 771―بەت.).
    تۈرك مۇتەپەككۇرى ۋە جەمئىيەتشۇناسى گۆكئالپ كۈلتۈرنى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئاممىباپ شەكىلدە(زىيا گۆكئالپ، تۈرك ئۇيغارلىقى (مەدەنىيىتى) تارىخى، (نەشىرگە ھازىرلىغان: يۇسۇف چوتۇقسۆكەن)، ئىستانبۇل: ئىنقىلاپ نەشىرىياتى، 1991.يىل، 2―3―بەت.) «بىر مىللەتنىڭ دىنى، ئەخلاقى، تۆرەسى(تۆرە— قەدىمكى تۈركچىدە(ياكى ئۇيغۇرچىدا) تۈرە، تۆرە شەكلىدە كۆرىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تۆرە—بىر جەمئىيەتتە ئۆزلەشكەن، ئومۇملاشقان ھەرىكەت ۋە ياشاش شەكىللىرىنىڭ، قائىدىلەرنىڭ، ئادەت ۋە ئەنئەنەلەرنىڭ؛ جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئورتاقلاشقان ئۆرپ―ئادەتلەرنىڭ، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن توغرا بىلىنىپ تۇتۇلغان يوللارنىڭ تامامىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كىرەك بولغان ۋىجدانىي بەلگىلىمىلەر بولۇپ، جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ تۆرىسىنى ئىجرا قىلغىنىدا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ تەقدىرلىنىدۇ، ئىجرا قىلمىغاندا بولسا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي چەتكە قېقىلىدۇ. تار مەنىدىكى تۆرە، بىر جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە، ئۆتمۈشتە بۇگۈنكى مەنىدىكى قانۇننىڭ رولىنى ئوينىغانىدى.)، ئېستېتىك تۇيغۇسى، تىلى، ئىقتىسادى ۋە پەننىي ھاياتلىرىنىڭ جىپسىلاشقان بىر پۈتۈن گەۋدىسىدۇر» دەيدۇ. مەدەنىيەتنى بولسا، ئوخشاش بىر تەرەققىيات سەۋىيسىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرىنىڭ ئورتاق بىر پۈتۈنى شەكلىدە ئىزاھلايدۇ.
    قىسقىسى كۈلتۈر «بىز» بىلەن «ئۇلارنى» پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، بىزنى «بىز» قىلغان قىممەت، قاراش، ئۆرپ―ئادەت…قىسقىسى پەقەتلا «بىز»گە ئائىت بولغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز، پەلسەپىمىز، ئۆرپ―ئادەتلىرىمىز…… بىزنىڭ شايى―ئەتلەسلىرىمىز، مىللىي كىيىم―كېچەكلىرىمىز، خوتەننىڭ گىلەملىرى، ئۆزگىچە يۈرۈش―تۇرۇشلىرىمىز، ئولتۇرۇپ―قوپۇشىمىز، سالام―سائەتلىرىمىز، كۈلۈش شەكىللىرىمىز، ئېستېتىك تۇيغۇلىرىمىز…ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    2) تىلنىڭ كۈلتۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
    تىل بىلەن كۈلتۈرنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ياكى كۈلتۈر نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تىلنى تەتقىق قىلىش غەرپتە خېلى بۇرۇنلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. جۇڭگودا بولسا بۇ ساھە نىسبەتەن يېڭى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80―يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ جۇڭگودا خۇسۇسەن خەنزۇ زىيالىيلىرى ئارىسىدا «كۈلتۈر قىزغىنلىقى» قوزغالدى، ئۇنىڭ تەسىرىدە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى زىيالىيلارمۇ تىل بىلىمى نۇقتىسىدىن كۈلتۈرنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى ۋە بۇنىڭ بىلەن «كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى» بىلىمى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ تەرەققىيات «كۈلتۈر تىلشۇناسلىق»ىنىڭ جۇڭگو ئېقىمىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.
    ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىياتلارغا ئاۋاز قوشۇش ئەمەس يېتىشىپ مېڭىشمۇ تەسلىشىش ئەھۋالى كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالدى. تىلشۇناسلىق خۇسۇسەن تۈركولوگىيە ساھەسىيىمىزدە تىلىمىزنى نوقۇل گرامماتىكىلىق ھادىسىلەر نۇقتىسدىن كلاسسىك ئۇسلۇپتا (بىزنىڭچە كلاسسىك رۇس ئۇسلۇبى) تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان ۋە تۇرماقتا. تىلنىڭ ئىجتىمائىيلىقى، مەۋجۇدلۇقى نۇقتىسىدىن خۇسۇسەن تىل―كۈلتۈر مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى ھەتتا يوقلۇقى كىشىنى خېلىلا ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ. چۈنكى بىزدەك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان مىللەتلەردە «كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى» ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ ئىدى.
    كۈنىمىز ئۇيغۇرچىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھەدەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان تىل قوپاللىشىپ كېتىش، تەرجىمە تىلىغا ئايلىنىپ قېلىش، تىل نامراتلىشىشى ھادىسىلىرىنىڭ تەپەككۇر سىستىمىمىزغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزغا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قانچىلىك دەرىجىدە مەنفى تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بىز تېخىچە يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىپ كۆرمىدۇق. بۇ ھادىسىلەرنى مىللىي بىرلىك، مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرمىدۇق. بۇلار تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولغان موھىم تېمىلاردۇر.
    تىل كۈلتۈرنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى، كۈلتۈرنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان سىمۋوللار سىستىمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى. تىل بولسا كۈلتۈرنى نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزىدىغان بىر ۋاسىتە. تىلنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن بىلىنىدىغان شەكلى سۆزلەشتۇر. بىزنىڭچە تىل، ئىنسان جەمئىيەتلىرىنى، ھايۋان گۇرۇپلىرىدىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر.
    تىل ئالاھىدىلىكى، پەقەتلا ئىنسان تۈرىگە ئائىت بولغان، تەسىرلىشىش جەرىيانىدا ئۆگىنىلىدىغان، ئىرسىي بىر شەكىلدە باشقىلارغا ئۆتمەيدىغان دەل مەنىسى بىلەن كۈلتۈر ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان ئامىل بولغانلىقىدىن، كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ(سۇلخى دۆنمەزئەر، جەمىيەتشۇناسلىق، بەتا نەشرىياتى، 1994-يىلى ئىستانبۇل، 110-بەت). مەسىلەن مۇئەييەن بىر مىللەتكە تەۋە بوۋاق تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئىرسىي ئالاھىدىلىك بولسىمۇ، بوۋاق ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تىلىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. پەقەت كېيىنكى ئىجتىمائىيلىشىش جەرىيانىدىلا ئۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئانا ۋە ئۇيغۇر ئاتىدىن تۆرەلگەن بالا، ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ئەمەس باشقا تىل مۇھىتىدا مەسىلەن ئەرەبچە ياكى ياپونچە مۇھىتىدا يېتىلسە ئۇنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە ئەمەس ئەرەبچە ياكى ياپونچە چىقىدۇ. بۇ سەۋەبلىك تىل ئىرسىي بولماستىن كېيىن ئىجتىمائىيلىشىش جەرىيانىدا ئۆگىنىلىدىغان كۈلتۈر ئامىلىدۇر.
    تىل كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم بىر تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ شۇنداق بولغاچقا تىل، كۈلتۈرنىڭ بىر پۈتۈن تەتقىق قىلىنىشىنى، تەرەققىي قىلىشىنى ۋە قىلدۇرۇلىشىنى؛ كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلىشىنى، جۇغلىنىشىنى تەمىنلەيدىغان مۇھىم بىر ۋاسىتەدۇر. مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ تىلىدا ئۇ مىللەتنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە جۇغلىغان قىممەت قاراشلىرى، پەلسەپىسى، مۇھەببەت نەپرىتى، تۇرمۇش تەجىرىبىلىرى ھەرخىل شەكىللەردە خۇسۇسەن ماقال―تەمسىل، تۇراقلىق ئىبارىلەر، ئىدىيوم، يۇمۇر، لەتىپە، رىۋايەت…شەكلىدە ساقلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، «تامغىلىق مال يوقىماس» دىگەن ماقال ئادەتتىكى ماقال بولۇش بىرگە (بەلگە سېلىپ قويغان مال يوقىمايدۇ) يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چاغلىرىدا شەكىللەندۈرگەن بىر خىل كۈلتۈر ھادىسىسىنى―ھەر ئۇرۇق، ھەر جەمەتنىڭ ئۆزىگە خاس تامغىسى بولىدىغانلىقى ئەنئەنىسىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە بۇ ھەقتە بەزى يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل كۈلتۈر ھادىسىسى كۈنىمىز ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ پەقەت چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز بىر قىسمىدىلا داۋام قىلماقتا. دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى ئائىلەلەرنىڭمۇ مەخسۇس تامغىسى بار(ئېسىمدە قېلىشچە بىزنىڭ ئائىلىنىڭمۇ مەخسۇس بىر تامغىسى بار ئىدى. بۇ تامغا ئادەتتە بىز بىلىدىغان تامغىلارغا ئوخشىمايتى. مەخسۇس بىر سۆڭەككە (خېلىلا چوڭ ۋە ئېغىر ئىدى) ئوخشايدىغان قاتتىق جىسىمغا ئويۇلغان بولۇپ ئالاھىدە سىزىقچىلار بار ئىدى. بۇ تامغا ئادەتتە بىزنىڭ ئائىلىگە ئائىت تاغار، قاپ قاتارلق دېھقانچىلىق ۋاسىتىلىرىغا ھەتتا كالا―قويلارغىمۇ بېسىلاتتى. مەھەللە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى تونۇيتى. ئۇ تامغىنى كۆرگەنلەر، بۇ مال، جەلىل ھاجىمنىڭكى ئىكەن دېيىشەتتى.). يەنە «چىلاننى چۆلگە تىك، ئەنجۈرنى كۆلگە»، «چىلانغا چۆل ياخشى، ياڭاققا كۆل»، «ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت» قاتارلىق ماقاللاردا بولسا دېھقانچىلىق تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ بۇ ماقاللار مەۋجۇت بولغانسىرى خەلقىمىزنىڭ دېھقانچىلىق كۈلتۈرىدىكى بۇ ئەنئەنە داۋام قىلىدۇ دىمەكتۇر. بۇ ماقاللار ئارقىلىق يېڭى نەسىل ئىجتىمائىيلىشىدۇ ۋە تەجىربىلەر ئارقىلىق قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن نەرىلەرنى بىلىۋالىدۇ.
    تارىختا يوقىلىپ كەتكەن كۈلتۈر ھادىسىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى تىل سىستېمىسىدا يەنىلا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. تىلمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ بارىدۇ، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۈزلۈكسىز بىر شەكىلدە قەدىمكىنى يۇتۇپ يېڭىنى قوبۇل قىلىپ بارىدۇ. ئەمما تىلشۇناسلار يەنە تىلنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، بۇ يوقالغان ئەمما تىل سىتېمىسىدا مەۋجۇت بولغان يىپ ئۇچلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ تەكرار قېدىرىش، ئەسلىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل كۈلتۈر ھادىسىلىرىنىڭ ئەسلى شەكلىنى نامايەن قىلىپ، بۇلارنىڭ ماھىيىتى ۋە مەنبەسى ھەققىدە ئىزاھاتلارنى بېرەلەيدۇ(جاڭ سوڭجىن، دىڭ شىچىڭ؛ كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى دەرسلىكى، مائارىپ ئىلىملىرى نەشرىياتى، 2004-يىلى، بېيجىڭ، 42-بەت.). مەسىلەن يەھۇدىيلار يوقۇلۇش ئالدىدىكى تىلىنى تىرىلدۈرۈپ، تار دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ياكى ھىچ ئىشلىتىلمەيدىغان ئەمما دىنىي كىتابلىرىدا مەۋجۇت بولغان تىلىنى تىرىلدۈرۈپ مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا، دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار تىلىنى تىرىلدۈرگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ھاياتلىرىدا يوقالغان ئەمما تىلدا ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇنلىغان كۈلتۈر ھادىسىلىرىنىمۇ تىرىلدۈردى. كۈنىمىزدە ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەدبىقلىماقتا ياكى شۇ كۈلتۈر ئەندىزىلىرى ئىچىدە ياشىماقتا.
    چۈنكى «بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈرى پەقەتلا شۇ مىللەتنىڭ تىلى ئارقىلىق يىغىلىدۇ، يەنە بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈر يارىتىشىمۇ ئاساسلىقى شۇ مىللەتنىڭ تىلى ئارقىلىق ئەمىلىيلىشىدۇ. ئېزىلگەن ياكى قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئازاتلىققا ئېرىشىشى پەقەتلا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئەڭ گەۋدىلىكى ئۆزىنىڭ كۈلتۈرىنى ۋە تىلىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلشىدادۇر»( جاڭ سوڭجىن، دىڭ شىچىڭ؛ كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى دەرسلىكى، مائارىپ ئىلىملىرى نەشرىياتى، 2004-يىلى، بېيجىڭ، 10-بەت.).تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى، دىنىنى، قىممەت قاراشلىرىنى، ھەتتا گۈزەللىك قاراشلىرىنىمۇ مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەرگە مەجبۇرلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ئانچە ئۇزاق ئۆتمۈشى، تارىخى بولمىغان ئاڭگىلو-ساكسون، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر سانائەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىن كۈنسايىن كۈچلىنىپ جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانغان. ئېنگىلىزلار ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردە ئالدى ئىككى يۈز يىل كەينى ئەللىك يىل داۋام قىلغان مۇستەملىكىچىلىكى ئەسناسىدا يەرلىك خەلقلەرگە ئېنگىلىز تىلىنى ۋە مەجبۇرلىغان. يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر خىل يوللار بىلەن توسىغان. ئىنگىلىز تىلىنى رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى قىلغان. بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكىلەر ئازادلىققا ئېرىشىپ، ئۆز تىللىرىنى دۆلەت تىلى قىلىپ، كۈلتۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولسىمۇ يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئىنگىلىز تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىدىن تامامەن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بەزى دۆلەتلەر مەسىلەن پاكىستان، پىلىپىن يەنىلا ئىنگىلىز تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. لېكىن يەنە بەزى مىللەتلەرنىڭ بۇ خىل تەسىردىن تامامەن قۇتۇلۇشقا تىرىشقانلىقىمۇ مەلۇم. مەسىلەن رۇس ھاكىمىيىتىدە قالغان ئەزەربەيجان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئەزەربەيجان تىلىنى رەسمىي دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن ۋە رۇس تىلى ۋە رۇس كۈلتۈرىنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاقلىشىدىغان سىياسەتلەرنى بېكىتكەن. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۆزبەكىستاندىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمىز.
    بۈگۈنكى تىلىمىزدا ئىستىمالى بارغانچە ئازىيىپ بېرىۋاتقان قەدىناس دەيدىغان بىر سۆز بار. يەنە قەدىناسچىلىق، قەدىناسلار دەيدىغان بىر ئادەتمۇ بار. ئۇيغۇر ۋە بەزى تۈرك تىللىق خەلقلەردە قانداش قېرىنداش بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى يېقىن، بىر بىرىگە ۋاپادار، سادىق دوستلار بولىدۇ. بۇلار بىربىرىنى قەدىناسلار دېيىشىدۇ. قەدىناسلار بىر بىرىگە ئۇ قەدەر ئىشىنىدۇكى، ئۇلار بىر―بىرىگە ھەممە نەرسىسىنى كۆڭلى خاتىرىجەم ھالدا ئامانەت قىلالايدۇ، ئىچ سىرىنى پايلىشالايدۇ. بۇلاردىن بەزىلىرى مەنىۋىي رىشتىلىرىنىڭ ئەبەدىي داۋام قىلىشى ئۈچۈن بالىلىرى تېخى بوۋاق ۋاقتىدىلا بىر بىرىنىڭ بېشىنى چېتىپ قويۇش ھەققىدە ۋەدىلىشىپ قويىشىدۇ… قىسقىسى قەدىناس دىگەن سۆز تىلىمىزدا مەۋجۇت بولغىنىدا ۋە نەسىللەرگە يەتكۈزۈلگىنىدە مىللىتىمىزدىكى بۇ خىل ئېسىل ئادەت (خۇسۇسەن ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە ئۇيۇشقاقلىق جەھەتتىن) داۋام قىلغان بولىدۇ. يەنە مىساللارنى كۆپەيتىشمىز مۈمكىن مەسىلەن، قايچا قۇدا، چاي ئىچۈرۈش، نان يىگۈزۈپ قويۇش، قاتارلىق كۈلتۈرەل ئادەتلىرىمىز ئالدى بىلەن تىلىمىزدا ساقلىنىپ تىلىمىز ئارقىلىق نەسىللەرگە يەتكۈزىلىدۇ. يېڭى نەسىللەر ئىجتىمائىيلىشىش جەرىيانىدا، ئالدى بىلەن تىل ئارقىلىق بۇ ئاتالغۇلارنى ئۆگىنىدۇ، ئاندىن بارا―بارا بۇ ئاتالغۇلار ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي―كۈلتۈرەل مەنىنى ئۆگىنىدۇ.
    تىلنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كىشىلەرنىڭ ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىدار ئىدراك ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ، كۆپىنچە قوللىنىۋاتقان تىلغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىللار تەرەققىي قىلغانچە سۆزلەر ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەر بېيىيدۇ، تارىخىي مەنالار ئالىدۇ. تىلدىكى پەلسەپىۋىيلىكنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەتتا بۇ تىل ئىگىلىرىنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىنى ئويغاق تۇتىدۇ (سۇلخى دۆنمەزئەر، جەمىيەتشۇناسلىق، بەتا نەشرىياتى، 1994-يىلى ئىستانبۇل، 111―بەت.).
    تىل كۈلتۈرنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇش بىلەنلا قالماستىن كۈلتۈرگە نىسبەتەنمۇ ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ. بەزى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە تىل كۈلتۈرنىڭ ئۇلتېشىدۇركى، تىل بولمىسا كۈلتۈر بولمايدۇ؛ باشقا بىر نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، تىل ھەم كۈلتۈرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۈلتۈرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، تىل بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ۋە كۈلتۈرەل ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ مىللەتنىڭ كىشىلىك قارىشىنى، تۇرمۇش شەكىللىرىنى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنىمۇ مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولىدۇ. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې ۋىلايىتى ۋى جيۇچۈەن شەھرىدە ياشاۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلار، كۈنىمىزدە تىل بار، يېزىقى يوق، ئەنئەنىۋىي دىنىي ئېتىقادى يوقالغان ياكى ناھايىتى سۇسلاشقان بىزگە قېرىنداش بىر خەلق. تىل ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ۋە سېرىق ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ كۈلتۈرىگە ئائىت مەزمۇنلار تىلى يوقالغانچە يوقىلىشقا باشلىغان. سانى ئاز، يېزىقى يوق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇ―ئوقۇتۇش ئىشلىرى خەنزۇ تىل―يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلار خەنزۇ تىل―يېزىقىغا ناھايىتى پۇختا بولغان. ئەمما ئۆز ئانا تىلىدىن بارغانچە ئۇزاقلاشقان. بۇ ئۇزاقلىشىش ئۇلارنىڭ ئۆز كۈلتۈرىگە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سېرىق ئۇيغۇر كىملىكىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقان. ئۇلاردا يات مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەنلەردىن ناھايىتى يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈشىمىزچە يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى ئالغان سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يات مىللەتلەر بىلەن تويلاشقان. تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە مائارىپ سەۋىيىسى يۇقىرىلىغانچە سېرىق ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن شۇنچە ئۇزاقلىشىش، ياتلىشىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان. ھەتتا ئۇلارنىڭ قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر شەكىللىردىمۇ روشەن پەرق ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ خىل ھادىسە ئېلىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىمۇ كۆرىلىدۇ.
    تىل بىلەن كۈلتۈر ئۆزئارا تەسىرلىشىشىدۇ. مۇئەييەن بىر تىل تەۋە بولغان كۈلتۈر مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ بېيىيدۇ(بەدىھا ئ اقارسۇ، تىل― كۈلتۈر ئالاقىسى، ئىنقىلاپ نەشرىياتى 1998-يىلى، ئۈچۈنچى نەشرى،50-بەت.). كۈلتۈرى قانچىكى سەرخىل ۋە باي بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ تىلىمۇ ئۇ قەدەر باي، پاساھەتلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بىر قەبىلە ياكى مىللەت تىلى بىلەن تەرەققىي قىلغان مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ھەجىم ۋە باشقا جەھەتلەردىن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. تىلنى چۈشىنىش ئۈچۈن چوقۇم كۈلتۈرنى چۈشىنىش كېرەك، كۈلتۈرنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇقەررەركى تىلنى چۈشىنىش لازىم. يات تىللارنى ئۆگەنگىنىمىزدە، بۇ تىللاردىكى بەزى ئاتالغۇلار تۇراقلىق ئىبارىلەر كۆرسەتكەن، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلاردىنمۇ خەۋەردار بولىمىز. مانا مۇشۇ مەزمۇنلار ئەسلىدە ئۇ مىللەتنىڭ كۈلتۈرىدۇر. مەسىلەن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگىنىمىزدە، خەنزۇ كۈلتۈرىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار بولىمىز. دەسلىۋىدە بىزگە ناھايىتى تەتۈر كېلىدىغان ھادىسىلەرگە دۇچ كەلسەكمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «بۇ ھادىسە خەنزۇلاردا نورمال قوبۇل قىلىنىدىغان كۈلتۈر ئامىلى» ئىكەن دەپ توغرا چۈشىنىپ قوبۇل قىلىمىز. مەسىلەن، خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن خەۋەرسىز بىرى، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغىنىدا، خەنزۇلاردىكى سالام سائەت ئادەتلىرىدىن «تاماق يېدىڭمۇ؟/吃饭了吗?» شەكلىدىكى ئادىتىگە قوبۇل قىلالماسلىق پوزىتسىيىسى تۇتىشى مۈمكىن. چۈنكى بۇنداق سۇئاللار ھەرقانداق يەردە سورىلىدۇ، ھەتتا ھاجەتخانىدا… ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىل مۇھىتتا ياشايدىغان بىرى ئۈچۈن نورمال سالام-سائەت شەكلى بولۇپ قالىدۇ.
    پەرقلىق تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا تىللار ئارىسىدا سۆز قوبۇل قىلىش ھادىسىسى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 10-ئەسىردىن ئېتىبارەن ئىسلامىيەتنىڭ تۈرك تىللىقلار ئارىسىدا كەڭرى قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تۈرك تىلى ئەرەپچە ۋە پارسچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال، تۇنجى ئىسلامىي ئەسەرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ دەۋردە پەقەتلا دىن بىلەن ئالاقىدار سۆز-ئاتالغۇلار ئەمەس يەنە دىن سىرتىدىكى ئەرەبچە، پارىسچە تەڭداشلىرى تىلىمىزغا كىرىشكە باشلىغان. مەسىلەن «قۇتادغۇ بىلىگ»تە؛ مۇسۇلمان، كاپىر، ھارام، ھالال، ناماز، مۆمىن، ھەبىب،ئىمان، دۇئا، مەسچىتقاتارلىق دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن بىرلىكتە دۈشمەن، ھەقىقەت، خەلق، ۋاپا، جاپا، ئەدەپ، دۆلەت، شائىر، سىياسەت، پىراق، ۋىسال قاتارلىق دىن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغان سۆزلەرمۇ كۆرۈلىدۇ(كامىلە ئىمەر، تۈركىيدە تىل پلانى: تۈرك تىل ئىنقىلابى، كۈلتۈر مىنىستىرلىكى نەشرى، 2001-يىلى، ئەنقەر، 2-نەشرى، 36-بەت.). كېيىنكى يىللاردا پەقەت سۆز قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماستىن بەلكى ئەرەبلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى، يېزىقچىلىق ئەنئەنىلىرىنىڭمۇ سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەسىلەن مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن كاشىغەرى تەرىپىدىن يېزىلغان تۈركچىنىڭ تۇنجى لۇغىتى بولغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ئەرەبچە يېزىلغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ئەسىرى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قا ئەرەبچە ئىسىم قويۇلغانىدى.
    يات كۈلتۈرلەر بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان كۆكتۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر دەۋىرلىرىدە قالدۇرۇلغان مەڭگۈ تاشلاردىكى كىرمە سۆزلەرنىڭ نىسبىتى %1 ئەتراپىدا بولغان بولسا، يات كۈلتۈرلەر بىلەن نىسبەتەن يېقىن ئالاقىدە بولۇنغان بۇدىست دەۋر ئۇيغۇرچىسىدىكى كىرمە سۆزلەرنىڭ نىسبىتى ئادەتتە %2-%5 ئارىسىدا ئىدى (بەزى ئەسەرلەردە %12 گىچە چىقىدۇ.) ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئەسەرلەردىن «قۇتادغۇ بىلىگ»تىكى كىرمە سۆزلەرنىڭ نىسبىتى ئوتتۇرىچە %1.9 بولغان بولسا، بۇ ئەسەردىن تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېيىن يېزىلغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»تا بولسا %20-26 ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ(قاراڭ: دوغان ئاقسان، «كۆك تۈركچىدىن بۈگۈنگىچە تۈركچىدە كىرمە سۆزلەر ھەققىدە بىر سۆزلۈك ئىستاتىستىكى تەتقىقاتى» تۈرى تىلى، xxxvı/313 ، 345―بەت.). چاغاتاي دەۋرىدىكى كىرمە سۆزلەرنىڭ ئەھۋالى ھەممىزگە ئايان.
    تىل بىلەن كۈلتۈر بىر-بىرىگە تەسىر قىلىدۇ. تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى كۈلتۈرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدىكى مىسالدا كۆرۈلگەندەك، تىل ئۆگىنىش قاتارلىق تىل ئۇچرىشىش ئەمەلىيىتىدە ئۆگىنىلگەن تىلدىكى كۈلتۈر ئامىللىرى ئاڭلىق ۋەيا ئاڭسىز شەكىلدە ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىل ئارقىلىق كۈلتۈرنىڭ يېيىلىشى ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى قانچە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىلسە، بۇ مىللەتنىڭ كۈلتۈرى ھەققىدە شۇنچە چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. يېقىن بىر دوستۇم بىلەن بولغان ھال-مۇڭ ئەسناسىدا يۇقىرىدىكى نەزەرىينى قوللايدىغان مۇنداق بىر مىسالغا دۇچ كەلدىم؛ «…دوستۇم، ئامەت ۋە تەلەي نۇقتىسىدا پاراڭ قىلىۋېتىپ، قۇلىقى چوڭ، قولى كىچىك كىشىلەرنىڭ ئومۇمەن بەختلىك بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن خاتىرىجەم بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بايان قىلدى. ۋە بۇ خىل ھادىسىگە ئىشىنىشنىڭ خەنزۇلاردا كەڭرى ئىكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتتى. بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ بۇددىزم بىلەن ئالاقىدار بولۇپ قېلىشى ئېھتىماللىقى ئۈستىدىمۇ توختالدۇق. «غەرپكە ساياھەت»كە ئوخشاش خەنزۇ كلاسسىكلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن، ئۇيغۇرچە تېلېۋىزور قاناللىردا توختىماي تەكرار قويۇلىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرىدا كۆپ كۆرۈنىدىغان چوڭ قۇلاق بۇدساتىۋالار، قاشلىرى ئارىسىدا مېڭى بار «تەلەيلىك»لەر؛ كۈنىمىز ئۇيغۇر رايونىدا چوڭ ئەمەل تۇتقانلارنىڭ يا قولىنىڭ كىچىكلىكى ياكى قۇلىقىنىڭ چوڭلىقى ۋەيا قاشلىرىدا مەڭ بارلىقى، ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرىدىكى بۇ خىل ئالامەتلەر…» دوستۇممۇ بۇ خىل رىئال مىساللاردىن كېيىن بۇ خىل ئىشىنىشلەرگە قىزىقىپ قالغانلىقىنى ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ توغرا دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن چاقچاق قىلىپ: «مانا، زىيالىيىمىز باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-پەلسەپىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە كۈلتۈرىنىمۇ ئۆزلەشتۈرگىلى تۇرۇپتۇغۇ!…»دەپ قويدۇم. بۇ مىسالدىن شۇ چىقىدۇ؛ تىل ئۇچرىشىشى مۇقەررەر ھالدا كۈلتۈرنىڭ ئۇچرىشىشىنى ھەتتا ئۇ تىل مەنسۇبىغا ئائىت كۈلتۈرنىڭ ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن قوبۇلىنى، پەرىقلىق كۈلتۈر ئامىللىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تىل، كۈلتۈردىن ئىبارەت مىللىي مەۋجۇدىيەت تەمىناتىنىڭ، نەسىللەردىن نەسىللەرگە يەتكۈزۈلىشىدە ئەڭ موھىم رولنى ئوينايدۇ. بۇ سەۋەپلىك تىل، مىللىي كۈلتۈرنىڭ ئەڭ موھىم پارچىسى، كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزگۈچىسى ۋە جەمئىيەتتىكى سىمۋوللار سىستىمىسىنىڭ ئەڭ موھىمىدۇر. قىسقىسى تىل، مىللىي كۈلتۈرنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇنەندە ياشاۋاتقان ۋە كۈنىمىزدە ئۆزلىرىنى «ئۇيغۇر» دەپ قاراۋاتقان كىشىلەر توپى، تىلىنى يوقاتقانلىقى تۈپەيلى مىللىي كۈلتۈرىنىمۇ يوقاتقان. مىللىي كۈلتۈرى بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، قىممەت قاراشلىرى، كىيىم―كىچەك، ئىسىم―فامىلە، ئېستېتىك تۇيغۇلىرى، ئۆي―سەرەمجانلىرىنى تۈزەش شەكىللىرى…….ھەقىقىي ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى ياشىتىۋاتقان، داۋام قىلدۇرىۋاتقان تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولۇپ كەتكەن. گۆكئالپ تەبىرى بويىچە ئېيتقىنىمىزدا(زىيا گۆكئالپ، تەربىيەنىڭ سوتسىئال ۋە كۈلتۈرەل ئاساسلىرىI، دۆلەت مائارىپ نەشىرىياتى، 1997―يىلى ئىستانبۇل، 228بەت.) ، «مۇئەييەن بىر كىشىنىڭ قايسى قەۋىم، مىللەت―ئىرققا تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، ئۇنىڭ ئېتنىك مەنبەسىدىن بەكرەك، ئۇنىڭ كىمنىڭ (يەنى قايسى قەۋمنىڭ، مىللەتنىڭ) تەربىيىسىنى ئالغانلىقىغا، كىمنىڭ كۈلتۈرىدە يېتىشكەنلىكىگە قاراش كېرەك. چۈنكى، مۇئەييەن بىر شەخس ياكى گۇرۇپ قايسى جەمئىيەتنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان بولسا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. ئىنسان قايسى جەمئىيەتنىڭ تەربىيسىنى ئېلىپ چوڭ بولغان بولسا، ئۇ جەمئىيەتنىڭ غايىسى ئۈچۈن ھاياتىنى ئوڭايلا پىدا قىلالايدۇ. پەقەت كېلىپ چىققان (ئۆزى ئەسلىدە تەۋە بولغان) جەمئىيەت ئۈچۈن پىدا قىلالمايدۇ. كىشى ئالغان تەربىيىسى جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەتتە ياشىسا ئانچە بەختلىك بولالمايدۇ. ئىچى سىقىلىپ قالىدۇ».
    تارىخمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزدە ئۆزى ئىرقىي ۋە ئېتنىك جەھەتتىن تۈرك―ئۇيغۇر بولسىمۇ ئەرەپ―پارىس ۋە خەنزۇ مائارىپ سىستىمىسىدا يېتىشىپ، بۇ تىللاردا تەپەككۇر قىلغان ۋە شاھانە ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلەر بولغان(بۇ نۇقتىدىن چىقىپ قارايدىغان بولساق، يەنى مەنسۇبىيەت ۋە مىللىي كۈلتۈر نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىشلامىيەتتىن كېيىن خۇسۇسەن ئۇيغۇر تارىخىدا چاغاتاي دەۋرى دەپ ئاتالغان زامان تىلىمى ئىچىدە بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئىرقى ۋەيا قەۋمىگە ئائىت زىيالىيلارنىڭ ئەرەب پارىس تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. مەشھۇر پەيلاسوپ فارابىنى غەرپلىكلەرنىڭ خۇسۇسەن پەلسەپە دۇنياسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياكى تۈرك دەيدىغانلىرى خېلى ئاز. چۈنكى فارابىنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەبچە يېزىلىپ قالدۇرۇلغان. برۇنىمۇ شۇنداق. بۇ سەۋەبلىك پارسلار ئۇنىڭ پارس ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، بىز ئۇيغۇرلىقىدا چىڭ تۇرىمىز. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ پاكىتلىرىمىزدىن بىرى فارابىنىڭ ئوتراردا بىر تۈرك يۇرتىدا تۇغۇلغانلىقىدۇر. كاشكى فارابىمۇ ناۋايىدەك بىرەر «مۇھاكىمەئى فەلسەفە»نى ئۇيغۇر/تۈرك تىلىدا قالدۇرغان بولسا بىزنىڭ غورۇرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى پەپىلىگەن بولۇر ئىدى. ئابلىز مۇھەممەد سايرامى ئەپەندىمنىڭ قېدىرىشى نەتىجىسىدە بايقىلىۋاتقان سۈي، تاڭ، يۈئەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلار قالدۇرغان شانلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەنزۇچە. بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ تاكاموللىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ تاكاموللىشى ئۈچۈن بەكرەك خىزمەت قىلغاندۇر. بۇ سەۋەبلىك مەنسۇبىيەتتە مىللىي كۈلتۈر شۇنداقلا ئانا تىل ۋاز كېچىلمەس ۋە يىقىلماس رولنى ئوينايدۇ). ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، بىز ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنسۇبىيىتى يەنى ئۇيغۇرلۇق ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ باھا بېرىدىغان بولساق، باشقىچە مەنزىرە بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىمىز. قاراخانىلار، سەلجۇقىلار ۋە يۈەن سۈلالىرى دەۋرىدىكى بۇ مەشھۇر ئالىملار ياراتقان ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر―تۈرك كۈلتۈرىگە ئەمەس بەلكى ئەرەپ―پارىس ۋە خەنزۇ كۈلتۈرى شۇنداقلا ئۇ مىللەت كۈلتۈرىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تاكاموللىشىشىغا بەكرەك تۆھپە قوشقان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆتكەن ئەسىردە سانى كۆپىيىشكە باشلىغان خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ(خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار؛ ئۇشبۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا ۋە مەتبۇئاتىمىزدا تېخىچە كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقتىن كۆپنچىمىزگە يات تۇيۇلىشى مۈمكىن. بۇ سەۋەبلىك بەزىلەر تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىدا ئىندىكىپ كېتىشى ياكى دەماللىققا خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاتالغۇ جەمىيىتىىزدىكى رىئال سوتسىئولوگىيىلىك ھادىسىنىڭ ئىسىملەندۈرۈلىشىدۇر. ئۇشبۇ ئاتالغۇ ئىپادىلەيدىغان گۇرۇپ، ئېتنىك جەھەتتىن ئۇيغۇر، ئەمما ئالغان تەربىيىسى، قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىن خەنزۇچە بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. تېخىمۇ ئاممىباپ قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىدىن تۆرەلگەن ئەمما يەسلىي، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئونىۋېرسىتېت تەربىيىسىنى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە خەنزۇچە ئالغان؛ كۈندىلىك ئالاقىدە، خۇسۇسەن ئىنچىكە تۇيغۇلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغان، راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان؛ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە ئائىت ھادىسىلەرگە نورمال بىر ئۇيغۇردەك مۇئامىلە قىلالمايدىغان، تەپەككۇر شەكلى، قىممەت قاراشلىرى خەنزۇچە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بىز دەۋاتقان خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار پەقەتلا (تېخىچە تىلىمىزدا مۇۋاپىق بىر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بىلەن ئىپادە قىلىنالمايۋاتقان) مىنكاۋىەن―民考汉لەرنى كۆزدە تۇتمايدۇ. بەلكىم ئۇلانىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئوقۇپ چىققانلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. چۈنكى مىنكاۋىەن―民考汉لەر ئىچىدە تولۇقسىزغىچە ياكى تولۇققىچە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندىن كېيىن خەنزۇچىغا ئالماشقانلارمۇ بار. بۇلارنى خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇر دېگىلى بولمايدۇ. خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن جەمئىيىمىزدە پەرقلىق بىر گۇرۇپنى تەشكىل قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ياشاش شەكىللىرى، قىممەت قاراشلىرى، تەپەككۇر شەكىللىرى باشقا ئۇيغۇرلاردىن كەسكىن بىر شەكىلدە ئايرىلىدۇ. خەنزۇلار بىلەن تامامەن ئوخشاشلىقىنى ئېيتىشمۇ تەس. شىنجاڭدا بىر زامانلار مودا بولغان مىنكاۋىەن―民考汉لەر شىنجاڭدىكى 14-مىللەت، جۇڭگودىكى 57-مىللەت دېگەن چاقچاق ئارىلاش ئاتاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوتسىئولوگىيىلىك ئالاھىدىكلىرى سەۋەبچى بولغان. بۇ خىل ئاتاشلارنىڭ ھەم ئۇلار تەرىپىدىن ھەم ئەتراپتىكىلەر تەرىپىدىن دېيىلىدىغانلىقىغا خېلى كۆپ يەردە شاھىت بولغانىدۇق. خەنزۇ تىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراش ۋە تەپەككۇر شەكىللىرىنى چۈشەندۈرىدىغان مۇنداق بىر مىسالنى خىزمەتداشلىرىمدىن ئاڭلىغانىدىم؛ ئائىلە رەئىسى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ھەممە جەھەتتىن ئۇيغۇر بولغان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى خەنزۇ مەكتەپتە تاماملاپ شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تولۇق كۇرس ئوقۇغان قىزىنىڭ توي ئىشىغا ئارىلاشقان ئاتا-ئانا، قىزىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر بىلەن ۋە تېگى بار، تۈزۈك كىشىلەرنىڭ بالىسى بىلەن توي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاتا-ئانا مۇۋاپىق كۆرگەن لايىقى قىز بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدۇ. ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىزىنىڭ پىكرى چوڭلار ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ. قىزى؛ «ئانا، ئۇ بالا مىنكاۋمىن«民考民» ئىكەن، مىنكاۋمىنلار بەكلا شىئوڭ«凶»، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالا قوي گۆشى پۇرايدىكەن، قارىسام قارىسام ئۇيغۇر كۆرۈنىدۇ. مەن ئۇلارغا كەنبۇگۇەن (看不惯)…» دەيدۇ. قىزىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاتا-ئانىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كۆنەلمىدىم دەپ شاڭخەيگە كېتىپ قالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قىز، شاڭخەيدە خىزمەت قىلىدىغان بىر خەنزۇ يىگىتى بىلەن توي قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى چىقىشلىرىمۇ كار قىلمايدۇ.) ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ۋە كۈلتۈرەل ھاياتىدا پەرقلىق بىر گۇرۇپنى شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقى ھەممىزگە ئايان. ئانا تىل ۋە مىللىي كۈلتۈر نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئۇيغۇر تىللىق ئۇيغۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرەلەيمىز.
    پايدىلانغان مەنبەلەر؛
    1. ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003―يىلى 4―سان.
    2. ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق، «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004―يىلى، 2― سان.
    3. Bediha AKARSU, Dil―Kültür Bağlantısı, İnkilap Kitabevi, Üçüncü Basım, 1998 yıl, İstanbul
    4. 戴昭铭,文化语言学导论,语言出版社,2005年,第三版。
    5. 戴庆厦,社会语言学概论,商务印书馆,2004年,北京。
    6. Doğan Aksan, Köktürkçeden bugüne Türkçede ödünçlemeler üzerine bir istatistiği araştırması, Türk Dili, XXXVI/313. 1997. yıl.
    7. Gordon Marshal, Sosyoloji Sözlüğü, Çev.: Osman Akınhay, Derya Kömürcü, Bilim ve Sanat, 1999, Ankara.
    8. Kamile İmer, Türkiye’de Dil Planlaması ve Türk Dil Devrimi, T.C. Kültür Bakanlığı Yayını 2001, İkinci Baskı.
    9. Sulhi Dönmezer, Toplumbılım, Beta Basım Yayım Dağıtım A.Ş., İstanbul 1994
    10. Ziya Gökalp, Türk Uygarlığı Tarihi, neşre haz.: Yusuf Çotuksöken, İnkilap Yayınevi, 1991, İstanbul.
    11. Ziya GÖKALP, Terbiyenin Sosyal ve Kültürel Temelleri I, Milli Eğitim Basımevi, İstanbul 1997 yıl,
    12. 张松瑾、丁石庆主编,文化社会学教程,教育科学出版社,2004年,北京

    ئۇشبۇ ماقالە، 2005-يىلى10-ئينىڭ 2-كۈنىدنن 6-كۈنىگىچە داۋام قىلغان مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان. «شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2006-يىللىق 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

    ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى دوتسېنتى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.