مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك( زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 12:40:16

مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك زۇلپىقار بارات ئۆزباش 1. دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورونى ـ سورونمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق! سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆر...

    مۈجمەل ئادەم ۋە زىدىيەتلىك كىملىك
      زۇلپىقار بارات ئۆزباش
     

     1. دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورونى

       ـ سورونمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. قېنى ئەمسە بىر دۇئا قىلىۋېتىپ قوپامدۇق!
       سورۇن ئىگىسىنىڭ ۋە تۆرىدە ئولتۇرغان باشقارما دەرىجىلىك كادىر جالالنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ساقىي ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم،چۈنكى ئەتراپىمدا ئۈچ سائەتتىن بىرى ئىچىشىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەرق مەست بولغانىدى. بۈگۈنكى سوروندىكى مەقسىتىم مېھمان بولۇشتىن كۆرە، شەھەر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بىر كارتنىسىنى نەق مەيداندا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىگىلەش ئىدى. ئەمما ئىچمەي ئولتۇرۇپ ھاراق سورونىنى كۆزىتىش تولىمۇ تەسكە چۈشتى.
       ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شىنخۇا يولىغا جايلاشقان كاتتا رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن چىقتىم، سورۇن ئىگىسىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ مېڭىپ كەتتىم. كۈتكىنىمدەك، بۈگۈنكى سوروندا ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىشىمغا ئەرزىيدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال كۆزگە چېلىقتى: بىرىنچىسى، مېھمانلارنىڭ غەرق مەست بولۇپ تۇرۇپ تاماققا «ئامىن»دەپ دۇئا قىلىشى؛ ئىككىنچىسى، سوروندىكى ئىچمەيدىغان بىر ـ ئىككى مېھماندىن باشقىلارنىڭ نۆۋەت بىلەن بېرىپ باشلىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ھاراق تۇتۇشى، ئەمما باشلىقنىڭ ئۇلارغا ھاراق تۇتماسلىقى؛ ئۈچۈنچىسى، باشلىق جالال شوپۇرىغا بۇيرۇپ X.Oماركىلىق چەت ئەل ھارىقىنى سورۇنغا ئەكىرگۈزگەندە، نەچچەيلەننىڭ ھاراقنى ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتىشى ۋە ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئاغزىنى تامشىتىپ، سۈزۈپ تۇرۇپ ئىچىشى؛ تۆتىنچىسى، مېنىڭ سورۇندا باشتىن ـ ئاخىر ئىچمەي، چەكمەي، ھېچكىمگە ھاراق سۇنماي ئولتۇرۇشمدىن ئىچى پۇشقان باشلىقنىڭ: «يا ئىچمىسىڭىز، يا چەكمىسىڭىز، سىزنى قانداق ئەر كىشى دەيمىز!» دەپ چاقچاققا يۆلەپ چېقىۋېلىشى.
        ئادەم ئۆزىنى جەمىيەتنى بەك چۈشىنىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما، بۇ بىر خىل خاتا تۇيغۇ. بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇرمەن «شەھەر ۋە يېزا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرى ھەممىگە نورمال، تەبىئىي بىلىنىپ كەتكەن ئۇششاق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا قىزىقىدۇ ۋە كۆپرەك «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ ئەمەس، «نېمىشقا بۇنداق بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. داڭقان پۇتى سوئالدىن كىشىلەرگە ئاددىي تۇيۇلغان رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. جەمىيەتشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى سۆكۈش ئەمەس، بىراۋغا گۇناھ ئارتىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەت كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇرەككەپ تۇرمۇش قاتلاملىرىنىڭ ئۆركەشلىرىدە نېمە بارلىقىنى ئېچىپ بېرىش. بىز يۇقۇرىقى نۇقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي، ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە داڭقان پۇتى سوئالنى  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ باقايلى: بىرىنچى، مېھمانلار نېمە ئۈچۈن مەست بولۇپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇمايدۇ؟ ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئەسلىدىن مۇرەسسەگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە ـ ھاراق بىلەن دۇئا قانداقسىگە بىر سورۇندا كۆزگە چېلىقتى؟ ئۈچۈنچى، نېمە ئۈچۈن باشلىق باقا مېھمانلارغا ھاراق تۇتمايدۇ؟ تۆتىنچى، ئەگەر ئاشۇ سورۇنغا چەتئەلنىڭ X.O ھارىقى ئەمەس، باشقا ئادەتتىكى ھاراق قويۇلغان بولسا، مېھمانلار ئۇ ھاراقلارنىمۇ ئەنە شۇنداق ھەۋەس بىلەن سىلاپ كېتەرمىدى ياكى تىلىنى تامىشتىپ تۇرۇپ ئىچەرمىدى؟ يۇقىرىقى سوئالللار قارىماققا داڭقان پۇتىدەك، كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ماقالىنىڭ بېشىدىلا پىكىر قىلىشقا ئۈندەش مەقسىتىدە تېمىنى ئېنىق، ئوچۇق، لوگىكىلىق مۇھاكىمىلەر بىلەن يورۇتۇش بېرىش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق داڭقان پۇتى، تومتاق سوئال قويۇشقا مەجبۇرمىز.
       ئىجتىمائىي تۇرمۇش سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن تولغان . بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ئىجتىمائىي ئالاقىدە سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئورنىمىزدىن، يۈرۈش تۈرۈشىمىزدىن ۋە يەنە كىملىكىمىزدىن بېشارەت بېرىمىز، شۇنداق باشقىلارنىڭ كىملىكىنىمۇ سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق چۈشىنىمىز. مىسالەن، سىمۋوللۇق بەلگە بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن كۆزەتسەك، ئۇيغۇرلار ئەتراپىدا ـ ئۆزى بىلەن بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۆزىگە خاس ئادەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ۋەتەنداش مىللەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن پوجاڭزا ئېتىشنى خەنزۇلارنىڭ، «قىز قۇۋار» ئويۇنىنى قازاقلارنىڭ، ئادىنوشكىنى تاتارلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشىنىدۇ. باشقا ۋەتەنداش مىللەتلەرمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى بەلگىلىك سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق تونۇيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بىلدىىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى دائىرىسى ئىچىدىكى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان. ھەر يىلى قۇربان ھېيت، روزا ھېيىت كېلىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھېيتلىق دەم ئېلىش توغرىسىدا رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئورگان گېزىتلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېر تورلىرىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ «مۇسۇلمان ئاممىسى» دېگەن گەپنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەتمۇ، خەنزۇلارمۇ ۋە ئۇيغۇرنى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
       ئەمدى بىز ئازراق ئىچكىرىلەپ يۇقىرىقى سورۇندىكى بىر قانچە سىمۋوللۇق بەلگىنى ساناپ باقايلى. بىرىنچىسى ھاراق؛ ئىككىنچىسى دۇئا؛ ئۈچۈنچىسى X.O ھارىقى؛ تۆتىنچىسى باشلىققا ھاراق تۇتۇش؛ بەشىنچىسى «ئەرلىك » ئۆلچىمى. ئەمدى بىز بۇ كىملىك بەلگىلىرىنى ئوخشاش بىر نۇقتىدا قويۇپ كۆزەتسەك ۋە «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ،«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى» ، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەپ ۋە ئەخلاق» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئېچمەك مەدەنىيىتى تارىخى » قاتارلىق ئالكلور، مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا ھاراق سورۇنىدا دۇئا قىلىشقا ئائىت  ھېچقانداق ئۇچۇرنى تاپالمايمىز. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدە مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ھاراق بىلەن دۇئادىن ئىبارەت ئىككى سىمۋوللۇق بەلگە بۇ يەردە شەھەر ئۇيغۇرلىرىدىكى زىددىيەتلىك كىملىكنى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقىرقى كۆرۈنۈشكە ئادەتلەنگەن نەزەر بىلەن ئەمەس، بىر چەت ئەللىكنىڭ ياكى جەمىيەتشۇناسنىڭ كۆزى بويىچە قارىساق، چۈشىنەلمەيمىز ۋە مۈجمەللىك ھېس قىلىمىز. توغرىسى، ئالدىمىزدا بىر توپ مۈجمەل، زىدىيەتلىك ئادەم پەيدا بولىدۇ. ئەمدى بىز سوئال قويىمىز: مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بىز بۇ باش سوئال ئاساسىدا «شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائىي ئالاقىدە نېمە ئۈچۈن زىددىيەتلىك كىملىكى ۋە مۈجمەل خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ؟ زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رېئاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نېمە؟ بۇ ھادىسىنىڭ ئىجتىمائى يىلتىزى نېمە؟» دېگەندەك يانداش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات سوئاللىنى تاپقانىكەنمىز، شۇ سوئالنى يورۇتۇپ بېرىشكە ماس كېلىدىغان تەتقىقات مېتودلىرىنى تاللاش كېرەك زىددىيەتلىك كىملىك ۋە مۈجمەل ئادەم دېگەن باش تېما سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە نامايان بولىدىغان زىددىيەتلىك بەلگىلەر ۋە مەنىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەقەززا قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە «سانلىق مىقدار مېتودى» دىن كۆرە، «سۈپەت تەتقىقاتى» نىڭ تارماق مېتودلىرىدىن بولغان «يانداش كۆزىتىش» ، «زىيارەت قىلىش» ، «پاراڭ تەھلىلى» ۋە شەخسىنىڭ بىۋاسىتە باشىتىن كەچۈرگەنلىرىنى تەھلىل ئوبېكتى قىلدىغان «ھايات كەچمىشى» قاتارلىق بىرنەچچە ئۇسۇلىدىن ئارىلاش پايدىلىنىمىز.

       زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇر رىئاللىقدا ئىپادە بولىدىغان، بىر ـ بىرىگەوخشىمايدىغان پەرقلىق ئىپادىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن،  ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسدىن خەۋەر بېرىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ـ ئۈرۈمچىدىكى بىر ـ ئىككى تۈنەكخانا دا ياندىن كۆزىتىش ئۇسۇلى بويىچە تىغقان ماتېرىياللىرىمىزنى ، 2008 ـ يىلى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزگەن بەزى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىرىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن  ئىسمى ئەرەبچە بوپقالغانلىقى ئۈچۈن ۋىزىسى رەت قىلىنغان ئابدۇللا ئىسملىك ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كەچۈرمىشىنى، ئۆزۈمنىڭ ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتىدا زىددىيەتلىك كىملىكتىن ئالالەت بەرگەن قىسقا سەرەۈزەشتەمنى، ئاللانىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ۋە ھازىرغىچە تۇنجى يىگىتىنى ئۇنتۇيالماي، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر»  دەپ قارايدىغان بىر پاھىشىنىڭ ئاغزاكى بايانىنى ۋە «بىز مۇسۇلمانمۇ ـ ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن تېمىدا ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىنتېرتورلىرىدا بولۇنغان مۇنازىرىنىڭ مۇھكىمە نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىمىز ھەم ئۈرۈمچىدە ئوخشىمىغان ياشتىكى، ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالغان ئىنكاسلىرىمىزنى بۆلىكىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزى ۋە ماھىيىتىنى جەمئىيەت پىسخولوگىيىسى، ماكرو جەمئىيەتشۇناسلىق، مىكرو جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىمىز، مۇھاكىمە قىلىمىز؛ ئاندىن ئۇيغۇر تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى يېشىپ بېرىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى چېقىشتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىز؛ ئاخرىدا تەتقىقاتىمىزدىكى چەكلىمىلىكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇ تېمىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەنگۈچىلەرگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بەزى تەكلىپلىرىمىزنى بېرىپ، خۇلاسىگە ئۆتىمىز.
      
        2. قۇربان ھېيت كۈنىدىكى ئىزتىراپلىرىم
         2008 ـ يىللىق قۇربان ھېيت ئۈرۈمچىدە زېمىستان قىشقا توغرا كەلدى. بۇ مېنىڭ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقتىم ئىدى. ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن بارغىنىمدا، «غالبىيەت» يولىدىكى «بەيتۇلەئمۇر جامەسى» نىڭ ئىچى ۋە سەيناسىدا ئورۇن قالمىغانىدى. جاينامازنى يولغا سېلىپ ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلدى. ئىمامنىڭ  «سەپراس» دېيىشى بىلەن ئەمدىلا دىققەتتە تۇرۇشۇمغا، بىر ئۇيغۇر يىگىتى قىستىلىپ كېلىپ يېنىمدا تۇرۇۋالدى. يىگىتتىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى. ئالدىنقى ئاخشىمى ئېغىر ئىچكىنى ئېنىقتەك ئىدى. مەستلىكى تېخخ يېشىلمىدىمۇ ياكى ناماز تەرتىپىنى بىلمەمدۇ، ئەيتاۋۇز، يىگىت جايىدا جىم تۇرالمايتتى، قول باغلاپ تۇرۇشقا تېگىشلىك دەقىقىلەردە بىردە چېچىنى سىلايتتى، بىردە ئالدىغا، يېنىغا قاراپ باشقىلارنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۈزىتەتتى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان ھاراق پۇرىقى خېلى كۈچلۈك ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭغا تېلېفۇن كەلدى، ئۇ، يانفونىنى بېسىۋەتتى،
       قۇربان ھېيت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى كۆزىتىشنىڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، قۇربان ھېيىتنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ جەمئىيەت كۆزىتىشكە چىقتىم، ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى «خۇاڭىې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى»نى تاللىدىم. بىخەتەرلىكنى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئاغىنەمنى ئېلىۋالدىم. «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى» دا تاماق بۇيرۇتۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىم: بۇ تۈنەكخانىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار كېلەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق مېھمانلار ۋە خەنزۇ مېھمانلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆڭۈل ئېچىش نۇمۇرلىرى رۇسچە، خەنزۇچە، ئېلان قىلىناتتى. ئەمما، قىزىق يېرى، قورۇما تىزىملىكىدە ئۇيغۇرچە خەت يوق ئىدى. مېھمانلار ئۇيغۇر، لېكىن قورۇما تىزىملىكىدە، تۈنەكخانا ۋىسىكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان. رىياسەتچى سورۇن باشلىنىش ئالدىدا مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە گەپ ئارىلىقىدا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى ...ئۇلۇغ ئاللادىن ... تىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن «ئۇلۇغ ئاللا، مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالمىلارنىڭ ئېيتىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلدىم. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەلەرنى كۆزەتتىم، ئاياللار ئولتۇرغان ئۈچ ـ تۆت شىرەدىن باشقا ھەممە  شىرەگە ھاراق ياكى پىۋا قويۇلغان. سورۇن ئەۋجىگە چىقىپ راسا قىزىغاندا ئۇنداق بىر نەچچە نۇقتا كۆزۈمگە چېلىقتى: بىرى، چەمبەر ھاسىل قىلغان بىر توپ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئەسەبىتلىك بىلەن دىسكو ئوينىشى ۋە چاچلىرىنى ئېتىپ تۇرۇپ بېسىلىپ ياتقان جىنسىي تۇيغۇرلىرىنى ھەركەتلىرىدە ئاشكارلىشى؛ ئىككىنچىسى، چىرايىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۈچ ـ تۆت چەت ئەلللىكنىڭ تۇرغان يېرىدىن ئاستا ـ ئاستا سۈرۈلۈپ، قىزلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى. بىر چەت ئەللىك يىگىتنىڭ ئارىدىكى شوخ بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن بېقىشىپ، كىرىشىپ دىسكو ئوينىشى، ھەممە شۇنداق بىپەرۋا شۇنداق خاتىرجەم.
       «كابانا تۈنەكخانىسى»غا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 بىلەن يېتىپ باردۇق. تونۇش ـ بىلىشلىرىمىزدىن ئاڭلىغىنىمىزدەكلا، بۇ تۈنەكخانىغا كېلىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك قىلاتتى. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر، پوكەيدە، پۇل ئالدىغان يەردە نەچچە خەنزۇ بالا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالا ئىچىملىك تىزىملىكىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى. قىزىق يېرى، بۇ يەردىكى تىزىملىككە ئۇيغۇرچە يېزىلغانىدى. مەن نەرسە ـ كېرەك بۇيرۇتۇپ بولۇپ، كۈتكۈچى بالىدىن سورىدىم:
      ـ ئويغۇر خوجايىن ئاچقان يەرمۇ بۇ؟
      ـ ياق، خوجايىنىمىز خەنزۇ، ـ كۈتكۈچى بالا پوكەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەن سەھنىگە قارىدىم. كىچىك قىزلار ئۇسسۇللىرىنى قىلىق چىقىرىپ، نازاكەتلىك ئويناشقا تىرىشاتتى.
       ئەمدى يېنىك، لەرزان مۇزىكا باشلاندى، ياش بالىلار جۈپ ـ جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى. بەزى جۈرئەتلىك قىزلار يىگىتلىرىنىڭ بويۇنلىرىدىن قولىنى ئۆتكۈزۈۋالغان، بەزىلىرى چاپلىشىپ دېگۈدەك ئوينايتتى. ئۇدۇلۇمدا ئىككى جۈپ قىز ـ يېگىت ئولتۇراتتى. بۇ ئىككى قىزنىڭ ھاراقنى دەھشەت كۆتۈرگىنىگە ھەيران قالدىم. يىگىتلىرى ھاراق تەڭلەيتتى، قىزلار ئالاتتى. سائەت 12 بولدى. ئاغىنەم ئىككىمىز قايتىش ئۈچۈن چاپانلىرىمىزنى كېيىپ سىرىتقا ماڭدۇق. چىقىپ كېتىش ئالىدىدا كاللامدىن ئالدى بىلەن: «ئۇنۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىدەك  كۆرۈنىدىغان بۇ بالىلار كەچتە نەگە بارىدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال ئۆتتى. چۈنكى، مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاق بىنالىرى سائەت ئونلار بىلەن تاقىلىپ بولاتتى.
        شەھەرلىشىش، يەرشارىلىشىش قەدىمنىڭ تېزلىشىشى، ئىجتىمائىي كونترول ۋە خىلمۇ خىل ئىدىئولوگىينىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلۈك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۆپ خىل كىملىك ئېھتىياجىغا بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىپ، دۆلەت كىملىكى جەھەتتىن جوڭگولۇق، دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان، مىللىي كىملىك جەھەتتىن ئۇيغۇر بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كىملىكى ئىچىدە، كۆپ قاتلاملىق رېئاللىقتا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كارتىنىسىنى يارىتىشقا تىرىشتى. كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك شەھەر جەمئىيىتىدە ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىايجلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى، تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كەلدى. بۇ جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بەزى زىددىيەتلىك تېڭىرقاشلار كېلىپ چىقتى. بۇ ھال شەھەر جەمئىيىتىدە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىجتىمائىي ئاساس ھازىرلىدى ۋە مەلۇم مەنىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيە تەلىپى، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا مۇرەسسە قىلشىققا مەجبۇر قىلدى. ئىجتىمائىيەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تېزلىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى ، تۇرمۇش، ئەخلاق مىزانلىرىدا ھەرقانداق مىللەت ساقلىنالمايدىغان دىلغۇللۇق كىشىلەرنىڭ كىملىكىدىكى زىددىيەتلىك نۇتىلارنى، مۈجمەل ئادەملەرنى ئاۋاتسا، رېئاللىقتىكى ئىلاجىسىزلىق تۇيغۇسى ھەتتا بەزىلەردە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
       قۇربان ھېيت نامىزىغا مەستلىكى تولۇق يېشىلمەي كەلگەن يىگىتمۇ، تۈنەكخانىلاردا قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئىچىشىۋالغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان سىمۋوللارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادە قىلىپ، زىددىىيەتلىك كىملىكىنى نامايەن قىلىدۇ. دىنىي كىملىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇسۇلمان بولۇش ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر؛ ھاراق ئىچىش بولۇپ دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. لېكىن، ئۇ زىددىيەتلىك كىملىكلەر شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ رېئاللىقىدا بىرلا ۋاقىتتا نامايەن بولىدۇ ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ . بىز ئاۋۋال بۇ بايانىمزغا دەلىل تېپىش ئۈچۈن ھاراق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق بايانلار تېپىلىدىغان مەنبەلەرگە قاراپ باقايلى، «ئى مۇئمىنلەر، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش پاسكىنا قىلىقلاردۇر. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى. سىلەر ئەمدى ھاراقتىن يانمامسىلەر؟ » ،«ئۆزۈڭلەرنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە باشلىماڭلار.» [1] «ھاراق پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاچقۇچى، بالا ـ قازانىڭ سەۋەپچىسىدۇر. ھاراق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسىدۇر.»[2]«ھاراق بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، ئىجتىمائىي مەرەز. ھاراقكەشتىن ئاۋۋال خۇدا بىزار، ئىككىنچىدىن پەيغەمبەر بىزار، ئۈچۈىنچىدىن پەرىشتىلەر بىزار، تۆتىنچىدىن، جخمى ئەل يۇرت بىزار. »[3] ئەنۋەر سەمەد يازغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» ناملىك كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ھاراقنىڭ نېمىشقا پەرھىز قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مەست قىلىش رولىغا ئېگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشىتىن پەرھىز قىلىدۇ...ئۇيغۇرلاردا  ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغاندىن كېيىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش چەكلەنگەن... مەيلى ئىلگىرىدىكى دەۋرلەر بولسۇن ياكى ھازىر بولسۇن، ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىپ قاتتىق چەكلەنگەن ۋە چەكلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»[4]
       دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان ھاراق سورۇنىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان ئىككىنچى بىر مۇھاكىمە  نۇقتىسى بار. ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ باشلىققا ھاراق تۇتۇپ، باشلىقنىڭ سۈكۈتتە ئولتۇرۇشى. بۇ يردە ئىشخانىدا، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بيۇروكراتلىقنىڭ، توغرىراقى سىياسىينىڭ كۆلەڭگىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇ ـ سىياسىيلاشقان ھەرىكەت بولۇپ، سىياسەت مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىيلىشىش ئوربىتىسىدا بۇنىڭغا خاس ھالدا ئۆزلۈك يېتىشىتۈرگەن باشلىق ئون نەچچە ئۇيغۇر ئولتۇرغان سوروندا زىددىيەتلىك  كىملىكنى سىمۋوللۇق ئۇسۇللار بىلەن نامايان قىلىۋاتىدۇ. بۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىجتىمائىيىلىشىدۇر. بۇ ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئىنسانلىق ئۆلچىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بىلەن زىتلىشىۋاتىدۇ. بەزى ئورگانلاردا، يىغىنلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان باشلىققا ھاراق تۇتۇش ھەركىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەركىتى بىرلا ۋاقىتتا سىمۋوللۇق يوسۇنىدا پەيدا بولۇپ، بىر خىل زىددىيەتلىك رېئاللىقتىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ.
       «يېڭى رۇس كۈيلىرى تۈنەكخانىسى دا رىياسەتچى شۇ كۈننىڭ مۇسالمانلارنىڭ دىنىي مۇراسىم كۈنى ئىكەنلىكى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ۋە «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىدۇ. ئەمما ھايال ئۆتمەي كۈلكىلىك تۈستە، «ئاللا ، مۇسۇلمان» دېگەنگە ئوخشاش دىني تۈسكە ئىگە سىمۋوللار بىلەن كومېدىيىلىك سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، ئىچىشۋازلىق باشلىنىدۇ؛ شەھۋانىي تۇيغۇنى ئاشكارىلايدىغان ئەسەبىي دىسكولار ئوينىلىدۇ. «خۇاڭخې» يولىدىكى «كابانا تۈنەكخانىسى» دا ئەھۋال باشقىچە. يىگىتلەر «قىز دوستلىرى» غا ھاراق تۇتىدۇ، قىزلار ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، بىرىنچى  كۆرۈنۈشتىكى چەت ئەل ھارىقىنى ھەۋەس بىلەن ئىچىۋتقانلارمۇ، «كابانا تۈنەكخانىسى» دىكى قىزىل ھاراقنى قايتۇرماي ئىچىۋاتقان قىزلارمۇ كزلىرىنىڭ خىيالىدىكى، تەسۋۋۇردىكى كىملىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئۈرۈمچىدىن  تولىمۇ يىراق. ئەمما، بەزى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى تېلېۋىزوردىن، كىنولاردىن، رومانلاردىن ياۋروپالىقلارنىڭ قىزىل ھاراقنى سۈمۈرۈپ تۇرۇپ نازاكەتلىك بىر يوسۇندا ئىچىكىنىنى كۆرگەن ۋە چىن رېئاللىقتا ئۆزلىرىنى ئەنەشۇنداق «مەدەنىيەت» كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بۇ خىل روھىي ھالەتنى فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى ژان بوردىلىيارد «مېدىيە ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىدە نۇسخىلانغان سۈنئىي رېئاللىق» [5] دەپ ئاتىسا، كىملىكنى سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنى تەكىتلەيدىغان ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن مېككال بىلەن سىممونس مۇنداق دەيدۇ: « ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە بىر چۈش كۆرگۈچى، غايىۋىلىك ئىچىدە ياشايدىغان بىر مەخلۇق، ئۆزىنى خىيالىدىكى غايىۋى ئوبراز ئۈچۈن بېزەپ كۆرسىتىدىغان مەخلۇق. ئۇ، ھاياتتا رول ئېلىپ ياشايدۇ. لېكىن، بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ . ئۇ، خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايان قىلشى ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن غايىسىگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئۇچۇرلارنى قەدىرىدۇ، قىياس قىلدىۇ. ئاندىن ئېرىشكەنلىرىنى مۇقىمسىز بازاردا تەجرىبە قىلىدۇ.» [6]

    3.   مىلاد بايرىمىدىكى ئۇيغۇرلار
      2008 ـ يىللىق مىلاد بايرىمى ئۈرۈمچىدە قاتتىق تۇمانلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى. مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بىر قانچە رېستران، تۈنەكخانىنى كۆزەتتىم. جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن داشىزى ئارىلىقىدىكى خەنزۇ خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلغان قاۋاقخانىلارنىڭ بىرەرسىدىمۇ ئورۇن قالمىغان. بەزى قاۋاقخانىلاردا بېشىغا مىلاد بوۋاينىڭ باش كىيىمىنى كىيىۋالغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى، مىلاد بايرىمىغا خاس ھالدا تولۇق خرىىستىئانچە كېيىنگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانچە بىر كاتتا رېستۇراننىڭ ئالدىدىن ماشىنىلىق ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مىلاد بوۋاينىڭ رەسىمى قىيىلىپ، رېستوراننىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دېرىزىسىگە چاپلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. يېڭى ئېچىلغان يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدىم. رېستوران ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە «قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ خەنزۇچە خەت يېزىلغان ، رېستوران پەلەمپىيىنىڭ ئىككى يېنىغا مىلاد دەرىخى قويۇلغان. يەنە بىر مۇسۇلمانچە كاتتا رېستوراننىڭ پەلەمپىيىدە ئۆزۈمنى ئورۇن تاپالمايۋاتقان خېرىداردەك كۆرسىتىپ، سۇخانىدىن چىقىۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن ئەتەي سورىدىم:
       ـ نىمانداق ئادەم جىق بۈگۈن!
       ـ بۈگۈن دېگەن پىڭ ئەن يى تۇرسا، ـ  قىز  «نېمانداق مەتۇ ئادەم بۇ!» دەپ ئويلىدى بولغاي، باش ـ ئايغىمغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

         4.ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال
      2009 ـ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىنىم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ «يەنئەن» يولىدا كېتىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمىزدىن زاڭزۇ ئىتى يېتىلەپ، بىر قولىدا كىچىك پىستە كۆتۈرۈۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايال چىقىپ كەلدى. ئايال  50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، يۈزۈر كىيىنگەنىدى. يېتىلىۋالغان ئىت بەك يوغان بولغاچقا، دەسلىپىدە كۆزۈمگە بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. يېقى كەلگەندە سەپسېلىپ قارىساق، ئۇ ئايالنىڭ يېتىلىۋالغىنى بەدەنلىرى تانىدا قاتمۇ قات باغلانغان زاڭزۇ ئىتى ئىكەن. ئايال يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قولىدىكى پىستىسىنى سۆيۈشكىمۇ ئۈلگۈردى.
       ـ سۆرەتكە تارتىۋالغۇدەك كۆرۈنۈش ئىكەندۇق، ـ دېدىممەن.
       ـ ئەمىسە مەن بېرىپ دەپ باقاي، ـ دېدى ئىنىم ۋە ئارقىسىدىن يېتىشىپ بېرىپ سىپايە ئاھاڭدا ئۇ ئايالدىن سۆرەت تارتىشقا بولدىغان ـ بولمايدىغانلىقىنى سورىدى.
       ـ دۈي بۇچى، ۋو مېيۇ شىجىيەن(كەچۈرۈڭ ، ۋاقتىم يوق)، ـ دېدى ئۇيغۇر ئايال خەنزۇچە، ۋە شۇنداق دېگىنىچە يىراقلاپ كەتتى.
       يۇقىرقى ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىز مۇنداق بىر داڭقان پۇتى سوئال بوقۇپ باقايلى : بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم خىراستىيان بولالامدۇ؟ ئاندىن بىز يەنە ئىلگىرىلەپ: « ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن بىر چەت ئەللىك مۇسۇلمان بولۇۋېلىشى، قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سوئال  قويساق، يۇقىرىقى ئىككى كۆرۈنۈشنىڭ قانداق رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى سەل ئاشكارا بولىدۇ. ئىت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال مىسالىغا كەلسەك، «ئىتنى ئاساسەن ئوۋچىلىقتا، پادىچىلىقتا ئىشلەتكەن، ئىت بېقىلسا بەرىكەت قاچىدۇ، ئۆيىگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەپ قارايدىغان» [7] ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىككە سەۋەب بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. يەنى، كىشىلەر دۇنيادىكى تۈزۈك ئورنى يوق ئۇششاق ـ ئاجىز مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىنى، مەدەنىيەتتىكى سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. ئەمما، كۈچلۈك، زامانىۋى مىللەتلەرنى دورايدۇ، شۇلاردەك بولۇشقا تىرىشىدۇ. بىر تەرەپتىن، بۇ ـ شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى تايانچسىزلىق، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىنى غايىۋى ئوبرازغا ئىنتىلىتىش ئارقىلىق بېسىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يەنە بىر تەرەپتىن، «لايىقىدا زامانىۋىلىشايلى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس مارك لىچىنىڭ گېپى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، « تەرەققىي تاپمىغان جايلاردىكى كىشىلەر زامانىۋىلىقنى غەربچە بولۇش دەپ چۈشىنىدۇ ۋە غايىسىدىكى ئوبزار بىلەن مۇمكىنسىز رېئاللىقى ئوتتۇرىسىدا تىپىرلايدۇ.» پ[8] بىر ئىجتىمائىي توپ ئەنە شۇ غايىسىدىكى ئوبزار ئۈچۈن كۈچىگەندە، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت كىملىكى بىلەن قوبۇل قىلىش ئالدىدا تۇرغان مەدەنىيەت كىملىكى ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلىدۇ. مىسالەن، ماڭا رېستوران پەلەمپىيىدە ئۇچراپ «بۈگۈن پىڭ ئەن يى تۇرسا » دېگەن ئۇيغۇر قىزى ئائىلىدە، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قېشىدا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشى؛ خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇسۇلمان بولمىغان بىرەر خىزمەتدىشىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى تۈگەپ كەتسە جەسسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا چىقىشى؛ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە ھەتتا شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە چېركاۋغا بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇت يېتىلىۋالغان ئۇيغۇر ئايال بولسا بەلكىم پىستىسىنى سۆيگەن لەۋلىرى بىلەن ئۆيىدە قىزى، ئوغلىنى سۆيۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ تامامەن تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئەھۋال. زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ، رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ماكرولۇق كونتروللۇق، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بۇ جەريانىنى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان  ھالدا چىن، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇپ قىيىنلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رېئاللىقتا زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بىر توپ مۈجمەل ئادەم پەيدا بولىدۇ. بۇ، زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى كۈرىشى داۋامىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا كىشىلىرى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسدۇر. 1998 ـ يىلى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس سمېلسېر بۇ ھالقا مۇنداق ئىزاھ بېرىدۇ:«زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ ماھىيىتى ـ ئوخشاش بىر ئوبېكىتقا، ئادەمگە، سىمۋولغا قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش بىر جەمئىيەتتىكى شەخسنىڭ ھەركىتىنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زىددىيەتلىك كىملىك تېز ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ھامان كۆرۈلىدىغان، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان، ئاسان ھەل بولمايدىغان ھادىسىدۇر... چىن كىملىككە ئىنتىلگەن ئادەم سىياسىي جەھەتتىن، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن جىق بەدەل تۆلەيدۇ.»[9] تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنى مەلۇم بىر خىل قىممەت قاراشلىرى زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مۇرەسسەگە كېلىپ، ئۇنى ئوبېكتىپ دۇنياغا لايىقلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، باشقىلارنىڭ ئۆزلۈك يىغىندىسىدىن «يۇغۇرۇلغان ئادەم»[10] پەيدا بولۇپ،كىشى كۆپ خىل كىملىك ۋەزىپىسىگە بىرلا ۋاقىتتا دۇچار بولىدۇ. مىسالەن، دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان سورۇندىكى باشلىق بىرلا ۋاقىتتا ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر ھەم دۆلەت مەمۇرى بولۇپ رول ئېلىۋاتىدۇ ۋە سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ.

        5. ئەرەبچە ئىسىم، رەت قىلىنغان ۋىزا
      ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا، ئىسمى ئەرەبچە بولغان بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئۇ GRE,TOEFLقاتارلىق ئامېرىكا ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋىزىسى رەت قىلىندى. بۇ، 2003 ـ يىلى سېنتەبىر ئايلىرى بولۇپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئىبىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزا ئېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭىتىۋەتكەن چاغلار ئىدى. رادىكال ئەرەب مۇسۇلمانلار ھەركىتى تۈپەيلى تېرورىزم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان، ئىسمى ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ۋىنزا ئالالمىدى.
       ـ بۇ شىتىن سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتا نېمە؟ ـ دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن.
       ـ بىر ئىشقا كۈلكۈم كېلىدۇ، ـ دېدى ئابدۇللا، ـ ئىسمىم ئەرەبچە، دىنىي ئېتىقادىم مۇسۇلمان بولغان بىلەن، مۇسۇلماندارچىلىقنى ئادا قىلىپ كېتىشىم تايىنلىق. ھەيرانمەن، ئۇ ئىشتا ماڭا ئۇۋال بولدى ، شۇنچە يىراقتىكى ئىشلارمۇ تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. رايىم بىر قايتىتىكەن، چەت ئەلگە چىقىش ئويىمدىن ۋاز كېچىپ تىجارەت قىلىۋاتىمەن.
       
        6. مېنىڭ كەچۈرمىشىم
       2008 ـ يىل 19 ـ ئاۋغۇست، ئامېرىكا ھاۋاي ھونولۇلۇ ئايروپورتى، ئايروپرتتا چېگرىدىن، تاموژنىسىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋېتىپ، كۈتمىگەن بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم.
       ـ قولىڭىزدا جوڭگۇنىڭ پاسپورتى بار ئىكەن، لېكىن سىز جوڭگولۇققا ئوخشىمايدىكەنسىز، ـ دېدى چېگرىسىدىن كىرش ئېغىزىدىكى مەسئۇل خادىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىم، ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتورنوم رايونىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم. ئۇ ئايال تولىمۇ سىلىق، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا بىرمۇنچە سوئال سورىدى. پاسپورتۇمنى، ۋىنزامنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈردى. رەسمىيىتىم تولۇق بولغاچقا، ئەنسىرىمەي تۇردۇم، لېكىن ئىچىمدە «مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەشكرۈۋاتامدىكىن» دەپ ئويلىدىم.
       ـ ئىسمىڭىز جوڭگۇلۇقنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن، ـ دېدى ئۇ ئايال يەنە. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى يەنە قىسقىچە چۈشەندۈردۈم. كەينىمدە رەسمىيەت بېجىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ساياھەتچىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئېلىپ كەتكىنىمدىن تاقەتسىزلەنگەندەك قىلاتتى. چۈنكى قالغان تەكشۈرۈش كۆزنەكلىرىدە كىرىۋاتقانلار بىر ـ ئىككى مىنۇتتا ئىشىنى تۈگىتىپ، يولىغا راۋان بولۇۋاتاتتى. «كەچۈرۈڭلار!» دېدىم كەينىمدىكىلەرگە. خىزمەتچى ئايال ئاخىرى: «ۋاقتىڭىزنى ئېپقويدۇق، كەچۈرۈڭ، ماڭسىڭىز بولىدۇ»دېدى. «ئۇھ» دپ يۈك ـ تاقلىرىمنى ئالىدىغان يەرگە قاراپ ماڭدىم. ئەمما، نەرسە ـ كېرەكلىرىمنى ئېلىپ بولۇپ چىقىۋاتسام، يىراقتىن كىرىۋاتقانلارنى كۆزىتىپ تۇرغان، قارامتۇل فورما كىيىۋالغان بىر سېمىز ئەر قولۇمدىكى جوڭگو پاسپورتىنى كۆرۈپ تاموژنا خادىملىرىغا قاراپ توۋلىدى:
       ـ جۇڭگونىڭ پارسپورتى، تەكشۈرۈڭلار!
      بۇ قېتىم ئەمدى جۇڭگولۇق بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكرەك تەكشۈرۈلدۈم. ھاۋايغا كېلىدىغانلار ئىچىدە ياپونىيىلىك، كورىيىلىك ساياھەتچىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەرىنىڭ يۈك ـ تۈقلىرىنىڭ تەكشۈرۈلگىنىنى كۆرمىدىم. تاموژنا خادىمى سومكامنى، چامادىنىمنى تەكشۈردى. سومكامدا ئۇيغۇرچە گېزىت بىلەن ئورالغان نەرسىگە كۆزى چۈشكەندەك تاموژنا خادىمى ھەيران قالدى:
       ـ بۇ ئەرەبچە خەتمۇ؟ سىز جۇڭگولۇق ئەرەبمۇ؟
       ـ ياق ، ئۇ ئەرەبچە خەت ئەمەس، ئۇيغۇر يېزىقى. ئۇيغۇرلار جۇڭگونىڭ غەربىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار.
       ـ جۇڭگودا مۇسۇلمان بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم، ـ تاموژنا خادىمى ناھايىتى ئاۋايلاپ تۇرۇپ سىنبار ئورالغان گېزىتنى ئېچىپ تەكشۈردى. ھەممىنى بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ماڭسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈك ـ تاقلىرىمنى قايتىدىن قول ھارۋىسىغا سالدىم ـ دە، چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدىم. ئۆزۈم ئايروپورتتىن چىقماي، شەھەرگە تېخى كىرمەي قاراپ ماڭدىم ئۆزۈم ئايروپورتتىن چىماي، شەھەرگە تېخى كىرمەي تۇرۇپ چارچاپ كەتتىم.
       5 ـ كۆرۈنۈشتە مىسالغا ئېلىنغان ئابدۇللانىڭ  تېرورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ئىسمى ئەرەبچە بولغىنى، دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئۇ ـ دىنىي كىملىكى تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ كاساپىتىدىن بۇلغانغان، ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان تالاي كىشىنىڭ بىر مىسالى. قىزىق يېرى شۇكى، شۇنچە يىراق ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ۋە خەلقئارالىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئۇ ئىشلار توغرىسىدا تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان ئابدۇللانىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ھال ئىنساننىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامەلۇم سىياسىي كۈچلەرنىڭ  يوشۇرۇن تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە بۇ تەسىرلەرنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىدا كېيىنچە  ئۆزىنى ئاشكارىلاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭ ئەھۋالىم ئابدۇللانىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ. ئەينى ئابدۇللا دىنىي كىملىكى ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا يلىنىش سەۋەبلىك ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولسا، مەن جۇڭگولۇق بولغىنىم ئۈچۈن ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدىم. تاموژنىدا مېنىىڭدە ياغلىق قاپاق ئوېبكتىغا ئايلانغان ھەر ئىككىلا كىملىكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بولۇشى، يەنى، ھەم مۇسۇلمان ھەم جۇڭگولۇق بولۇشۇم سومكا ـ چامادانلىرىمنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن ئۇزۇنراق تەكشۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئابدۇللانىڭ ۋە مەندەك بىر ئادەمنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىنى ھېس قىلىش، گاڭگىرىشى تۇرغان گەپ.
        يۇقىرىقى ئەھۋالنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ۋە ئۇنى مىللىي كىملىك تەتقىقاتچىلىرىدىن ئامېرىكىلىق ستېفېن كورنېل ۋە دوگلاس خارتماننىڭ نەزەرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرسەك، «بىر ئادەمنىڭ مىللىي كىملىكى ئۇنى ھاياتىدىكى پۇرسەتلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدىن، كۈندىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسىدن دېرەك بېرىدۇ ۋە ئۆزلۈك چۈشەنچىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ،»[11] يۇقىرىقى مىساللاردا ئابدۇللانىڭ ۋە مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىمدە دەل مۇشۇ خىل پاكىت ئەكس ئەتكەن ھەم ياغلىق قاپاق ئوېبكتى بوپقېلىش بىزدە «مەن زادى كىم؟» دېگەن سوئالنى توغدۇرغان. مەن ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدە زىددىيەتلىك بىر ئەھۋالنى سېزىپ مۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن: بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي تاپقانلار ـ كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ئانچە ئويلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمما، تەرەققىي تاپمىغان ئاجىز ئىجتىمائىي توپ ئۇنى ئۇنتۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئايروپورتلاردا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا، مېھمانخانىلاردا قانداق مىللىي كىملىككە ئىگە ئىكەنلىكى ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان ئىجتىمائىي توپنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرۇلىدۇ. مانا مەن ئۆزۈمنىڭ ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا يالانغان دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى پات ـ پات، دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا، گاھىدا تېرىكىپ، گاھىدا ئاچچىق يۇتۇپ دېگۈدەك ھېس قىلىپ تۇرىمەن. كىملىكىمنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ.
       بۇ ھالنى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە غەرب رېئاللىقى نۇقتىسىدىن  كۆزەتكەن ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ئېرۋىڭ گوفمان «ئەيىبناق: بۇلغانغان كىملىك ھەققىدە خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «كىملىكى بۇلغانغان كىشىلەر ئۆز ئوبرازى ھەقىدە باشقىلار ئۆزىگە قايتۇرغان ئىنكاس ئاساسىدا تونۇشقا ئىگە بولىدۇ.» [12] مىللەت جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس مارتىن مارگېر بۇنىڭغا ياندىشىپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «ھەرقانداق كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كىرىمى ئىقتىسادىي ، سىياسىي ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر قانداق مىللەت بولسا،  خىزمەت ، بايلىق مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە شۇنىڭغا تۇشلۇق نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ.» [13] مىللىي كىملىكى بۇلغانغان، ئاجىز، تەرەققىي تاپمىغان كىشىلەرنىڭ  ھىسسىياتىنى باشقىلار چۈشىنىشنى خالىمايدۇ. توغرىراقى، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كىشىلەر ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلانغان كىشىلەردىن ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بۇ ھالنى ئامېرىكىلىق مىللەت جەمئىيەتشۇناسى نيۇمەن بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئادەت كۈچى نۇقتىسىدىن مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «بىر خىل ئىجتىمائىي توپتىكى كىشىلەرگە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدا مۇشۇ توپتىكىلەرنىڭ ياتلار ھەققىدە ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ بولغان سەلبىي ھېسسىياتلىرى، ئادالەتسىز مۇئامىلىسى ئەكس ئېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئوخشىمىغان تەۋەلىكتىكى، ئوخشىمىغان كاتېگورىيىدىكى كىشىلەرنى كەمسىتىش خاھىشى باش كۆتۈرىدۇ ۋە چەكلەنگەن توپنىڭ جەمئىيەتتىن ئېرىشىغانلىرىدا ھامان تەڭسىزلىك كۆرۈلىدۇ.» [14]

    7. ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟
       2008 ـ يىلى «شەبنەم» قاتارلىق ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە «بىر ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا تالاش ـ تارتىش ئەۋجىگە چىقتى، بۇ مۇنازىرىلەردە زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى ئىزتمراپلىرى ئاشكارىلانغانىدى. ئارىلىقتا بىر نەچچە  خىل  كۆز قاراش ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر: «دۇنيادىكى ھەممە مۇسۇلمان بىر، بىز ئۇ مىللەت، بۇ مىللەت دەپ ئايرىلىپ ئولتۇرماسلىقىمىز، مىللەت ئۇقۇمىنى تەكىتلىمەسلىكىمىز كېرەك» دەپ قاراشنى ياقلىدى ۋە پەلەستىندە، ئىراقتا، ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ھاقىردى. «بىز ئاۋۋال ئۇيغۇر، ئاندىن مۇسۇلمان» دېگۈچىلەر مىللىي كىملىكنىڭ دىنىي كىملىكتىن ئاۋۋال تۇرمۇشىنى تەكىتلەپ: «توغرا ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى راست، ئەمما ئۇلار جاھاندا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ قالغىنىمىز ئۈچۈن ئەرەب رادىكال كۈچلەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي ھەركەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدۇق ، بىزنىڭ ئۇنچە يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا كڭۈل بۆلۈشمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمەلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر بولسا بۇ مۇنازىرىدىن بىمەنلىك ھېس قىلىپ : «ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ تاقىشىدىغان نەرى بار؟ بۇ تېمىدا مۇنازىرىگە ئەرزىگۈدەك نېمە بار؟ بىز ھەم ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان. بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر ـ بىرى بىلەن سىغىشىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
       ئىنتېر تورلىدا «بىز ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» تېمىسىدا بولۇنغان مۇنازىرە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىدىن دالالەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشمىغان ئىدېئولوگىيە، پەرقلىق قىممەت قارشى ئاساسىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئۇيغۇر رېئاللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى، غەرب ئىدېئوگىيىسى ... قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرى ۋە ئوىشىمىغان قىممەت قاراشلىرى بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەم مەۋجۇد بولغان رېئاللىقتا ياشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۈجمۈل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي. مېنىڭ كۆزىتىشمچە، بۇ خىل مۇرەككەپ ھالەت شەھەر ئۇيغۇرلىرىدا پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى بىر نەچچە ئىجتىمائىي توپنى پەيدا قىلدى. بىرىچنى، پۈتۈنلەي غەرب مەدەنىيىتى ھەم غەربچە تۇرمۇش شەكلىگە مەستانە بولغانلار؛ ئىككىنچى، «مىللەت ، زامانىۋىلىشىش» ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى تۇرۇپ، ھاياتلىقىدا ئوشۇقچە ئىشقا باش قاتۇرمال « ھەممىز بىر ئىنسان » دېگەن ئىدىيىسىدە  مۇسۇلمان بولۇپ، ھازىرقى ھالىتىگە شۈكۈر قىلىپ ياشاشنى خالايدىغانلار؛ ئۈچۈنچى، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيگەن، يۇقىرىقى  ئىككى يولدىن پەرقلىق يول تۇتقانلار؛ تۆتىنچى، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتۇۋاتقانلار.
         ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى مۇنازىرە ئوخشىمىغان ئىدىيە سىستېمىلىرىنىڭ ئۇيغۇر  رېئاللىقىدا توقۇنۇشۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خخل زىددىيەتلىك ھالەت داۋاملىشىۋەرسە تەبىئىي ھالدا زىددىيەتلىك كىملىكنى باشتىن كەچۈرىدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ كىشىلەردە كىملىك ۋەسۋەسىسى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداقتا كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگەن نېمە؟ كىملىك ۋەسۋەسىسى دېگىنىىز، «كىشىلەردىكى نىشان، يۆنىلىش تۇيغۇسىنىڭ يوقاپ، زىددىيەتلىك ئىستەكنىڭ باش كۆتۈرۈپ، يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئۆلۈشى؛ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر.»[15] كوللېكتىپ كىملىك تۇيغۇسى بىرلىككە ئىگە، بىرخىل ئىدېئولوگىيىدە ياشايدىغان مىللەتلەردە ھەرگىزمۇ كىملىك ۋەسۋەسىسى باش كۆتۈرمەيدۇ. مىسالەن، ئىنگلىزلار ھەرگىزمۇ «بىز ئىنگلىزمۇ ، خىرىستىيانمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ يۈرمەيدۇ. سەۋەبى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئۆتەۋاتقان رولنى جەمئىيەتنىڭ قوللاۋاتقانلىقىنى بىلسە، بىر خىل ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتىدۇ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ ۋە مەغلۇبىيەت داۋامىدىكى پاسسىپ ئىنكاسلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ناۋادا ئۆتىگەن رولى جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى بۇركېنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «كىشىلەر ئۆز كىملىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلمىسە، ئېتىراپ قىلدۇرالمىسا، ئاجىزلىق ۋەسۋەسىسىدە قىينىلىدۇ، تېڭىرقايدۇ.» [16] بىر بىرىنى چەتكە قامايدىغان مۇسۇلمان ئۇقۇمى بىلەن ئۇيغۇرلۇق ئۇقۇمىنى تالاش ـ تارتىش قىلىش دەل يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ باش كۆتۈرۈشى، خالاس.

       8. پاھىشە قىزنىڭ مۇسۇلمانلىق، «ئېسىل ئەر»لىك ئۆلچىمى
       ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مېھمانسارايدا كەچلىك مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ قىزدىن ئەھۋال ئىگىلىشىم ناھايىتى تەسكە چۈشتى، بۇ مېنىڭ 2008 ـ يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «سەبىي قىزدىن پاھىشىلىككىچە» ناملىق تەتقىقات ماقالەمگە ئىجتىمائىي پاكىت ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرىم ئىدى. ئىككىنچى قول ماتېرىيالنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى كېچىلىك كۈلۈبلاردا ئىشلەيدىغان بىرەر قىز بىلەن بىۋاستە پاراڭلىشىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال يىغىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. مەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ ئۇ قىزنى كۆرۈشۈشكە ماقۇل قىلدىم ۋە مەلۇم سەۋەبنى كۆزدە تۇتۇپ بىر دوستىنى ئېلىۋېلىشنى ئېيتتىم. بىز ئۈرۈمچى شەھىرى « دېموكراتىيە» يولىغا جايلاشقان «تىنچلىق» كىنوخانىسى ئالدىدا كەچلىك بازاردا كۆرۈشتۇق. قىز بىر دوستىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، گىرىمنى بولۇشىغا قىلغانىدى. يېنىدىكى قىز ئۇنىڭدىن كىچىكتەك قىلاتتى. ئۇلار قۇم قازان شورپىسى ئىچكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. سۆھبەتلىشىش داۋامىدا زىددىيەتلىك كىملىككە ئائىت مۇنداق بىر قانچە نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى: بىرىنچى، قىزنىڭ دەسلەپتە مەندىن قورۇنۇش، ئاتا ـ ئانىسى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى،  موھتاجلىق دەستىدىن بىر يولغا ئىلاجىسىز كىرىپ قالغانلىقىنى خىجىللىق ئىچىدە دېيىشى ۋە كېيىن بىردىنلا تەبىئىي ھالىتىگە قايتىپ ئېچىلىپ ئولتۇرۇشى، يەنە تاماكا چەككۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتىشى؛ ئىككىنچى ، گەپ ئارىلىقىدا بۇ قىزنىڭ «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغزىدىن چۈشۈرمەسلىكى ۋە گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن «خۇدا ھەققى! ئاللا تۇرۇپتۇ، ئاللا ئېگەم» دېگەن گەپنى تەكرارلاشلىرى؛ ئۈچىنچى، دوستىنىڭ ئۇ قىزنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ كەسپداشلىرى ئارىسدا ئىناۋىتى بارلىقىنى ئېيتىپ:«بۇ دوستۇم بەك ئېسىل، بەك گاڭگۇڭ ، كەچتە ئىشلەيدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يۈزى چوڭ» دېيىشى ۋە شۇ گەپلەرنى ئالاھىدە ماختانغاندەك تەلەپپۇزدا ئېيتىشى؛ تۆتىنچى، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنى بەش يىل ئىلگىرى ئالداپ تاشلىۋەتكەن يىگىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يىگىتنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئادەم سودىسىغا ئارىلىشىپ قېلىپ كېسىلىپ كەتكەنىنى دەپ كېلىپ: «ئۇ يىگىتىم بەك ئېسىل، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر، ماڭا ئەمدى ئۇنداق ئەر ئۇچرارمۇ» دېيىشى، سۆھبەت كەچلىك بازاردا ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. مەن رەھمەت ئېيتىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم.
        ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇمۇس مەدەنىيىتى ياراتقان مىللەت. ئۇلار يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پەردىشەپكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە مەيلى قانچىلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇشى، قانداق قىممەت قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئىدىيىسى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئاۋۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر پاھىشەلىكنى، توغرىراقى ئىپپەت سودىسىنىى قوبۇل قىلالمايدۇ؛ پەس كۆرىدۇ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەدەپ ـ ئەخلاقى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى ئاساسىدىكى قىممەت قارىشى بەلگىلىگەن. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئوقۇرمەن مېنىڭ ئۇ ئىككى قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇمنى دەماللىققا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھېسسىي تەسىراتنى، شەخسىي قاراشنى ئەمەس، ئەمەلىي پاكىتنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلارچە كۆز بىلەن قارىساق ۋە ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىماي يۇقىرىقى كۆرۈنۈشتە ئىككى پاھىشە قىزنىڭ قانداق ئىپادىدە بولغانلىقى، نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلساق، كۆڭۈل ئېكرانىمىزدا زىددىيەتلىك كىملىككە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلار ئايان بولىدۇ. مۇسۇلمانلىق كىملىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، قىزلارنىڭ ئىپپەت سودىسىغا تاۋار بولۇشى ئەمەس، ئوچۇق كىيىم كىيىپ يۈرۈشىمۇ ئىسلام ئەھكاملىرىغا خىلاپ. ئەمما، بۇ ھېكايىمىزدىكى باش قەھرىمان ھەر ماڭدامدا «ئاللا» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ دوستىنىڭ «ئېسىللىك ، گاڭگۇڭلۇق» ھەققىدە ئۆزىەە خاس ئۆلچىمى بار. بۇ ھال كىشىدە مۈجمەللىك تۇيغۇسى پەيدا قىلسا، قىزنىڭ «ئېسىل ئەر» لىك ئۆلچىمى ۋە تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئالداپ قويغان، ئادەم سودىسىغا ئارىلاشقان يىگىتىنى ئۇنتۇيالماسلىقى، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئەر» دېيىشى، توغرىراقى، پاھىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېسىللىق ئۆلچىمى بولۇشى، ئۇنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇماي، «ئاللا» دېگەن گەپنى تەكرارلىشى، ئۇيغۇر شەھەر جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يەنە بىر كومېدىيىلىك ئىپادىسىنى كۆز ئالدىمىزدا ئىپادە قىلىدۇ.
       5590 ـ نومۇرلۇق ھەدىستە: «كېيىن ئۈممەتلىرىمدىن زىنانى، ھاراق ت شارابنى ھالال دەيدىغانلار چىقىدۇ»[17] دەپ يېزىلغان. بىرىنچى كۆرۈنۈشتىكى ھاراق ئىچىپ بولۇپ دۇئا قىلغان مېھمانلار، بۇ مىسالدىكى تېنىنى سېتىپ تۇرۇپ «ئاللا» نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان قىز بۇ باياننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋە مۇنداق پاكىتنى سەمىمىزگە سالىدۇ: تېز ئىجتىمائىي ئۆزگىرشلەر داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىدۇ ھەم ئۇنڭدىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە نۇقتىلارنى ئۆز مەنپەئىتىگە يارىشا تاللاپ ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرىدۇ ۋە زىددىيەتلىك ئىستىراتېگىيىچىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھال بىر جەمئىيەتتە ئۆزىدىن ياتلاشقان بىر ئىجتىمائىي توپنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىدە «تاپتىن چىقىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بىر جەمئىيەتتە مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىدا ئورتاق ئەمەل قىلىنىدىغان قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە يارىشا سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر دەل ئىجتىمائىي كونترول كۈچىيىپ، ئىدېئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىش تېزلەشكەندە ئاۋۇيدۇ. ھىركىن مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا بۇنداق كىشىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ. بۇ جەرياندا رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي كونترول ئالدىدىكى ئىلاجىسىزلىقى تاپتىن چىققان، ئۆزىدىن ياتلاشقان كىشىلەردە ئۆزىگە يارىشا ئۆزلۈك چۈشەنچىسىنى  پەيدا قىلىدۇ. زىددىيەتلى كىملىك ۋە تۇراقسىز. ئۆزگىرىشچان خاراكتېر ئىجتىمائىيلىشىش داۋامىدا ئىنسان قەلبىدە يىلتىز تاتىدۇ. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلار ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۇرىدۇ. تاپتىن چىقىش قىلمىشىنى جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، فرانسىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركىم: «ئادەمدە مۇقىم قىققەت قارىشى ۋە مىزانلارنىڭ يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان ھادىسە» [18] دەپ ئاتىسا، ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس روبېرت مېتون:« ئورتاق قىممەت قارىشى بىلەن ئۆز ئالدىغا سۇيىئىستېمال قىلىنغان ئەخلاق مىزانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بىردەكسىزلىك» [19] دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئوبېكتىپ، سوغۇققان كۆزدە مەسىلىگە قاراشقا چاقىرغاچقا، بىز نوقۇل بىر مەيداندا تۇرۇپ زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە پاھىشە قىزغا تون پىچىپ يۈرمەيمىز. مەلۇم بىر ئادەمنى، مەلۇم بىر توپنى قارا ـ قويۇق ئەيىبلەش جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس.
       ئىجتىمائىي بىنورماللىق، تاپتىن چىقىش قىلمىشى جەمئىيەتلەشكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئاز قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاپتىن چىقمىغان ئادەمنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى تاپتىن چىققان ئادەمنى دوراپ شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى، تاپتىن چىققان ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مىزانغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى جەمئىيەت جازالىمىغاچقا باشقا كىشىلەر ئەنئەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى سۇيئىستېمال قىلىش ئارقىلىق شۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋېرىدۇ ۋە بۇرۇنقى ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەممە قىممەت قارىشى سىڭىپ كېتىدىغان، ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان، زىددىيەتلىك كىملىككە پارنىك بولىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت پەيدا بولىدۇ، چىن كىملىككە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر يېتىم قالىدۇ. ماھىيەتتە بۇ ئىدىئولوگىيىلىك سىڭىپ كىرىشنىڭ تېزلەشكەنلىكىنىڭ، بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

    9. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەلتىرى
      ـ مەن يۈرىكىمدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا، دەۋەتلەرگە قۇلاق سېلىپ چىق ياشىماقچى ئىدى. لېكىن بۇنداق قىلىش نېمانچە تەس؟
      ـ ھېرمان ھېسسىينىڭ«دېمىئان» ناملىق ئەسىرىدىن كىملىك ھەرگىزمۇ توختام سۇدەك تۇرغۇن بىر مۇھىتتا سەۋەبسىز پەيدا بوپقالىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئۇ، ئىنسان شاھىت بولۇۋاتقان ئىجتىمئاىي، تارىخىي شارائىتلارنىڭ نەتىجىسى. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. گەرچە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە كىملىك ھەققىدە ئومۇمىيىلىق نۇقتىسىدىن قىلىنغان تەتقىقات خېلى زور سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، زىددىيەتلىك كىملىك ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات ئۇنچە كۈچلۈك، يېتەرلىك ئەمەس. بەزى جەمئىيەتشۇناسلار بۇ تېمىنى ئىجتىمائىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن يورۇتۇشقا تىرىشسا، بەزى جەمئىيەتشۇناسلار سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى ياكى كېلىشتۈرمە  ئالاقە نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە تىرىشىدۇ. توغرىراقىنى ئېيقاندا، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزىنى ملەۇم بىر خىل مەۋقەدە، بىر خىللا نەزەرىيىۋى رامكىدا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۈچ  نۇقتىدىن كۆزىتىمىز. بىز ئاساسلىنىدىغان نەزەرىيىۋى رامكىلار تۆۋەندىكىچە: 
    «1» زىددىيەلتىك كىملىكنىڭ ماكرولۇق يىلتىزى
       بىز يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە بىر كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلغاندا، ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى سمېلسېرنىڭ بايانىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئوخشاش سىمۋول، ئوخشاش ئوبيېكتقا تۇتۇلغان پەرقلىق مۇئامىلىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ قەلبىدە قانائەتسىزلىك، نامەلۇم ئەندىشە پەيدا قىدىغانلىقىنى، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، زىددىيەتلىك كىملىك يالغۇز شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىلا يۈز بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس. سمېلسېر زىددىيەلتىك كىملىككە يېشىل چىراق يېقىپ بېرىدىغان مەنبەنى ئاۋۋال ماكرو سىستېمىلاردىن ئىزدەيدۇ: «ھەرخىل تۈزۈم چەكلىمىسى، شەخسىي ۋەسۋەسە تۈگىمەيدىغان ئورگان ـ تەشكىلاتلار زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ پارنىكى.» [20] شەھەر جەمئىيىتىدە خىزمەت ئورۇنلىرىدا بيۇروكرات سىياسىي مۇھىتلارغا ئىشلەيدىغان، ئاق ياقىلىقلار زىددىيەتلىك ئىدېئولوگىيىنىڭ تەىسرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئۆلچەملىرىگە زىت كېلىدىغان ئىدىېئولوگىيىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بۇ ياتلىشىش ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدىغان، تۇرمۇش شەكلىنى دورايدىغان تۆۋەن تەبىقىلىك كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس رايت مىللىس بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:«شەخس بىئولوگىيىلىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە، ئۆزىنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي ئوربېتىدا باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا ئۆزىگە  ۋەسۋەسە، بىسەرەمجانلىق تېپىۋالىدۇ.» [21] قىممەت قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىر ئورگاندا، بىر مۇھىتتا ئىشلەش داۋامىدا شەھەر جەمئىيىتىدىكى ئاق ياقىلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ نۇرۇغن قىممەت قارىشىنى بېسىشقا مەجبۇر بولىدۇ. رايت مىللس بۇنى ماكرو ئامىللارغا باغلاپ مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «جامائەتچىلىك ئېڭى، ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى كىىشلەرنى بىر يەرگە ئەكېلىدۇ، ئورتاق مەسلەككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ نۇقتىلار يوقالغاندا بولسا ، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىززەت تۇيغۇسى ئۆلىدۇ ياكى ئاجىلايدۇ. خىزمەت داۋامىدىكى ياتلىشىش ئاق ياقىلىق كىشىلەرنى ئويۇن ـ تاماشىغا، كۆڭۈل ئېچىشقا خۇمار قىلىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش ئۇلارنى تېخىمۇ غىدىقلايدىغان سورۇنلارنى ۋە ئويۇن تۈرلىرىنى روياپقا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاق ياقىلىقلار مەنىۋى قانائەتكە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئورتاق قىممەت قارىشىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.» [22] مەن بۇ ئارقىلىق بىر ھۆكۈمنى ئىسپاتلىماقچى: ئاق ياقىلىق ئۇيغۇرلار شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىددىيەتلىك كىملىكىنى ئاڭ ئاۋۋال ئومۇملاشتۇرغۇچىلاردۇر. بۇنداق ئومۇملىشىش كۆپىنچە ئاق ياقىلىق كىشىلەر ساختا زامانىۋىلىققا، ماغزاپ تەرەقققىياتقا مەستانىلارچە چوقۇنغاندا بارلىققا كېلىدۇ.
       زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ يىلتىزلىرىنى تەھلىل قىلغاندا، ئىدېئولوگىيىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، يېتەكچى ئىدېئولوگىيە دېگەن ئالدى بىلەن «ماشنىلاشقان ساختا ئاڭ» پەيدا قىلىدۇ. ماشىنىلاشقان ئاڭغا ئىگە ئادەم ھامان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ.
       شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە، خىلمۇ خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، ئۇيغۇرلانرىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن دىنىي كىملىكنىڭ قوپۇرلۇش جەريانى ھەققىدە ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى روبېرت مېرتون بۇخىل كىملىك توغرىسىدا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: «ئادەمنىڭ مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي ئورنىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئالاھىدە رول  ئېلىشقا كۈچىشى جەريانىدا پەيدا بولىدىغان زىددىيەتلىك ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى كۇرتىس بولسا ئەنئەنىۋى دىن ئىدېئولوۋىيىسى زامانىۋىلىشىش بىلەن توقۇنۇشقاندا، زىددىيەتلىك كىملىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. [24] يەنە بىر ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى ماررس بۇ ھادىسىنى ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى تېخنىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا كېلىپ چىقىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ياقلايدۇ. [25] ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ۋېيگېر بىلەن فرانكس ئىجتىمئاىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئويى، خىزمەت داۋامىدا كۆرۈلگەن كرىزىسلەر زىددىيەتلىك قىممەت قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇنى ياتلىشىش، ۋەسۋەسە نۇقتىسىغا باغلاپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «چىن كىملىك بىلەن زىددىيەلتىك كىملىك ھەققىدىكى مۇھاكىمە ئەمەلىيەتتە ۋەسۋەسە ۋە ياتلىشىش ھەققىدىكى مۇھاكىمىدۇر.» [26]  «كوللېكتىپ كىملىكنى ئىزدەش» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى كلاپ بولسا: «بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمئاىي شارائىتقا بولغان كوللېكتىپ ئىنكاسى مۇنداق بىر نۇقتىدىن ـ كىشىلەرنى قوينىغا ئېلىپ تۇرغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۇلارنى مۇقىم، چىن، ئۆزگەرمەس بىر كىملىك ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىدىن ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە كىملىك ئۆلچىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە، ئىجتىمائىي قاتلاملاردا ھەرخىل سىمۋوللۇق بەلگە ئارقىلىق قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ»[27] دەيدۇ.
        شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مىللىي كىملىكنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى زىددىيەلتىك كىملىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى تارىخي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىستراتېگيىلىك ئىجتىمائىي ئالاقىلەر قوشۇلۇپ كىشىلەر قەلبىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان پىسخىكىلىق چۆمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرىدىن ستېفېن كورنېل بىلەن دوگلاس خاتمان ئۆزىنىڭ «ئۆزگىرىشچان دۇنيادا مىللىي كىملىك» ناملىق كىلاسسىك كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«ماكرو ماىللار بىلەن تارىخىي ئېلېمېنتلار، يەنى ئەقلىيلىك بىلەن جان ساقلاش تەقززاسى، سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش، تەرەقققىياتقا بولغان تەلپۈنۈش مىللىي كىملىكنى يارىلىش، قايتا يارىلىش ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ.» [28] شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خىيالىدا مۇسۇلمان دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ساندىكى كىشى ھارقا چىدىۇ، تاماكا چېكىدۇ. يەنە قىزىق يېرى، ئىسلام ئىدې.ئولوگىيىسىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ساقىندىسى ياكى ئۆرپ ـ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن شەكلى ئېڭىدا ساقلىنىپ قالغان بۇ كىشىلەر دىنىي كىملىكى مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈنلا بەزىدە ياغلىق قاپاق ئوبېكتىغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇلغانغان كىملىكنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ.  نەتىجىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغان، ئامېرىكا ئىجتىمائىيەت پىسخولوگى جېنكىنس ناھايىتى توغرا ئېيتىقان:«مىللىي كاتېگورىينى بېكىتىدىغان كۈچ سىرتتىن بولىدۇ. لېكىن، بىر مىللەت ئۆزى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىچكى قىسىمىدا بىرلىككە كەلتۈرىدۇ.»[29]

        10.زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئىجتىمائىيەت پىسخولوگىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى
        زامانىۋىلىققا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسى مۇقەررەر ھالدا زىددىيەتلىك روھىي ھالەت پەيدا  قىلىدۇ. ئادەم ئاشۇ  زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنىڭ تەسىرىدە ھەمىشە دىشىۋارچىلىقتا قالىدۇ ۋە گاھىدا چىن كىملىكىنى ئىزدىمەكچىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېنتېر تورلىرىدا: «بىز ئۇيغۇرمۇ ـ مۇسۇلمانمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى دەل شۇ سەۋەبتىن. زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ۋە ئەخلاق ۋەسۋەسىسى شەخسنى ئۆزىگە «مەن زادى كىم؟» دەپ سوئال سوراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەرىكەت كىملىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كىملىككە مۇناسىۋەتلىك ئوخشاش بىر سوئالنى سوراۋېرىش يۈزلىنىشى گاھىدا شەخسنى بىرەر تۇرمۇش كارتىنىلىرىدا چىن كىملىكنى ئىزەشكە ئۈندەپمۇ قالىدۇ. ئىجتىمائىيەت پىسىخولوگى گېگاس چىن كىملىكنى ئىزەشنى «بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىگە خاس قىممەت قاراشلىرىنىڭ قايسىسىدا چىڭ تۇرۇپ، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى باھالاش، ئۆلچەش جەريانى» [30] دەپ تەبىرلەيدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە برېكلىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەشھۇر ئايال پروفېسسورى خوچچايلد ئۆزىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىغا زور بۆسۈش ئېلىپ كەلگەن «بويسۇدۇرۇلغان يۈرەك» ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:«بىر خىل رىتىمدا قىلىدىغان خىزمەتلەردىن  زېرىكىش داۋامىدا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى خورايدۇ. بۇنداق تۇيغۇ ئەمگىكىگە داۋاملىق قاتنىشىش جەريانى ئادەملەرنى خىزمەت ئورنىدا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ياتلاشتۇرىدۇ.»[31] گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى خابېرماس بولسا «ھەرقانداق شەكلدىكى كىملىكىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئورگانلارنى ۋە شۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان تۇرمۇش ھېكايىلىرىنى، ئاندىن ھېكايىلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈشىنى تەھلىل قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەيدۇ. »[32] «رېئاللىقنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن پېتېر بېگېر بىلەن توماس لۇكمان «كىملىكنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گېپىنى، يۈرۈش ـ تۈرۈشىنى كۆزىتىش كېرەك. چۈنكى، گەپ  ـ سۆز ۋە يۈرۈش تۈرۈشتىن ئۇلارنىڭ سىرتتىن قوبۇل قىلغان تەسىر بىلەن ئۆزىگە خاس بەلگىرلىرى ئارىسىدىكى مۇرەسسەلىشىش جەريانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»[33] دەيدۇ. بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە بىزنىڭ كىشىلەرنىڭ گېپىگە ۋە نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىزمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن.

    11. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى
       شەھەر ئۇيغۇرلىرى سىمۋوللۇق ئۇسۇلدا زىددىيەلتىك كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ. كىملىك ئۆلچەملىرىگە ئۆز ئېھتىياجىغا يارىشا  زىددىيەتلىك مەزمۇنلارنى قاتىدۇ. مىسالەن، بىرىنچى كۆرۈنۈشتە مېھمنالار ھاراق ئىچىدۇ، ئاندىن يەنە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىككىنچى كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇر رىياسەتچى «ئاللا، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت» دېگەن گەپلەرنى ئۇرغۇللۇق ئېيتىدۇ، ئەمما ھايال ئۆتمەي ئۇ سورۇنلاردا ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇنى بىز سىمۋوللۇق ئالاقە نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق، «مەنە ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا يارىتىلىدۇ. ئۇچرىشىشلار داۋامىدا ئۆزگىرىپ تۇرغان مەنىلەر ئۆزلۈككە يۈكلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئوبيېكت ئۆزىدىكى مەنىلەر ئۆزلۈككە يۈكلىنىدۇ. ئىجتىمائىي ئوبيېكت ئۆزىدىكى مەنىنى ئوپچە ھەرىكەتلەردە قانداق ئىپادىلەنگەنىگە قاراپ تۇرۇپ ئارشكارىلايدۇ.»[34] كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىگە قاتنىشىش داۋامىدا ھەرخىل مەنىنى مۇرەسسە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا جەمئىيەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتۇرىسىدىكى سىمۋوللۇق ئالاقىلەردىن پۈتكەن غايەت زور سەھنىگە  ئوخشاپ قالىدۇ. كىملىكىمىزنى قانداق مۇقىمدىشىمىز، بەدىنىمىزگە، ھېسسىياتىمىزغا قانداق مۇئامىلە  قىلىشىمىز، ئىجتىمائىي دۇنيا، مۇھىت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز سىمۋوللۇق ئالاقىدە ئۆزىمىزنىڭ  ھەركىتى ۋە ھاياتىدىن بېشارەت بېرىدىغان سەرگۈزەشتىلەرنى روياپقا چىقىرىدۇ.

       12.زىددىيەتلىك كىملكىنىڭ ئاقىۋىتى: ھەرقانداق ئىجتىمائىي ھادىسە سەۋەبسىز بولمايدۇ ۋە ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمايدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ماقالىمىزنىڭ يۇقىرىقى بۆلەكلىرىدە زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ شەھەر  ئۇيغۇرلىرى تۇرمۇشىدا قانداق ئىپادە بولدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىقدىغانلىقىنى نەزەرىيىۋى مۇھاكىمىلەرگە يانداشتۇرۇش شەرھلىدۇق. ئەمدى زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەيدا قىلغان ۋە قىلدىغان ئاقىۋەتلىرىنى قىسقا تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئاقىۋەتلىرىنى قىسقا تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىخچام يوسۇندا بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
       بىر مىللەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش كۆرۈلىدۇ.

       13. «ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى»
       «يېڭى رۇس كۈيلىرى» تۈنەكخانىسىدا سورۇننى ياندىن كۆزىتىپ ئولتۇرغىنىمدا، بۇرۇن «سەرخۇش ئېنگلىزتىلى» مەكتىپىمىزدە ئىنگلېز تىلى ئۆگەنگەن بىر ئوقۇغۇچۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئېرى ۋە ئېرىنىڭ دوستلىرى بىلەن كەپتىكەن. ئېرىمگە تونۇشتۇرۇپ قوياي دەپ ئۆزلىرى ئولتۇرغان شىرەگە باشلىدى. ئۇ يەردە ئۈچ جۈپ ئەر ـ خوتۇن ئولتۇرغانىدى. ئېرى ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكا دوتسېنتى ئىكەن. تۇرقىدىن 40 ياشلاردا باردەك قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايال ھاجەتخانىدىن چىقىپ سۆزلەپلا كەتتى:
       ـ توۋا خۇدايىم، قىزلار ھاجەتخانىسى ئىس بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. كىچىك ـ كىچىك ئۇيغۇر قىزلار پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىشىپ يۈرىدۇ. توۋا قىلدىم، جاھان رەسمىي بۇزۇلۇپتۇ.
       ـ ئۇنىڭغا سىز نېمە دېيەلىتتىڭىز، ـ دېدى ئالىي مەكتۇپنىڭ دوتسېنتى بولغان ئەر، ـ ئۇ قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى شۇ، كۆڭلى تارتقان بولسا چېكىدۇ شۇ. چەكسە نېمە بوپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.
       ـ بۇنداق ئىشلار جىق، سىز ـ بىز سۆزلىگەنگە ھېچ ئىش پۈتمەيدۇ، ـ دېدى ئىكككىنچى ئەر.
       ئارقىدىن ئۈچىنچى ئەر سۆز قاتتى:
       ـ بىز نېمە قىلالايتتۇق. سۆزلىگىنىمىز بىكار. بولدى، كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشماي ھارقىمىزنى ئىچەيلى.
       يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىسىدىن شۇنداق بىر پاكىت ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ: جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشىلەر ئاۋۇپ كەتكەندە ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ؛ ئەخلاق مىزانلىرىغا سۇس، مۈجمەل مۇئامىلە قىلىدىغان بىپەرۋا، بىخۇد ئادەملەر توپى ئاۋۇيدۇ. بۇ، بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ.
       چىن كىملىككە ئىنتىلگەن كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ.

        14. دۇتار كۆتۈرۈپ نەنسەندىن يېنىپ كىرگەن ئابدۇرېھىم ھېيت
      ئەل سۆيەر سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە بۇلتۇر تەسىرلىك بىر ۋەقەنى ئاڭلىدىم. ئالتە ـ يەتتە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر ئەمەلدار دوستلىرى بىلەن نەنسەنگە چىققاندا ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىنى بىللە ئېلىۋالىدۇ. ئابدۇرېھىم ھېيت يۈز كەلەلمەي دۇتارىنى ئېلىپ چىقىدۇ. سورۇن باشلىنىدۇ. ھاراقلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىدۇ. ئۆزى دۇتار چالغان سورۇندا ھاراق قۇيۇلۇشنى قوبۇل قىلالمىغان ئابدۇرېھىم ھېيت باشلىق تونۇشىنىڭ توسۇشىغا، يالۋۇرۇشىغا ئۇنىماي، دۇتارنى كۆتۈرۈپ كېچىلەپ ئۈرۈمچىگە يېنىپ كېلىدۇ.

                                                                                                                         (راست ئىشلار خاتىرىسى)
       يۇقىرى مىسالدىن شۇنداق بىر پاكىتنى ھېس قىلالايمىزكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە كىشىلەر ئاۋۇپ كەتكەندە، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ، يېتىم قالىدۇ  ئۇلارنىڭ چىن كىملىككە ئىنتىلىش ئارزۇسى كۆپىنچە ھالدا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرايدۇ.
        ئۆزىنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتى، بەرباتلىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ.
        2008 ـ يىلى ئۇيغۇر ئىنتېر تورى بېكەتلىرىدە تامچىدىن دېڭىزنى كۆرۈپلا پۈتكۈل ئۇيغۇرلانرى تۈگەشتىگە چىقىرىۋېتىدىغان يازمىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ساترىك تۈسكە ئىگە «زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئۇيغۇرلار» ، «ئۇيغۇرلار تۈگەشتى» قاتارلىق يازمىلارر بار.
       بۇ خىلدىكى يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تېما يوللىغۇچى جەمئىيەتتە ئۆزى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىىغان بىر ئىشنى كۆرىدۇ ۋە بۇنى يېزىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈگۈشىۋاتقانلىقى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
       شۇنىسى ئېنىقكى، بىر جەمئىيەتتە زىددىيەلتىك كىملىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە، ئەدەپ ـ ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى پەرۋايىغا ئالمايىغان كىشىلەرنى ئاۋۇتقاندا، شۇ جەمئىيەتتىكى ئانچە ـ مۇنچە ئويلىيالايدىغان، ئۆزلۈك تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ بەرباتلىق تۇيغۇسى، ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بىرەر ناچار ھادىسىنى كۆرسە، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل مىللەت تۈگۈشىۋاتقاندەك تەسىراتقا كېلىدۇ.
        كىملىك كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ.
       2008 ـ ئاۋغۇست، بىر چۈشتىن كېيىنكى ئۈرۈمچىدە بىر رېسۇراندىكى توي مۇراسىمىغا داخىل بولۇۋېتىپ، كىملىك كىرىزىسىگە مىسال بولىدىغان بىر ئەھۋالغا يولۇقتۇم. يىگىت تەرەپ قىز كۆچۈرۈشكە كەلگەندە، سورۇندىكى ئەرلەر مەست بوپكەتكەنىدى. بەزىلەر دەلدەڭشىيىتتى، بەزىلىرى سورۇندا ئۇيان ـ بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۇرۇلىدىغان، قىز زالدىن ئۇزايدىغان چاغدا تەڭشىلىپ قالغان، يۈزلىرى قانسىراتقان ئۆپكىدەك قىزارغان 50 ياشلاردىكى رىياسەتچى: «قېنى، ھەممىمىز دۇئاغا بىر قول كۆتۈرۈۋېتەيلى، ئۇلۇغ ئاللادىن قىزىمنىڭ بەختىنى تىلەيلى!» دېيىشنى ئۇنتۇمىدى.
       كىملىك كىرىزىسى دېگىنىمىز، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان توپقا تەۋە بولغان تارىخىي ئوخشاشلىق، بىردەكلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۆلۈشىدۇر. يەنى بۇ سورۇندا رىياسەتچىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ، دەلدەڭشىپ تۇرۇپ كىشىلەرنى دۇئاغا چاقىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ  توي ـ مۇراسىم مەدەنىيىتى داۋامىدا يېتىلگەن تارىخىي ئوخشاشلىق ۋە بىردەكلىكنى بۇزۇۋەتكەن. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىدىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان بىردەكلىك تۇيغۇسى مانا مۇغۇنىڭدەك سورۇنلاردا بۇزۇلۇپ، كىىملىك كىرىزىسىگە سەۋەب بولماقتا.
        
        
      بۇ ماقالىدە دىنىي كىملىكى بىلەن مىللىي كىملىك، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن سىرتقى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى ئارىسىدا تېڭىرقاۋاتقان شەھەر ئۇيغۇر كىملىكى كۆپ مەدەنىيەتلىك، كۆپ مىللەتلىك ئىجتىمائىي كونتېكىستتا دۇچ كېلىۋھتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى؛ شۇنداقلا شەھەرلىشىش ۋە مەۋجۇدلۇقنى ساقالش داۋامىدا كۆرۈلىدىغان زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ سەۋەبلىرى، شەھەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ئىپادىلىرى، ئاقىۋەتلىرى ئېچىپ بېرىلىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئۆز رېئاللىقىنى چوڭقۇرراق تونۇشىغا ياردەم بېرىش، ھەرخىل ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئادەت كۈچىگە، ئادەتلەنگەن خاتا تونۇشلارنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىش بولغاچقا، ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى كۆرسىتىلمىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەرگىزمۇ مەسلىلىگە تەدبىر بەلگىلەش دەپلا چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ،
        زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولۇش دېگەنلىك، تېز ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيە  بلگىلەپ رېئاللىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا مەزمۇنلارنى قېتىپ، سىمۋوللۇق ئالاقىدە زىددىيەتلىك روھىي ھالەتنى ئاشكارىلاش دېگەنلىكتۇر، ماكرولۇق كونتۇرول، خىللمۇ خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، چىركىن مەدەنىيەت مۇھىتى بۇ جەريانىنى تېزلىتىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ چىن ، مۇقىم كىملىككە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىكنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بىر ئوبېكتقا، ئادەمگە، سىمۋولغا قارىمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. ماقالىمىزدىكى ئۇيغۇر شەھەر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە ھاراق ئىچىپ بولۇىپ دۇئا قىلىش، ئىشرەت سورۇنىدا ئاللانىڭىسمىى تىلغا ئېلىش، ئىپپىتىنى سېتىپ تۇرۇپ ئاللانىڭ ئىسمىنى سۈيئىستېمال قىلىش،   چەت ئەللەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا مەستانىلەرچە چوقۇنۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئىپادىسى ۋە سەۋەبىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدۇق. زىددىيەتلىككىملىك يالغۇز ئۇيغۇرلارلا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھادىسە ئەمەس، ئۇ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تېز يۈز بېرىۋاتقان، ماكرولۇق كونترول كۈچىيىۋاتقان ھەرقانداق جەمئىيەتتە يۈز بېرىدىغان ھادىسىدۇر، بۇنداق تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسەت شۇكى، زىددىيەتلىك كىملىكنى چۈشىنىش ـ بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەكرىتىنى ۋە قانداق بىر رېئاللىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.
       شەھەر ئۇيغۇرلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا پەرقلىق قىممەت قاراشلىرى، زىددىيەتلىك سىمۋول ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت كىملىكلىرىگە ماڭدامدا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋۋال چوڭ بىر ئىجتىمائىي ئوربىتىدا جۇڭگولۇق، ئۆز جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدۇ. بۇنداق گىرەلىشىش شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق رېئاللىققا ئىستراتېگىيە بەلگىلەپ تاقابىل تۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە مۈجمەل ئادەم، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىجتىمائىي كەيپىيات ھازىرلايدۇ.
       شەھەر ئۇيغۇرلىرى سىمۋوللۇق ئالاقىلەردە يېزا ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلىق رېئاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. ھاراق ئىستىمالى جەريانىدا ئۆزى بىلەن بىر جەمئىيەتتە ياشايدىغان باشقا مىللەت ۋەتەنداشلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىشىش ئۆلچىمىگە لايىق بىر رېئاللىقنى ۋە ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكىنى يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈگىمەس ئىجتىمائىي ئالاقە، مودا قوغلىشىش داۋامىدا ئىزتىراپ چېكىدۇ؛ «جەلىپكار بولۇش ، تۈزۈكرەك ياشاش ئۈچۈن» بەدەل تۆلەيدۇ. بۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى خرىسقا دۇچ كېلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلەردە ئۆز مىللىي كىملىكىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ، روھىي بىسەرەمجانلىق، ۋەسۋەسە كۈچىيىدۇ. كۆپ يۈزلۈك ـ ئۆزگىرىشچان كىشىلەر توپى بارلىققا كېلىدۇ. شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرخىل ئېدېئولوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ، ئىجتىمائىي تۈزۈم ياراتقان ئۆزلۈك بىلەن ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا يېتىلگەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدىكى، ياتلىشىش بىلەن بىردەكلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سۈركىلىشنىڭ نتەتىجىسى. ئۇنىڭدىن باشقا ، ھارقانداق ئادەمنىڭ كىملىكى ئۆز ئالدىغا شەخسىي بولىدۇ. ئەمما، تارىخىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا بىرمۇ كىملىك مەۋجۇد ئەمەس. زىددىيەتلىك كىملىكمۇ دەل شۇنداق بىر ھادىسە.
      بۇ تەتقىقاتتا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش پاكىتلرىىنى تەكشۈرۈش، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتىمىز تۆۋەندىكىچە:
      A يەكۈن:  يېزىدا ياشىغۇچىلارغا قارىغاندا شەھەردە ياشايدىغان كىشىلەر كىملىك مەسلىسىگە بەكرەك دۇچ كېلىدۇ. شەھەر جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەر قانچە تېزلەشكەنسېرى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە زىددىيەتلىك كىملىكنى ئىپادە قىلدىغان كىشىلەر شۇنچە ئاۋۇيدۇ. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرى، ياشاش ئۇسۇللىرى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە خىرسقا دۇچ كېلىدۇ.
     B  يەكۈن: تەرەققىي تاپمىغان ـ پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدىغان ئىجتىمائىي توپ زىددىيەتلىك كىملىك مەسلىسىگە بەكرەپ دۇچ كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي كونترول ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ جەمئىيەت كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەت بولسا، پاسسىپ ئىجتىمائىي توپنىڭ زىددىيەتلىك كىملىكنى ھېس قىلىش، باشتىن كەچۈرۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
     C يەكۈن: كىشىلەر قانچىكى قارىمۇ ـ قارىشى ئىدېئولوگىيە تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتنىڭ ئاز سانلىق ئەزاسى بولۇپ ياشىسا، زىددىيەتلىك كىملىكنى شۇنچە ھېس قىلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىدە تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشىش ئارزۇسى زىددىيەتلىك قىممەت قارىشى بىلەن ساراسىمىنى تڭلا پەيدا قىلىپ، قاششاق ـ پاسسىپ ئورۇندا تۇرغان كىشىلەرنى زىددىيەتلىك كىملىككە مۇپتىلا قىلىدۇ.
       ھەرقانداق تەتقىقاتنى چەكلىمىلىكى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزمۇ بۇ تېما ھەققىدە  جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ قىلىنغان دەسلەپكى بىر ئۇرۇنۇش بولۇپ، چەكلمىلىكلەردىن خالىي ئەمەس. بۇنىڭغا ئوبېكتىپ، سۇيېكتىپ ئامىللار سەۋەب بولغان. بىرىنچى، تەتقىقات مەلۇم بىر نۇقتىدا سەۋەنلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنى ئوبيېكتىپ شەرت ـ شارائىت بەلگىلىگەن؛ ئىككىنچى، شەھەر ئۇيغۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يغىپ پىكىر ئېلىشقا رايى سىناش جەدۋىلى تارقىتىپ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشكە، سان ـ سىپىرلىق پاكىت يىغىشقا يار بېرىدىغان ئىمكانىيەتمۇ، بۇنداق تەتقىقاتنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي فوندمۇ يوق؛ ئۈچىنچى، بۇ تېمىنى بۇنداق كىچىك بىر ماقالە بىلەن تەلتۆكۈس يورۇتۇپ بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىك گىرەلەشمە پەنلەر نۇقتىسىدن چىقىپ، يەنى تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق قاتارلىق كۆپ قىرلىق نۇقتىدىن كۆزىتىشكە، چوڭ كۆلەملىك تەتقىقات قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئىزدىنىشكە تېگىشلىك تېما. شۇڭا بۇ تېمىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھەمكارلاشما تەتقىقاتنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى، ئۆلچىمىنى چۈشىنىدىغانلار، ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ماقالىنى قانداق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىش زۆرۈرىيىتى تەتقىقاتنى چۈشەپ قويىدۇ. ئىلمىي ماقالىغا بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئاممىباب بولۇش ھەم ئىلمىي بولۇش ھەم چوڭقۇر بولۇش تەلىپىنى قويۇش ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە، چىنلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئوقۇرمەنلىرى قاتلمىدا ئوقۇرمەن كىرىزىسىنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن، ئىلمىي ماقالىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىغان، پىكىر ئىزدەيدىغان ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇشقا، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشىلەرنىڭ  ئاۋۋۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.