كەيپىياتنىڭ تەسىرى

يوللىغۇچى : gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-09 19:19:44

كەيپىياتنىڭ تەسىرىگۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز) ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىپ بىلمەي، ئەتراپتىكىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ قورامىغا...

    كەيپىياتنىڭ تەسىرى
    گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

         ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىپ بىلمەي، ئەتراپتىكىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.بولۇپمۇ قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا سىرتقى«كەيپىيات»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

         1-ھىكايە: ئادىلنىڭ بىر كۈنى

    ئادىل ئاپىسىنىڭ يېنىك سۆيۈشى بىلەن ئۇيقىدىن ئويغاندى. ئاپىسى ھەر كۈنى ئادىلنى ئەنە شۇنداق ئويغىتاتتى.ئادىل ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ، مەكتەپكە قاراپ ماڭدى. مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى ئىككى بېكەتچە كېلەتتى. ئادىل سائەتكە قارىدى. دەرس باشلاشقا يىگىرمە مىنوت ۋاقىت بار ئىدى. ئادىل ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقتى.
    -تېزراق ئىچىگە ماڭمامسەن، ئەزمىلىك قىلماي.
    ئادىل ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ قوپاللىق بىلەن سىلكىپ، ۋارقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ بوش ئاۋازدا غىڭشىۋاتقان ناخشىسىنى توختاتتى-دە، قەدىمىنى تېزلەتتى. شوپۇر غۇدۇراشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
    ئادىل شوپۇرغا قارىدى. شوپۇرنىڭ چىرايى تۈرۈلگەن ھالدا بىر كىملەرنى تىللاۋاتاتتى.
    ئادىلنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ئارقا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
    شوپۇرنىڭ قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىشى بىلەن ئادىلنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان ئىدى. ئادىل چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولدى. دەرس ۋاختىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرى قۇلىقىغا كىرمىدى. يېقىن دوستى چاقچاق قىلغاندا قوپاللىق بىلەن سىلكىۋېتىپ كىتاپقا قاراپ ئولتۇرىۋالدى. چۈشتىن كېيىن ئوقۇتقۇچى سىناقتا يۇقۇرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلىدى. تەقدىرلەنگەنلەر ئىچىدە ئادىلمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادىلنىڭ كەيپىياتى سەل كۆتۈرۈلۈپ قالدى. چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشكىچە ئادىل شوپۇرنىڭ قوپاللىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. 

         2-ھىكايە: ئەركىننىڭ ھەركىتىدىن تەھلىل

        ئەركىننىڭ ئاتا ئانىسى ئاجراشقاندىن كېيىن ئەركىن ئاپىسىنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. ئاجرىشىش قەغىزىگە قول قويغان كۈنى ئەركىننىڭ ئاپىسى ئەركىنگە دادىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلىش بىلەن بىرگە «ياخشى ئوقۇ، بولمىسا داداڭ دىگەن ئەسكى بىزنى زاڭلىق قىلىدۇ»دىدى. ئەمدىلا تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئەركىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. «دادام ماڭا بەك ئامراق ئىدى، زادى كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا؟»ئەركىن شۇنچە ئويلاپمۇ بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالمىدى.
    تەھلىل:
    بالىلار كۆپ ھاللاردا ئاتا ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەق-ناھەقنى چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ. نىمە سەۋەپتىن زىددىيەتلىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئاتا ئانىلارنىڭ ئاغزىدىكى گەپ ئارقىلىق، ھەمدە ئۆزىنىڭ ساددىلىق بىلەن چىقارغان ھۆكۈمىگە تايىنىپلا ئۆز كۆڭلىدە باھا بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بالىلار ئاتا ئانىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ نىكاھقا نىسبەتەن بىرتەرەپلىمە قاراشتا بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.
    تەدبىر:ئاتا ئانىلار ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە، ھەتتا ئاجرىشىپ كەتكەندىمۇ بىر بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىقى، ئاتا ئانا بىر يەردە تۇرمىغان تەقدىردىمۇ بالىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئاتا ئانىلارنىڭ ناچار كەيپىياتىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
    *******
    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئەركىننىڭ ئاپىسى كىر يۇيۇپ بالىكونغا يېيىپ قويغان ئىدى. ئۈستىنكى قەۋەتتىكى ئالىيەنىڭ دادىسى گۈللەرگە سۇ قۇيۇپ، سۇنى ئاستىنقى قەۋەتتە يېيىپ قويۇلغان كىرلەرگە چاچرىتىۋېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەركىننىڭ ئاپىسى خاپا بولۇپ، ئالىيەنىڭ دادىسىنى ۋارقىراپ تىللاپ كېتىدۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن ئالىيە ئەركىننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا دوستى بىلەن ئويناۋاتقاندا ئەزەلدىن ئالىيە بىلەن ئۇرۇشمايدىغان ئەركىن، ئالىيەنى «بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئويناپ، مەينەت قىلىۋەتتىڭ» دەپ تىللاپلا كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئەركىننىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيران بولىدۇ.
    تەھلىل: ئاتا ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. بالا ئاتا ئانىنىڭ ھەركىتىنى ئاڭلىق، ئاڭسىز ھالدا تەقلىت قىلىدۇ.
    تەدبىر: ئەگەر قارشى تەرەپ راستىنلا خاتا قىلغان بولسا، ئامال بار  بالىلار يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، سۆزلىشىش، بالىلارنىڭ ئالدىدىدا جىدەللىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئۆزىنى تۇتالماي تىللاشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا، بالا ئاتا ئانىدىن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى، تىللاشنى ئۈگۈنىدۇ-دە، بالىلارنىڭ خارەكتىر جەھەتتىكى ساغلام يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالا بىلەن ، مەلۇم مەسىلىنىڭ توغرا خاتالىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ، بالىلارنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    *****
    گۈلقىز مۇئەللىمنىڭ ئاپىسى قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىنتايىن قاتتىق ئازاپلاندى. دەرسنى ئۆتۈپ بېرىدىغان ئارتۇق مۇئەللىم بولمىغاچقا، يەتتە نەزىرىنى بېرىپ بولۇپلا مەكتەپكە كېلىپ، دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەنۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە شوخلۇق قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئەنۋەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەي، بالىلارنىڭ ئالدىدا قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنۋەرنىڭ روھى چۈشۈپ، دەرسكە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    تەھلىل:گۈلقىز مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدە بەختسىزلىك بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن كەيپىياتىنىڭ ناچار بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. بىراق، ناچار كەيپىياتىنى سىنىپقا ئېلىپ كېلىپ، ئەنۋەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشى، ئەنۋەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى توغرا ئەمەس.بۇنداق بولغاندا ئەنۋەرنىڭ پىسخىك جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماي، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
     تەدبىر:ئوقۇتقۇچىدا ئۆز كەيپىياتىنى كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. كەپسىز بالىلارغا نىسبەتەن، بالىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن، تىكىلىپ قاراپ قويۇش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە، ياكى دەرستىن چۈشكەندە ئايرىم سۆزلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈلنار تىيىپ