تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(3)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 07:34:47

تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(3)33.1 مىللىي روھنى قانداق جارى قىلدۇرىمىزجاھاندىكى جىمىي ئاجىزلار مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىدىن ۋايساپ يۈرمەكتە. بولۇپمۇ ياۋرۇپا(غەرب) مەدەنى...



    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(3)

    3

    3.1 مىللىي روھنى قانداق جارى قىلدۇرىمىز

     

    جاھاندىكى جىمىي ئاجىزلار مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىدىن ۋايساپ يۈرمەكتە. بولۇپمۇ ياۋرۇپا(غەرب) مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى زاۋاللىقتىن بېشارەت دەپ بىلىشمەكتە. ئۇلار بۇنداق سىڭىپ كىرىشكە ئىككى خىل ئۇسۇلدا قارىشى تۇرماقچى بولۋاتىدۇ. بىر خىلى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارىشى تۇرۇش، يەنە بىر خىلى تەشۋىقات، يەنى تىل ئۇرۇشى ئارقىلىق غەلىبە قىلىش. ھەر ئىككىلا ئۇسۇلدا سىڭىپ كىرگۈچىلەرگە ھاقارەت قىلىشنى، كەمسىتىشنى ۋاسىتە قىلغان. ئېتىقادىمىز بۈيۈك دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئۆز يولىنىڭ ھەرگىز ۋەھشىيانىلىك، زوراۋانلىق، تىرورلۇق بىلەن باغلىۋالماسلىقى كېرەك.

     

     

    ئادەمنىڭ ۋۇجودىدىكى ھەقىقىي ئېتىقاد پاكتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقان رادىكال ئىدىيە، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىيلىك، تىرورلۇق، چىدىماسلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشى زوراۋانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىتىقادىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. دېمەك، بۇ ۋاستىلەرنىڭ ئورۇنسىز، نەھەق ۋاسىتىلەر  ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ توغرا ئۇسوللار بىلەن، يەنى دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات، توغرا تەپەككۇر، پىكىر دىمكۇراتىيەسى ئارقىلىق باشقىلاردىن غالىپ كىلىشنى، مەدەنىيەت تارقىتىشنى، ئاخىرىدا مەدەنىيەت ھۆكۈمرانى بولۇشنى ئويلاشمىغان، شۇڭا بىر تەرەپتىن بىھۇدە چىقىم بېرىلسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ مەسخىرىگە قالغان. ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت مەجبورلانمايدۇ، ئۇنى پەقەت  كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، خالايدۇ ھەم كېڭەيتىدۇ. ئۇ خۇددى دېسنىي باغچىسىدەك ناھايىتى كۈچلۈك جەلپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. دىسنىي باغچىسىغا بارسىڭىز كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋىلىپ كىرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.

     

     

    1970- يىللارنىڭ ئاخىرى  1980- يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيە مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازارلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، تۆكمە بولۇپ سېتىلىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى، ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ بەلگىسى بولغان روكفىللېر مەيدانى ياپونىيىلىكلەر قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا توي قىلغان قىز يىگىتلەرنىڭ تويلۇق مىلى چوقۇم ياپونىيىنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنىش دەرىجىسىگە يىتىپ باردى، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ بازار قىممىتى كېمىيىپ،  ئېكسپورت تۆۋەنلەپ ئىشسىزلىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ قېنى قىزىق، ھەردائىم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ياشلىرى ئىچىدە توپ – توپ بولۇپ ياپونىيىنىڭ ئەلچىخانىسى ۋە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چىقىش، تېلۋىزۇرلارنى كۆيدۈرۈشتەك قوپال ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، ياپونىيە ماللىرىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىل كەيپىيات تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ئامېرىكىغا يامرىدى. ئەلۋەتتە، ھېسسىيات ئەقىلدىن غايىب كەلگەندە زوراۋانلىق يۈز بېرىدۇ. شۇنىسى بۇ ياشلارنىڭ قوپال ھەرىكىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سودا، ئىقتىساد، سىياسىي ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئاقىلانىلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، جەمئىيەتنى ئۆزىنى بېسۋىلىشقا، ئادىل رىقابەت ھەم توغرا ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇشقا، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەشكە چاقىرىق قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىغا تايىنىپ نۇرغۇن سودا گۇروھلىرىنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ پايچەك، ئۆي - مۈلۈك بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ ياپونىيە ئىقتىسادىنى ھەدەپ كۈپۈكلەشتۈرشكە باشلىدى ۋە ئاخىرىدا بىراقلا چېكىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ياپونىيىنىڭ كۆپۈك ئىقتىسادىنى گۇمران قىلۋەتتى. بۇ قېتىمقى ھەركەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن تۇتۋىلىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلىگەچكە ياپونىيىنىڭ زور ئىقتىسادىنى قانونلۇق ھالدا ئۆز قولىغا كىرگۈزۋالدى، روكفىللىر مەيدانىنىمۇ قايتۇرۋالدى. «بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن» ياپونىيە كارخانىلىرىنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقاردى. مانا بۇ مىللىي روھنى قانداق قىلىپ توغرا جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر مىسال. بىلۋىلىش تەس ئەمەسكى، مىللىي روھنى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئاچچىقلاش- قاراملىق قىلىش، زوراۋان ئۇسوللارنى قوللىنىش ئارقىلىق جارى قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇتىۋىلىپ، باشقىلارغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەدبىر بەلگىلەش، مۇۋاپىق قانونلۇق شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. زوراۋانلىق ۋاستىسى ھەرقانداق كۈچلۈك گەۋدىمۇ ئاجىز ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ. نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ يۈلۈنىشى شۇنداق بىر يىڭى قانونىيەتنى تەبئى بارلىققا كەلتۈردىكى، بىر ئىجتىمائى گەۋدە ئىلگىرى مەيلى قانداقلا مەدەنىيەتلىك ۋە ياكى قانداقلا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇندىن كىيىنكى سەپىرىدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلىمەي قارىشى يول تۇتسا، ئۆزىنى قاچۇرسا ئۇنىڭ يالغۇز قىلىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پىكىر بايان قىلىش ھوقوقىمۇ ئوخشاشلا كىچىك بولىدۇ. قىسقىسى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقچى بولساڭ دەۋرگە ماسلىشىپ ياشا.

     

     

    بىزدىمۇ يوقۇرقىغا ئوخشاپ ھىسىياتقا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت. بىر تۈركۈم كىشى ئۇيغۇر تىلى ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تەگىشىدۇ، ئەمما، يادرولۇق سەۋەبنى تەكشۈرۈش باقمايدۇ. بىزگە ئايانكى، تىل قانچە راۋان، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولسا ئىشلىتىش نىسبىتى شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. لېكىن سىز ئۇنى ناھايىتى ئاز ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا كىكەچلىشىپ كىتىسىز. خۇددى دائىم ئىشلەتمىگەن تېلېفون نومۇرى يادىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا. تىل قانچىكى مۇھىم ئىشلارغا، قانچىكى مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلىتىلسە ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنچە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا مۇھىم ئورۇن دېگەن زادى نېمە؟ شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، تىل بىر ساھە ۋە مەلۇم بىر كەسىپ بىلەنلا باغلىنىپ قالسا شۇنچە يىتىمسىراپ قالىدۇ. شۇڭا قېرىنداش خەلقلەرگىمۇ ئورتاق بولغان مۇھىم ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىزدىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. بولمىسا ئۇ ئەدەبىيات تىلى ۋە ئائىلە تىلى بولۇپ قالىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە بىر ھەربىي مۇنداق دەيدۇ: 21-ئەسىردىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ئىنگلىز تىلىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇ بىر جۈملە ئاددىي سۆز. ئەمما ئۇنى تەھلىل قىلغاندا ئىنگلىز تىلىنىڭ پۇخراۋى ساھەدىلا ئەمەس ھەتتاكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربى ئورگانلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. دېمەك، تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ مۇھىم ساھەلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مۇھىم ئورۇننى تۇنۇش ئۈچۈن ئىجابىي پىكىر يۈرگۈزۈش بەكمۇ زۆرۈر.

     

     

    يەنە بىر قىسىم ئادەملەر كىيىم - كېچەك ئادىتى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى قانداقتۇر بىرنىمىلەردىن تەگىشىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ھىچقايسىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى جەمئىيەتنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى تاللىغانلىقىدىن نارازى بولىشىدۇ. بۇ پەقەت ھېسسىيات ئېغىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. توغرا تەپەككۇر، ئويلاش ئۇسۇلى بۇيىچە ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۆزى خالاپ تاللىدىمۇ ياكى بىز شۇنى تاللاشقا موھتاجمۇ، خالاپ تاللىغان بولسا ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە، قولايلىقمۇ ياكى چىرايلىقمۇ، ۋەياكى ئەرزانمۇ قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئويلىشىدىغان سەۋەب ئۆز ئىچىمىزدىكى مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بار- يوقلۇقى ئۈستىدە بولۇشى لازىم. بۇ ئۇنىڭ رېئال پاكىتى. ئاندىن كىيىن ئەخلاق، ۋىجدان، ئۆرۈپ- ئادەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىقلاردىن ئويلىنىش كېرەك، بولمىسا بۇ خىل تەگەش باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ. بالىمىزغا چىن تۆمۈر باتورنىڭ ھېكايىسىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بەرگۈدەك مادار بولمىغاچقا «ئوتېمەن»نى كۆرسە ئاچچىقلىيالامدۇق؟

     

     

    1970-1960- يىللاردا، كىشىلەر قاۋۇل، تەمبەل، كۈچلۈك كىشىلەرنى ياراملىق دەپ بىلىشىپ كەلگەن ئىدى. گۈپۈلدىتىپ كەتمەن چاپالىسا، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلالىسا ئوغۇل بالا سانىلاتتى. ئۇلار ئادەملەرنى يوغان، كۈچلۈك، ئاياللارنى سېمىز بولسا ياخشى دەپ قارايتتى. بەزىدە كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارنى بەس – بەستە تىلغا ئېلىشى، سېغىنىشى بۇنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئانچە - مۇنچە چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ ئاغزى بىسىقىشقا باشلىدى. مانا بۇ توغرا كۆز قاراش ۋە تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى، شۇنىسى بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدىن ھازىرغىچە ئەجدادلىرىمىز تونۇرلارغا چاتقال، كالا تېزىكى قالاپ نان پۇشۇرۇپ، ئوتۇنچىلىق، قويچىلىق، باققالىق، ھارۋىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كىلۋىتىپتىكەن. بۇنداق جان بېقىش ئۇسۇللىرى ھازىرمۇ بىزدە يەنىلا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.

     

     

    دۆلىتىمىزنىڭ غەربى رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش – تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى يولغا قويۇلۇپ، رايونىمىزدىكى قولىدا پۇلى، سودىغا ئىپى بار كىشىلەرنى ناھايىتى زور سودا-سانائەت پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. نۆۋەتتە بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغانلار  دىيارىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق خۇجايىنلىرىغا ئايلىنالايدۇ. بۇنداق ھالەت بىز بىلىدىغان «پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر ۋە بىرقىسىم سەۋىيىلىك يازغۇچىلار»نىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئىلغار تەرەققىيات، ئىلمىي كۆز قاراشنىڭ خەلق ئىچىگە تۈز، توغرا يەتكۈزۈلگەن زامانىۋى ئاڭ ۋە يېڭىلانغان تەپەككۈردىن، دۇنيادىكى ئىلغار شەيئىلەرگە توغرا باھا بىرىشتىن مەيدانغا چىقىدۇ. يىڭىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ھەدىگەندە ئاددى ھايات كەچۈرۈش قوللانمىلىرىنى تەكىتلەۋېرىشنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى.

     

     

    3.2 سەمىمىيەتسىزلىك

     

     

    يېقىنقى مەزگىللەدە يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئۆزلىكسىز مەيدانغا كىلىشىدىن ناھايىتى سۈيۈنمەكتىمىز. بۇ تولىمۇ كاتتا ئىش. يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىق قاپقا قاچىلىنىپ مۇنتىزىم ئىشلەپ چىقىرىلىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ.

     

    ئەپسوس، ساقلىنۋاتقان مەسلىلەرنى سۆزلىمەسلىكنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. نۆۋەتتىكى تېلۋىزىيە ئېلانلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق مەھسۇلات ئېلانلىرىدىكى مۇبالىغىنىڭ ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدىغانلىقىنى بايقايمىز. «دۆلەتنىڭ پاتىنىتىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات»، «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلات»، «ساپ مۇسۇلمانچە»، «جاپالىق ئىزدىنىپ بازارغا سىلىنغان» دىگەندەك گەپ – سۆزلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. « QSئىجازىتىگە ئېرىشكەن» دىگەندەك گەپ سۆزلەرمۇ بار. يەنە تېخى قىلچىلىك تەپ تارتماي «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» داۋالىدىغان ئىشمۇ يوق ئەمەس. تېخى مەلۇم بىر شىركەت ئىلگىرى ئېلاننىڭ كەينىگە بىر نەچچە دەقىقە ۋاقت ئىچىدە «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» دىگەن رەسىمنى چىقاردى.

     

    ئەمدى تۆۋەندىكى گەپلەرگە قۇلاق سالايلى: بازارغا سىلىنغان ھەممە مەھسۇلات ئاساسەن دۆلەتنىڭ پاتىنت ھوقوقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزدە ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ھەممە مەھسۇلات جاپالىق ئىزدىنىش ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بازارغا كىرىدۇ. بۇمۇ داۋراڭ سالىدىغان ئىش ئەمەس. يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم QS سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىجازىتى ئىلىشى كېرەك. بۇمۇ كارخانا قۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى تەلىپى. مانا مۇشۇنداق ئەقەللى تەلەپ ۋە ناملار بىلەن قانداقمۇ بىر مەھسۇلاتنىڭ ياخشىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنداق بەلگىلەرنى بىز ئادەتتىكى بىر دۇكاندا سېتىلۋاتقان سولياۋ قاپلىق بولكىلاردىمۇ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. دۆلەت داڭلىق تاۋار ماركىلىرى بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماتىريالدىن ئايان بولىشىچە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئاچقان شىركەتلەرنىڭ بىرىمۇ  تېخى «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دىگەن نامغا ئېرىشەلمىگەن. «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» بولۇش سالاھىيىتى تېخىمۇ يوق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ دەل بىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىمىز ھەم پۇرسەتپەرەسلىكىمىزدىن بولۋاتقان ئىشلار. ئۇشبۇ كارخانىچىلار ئېلانلىرىدا ھەدەپ كۆپۈزۋاتقان تۈرلۈك ناملار ئەمىليەتتە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ نىمىلىكىنى تولۇق چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئالداشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئۇلار خەلقنى «بىلمەيدۇ...» دەپ ئادەتتىكى ناملارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى قايماقتۇرماقتا، ھەتتا ئۆز قولىدا ئىشلەنمىگەن، باشقىلارنىڭكىنى ئوراپ قاچىلىغان، قىپىغا ئۆز ماركىسىنى بېسىپ قويغان نەرسىلەرنى خەلقنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ھىيقىتماستىن «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن»، «ھالال» دەپ داۋراڭ سالماقتا. ئۆز جاپاسىنى پەش قىلماقتا. ئۇنداقتا باشقا مەھسۇلاتلار جاپا-مۇشاقەتسىز بارلىققا كەلگەنمىدۇ؟  مېنىڭچە مۇۋاپىقىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەش ۋە جاپانىڭ دىيىلىشىمۇ خاتا ئەمەس، لېكىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، قۇلايلىقلىقىمۇ شۇ دەرىجىگە يىتىشى كېرەك، ھەممىدىن مۇھىمى شۇ. «نەتىجەم بولمىغىنى بىلەن تارتقان جاپايىم باردە» دېيىش ئۆتمۈش بولۇپ قالغىلى خېلى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلماسلىق كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ بازار قىممىتى، تەسىرى، ئىقتىدارى، تېخنىكىلىق تەركىبى قاتارلىقلارنى ئەمىلىي سۆزلەش زۆرۈر. مۇشۇ ئىشلارغىمۇ ھېسسىيات ئارلاشتۇرۋالساق، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان بولۇپ قالىمىز. قىسقىسى پاكىتلىق، راست گەپ قىلىشنى، ئۆز مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇشنى ئۆگۈنۋالايلى. بىز ماختاشتىن ئىلگىرى، ھاياجىنىمىزنى بېسۋىلىپ، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى ساقلايلى، ئۆزىمىز قاتنىشىپ تەكشۈرۈش قىلىپ باقايلى. دۆلىتىمىز ھەم چەتئەلنىڭ داڭلىق كارخانىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىللىك سىناقتىن ئۆتۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئىلىپ داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. شۇڭا بىز خەلقنىڭ تاللىشىنى، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. ناۋادا قايسى كارخانىچى ئۆز ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھالدا مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەندەك باش كۆتۈرمەكچى بولسا ئۇ چوقۇم شاللىنىپ كىتىدۇ ياكى كۈلكىگە قالىدۇ. بۇ سەمىمىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت. سەمىمىيەتسىزلىك ھەم خەلقتىكى تەپەككۇر ئاجىزلىقى ئالدىنىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرمەكتە.

     


    3.3 ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر بولىقىنى ئېچىش

     


    ئۈرۈمچى خەلقئارا SOS يېتىم بالىلار كەنتىنى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىمىزدە بىر ئىش مېنى ئەپسوسلاندۇرۇپ قويدى. بۇ بالىلارنى رايونىمىزدىكى تەقدىرى ئوخشاش بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تامىقى بار، ئىسسىق تۇرالغۇغا ئىگە. ئۇلار بۇ ئۆيلەرگە سولىنۋىلىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك ساز-چالغۇلارنى مەشىق قىلىش بىلەن كۈن كەچ بولىدىكەن. ئۇلار ساز چېلىش ماھارىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ ماختىنىپ كەتتى... قوشنام ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بالىسىنى مۇزىكا كۇرسىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋىرىمچە بۇنداق مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىدىغان بالىلار خېلى بار ئىكەن. بىرى گىتار، بىرى ئىسكۇرۇپكا ئۈگۈنىدىكەن. «دانا» ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ شۇ نەرسىلەردە تالانتى بارلىقىنى «بايقىغان»لىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۆسمۈرلەر مۇشۇنداق ساز تۈرىدىكى ئەسۋاپلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىشقا مەجبور بولغان-دە باشقا نەرسىلەر توغرىسىدىكى تالانتى، تەپەككۇرىنىڭ بىخ ھالىتىدە خەتەرگە يۈزلىنىشىگە يول قويغان. سەنئەت ساھاسىدىكى «تالانت»نى بوۋاق ھالىتىدىن باشلاپ يىتىلدۇرۇش زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئورتاق دۇنيا قاراشى ھەم قىممەت قاراشنىڭ مۇھىم بىرىگە ئايلىنىپ قالغان، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا نېمە سەۋەبتىن بالىلارنىڭ باشقا تالانتىنى ئاچمايمىز دېگەن گەپ چىقىدۇ. مىسالەن، بالىغا ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ماشنىلىرىنى چۇۋۇپ قايتا قۇراشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەتۋىركە - ئامبۇر قاتارلىق قورال - سايمانلارنى تەقلەپ بېرىش ھىساۋىغا بالىنىڭ ئىجاد-ئىختىرا تەپەككۇرىنى ئېچىش توغرىسىدا باشلامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار. ئويۇنچۇق ھاۋا شارىنىڭ لەيلەپ تۇرۇشى، بالىلار بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇش ھەم لەگلەكنىڭ ئۇچۇش پرىنسىپى دىگەندەكلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق يېڭىچە ئۇسوللار بىلەن بالىنىڭ يېڭىچە نەرسىلەرگە بولغان بىلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرۇش ۋەھاكازالار. قىسقىسى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆسمۈر بالىنىڭ ۋۇجودىدىكى ئەقىل- پاراسەتنىڭ ئەركىن تەپەككۈرنى قىزىش لازىم. مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئالدىنقى دۇنيا قاراشنىڭ قۇربانى بولغان  ئۆسمۈر بالا تاكى ئۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ خىل تەپەككۇرنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بالىنىڭ تەپەككۇرىنى خوددى كۆزى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان بۇلاققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز بىرلا بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنساق بۇ سۇ بىر ئېرىق ياساپ ئاقىدۇ - دە كۆپ نەرسىلەرنى سوغارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كۆزىنىمۇ ئېچۋەتسەك ئۇنداقتا ئۇ ئۆستەڭ سۈيىگە، دەريا سۈيىگە ئاخىرىدا ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان دېڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

     

     

    ئادەمنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، زامانىۋى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئادەم بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بۇ خىل بايلىقنىڭ قىممىتى چەكسىز ھەم تۈگەپ قالمايدۇ. ئىخساسلىق ئادەم بايلىقى ھەرقانداق بىر ماددىي بايلىقتىن ئەۋزەل. «پۈتكۈل شىركىتىمنىڭ مال – مۈلكىنى تالان – تارىج قىلىپ ئېلىپ كەتسەڭمۇ مەن رازى، ئەمما ئادەملىرىمنى  قويۇپ قويغىن» دەيدۇ ئامىرىكا شىركىتىنىڭ بىر دىرېكتورى، «ئاز كۈندە مەن تېخىمۇ زامانىۋى بىر كارخانىنى قۇرۇپ چىقالايمەن». دېمەك، ئادەم بايلىقىنى پائال ئېچىش ھەم راۋاجىلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار ئىلگىرى تەبىئىي بايلىق دەۋرى، سانائەت دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى قاتارلىق دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەچۈرمەكتە. بۇندىن كېيىنكى يېڭى دەۋر ئادەم بايلىقى دەۋرى، يەنى ئەقلىي، بىلىم – مۈلۈك دەۋرى دەپ قارالماقتا.


     

     

    3.4  ئۆزلۈك چۈشەنچىمىز

     

     


    ئەمدى يېقىندىن بۇيان قىزىق بولۋاتقان ئۆزلۈك دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقايلى. ئۆزلۈك ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مەنادىكى مەن بولۇپ، يۇشۇرۇشقا، پەدازلاشقا بولمايدىغان بىر تەرىپىدىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئۇقۇمى ئۆزۈم ئۇقۇمى بىلەن ئۆزىدىن ھالقىش ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان تار مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىكتۇر. ئۆزۈم ئۇقىمىدا ئادەم پەقەت ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئۆزلۈك ئۇقۇمىدا ئادەم ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭا كەڭ مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئەمدى ئۆزىدىن ھالقىشقا كەلسەك، يۇقىرىقى ئىككى خىل شەخسىيەتچىلىكنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئايرىمىسىدىن سىرتقى بىر گۇروھنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۆزلۈك قوپال تىلدا ئېيتقاندا ئۆزىنىلا ئويلاش ۋە كۆرۈش، ئۆزىگە مەپتون بولۇش دىگەنىلكتۇر. شۇڭا ئالىيجانابلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا ئۆزىدىن ھالقىشنى تەۋسىيە قىلىشىمىز ھەم ئەۋلادلارغا شۇنداق تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. شەخس ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بىر ئىجتىمائىي ئايرىما ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ زور دەرىجىدە مەسئۇل بولالايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ھالقىپ كەلگەن. شۇ جۈملىدىن ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى، ئەقىل - پاراسىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئىجاد– ئىختىرا قىلىشتا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ ھەم ئىپادىلىنىدۇ. دىمەك، بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۆزلىكى  ئىنسانىي كىملىك ھەم ئىنسانىي ئۆزلۈك بىلەن شەرھىيلىنىشى كېرەك. ئىدراكلىق ھاياتلىق تۇغۇلۇپ ئالدى بىلەن ئادەمگە تەۋە، ئاندىن قالسا مىللەت ۋە ئائىلىگە، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە تەۋە بولىدۇ.

     

     

    تارىخى مەدەنىيەتلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە خۇسوسىيىتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى توغرۇلۇق كۈچەشكە كېچىكىپ قىلىۋاتىمىز. ئۆزلۈك قارىشى تارىختىكى كىملىكىنى ھەم ئۆزلۈكنى بىلىشلا بولۇپ قالماي ئەڭ مۇھىمى تارىخىي ئۆزلۈكنى ھازىرقى زاماندىمۇ جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخىنى بىلىش ـــ ئۆزلىكىنى(مەن كىم ئىكەنلىكىنى) بىلىشنىڭ بىر بۆلىكى، خالاس. قالغان قىسمى تارىخىدىكى ئىلغارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئالەمشۇمۇل نەتىجە يارىتىش بىلەن نامايەن بولىدۇ. خەۋەردار بولۇپلا قويۇشنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق.

     

     

    نۆۋەتتىكى سىرتقى مەدەنىيەت بېسىمى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ھەم خەلقئارا كاپىتال ئىگىلىكى ئۆزىمىزگە ئەستايىدىل، تەپسىلىي قاراپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ئۆزىمىزنى زادى قانداق تونۇش ھەم قانداق جارى قىلدۇرۇش جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. بىر مىللەت پەقەت باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالاقە قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزلۈك تەلىپى مەيدانغا چىقىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن سىلىشتۇرۇلغاندىلا ئۆزلۈك قارىشى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئۇچرىشىش دائىرىسى قانچىكى كەڭ بولسا ئۆزلۈك تەلىپى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل يەرشارى كىشىلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يىتىدۇ. دۆلەت ئىچى ھەم غەرب ئەللىرىنىڭ پەن – تېخنىكا، ئىجادى تەپەككۇر، كۆزقاراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغارلىقى نۆۋەتتىكى ھالىتىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادا قانداق ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقىمىزنى قايتىدىن ئويلاشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز. دۆلەت ئىچى ھەم ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە يۈرەكلىك يۈزلۈنۈش ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۈز كۆرۈرشىشى جەريانىدا ھەقىقىي ئۆزلىكىمىزنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇ خىل يىڭىچە بايقاش ئاخىرىدا ئۆزلۈك بىلىشىمىزگە بولغان مۇتەسسىپ كۆزقاراشنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ مەخسۇس پەن ۋە تەتقىقات ساھاسىگە ئايلىنىدۇ.

     

    زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەمنى ئىدىيە، تەپەككۇر، كۆزقاراش، قىممەت قارىشى تەرەپلەردىن زامانىۋىلاشتۇرۇش لازىم. بۇ جەريانلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، دىننى ئېتىقاد بىلەن تەرەققىيات، ئۆرۈپ – ئادەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھاجەت. غەربتىكى زامانىۋىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ياشاش ئۇسۇللىرى ھەم تارىخى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىچىگە تونۇشتۇرۇش، ئۆز ئىلكىمىزدىكى ياخشى ئادەتلەر بىلەن يات مەدەنىيەتنى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى ھەم دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان بىر ماشىنا قۇراشتۇرۇپ چىقىش ھەم بۇنى قانداق ھەيدەش ئۇسۇلى توغرۇلۇق ئىزدىنىش باشلاش ئالدىدىكى بىر مۇھىم خىزمەت.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.