مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان مەخسۇس ز

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-02 12:12:22

ئاخبارات1+1پىروگرامىمىزنى كۆرۈشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!جۇڭگودا 50تىن ئارتۇق ئازسانلىق مىللەتلەر بار بۇلۇپ،ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ يەسلى،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تەرب...



    ئاخبارات1+1پىروگرامىمىزنى كۆرۈشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
    جۇڭگودا 50تىن ئارتۇق ئازسانلىق مىللەتلەر بار بۇلۇپ،ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ يەسلى،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تەربىيىلىنىش جەريانلىرىنى تاماملاپ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مىللەت تىلىنى ناھايىتى مۇكەممەل ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە يىتىدۇ.بىراق،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئانا تىلى ئارقىلىق يېزىش-ئوقۇش ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىچكى ھېسسىياتلىرىغىچە ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغاندىن ساناقلىقلا بار. مۇخبىرىمىز بەييەنسوڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۈنبۇيىردا بۇھەقتە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،مۇخبىر بەييەنسوڭنىڭ مىللىتى موڭغۇل،خولۇنبۇيىردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،تۆۋەندە بىز ئۇنى موڭغۇل تىلى بىلەن كۆپچىلىكتىن ھال سوراشقا تەكلىپ قىلىمىز.
    بەييەنسوڭ مۇخبىر:كۆرۈرمەن دوستلار ياخشىمۇسىلەر!(موڭغۇلچە) مەن ھازىر خولۇنبۇيىرنىڭ ئاخبارات ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە كۆپچىلىككە دوكلات بېرىۋاتىمەن...
    دوڭچىيەن مۇخبىر:مەن گىپىڭىزنى ئۈزۋەتتىم،سىز بايا موڭغۇلچە كۆپچىلىكتىن ھال سورىدىڭىز،يەنە بىر نەچچە ئېغىز موڭغۇلچە گەپ قىلىپ بېرەلەمسىز؟مەسلەن:ئاخبارات1+1 پروگىراممىمىزنى كۆرۈشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!
    بەييەنسوڭ مۇخبىر:سۆزلىيەلمەيمەن،ئۇنچىلىك جىق سۆزلىيەلمەيمەن،تۆۋەندە  كۆپچىلىككە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كىلىدۇ،خولۇنبۇيىر مىنىڭ يۇرتۇم،مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،مىنىڭ بوۋام بولسا پەقەت موڭغۇلچىنىلا بىلىدۇ،خەنزۇچىنى ئازراقمۇ سۆزلىيەلمەيدۇ،دادام بولسا موڭغۇلچە،خەنزۇچىنى ئورتاق بىلىدۇ،چۈنكى ئۇ ئۇيەرنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.ئەمدى ماڭا كەلسەك بىرقىسىم ئاددىي گەپلەرنىلا سۆزلىيەلەيمەن،ئاڭلاپ چۈشىنەلەيمەن،مەسلەن:يىيىش،ئىچىش دىگەندەك گەپلەر.بىراق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پروگراممىلارغا پۈتۈنلەي خەنزۇچە رىياسەتچىلىك قىلىمەن،بۇلارنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر.ئەمدى مىنىڭ بالامغا كەلگەندە موڭغۇلچىنى پۈتۈنلەي سۆزلىيەلمەيدۇ،ئەمما ئېنگلىزچىنى خېلى ياخشى سۆزلەيدۇ،مانا بۇ بىزنىڭ تۆت ئەۋلاد ئائىلە كىشىلىرى.مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئانا تىلنىڭ،ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئانا تىلىنىڭ بىزنىڭ مۇشۇنداق تۇراقسىز دەۋىردىكى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرمەي تۇرالمايمەن.تەيۋەندە بىر ئاتاقلىق شائىر بار ئىسمى شىمۇرۇڭ،مىللىتى موڭغۇل،ئۇنىڭ داڭلىق بىر شېئىرى بۇلۇپ،كىيىن ئۇ بىر داڭلىق ناخشا تېكىستى بولدى،تېكىستنىڭ ئىچىدە«ئاتامنىڭ يايلىقى،ئانامنىڭ دەرياسى»دەيدىغان بىر جۈملە بار،مەن ئويلايمەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنى ئېيتقاندا ،مەيلى سىزنىڭ ئازسانلىق مىللەت بولۇش-بولماسلىقىڭىزدىن قەتئىينەزەر قەلبىڭىز چەكسىز بىر ھاياجانغا تولىدۇ، ئۇ ناخشا تېكىستىنى  ھازىر ئانا تىل بىلەن بايان قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن بۇ بىر ناھايىتى مۇھىم سوئال بولۇپ قالدى.بىزنىڭ مىللەت تىل مائارىپىمىز زادى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يەتتى؟قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىدى؟قانداق مەسىلىلەر ساقلاندى؟...مەن مۇشۇنداق بىر قاتار سۇئاللارنى ئېلىپ يۇرتۇم خولۇنبۇيىرغا قايتىپ كەلدىم،ئەمدىكى گەپنى خولۇنبۇيىردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    تەتىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى ئانىسى 7ياشلىق جولاغا سومكىلىرىنى رەتلەپ ئەتىدىكى ئوقۇش باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بېرىۋاتماقتا،ئۇلارنىڭ نىشانى ئۆيدىن 90كىلومىتىر يىراقلىقتىكى خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدى،ئۆيدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپتە تۇرۇش،كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئالماشتۇرۇش،تولىمۇ قىيىمايدىغان تۇغقانلىرى 7ياشلىق جولانىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماقتا ئىدى.داۋئېرجى جولانىڭ دادىسى بولۇپ ئۇ بىزگە مۇنۇلارنى دىدى:«شەھەردىكى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى ياخشى، بالىلار ئوقۇش يېشىغا يەتتى،گەرچە بالىلارغا قىيمىساقمۇ،ئۆيدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى شەھەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشنى قارار قىلدۇق.خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى ھەرجەھەتتىن ياخشى،ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولامدۇ،ئىشقىلىپ ھەممە جەھەتتە شارائىتى تۇللۇق،موڭغۇل مىللىتى بولغان ئىكەن موڭغۇل تىلىنى چوقۇم بىلىشى،سۆزلىيەلىشى، موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك.»
    موڭغۇل تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئورتاق بىلىمگە ئىگە بولۇش داۋئېرجىنىڭ قىزىغا بولغان ئۈمىدى ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى.داۋئېرجى  قىزىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا موڭغۇل تىلى مەكتىپىدە ئوقۇپ،موڭغۇل تىلى مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    جولانىڭ دادىسى:مەن جولانى مىللىي مەكتەپتە ئوقۇسا بىرقەدەر ياخشى دەپ قارايمەن.
    مۇخبىر:خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇپ بولسا،سىز جولانى يەنە قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىسىز؟
    جولانىڭ دادىسى:مەن جولانى خولۇنبۇيىر موڭغۇل ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتۇشنى ئويلاشتىم.
    مۇخبىر:سىز دېگەن ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي مەكتەپلەرمۇ؟
    جولانىڭ دادىسى:شۇنداق،ھەممىسى مىللىي مەكتەپ.
    ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن تۆت بالىلار سائەت بىردە جولانىڭ ئۈيىگە يىغىلىشىپ تاغىسىنىڭ ماشىنا بىلەن ئۇلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشتى.مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى بەك يىراق بولغاچقا بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن تۇغقانلار پۇل چىقىرىپ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىن بىر ئۆي ئىجارىگە ئالدى ھەمدە بالىلارنىڭ مومىسى شۇيەردە قېلىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى.
    مىللىي تىل مائارىپى ئىچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ كىرىش ئېغىزى ئىتايىن مۇھىم،نىمە ئۈچۈن مۇھىم دەيمىز دىگەندە،چۈنكى،سىز تۇنجى قەدىمىڭىزدە مىللىي تىل ئوقۇتىشىنى تاللىدىڭىز،شۇندىلا سىز كىيىنكى قەدىمىڭىزنىمۇ مىللىي تىلىڭىزدا ئېلىپ بارالايسىز.ئەلۋەتتە،سىز مىللىي تىل ئوقۇتۇشىنى ياكى موڭغۇل تىلى ئوقۇتۇشىنى تاللىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،بىراق سىز كەلگۈسىدە قايتىپ كىلىپ باشتىن باشلاپ ئۆز تىلىڭىزنى ئۆگىنەلمەيسىز،چۈنكى سىز بۇ ۋاقىتتا تولىمۇ كىچىككەن بولىسىز.شۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ تۇنجى نىشان قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؟بۇ ناھايتى مۇھىم.
    بۈگۈنكى ۋاقىتقا كەلگەندە ئىچكى موڭغۇلدىكى بارلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر،ئاساسلىقى مىللىي تىل-يېزىقتىكى مەكتەپلەرلا بولسۇن ھەممىسى ئوقۇش پۇلى ھەقسىز،كىتاب-ماتېرىيال پۇلى ھەقسىز،ئوقۇش ياردەم پۇلى،ھەتتا تاماق پۇلىدىن بەھرىمان بۇلۇشتەك نۇرغۇنلىغان ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇپ،جەلىپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.ئەمما،نۇرغۇنلىغان چارۋىچى رايونلاردا مىللىي مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتى،شۇڭا كۆپلىگەن كىشىلەر ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي بالىلىرىنى خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئېلىپ كەلدى،ئەمەلىيەتتە،بۇنداق يىراق جايدىكى مەكتەپلەرنى تاللاش ئاتا-ئانىلارنى نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارغا دۇچار قىلىدۇ.ھازىر خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى قوش تىل مائارىپى،ماتىماتىكا قاتارلىق دەرىسلەرنى موڭغۇل تىلىدا سۆزلىسىمۇ،كۆپ قىسىم دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى بىلەن ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ بۇ خىل ئەھۋال مەكتەپلەردە «ئۈچ تىل» مائارىپىنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلارنى خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئەكىلىپ ئوقۇتۇشتا نۇرغۇن تاللاشقا، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بۇلىدۇ.خۇلۈن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى588نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە پەقەت80نەپەر ئوقۇغۇچى خۇلۇنبۇيىر شەھەرئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتى،باشقا بالىلار ھەرقايسى يىراق رايونلاردىن كەلگەن،ئۇلار بالىلىرىنى ياتاقتا ياتقۇزۇپ ئوقۇتۇشى كېرەك ئۇنداق بولغاندا بالا ئۇزۇن مۇددەت ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىدۇ،ياكى بولمىسا ئاتا-ئانىسى،بوۋا-مومىسىدىن بىرى بالىسى بىلەن تەڭ كىلىپ ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ بالىسىغا تاماق ئىتىپ،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.مىللىي تىل مائارىپىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ.ھەقىقەتەن مىللىي تىل مائارىپىمىز بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ.«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن،ھەرقانداق بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى،يوقىلىشى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تارتقان زىيىنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.»بۇ جۈملە گەپ تولىمۇ ياخشى ئېيتىلغان.
    ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا مىللىي تىل ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىشتا كىتاب-ماتېرىياللارغا نىسبەتەن شارائىت ئەۋزەل،ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش باسقۇچىدا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدىكەن،بۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇنلىغان ۋاقىت سەرپ قىلىپ خەنزۇچە ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىدىكەن،مىنىڭچە بۇخىل قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا تامامەن بۇلىدۇ،مەسلەن:مائارىپ تەتقىقات ئورۇنلىرى بۇخىل ئەھۋالغا نىسبەتەن مەخسۇس خىزمەت تۈرى تەسىس قىلىپ،ئەڭ يېڭى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرسە،ئوقۇتقۇچىلار ئۇ ماتېرىياللارنى توردىن چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە بەرسە،بۇنداق بولغاندا ۋاقىتنى ھەمدە ئادەم كۈچىنىمۇ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.مەيلى قايسى خىل تىلغا نىسبەتەن بولسۇن بۇ خىلدىكى ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق مىللىي تىل ئوقۇتۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
    ئەمدى ھەقىقىي تەپەككۇر قىلىدىغىنىمىز بولسا قانداق قىلىپ ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز رازىلىقى بىلەن مىللىي تىل مائارىپىنى تاللاشقا يۈزلەندۈرۈشتىن ئبارەتتۇر.ئالىي مەكتەپكە كىرىشتە بولسۇن ياكى خىزمەتكە كىرىشتە بولسۇن ئۇلارنى زىيان تارتقۇچىغا ئەمەس بەلكى پايدىغا ئېرىشكۈچى،بىر تاربوشلۇققا ئەمەس بەلكى نۇرغۇنلىغان تاللاشلارغا،ياخشى پۇرسەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك.مىللىي تىل ئوقۇتۇشىدىمۇ ئۇلارغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ تامامەن بارلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشنى خالايدۇ،ئۆز ئانا تىلىدا تەرەققىي قىلىدۇ.
    ھەرقانداق بىر تىل مۇتلەق بار بولغان دۇنيا قارىشى،پەلسەپە،مەدەنيەت ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ئىپادىسى.نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا7000دىن ئارتۇق تىل بار،بىراق يېرىمدىن كۆپرەك تىل ئاستا-ئاستا يوقىلىشتەك خەتەرگە يۈزلەنمەكتە.جۇڭگونىڭ تىلنى قوغداشقا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان كۆپ خىل ئۇسۇلىدىكى تىرىشچانلىقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.جۇڭگونىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىغا كۈچ چىقىرىشى ماختاشقا ئەرزىيدۇ،جۇڭگونىڭ تىل سىياسىتى ھەربىر ئادەمنى ئۆز ئانا تىلىنى  مۇكەممەل ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت خارەكتىرلىك تىلنىمۇ ئىگىلەشتىن ئىبارەت.
    مەدەنىيەت-مىراسلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش،قانداق قىلىپ ئازسانلىق مىللەت تىل-يېزىقىمىزنىڭ تەرەقىياتىغا دىققەت-ئېتبارىمىزنى قوزغىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر تېما دەپ قارايمەن.
    پروگگىرامىمىزنىڭ ئاخىرىدا مەن كۆپچىلىك بىلەن موڭغۇل تىلى بىلەن خوشلىشىمەن.خەير-خوش!(موڭغۇلچە)


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.