دىن ئەندىشىسى ۋە مۇنازىرەسى ھازىرچە بىھۇدە

يوللىغۇچى : altugh يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-18 00:39:00

دىن ھەققىدە بىھۇدە ئەندىشە ۋە زىيادە مۇنازىرە مەن ئۇيغۇردا بولۇۋاتقان مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزەلەرگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. دەمال ئېسىمگە كەلگەنلىرى 1.پەرھات تۇرسۇن ۋە يالقۇن روزى ھ...

          دىن ھەققىدە بىھۇدە ئەندىشە ۋە زىيادە مۇنازىرە

     مەن ئۇيغۇردا بولۇۋاتقان مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزەلەرگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتىمەن.
       دەمال ئېسىمگە كەلگەنلىرى 1.پەرھات تۇرسۇن ۋە يالقۇن روزى ھەققىدىكى مۇنازىرە
    2.مۇسۇلمانلىق ۋە خىرىستىيانلىق مۇنازىرىسى.
       ياخشى كىشىلەر ئىشتىراكىدىكى ساپالىق مۇنبەردىمۇ يەنە مۇشۇ تېمىنىڭ قىزغىن تېمىغا،مۇنازىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئشىمنىڭ ھەممىنى قويۇپ تۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. بايانلىرىمىزدىن مەلۇمكى يالقۇن-پەرھات مۇنازىرىسىنىڭ نوقتىسى مۇسۇلمانلىق- خىرىستىيانلىق مەسىلىسى،بۇ مۇنبەر ۋە باشقا مۇنبەرلەردىمۇ مۇشۇ تىپتىكى تېمىلار بازارلىق.نېمىشكە؟ تۆۋەندە مەن خىرىستىيانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق مۇنازىرىسى ئاشىنالىرىغا بىر قانچە چۈشەنچەمنى سۇنماقچى،ئەقىل بىلەن مۇلاھىزە قىلغايلار.
        1.مەسىلە زادى مۇنازىرەچىلەر دەۋاتقاندەك ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇقمۇ؟ مەن بۇنداق مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقانلارنىڭ ئاقىللىقىدىن،ئىلمىلىكىدىن گۇمانلىنىمەن . چۈنكى بۇ توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر ئاساسەن پەرەز ،خىياللىرىنى سۆزلەيدۇ.تەكشۇرگەن ،تەتقىق قىلغان ماتېرىيال ۋە مەنبە يوق.ئەگەر بولغان بولسا بىزنى سان سىپىر،پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن بولسا بولاتتى. مەن بۇ تېمىدا تەكشۈرگەن.خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ كەينىگەرەك توغرا كېلىدىغان پروتېستانتلارنىڭ چىركاۋىغا 1999-يىلى بىر قېتىم،2008-يىلى يەنە بىر قېتىم بېرىپ تەكشۈردۈم. ئىككىلا قېتىم بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىدىم.بارغىنى پەقەتلا مەن.
       كەمىنە بۇ ھەقتىكى ئويلىرىمنى چىركاۋدىكى يىگانە ئۇيغۇر دېگەن تېمىدا يېزىپ گۇلىستان ئۇيغۇر سالۇنىدا ئېلان قىلدىم.ماڭا مۇشۇ كۈنگىچە خىرىستىيان دىنىنى تەرغىپ قىلغانلار خېلى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ پۇل بىلەن ئادەم ئالدىغىنى،چەتئەلگە چىقىرىمەن دەپ يەمچۈك سالغىنى ،ياكى باشقا نومۇسسىز ۋاستىلارنى قوللانغىنى يوق.ئۇلار سىز خىرىستىيانلىققا قىزىقمىسىڭىز پەقەت سىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ،ياكى ئەپسۇسلىنىدۇ خالاس. ئۇيغۇردا چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى ئەقىلدارلارغا تۇتۇق ئەمەس.ئەلۋەتتە، چەتئەللىك كەسپى دىن تارقاتقۇچىلار تېخىمۇ ئاز.مەنچە بارماقتا سانىساق بەلكىم توشار يا توشماس.چۈنكى سىياسەتنىڭ مەنىسى ئۇلار ئۈچۈنمۇ ۋەھىمىدىن دېرەك بېرىدۇ.ھەتتا بۇيىل مەن بارغاندا چىركاۋدا مەن بىلەن بارغان چەتئەللىكىتىن باشقا چەتئەللىك يوق.چەتئەللىكلەر يەرلىكلەر بىلەن بىللە تۇرسا بولمايدۇ،يەنى ئۇلار ئۆيىدە دىن تارقىتىش پۇرسىتىگەمۇ ئىگە ئەمەس. تىل توسالغۇسى ئۇلاردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە.
       ھازىر دىيارىمىزغا دىن تارقاتقۇچىلار شاڭگاڭدىن ۋە كورىيەدىن كۆپرەك كېلىدىكەن.ئۇلار خەنزۇچىغا پۇختا بولسىمۇ ئۇيغۇرچە بىلمىگەچكە قىينىلىدىكەن. مەن چىركاۋدىن تەكشۈرگەندىمۇ پاستىر مۇشۇ سەۋەبنى سۆزلىگەن. ئۇنداقتا بۇ بىھۇدە ئەندىشە نەدىن قايناقلاندى؟مەنبەسى نېمە؟
        2.بىھۇدە ئەندىشە ،مۇنازىرە قوزغۇغۇچىلار كىملەر؟
        1.ھازىر بەزى زىيالى كىشىلەردە شۇنداق بىر ساختىلىق بار،يەنى ئۆزنىڭ شەخسى رەقىبىنى مىللەتنىڭ،دىننىڭ دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىپ،مىللەتسۆيەرلەك تونى بىلەن مىللەتنىڭ كۆزىنى توراشقا،ھەقەقەتنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قويۇشقا ئۇرۇنۇش.مەسىلىنى بۇ قەدەر ئېغىر كۆرستىۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق كىشىلەردۇر.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى رەقىپلىرىنى تولۇق ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ،رىقابەتچىلىرىنى خىرىستىيانغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلانى شۇ كىشىلەرگە تۈپتىن ئۆچ قىلىپ مەقسىدىگە يەتمەكچى ھەم بىر قىسىملىرى يەتتى.مەن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ساپاسىز كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەرلىرىمىزنى خىرىستىيان دەۋاتقىنىنى ئاڭلىغان.سەئۇدىدىكى بىر بۆلۈك دىتسىز ئادەملەرنىڭ تۈركىيەدكى ئۇيغۇرلارنى دىنسىز دەپ تىللايدىكەن دەپمۇ ئاڭلىغان.

         2.سۈرىيە،ئىوردانىيە،مىسىر ۋە سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ كەلگەن ياكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرياشلار شۇ رايۇندىكى يەرلىك ئۆلۈمالىرىنىڭ تەسىرىدە خىرىستىيان ۋەھىمىسى ۋە تەشۋىشىنى سىڭدۈرىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاز تولا دېموكراتىيە بولغاچقا بۇ ئەللەر پۇقرالىرىنىڭ خىرىستىيان دىنى بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كەڭرى شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدا بۇنداق ۋەھىمىنىڭ بولۇشى تەبىئى. ئەمدى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ۋەھىمىنى دۇنيا بىلەن ئاساسەن بىۋاستە سۆھبەت قۇرالمايدىغان ئۇيغۇرغا تېڭىشى ئارتۇقچە،ۋە ھەتتا زىيانلىقتۇر.
        3.غەرب ئەللىرىگە ئۇزاق مۇددەت مەھكۇم قالغان،مۇستەملىكە بولغان كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدە غەربكە قارشى پىكىر ئېقىمى مەۋجۇد بىر قىسىم مۇسۇلمان زىيالىلىرى سىياسىيۇنلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن دۆلىتىدىكى قالاقلىق، ئىشسىزلىق، نامراتلىق ،تىچسىزلىق قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنى بىزگە غەرب قالدۇرۇپ كەتكەن دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ،ئۇلار ھازىرقى بىقوۋۇل ھالىتىمىزگە غەرىب سەۋەبچى دەپ يېزىپ ھۆكۈمرانلىرىدكى ئىقتىدارسىزلىقنى غەربكە يۈكلەۋاتىدۇ،خەلىقنى بىخۇتلاشتۇرىۋاتىدۇ. خەلقنىڭ دىققتىنى ئايىغى چىقماس دىنى مۇنازىرىگە بۇراپ قويۇپ دۆلىتىدىكى كەسكىن مەسىلىلەردەن ئاۋامنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىۋاتىدۇ.بۇنداق بىر قىسىم كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى غەرب دىن،كىنو،دوللار ۋە ياۋرۇ قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك، ئۇيغۇرلار غەرب دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ تەھدىتىدە قالغاندەك كەيپىياتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
        4.ئىرادىلىك بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى چەتئەل تىلى كۇسلىرىنى تەشكىللەپ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە يېڭىلىق بەخش ئېتىۋاتىدۇ،پۇل تېپىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كەسپى رىقابەتتە ئاجىزلىرى،ياكى قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ ،ئۇيغۇرنى مەنلا كولدۇرلاتسام دەيدىغانلىرى،ئۆز رىقابەتچىلىرىنى خىرىستىيانغا چىقارماقتا.
        5.جەمىيەتتكى ۋە تورداكى مائاش مەنبەسى نائىنىق بىر قىسىم قېرىنداش دوستلىرىمىز باركى ،ئۇلار توردىكى بارلىق ئەھمىيەتسىز لېكىن كولاپ باقسا كىمنىڭ نېمە غەرىزى بارلىقىنى ئازراق بىلگىلى بولدىغان ئۆسەكلەرنى تارقىتىدۇ،بىزنى چاڭچىلىگە سېلىپ ئۇستىراقلىرىمىزنىڭ ئويۇنىنى ئايرىم كۆرمەكچى،ياكى باشقىلارغا قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ يۈرۈيدۇ.

          3.نىمىشكە بۇ ئەندىشىنى بىھۇدە ،بۇنداق مۇنازىرىنى زىيادە دەيمىز؟؟؟ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خىرىستىيانلىقتىن ئەندىشە قىلىش پۈتۈنلەي زىيادە.بۇنداق ئەندىشە قىلغۇچىلار بىر بولسا ساددىلارچە خەقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار ياكى بولمىسا مەقسەتلىك مىللەتنى چاڭچىلە ئوينىتىۋاتقانلاردۇر.چۈنكى 1.شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى سىياسىتى چەتئەلنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىددىيەۋى پائالىيەتلىرىنى رەت قىلىدۇ،ھەرقانداق يارىدەم ۋە قوللاشلىرىنى سىياسى مىكروسكوپتىن ئۆتكۈزىدۇ.2.ئۇيغۇرلار ھازىر ئىتىقاتتا تەۋرىنىش باسقۇچىدا ئەمەس،ساپاسىز كۆپۈيۈش باسقۇچىدىمۇ ئەمەس،بەلكى ئىلمى كۈچۈيۈش باسقۇچىدا.تۇڭگانلار بېسىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسلامى كىتابلارنى خەلقىمىز ئوقۇۋاتىدۇ.ھازىر ئۇيغۇرچە دىنى كىتاب باسالىغان نەشرىيات ئەڭ ئاسان بېيىيالايدۇ.كىتابلار ئىچىدە دىنى كىتابلارنىڭ تىراجىغا باشقا ھەرقانداق كىتاب يەتمەيدۇ.مۇشۇنىڭ ئۆزى پاكىت.3.ئۇيغۇرلارغا شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى 1892-يىلدىن 1939-يىلغىچە دىن تارقاتقان.ئۇلار ئەينى دەۋردە ئاشكارە مەكتەپ ئېچىپ،دوختۇرخانا قۇرۇپ،باسمىخانا قۇرۇپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەن.(بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تولۇقلۇمالار ئۈچۈن گۈلىستان مۇنبېىرىدىكى ئۇيغۇردا دىنى كىملىك ۋە مىللىي كىملىك دېگەن يازمىغا مەرھەمەت) دانا مۇنازىرىچىلىرىمىز ئويلاپ باقسا ھازىر يۇقارقى شارائىتنىڭ بىرسىمۇ يوق تۇرسا ئۇلار بىزنى خىرىستىيان قىلىۋېتەلەرمۇ؟ مۇسۇلمانلىق ۋە خىرىستىيانلىق مۇنازىرىسى مەنچە ئارتۇقچە چۈنكى بۇ مۇنازىرەنىڭ خەتىرى تۆۋەندىكىچە.1.مىللەتنىڭ دىققىتىنى ئۆز مەسىلىلىرىدىن دۇنيا مەسىلىلىرىگە بۇرۇۋېتىدۇ.مىللەتنى ئايىغى تارىختا چىقمىغان ،بۈگۈن ھەم چىقمايدىغان زىددىيەتلەر قاينىمىغا غەرق قىلىپ،خەلقىمىزنى كۆز ئالدىدىكى تراگېدىيەسىدىن بىخۇد قالدۇرىدۇ.2.دۇنياغا خاتا نەزەردە قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.خەلقىمىزنىڭ دۇنيانى بىۋاستە كۈزۈتۈپ ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا،بىزنىڭ ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمىز ئاۋامغا دۇنيانى مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى،دىنلار مۇسابىقىسى نوقتىسىدىن چۈشەندۈرۈپ كۈچەپ تەشۋىق قىلغىلى تۇرسا مىللەت تەپەككۇرى دوست -دۈشمەندىن ئىبارەت ئىككىلا قۇتۇپتا چۆرگىلەپ دۇنياغا ۋە دۇنانىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىگە رىيال باھا بېرەلمەي قالىدۇ.3 .بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى بىر قىسىم ئەللەردە ئەۋج ئالغان ئەسەبىيلىك(ئاشقۇنلۇق)،بىرتەرەپلىمىلىك ،ئىكارچىلىق قاتار پىكىر ئېقىملىرىنىڭ قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.مەسىلەن ،ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئاللىقاچان بىرلىشىپ كەتكەن مىللىي ئادەتلىرىمىزنىڭ 90-يىللاردىن كېيىن ئىنكار قىلىنىشى ۋە مىللەتنىڭ دىنىي زىيالىلىرىدكى ئارتۇقچە تالاش تارتىش،ساپاسىز،نائەقىللىق،تاكتىكىسىزلىق بىلەن قىلىنغان ۋە ھالىمىز،رىياللىقىمىزدىن ھالقىغان ھالدا قىلىنماقچى بولغان دىنى ئىسلاھات . خۇلاسىلىغاندا،مەنچە بۇ مۇنازىرىنى قولىدىكى ناننى كىمنىڭ يەپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە تارتىۋالىدىغانلىقى بىلەن ھىسابلاشمايدىغانلار قىلسا مەسلىكى شۇ بولسۇن.ئەمما بىزگە نان ھالال،ناندىن ئايرىلساق مومىغا قالىمىز، مومىنىڭ ھالاللىقىغا قايسى دانا،كامىل مۇسۇلمان قاچان بىزگە پەتىۋا بەرگىچە ،ئاچ يۈرمەسمىز ھەقاچان.خىرىستىيانلار دىنسىزلاشتۇرسا يوشۇرۇن قىپتۇ،چىرايلىق گەپ بىلەن ،بىر پۇلىمىزغا زىيان ئۇرماي قىپتۇ.پۇت يۇيىۋاتقان ،قاۋاقخانا ،پاھىشخانا ئېچىۋاتقانلاردەك دىنىمىزنى ،مېلىمىزنى ،جېنىمىزنى دەم تارمىغاندىكىن بەك جىددىيلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولۇرمىكىن دەيمەن .دىن مۇنازىرىسىنى مىڭكاۋخەنلىك (خەنزابانلىق)ئومۇملاشقاندا ھايات قالالىغانلار قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ.لېكىن ئۇ كۈنلەردىن مۇنازىرىچى دانالار ئۈمىد كۈتمىگەي.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 23:56:51]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق