كىشىلىك ھايات توغرىسىدا ھېكمەتلەر

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-16 17:43:00

ھاكاۋۇرلۇق ئادەمنى يالغۇز قالدۇرىدۇ. مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ. مۇتىھەملىك ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدۇ. مۇستەبىتلىك ئادەمنى تەۋەككۈلچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بىر تەرەپلىمىلىك ئادەمنى ...

                   
      ھاكاۋۇرلۇق ئادەمنى يالغۇز قالدۇرىدۇ. 
      مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ.
      مۇتىھەملىك ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرىدۇ.
      مۇستەبىتلىك ئادەمنى تەۋەككۈلچىلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
      بىر تەرەپلىمىلىك ئادەمنى پرىنسىپسىزلاشتۇرىدۇ.
      بىپەرۋالىق ئىشتا يوچۇق قالدۇرىدۇ.
      تۆھمەتخورلۇق نامنى بۇلغايدۇ.
      شەخشىيەتچىلىك پاتقاققا سۆرەيدۇ.
      ئىزدىنىش ئوڭۇشلۇققا ئۈندەيدۇ.
      تەپەككۇر قىلش يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە قىلىدۇ.
      كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ.
      قەيسەرلىك قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كەلتۈرىدۇ.
      ئۆگىنىشكە قىزىقىش بىلىمگە باي قىلىدۇ.
      ئەمەلىيەت تەجرىبىگە ئىگە قىلىدۇ.
      ئۈمىد ئىستىقبالنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
      ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان، تېرىكمەيدىغان كىشىلەر پالۋان كىشىلەردىن ياخشىراق،روھنى     باشقۇرالايدىغان كىشىلەر شەھەر ئالغان كىشىلەردىن ياخشىراق.
      ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن نادانلىقنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدۇ.
      ئەقىلسىز كىشىلەر بىلىمنى بۇزار، بىلىمسىز كىشى خەلقنى ۋەيران قىلار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق