ئۇنۋېرسىتېتىكى كۈنلەر

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-09 06:50:53

ئۇنۋېرسىتېتىكى كۈنلەر تىل ئۆگۈنۈش جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئانا تىلدىن باشقا دۇنياۋ...

    ئۇنۋېرسىتېتىكى كۈنلەر


      تىل ئۆگۈنۈش

     جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشى، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئانا تىلدىن باشقا دۇنياۋىي تىللارنى ئىگەللەش بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئالاھىدە بىر تەلىپىگە ئايلاندى. خەنزۇ تىلى ھەم دۆلەت تىلى ھەم دۇنياۋى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ جىددىي ئىگەللىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپ تىللىق بولۇش بىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىمىزنى كىڭەيتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ كىچىككىنە دۇنيارىمىزنى تاشقى دۇنيا بىكەن تۇتاشتۇرۇشتىكى ئالاھىدە كۆۋرۈك. كۆپ تىللىق بولۇش خەلقمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا خىلى ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ياخشى ئىلمىي پەزىلەت بولۇپ، مەيلى بۇددىزىم دەۋرىدە بولسۇم ياكى ئىسلامىيەت دەۋرىدە بولسۇن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «زىيالىي» ئۇقۇمى ھامان كۆپ تىللىق بولۇش بىلەن باغلىنىپ كەلگەن. ئەلۋەتتە كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ مەنىسى چەتئەل تىلىنى ئۆگۈنۈپلا قالماستىن بەلكى ئانا تىلنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلىش، ئۇنى قەدىرلەش، قوغداشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە بىز دائىم مەھمۇد قەشقىرى، ئەلشىر نەۋائىي كەبى ئەجدادلىرىمىزنى ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالىمىز.

    مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كىلىپلا ئالدى بىلەن دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇتىلىنى ئىككى يىل مەخسۇس ئۆگەندىم. مەكتەپنىڭ بەلگىلىگەن سەۋىيەسىگە ۋە ئۆزۈمنىڭ ئالاقە ئىھتىياجىمغا يەتكەندىن باشلاپلا ساۋاقداشلىرىمغا قوشۇلۇپ دۇنياۋىي تىللاردىن بىرى بولغان ئىنگىلىزتىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تىل ئۆگۈتۈش مەركەزلىرىگە چاپتىم. بىر قانچە تىل ئۆگىتىش مەركەزلىرىدە دەرس ئاڭلاپ بېقىش جەريانىدا، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە تىل تەربىيەلەش ساھەسىدە ئۆز ئورنىنى تىكلىگەن «سەرخۇش ئىنگىلىزتىلى» تىل تەربىيەلەش مەركىزىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ مەركەزدىكى ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتى، پىسىخىكىسى، مەدەنىيىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرىلگەن ئاساستا ئىنگىلىزتىلى، ئىنگىلىز مەدەنىيىتىنى ئىگەللىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تۈزۈلگەن دەرسلىك بولۇپ، ماڭا دەرسلىك كىتابنىڭ بېشىدىكى كىرىش سۆز ئورنىدا بېرىلگەن ئۇستاز، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئىشىك چېكىلمەكتە، سەن كىم ؟» ناملىق بېغىشلىمىسى ئالاھىدە ياراپ كەتكەنىدى. بولۇپمۇ بېغىشلىمىدىكى ئاخىرقى بىر ئابزاس ئۈزۈندىنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالغانىدىم ۋە كېيىنچە ماڭا بۇ يادا بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئۈزۈندە ئابزاس مۇنداق ئىدى:«

    Language for me

    Uyghur language makes me feel unique, I use it to express my thought and love …

    Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive …

    Arabic makes me to be touched deep in my heart, I use it to clean my soul …

    Well, English makes me feel hope. I use it for better life and better opportunity …

    (تەرجىمىسى:

    ئۇيغۇرتىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي – پىكىرلىرىمنى ۋە مۇھەببىتىمنى ئىپادىلەيمەن ...

    خەنزۇتىلى ماڭا جىددىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن ...

    ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن ...

    خوش، ئىنگىلىزتىلى مېنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن ...)

    چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنە. بۇ ئەنئەنىنى پەقەت ئۆزىنى ياخشى تونۇغان ۋە تونۇتقان ئەۋلادلارنىڭ قولىدا نۇر چاچىدۇ.

    ئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۈچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى! ».

     

       دەرسنى بىزگە دەرسلىكنى تۈزگۈچى ياش ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزى ئۆتەتتى. ئۇنىڭ قىزغىن، يۇمۇرلۇق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغرۇلغان ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مىتودى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغانىدى. تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇشتىن باشقا بەزى ئالاھىدە لىكسىيە، مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك كەيپىيات ھاسىل قىلغان ئىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن، جالالىدىن بەھرام، ئابدۇلئەھەد بەرقى، ئۈمىد غىنى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق قىزىق نۇقتا ئەدىبلىرىدىن باشقا يەنە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزىمۇ ئۇيغۇرتىلى – ئىنگىلىزتىلىدا قوش تىللىق لىكسىيەلەرنى سۆزلەيتى. لىكسىيە تىمىلىرى تولىمۇ ئاكتىئۇئال بولۇپ، ھەر قېتىملىق لىكسىيەدىن كېيىن بالىلاردا بىر خىل جانلىنىشنى، ئىلمىي كەيپىياتنى ھېس قىلاتتىم.زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ شۇ ۋاقىتتا سۆزلىگەن لىكسىيەسىدىن «قۇرىۋاتقان تەپەككۈر دەرىخى قاچانمۇ كۆكلەرسەن ؟!» دېگەن لىكسىيەسىنىڭ غۇلغۇلىسىنىڭ خېلى كۈچلۈك بولغانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

     

    مانا ھازىر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئۆزىنىڭ شۇ ئىزدىنىشچان روھنىڭ تۈرىتكىسىدە مۇقىم خىزمىتى، بەختلىك ئائىلىسى، خىلى ياخشى بولغان ئىقتىسادىي مەنبەسىنى تاشلاپ ياقا يۇرتقا، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ۋەتەننى، يۇرتىدىكى ئۆزى سۆيگەن، ئۆزى ئىخلاس قىلغان خەلقىنى ئۇنۇتمىدى. ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ رېئاللىقىدىكى مەسلىلەرنى ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان ئىلىمي ئۇسۇللار ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

    تىل ئۆگۈنۈش بىر جاپالىق جەريان. ئۇنىڭغا چىدام، غەيرەت، ئىزچىللىق، ئالاھىدە قىزغىنلىق،  ساغلام پىسخىكا ۋە رىقابەت تۇيغۇسى بولىشى كېرەك. ماڭا نىسبەتەنمۇ بۇ ئاسانغا توختىمىدى. تا ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم تاشلاپ قويۇپ، يەنە بىر قانچە قېتىم قولغا ئالدىم. ھەر قېتىم تىل ئۆگىنىشتىن زېرىكىپ ياكى چارچىغىنىمدا يۇقارقى ئۈزۈندە ماڭا تىل ئۆگۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتا ھېس قىلدۇرۇپ، ماڭا يەنە يىپ – يېڭى بىر تۇيغۇ ئاتا قىلدى. قانداقلا بولمىسۇن، چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ شاراپىتىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى كەسپى ھاياتىمغا يول ئاچتىم. ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىم بويىچە ئىنگىلىزچە ئەدەبىيات تور بەتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، دۇنياۋىي ئەدەبىيات بىلەن جۈملىدىن ئىنگىلىزتىلى ئەدەبىياتى بىلەن ئۆز تىلىدا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. ئۆزۈممۇ ئىنگىلىزچە ئەسەر يېزىشنى مەشق قىلىپ يۈرۈپ، ئىنگىلىزچە شېئىرىيەت مۇنبەرلىرىدە بىر قانچە پارچە ئىنگىلىزچە ئەسىرىمنى ئېلان قىلدىم. بۇنىڭغا توردىكى ھەر خىل ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ ياخشى باھاسىنى ۋە پىكىرلىرىنى بەردى. 2008-يىلى مارتتا ھىندىستاندىن چىقىدىغان خەلقئارالىق شېئىرىيەت ژۇرنىلىدا بىر پارچە ئىنگىلىزچە شېئىرمۇ ئېلان قىلدۇردۇم.(بۇنى مەنمۇ توردىن كۆردۈم. بۇ توغرىسىدا بىلقۇت، سۇمرۇغ، ئىجادىيەت قاتارلىق ئۇيغۇرچە تورلاردا ئۇچۇر بېرىلگەن). تىل ئۆگىنىشنىڭ بۇ قاتارلىق خۇشاللىقلىرى ئۇنىڭ جاپاسىنى يېڭىپ كەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چەتئەل تىلىنىڭ ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىدىن، بۇ پۇرسەتلەردە جەمئىيەت ئۈچۈن ئاز - تولا ئۆز نەتىجەمنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغانلىقىمدىن گۇمان قىلمايمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشمەن.

    مەكتەپ ئالمىشىش

    2005-يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى تامام بولىشىغىلا ئائىلىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن قەشقەرگە يەنى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا مەكتەپ ئالمىشىشقا توغرا كەلدى. ئەگرى - توقاي رەسمىيەتلەردىن كېيىن 10-ئايدىن باشلاپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇمنىڭ كېينكى ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى. ئۆز يۇرتۇمدا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان مەكتەپ مۇھىتىدا ھېس قىلغانلىرىممۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقتى. ئۈرۈمچى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋىيلىق چۇقانلىرىدا ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ، بۇ شەھەرگە جايلاشقان رايۇنىمىزدىكى ئون نەچچىلىگەن چوڭ ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ، تېخنىكوملارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى ئالاھىدە ئىزدىنىشچان، قىزغىن، زامانىۋىيلىققا، يېڭىلققا ئىنتىلشچانلىقى بىلەن بۇ شەھەرگە مەلۇم مەنىدىن خاراكتېر ئاتا قىلغان ئىدى.

    قەشقەر بولسا تازا ئوخشاپ كەتمەيتى. بۇ شەھەردە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئۆز كۈچ ھەيۋىلىرىنى سېلىشتۇرىۋاتقاندەك شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تار كوچىلىرى بىلەن ئىگىز بىنا، كەڭرى ئاسفالىت يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ شەھەردە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ بولۇپ، باشقا بىر قانچە ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاللىقاچان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ تاقىلىپ قىلىش ھالىتىدە ئىدى. قەشقەردە ۋاقىت خۇددى شائىر ئادىل تۇنياز ئېيىتقاندەك ئاستا ئۆتەتتى. ياق، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمى بىر قەدەر ئاستا ئىدى.

    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي كەيپىياتى، رىقابەتچانلىقى ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يەتمەيتى. بۇ مېنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە جەمئىيەتتە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان چەتئەل تىلى، كومپىيۇتېر ئۆگىنىش دولقۇنى بۇ يەردە تېخى ئەمدىلەتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يۈزلىنىشدە ئىدى. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى سىنىپىمدا ئوتتۇز ئىككى ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىگىرمە بەش بالا ئاللىقاچان چەتئەل تىلىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاساسقا ئىگە بولۇپ بولغان بولۇپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇدىكى سىنىپىمدىكى ئاتمىش بەش بالىنىڭ ئىچىدە تۆتلا ئوقۇغۇچى ئىنگىلىزتلىنىڭ دەسلەپكى ئاساسنى تاماملىغان ئىدى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىمۇ ئىلمىي يىغىلىشلار، لىكسىيەلەر بىر قەدەر سۇس ياكى يوق دېيەرلىك ئىدى.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە قەشقەردە، جۈملىدىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى مەركەز قىلىپ بىر تۈركۈم تىل – تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ خىلى كۆلەم ھاسىل قىلدى. مانا ھازىر بۇ يەردىمۇ چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈش خىلى ئومۇمىيلىققا ئايلاندى. بۇ يېڭى دەۋىرنىڭ ئالىي مەكتەپ ياشلىرىدىن كۈتىۋاتقان تەلىپى ئىدى. ھۆكۈمەتمۇ يىلدىن – يىلغا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمۇ شۇنىڭ تەسىرىدىن ئىدى. مانا ئەمدى قەشقەردىمۇ ئالدىراشچىلىق. تۇرمۇش رېتىمى بۇ يەردىمۇ تىزلىشىپ كەتتى. شۇنداق، زامانىۋىي جەمئىيەت ھەممىمىزنىڭ قەدەملىرىمىزنى ئىتتىكلىتىپ يېتىشىپ مېڭىشىمىزنى، مۇمكىن بولسا ئالدىن يول ئېچىپ ماڭىدىغان ئىزچىلارغا ئايلىنىشمىزنى تەلەپ قىلماقتا. قېنى ئەمدى سىزمۇ قەدىمىڭىزنى ئىتتىكلىتىڭ دوستۇم. بۇ خۇددى ئابدۇقادىر داموللام ئېيىتقاندەك:«

    بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەگەكلىك زامانى، جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋرى؛ سۇسلۇق ۋە بىكار تەلەتلىك ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىش ۋاقتى ...».

     زامان چاقىرماقتا، ياخشى ئىشلار ئۈچۈن تىرىشىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسپ ئىزگۈ نەتىجە ھەممىمىزگە نىسىپ بولسۇن.

    تۈگىدى.

     

    ئاپتۇر : ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    ئادرىسى : شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.