ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:24:29

ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 33. ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ماگېنىت ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺑﻮ...



     

     ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 3
    3. ﻧﯩﺴﭙﯩﻴﻠﯩﻚ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﻮﻝ
         ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﻣﯜﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ماگېنىت ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻗﯘﻣﺪﺍ ئاپتاپ سۇنغاچ ماگېنىت ﺗﯧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ. ماگېنتنى ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﭘﻼﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ماگېنىت ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ يېپىشتۇرۇپ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ. ﺗﻮﭘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻗﯘﻡﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺩﺍﻧﭽﯩﻼﺭ قېلىپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ماگېنتنى ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﻪﺭﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ.
    ﺗﺎﻛﻰ ئوتتۇرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ دەرىسىنى ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ بىلىۋالدىم. ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺩﻩﻝ ماگېنتنىڭ ماگېنت ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺒﺎﺭﻩﺕ.
         ئىنسانلارنىڭ ماگېنىت ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺧﯧﻠﻰﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺭﻩﺏ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ماگېنىت ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ كېمىلەرنى ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ماگېنىتلىق ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ئىگە. ﺳﯜﺭﻛﻪﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﻩﺭﻩﺕﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ بۇرۇنلا  ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.
        19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرىغىچە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ جەمئىيىتىدە ﻛﻮﻟﯘﻥ، ﮔﺎﺋﯘﺱ، ﺋﺎﻣﭙﯩﺮ، ﮬﯧﺮﺗﯩﺲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ماگېنىت ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﯩﺪﻯ، لېكىن ماگېنىت ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.
        19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ئوتتۇرىلىرىغا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﮬﯧﺮﺗﯩﺲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﻛﻨﯩﯔ ماگېنت ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ. فارادىي ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ماگېنت ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﺘﻪ ﺗﻮﻙ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ. ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ماگېنىت ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.

    1858-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻮﺗﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻣﺎﻛﺴﯩﯟﯦﻞ فارادىي، ﺋﺎﻣﭙﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ماگېنىت ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ماگېنت ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ماتېماتىكىلىق ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﮕﻪﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ - ماگېنىت ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ماگېنىت ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ماگېنىت ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻛﻮﺋﻮﻣﺪﯨﻜﻰﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ تېزلىكى سېكونتىغا ئۈچ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ كېلومېتىر ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ ماگېنىت ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ تېزلا ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﺪﻯ.
        ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﮬﺎﯞﺍﻧﻰ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ - ماگېنىت ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰﯞﺍﻛﻮﺋﻮﻣﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟
        فارادىي ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﺋﯧﻔﯩﺮ " ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯧﻔﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺭﯨﺴﺘﻮﺗﯩﻞ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ زېمىننىڭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵﺋﯜﭼﯜﻥ "ﻳﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ﺳﯘ، ﺋﻮﺕ، ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻔﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ" ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻰ فارادىينىڭ ﭘﯩﻜﺮﯨﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﺍﻛﻮﺋﯘﻡ ﺋﯧﻔﯩﺮ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻓﺎﺭﺍﺩﻯ ﺋﯧﻔﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ-ماگېنىت ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮ-ماگېنىت ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺋﯧﻔﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻔﯩﺮﻏﺎﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ تېزلىكى سېكونتىغا  ئۈچ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ كېلومېتىر ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.
        لېكىن ﺋﯧﻔﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. كىلاسسىك فىزىكا قائىدىسىگە ئاساسەن دولقۇن ۋاستە قىلىپ تارقىلىدىغان ماددىنىڭ زىچلىقى قانچە چوڭ بولسا دولقۇننىڭ تېزلىكى شۇنچە چوڭ بولاتتى. بۇ بويىچە بولغاندا سېكونتىغا ئۈچ يۈز مىڭ كېلومىتىر بىلەن تارقىلىدىغان دولقۇنغا نىسبەتەن ئېفىرنىڭ زىچلىقى غايەت چوڭ بولىشى كېرەك. قارىماققا «ماسسىسى يوق» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن ئېفىر بۇ تەلەپكە ئانچە ماس ئەمەستەك. يەنە بىرى، يەر شارى قاتارلىق سەييارىلەر ئېفىر ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا قارشىلىق كۈچى تۈپەيلىدىن ھەرىكىتى بارا-بارا ئاستىلاپ كېتىشى كېرەك. ئېفىر تەلىماتى بۇنى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى.
        لېكىن نىيوتون فىزىكا دۇنياسىغا قاتتىق ئىشىنىدىغان نۇرغۇن ئالىملار بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى، كۆپلىگەن تېڭىرقاشلاردىن كېيىن ئامېرىكا تەجرىبە ئالىمى مايكىلسون ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقماقچى بولدى، شۇنداق بولغاندىلا ئېفىر تەلىماتىغا باشقىچە پىكىردە بولغۇچىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغىلى بولىدۇ -دە. نۇرنىڭ دولقۇنلۇق تەلىماتى گەرچە نىيوتون دەۋرىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن نيوتون زەررىچە تەلىماتىنى ياقلىغان بولغاچقا، نىيوتوننىڭ نامىنىڭ تەسىرىدە نۇرنىڭ دولقۇنلۇق تەلىماتى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەنىدى. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نۇرنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتلىرى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئېرىشتى ۋە ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر - ماگېنىت دولقۇنى تەلىماتىنىڭ تەسىرىدە نۇر بىر خىل ئېلىكتىر - ماگېنىت دولقۇنى دەپ ئېتىراپ قىلىنغانىدى. قارىغاندا قۇياشتىن مىنۇت سېكونتلاپ  ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋاستە.
         ھەممىمىز مۇنداق ھادىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز: ئالدىمىزدا بىر دوستىمىز بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان، بىزمۇ ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىۋاتقان بولساق بىزگە نىسبەتەن دوستىمىزنىڭ تېزلىكى ئەمىلىيەتتە دوستىمىزنىڭ يەرگە بولغان تېزلىكى بىلەن بىزنىڭ يەرگە بولغان تېزلىكىمىزنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ. ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتىلغان نۇرنىڭ نەزەرىيە تېزلىكى پەقەت ئېفىرغا نىسبەتەن ئېيتىلغان، يەر شارى ئېفىردا سېكونتىغا 30 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا يەرشارىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بىلەن باشقا بىر يۆنىلىشتىكى نۇر تېزلىكىنى ئۆلچەپ پەرقىنى تېپىپ چىقالىساقلا بولدى. ئەمىلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا نۇرنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى ناھايىتى قوپال بولۇپ خاتالىق پەرقى چوڭ، بۇ تەجرىبىنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسىنى قاندۇرالمايىتتى. شۇڭا مايكىلسون بىر ئەپچىل ئۇسۇلنى لاھىيىلەپ چىقتى. يەر شارى شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بىز شەرىقتىن كەلگەن نۇر بىلەن شىمالدىن ياكى جەنۇپتىن كەلگەن نۇرنىڭ تېزلىكىدە پەرق بارلىقىنى ئىسپاتلىساقلا بولدى، نۇرنىڭ ئەمەلىي تېزلىكىنى ئۆلچەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

    شۇنىڭ بىلەن مايكىلسون 1881-يىلى تەجرىبە ئۈسكۈنىسى قۇراشتۇرۇپ ئاۋۋال بىر دەستە نۇرنى يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەينەك ئارقىلىق ئىككى يۆنىلىشكە ئاجراتتى (شەرىق ۋە شىمال ئۆز ئارا تىك بولغان ئىككى يۆنىلىش)، ئىككى يۆنىلىشتىكى نۇر قارشى تەرەپتىكى ئەينەكتىن قايتقاندىن كېيىن يەنە يانتۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەينەك ئارقىلىق ئوخشاش يۆنىلىشكە بۇراپ بۇ ئىككى نۇر دەستىسىنىڭ پەرقىنى كۆزەتتى. ئەگەر ئېفىر مەۋجۇت بولسا شەرىقتىن كەلگەن نۇر بىلەن شىمالدىن كەلگەن نۇرنىڭ تېزلىكىدە پەرق بولىشى كېرەك. چۈنكى يەرشارى شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا يەرشارىنىڭ ھەرىكىتى تەسىرىدە شەرىقتىن كەلگەن نۇرنىڭ تېزلىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، شىمالدىن كەلگەن نۇر بولسا ئەسلىدىكى تېزلىكى بويىچە تارقىلىۋېرىدۇ.
         كۆپ قېتىملىق كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئىككى يۆنىلىشتىكى نۇرنىڭ تېزلىكىدە قىلچە پەرق يوق! كېيىن 1887-يىلى مايكىلسون مولېي بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرقى تەجرىبىنى يەنە قايتىدىن ئىشلىدى، لېكىن نەتىجە يەنىلا ئوخشاش. مايكىلسون ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى ئېلان قىلىپ باشقا تەجرىبە ئالىملىرىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا نەچچە داڭلىق فىزىكا تەجرىبە ئالىملىرى مايكىلسون تەجرىبىسىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقتى ۋە بىردەك ھالدا نازۇك تەجرىبە سايمانلىرى ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغان مەشغۇلات ئارقىلىق تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
        تەجرىبە ئاسانلا گۇمانغا ئۇچرايتتى، چۈنكى فىزىكىلىق تەجرىبىلەر دائىم ئەسۋاپنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. خاتا تەجرىبە تۈپەيلى بىر مەزگىل زىلزىلە پەيدا قىلغان يالغان كەشپىياتلارمۇ ئاز ئەمەس. ئىقتىدارلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى شۇكى ئۇلار قايسى تەجرىبە ئىشەنچلىك، قايسى تەجرىبىنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى بىۋاستە سېزىم ئىقتىدارىغا ئىگە.
        كۆپ قىسىم فىزىكا ئالىملىرى مايكىلسون تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىنى رەت قىلىۋاتقان شارائىتتا، دانىيەلىك فىزىكا ئالىمى فىتىگرالىد بۇ تەجرىبە نەتىجىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەگەر جىسىم ئېفىردا ھەرىكەت قىلغاندا ئۇزۇنلىقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغاندا بۇ تەجرىبىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەينىدىنلا لورىنتىس، پويىنكار، لارمور قاتارلىق ئالىملار فىتىگرالىدنىڭ پىكرىنى قوللاپ جىسىملار ئېفىردا ھەرىكەت قىلغاندا ئۇزۇنلىقى قىسقىرايدۇ، ئېفىردا ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت ئاستىلايدۇ دەپ پەرەز قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
        بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگىنى بولسا كۆپچىلىك نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا كۆرگەن ھادىسىگە ئوخشاش بىر ھادىسە. خۇددى نيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن كېپلىر قانۇنى نيوتون قانۇنىنىڭ بىر نەتىجىسىگە ئايلانغا ئوخشاش 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بويىچە ئەمدى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ئۇزۇنلىقى قىسقىراش، ھەرىكەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاش ھادىسىلىرى بىر پەرەز ئەمەس بەلكى نىسپىيلىك پىرىنسىپىنىڭ ئىككى ئاساسى پەرىزى ئاساسىدىكى ئىشەنچلىك يەكۈنگە ئايلاندى. ئەينى ۋاقىتتا لورىنتىس، پويىنكارلار نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى، لېكىن بۇ قېتىملىق بىلىش يۈكسىلىشى ئۇلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلاندى، بەلكى بۇ كىشىنىڭ فىزىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەسىرى ئىلگىرىكى بارلىق كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشتى. خۇددى پۇلىنسىتون شەھىرىدىكى بىر فىزىكىدىن قىلچە خەۋىرى يوق بىر كىشىدىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئىجاتچىسى بولمىش بۇ كىشىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرىنى سورىغىنىدا «مەن پىروففېسېسسورنى ئويلىسام ئۆزۈمنى دۇنيادا يالغۇز ھىس قىلمايمەن» دېگىنىدەك بىر ئۆمۈر فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ كىشىنىڭ كىشىلەرگە بولغان تەسىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ، پادىشاھلار بىلەن تەڭ ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىگە يەتتى. ئەلۋەتتە تونۇشتۇرۇش بىھاجەت، بۇكىشى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم پەيلاسوپلارنىڭ بىرى بولمىش ئالبېرت. ئېينىشتېيىن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېينىشتىيىن _