ئاتا-ئانا ۋە بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىر

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-13 19:20:00

ئاتا-ئانا ۋە بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىر ئاياللارنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى، مىللەتنى ھالاكەتكە ـ ئۈمىدسىزلىك، مۇھەببەتسىزلىك ۋە ئۆز-...

    ئاتا-ئانا ۋە  بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىر

          ئاياللارنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى، مىللەتنى ھالاكەتكە ـ ئۈمىدسىزلىك، مۇھەببەتسىزلىك ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەنسىتمەسلىككە ئاخىرى بېرىپ باشقا قەۋمنى چوڭ بىلىپ، ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ يوقىلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ. مەرىپەتلىك تەقۋادار ئانىلاردىن بۇيۇك زاتلار توغىلىدۇ. ئاياللار كىيىم-كېچەككە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىغا ئىلىمگە، كىتابقا شەيدا بولغاندا، ئاندىن ئالىم دوكتۇرلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيىتى، ھاياتىمىزنىڭ داۋامى بولغان يۈرەك پارىلىرىمىزنى جاپالىق ئەجىرىمىز، مىھنىتىمىز ئارقىلىق زېمىننىڭ خوجىلىرىغا ۋە قابىلىيەتلىك ئىز باسارلىرىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلىيادۇر. ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى قۇسۇرسىز، مۇكەممەل دەپ بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ راستچىل، سەمىمى، ئىرادىلىك بولۇشى پەرزەنتلەر قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا، تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى، تەرتىپى، قانۇنىيىتى مۇشۇنداق بولىدىكەن دېگەن تونۇشقا كەلتۈرىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىغا ئاتىغان ۋاقتىنىڭ ئاز-كۆپلىگى، ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى، بالىغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە كۇپايە... ئاتا-ئانا بالىلارغا مېھرى مۇھەببىتىنى ۋە بارلىقىنى تەقدىم ئېتەلەيدۇ، بىراق ئۇلارنى ئارزۇ-ئارمانلىرنىڭ داۋامى قىلىپ ئۆز ئوي خىياللىرىنى پەرزەنتلىرىگە مەجبۇرى تېڭىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

           ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئۆز ئوقىدىن ئېتىلغان ساداق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئىلاھقا بولغان چۈشەنچىسى، ھەر قاچان ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئادەمىلىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈملۈك، ئەپۇچانلىقى، بالىلارغا ياراتقۇچىنى شەپقەتلىك، سەۋرچان، مېھرىبان ھالەتتە تونۇتىدۇ. ئەكسىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھرىبانلىقىغا ئىرىشەلمىگەن بالا ھاياتنى جاپالىق، دۇنيانى رەھىمسىز دەپ چۈشىنىدۇ. بالىلارنىڭ دۇنياسى مېھرى مۇھەببەتكە، ئەقىدىگە تولغاندا، دۇنيا ئۇلارغا شۇنداق سېھىرلىك، گۈزەل كۆرىنىدۇ. ئۇلارغا ئارزۇ ئۈمىد يۈك ئەمەس، بەلكى ماياك - ھايات مەنزىلىنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولىدۇ. ئەي ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى دۇنياسىنىڭ رەڭدارلىقى ئۈچۈن، كۆپرەك ۋاقتىمىزنى، زىھنىمىزنى چىقىرىپ ئۇلارنى ھەم ئۆزىمىزنى تەربىيىلەيلى....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق