بىز يەنىلا ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى

يوللىغۇچى : mutallipjan1 يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-19 00:00:00

بىز يەنىلا ئۆزىمىز ھەقىدە ئويلىنايلىمۇتەللىپ ئەھەتباقى«بىر دۆلەتتىكى مائارىپنىڭ قانداق مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلشى ئاساسلىقى ئۇدۆلەتتە قانداق ئادەملەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئ...

    بىز يەنىلا ئۆزىمىز ھەقىدە ئويلىنايلى
    مۇتەللىپ ئەھەتباقى





    «بىر دۆلەتتىكى مائارىپنىڭ قانداق مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشەلشى ئاساسلىقى ئۇدۆلەتتە قانداق ئادەملەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا باغلىق بۇلىدۇ»... روزا مارىيا تورس



    يېقىندىن بۇيان چەتئەل مائارىپى بىلەن ئېلىمىز مائارىپىنى سېلشتۇرما قىلىپ يېزىلغان مۇھاكىمە مەزمۇنىدىكى ماقالىلار ،كىتابلار مائارىپىمزنىك بۈگۇنى ۋە ئەتىسگە كۈڭۈل بۇلۇپ كىلىۋاتقان روھىيىتى سەگەك بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا پايدىلىشىغا سۇنۇلدى ،بۇخىل تۇردىكى ماقالە .كىتابلار بىزگە ئوخشاش ‹‹ئۈزىنئى ئىزدەش بۇسوغىسىدا››تۇرۋاتقان بىر خەلىق ئۈچۈن يول باشلىغۇچى ماياك بولالايدۇ ئەلۋەتتە، لىكىن بىز چەتئەل مائارىپىنى يەنە يۈز يىل تەتقىت قىلغان كۆككە كۈتۈرگەن بىلەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى مائارىپى ھەققىدىكى ئويلىنىشىمىز ،تەپەككۇرىمىز توختاپ قالسا ئۇھالدا بىزنىڭ باشقىلار ئۈستىدىن ئىرىشكەن خۇلاسە نەتىجىلىرممىزنىڭ بىز ئۈچۈن ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ،چۈنكى ئۆزى ھەققىدە مۇكەممەل تونۇشقا ئىگە بولماي تۇرۇپ باشقىلار نى دوراش ،باشقىلار ھەققىدە سۆزلەش يىڭىچە نادانلىق.دىمىسىمۇ ئۆزىمىزدەئويلىنىشقا ،تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار،بۇمەسىلىلەر بىرنىڭ قانغۇدەك يەتكۈچە مۇھاكىمە ،مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىشىمىزغا ئىشىپ قالىدۇ،شۇڭا مەن يەنىلا ئۆز مىللى مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك بىرقىسىم مەسىلىلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپمىزغا،ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى سۆزلەشنى راۋا كۆردۈم.



    ئېچىمىزدىكى ياسالمىلىقلار ئادەتتە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ‹‹ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى يولداشلارنىڭ مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۆزىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز›› ...دىگەنگە ئوخشاش سەمىمى شۇئارلارنى ئۇچىرىتىپ قالىمىز. بۇخىل شۇئارلاردا قارىماققا شۇمەكتەپنىڭ سەمىمىيىتئى ئەكىس ئەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاسقىنى ياسالمىلىقنىڭ قىپقىزىل بەلگىسىدىن ئىبارەت خالاس.چۈنكى بۈگۈنكى كۈندىكى مائارىپ ھەرگىزمۇ يۇقۇرى دەرىجلىك رەھبەرلىككە ۋە ياكى ھەرخىل تەكشۈرۈش مۇپەتتىشلەرگىلا ئئېچىۋىتىلگەن مائارىپ بولماسلىقى بەلكى ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانىلارغا،جەمئيەتكە ،ئاشكارە ئېچىۋىتىلگەن مائارىپ بولوشى زۆرۈرئىدى،ئەپسۇس بۇ مائارىپىمىزدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس بەلكى رەھبەرلىكنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى ئىشلەش ئېڭىنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئادەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى.ئاددىسى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك تۆۋەن قاتلامدىكى خىزمەتلەرنى ھىچقاچان مەخپى تەكشۈرۈپ كۆرمەيدۇ،ئەكىسچەتەكشۈرۈشكە بىرىشتىن بۇرۇن ئالاھىتەن ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاندىن سۈر ھەيۋە بىلەن كىلىشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە ئوقۇشنى قايرىپ قويۇپ تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش جىددى تەييارلىق ھەربى ھالىتى يۈرگۈزىلىدۇ ،بەزى ئىشلار،بەزى قانۇنلار شۇكۈنلىكىلا ئىجىرا بولىدۇ،شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ،ھەركۈنلىكى تەكشۈرۈش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ.مائارىپ مۇپەتتىش تارماقلىرىمۇ ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ،ئوقوغۇچىلارمۇ بۇخىل ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن،بۇخىل ياسالما،سۈنئىي ئۇسسۇلدىكى تەكشۈرۈش-تەكشۈرتۈش،ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزىۋىلش مۇناسىۋەتلىرىنى ھەقىقى ئىلىپ بىرىش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ھەل قىلمىساق،تۈزەتمىسەك ،تۈگەتمىسەك بولمايدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.


    رەھبەرلەر تەكشۈرۈپ كۆرگەن شۇۋاقىتتىكى ئەھۋال دەل ئەشۇ كۈننىڭ تۈنۈگۈنكى ۋە ئەتىكى ئەھۋالى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ،مىسالەن: رەھبەرلەر كىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەكتەپ كومپىيۇتېرخانىسى ،كۈتۈپخانىسى ئېچىۋىتىلمىگەن.مالىيە ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئاشكارىلاش جەدىۋىلى چاپلانمىغان،ئوقوغۇچىلار چۈشلۈك تامىقىغا گۆشلۈك پولو ئەمەس سۇيۇقئاش ئېچكەن.مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ چىرايلىرىدا مۇلايىملىق ئەمەس مۇغەمبەرلىك ئەكىس ئەتكەن....دىگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللار پۈتۈنلەي يوقمۇ ئەمەس.يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز ساپا مائارىپى يولغا قويۇلغان لىكىن ئېچىۋىتىلمىگەن بىكىنمە مائارىپ،زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئەمما تەبىئىيلىكتىن يىراقلىشىۋاتقان مائارىپ.يەنى:يەسلى مائارىپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئانا مېھرىگە قانمىغان سەبى بالىلارغا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئەمما ئانىلىق خاراكتىرى يىتىلمىگەن يىتەكلىگۈچلەر قارايدۇ،دەرس بىرىدۇ.تاماق بىرىدۇ،ئوينىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇخىلدىكى تەربىيەلىگۈچىلەر بالىلارغا بىلىم بىرەلەيدۇ لىكىن ئەقىل ئۈگىتەلمەيدۇ،غەمغۇرلۇق قىلالايدۇ ئەمما مېھرىنى بىرەلمەيدۇ.بالا بىقىپ چوڭ قىلىشنى بىر بىنا سىلىشقا ئوخشاتساق ئۇنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمىسا ئۇنەچچەقەۋەتلىك ،قانچە ھەيۋەتلىك بىنا بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىدىن قەتئىنەزەر ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان خەتەرلىك بىنا بولۇپ قالىدۇ،بۈگۈنكى دۇنيادا بالا تەربىيەلەشنى يەسلىدىن ئەمەس ئانا قورسىقىدىكى ھامىلە چىغىدىن باشلاپ تەربىيەلەش لازىملىقى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەھۋالدا مائارىپ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىتىراپ قىلپ ھەرگىزمۇ ياسالمىلىقلارغا قىلچە ئورۇن بەرمەي ،ئۆز-ئۆزىنى چۈشەپ قويماي بىكىنمە ھالەتنى ئۆزگەرتىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرى ،يۇقۇرى –تۆۋەن دەرىجىلىك مائارىپقا مەسئۇل رەھبىرى ئەمەلدارلار،ئاتا-ئانىلار،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلاردىن باشلاپ ھەممەيلەن مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى يىڭىلاپ،ۋە ئۆزگەرتىپ ئۆز-ئۆزىمىزدە ساقلانغان پوزىتسىيە مەسىللىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كۆرۈشىمىز لازىم.يەنى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ،بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىر قىسىم رەھبىرى يولداشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغاتۇتقان پوزىتسىيىسنى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئۆز-ئۆزىگە تۇتقان پۇزىتسىيە مەسىلىلىرىدىكى ساقلانغان ئەھۋاللارغائاساسەن مائارىپىمىزنىڭ جەمىيەت ،ئاتا-ئانا ،رەھبىرى يولداشلار،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئەمەلى مىساللار تېخىمۇ ئېچكىرلىگەن ھالداكۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


    يۇقۇرى-تۆۋەن رەھبىرى يولداشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پوزۇتسىيەسى 2009-يىلى2-ئايدا يۆتكىلىش ئىلتىماسىم ۋىلايەتتىن تەستىقلىنىپ ئۇقتۇرۇش قىلىندى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنۇم تۇرۇشلۇق ناھىيە ھاكىمىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ماڭا ئوخشاش تەستىق كۈتۈپ تۇرغان ئوتتۇز-قىرىق نەپەرگە يىقىن ئوقۇتقۇچى بىلەن ھاكىمنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم.ھاكىممۇ كەلدى،ھەممەيلەننىڭ تەستىق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كىيىن ئەلپازى يامانلاشتى،قولىغا تېلىفۇننى ئالدى-دە ۋارقىراشقا باشلىدى:‹‹ماۋۇ بىرنېمىلىرىڭنى بۇيەردىن تېزدىن ئىلىپ كىتىش ! ھازىر ‹‹ئىككى ئاساسەن›› نى ئاپتۇنۇم رايۇندىن تەكشۈرىمىز دەۋاتسا،مەن كىم بىلەن بۇخىزمەتنى ئۆتكۈزىمەن...››گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي تەسلىكتە ئېرىشكەن خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشمىزدىن قورقۇپ بىر-بىرلەپ قايتىشقا باشلىدۇق.شۇكۇنىدىن باشلاپ بىر –ئىككى ھەپتىگىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاكىمنى ئىزدەپ خەلق ھۆكۈمەت بىناسى ئېچىگە كىرىشى چەكلەندى...كىيىنچە ۋەزىيەتمۇ ئوڭشالدى،مەنمۇ يىڭى خىزمەت ئورنۇمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۆتكىلىپ كەلدىم.لىكىن شۇچاغدىكى ئاشۇ ئىش مېنى پات-پات ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ.


    دۆلەت رەئىسى يولداش خۇجىنتاۋ ۋە باشقا مەركەز رەھبەرلىرىمۇ ھەريىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلاش ، ھال سوراش بىلەن بىرگە ‹‹پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش››(خۇجىنتاۋ)كە چاقىرىپ بىزگە ئالاھىدە ئىتىبار نەزىرى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەردە نىمىشقا تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمەلدارلار ئۇنداق قىلالمايدۇ؟!ئەكىسچە بىرقىسىم ناھىيە ،يىزا ،كەنىت ئەمەلدارلىرى بىزنى ھەقسىز ئىشلىتىپ يىسەم،دادا دىگۈزسەملا دەيدۇ؟ مىسالەن،بىر قىتىملىق يىزا بويىچە كەنىت پارنىكلىرىغا ئىشچى –خىزمەتچىلەردىن ئىئانە يىغىش دولقۇنىدا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىئانە پۇلنى بىرەلمەيدىغانلىقىنى يىزا باشلىقىغا بىۋاستە ئېيىتقاندا يىزا باشلىقى ئۇلارنى سەت گەپلەر بىلەن قاتتىق ھاقارەتلىگەن،ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىغا تېلىفۇن قىلىپ مەكتەپ مۇدىرىنىمۇ بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن قورقۇتقان . ئاخىرىدائوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ توغۇرلۇق يۇقۇرغا ئەرىز سۇنماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئىئانە توپلاش ىشىمۇ شۇيەردە توختاپ قالغان...مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەمىلى مىساللار كىشىنى ئاچچىق ئويلىنىشقا مەجبۇرى قىلىدۇ. ئەسلىدە ھەرقانداق يوغان ئەمەلدار ياكى ئاددى پۇخرا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىسى ئوقۇتقۇچىدىن تەلىم ئالغان ،ئېلىم-بىلىم ىۈگەنگەن.ئوقۇتقۇچى ئۆزنۆۋىتىدە ئىنساننىڭ ئەقىل بۇلىغىنى ئاچقان،دىلىنى يورۇتقان تۇنجى كىشى ھىساپلىنىدۇ.لىكىن بۇنى ئېسىدەتۇتالىغانلار ئىنتايىن ئازساندا،شۇسەۋەپلىك جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مەسىلەن:‹‹دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش زالىدا، بانكىنىڭ پۇل مۇلازىمەت كۆزنىكىدە، قاتناش بىكەتلىرىدە...›› ئوقۇتقۇچىلارغا ھىچقانداق بىر ئېتىبار مۇلازىمىتى بىكىتلگىنى يوق .شۇنداقتىمۇ ئوقۇتقۇچىلار بىر سائەتلىك دەرس ئۆتۈش ىۈچۈن قانچە سائەتلەپ خەت يىزىشقا توغرا كىلىدىغانلىقىدىن،ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىدىكى ھەربىر تال خەتنى قانچە رەت كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىدىن،بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاققا،ئېلىمگە دالالەت قىلىش يولىدا زىھنىنىڭ قانچىلىك خورىشىدىن،قانچىلىك جاپالارنى چىكىشىدىن قەتئى نەزەر يەنىلا داتلىمايدۇ. داتلىسىمۇ ناھايتى ئېھتىيات ئىچىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەلەم بىلەن قەغەزيۈزىگە داتلاپ قويۇپ ئۇنىڭدىن تەسەللى تاپىدۇ خالاس. بەزەن رەھبىرى يولداشلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارنىڭ ئېززەت-ھۆرمىتىنى قىلماسلىقى شاھ،گاداي،ھاكىم ،دوتەي،ئالىم ،شائىردىن تارتىپ ئالەم ئۇچقۇچىسى ...ۋەھەممە تەربىيەلىنىدىغان مائارىپنىڭ ئېززەت –ھۆرمىتنى قىلمىغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مەيلى يۇقۇرى –تۆۋەن رەھبىرى ئەمەلدار ،كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ،ئادەم تەربىيەلەيدىغان بۇئاددى كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىشى زۆرۈر. .ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى،بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇچىغىدا ئاجايىپ ئىللىقلىق ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئۆسۈپ يىتىلىدۇ.ئۇلارنىڭ مېھرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ،لىكىن مېھرىگە قانالماي چوڭ بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىككىنچى بىر پەرۋىشكارى بولغان ئۇستازى بالىلارنى ئېللىق مېھرى بىلەن باغرىغا باسىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىنى مېھرى –مۇھەببىتى بىلەن ئىللىتىدۇ.ئەلۋەتتە ئاتا-ئانا بالىغا بەرگەن مېھىرنى ئۇستازى بىرەلمەيدۇ،ئۇستازى بالىغا بەرگەن مېھىرنى ئۆزنۆۋىتىدە ھىچقانداق ئاتا-ئانا بىرەلمەيدۇ.شۇسەۋەپتىن ئاتا-ئانا بىلەن ئۇستاز بالىغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكۈچى بولۇپ قالىدۇ.ئاتا-ئانا بىلەن ئۇستازىنىڭ ياخشى سۆزى،ياخشى تەرببىيسىدە چوڭ بولغان بالا كىيىنچىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ،ئۇستازىنىڭ،ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ.ئەكىسچە بىرەرسىنىڭ تەربىيسى كەم بولۇپ قالغاندا بالىنىڭ ئەخلاقىمۇ ئەكىسچە يىتىلىپ قالىدۇ. دىمەك،بىر بالىنىڭ ياخشى ياكى يامان قىلىقلارنى ،ناچارئەخلاقلارنى يىتىلدۈرۈپ قىلىشىدا ئاتا-ئانا بىلەن ئۇستاز تەربىيىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىرقى جەمىيىتمىزدە بۇنۇقتىغا بەزى ئاتا-ئانىلار سەل قاراپ بالا بىلەن ئۇستازى ئوتتورسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتكە،مۇناسىۋەتگە ئۆز شەخسىيىتىنى ئارلاشتۇرۇپ بالىنىڭ مەكتەپتىمۇ، ئاىلىدىمۇئاكتىپ پۇزۇتسىيىدە ئەركىن ئازادە ئۆسۈپ يىتىلىشىگە زىيانكەشلىك قىلماقتا. يەنى بەزەن بالىلار گەپ ئاڭلىماي ئوقۇتقۇچى تەربىيە قىلسا ياكى قاتتىغراق تىگىپ قويسا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ خاتالىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنى دەرھال تۈزۈتۈشكە بۇيرۇماستىن ئەكىسچە يامان سۆزلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلەيدۇ،ھەتتا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالاھىتەن ھېساب-كىتاپ قىلىشدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇخىل ھالەت ئېچىدە بالا تەبئىىيلا شۇنىڭدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىنى ئۆچ كۆرىدىغان ، ئوقۇتقۇچى بىلەن قەستەن ئۆچەكىشىدىغان يامان خۇينى يىتىلدۈرىدۇ،بالىغا نىسپەتەن مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى تەربىيىسى ،جۈملىدىن ئوقۇش، بىلىم ئېلىش دىگەنلەر مەنىسىز بىرنەرسىگە ئايلىنىدۇ-دە باشباشتاقلىق ئىددىيىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ،يۈگەنسىز كۆندۈرۈلمىگەن ئاتقا ئوخشاش ھەريان چاپىدۇ،كۆپكۆك ئوتلاقتىن،سۈپسۈزۈك بۇلاقتىن ئاتلاپ كەتكىنىنى تۇيماي، چاپچىپ ھارغاندا ،ئاچلىققا ،ئۇسسۇزلۇققا پايلىماي ئەتىراپىدىكى ،يىقىنلا يەردىكى پاكىزە ئەمەس نەرسىلەردىن ئوزۇقلىنىپ قالىدۇ...



    دىمەك ئاتا-ئانىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ھەربىر ئاتا-ئانا بالا بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتورسىدىكى يۇز بەرگەن بەزەن ئەھۋاللارغا نىسپەتەن سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مەسىلىنى يامان تەرەپكە بۇرىماستىن ئۆز-ئارا كىڭىشىش،ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئادەتلىنىشى لازىم. جەمىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيەسى ھېيت-بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىيىم-كېچەك سىتىۋېلىش ۋەياكى باشقا تېجارەت سورۇنلىرىدا بولمىسۇن يۇقۇرى باھا قويۇلغان نەرسىلەرنى سەل مۇۋاپىقراق ئېلىش ىۈچۈن بايۋەچچە خوجايىنلار بىلەن باھا تالىشىپ قالغان چاغلاردا ‹‹ئەجەپ باھا تالىشىپ كەتتىڭىزغۇ؟ سىز ئوقۇقوتقوچىلىق قىلامسىز نىمە؟!...››،‹‹ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش باھا تالاشقىنىڭىز نىمىسى؟؟!!...››دىگەندەك كىنايىلىك سۇئاللارغا دۇچ كەلگەندە جەمئىيىتىمىزدىكى بۇبىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيىسىدىن بىئاراملىق ھىس قىلىپ قالىمەن. جەمئىيەت تەرەققى قىلىپ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ىستىمال ،يىمەك-ئىچمەك،قاتناش ،داۋالىنىش ،تۇرالغۇ... ئەھۋاللىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بۇ مەزگىلدە يەنىلا ياخشىلانمايۋاتقىنى دەل جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تۇتقان پۇزۇتسىيىسى،كۆزقارىشى.بۇنداق بولۇشىغا تارىختىن بىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش ئېلىم تارقاتقۇچىلارنى كىنايە سورۇنلىرىغا سۆرەپ چىقش ھېچقانداق جاھالەت ھىساپلانمايدىغان ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقىمىز.ھەمدە بىزدە بۇگۈنكى دەۋىردىمۇ ئېلىم-مەرىپەتنىڭ قەدرى،ئېلىم ئېگىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغۇدەك ساپا يىتىلمىگەنلىكى سەۋەب بولغان.شۇڭا بۇگۈنكىدەك ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەي كىلۋاتقان جەمئىيىتىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەر ئېلىم-پەننىڭ،ئېلىم-ھېكىمەتنىڭ ھازىر بىز قوغلىشىۋاتقان ،بىھۇدە ىسراپ قىلىۋاتقان بارلىق نەرسىلىرىمىزدىن يۈكسەك ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىشى،ئېلىم ئەھلىلىرى،بىلىم تاراتقۇچىلىرى قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۆگۈنىۋىلىشى بەكمۇ زۆرۈر. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسى بىزئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ‹‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار ،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ››دەيدىغان بىر ماقال بار ،بىزئوقۇتقۇچىلار قاچانكى ئۆزىمىزنى چوڭقۇر چۈشەنمىگۈچە،ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ئىزدەپ تىپىپ تۈزەتمىگۈچە بۇشەرەپلىك نامغا ۋە ئۆز-ئۆزىمىزگە يۈزكىلەلمەيمىز. شۇسەۋەپلىك ئويلۇنۇپ قالىمەن، جەمىيىتىمزدىكى ئوقۇتقۇچى بولغان ۋە ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا ۋە ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىش تۇزۈلمىلىرىگە قاراپ باقىدىغان بولساق ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن بەزىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەمىسىنى ئوقۇتقۇچىلىقا تەقسىملەپ بىرىۋىرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئۈچۈنمۇ ئۇنچىۋىلا كۆپ ..... زۆرىييەت لازىم ئەمەس، يەنى ئۇئادەم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن شاھادەتنامە، خەنزۇتىلى سەۋىيە كنىشكىسى،سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەييار قىلىپ ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئىمتاھانىدىن ئۆتسىلا ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى بولدى دىگەن گەپ.



    ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇلۇشتىن ئاۋال ئاددى بىر ئادەم ،لېكىن ئۇ ئوقۇتقۇچى بولغان دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىدە ئۆزگىرش بۇلۇشى ،ئادەم تەربىيلىگۈچگە خاس پسخىك ساپا،ساغلام تەپەككۇرغا ئىگە بۇلۇشى زۆرۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىغا خاس ھېچقانداق سالاھىيەت ھازىرلانمىغان بولىدۇ. ئۇ سىڭدۇرگەن ئەجىر ياراتقان تۆھپە شان شەرەپلەرمۇ مەڭگۈ ھېچنىمىگە ئەرزىمەس نەرسە ھىساپلىنىدۇ. ئەمدى نەزىرىمىزنى ئوقۇتقۇچى شان -شەرەپ ئاستىدىكى تىنىمسىز پىدالىق بئىلەن جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەۋەتقان ۋە جان ئاغىرتماي ئىشلەۋەتقانلارغا قاراتىساق گاھ خۇشال بۇلىمىز گاھ ئۆكسۈيمىز .ئارىمىزدا ھەقىيقى ئوقۇتقۇچىغا خاس پەزىلەتكە ئىگە ئۇستازلىرىمىزمۇ ئەكىسچ ھايەنكەش،ھاراقكەش،قىمارۋازلارمۇ تىپىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئوقۇتقۇچىلىقنى، ھەقيقى ۋىژدانى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇچۇن قىلىۋاتقانلاردىن ئايلىق تەمىينات ئۈچۈن قىلىۋاتقانلار سانى كۆپراقتەك بىلنىدۇ. شۇڭا بۇ كەسىپنى تاللىغانلار ئىشلەۋەتقانلار كۆپ، سۆيۆنىۋاتقانلار ،كۆيۆنىۋاتقانلار ئاز، ئادىيسى ئۆز يۇرتىمىزدىكى پۈتكۇل مىللەت ساپاسىنىڭ چوڭقۇر يۈكسىلىشىگە ۋە مائارىپىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ناھايتىمۇ شىپالىق يامغۇردەك پايدىلىق بولغان « ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ھېت بايرام ،دەم ئېلىش كۈنى ،كىچە كۈندۈز دىمەستىن ھەممە ئوقوتقىچىلار جاپالىق ئىشلىدۇق، ئىشلەش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدۇقكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئانىسىدىن تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلدى، پەقەت ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇجاپالىق ئەمما شەرەپلىك خزمەتنى مائارىپىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن دەپ تۇنۇپ ھەقىقى ئىشلىدى،جاپالارغا چىدىدى، شۇنىڭدىن كۇرۋىلىشقا بۇلۇدىكى بەزى ناچارلىقلار ئەڭ ئاۋۋال باشقىلارنى تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدىن باشلىنىدۇ .مىسالەن، بەزەن ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرىنى تاماكىغا بۇرۇيدۇ بەزىدە بىللە ئىچىشىدۇ ئوقوغۇچىسى بىلەن توي قىلىدۇ . ھلىھەم ئارىمىزدا بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرىسنى بىلمىسە،بىلەلمىسە بىرەرئىشىنى خاتا قىلسا ئۇلارغا سەمىيمىلىك ۋە سەۋىرچانىلق بىلەن ئۈگەتمەستىن ئەكىسچە ئۇلارنى ھاقارەتلەپ خۇددى ھىندىستان ھىكايە فىلىمى‹‹سەرگەردان››فىلىمىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان جەمئيىتى سەرگەردان راجاغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولىدىغانلار مەۋجۈت .گەرچە بۇخىل ئەھۋاللار ئوقۇتۇش پىرىنسىپلىرىدا چەكلەنگەن بولسىمۇ بەزەن ئوقۇتقۇچىلار قەلبىدە چەكلەنمىگەچكە بۇخىل ئەھۋالللار ئۈزلۇكسىز يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.



    ئۆز ئۇستازى تەرپىدىن ئاز تولا ئىززەتلەنمىگەن ، ساۋاقداشلار ئالدىدا روھى چۈشكۈن بالا ئۆز خۇشاللىقىنى، روھى تەسەللىسىنى مەكتەپتىن ئەمەس تورخانا دىسكو،كىنوخانىلاردىن ئىزدەشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. نەتىجىدە مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىدا چالا تەربىيە كۆرگەن بالا شۇنداق قىلىپ ناچار ئىش ناچار قىلمىشلارنىڭ ئاسانلا سايىپخانى بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا دەيمەن جەمئيەتتىكى بولمۇغۇر قىلمىشلارنى سادىر قىلۋاتقانلار نىڭ جىنايىتىنى پۇتۇنلەي ئائىلە تەربىيىسى ۋە زامان تەرەققىياتغىلا ئارتىپپ قويماستىن بەلكى مەكتەپ ۋە ئۇلارنى تەربىيلىگەن ئوقوتقىچىلارغىمۇ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيەت ئارتىشىمىز كىرەك.چۇنكى ئوقۇتقۇچى تەربىيلىگۈچىنىڭ تەلىم تەربىيە ئەخلاقى پەزىلەت خاراكتىرىنى بايقىغۇچىسى،يىتەكلىگۈچىسى،يىتىشتۈرگۈچىسى. ئۇئۆزى تەربىيەلەپ يىتىشتۇرگەنلەرنىڭ كەلگۇسىگە جاۋاپكار بۇلىشى كىرەك. بولمىسا ئۇئوقۇتقۇچى ئەمەس جىنايەتچىلەرنىڭ جاۋاپكارى، جىنايەتچىسى .شۇڭائوقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئاشۇنداق زور مەسئۇلىيەت ئىڭى بولمايدىكەن ھەم ئاشۇنداق زور مەسئۇلىيەت ئىڭىدە تۇرۇپ ئۇقۇتۇش ئىلىپ بارمايدىكەن ئۇ تەربىيلەنگۇچىلەرنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ قەرىزدارھىساپلىندۇ. ھۈكۆمىتىمىز ھازىرقىدەك مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەققىي غەمخورلۇق قىلىپ مەيلى ئوقۇتۇش تۇزۇلىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇن نىزاملىرى جەھەتتىن بولمئىسۇن ۋە مەيلى دۆلەت سىياسىتى، مەبلەخ جەھەتىن بولمىسۇن ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان،‹‹ پۇتكۇل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئوقۇتقۇچىلارغا كۈڭۇل بۈلۈش ،مائارىپنى خەلىق رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشىلاش›› (خۇجىنتاۋ) تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قۇ يولىۋاتقان،مائارىپقا مىلىيونلاپ پاتمانلاپ مەبلەخنى سېلىۋاتقان مۇشۇنداق ئەۋزەل بىر دەۋەردە ئوقۇتقۇچى ئۈزىنىڭ كەسپى بۇرچىنىلا ئەمەس بەلكى ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلشى بەكمۇ زۇرۇر. گەرچە بىز ئوقۇتقۇچىلانىڭ نۇرغۇن باشقىتىشچىلقى،ئارزۇسى،بولسىمئۇ ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتالغان ئىكەنمىز قىيلچىلىقلارنى يىڭىپ ئۆز ئوبرازىمىزنى ھەقىيقى نامايەن قىلىپ قانداق ياشاشنى مۇنبەردە سۆزلەش بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن كۆرسىتشىمىز زۈرۈر . مەن ھەرقىتىم ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ ھەقىدە ئوي خىياللارغا پاتقىنىمدا ئوقۇتقۇچىلئەق سالاھىيىتىم ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىم ئالدىدا تۇگىمەس سۇئال –سۇراقلار بىلەن قىينىلىمەن ،مەسلەن: مەن ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بۇيان گەرچە ئەتىراپىمىزدىكى مۇھىت ۋە مەكتەپ تۇزۇلمىلىرى دەساقلىنۋاتقان مۇستەبىتلىك سەۋەبىدىن يەنى ھازىرغىچە ئۆز كەسىپىم، بىلىم ساپايىمغا مۇۋۋاپىق بىر سائەتلىك دەرىس ئۆتەلمىدىم، گېزىت -ژورنال پۇلنى نەخ تۆلىسەممۇ قايسى گىزىت –ياكى قايسى ژورنالغا مۇشتەرى بۇلۇش ئەركىنلىكىگە ئىرىشەلممەسلىكىم، مۇشتەرى بولغان گىزىت ژورناللارنىڭ تۇلۇق ۋاختىدە تەگمەسلىكى،ئايالىم ،ئائىلەم،ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ .بەش ناھىيە ئاتلاپ تاغلىق يېزىدىكى ئاشخانا يوق ،قاتنىشى قۇلايسىز بىر مەكتەپتە جاپالىق ئىشلىشىم ھەم بۇجەرياندا بىرەر رەھبەر ياكى مۇدىرنىڭ بىر ئېغىزغەمخورلۇق سۆزىنى ئاڭلاپ باقماسلىقىم... قاتارلىق بەزى ئىشلار مىنى ئازاپلىسىمۇدەرىس مۇنبىرىگە چىققاندا ھەمىنى ئۇنتۇپ كىتمەن. قۇچقاچتەك ۋىچىرلىشىۋاتقان، ماڭا تەلمۇرىۋاتقان ئاشۇ كىچىك ناتىۋانلارنى كۆرگەندە ھەتتا ئۈزۈممۇ ئۇنتۇلىمەن. ئوقۇتقۇچىلىق –ھەقىيقى مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەنە شۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇش دىمەكتۇر ،بۇئۇنتۇش ھەرگىزمۇئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇش دىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇش دىگەندىن ئىبارەت.


    ئاپتور قاراقاش ناھىيە زاۋا يىزىلىق 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.