جۇشقۇن ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقاندا، ئۈلۈم باشلانغان بولىدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 11:29:20

جۇشقۇن ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقاندا، ئۆلۈم باشلانغان بولىدۇ(مۇنارجان تەرجىمىسى)ئۆلۈم توغۇرلۇق گەپتىن ئادەتتە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھەربىر ئادەم بۇ توغۇرلۇق ئۆزى يالغۇز ئويلىنىشنى ياخشى كۆر...

     

    جۇشقۇن ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقاندا، ئۆلۈم باشلانغان بولىدۇ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

    ئۆلۈم توغۇرلۇق گەپتىن ئادەتتە كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ھەربىر ئادەم بۇ توغۇرلۇق ئۆزى يالغۇز ئويلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    مەن ئۆلۈم توغۇرلۇق خېلى بۇرۇنلا ئويلىناتتىم، ئويلىغانسېرى ۋەھىمە ھىس قىلاتتىم. مەن ياشلىق دەۋرىمدىمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغان، ئۇچاغدا ۋەھىمە ھەم قىزىقىش ئارىلاشقان بىر ھىسىياتتا بولغانىدىم، ئۇنىڭدا يەنە رومانتىك تەسەۋۋۇرلارمۇ بار ئىدى. مەلۇم بىر مەزگىل، يېشىم 20 دىن ئاشقان مەزگىللەردە، مەن ھەتتا ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئۆلمەيمەن دەپ قارىغان. كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاخىر قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولساممۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈمنى پاراكەندە قىلىشنى خالىمىدىم. مىنىڭ يەنە بىر ئويلىغىنىم، قەيسەرلىك بىلەن ئويلاش، ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنى ئۆز-ئارا باغلاش كېرەك ئىدى.

    بوۋام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈنلەر پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغلاردا بوۋام بىر پارچە ئاق قەغەزگە قولغا ئاران ئىلىنىدىغان كىچىك قېرىنداش بىلەن بىر كۈن ئۆتسە بىر سىزىق سىزىپ ماڭاتتى، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ-تۆت بولۇپ، كۈن نۇرى ئۆيدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەندە، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا ئېچىنىپ ئۇھ تارتاتتى. ئۇ ئۇھسىنغان ھالدا، ھەي، بۇ كۈن مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى، بۇ كۈن يەنە ئۆتۈپ كەتتى! ۋاقىتنى ھەرقانچە قىلىپمۇ توختىتىۋالغىلى بولمايدۇ، دەيتتى. ياشىنىپ قالغان بوۋامغا ئايان، ئۇنىڭ ساناقلىق كۈنلىرىلا قالدى، بىر كۈن ئۆتسە، ئۇنىڭ ئۆمرى بىر كۈن قىسقىرايدۇ. ئۇنىڭغا شۇمۇ ئايان، بىز ئۇنىڭغا قانداقتۇر ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغۇزۇشقا ئامالسىز، ياكى ئۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىزگە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىشكە ئامالسىز.

    ۋاقىت بوۋامنىڭ يېنىدىن، بوۋام ئۈچۈن ھچنىمىنى توختىتىپ قالالمايدىغان مېنىڭ يېنىمدىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بوۋام ھەركۈنى دىگۈدەك ئۇھسىنغان ۋە چوڭقۇر خىيالغا پاتقان چاغدا، مەنمۇ ئىچىمدە ئىختىيارسىز ئازابلىنىمەن. يەنە بىر ئىشمۇ ئىسىمدە، خېلى ياش چاغلىرىم ئىدى، مەن تۇنۇيدىغان بىر سەنئەتكار ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ، بۇ دۇنيادىن بەخىتسىز ھالدا ئايرىلدى. ئۇ تازا ياشلىق كۈچ قۇۋۋىتىگە تولغان، ئىشلىرى تازا روناق تېپىۋاتقان مەزگىل ئىدى، لېكىن تەقدىرنىڭ قارا كۆلەڭگۈسى ئۇنى مانا مۇشۇنداق ئۆز قوينىغا ئالدى. ياش ئاۋاز تىمتاسلىققا چۆمدى، قىزغىن مېڭە ئىشلەشتىن توختىدى، ئەجەل ئىلاھى كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ يىگىت ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىنىڭ پەزەنتى ئىدى، ئاجيىپ ئۆتكۈر ئىدى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەلتۈرۈشى ئېنىق ئىدى. لېكىن، ھازىر شان-شەرەپ دېگەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. تىمتاسلىققا چۆمگەن قەبرە چەكسىز گۈزەل ئارزۇلارنى دەپنە قىلىۋەتتى، مىسكىن قەبرە تېشى بارلىق گۈزەل ئارزۇلارنى دەپنە قىلىۋەتتى، مىسكىن قەبرە تېشى بارلىق گۈزەل ئارزۇلارنى دەپنە قىلىۋەتتى، مىسكىن قەبرە تېشى بارلىق گۈزەل خياللارنى تارقىتىۋەتتى.

    بۇلتۇر كۈزدە ئۇنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كەلگەنىدىم. ئەينى چاغدا، ئەتراپتا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇراتتى، يېقىن ئەتراپتىكى سەھرادىن قەسىدىچىلەرنىڭ يېقىملىق قەسىدىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، لېكىن مىنىڭ قەلبىم ھەسرەت بىلەن تولغان، تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق بولغانىدىم.

    كىشىلىك ھايات ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە نەرسە ئىكەن. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم، ئۇزۇن ئويلاندىم. لېكىن، كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، غەلىتە تۇيغۇ ئاجىزلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۆلۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھايات ھەرگىز يېڭەلمەيدىغان بىر مەيدان قىمار ئىكەن. يەنە كېلىپ، ياشاش دىمەك جاپالىق ئىشلەش، ھەرخىل ئازاپ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش دېمەك ئىكەن، ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ياستۇققا باش قويغۇچە شۇنداق بولىدىكەن. تۇرمۇش تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا جاپالىق. دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بوۋاقىنىڭ تۇنجى نەپەسنى ئېلىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ياشانغان ئادەمنىڭ ئاخىرقى تىنىقىنى يۇتمىقىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ئازابلىق. لېكىن، ئادەم ئەجەل ئىلاھىنىڭ قوينىغا ماڭغاندا، كەينىگە تارتىشىدۇ، قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەيدۇ، بۇ دۇنياغا كۆزى قىيمايدۇ.

    شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ، ئەجەل ئىلاھى ناھايىتى مۇلايىم، ئادەمنى ھەقىقىي ئازابلايدىغىنى پەقەت تۇرمۇش. مەسىلەن، دۇنيادا قىلىشقا تىگىشلىك شۇنداق كۆپ ئىش بار، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش. سۆزلەپ كەلسەك ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ، موشۇ خىزمەت دىگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىلا ئادەم ھەركۈنى سەككىز سائەت ئىشلەيدۇ، يەنە كېلىپ، ئۇ ھەركۈنى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. ئەمما كىشىلەر بىر كۈندە سەككىز سائەت تاماق يىيەلمەيدۇ، سەككىز سائەت ئىچىملىك ئىچەلمەيدۇ، قىز-يىگىتلەر سەككىز سائەت ئويۇن تاماشا قىلالمايدۇ. لېكىن، بىز يەنىلا ھاياتنى قىزغىن سۆيىمىز، ئۆلۈمدىن نەپرەتلىنىمىز. بۇ نۇقتىنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟

    ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق باشتىن-ئاخىر بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

    ئەجەل تېخى كەلمىگەندە، بىز ئاستا-ئاستا قېرىلىققا قاراپ ماڭغان بولىمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۆلۈمنى ئەخمىقانىلارچە ۋە ئاجىزلارچە ۋەھىمىلىك ئىش دەپ قارىغاندىن كۆرە، ئۇنىڭغا سالماق نەزىرىدە قارىغان ئەلا، ئۇنى كىشىلىك ھاياتتا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسە، بۇ دۇنيادىكى گۇناھلىرىمىزدىن ساقىت بولۇش دەپ قارىغىنىمىز ياخشى. يەنە كېلىپ كىشىلىك ھاياتتىكى ھەرخىل ۋەھىمىلەر ئۆلۈمدىن ۋەھىمە يەپلا يۈرىدىغان ئادەم ئۈچۈن ھىچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ.

    ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ___ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.