ئەدەبىيات بىزگە زۆرۈر ئەمەسمۇ؟

يوللىغۇچى : BahtiyarParhat يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-04 13:19:00

ئۆتكەندە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا كىتىۋىتىپ مەندىكى ئاكام ماڭا سوۋغا قىلغان >چۆلدە بوستان<فىلىمىنىڭVCDپىلاستىنكىسىنى ماشىندىكى ئەسلىدە قويىلىۋاتقان فىلىملەردىن زىرىكىپ ئۇلارغا قۇيۇشقا بەردىم....

           ئۆتكەندە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا كىتىۋىتىپ مەندىكى ئاكام ماڭا سوۋغا قىلغان >چۆلدە بوستان<فىلىمىنىڭVCDپىلاستىنكىسىنى ماشىندىكى ئەسلىدە قويىلىۋاتقان فىلىملەردىن زىرىكىپ ئۇلارغا قۇيۇشقا بەردىم.گەرچە بۇ فىلىمنى بۇرۇن كۈرۈپ باققان بولساممۇ،لىكىن كىچىك ۋاقتىم بولغاچقمىكىن ۋەقەلىكلىرى ئانچە ئىسىمدە قالماپتۇ.بۇ قىتىم بۇ فىلىمنى كۈرۈپ شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندىمكى گەرچە مەنمۇ ۋوللىۋودنىڭ نۇرغۇن ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرشكەن فىلىملىرىنى كۈرگەن بولسساممۇ بۇ 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىشلەنگەن سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىگى شۇ يىللاردىكى ۋوللۋود فىلىملىرى بىلەن ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بۇ فىلىم مىنى شۇنچىلىك ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى.ئىچىدىكى ئەركىن قۇتبى ئاكىمىز ئېيىتقان ناخشىلار،شۇ دەۋىردە ئەڭ مودا سانىلدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ياشلىرىمىز، ئىچىدىكى دىئالوگلارنىڭ تەبىئلىگى،يۇمۇرلىقى مەندەك ئىچكىردە ئۇقۇۋاتقان ھەر تەتىلدە ئويغۇر سېغىنىپ يۇرت سېغىنىپ تەتىل قاچان تۇشىدىكىن دەپ كۆزلىرىم تۆت بۇلۇپ كىتىدىغان بالىغا شۇنچىلىك ئىسىل شۇنچىلىك پەيزى تۇيۇلدى.ئۇزۇن يوللۇق ماشىننىڭ ئىچى گەرچە شۇنچىلىك سېسىق بولسىمۇ ماڭا نىمىشقىكىن قەتئى سېسق بىلىنمىدى.بۇ بەلكىم شۇ فىلىمنىڭ ماڭا ناھايىتى ئارام بەخش ھۇزۇر ئەتكەنلىگىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.)گەرچە فىلىم تۈگەي دىگەندە ماشنا ئىچىدىكىلەر سائەتنىڭ ئەمدى سەككىز بولغىنىغا قارىماي ئۇخلايمىز دەپ تىلۋىزورنى ئۈچۈرگۈزۋەتكەن بولسىمۇ( ئۆيگە قايتىپ يەنە بىر نەچچە قىتىم كۈرۈپ چىقتىم. چۈش كۆردۈم ھەجەپ شىرىن، ھاۋادا ئۇچار كۆڭلۈم. باغلار خۇش پۇراق چاچتى، يايرار گۈل ئاچار كۆڭلۈم. رىشتىمىز تۇتاش مەڭگۈ، قەلبىمىز گويا يالغۇن. بىر جۈپ بىز قاناتلانغان، ياسايمىز يېشىل دولقۇن. مۇشۇ ناخشا بىلەن باشلانغان بۇ فىلىم مەندە نىمىنىڭ غايە نىمىنڭ ئىرادە نىمىنڭ تىرشچانلىق ئىكەنلىگىنى ماڭا بىر تۇنۇتتى.ئۆزەمنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلىرىم ئەھمىيەتسىز بىر ئىشقا كىتىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. قايتىپ كىلىش سەپرىمدە سىڭلىم >ئۆزلۈك ۋە كىملىك<دىگەن كىتاپنى ماڭا سوۋغا قىلدى.پويىزدا ئولتۇرۇپ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ كىتىپ بېرىپ نەچچە قىتىم ھاياجانلىنىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم،نەچچە قىتىم يازغۇچى ئەسەت سۇلايمان ئاكىمىزنىڭ كىشىنىڭ يۇرتىدىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتى يۇلۇققان قىيىنچىلقلىرى تەسۋىرلەنگەن ۋە باشقا بەزى جايلاردا شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ تەسىرلىنپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.مەنمۇ چەتكە چىقىپ تېخمۇ يۇقۇرلاپ ئوقۇشنى پىلان قىلۋاتقان بولغاچقا بۇ كىتاپ ماڭا خۇددى چەتكە چىقىپ ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش نىزامنامىسدەك تۇيۇلۇپ كەتتى......بۇلۇپمۇ ئىچىدىكى ئادىل تۇنىيازنىڭ>قەشقەردىكى يەر شارى <ناملىق داستاندىن ئېلىنغان ۋەتەن دىگەن شىئېرى ماڭا شۇنداق ئىسىل تۇيۇلدى،يازغۇچىغا بارىكاللا ئوقۇدۇم.


     ۋەتەن
    ئادىل تۇنىيازنىڭ«قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستاندىن ئېلىندى.
    مەيلى تۇر پارىزنىڭ گۈزىلى بىلەن،
    يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
    ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقنى،
    ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
    ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
    مىليونېر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك،
    قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،
    ھەر كىم باقالايدۇ كۆزڭگە سوغۇق.
    مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
    بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
    ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دىگەن خەت.
    بېرلىن ئاسمىنىدا كۆرىسەن ھەر كەچ
    جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
    مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چېركاۋى
    كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
    كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.

     ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
    تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
    مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
    مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.

    ۋەتەن،ئىھ ۋەتەن! چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
    چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
    گۆھەردۇر،ئالمىدۇر،خۇش پۇراق گۈلدۇر،
    ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
    ئەيسادۇر،مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
    يات تۇرتتا تۇققانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
    ۋەتەندە بىر ناتونۇش بالا
    يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
    يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
    تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى
    ئۆز ئېلىڭدە ئۆز تىلىڭدا ئۆز؛
    تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
    شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
    شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
    گېزىتلەردىن پاز يا تاگورنىڭ؛
    تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
    ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
    ئۇزاتقاندا ئەزرائىل بىر كۈن
    دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
    سەن ئۆزۈڭگە توقۇيسەن كېپەن
    ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن،
     يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
    كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن.....

     ماڭا ئوخشاشلا بۇ فىلىمنى كۆرگەنلا، بۇ كىتاپنى ئوقۇغانلا بۇلۇشى لىكىن مەندەك تەسىر قىلمىغان بۇلۇشى مۇمكىن. ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق دىگەندەك سىز ئويغۇر دىيارىدا ياشاپ ئويغۇرنىڭ قەدرىگە تەيمەيسىز،بۇ فىلىمنىڭ بۇ كىتاپنىڭ جۈملىدىن بۇ شېئىرنىڭ سىزگە ئۇنچىلىك تەسىر قىلىپ كىتىشى ناتايىن.بۇ يەردە مىنىڭ مەقسىتم فىلىمگە ياكى كىتاپقا ئېلان بىرىش ئەمەس، بەلكى يۇقارقى راستچىنلىق بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر ئارقلىق ئەدەبىياتنىڭ رولى، قۇدرى توغرىسىدىكى ئويلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە بىزگە ئەدەبىيات كېرەك ئەمەس دەيدىغان قۇتۇپلاشقان ئىدىيىدىكى كىشلەرگە ئۆزەمنىڭ بۇلارنىڭ بۇ خىل پىكىرگە قارشى ئىكەنلىگىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.
        باشقۇرۇش كەسپىدە نۇرغۇن ماتىرياللاردىن باشقۇرۇش كەسپدە ياخشى نەتىجە يارتىش ئۈچۈن چۇقۇم نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىش كېرەكلىگىنى شۇنداق بولغاندىلا بىر مەسلىگە ئەتراپلىق ئويلىنىپ قاراپ چىققىلى بولدىغانلىقى توغرىسدا ماقالىلەرنى كۆردۈم. دىمەكچىمەنكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭدا چۇقۇم تەبئى پەنلا بوپ قالماي ئىجتمائى پەنمۇ بۇلۇشى شۇنداقلا بۇلار مۇكەممەللىشىپ راۋاجلىنىشى كېرەك. بىزدە ھاۋايى مۇئەللەقتە ئىنچىكە ئارقان ئۈستىدە ماڭىدىغان ئادىل ئاكىمىزلا بوپ قالماي، شۇ ئاكىمىزنىڭ تۇنۇشىغا جىمىجىت ياردەم قىلۋاتقان ئاشۇ مەشىق ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ئارقاننى ياساپ چىققان ئۇستىلار بۇلۇشى،ئەتىگەنلىكى چاي ئىچكەندە ناۋات سالغان چايغا چىلاپ يەيدىغان ئاپپاق بۇغداي نېنىمىزلا بۇلۇپ قالماي شۇ ناننى يېقىش ئۈچۈن كىتىدىغان بۇغداينى ھالال ئىشلەپ بىزگە ئۈندۈرۈپ بىرىدىغان دىھقانلىرىمىزمۇ بۇلۇشى كېرەك. قسقىسى چۇقۇم ھەممە كەسپلەردە مۇۋاپىقىيەت قازانغان كەسىپ ئەھلىلرىمىز بۇلۇشى كېرەك، بىز بىرلا نىشاننى بەلگىلەپ شۇ نىشان ئۈچۈن ھەرخىل يوللارغا ئاتلىنىشىمىز،ھەرخىل قىيىنچىقلارغا تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم.پىراۋىڭىز بۇلۇپ ماشنا خەقنىڭ بولسا ئەگەر ماشىننىڭ ئىگىسى ماشىننى ئېلىپ كەتسە سىزنىڭ پىراۋىڭىز ئىچنىمىگە ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا سىز ماشىننىمۇ پىراۋىنىمۇ ئۆزىىزنىڭ قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى خەق ماشىنىسى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىغان كۈن چۇقۇم كىلىدۇ. بىز چۇقۇم كۆپ تەرەپتىن يىتىلىپ چىقىشىمىز،ھەمملا ساھەدىن ئازدىن كۆپتىن بىر نىمە بىلدىغان بۇلۇشىمىز كېرەك.خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالدىغان ئىشنى خۇدايىم ساقلىسۇن. ئەمدى گىرىتسىن ئەدەبىياتنىڭ قۇدرىتى ناملىق ماقالىسىدە ئېيتقىنىدەك: ئەدەبىيات كىشىلەرنىڭ پىكرىگە ۋە قەلبىگە تەسىر قىلىشتىن ئىرادىسىگە ئايلىنىشقا قەدەر جەرياننى بېسىپ نىمىنىڭ ھەقىقەت ۋە نىمىنىڭ گۈزەل، نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تارىخ ۋە تەبىئى پەن كىتاپلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغاندا ، ئۇلارنى خۇددى تەرتىپلىك ئەدەبى جۈملىلەرنى ئوقۇغاندەك تەرتىپلىك ئىش قىلىدىغان، تەرتىپلىك باشقۇرىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان قىلىدۇ. پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاخىرقى مەقسەت ھاسىل بولىدۇ. شۇئارۋازلىقتىن خالى بولغان، نەزىرى كەڭ يازغۇچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەدەبىيات كىتاپخاننىڭ قەلبىگىلا تەسىر قىلىپ قالماي ھەتتا ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىدۇ، سەگەك قىلىۋېتىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئىنسان ھاياتى ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىرادىگە يېتەكلەيدۇ. كىتاپخاندا ئالىجاناپ چۈشەنچە ۋە تۇيغۇ قوزغايدۇ.
       بىز چۇقۇم ئەدىبىيات،ماتمىماتىكا،پەلسەپە،بېئولوگىيە،جۇغراپىيە......................ئىشقىپ ھەممە پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز لازىمدۇر.لىكىن ئەڭ مۇھىم نوقتا شۇكى بارلىق پەنلەردىكى نەتىجىلەر يەنىلا شۇ قەلەم بىلەن قەغەزگە يىزىلىپ كشلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. ئەگەر ياخشى ئەدىبى ئۇسۇل بىلەن يىزىلسا بۇ كىشىگە تېخمۇ چۇڭقۇر تەسىر قىلپ سىزنىڭ ئىسىڭىزدىن مەڭگۈ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەدەبىيات كىتاپخاننىڭ قەلبىگىلا تەسىر قىلىپ قالماي ھەتتا ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر قىلىدۇ، سەگەك قىلىۋېتىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، ئىنسان ھاياتى ھەققىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىرادىگە يېتەكلەيدۇ. كىتاپخاندا ئالىجاناپ چۈشەنچە ۋە تۇيغۇ قوزغايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.