مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئىشەنچ بولۇش كېرەك

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 11:37:26

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئىشەنچ بولۇش كېرەك دەر گۇماندا يۈرسىڭىز، مەغلۇپ بولىسىز. غەلبە قازىنىشقا ئىشەنسىڭىز، جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز. تاغنى يۆتكىيەلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەن...



    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئىشەنچ بولۇش كېرەك

      دەر گۇماندا يۈرسىڭىز، مەغلۇپ بولىسىز. غەلبە قازىنىشقا ئىشەنسىڭىز، جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز. تاغنى يۆتكىيەلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، ئىشلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز، ئۆزىڭىزنى كارغا كەلمەس دەپ قارىسىڭىز، ئۆمۈر بويى ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز.

      مۇۋەپپەقىيەت نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىجابىي نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-ھاياتنىڭ ئاخىرقى نىشانىدۇر.

      ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ. ھەممە ئادەم ئەڭ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ھىچقانداق ئادەم باشقىلارنى دوراپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا ھىچقانداق ئادەم ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيدۇ.

      ئۆزىنىڭ تاغنى يۆتكىيەلىشىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغانلار كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تاغنى ھەقىقىي تۈردە يۆتكىيەلەيدىغانلارمۇ كۆپ ئەمەس. بەزىدە:«ئەلى باباغا ئوخشاش، سىم-سىم ئىشىكنى ئاچ!-دەپ توۋلاپلا، راستنلا تاغنى يۆتكىۋېتىش زادى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق سۆزنى قىلغانلار«ئىشەنچ»بىلەن«ئۈمىد»نى تەڭ ئورۇنغا قويغان. دەرۋەقە، سىز«ئۈمىد» ئارقىلىق بىرەر تاغنى يۆتكىۋېتەلمەيسىز،«ئۈمىد»كە تايىنىپ كۆزلىگەن نىشانىڭىزغىمۇ يىتەلمەيسىز.

      لېكىن ناپولېئون خېئول بىزگە: ئىشەنچىڭىز بولسىلا، بىرەر تاغنى يۆتكىۋىتەلەيدىغانلىقىڭىزغا، ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ئىشەنسىڭىزلا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭزنى ئۇقتۇرىدۇ.

      ئىشەنچنىڭ قۇدرىتىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ھىچقانداق سىر ياكى مەخپىيەت يوق. ئىشەنچنىڭ رول ئويناش جەريانى مۇنداق:«چۇقۇم قىلالايمەن»دەپ ئىشىنىدىغان ئىرادىدىن سەۋر-تاقەت، شىجائەت، ئىقتىدار، ماھارەت، زېھنى كۈچ قاتارلىق زۆرۈر شەرتلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ «قىلالايمەن» دېگەن پوزىتسىيىڭىزگە ئىشەنگەندىلا، تەبىئىي ھالدا«قانداق قىلىش» ئوسۇلىنى تاپالايسىز.

      مەملىكەت بويىچە ھەركۈنى نۇرغۇن ياش يېڭى خىزمەتنى باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قاتلامغا چىقىشنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان مۇۋەپپەقىيەت مىۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى «ئۈمىد»قىلىشىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قەتئىي ئىشەنچ ۋە شىجائەت يوق، شۇڭا ئۇلار يۇقىرى پەللىگە چىقالمايدۇ. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە، يۇقىر پەللىگە چىقىش يولىنى تاپالمايدۇ-دە، قىلغانلىرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن نېرى كېتەلمەيدۇ.

      لېكىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار «يۇقىرى پەللىگە چىقىمەن» دەيدىغان ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئىشلەيدۇ. بۇ ياشلار يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە قارار چىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلامغا كىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چىقىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا زەن سالىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلار قەتئىي ئىشەنچ بىلەن كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدۇ.

      ئىشەنچ-مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاقىلانە يولى. ناپولېئون خېئول:«مۇۋەپپەقيەت قازانغانلىقىم، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىرادە باغلىغانلىقىمدىن بولغان» دېگەنىدى، بۇ نىشان بولمىغان بولسا، ناپولېئون خېئول بۇنداق قەتئىي ئىرادە ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولمىغان، مۇۋەپپەقىيەتمۇ قازىنالمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

      ئىشەنچ قۇرۇق قول بىلەن ئىش باشلىغان كىشىلەرنى كاتتا بايغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، بىرەر ئاتىسىنىمۇ ئۆزگىرىشچان سىياسى سەھنىدە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رونالد رېگان بۇ ماھارەتنى ئىگىلىگەن ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

      رېگان ئارتىس ئىدى، بىراق ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇشقا ئىرادە تىكلىگەن. رېگان22 يېشىدىن 54ياشقىچە رادىئو ئىستانىسىنىڭ تەنھەرىكەت دېكتورلىقىدىن ھوللىۋەرد كىنو چولپىنى بولغۇچە، ياش چېغىدىن ئوتتۇرا ئوتتۇرا ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئەدەبىيات-سەنئەت چەمبىرى ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزگەن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى، تەجرىبە ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ رېئاللىق رېگاننىڭ سىياسى سەھنىگە قەدەم قويۇشىغا زور توالغۇ بولۇپ قالغانىدى. لېكىن پۇرسەت كەلگەندە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر، كونسېرۋاتىپلار ۋە بەزى مېليونىرلار ئۇنىڭ كالفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقلىق سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىشقا يول قويغاندا، ئۇ ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىدا تايانغان كىنوچىلىق كەسپىدىن قەتئىي ۋاز كىچىش، ھاياتلىقنىڭ يېڭى ساھەسىگە مېڭىش قاراراىغا كەلگەن.

      دەرۋەقە ئىشەنچ كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى كۈچتىن ئىبارەت خالاس، ئەگەر كىشى ئۆزىدە بولغان شەرت-شارائىتتىن ئايرىلسا، تايانچىىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئۈمىدنىڭ رېئالىققا ئايلانمىقى تەس، بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولغان كىشى ساداقەت بىلەن ئىشلىشى، ئۆزى يىراققا سەپەرۋەر قىلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. خۇددى رېگاننىڭ ئۆز تۇرمۇش يولىنى ئۆزگەرتكىنىدەك تاسادىپىي پەيدا بولغان غەلىتە خىيال بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىمى، ئىقتىدارى، سەرگۈزەشتىسى، جاسارىتى ئاساسىدا ئىش قىلىش لازىم. رېگاننى سىياسى ساھەگە كىرىشىگە ئىشەنچ بەخىش ئەتكەن ئىككى ئىش بار.

      بىرى، ئۇنىڭ ھەممىباب ئېلىكتىرۇن شىركىتىنىڭ تېلېۋىزور پروگراممىلىرىغا مەسئۇل رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنىشى. رېگان بۇ چوڭ بىرلەشمە كارخانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ جاي-جايلىرىغا تارقالغان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان ئىشلەپچىقىرىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەرقايسى شۆبە زاۋۇتلارغا بېرىپ، ئىشچىلار ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچراشقان. بۇ ئۇنىڭغا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىش، جەمئىيەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەن. كىشىلەر زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىن تەرتىپ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتى، باج سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە نېمىلا گىپى بولسا، ئۇنىڭغا دىگەن.

      رېگان بۇ سۆز تېمىلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن، پروگرامما رىياسەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇلار شۇ ھامان كۈچلۈك سادا قوزغىغان. شۇڭلاشقا مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر باش مۇدىرى رېگنغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ:«بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە، تەسىراتلىرىڭىزنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۆزىڭىزگە بىر نەچچە پەلسەپىۋى قائىدە تىكلەپ، ئاندىن ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە ئىجرا قىلىڭ، بۇ كەلگۈسىدە زور ئۈنۈم بەرمەي قالىدۇ» دېگەن. بۇ سۆز رېگاننىڭ كىنو ساھەسىنى تاشلاپ، سىياسى ساھەگە كىرىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇق چاچقان. يەنە بىر ئىش، رېگان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە كىرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن. ئۇ كونسېرۋاتىپچىلار كاتتىۋېشىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش، مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق سالاھىيىتى بىلەن«تاللاشقا بولىدىغان دەۋر» دېگەن تېمىدا تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەن. ئۇنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتى ئۇنى زور مۇۋەپپەقىيەت ئېرىشكەن، ئۇنىڭ نۇتىقىدىن كېيىن  دەرھال بىر مېليون دوللار مەبلەغ توپلانغان. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر مۇنچە ئىئانە  پۇللارنى تاپشۇرۇۋالغان، توپلىغان مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 6مېليون دوللارغا يەتكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى»گېزىتى بۇ نۇتۇقنى ئامېرىكىنىڭ سايلام رىقابىتى تارىخىدا مەبلەغ ئەڭ كۆپ توپلانغان نۇتۇق دەپ ئاتىغان. شۇنداق قىلىپ رېگان بىر كىچىدىلا كونسىرۋاتىپچىلار پارتىيىسىنىڭ باش ۋاكالەتچىسىگە ئايلىنىپ، سىياسى سەھنىنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان پەردە ئارقىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

      مانا مۇشۇ چاغدا رېگاننىڭ ھوللىۋودتىكى يېقىن ئاغىينىسى ئاتاغلىق كىنو چولپىنى-كىنىندى ۋە جۇنسۇن زۇڭتۇڭلارنىڭ ئاخبارات كاتىپى بولغان كونا سىياسەتچى گېئورگ مورفى كالفورنىيە شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سايلام رىقابىتىگە چۈشتى، دېگەن كىشىنى روھلاندۇرىدىغان خەۋەر تارقالغان. گېئورگ مورفى سىياسى كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىز بولغان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ 38يىللىق سەھنە-ئېكران تەجرىبىسىگە تايىنىپ، كونا تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، كۈتۈلمىگەن يەردىن زور غەلبە قازانغان...

      ئەسلىدە ئارتىسنىڭ كەچۈرمىشى سىياسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا توسالغۇغا ئۇچرىمايلا قالماستىن، مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا، ئۇ سايلام بېلىتى ۋە ئاۋام خەلقنى قولغا كەلتۈرۈشتە رول ئوينايتتى. رېگان بۇ مەخپىيەتنى بايقاپ، ئالدى بىلەن ئوبراز تىكلەشكە كۈچ چىقارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكى، يەنى ئۆزىنىڭ ھوللىۋوددىكى بەش ئەزايى راۋۇرۇس، قاملاشقان«تىپىك چىرايلىق ئەر»لىك سالاپىتى ۋە سېھرىي كۈچىدىن تولۇق پايدىلانغان. يەنە بىر تۈركۈم مەشھۇر كىنو چولپانلىرى، ناخشا چولپانلىرى، رەسساملار قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى ئۆزىگە تارتىپ ياردەملەشتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلام رىقابىتىنى ئۆزگىچە، رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈپ نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلغان.

      ھالبۇكى، بۇلار رېگاننىڭ رەقىبى، كالفورنىيە شىتاتىدا كۆپ يىل شىتات باشلىقى بولغان كونا سىياسەتچى بۇ زاتنىڭ نەزەرىدە «2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئارتىس»نىڭ كومېدىيە ئويۇنى دەپ قارالغان. ئۇ رېگاننى تاشقى ئوبرازنىڭ قانداق سەلتەنەتلىك بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسى ئوبرازى جەھەتتە، يەنىلا«ئوماق بوۋاق»دەپ قارالغان، شۇنداقلا مۇشۇ نۇقتىنى تۇتۇپ، رېگانغا ھىچقانداق سىياسى خىزمەت تەجرىبىسى يوق دەپ ھۇجۇم قىلغان. لېكىن ئۇ رېگاننىڭ ئېقىمغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، قىزغىن، پۇقرا سىياسەتچى» لىك رولىنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. دىمىسىمۇ رېگاننىڭ سىياسى كەچۈرمىشى يوق ئىدى. لېكى  سىياسى كەچۈرمىشى بار بۇ زاتنىڭ نۇرغۇن سەۋەنلىكلىرى بولغاچقا، بۇ كىشىلەرگە«تۇتىدىغان ساپاق» ھازىرلاپ بەرگەن، رېگان ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن.

      بۇ ئىككەيلەننىڭ كەچۈرمىشى مانا مۇشۇنداق روشەن بولغاچقا، رېگان توسالغۇدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ توسالغۇدىن ئۆتۈشىگە دەل شۇ توسالغۇنىڭ ئۆزى ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭ سىياسى كاپىتالىنىڭ بولماسلىقى، ئۇنىڭغا ئەڭ زور سىياسى كاپىتال بولۇپ بەرگەن. شۇڭا ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى سەرگۈزەشتە ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بەزىلەر ئۆز كەچۈرمىشىنى كەلگۈسى نىشانىغا توسالغۇ دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ئۆز كەچۈرمىشىنى نىشانغا يىتىشنىڭ ئەنگۈشتىرى دەپ قارايدۇ. شۈبىھسىزكى، رېگان كىيىنكى خىلدىكى ئادەم ئىدى.

      رېگان شىتات باشلىقى ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئاق سارايغا كىرىشكە تۇتۇش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ رىقابەت رەقىبى كاتې بىلەن تېلېۋوزوردا نەچچە ئون مىنۇت مۇنازىرلەشكەن، رېگان ئېكران ئالدىدا قالتىس ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇ گاھ كۈلۈمسىرىسە، گاھ چىرايلىق گەپلەرنى مارجاندەك تىزىپ سۆزلەپ، يۈز مېليونلىغان سايلىغۇچى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئارتىسلىق ماھارىتىگە تايىنىپ، پۈتۈنلەي ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئالدىدا كاتې گەرچە سىياسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىلى ئۇزاق ۋاقىت بولسىمۇ، بىراق ئىپادىلەش ماھارىتى كەمچىل بولغاچقا، ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ ئوڭۇشسىزلىق سەرگۈزەشتىسى بار، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەتئىي ئىشەنچىگە تايىنىپ، ئاجىز ھالقىلار ۋە «يوشۇرۇن ئىشىك» لەرنى تېپىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

      بەزىلەر رېگاننى ئامەتلىك دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئامەتمۇ ئۇنىڭ قەتئىي ئىشەنچىنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئامرىكا زوڭتۇڭى بولغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ھوقوق خۇمارلىق خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. ئۇ گېرىناداغا ئەسكەر چىقىرىش، شۇنداقلا لېۋىيىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن، بۇ غەربىنىڭ چولپان خىسلىتىگە ئىگە بۇ تۆرىسى ھىچقاچاندا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ھوقوق خۇمارى ئەمەسمىدى. ئۇ«ئورتاق مەۋجۇت بولۇش، ئورتاق گۈللىنىش»مۇھىملىقىنى بىلەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىشەنچى كامىل ئىدى. شۇڭا، ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئە پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋىت-ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېۋ رىكاياۋىك چوققىسى يىغىنىدا قورال-ياراقلارنى قىسقارتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، رېگاننى ئىستىراتىگىيىلىك مۇداپىئە پىلانىدىن ۋاز كەچكۈزمەكچى بولغانىدى. ئەگەر رېگان بۇنىڭغا قارشى تۇرسا، تېنىچلىق سەمىمىيىتى يوق بولۇپ چىقاتتى. رېگان سۆھبەت ئۈستىلىدە ئەزەلدىن ناھايىتى سالاپەتلىك بولاتتى، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ غەزىپىنى بېسىپ سۆھبەتتىن چىقىپ كەتكەن. بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ تۈگىلىۋالماي سوۋېتلىكلەر بىلەن داۋاملىق ھەپىلىشىپ، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يول قۇيۇشقا مەجبۇرلىغان. ئاخىرىدا گورباچېۋ تىز پۈكۈپ، يادرو قوراللىرى ۋە ھەربىي تەييارلىقلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى تۇنجى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويغان.

      بىز رېگاننىڭ سەرگۈزەشتىسىدىن ئىشەنچ كۈچنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ قەدەملىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دىگۈچىلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە، يىمىرىلمەس ئىشەنچى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

      ئىشەنچ-مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىرادە باغلىغانلار ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزىلەر مۇۋەپپەقيەت ئارزۇسى بايلىق يارىتىش ۋە بايلىققا ئىگە بولۇشنى مەنبەسى دەيدۇ. ئادەمدە مۇشۇنداق ئارزۇ بولغاندا، شۇنداقلا ئۆزىگە بىشارەت بېرىش ۋە تۈرتكە بولۇشتىن ھاسىل بولغان بىر خىل ئىشەنچ بولغاندىلا، بۇنداق ئىشەنچ«ئاكتىپ ھېسىيات»قا ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ زور بايلىققا ئېرىشىش ۋە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا بەزىلەر«ئىشەنچ» نى «ئادەمنىڭ پىسخىك قۇرۇلىشىنىڭ ئىنژىنىرى»غا ئوخشىتىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا، ئىشەنچ بىلەن تەپەككۇر بىرلەشسە، كىشىدە غايىۋانە ئاڭ پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ چەكسىز ئەقىل-ئىدراك كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى ماددىي بايلىق، پۇل، كەسىپ قاتارلىق جەھەتتە شەكىللىك قىممەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

      ھەربىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ۋە غايەت زور بايلىقنىڭ كەينىدە غايەت زور بىر خىل كۈچ، يەنى ئىشەنچ بولىدۇ. ئۇ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىشىگە مەدەت ۋە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا ناپولېئون خېئول مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

    ئىشەنچ-جان ۋە كۈچ

    ئىشەنچ-مۆجىزە

    ئىشەنچ-ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرشنىڭ ئاساسىي.

    جاپا بىلەن ھېسابلاشماي، مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلگەندە، ھاياتىڭىز ئاجايىپ جۇلالىنىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.