ئۆزلەت-ئۆزۈڭنى تونۇ!(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-12 01:11:03

ئۆزلەت-ئۆزۈڭنى تونۇ!ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، جاپا بىلەن ياشاپ ، ھەسرەت بىلەن ئۆلىدۇ! ئىنساننىڭ سىرلىرى ، مۇئەممالىرى مۇناجات قۇببىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئۆزلۈك بىناسىدا!ت...

    ئۆزلەت-ئۆزۈڭنى تونۇ!
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن



       ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، جاپا بىلەن ياشاپ ، ھەسرەت بىلەن ئۆلىدۇ! ئىنساننىڭ سىرلىرى ، مۇئەممالىرى مۇناجات قۇببىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئۆزلۈك بىناسىدا!تىلەكلىرىڭنىڭ نىجادىيىتى ئۆزۈڭدە ئىكەنلىكىنى بىل!
     
       تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى-ئاجىزلىقىڭدۇر! ئاجىزلىقىڭ سەندىكى گۇماننى ئارقىغا ياندۇرالايدىغان ئۇلۇغ كۈچ - قۇدرەتنىڭ تاغ ھالىتىدىن قۇم ھالىتىگە پارچىلانغانلىقىدىندۇر . ئۇنى پارچىلىغان-ئۆزۈڭ! نەپسىڭ ،تەمەخورلۇقۇڭ ، رەشكى - ھەسەتلىرىڭ ، نادان ۋە تەرسالىقىڭ ۋە ئۆزۈڭ ياساپ ، ئۆزۈڭ ئىقتىدا قىلغان تۆمۈرمۇش قورچاقلىرىڭ!
     
       پارچىلانغانلىقىڭ ۋەھدەتتىن چەتنىگەن ، ئۆز ماھىيەتلىرىڭگە نىسبەتەن ياتلاشقان قەلبى ھىجرانىڭدىن ئىبارەت . سەن پارچىلانغاچقا ، نىيەتلىرىڭ بۇزۇلغان ، ئۆزلۈك ئەينىكىڭ سۇنغان ، ئۈمىد - ئارزۇلىرىڭمۇ تالقاندەك پارچىلىنىپ بىر - بىرى بىلەن جەڭگى - جېدەل جەڭگاھى تۈزگەن . نەيزە - ئاپتوماتلىرىڭ ئۇنىڭ تەرسا چۇقانلىرى . قارا ، سەن ئاقىۋەت ھايۋاندىنمۇ بەتتەر يىرتقۇچلۇق ، خەستىنمۇ تۆۋەن قەدىرسىزلىك ئىچىدە جاپا ۋە ھەسرەت داشقازىنىدا ئىڭرايسەن . سەن ئىنسانلىقىڭنىڭ ئاسىيسى ، كامالەتنىڭ قاتىلى ، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى ، بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن ، ئاتەشتىن ، ئەمما نەپسانىي ئۈمىد تەنتەكلىرىڭگە مەھلىيا بولۇپ تۈزگەنسەن!
     
       تەقدىرىڭ ئەزەلىلىكتە ياكى ئىلاھىيەتنىڭ رەھىم - شەپقىتى ، قەھرى - غەزىپىدە ئەمەس ، بەلكى مۇھەببەت - نەپرەتكە تولغان بۇ ئالەمدە ، ئۆزۈڭ يوقاتقان ، ئۆزۈڭ ئىزدەپ يۈرگەن ، ئۆزۈڭ يەنە كۆتۈرۈپ يۈرگەن نەرسىدە-ئىنسانىي قىممىتىڭدە!
     
       ئىنسانىي قىممەت ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ماھىيەت قىممىتى! ئاتنىڭ سۈرەت باھاسى ئەمەس! ئۇنى زەڭگە ئات باھاسىدا قاراپ تەمەننا قىلما ، بەلكى ئاتقا مىنگۈچى قىممىتىدە قاراپ نەپرەتلەن! ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلمىگەن ئىنسان ئۆزىنى بارغانسېرى نەپرەتلىك سىماھقا ئايلاندۇرۇۋاتقان ئىنساندۇر . مېنىڭ ئاخىرقى «ئىنسان»ئىبارىسىنى دىلىم غەش ، قەلىمىم تىترەپ يېزىۋاتقانلىقىمنى پەقەت ئۆزلۈك ھېسسىياتىدىلا ھېس قىلالىشىڭ مۇمكىن . ئات پېتىقلىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن ساڭا قانداق تەقدىر نېسىپ بولاتتى ، ئەي نادان!
     
       سېنى جاھان بىلمەك ، ھېس قىلماق ، مەقسىتى مۇتلەق قىلىپ يوقلۇقتىن ياراتتى . سەن بارلىقنىڭ گۈللىنىشى ، سىرلارنىڭ ئاچقۇچى . ئاللا ھەممە ئىقتىدارىڭنى ئۆز ئىلكىڭگە بەرگەن . سەن ئەقىل ئىزدە! ئۇ كىتاب سەھىپىلىرىدە ، تەجرىبە جەريانلىرىدا ، تۇرمۇش توزانلىرىدا ، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ تەلقىن ۋە قاناتلىرىدا . ھەسەل ھەرىسىلا بال يىغالايدۇ ، بال يەشىكىدىن ئەمەس ، مۇھىتتىن . ھەسەل ھەرىسى بول . بىلگىنكى ، ئەقىل يېنىڭدا _ نادانلىقىڭنىڭ لاچىن قارىچۇقلىرىغا ، غەزەپلىرىڭنىڭ يىلان تىلى تېگىگە ، تەرسالىقىڭنىڭ ئات تۇۋىقى ئاستىغا كۆمۈلگەن!
     
       ھەممە نەرسىنى كۆمگەن ۋە ئۇنىڭ مۇھتاجلىقى سەھراسىدا ئېچىرقاپ يۈرگەن ئىنساندا نېمە بايلىق - ئاۋاتلىق ، بەخت - گۈزەللىك ، كامالەت-سىۋىلىزاتسىيە بولاتتى! ئۇ ، تار نەزەر ئوچىقىدا ، داچەن تۆشۈكىدە چاشقان كۈتۈپ ياتقان مۈشۈك ، ئەڭ مۇبالىغە قىلغاندىمۇ مولۇندۇر .
     
       ۋەھىمى ۋە بىخۇدلۇق ، تەمەخورلۇق ۋە تەكەببۇرلۇق ، پەلەمپەي سىياقىدىكى مەنىۋى قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق ، ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىسراپخورلۇق-قىسقىسى ، كامالەت مىزانىدىن چەتنىگەن غەلىتە روھىيەت ، مانا ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇھىتى! ئۇ قاتىل ۋە ئۆلگۈچى ، ئوغرى ۋە جاللات ، قۇل ۋە زوراۋان . ئۇنى ئۆلگەن ياكى كىشىلىك دۇنياسىغا تېخى كەلمىگەن ، دەي دېسەڭ ئۇنىڭ تاشلىغان زەھەرلىك قالدۇقلىرى ھايات چىمەنزارلىقىنى بۇلغىغان . غەلىتىلىكى شۇكى ، ئۇنىڭ قالدۇقلىرى ئاداشتۇرغۇچى كرىستالدەك ، قەلبى ئاجىز كۆزلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.