مۇلاھىزىلەر

يوللىغۇچى : ئەلروھ يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-29 16:52:00

مۇلاھىزلەر 1-بىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا چوڭ بولغان كىشىلەر بولغاچقا بىر تىلنى مۇشۇ دەرىجىدە ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئىلىپ بىرىش مەسلىسى ئاددى ئىش ئەمەس، نۇرغۇنلار ئنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن،ھازىرمۇ نۇرغ...

      مۇلاھىزلەر

        1-بىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا چوڭ بولغان كىشىلەر بولغاچقا بىر تىلنى مۇشۇ دەرىجىدە ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئىلىپ بىرىش مەسلىسى ئاددى ئىش ئەمەس، نۇرغۇنلار ئنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن،ھازىرمۇ نۇرغۇنلار ئىزچىل ئۆگنىۋاتىدۇ. لىكىن ۋايىغا يەتكۇزگەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس،ئايپالتا ئۇلارغا قارىغاندا كۆپ بۆسۇش ھاسىل قىلدى.
         2-ۋايىغا يەتكۇزگەنلەر بولسا ئىقتىسادى قىممىتى يوق دەپ قاراپ ،مۇشۇنداق ئىلمى ۋە ھەم ئىجتىمائى قىممىتى بار ئشلارنى ئسىغا كەلتۇرۇپمۇ قويمىغان ئىدى،بىلىشمچە يەنە باشقا بۇرادەرلەرمۇ مۇشۇنداق ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان ،بەزىلىرى سەۋىيە ،يەنە بەزىلىرى ئىقتىسادى سەۋەبتىن داۋاملاشتۇرالمىغان.چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە بۇ ئشنى قىلشنى ئويلاشقان ۋە بىر ئاز قىلىپ باققانلار ھەققىدە ئۇچۇر بار،ئەمما مەخسۇس ئەدەبى ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغىننى ئاڭلىمىدىم،بەلكىم بىز ئۇچۇردىن بىخەۋەر قالغاندىمىز،ئايپالتا بۇرادەر بۇ ئشنى تۇنجى قىتىم باشلىغان كىشى بولمىسىمۇ ،لىكىن ياخشى داۋاملاشتۇرغۇچى بولۇۋاتىدۇ.
        3-بۇ ئىشنى كىم قىلسا ئوخشاش مەلۇم نۇقسانلاردىن خالى بولۇشى ناتايىن،(مەنمۇ شۇ )،چەتئەلدىكى ئنگىلىز تىلى مۇھىتيدا ياشاپ ،كەسپى ئەدەبىيات كەسىپىدە ئوقۇۋاتقان دوسىتلارمۇ شىئىرنى ئوبزورغا مۇھتاج بولمىغۇدەك قىلىپ چىقمىقى مۇشكۇل.شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ يەنە شىئىرى تەرجىمىگە قارىتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق باھا ،كۆز-قاراشلارنىڭ چىقىشى تەبئى.شۇڭا بىز ئايپالتا ئەپەندى باشلىغان ھەم قىلىۋاتقان بۇ تەرجىمە ئشلىرىغا ئىجابى يوسۇندا قوللاش پوزىتسىيەسى بىلدۇرسەك ،خاتا دەپ قارىساق ئىنىق پاكىت بىلەن كۆرسەتسەك،باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭۈلگە تىگىدىغان گەپلەرنى قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشتىن ساقلانساق ھىچقانداق زىيان تارتمايمىز!!!

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 8:44:36]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق