قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەفەندىگە يازغان 6 پارچە خېتى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-15 20:08:00

قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەپەندىگە يازغان 6 پارچە خېتى(قاسىم ئاخۇننىڭ ئىستامبۇلدىكى دوستى كامىل ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا يازغان خېتى)گۇستاف. راكۇيېتشىۋېتچىد...

    قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەپەندىگە يازغان 6 پارچە خېتى
    (قاسىم ئاخۇننىڭ ئىستامبۇلدىكى دوستى كامىل ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا يازغان خېتى)
    گۇستاف. راكۇيېت
    شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى 

       بىرقانچە يىللار بۇرۇن، بىر ياش مۇرىت شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھرىدىن كونستانتىنوپېلغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ: بۇ بالا ئۆز تەۋەلىكى بويىچە ئەڭ چوڭ ئىلكىدە بار ، باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تاغىسىنىڭ سودىسى تاكى ياۋروپاغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، موسكۋا، كونستانتىنوپېل ھەتتا بېرلىن، پارىجلارغىمۇ بارغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئوتتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ دۆلەتلەردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلغانىدى. شەك -شۈبھىسىزكى، يېڭى تۈرك ۋە پان ئىسلام ھەرىكەتلىرى ئسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بۇ بەندىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. خەلىپىلەرنىڭ مۇقەددەس شەھرى بولغان ئىستانبۇلدىمۇ گەرچە دىن غەرپنىڭ مائارىپ ۋە تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىشتا ئارلىق ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ ، كىشىلەر يەنىلا دىن ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تەلپۈنۈپ كېلىۋاتاتتى.
        بۇ خىل يۆنىلىشنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەسەن باينىڭ دۇكىنىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ، تېخىمۇ روناق تېپىشى ئۈچۈن بۇ ياش يىگىت كونستانتىنوپولغا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ ئىستامبۇلدا، ئىچكى ئاسىيادىن كەلگەن يەنە بىر ياش يىگىت بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ پايتەختىدە چوڭ بىر سودا ئورنىدا خەزىنە ئەمەلدارى بولغان كېيىن ئامېركىنىڭ مىسسىئونېرلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ كىشى بىلەن قەشقەرلىق بالىنى يېقىنلاشتۇرغان نەرسە پەقەتلا كامىل ئەپەندىنىڭ ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرى بولۇپلا قالماي يەنە، ئۇنىڭ شەخسىي خاراكتېرىدىن باشقا ، بىر خىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ ئۇلارنى يېقىنلاشتۇرغانىدى. بۇ خىل دوستلۇقنىڭ نەتىجىسىدە بۇ قەشقەرلىق يىگىت ئامېرىكىلىقلارنىڭ مىسسىيونېرلار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ ، ئاندىن بېيرۇتقا بېرىپ خىرىستىيان ئالىي بىلىم يۇرتىدا داۋاملىق ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىمۇ قاسىمنىڭ ئىسلامنى تەھسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا ناسارىلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەر تاپىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر خەتلىرىدە ئۇنىڭ دەرھال قەشقەرگە قايتىپ كېتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، لېكىن ئۇ خىل تەھدىت، بۇيرۇقلارقاسىم ئاخۇننى قايىل قىلالمىغان. كېيىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ھەمدە قىممەتلىك ھەم قەدىرلىك دوستى كامىل ئەپەندى بىلەن ئىزچىل خەت ئالاقىدا بولۇپ كەلگەن. كامىل ئەپەندىنىڭمۇ ئېتنوگرافىك قىزىقىشى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ خەتلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلىۋاتقان زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن.

    بىرىنچى خەت

      ئەڭ ھۈرمەتلىك دوستۇم ۋە بۇرادىرىم كامىل ئەپەندىگە ، سىزنى ئويلاپ تۇرغۇچى قاسىم ئاخۇندىن سالام. 

        مەنمۇ ئاللاھنىڭ شاپائىتى ۋە سىزنىڭ دۇئايىڭىزنىڭ كۈچى شۇنداقلا سىز بىلەن يەنە بىر دىدارلىشىش ئارزۇسىدا ئوبدان كېتىۋاتىمەن. سىزگە ئىستانبۇلدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى سەپىرىم توغرىسىدا بايان قىلىپ بېرەي:
        خۇددى سىز بىلگەندەك، مەن بېيرۇتتىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئايرىلىپ ، ئاندىن ئىستانبۇلدا سىزدىن ئايرىلىشتەك مەن ئۈچۈن ئەڭ تەس كەلگەن كۈننىمۇ كۆردۈم. يۇرتىنى سېغىنىش ۋە يۇرتىغا تەلپۈنۈش تۇغما بولىدۇ، جۈملىدىن بۇخىل ھېسسىيات مېنىڭ يۈرىكىمدىنمۇ ئورۇن ئالغان. لېكىن ئۆزەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا بىر مەيدان مۇستەبىتلىككە قارشى قاراڭغۇلۇق، نادانلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغىنىمغا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانىدىم.
        قارا دېڭىزدىن باتۇمغا بولغان سەپەر ياخشى سەپەر بولدى دىيەلەيمەن. باتۇمدىن باكۇغىچە بولغان تۆمۈر يول سەپىرىنى سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ ، چۈنكى سىزمۇ بۇ يولدىن مېڭىپ باققان. ئاخىرىدا تىلغا ئالغان جايدىن مەن ھور پاراخودى بىلەن كاسپىي دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ كراسناۋودسكقا قاراپ يول ئالدۇق. بىز شۇ يەردىن ئاندىن تۆمۈر يول ئارقىلىق سەمەرقەنت ۋە ئەندىجانغا بارالايتتۇق. سىز كاسپىي دېڭىزىنىڭ نەقەدەر زۇلمەتلىكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. دېڭىزدىكى كۆڭلۈم ئاينىشنى ئويلىسام ئۇنىڭغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ. 12 سائەتلىك ئازاپتىن كېيىن بىز كراسنوۋودسكا يېتىپ كېلىۋالدۇق ۋە مەنمۇ خېلى ئارام تېپىپ قالدىم، ئاندىن ئۈچ سوتكا پويىزغا ئولتۇرۇپ ئەندىجانغا يېتىپ كەلدۇق. شۇندىن بۇيان مېنىڭ ياۋروپاچە راھەت –پاراغەتلىرىمگە خاتىمە بېرىلگەنىدى دىسەممۇ بولىدۇ. ئەتىسى چاي ۋاقتى بىلەن ئاتلىق يولغا چىقىپ، كۈن پېتىشقا يېقىن ئوشقا يېتىپ كەلدىم. بۇ يەردە بىرقانچە كۈن خېلى ئوبدان ھاردۇق ئېلىۋالدىم ، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ تۇققانلىرىم بىلەن بولغان كۆرۈشۈشتىن ئۆزەمنى ئەپ قېچىپ ۋاقىتنى ئۇزارتىش دىسەممۇ بولاتتى. مەن بىر تاغامنىڭ سودا كارۋىنىغا قوشۇلۇپ، تاغدىن بىللە ئۆتمەكچى بولۇشقا كېلىشكەنىدۇق. تەييارلىق پۈتكەندە، بىز 87 دانە ئات، 4 خېچىر ۋە 6 دانە ئىشەككە قەغەز، شېكەر ۋە تاماكىلارنى ئارتىپ ئوشتىن ئايرىلدۇق. ئىشەكلەرگە پەقەت ئاتنىڭ يەم-خەشەكلىرىنىلا ئارتتتۇق. 
        مەن سىزگە بۇ خىل كارۋان توغرىلىق بۇرۇن سۆزلەپ بەرگىنىم ياكى سۆزلىمىگىنىم تازا ئېسىمدە قالماپتۇ. بۇ خىل سەپەردە، ئات ھەممىدىن چوڭ رول ئوينايدۇ. ئاتنىڭ پەقەت بېشىنىلا كۆرگىدەك ھالەتتە، يوغان خالتىلار ئىككى ياققا ساڭگىلىتىپ ئېسىپ قويۇلىدۇ، بىچارە ئاتلار شۇ ھالىتىدە خۇددى تاشپاقىغىلا ئوخشاپ قالىدۇ. خالتىلار ئىگەرگە چىڭ باغلىنىپ بېكىتىلىپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تەرەپتىكى خالتىنىڭ ئېغىرلىقى 65 كىلو ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنە بىر خىل يېنىكرەك يۈكلەر ئارتىلىدىغان ئات كارۋانلىرى بولۇپ، ئۇ كارۋانلار تولىسى ھىندىستان، ئافغانىستانلارغا قاتنايتتى. ئاتلار ئادەتتە ياغاچتىن ياسالغان، ئۈزەڭگىسى قىسقىراق كەلگەن تۈز شەكىللىك ئىگەر بىلەن ئىگەرلىنىدىغان بولۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرغان ئادەم ئۆزىنى خۇددى ياۋروپالىقنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندەك راھەت ھىس قىلاتتى. لېكىن بۇرۇن كۆنمىگەن ئادەمگە بولسا يەنىلا بىر ئازاپ تۇيۇلاتتى. بۇ خىل كارۋاندا يەنە يېتەرلىك ئادەم سانى بولۇشى يەنە 5-7 دانە ئاتقا بىر ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى. بىزنىڭ كارۋاندا 10 نەپەر ئەركەك بارىدۇق. بىزدەا لىق ئىككى خالتا مۇشتۇم چوڭلىقىدا قاتۇرۇلغان ، كۆيدۈرۈلگەن قوي يېغى بارىدى. بۇ ياغلار ئىسسىق سۇغا ياكى ئىسسىق چايغا چىلىغاندا ئېرىيدۇ. بىزدە يەنە قاتۇرۇلغان قارا چاي، ئەللىك كىلودەك گۈرۈچ، بىر خالتا باش پىياز، ۋە سەۋزە، تۇز ۋە بىر قوينىڭ قۇيرۇق يېغى قاتارلىق لازىمەتلىكلەرمۇ بارىدى. بىز ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ياكى كۈن ئارىلاپ، ئېلىۋالغان قازىنىمىزدا سەۋزە، قۇيرۇق يېغى بىلەن ئىچكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زىياپەت ئېشى ھىساپلىنىدىغان پولو ئېتىپ يەيتتۇق. چارۋىچى قىرغىزلارنىڭ تۇرالغۇسىدا قونغان چاغلىرىمىزدا، گۆشكىمۇ ئىگە بوپ قالاتتۇق ۋە پولو تېىخىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇنداق چاغلاردا ئۇلاردىن يەنە قايماقمۇ سېتىۋالغىلى بولاتتى. قىرغىزلار سەپەرگە چىققاندا ناھايىتى ئەپلىك ئوزۇق -تۈلۈكلىرى بارىدى. ئۇلار ئۆچكە تېرىسىدىن قىلىنغان خالتىلارغا قىمىز قاچلىۋېلىپ ، ئۆشنىسىگە ئارتىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە خالتىدىكى قىمىز يول ماڭغاندا چايقىلىپ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ قالاتتى. ئۇلار ئۈچ ۋاق تامىقىدا قىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە ناننى ئاساسەن كۆپ ئىستىمال قىلمايدۇ. قىمىزنىڭ چوقۇم بىر خىل قۇۋۋەتلىق ، ساغلاملىق ئىچىملىكى بولۇشى مۇقەررەر ئىدى. چۈنكى بىزنىڭ يېزىلىرىمىزدا بۇ تاغلىق چارۋىچىلارغا ئوخشاش كۈچلۈك كەلگەن ئەرلەر ۋە مەڭزلىرى قىزىرىپ تۇرىدىغان ئاياللارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايتتى. 
        شەخسەن مەنمۇ سەپەرگە چىققان سودىگەرلەرگە لايىق قوراللانغانىدىم. تۆمۈر ئىگەرنىڭ كەينىگە قىزىل رەڭلىق بىر پارچە كىگىز تۈرۈپ قويۇلغان، بىر پاي ئۆتۈكۈمنىڭ قونجىغا ئۇزۇن بىر دانە پىچاق قىستۇرۇلغان، ئىگەرنىڭ بىر تەرىپىگە ئىگىز بويۇنلۇق بىر مىس چەينەك ئارتىپ قويۇلغان، يەنە بىر تەرىپىگە ئوخشاش خالتىغا سېلنغان چاي چىنىسى ئارتىلغانىدى. تولۇق تەييارلىق ئۈچۈن يەنە بىر دانە سۇ چىلىمى ۋە تاماكا غاڭزىسىمۇ بولۇشى كېرەكىدى. مەن باشقا ياش سودىگەرلەرگە ئوخشاش چىلىمنىڭ ئورنىغا روسىيەنىڭ تاماكىسىنى چېكىدىغان بولغاچقا بۇ خىل ئارتۇقچە يۈكلەردىن خالاس بولۇپ قالدىم. يەنە بىر مۇھىم نەرسە ئىگەر خالتىسى بولۇپ، ئىچىگە خىلمۇ خىل نەرسىلەرنى سېلىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، كېچە ھەم كۈندۈز سەيياھلارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. مەن سىزگە بۇرۇن بۇ خىل دەريادىكى كۆۋرۈكسىز يوللار، شىۋىرغانلىق قاردىكى تاغ يوللىرنى، تار كەلگەن تاغ جىلغىلىرنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. مەن ھەر قېتىم بۇ خىل شارائىت ئاستىدا قالغاندا ھاياتىمدىن ئەندىشە قىپ قالاتتىم. شۇنداق قىلىپ، ئوشتىن ئايرىلىپ 15 كۈندىن كېيىن بىز قەشقەرگە يېتىپ كەلدۇق. شۇ تاپتا مەن تۇققانلىرىم بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى بىلمەيۋاتاتتىم. ئۇلار مېنى قۇچاقلاپ كۆرۈشەرمۇ ياكى يات ئادەملەردەك قىلارمۇ، مېنى ئۆلۈپ كەتكەن ئانامنىڭ قالدۇرغان مىراسىنىڭ يۈزى بىلەن بولسىمۇ سودىسىغا شېرىك قىلارمۇ ياكى ئۇنداق قىلماسمۇ دېگەندەك خىياللارنى قىلىپ كېتىۋاتسام، ئىشىك ئالدىدا ئىنىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاتتىن چۈشتۈم. ئۇمۇ كېلىپ قولۇمنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تېنچلىق سوراشتى، ئاندىن سەپىرىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سوراپ ، ساقاللىرىنى سىلاپ قويدى. ئۇنىڭ سالىمى دوستانە ئىدى لېكىن قىزغىن ئەمەسىدى. مەن بۇنىڭدىنلا باشقا نەۋرە قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋە تۇققانلىرىمنىڭ ئىنكاسىنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ خوشلىشىدىغان چاغدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىڭىكىمنى سىلىدىم. ئىنىم بۇنىڭدىن مېنىڭ تېخى ناسارى بولۇپ كەتمىگىنىمنىڭ بىر ئىسپاتىنى كۆرگەندەك بولاتتى. ھەممە تۇققانلىرىم بىلەن شۇ تەرىقىدە كۆرۈشۈپ چىقتىم، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى مېنىڭ ئوقۇشۇم توغرىلىق ، نەگە بارغىنىم توغرىلىق ياكى نىمىلەرنى ئۆگىنىپ كەلگەنلىكىم توغرىلىق ھېچنەرسە سورىمىدى. پەقەت ئاچاملا ھويلىدا مەن بىلەن بىللە ئۇزاق پاراڭلاشتى. ئۇ مېنىڭ بېيرۇت ۋە ئىستامبۇللار توغرىلىق سۆزلىرىمنى ھەيرانلىق بىلەن تىڭشىدى ، مېنىڭ خىرىستىيانلار مەكتىپىدە ئوقۇغىنىمنى ۋە ئېنگېلسچە، فرانسۇسچە سۆزلىيەلەيدىغىنىمنى ئاڭلاپ تېخمۇ ئەس-ھۇشىنى يوقاتتى. ئاخىرىدا ئۇ مەندىن زادى كاپىر بولۇپ كەتكەن-كەتمىگىنىمنى ئېھتىياتچلىق بىلەن سورىدى. مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئۇنچىلىك بولۇپ كەتمىگىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. ئاچام دادام ۋە ئۆگەي ئاناملارنىڭ بۇ يەردە ئىسىلزادە كىشىلەر ھىساپلىنىدىغانلىقىنى، تاغاملارنىڭ بولسا مەسلىھەتلىشىپ مېنى تۇققانلار ئىچىدىن بىرسىگە ئۆيلەپ قويۇشقا كېلىشكەنىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى مال-مۈلۈكنىڭ جەمەتنىڭ سىرتىغا ئېقىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ يەرنىڭ قائىدىسى بويىچە قىزلار ئون ياشتىن ئون ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ياتلىق قىلىناتتى. تۇققانلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان بىر نەۋرە تۇققىنىم بولۇپ، ئۇنىڭ ياتلىق قىلىنماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە جەمەت ئىچىدە ئۇنىڭغا توغرا كەلگۈدەك ئادەمنىڭ چىقمىغانلىقىدىن ئىدى. تاغىلىرىم ئەمدى شۇ قىز بىلەن ئىككىمىزنى چېتىپ قويماقچى بولۇشۇپتىكەن. مەن ھەرگىز بۇ نىساخان ئسىملىك قىز بىلەن توي قىلغۇم يوقىدى. ئاچامنىڭمۇماڭا قاراپ ئىچى ئاغرىپ، جەمەت ئىچىدىن باشقا بىرسىنى تېپىشقا كاللا قاتۇردى. 
        بىزدە مۇنداق بىر سۆز بار:«ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ».  بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئىكەن. مەن تەساددىپىي كەلگەن بۇ نىكاھ ئشىدىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغانىدىم. ئىستامبۇلغا بېرىشتىن بۇرۇن مەن، قەشقەرگە ياۋروپالىق دىن ئوغرىلىرى كەپتۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانتىم، لېكىن ئۇلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ھەم قانداق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدىم. مەن سىزگە بىرقانچە قېتىم گېپىنى قىلىپ بەرگەن كىچىك ۋاقتىمدىكى ئاغىنەم قۇربان ئاخۇن ئۇلار بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈرۈپتىكەن ھەمدە بىر قېتىم يارىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇلار ئاچقان دوختۇرخانىغىمۇ بېرىپتىكەن. بىر قېتىم مەن تەقدىرىمدىن زارلىنىپ ئولتۇرسام ، ئۇ ماڭا مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دېدى:«مەن شىۋېت مىسسىيونېرلىرى بىلەم كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ قۇم دەرۋازىدا بىر پونكىتى بار. شۇ يەرگە بېرىپ باقمامسەن ؟»دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇ يەرگە باردىم ھەمدە تېزلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتتىم. ئۇلارمۇ مېنىڭ ئامېرىكا مىسسىيون مەكتىپىدە ئوقۇغانلىقىمنى ئۇقۇپ ماڭا خۇددى كونا تونۇشلاردەكلا مۇئامىلىدە بولدى. مېنىڭ تۇققانلىرىم ئۇلار بىلەن ئارىلىق تاشلاپ كەلگەن ئىدى. لېكىن بىر قېتىم تاغام بېشىغا كۈن چۈشۈپ ئېغىر كېسەل بولغاندا ئۇ دوختۇرلارغا قايىل بولدى. مەنمۇ بۇ ئادەملەرنىڭ قانداق قىلىپ مېنىڭ ئىشلىرىمنى بەلگۈلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىغا بەك ھەيران ئىدىم. ھەقىقەت ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەر دىگەن گەپ بار، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ تاغامنى بۇ ئىش بىلەن مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ماڭا نىساخاننى ئېلىپ بېرىش نىيىتىدىن يانغۇزدۇم. 
        قەدىرلىك دوستۇم ، ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئوغلىڭىزغا قامەت ئاتا قىلغاي، مال-بايلىقلىرىڭىزنىڭ سانىنى كۆپەيتكەي دەپ تىلەك تىلەپ خېتىمنى ئاياقلاشتۇراي. 

    1332 -يىلى، مۇھەررەمنىڭ 2-كۈنى ، قەشقەر  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق