«بېكخام مۇھىممۇ ، ئېشەكمۇ»-ئەلى غوجاخۇن

يوللىغۇچى : alihoja يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-08 08:46:31

«بېكخام مۇھىممۇ ، ئېشەكمۇ»ئەلى غۇجاخۇن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنڭ2008-يىللق 1- سانغا بېسىلغان يالقۇن روزىنىڭ ھوشۇر قارىغا قارىتا يېزىلغان «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت» ناملىق ماقا...

     


    «بېكخام مۇھىممۇ ، ئېشەكمۇ»
    ئەلى غۇجاخۇن



       «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنڭ2008-يىللق 1- سانغا بېسىلغان يالقۇن روزىنىڭ ھوشۇر قارىغا قارىتا يېزىلغان  «ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. ئەزەلدىن ئىشەكنىڭ «چاپچىپ تۇرىدىغان»لىقىنى كۆرمىگەچكە ياكى بىلمىگەچكە، ئەڭ ئاۋۋال كەلگەن تەسىراتىم يالقۇن روزى ئەپەندى ماقالىسىنى سەل ئالدىراپ-سالدىراپ، پىششىقلىمايلا يېزىپ سالدىمۇ نېمە؟ دېگەن خىيال بولدى ئارقىدىنلا «ئادەمگە نىسبەتەن باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلىغۇدەك ياشاشنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇپ، ئاپتۇر «ئادەم ئۆزىگە نورغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشىنى كۈتۈشى كېرەك ياكى ئۆزى ئېرىشكەن نەتىجە ئۇتۇقلارغا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەسەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىش لازىم» دېگەن پىكىردىمۇ قانداق؟ ئەسلىدە ئالىيجاناپ كىشىلەر باشقىلاردىن ھەسەتنى ئەمەس، ھەۋەسنىلا؛ كۆرەلمەسلىكىنى ئەمەس، ياخشى تىلەكنىلا كۈتىشى كېرەك ئېدىغۇ، دوستى ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەتلىرىدىن بەخت ھېس قىلىش قانداق ئشتۇ، بۇ قانداق پىسخىكىلىق ھالەتتۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدىم.  باشلىنىش قىسمىدىلا ئۇچرىغان بۇ مەسىلىلەردىن  ئەسەردىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرى مەسىلىسىدە بەزى سەۋەنلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم -دە، بۇ ماقالە توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
    يالقۇن ئەپەندى ماقالىنىڭ دەسلىپىدىلا ھوشۇر قارىي ۋە ئۇ ۋەكىل بولىۋاتقان سەنئەتتىن «ئالاھىدە ھوزۇر» ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاندىن «مىللىي كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى مىللىي ئادەت نۇقتىسىدىن كىيىش بىلەن مىللىي ئاڭ نۇقتىسىدىن كىيىش پەرقلىنىدۇ»، «ھە دېگەندىلا ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ئۇنۇتقان ھالدا چەكتىن ئاشقان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن باشقىلارنى باشقا ئېلىۋېلىش – غورۇرى پۈچەكلىكنىڭ ئىپادىسى» دېگەندەك ،كۆرۈنۈشتە توغرىدەك كۆرىنىدىغان، ماھىيەتتە ئۇقۇملىرى قالايمىقان قىلىۋېتىلگەن، مىللىي ئادەت، مىللىي ئاڭ، ھۆرمەت ھېسسىياتى ۋە غورۇر دېگەندەك سۆزلەر بىر –بىرىگە مەجبۇرى ھالدا قارمۇ – قارشى قىلىپ  قويۇلغان مۇھاكىمىلەر ئۇچرايدۇ. ماقالىدىكى مەركىزى پىكىرنى يانداش مۇھاكىمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، بۇ نۇقتىلار ھەققىدە توختالمىدىم. پەقەت  كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قانچە ناتوغرا قاراشلار ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.
    ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقساق، بۇ «ئوچۇق خەت»تە دوستلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.يالقۇن ئەپەندى  قايسى بىر ئاپتورنىڭ «... ۋەتىنىدىن ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە دوستلۇقنىڭ تۇز ھۆرمىتىنى ساقلىغان» دېگەن سۆزنى تۇتىۋېلىپ، دوستقا ئىشەنمەسلىك، دوستىن ھەزەر ئەيلەش تەربىيىسىنى ئىشلەيدۇ. ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا»، «بۆرىنى قانچە باقساڭمۇ ئىككى كۆزى جاڭگالدا» (بۇ تەمسىل ئەمەلىيەتتە نوقۇل دوستلۇققا قارىتىلمىغان، ئەسلىدە بۇ ئورۇندا مىسالغا ئېلىشمۇ توغرا ئەمەس) دېگەن ماقال – تەمسىلەرنى دوستقا ئىشەنمەسلىككە سۇيئىستىمال قىلىدۇ. قانداق دوستقا، قانداق ئەھۋالدا ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى تىلغا ئېلىنماستىن ، ئايرىلمىلىق خاراكتېرىدىكى ھۆكۈملەرنى ئومۇملۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلىش تازا توغرا بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ ماقال- تەمسىللەر  كونكرېتنى جۈملە شارائىتىدا، كونكرېت يولۇققان ئەھۋالغا قارىتا ئېيتىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇق خاراكتېرىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان ماقال – تەمسىللەردىن ئەمەس، بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇش نۆۋەتتىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلىق، كونكرېت دائىرىلىك، روشەن پاكىتلىق سۆز قىلىشقا ئادەتلىنىش بىزنىڭ ھېسسىياتچان مىجەزىمىزنى تەڭشەپ سالماق، تەمكىن، سوغۇققان پىكىر قىلىدىغان، ئوبىكتىپ باھا بېرىدىغان خاراكتېرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئايرىم شارائىتتا ئېيتىلىدىغان «ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا» دېگەن ھۆكۈمنى پۈتكۈل دوستلۇق رىشتىسىگە ئىشەنمەسلىك «سەپسەتە»سىگە دەلىل – ئاساس قىلىۋالساق، ئاپتۇر ئۆزى دەۋاتقان «توغرا قىممەت قارشى»غا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىمىز-دە، دوستلۇق مەسىلىسى ئىنسانلار ھەزەر ئەيلەيدىغان قاباھەتلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «دوستلىرىڭ يوق باغدىن، دوستلىرىڭ بار تاغ ياخشى»، «دوستى بارنىڭ بەختى بار»، «دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت»، «دوستقا ئىناق بول، دۈشمەندىن يىراق» دېگەندەك ئومۇمىي خاراكتېرلىك يەكۈنلەرگە قارشى چىقىپ مات بولۇپ قالىمىز.
    ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە ئوخشاشلا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك بىر ئايرىم ھادىسىدىن ئومۇمىيىلىق خاراكتېرىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ قويۇشتەك لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويۇلغان. ئايرىملىقتىن ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن چىقىرىشتا بىر تۈردىكى بىر قانچىلىغان ئايرىم ھۆكۈملەردىن ئومۇم ئېتىراپ قىلىدىغان بىر توغرا يەكۈن چىقىرىلىدۇ. ھوشۇر قارىينىڭ ئېشەك مىنىپ ئېلانغا چىقىشىغا قارىتا، بىلىشىمچە، ئۇنداق كۆپ كىشى «ئات مىنىپ ئېكرانغا چىقىشى كېرەك ئىدى»  دەپ خۇلاسە چىقىرىشمىدى. ئاز بىر قىسىم ئادەملەر دېسىمۇ دېگەندۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قەدىر – قىممىتى ۋە ئىززىتىگە چېقىلمىغان ئاساستىكى ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتپەرۋەرلىك ھېسسىياتىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ ئالىيجانابلىققا، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئەقلىگە ئۇيغۇن، يەنە كېلىپ ساغلام ئىنسانىي تۇيغۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ باشقىلارنى زۆرۈرىيىتى يوق مۇھاكىمىگە باشلىساق، ھەرگىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئات تۈركىي مىللەتلەر ئەڭ دەسلەپ قولغا كۆندۈرگەن ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزدە مەدەنىيەت مەنىسى نۇقتىسىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدە ئات بىزگە تولىمۇ يېقىن تۇرىدۇ ھەم ئىجابىي ئوبراز بولۇش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئەر قانىتى - ئات»، «ئات ئورنىغا ئىشەك باغلىما»، «ئاتلىق - قاناتلىق» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىنىمۇ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ھالدا كلاسسىك ھېكىمەتلىرىمىزدە بولسۇن ياكى ماقال – تەمسىللىرىمىزدە بولسۇن ئېشەك ئوبرازى دېگۈدەك سەلبىي مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. «ئاتنىڭ تەپكىنى ئار ئەمەس، ئېشەكنىڭ تەپكىنى ئار»، «ئېشەك شەيتاننى كۆرسە ھاڭرايدۇ، خوراز پەرىشتىنى كۆرسە چىللايدۇ»، «ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار»، «ئالتۇندىن ھەل بەرسە، كېسەكتۇر كېسەك، تاۋاردىن تون كەيسە، ئىشەكتۇر ئىشەك» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنىڭ دەلىلى ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان» دىمۇ «ئوتتۇراھال، ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر» (31-سۈرە، 19- ئايەت) دېگەن ئايەت  ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە يۇقۇرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئاۋازى ئېشەك ئاۋازى بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن ئاۋازدا، مۇلايىملىق بىلەن گەپ – سۆز قىلىشقا چاقىرغان. ئېشەكنى ۋاستە قىلىپ سەلبىي مەنىدە ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاشتۇرۇش قۇرئاندا يەنە بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە جايدا ئۇچرايدۇ. دېمەك، ئېشەك ئوبرازى خەلقىمىز مىللىي ئېڭىدا مۇقىم بىر سەلبىي مەنىگە  ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
    مېنىڭچە، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئاتقا قارىغاندا ئېشەكتىن سۆيۈنۈش ھېسىياتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئاپتورنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ «ھوشۇر قارى ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ئېكراندا ئېشەك مىنگەن قەشقەر يىگىتلىرىگە خاس كىيىنگەن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئاشۇ ئوبرازىڭىزنى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى› دەپ قارايمەن» دېگەن يەكۈنىنى چىقىرىپ قويىشى ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ خىيالىمىزدا ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى ئۇيغۇر ناخشا ـ ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قىسمەن كۆرۈنىشىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقامدۇ قانداق:
    ھوشۇر قارىنىڭ ئېكراندىكى ئوبرازى =«ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى»= «سەنئەت مىللەتنىڭ بارلىقى».
    ئىلگىرى يالقۇن ئەپەندى «سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ئەمەس, بەلكى بايلىقى» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە بولسا ھوشۇر قارى ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان سەنئەتنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» دەپ ئېيتقان. ئەجەبا، بۇ ، سەنئەتنى مىللەتنىڭ بارلىقى دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ (ئەسلىدىغۇ سەنئەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ دائىرىسى بۇ جايدا دەۋاتقاندەك ئۇنداق تار بولمايدۇ) مەن بۇ ئىپادىدىن قانچە گۇمانلانماي دېسەممۇ پاكىتلار، يالقۇن ئەپەندىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى گەپلىرى، لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلى قاتارلىقلار بۇ ئىپادىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايرىم بىر ھادىسىدىن ئومۇملۇق كۈچىگە ئىگە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويۇش مەسىلىسى، ئاپتورنىڭ ئېنىق پىكىر ئىزچىللىقىنىڭ بولماسلىق مەسىلىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» نى ئوپۇل – تۇپۇل پاكىتسىز، مۇلاھىزسىز ھالدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىش مەسىلىسى قاتارلىق خاتالىقلار يۈز بېرىپ، ئاپتورغا نېمە دەپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەيدىغان ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
    بۇ يەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئوبرازى» مەسىلىسى مىللىي كىملىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە مىللىي كىملىك بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش شەكلى، تىلى، ئەخلاقى، ئىجتىمائىي قىممەت ھۆكۈملىرى ۋە پرىنسىپلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر پۈتۈنلۈك. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ھوشۇر قارىنىڭ ئېشەكلىك كۆرۈنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى پەقەتلا يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ.
    «سىلەرچە، بىزگە  بىكخام مۇھىممۇ، ئېشەكمۇ؟» بۇ مەسىلە ئادەمنى تېخىمۇ مۇلاھىزە قىلغىلى بولمايدىغان مۇھىتقا باشلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ پىكىر قىلىپ كۆرسەك، ئادەتتە، سېلىشتۇرما تەھلىللەردە بىر تۈردىكى مەسىلىلەر سېلىشتۇرىلىدۇ. ھەتتا بىر تۈردىكى مەسىلە ۋە شەيئىلەر ئىچىدىمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، «ئۈزۈم مۇھىممۇ، ئالمىمۇ؟»، «پىرىزدىت مۇھىممۇ، كان ئىشچىسىمۇ؟» ئەگەر سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق ئەھۋالدا ۋە قانداق شارائىتتا، نېمىگە ئىشلىتىپ، قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقارغاندا ئاندىن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى ۋە ياكى باشقا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.   
    «سېلىشتۇرما تەتقىقات خەلقئارادا ئاللىقاچان ئىلىم سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (Comparativemethod) ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئاساسى ئۇسۇل. ئۇ دەسلەپتە كلاسىك تەدرىجى تەرەققىيات ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى. ئۇلار بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاشمىغان ساھەدە مەدەنىيەتنىڭ  تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلمىسىنى دەللىلىگەن ھەم ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئەھۋالىنى كۈزەتكەن. سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئۈچ قەدەم باسقۇچ بويىچە بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ياكى شەيئىنى تېپىپ چىقىش، ئىككىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرش مەقسىتىگە ئاساسەن ئوخشاش ھادىسە ياكى شەيئىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇلاھىزە قىلىش، ئۈچىنچى قەدەمدە سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ تەتقىقات مەقسىدى ۋە تېپىغا ئاساسەن تارىخى سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (historialcomparison) ۋە تىپ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى (typelogicalcomparison) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئوبىكىتقا قاراپ قوش تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلىك سېلىشتۇرۇش دېگەن تۈرلەرگىمۇ بۆلىنىدۇ» )مەنبە: www.face21cn.cnتورى( گەرچە يالقۇن ئەپەندىنىڭ سېلىشتۇرما مۇلاھىزىسىنى تەتقىقات دەپ ئېيتالمىساقمۇ، يۇقۇرقى پاكىتقا ئاساسلانغاندا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق «بېخكام مۇھىممۇ ياكى ئىشەكمۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەش ئىلمى بولمىغان سۇئالغا ئىلمىي بولمىغان جاۋاب ئىزدەش بىمەنە ھەركىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاۋۋال سېلىشتۇرۇش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئاندىن سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچى ئىلمىي بولغانمۇ يوق، دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ يەردە شەرت، مەقسەت،  چىقىش نۇقتىسى بىئېنىق ئەھۋالدا سۇئال سوراش بىلەن جاۋاب ئىزدەش ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەجبۇرى سېلىشتۇرغاندا كۈچىدىن پايدىلىنىش ۋە قاتناشقا قولايلىق بولۇشتا، ئەلۋەتتە، بېكخامنى مىنگىلى ۋە ھارۋىغا قاتقىلى بولمايدۇ. ئېشەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. پۇتبول تېپىش ماھارىتى ۋە بۇ ماھارىتى سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن نوپۇزى ۋە ئابرويى، ياشلارغا بولغان تەسىرى، ئىلھام بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، ئېشەك تولىمۇ ئارقىدا تۇرىدۇ. ياكى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق، بېكخام مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلە ئۇنى قەستەن مۇرەككەپ كۆرسىتىشنىڭمۇ ھېچ ئەھمىيىتى يوق. «بېكخام خەلقىمىزگە ۋە ۋەتىنىمىزگە نېمە ئىش قىلىپ بەرگەن؟... ئېشەك كۈندىلىك ھاياتتا بارلىق ھايۋاننى بېسىپ چۈشىدىغان تۆھپىسى بىلەن مىسىلسىز رول ئويناپ كەلدى» . ماقالىدە ئېيتىلغان بۇ يەكۈنلەرنىڭ تىرەش نۇقتىسىنىڭ پەقەتلا يوق بولىشىغا قارىماي، ماھىيەتكە نەزەر سالماي ھادىسىگە، شورپىسىغا قارىماي كۆپىكىگە قاراپ ئادەتلىنىپ قالغان ئاددىي پىكىرلىك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى تەبئىي. بىراق سېلىشتۇرۇش قەدەم باسقۇچىنىڭ مۇھىم ئۈچ باسقۇچنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان «ئوخشاش تۈردىكى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنى تېپىپ چىقىش» قەدىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقلا بۇنداق مۇھاكىمىنىڭ گۆدەكلەرنىڭ تاللاش تارتىشىغىمۇ ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. نەتىجىدە، «يېزا – بازاردىن ئىبارەت گۇمانىتار مەنزىرە » ئاستىدىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان «مىسىلسىز رول» ئوينايدىغان «سۆيۈملۈك» ئېشەك بىلەن بىكخامنى سېلىشتۇرۇشنىڭ گويا مارس بىلەن بېلىقنى، لاي ھەيكەل بىلەن مائارىپ گېزىتىنى سېلىشتۇرۇشتەكلا بىمەنە ئىش ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.
    ئەگەر ئېشەكنى تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ ھالدا سىمۋوللۇق مەنىدىن ھالقىپ تۇرۇپ بىكخام بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ ئېشەك ياكى ئېشەكلەر «قەۋمى» يارتىلىشىدىنلا ئىنسانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ نېمىس دېھقانلىرىغىمۇ، ئىندىئان پادىچىلىرىغىمۇ، يەھۇدى دىن تارقاتقۇچىلىرىغىمۇ «غەرەزسىز» ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈنلا قۇربان بەرگىنى يوق.ئۇ ھەرگىز بىز ئۈچۈنلا يارىتىلغان «مىللىي ھايۋان»(گەرچە بۇنداق گەپ بولمىسىمۇ،ئەمما يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئېشەك بىلەن ئۇيغۇرنى شۇ قەدەر يېقىن باغلىشىغا قاراپ شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولدۇق)، ياكى مىللىي بۇيۇم ئەمەس،ياكى بولمىسا شۇنداق چۈشىنىشكىمۇ بولمايدۇ. بېكخام بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق تەبئىي ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. پۇتبول مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسنى قوشىۋاتىدۇ  ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىليۇن دوللارلىق غەللىسىگە تايىنىپ نۇرغۇن خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. (ئۇ خەيرى – ساخاۋەت تۈرىدىكى ئېلانلارغا چىقىپ، 2002 ـ يىلى 8 ـ ئايدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ۋېلىس بىلەن جېشكانى ئۆيىگە قايتشقا تېلۋىزوردا دالالەت قىلدى. 2007 ـ يىلى 5 ـ ئايدا يۈتۈپ كەتكەن 3 ياشلىق ئەنگىلىيىلىك قىزچاق مادېلىن ماككىننى كىشىلەرنىڭ تېپىشىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ تېلۋىزور سۆزى قىلدى. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبول مەكتەپلىرنى قۇردى. تېخى 2008 ـ يىلى 1 –ئاينىڭ 30 ـ كۈنى بىرازىلىيەنىڭ ناتار شەھىرىدە 10 مىڭ كىشلىك بىر پۇتبول مەيدانى، 8 پۇتبول مەشىق مەيدانى، بىر قانچە گۈلف توپ، تېننىس توپ مەيدانلىرى، تۇلۇق مەشىق ئەسلىھەلىرى بولغان «بېكخام تەنتەربىيە دۇنياسى»نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە بەرپا قىلغان پۇتبول مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.) ئۇ ئۆزىنىڭ توپ ئويناشتىكى ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبۇل قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە تېگىشلىك پايدا يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدە ساغلام قىزىقىش پەيدا بولۇشىغا ۋاستىلىق تۈردە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىر خىرىستىيان ئىكەنلىكى، قۇلاق – بۇرۇنلىرىغا تۆمۈر – تەسەك ئېسىۋالىدىغانلىقى، تېرىسىگە بىر نېمىلەرنى چېكىۋالىدىغانلىقىغا تەنقىدى قارشىمىز، پەرزەنتىلىرىمىزنى بۇنداق ئىشلارغا ئەگەشمەسلىكىگە ئۈندەش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئەگەر يالقۇن ئەپەندى ئېيتقاندەك دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا بوكس شاھى تايسۇن، مەشھۇر يازغۇچى بالزاك، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى ماندىلا، داڭلىق رويال ماھىرى رىچارد كىلايدورمان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدۇ، ئىشكەككىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇلاردىن ئېشەك مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى ئىشەككىمۇ تەڭ قىلماسلىققا ھەققىمىز يوق.  
    پۈتكۈل ماقالىدە «ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان خىرىستىيانلارنى يېروسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشقا كۈشكۈرتكەن مۇناخ پىيەرلەمت» نىڭ  خائىن ئېشىكى ئاپتور قەلىمى ئاستىدا نۇر چېچىپ چاقنايدۇ. بىر ئادەمنى بولسا ئاپتور ئىشەككىمۇ تەڭ قىلمايدۇ ئاپتور «ئېشەك قەسىدىسى»نى يېزىۋاتقاندا ھاياجانلانغان ھالدا «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!» دېگەن مىللىتىمىزنىڭ  خاس چۈشەنچىلىرىگە ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە قىلچە ئۇيغۇن بولمىغان ، يات،  غەلىتە جاكارنى جاكالايدۇ. ۋە «بۇنىڭ نېمىسى خاتا؟» دەپ تەئەججۇبلۇق سۇئال تاشلايدۇ. «ئۆرگىلەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!، ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت!، دەپ پەخىرلەنسەك بولىۋېرىدۇ» دەيدۇ. ئەسلىدە ئېشەكتىن ئىبارەت بۇ مەخلۇق خۇددى ئاپتور ماقالىسىدە ئېسىمىزگە سالغۇدەك «جاپاكەش بولغاچقا كۆپتۇر خىزمىتى، ھاياسىز بولغاچقا يوقتۇر ئىززىتى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاللىقاچان قىممەت قارشىمىزدا مۇۋاپىق باھاغا ئېرىشىپ بولغان ھايۋان ئىدى. ئۇنىڭ «ھاياسىزلىقى» ، سەت ھاڭراپ كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغانلىقى، نېمە ئىشقا سالسا، شۇنى قىلىدىغان قۇل مىجەز ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا ۋە يەنە بىر قىسىم يېزا بالىلىرىنىڭ قىلىقسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەچكىلا ، «ياخشى ئوقۇ داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما» دېگەندەك ھېكىمەتلەرنىڭ تەركىبىدىن سەلبىي مەنىدىكى ئورۇننى ئالغان. ھوشۇر قارىنىڭ «كېۋەز گۈلى» ماركىلىق خىمىيۋى ئوغۇتى ئېلانىغا چىقىشتىكى مەقسىدىمۇ ئېشەكنى ياكى ئۆزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئېلاننىڭ كۆرۈلۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، «كېۋەز گۈلى» خىمىيۋى ئوغۇتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىنلا ئىبارەت. ئېلاندا ئېشەككە باھامۇ بېرەلمىگەن، چۆكۈرۈلمىگەن ياكى كۆپتۈرۈلمىگەن.شۇڭا  ئاپتورنىڭ مۇشۇنداق بىر ئېلاندىكى بىر ناخشىچىنىڭ ئېشەك مىنىپ چىققان كۆرۈنىشىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي «ئېشەك ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى!»، «ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت» دەپ پەخىرلىنىشى  سەل بىمەنىلىك بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېشەك ئاللىقاچان خەلقىمىز قەلبىدە «تۆھپىسى» بىلەن «قىلىقسىزلىقى» ئېنىق ئايرىلىپ، تۆھپىسىگە قارىغاندا «قىلىقسىزلىقى»نىڭ بېسىپ كېتىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان، «ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال» ھايۋان. شۇنداق بولغاچقا، خەلقىمىزنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان بۇنداق ھاقارەتلىك «دوست»تىن يىراق تۇرىشىمىز تولىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.
    يەنە بىر گەپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئېشەكنى دۆتلۈكنىڭ، قۇل مىجەزلىكنىڭ، ھاياسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە چۈشەنگىنى ۋە ئەسەرلىرىدە سەلبىي مەنىدە ئىشلەتكىنى بىلەن ھەرگىز قۇتىنىدىكى ئېشىكىنى كۈندە دۇمبىلاپ، ئاچ قويۇپ، ئۆچلۈك قىلمايدۇ. شۇڭا ئاپتور ئېشەكنىڭ ياكى ئېشەكلەر قەۋمىنىڭ تەكلىماكاندىكى تەقدىردىن ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار يەنىلا ئۆز «ھۇجرا» لىرىدا ئېشەكلەر ئېرىششىگە تېگىشلىك «بەختلىق تۇرمۇش»تىن بەھرىمان بولىۋېرىدۇ.
    بىز ماقالىدە ئاپتورنىڭ  «ئەي ئوغۇل، بىلىم ئۆگەنگىن! نادانلىق نومۇستۇر، بۇ نومۇسسىنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازى بولىدۇ»( بۇ ئەسلىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۆزى ئىكەن) دېگەن  ھېكىمەتكە قارىتا «روشەنكى، بۇ ئېشەككە ئۇۋال قىلغانلىق، ئېشەك بىلىمسىزلىككە رازى بولۇپ ياشاپ، باشقا ھايۋانلار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىۋالغان ئەھۋالىنى بىرەر كىشى كۆرگىنى يوق!» دەپ كايىشىغا قاراپ،  يالقۇن ئەپەندىدە ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق سۆز جۈملىلەرنى چۈشىنىشىدە پىسخىكىلىق توسالغۇ بارمۇ قانداق؟ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىپ قالىمىز. بۇ رېتورىك خىتاپتا، ئېشەك بىر ۋەكىللىك ئوخشىتىش ھالىتىدە دۆت، نادان كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە مەزكۇر جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى مەجبۇرى بۇرمىلاپ چۈشىنىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق. ئېشەك بىر ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يولۋاس بىلەن ياكى بىر شاتۇتى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىدا بولسا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆتلۈك، نادانلىق ۋە قىلىقسىزلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن، ئەلشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:  «ناداننىڭ بىمەنىلىك بىلەن بوغۇزىنى كېرىپ  ۋارقىرىشى خۇددى ئېشەكنىڭ ۋاقىتسىز ھاڭىرىشىدۇر.ياخشى سۆزلۈك كىشىنىڭ جايىدا ئېيتقان مۇلايىم سۆزى بىلەن كۆڭۈلگە تولۇپ كەتكەن غەم چىقىپ كېتىدۇ.سۆزدە ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئىمكانى بار» (ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىن،ئابدۇرېھىم سابىتلار تۈزگەن «ھېكمەتلىك سۆزلەر» دېگەن كىتاپنىڭ 92-بەتكە قارالسۇن)   
    ئاپتور ماقالىسىدە ئېشەكنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ پارلاق توتېمى قىلىۋېلىش قەستىدە بولىۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرىدۇ. تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك  5 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئادەمگە قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەممە جايىدا ئوخشاش رول ئويناۋاتقان بىر ھايۋان «ئەپەندى» بولمىش ئىشەكنى ئۇلۇغلاشتەك خاتا قىممەت قارشىنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. بېكخامدىن ئىبارەت ياشلارغا توپ ئويناش ماھارىتى بىلەن ئۈلگە بولىۋاتقان، ئۇلارغا يوشۇرۇن ئىلھام بېرىۋاتقان، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلارغا تەنتەربىيە مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىپ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئىنساننى بىر ئېنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر بىلەن كارى يوقلىقى سەۋەبىدىن بىر ئېشەككە تەڭ قىلمايدۇ.
    بېكخامنىڭ بىر ئىنگىلىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىگىنى، شۇڭا ئۇنى ئېشەكتىنمۇ تۆۋەن كۆرۈش كېرەكلىكتەك ھېسسىياتنى يالقۇن ئەپەندىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكى دەپ قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلسە، باشقا مىللەتلەرنى ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار روھىنى، مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشنى ماھىيەت قىلغان بۇنداق مىللەتپەرۋەرلىك پەقەت ئېرىقچىلىقىنى ۋە رادىكال قاراشلارنى مەزمۇن قىلغان پىكىردىن باشقا نەرسە ئەمەس بۇلۇپ چىقىدۇ. بۇنداق قاراش ۋە پىكىر ئۇيغۇرلارنى زاماننىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ تېز ئىلگىرلىشىدىن، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ بىزگە بولغان ياخشى تەسىرىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇش رولىنىلا ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۆز خەلقىنىڭ كۇلتۈرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار تەركىبلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. ھەرگىز باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلغار روھىنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە قولغا كەلمەيدۇ.
    چەتئەلدە غېرىپسىنىپ ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنغان ھېسسىيات ئالىمىدە كېزىپ يۈرگەن بىر  شائېرنىڭ كۆزىدە « ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك» ، «گۆھەردۇر ، ئالىمدۇر ، خۇش پۇراق گۈلدۇر» بولغان بىلەن ئۆز دىيارىمىزنىڭ رېئال دۇنياسىدا  ياشاۋاتقان ئادەملەر بۇنداق «توڭ تېزەك»لەرنى يوللاردىن تازلاپ ئېلىۋېتىپ، ئۇنى بارار يېرىگە ئاپىرىۋېتىشىمىز كېرەك.ئۇنىڭ يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە توسالغۇ بولۇپ تۇرىۋېرىشنى«ئەنئەنە» قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.توڭ تېزەك سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ مۇشۇ يولدىن ئۆتكەن ماشىنىسىنى نېرى ماڭ ، بېرى ماڭ دېسەك ئاقىلانىلىك بولمايدۇ.
    ئەگەر بىز «ئوچۇق خەت» تىن  مەجبۇرى مەنە ئىزدەپ ،ئېشەكنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىغا قارىماستىن،بۇ جانۋارنى ۋە بېكخامنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا  مىللىي مەدەنىيىتىمىز  ۋە غەرىب مەدەنىيىتىنڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كېڭەيتىپ چۈشەنگەندىمۇ ،ئەنئەنىمىز ۋە مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قانداق  قىسىملىرىنى كەسكىن تۈردە شاللاش ، قايسى قىسىملىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش، يۈكسەلدۈرۈش؛ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قانداق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزگەرتىپ ماسلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش،قايسى قىسمىنى كەسكىن رەت قىلىش مەسىلىلىرنى ئايرىپ تۇرۇپ ئېنىق يورۇتىشىمىز كېرەك.ئەنئەنىمىز ئىچىدىمۇ شاللىنىدىغان  تەرەپلەر ، غەرىپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىچىدىمۇ مىللى ئەنئەنىمىزگە كۈچ قاتىدىغان نۇرغۇن تەركىپلەر بار. ھەرگىزمۇ ئەنئەنىمىزنىڭ ھەممىسى ئېسىل،چېقىلغىلى بولمايدىغان؛غەرىبنىڭ ھەممە نەرسىسىلا رەت قىلىدىغان، يېقىن كەلسە بولمايدىغان يامان نەرسىلەر ئەمەس.ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشنى باشلىنىش قىلغان پەن-مەدەنىيەت ،ئەخلاق،سىياسى ھوقۇق،دىنىي ئىسلاھات ھەركەتلىرىنىڭ ۋەيېقىنقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ پارتىلاش خاراكتىرلىق تەرەققىياتىنىڭ دەل ئاشۇ بىز يامان كۆرىدىغان غەرىبتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. مېنىڭچە، بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق دىئالوگنى ئوبدان ھەل قىلىشى  لازىم.كاللىمىز قىزىپ كېتىپ ، چىقىرىپ قويغان  خۇلاسە-يەكۈنلەر بىر بولسا بىزنى مۇتىئەسىپ،قالاق،دوگما قىلىپ قويىدۇ.بىر بولسا ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن،ئۆز مىللىي خاسلىقىمىزدىن ئايرىپ قويىدۇ.    
        ئاپتۇر يۇقۇرقىدەك پاكىت-مۇلاھىزىلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرماستىن ، ھەر تەرەپتىن نەقىل ئالغان بىر قاتار  «مۇكەممەل» مىساللىرى  ئارقىلىق ماقالىسىدە بىزگە  «بېكخامدىن ئېشەك مۇھىم» دېگەن خەتەرلىك سېگنالنى بېرىدۇ.  شۇنى بىلىش لازىمكى، خەلقىمىز ئىلھام – مەدەتكە، يېتەكلەشكە، توغرا ھاياتى قىممەت ئۆلچەملىرىگە مۇھتاج. ھەرگىزمۇ روھىنى چۆكىرىدىغان، مىللىي تەرەققىياتىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان  خاتا تەلقىنلەرىگە مۇھتاج ئەمەس.ئاپتۇر بۇ گېپى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقتىمىكى، بۇ سۆز ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ غۇبارسىز قەلىبلەرنى «ئادەمدىن ھايۋان مۇھىم» دېگەن خاتا، بىمەنە قىممەت قارشى بىلەن تۇيۇق يولغا باشلىغىنى بولۇپ قالامدۇ – قانداق؟!
    ئاخىرىدا ئاپتورغا دەيدىغىنىم، يالقۇن ئەپەندى  بۇنداق سۆز ئوينىتىش تۈسىنى ئالغان، ئاۋامنى قايمۇقتۇرىدىغان ئاتالمىش «چوڭقۇر» مۇلاھىزىلەرنى قويۇپ، مەۋجۈت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، مىللىي كىرزسىلار ھەققىدە ئويلىنىپ، شۇلار ھەققىدە پىشقان، توغرا مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا كۈچىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىمىنى، نېمىنى دوست تۇتۇش مەسىلىسىنى يەنىلا تارىخنىڭ مەدەنىي بىر تەرەققىياتى ئاستا- ئاستا ھەل قىلىسا دەيمەن.


    ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ
    تىل – ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.