تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(2)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 07:27:21

تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(2)22.1 تەپەككۇر نامراتلىقى توغرىسىدا چۈشەنچەتەپەككۇر نامراتلىقى - بۇ سۆز ئاساسلىقى تەپەككۈر ماقالىلىرى ۋە يېڭى ئىرادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىك...



     تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(2) 


    2.1 تەپەككۇر نامراتلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە

     

    تەپەككۇر نامراتلىقى - بۇ سۆز ئاساسلىقى تەپەككۈر ماقالىلىرى ۋە يېڭى ئىرادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ كەمچىللىكى، ئەنئەنىۋى پىكىرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى، پەيلاسوپلارنىڭ يېڭىچە ياشاش تەپەككۇر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشىدە ساقلانغان نۇقسانلارغا قارىتىلغان. مېنىڭ شەخسىي ئېڭىمدا تەپەككۇر دېمەك مەلۇم بىر ئىشنىڭ راۋان تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي، توغرا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىستراتېگىيە (ئامال – چارە) بەلگىلەشتىن ئىبارەت. تەپەككۇر ھەرگىز بىر مەسىلىدىن قانداق قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش توغرۇلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. ئېڭىمىزدىكى ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، پاكىتنى قايرىپ قۇيۇپ ھېسسىياتقا ئىغىش پسىخىكىسى(يەنى ھېسسىياتنىڭ ئەقىلنىڭ ئالدىدا بولۇشى) قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىك يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى ئاساسەن توسۇپ قويۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلە خېلى كۆرۈنەرلىك. بولۇپمۇ ئۆزىمىزگە زىيادە تەمەننا قويۇش، ھە دىگەندە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنۇش، تارىخى نەتىجىلەرنى زىيادە دەسمايە قىلۋىلىش، تەقدىرى ئوخشاشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭۈلنى ئەمىن تاپتۇرۇش قاتارلىق قىلىپلىشىپ كەتكەن ئىدىيىۋى ئاڭ بىر تۈركۈم زىيالىيلار قاتلىمىغا خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ خىل روھىي-كەيپىيات بىلەن ئېلغار پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز. بۇخىل ئەھۋالدا ئۆزىنىڭلا نەتىجىسى كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى كىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىگە ئۆزىدە بار نەرسىنى سىلىشتۇرۇپ، تەسەللى تاپقۇسى كېلىدۇ. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتىكى بۇ خىل پىكىرگە ئەگەشكۈچى كىشىلەرنى داۋاملىق غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەجەللىك پالتا ئۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭىچە كۆز قاراش ۋە تەپەككۈرنى بىخ ھالىتىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋراڭنى چوڭ سېلىپ كىشىلەرنى داۋاملىق جاھالەتتە يىتىشقا، توغرىسى ئۆزىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. يىراق ھەم يېقىنقى زامان تارىخ بەتلىرىدە ئايان بولغىنىدەك ناھايىتى ئاددىي ھىيلە– نەيرەڭلەرگىمۇ ئالدىنىپ كۆنۈپ كەتكەن ساددا، ئاقكۆڭۈل ئادەملىرىمىز بۇ تەشەببۇسلارنىڭ تىگى مەنىسىگە يەتمەستىنلا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئىقىمى ۋە ھالىتىدىن قىلچە بىخەۋەر تەركىي دۇنيالىق، جان باقتىلىق، شۈكرى – قانائەتچانلىق ۋە كونىلىققا قۇلچىلىق توغرىسىدىكى چىرايلىق پەدازلانغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كىتۋاتماقتا. ئىلغار پىكىر ئېقىمدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئىللىتى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن بولسا، كونسىرۋاتىپ، ئەنئەنىۋى پىكىر قىلغۇچىلار ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، مىللىي - دىنىي ھېسسىيات پسىخىكىسى، ماختاپ ئۇچۇرۇش، تەسەللى - پەپىلەش نەيرىڭىنى، ھەتتا خەلق بەرگەن ئىمتىيازىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئېغىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى داۋاملىق ئالداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. كونسىرۋاتىپلار (ئەسلىدىكىسىدە چىڭ تۇرغۇچىلار) كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھېسسىيات  جەھەتتىكى يولىغا كىرۋىلىپ، قىلچىلىك يىڭى ئاڭ، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي دەسمايىسى بولمىغان ئەھۋالدا، دۇنيا ئىلىم – پېنى ھەم ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا تۇرۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىغا تايىنىپ، سۇنىڭ ئېقىشى بۇيىچە يول تۇتۇپ، پاساھەتلىك سۆزلىرى، گەپدانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياپ، تەسىر ۋە نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىۋالغان. بۇ ئۇلارنىڭ خەلق روھىدىكى «مەنىۋى داھى» بولۇشتەك شۆھرەت تاماگەرلىكى خالتىسىنى تۇشقۇزۇپ، ئۆز پىكىرىنىڭ قۇربانى قىلىشقا ئالدىغان. بۇ خىل ئالداشنى تارىختىكى خوجا– ئىشانلارنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋىلىپ ساددا خەلقنى ئالدىغانلىقىغا تەققاسلاش مۇمكىن.

     

    بۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە ئالدانغۇچىلار خاموشلۇق بىلەن لاپ ئۇرۇپ ئۆزلىرىنى  «ئالەمدە بىر» ساناپ، غەپلەت ئويقىسىدا يىتىۋېرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھەم تېخىمۇ يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىجادىي تەپەككۇرىنى مەسخىرە قىلىدىغان، دادىل پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كەيپىيات كېلىپ چىقىدۇ. ئالدانغانلار ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭلا تۇتقان يولى توغرا بولۇپ، دۇنيادا بۇلارنىڭ قىلغىنىدىن دۇرۇس ئىش يوق. دېمەك، «ھازىرقى زامان ژۇرنال پەيلاسوپلىرى» كىشىلەرگە قىلچىلىك يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەلمىدى. ئاممىنىڭ پىكىر ئېڭى ئىلگىرلىمەيلا قالماي بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، بىلىش دائىرىسى بارغانسېرى چىكىندى. ساۋاتلىقلار بىلەن ساۋاتسىزلار(ئىلغار مەدەنىيەت ساۋاتلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نىڭ پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ كەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ تەپەككۈر ھەم ئوي- پىكىردىكى بۇنداق قايمۇقۇشنى ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە تەكرارلاش پاجىئەدىنلا ئىبارەت.

     

    بۇشاڭ كىشىلەر ھامان ئاچچىق نەسىھەتتىن تەبىئىي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئالقىش-مەدھىيە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئارام تىپىشىدۇ. قىيىن ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ ئاسىنىغا يۈگرەيدۇ. نەتىجىدە كونسىرۋاتىپلار كۈپۈكتەك گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدىكى ھەقىقىي پەلسەپە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ياشاش سەنئىتى توغرىسىدىكى تەلىمى، نەسىھىتى خۇنىكلىشىپ، خەلق قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدى. مانا بۇ يىڭىلگۈچى «روھ سىياسىيونلىرى»نىڭ كىشىلەر ئېڭىغا سىڭدۈرگەن تەپەككۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە خەلق بىلەن ئۆزىنىمۇ قوشۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇلار يىڭى پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى «ئەدەپلەش»تىن ئىلگىرى ئۆز يولىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە كۆپەرەك ئويلىنىشى، نەزەر دائىرىسىنى ناھايىتىمۇ يىراققا تاشلىشى، بولۇپمۇ پىكىرىنى ئازاد قىلىشى كېرەك. شۇندىلا يىڭىچىلار بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ ئىلىم - مەرىپەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كىمىكى ئۆز جەلىپكارلىقىنىڭ مەپتونكار قۇربانلىرى بوپقالىدىكەن، ئۇنىڭ ھالاكىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ. تەپەككۇر نامراتلىقى قانچە ئېغىر، قانچىكى قالاق- كونسىرۋاتىپ، بىكىنمە بولسا، ھېسسىيات ئەقىلنى كەسسە، بۇنداق كىشىلەردىن يېڭى نەرسىلەر چىقمايدۇ، تېخىمۇ توغرا بولغان يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىلىقچىلارغا قارىشى ئاكتىپ ھوجۇمدارلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە ئۇلار مىللەتنىڭ روھىدىكى ئىللەتنى كۆرسەتكۈچىلەر بولسىمۇ، ئەمما دائىم تەنقىدلەشكە تىگىشلىكىنى تاپالمايدۇ. توغرا كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەرنى كەمسىتىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى «ژۇرنال پەيلاسوپ»لىرىنىڭ تەپەككۇر نامراتلىقى. ئۇلارنىڭ پىكىر تەلىپى ۋە ئاخىردا يەتمەكچى بولغان نىشانى يىراق ئەمەس. بۇنداق پىكىرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمدا ياشاۋاتقان تۈرۈكىي، ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقىنى بەخت، تىلداش بولۇشنى شەرەپ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات تېز بولۋاتقان رايونلار مەدەنىيىتى، غەرب ئىلىم - پەن مەدەنىيىتى ۋە توغرا تەپەككۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېنىقكى تەرەققىياتقا يەنە بىر پۇتلىكاشاڭ بوپقالىدۇ. نوقۇل ھالدا ئۆزى بىلەن تىلداش، دىنداش مىللەتلەرنىڭ تەپەككۈرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ئىنتىلىش، تەرغىبات ھەرىكىتى شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنى تەرەققىيات يولىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ، بىر نۇقتىنى قىسمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشى ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق مىللەتلەر بىلەن باغلىۋالغانلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

     

    يەنە بىر تەرەپتىن، مۇتەپپەككۈر ھەم مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتارىغا بىر قىسىم ئەدەبىيات ساھىبىلىرىنىڭ باشچىلاپ ئارىلىشىپ كېتىشى بۇ ساھەنى ھەقىقەتەنمۇ چېگرىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس قىلىپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەسىلىلەرنى مېنىڭچە نۆۋەتتىكى يازغۇچىلارغا قارىغاندا جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن ئىقتىسادشۇناشلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، جاھانكەزدىلەر، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەنى مۇشۇنداق كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئەڭ توغرا. يازغۇچىلىق بىلەن پەلسەپەنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى تەسەۋۋۇرغا تايانسا، كەينىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. رېئال مەسىلىلىنى پەدازلاشقا، ئەدەبىي ھىسىياتنى ئارلاشتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن زاكۇنشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس. بىزگە تۇنۇشلۇق بولۋاتقان سوقرات (ئىلاھىيەت ۋە ئەخلاقشۇناسلىق پەيلاسوپى)، ئارستوتىل (تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ)، ئەپلاتون قاتارلىقلار ھەم يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىليىلىك ئىقتىشادسۇناس ھەم پەيلاسوپ داۋىد ھوم، ئامىرىكىلق پەيلاسوپ جون دوۋىي قاتارلىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدىب ئەمەس.

     

     پەيلاسوپ تەبىئەت قانونىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ھەم ئىجادىي تەپەككۈر روھىغا ئىگە ئىزدىنىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. چۈنكى تەبىئەت قانونيىتى(مىسالەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۇنىڭ لەيلىتىش پرىنسىپى قاتارلىقلار) ھەق قانۇنىيەت بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان يارالمىش مۇقەررەر ئىلىمدۇر. شۇڭا پەيلاسوپ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلىم ساھىبى بولۇشى ئاندىن مۇشۇ ئىدىيىسىنى قىبلىنامە قىلغان ئاساستا ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىلمىي قانونىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان تەمكىنلىك كىشىنى ھەر ۋاقىت ھەق سۆزلەشكە، ھىسىياتقا بېرىلمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ  روھ بىلەن قەلەم تەۋرەتكەندە زاكۇنشۇناسلىق ۋايىغا يىتىدۇ.

     

     

    2.2 تەپەككۈرنى ئېچىشنىڭ ئۇسوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش

     

     

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا، ئېنىرگىيەگە بولغان قارىشى كۈچىيىپ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قولانماقتا. مەلۇم بىر دۆلەت پىرزىدىنتى ئۆز قولى بىلەن خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ چوڭ بىر شەھەردىكى بارلىق ئېلېكتر چىراغنى بىر سائەت ئۆچۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ خىل پائالىيەت قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ پائالىيەتتىن ئېنېرگىيە تىجەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ ھەم بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرى ۋە تەپەككۇرى غىدىقلىنىپ ئېنېرگىيە تىجەشچان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئوي - پىكرى ئاۋۇيدۇ ياكى ئېنېرگىيە تىجەشچان ئۇسولار ئۈستىدە يېڭىچە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. دۇنيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە ئىچىملىك سۇ تېجەش، بۇلغانما قۇيۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىپىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر خېلى كۆپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەپەككۇرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ئىجادىي پائالىيىتىگە بەلگىلىك رول كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى قانداق ئۇيغۇتۇش توغرىسىدىكى تىپىك مىسال، بۇ مىسال مەيلى مۇھىت ياكى ئېنېرگىيە تىپىغا تەۋە بولسۇن ئانچە مۇھىم ئەمەس، مەن دىمەكچى بولغانلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى ئۈچۈنلا بۇ مىسالنى كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «غەيرىي، ئاكتىپ» ئۇسوللار ئارقىلىق خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقىشتىن ئىبارەت، كىشىلەر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئويلانماقچى بولغان مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي ھېس قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب ۋە پارس مەملىكەتلىرىدە بۇنداق پائالىيەتلەردىن تېخى بىرىمۇ يوق دېيەرلىك. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئىلىم - پەن تەرەققىياتى تېز بولۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ  قوشنا ئەللىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان ۋە قىلماقتا. بۇ ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتتە ئورتاق مەۋجۇت بىر ھادىسىگە ئايلانغان. دېمەك، پەن - تېخنىكا، يەرشارىلىشۋاتقان ئىقتىساد، خەلقئارا جاھاندارچىلىق مەدەنىيىتى ھەم يېڭىچە خىرىس - رىقابەت، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر ئەندىزىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسۈلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دېمەي تۈركىيىنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى. تۈركىيە گەرچە ئاسىيادىكى دۆلەت ھىساپلانسىمۇ ئەمما تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولۇشنى ھەم ياۋرۇ رايونىغا يىقىنلىشىنى ئىزدەۋاتىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ ئامىرىكا – ياۋرۇپا ھەربىي ئىشلىرىدا ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش شەرتىنى ھازىرلىدى. ئۇلار ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا ئاكىتىپ پۇزۇتسىيە تۇتمىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە مۇسۇلمان ئەللىرى ئىچىدە تەرەققىياتى ھەممىدىن يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى. مانا بۇ غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئىلمىي تەپەككۈرى سىھرىي كۈچىنىڭ بىر نامايەندىسى. شۇڭا كۆز قاراش، ياشاش سەنئىتى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب، پارس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە تەپەككۈرىگە بىقىنىۋېرىشكە ئەمدى بولمايدۇ، مېنىڭچە بىز ئۇلار بىلەن بىر قىيىقتىكى يولۇچىلار ئەمەس. شۇڭا، يېڭىچە رىقابەت، خىرىس، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر تۇيغۇسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش، غىدىقلاپ ئويغىتىش زۆرۈر. گەرچە بىز ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرۈپ - ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ياۋرۇپالىقلاردىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلغارلىق تەرىپىنى توغرا قوبۇل قىلىش  ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى يات كۆرمەسلىك لازىم.

     

    بىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان كىشىلەردىن دۆلەت ئىچىگە قايتقانلىرىنىڭ تەسىرات ئەسىرى ياكى مۇلاھىزە ماقالىلىرى يېزۋاتقانلىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ساھاسىدىكىلەرنىڭ شۇنداق. ئەكسىچە قەلەمدارلار ساھەسى بۇيىچە ئوقۇغان ياكى بىلىم ئالغانلار، زىيارەتچى«ئالىم»لار كۈچلۈك قەلىمى ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ھېچ بولمىغاندا ساياھەت خاتىرىسى يازدى. شۇنىسى بۇ كىشىلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى بىر تەرەپتىن ئۈنسىز ئەيىيپلەپ ئۆتسە(مىسالەن، زىيادە ئىستېمال سەۋىيىسى، يۈرۈش - تۇرۇشى قاتارلىقلار)، يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئۆزىنىڭ كونسىرۋاتىپ ئىدىيىسى، رادىكال ھىسىياتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاڭلىقلىق، ئادىللىق بىلەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، پەدەزلىماي، تۈزلۈك بىلەن خەلققە يەتكۈزەلمىدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى سوۋغا قىلغان، ئىلىم – ئىرپان ئاسمىنىدا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن غەرپ دۇنياسى بۇ كىشىلەرنىڭ يۈزەكى كۈزۈتىشى ھەم «بىلگىنىگە چىللىشى» بىلەن بۇزۇقچىلىقلار ئوۋىسىغا ئايلىنىشقا ئاز قالدى. كىشىلەرنىڭ ئالدىراش مىڭىشلىرى، بىر بىرىگە بولغان ئېتىبارسىز قاراشلىرى، رىتىمى تېز شەھەر، ئۆرە مال باھاسى، كىشلىك قىممەت قارىشى، پۇل قارىشى قاتارلىقلارغا كۈنەلمەي يىتىمسىرىدى. بۇ جەرياندا ئۆز يۇرتى گۈل كۆرۈندى. شۇ ئارقىلىق يات ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى كۆڭلىدە ئەيىبلەپ ئۆتتى. ئۆز رېستۇرانلىرىنى، ئېسىل تاماقلىرىنى، توپلىشىپ تۇرۋىلىشنى، قارتا - پاڭ ئوينىشنى، ئېشەك ھارۋىسىنى، توپىلىق يوللىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايسىلا بىر رايونىغا بارسا كۆزگە چېلىقىدىغان پاكار كېسەك ئۆيلىرىنى تېپىلغۇسىز مەدەنىيەت دەپ بىلىشتى. بۇنداق بىلىش خاتا ئەمەس. يات مۇھىتقا تۇنجى يۈرۈش قىلغان ھەرقانداق كىشى شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما، نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن ياخشى چۈشۈنىدىغان زىيالىيلارنىڭ خەلقئارالىق ئۆرۈپ - ئادەتلەرگىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ئەركىن تەپەككۇرىنى كېسىپ تاشلىغان دېيەلەيمىز. چۈنكى ياتلارنىڭ ئىلغارلىق تەرەپلىرىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، دىلىمىزدا ئېتىراپ قىلىپ تۇرساقمۇ، ئەمما دىنىي ئېتىقاد، يېمەك – ئىچمەك، گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ناتوغرا بولغان باھا بېرىشتىن ساقلانمىقىمىز تەس بولدى. بۇنداق كۆزۈتۈشكە يەنە شۇ قەلەم ساھىبلىرى ئۆلگۈرۈپ كەلدى. تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا تەجىربىخانىلاردىن چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. نەتىجىدە بىز پەقەت ھېسسىيات ئارىلاشقان، بۇرمىلانغان بىرەسمىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئۈلگۈردۇق. بۇنداق ئەھۋال شۇ كىشىلەرنىڭ نوپۇز - تەسىرى بىلەن تېخىمۇ غەيرىي تۈس ئېلىپ بىزگە سىڭىشكە باشلىدى-دە، باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقى چەتكە قىقىلىپ، نەتىجىسى يوققا چىقتى ياكى خۇنىكلەشتۈرۈلدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ جاھاندارچىلىق-تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنى تولۇق چۈشەنمەي كىلۋاتماقتىمىز. پەن - تېخنىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى، ساقلىنۋاتقان قىيىنچىلىق، ئىقتىسادنىڭ يۈزلۈنىشى، تەرەققىيات باسقۇچى، دۇنيا ۋەزىيىتى، مۇھىت قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. بىز شۇلارنى بىلسەك، كۆڭۈل بۆلسەك ئاندىن ئۆز قەدىر – قىممىتىمىز بىلەن ياشىغان بۇلاتتۇق.

     

    20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسابايۇف، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەر چەتئەللەرنى ئارىلاش جەريانىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئەينى خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭىچە سانائەت، يىڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. ئازادلىقتىن كىيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى راۋاجىلاندى، مەدرىسە مائارىپى يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىغا ئالماشقان بولسىمۇ ئەمما كونا تەپەككۇر ئېڭى يىڭىلانماي ئۆز ھەلەكچىلىكىدىكى جاھاندارچىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەھۋال ئۆزگەرمىدى. دىمەك، زامانىمىزدىكى جاھانكەزدى «ئابدۇخالىق»لىرىمىزمۇ ھازىرقى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئەينەن خەلققە يەتكۈزۈپ، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇشى، ھەرگىزمۇ نۆۋەتتىكى ھالەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەدەنىيەت- مائارىپ ھېچ بولمىغاندا ۋاقتىنچە بىزگە غەربتىن، توغرىسى ئىلغار مەدەنىيەتلىك ئەللەردىن كىرىدۇ. ئەمدى تەپەككۇر مىللىتى دەۋرىگە كىرىشنى قەرەلسىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بىر ئەقىللىق لىدىر تارىخى ۋە نوپۇزى چوڭ مەشھۇر كارخانىلارنى زىيارەت قىلغان چىغىدا ئۇنىڭدىكى زامانىۋى ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ئاپتۇماتلاشقان ئىشلەپ چىقىرىش لىنىيىسى قاتارلىقلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆز كارخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلالايدۇ ھەم قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، تەدبىر بەلگىلەيدۇ. ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كارخانانىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ دەل ئىلغار كارخانىلارنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ياكى ئۆز ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولغان. بىز باشقىلارنىڭ جەمئىيىتىدە كۆرگەن - بىلگەنلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىز مانا مۇشۇنداق كارخانىچىغا ئوخشاش توغرا بولۇشى كېرەك.

     

     


    2.3 مەدەنىيەت ئۇقۇمىمىز

     

     

      بىزگە مەلۇملۇق مەدەنىيەت ھەركەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە مەلۇملۇق مەدەنىيەتتىكى پەرق نەدە؟ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى بىزگە ئوخشاشمۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا توغرا ئىنىقلىما بېرىشتە ئويلىنىش زۆرۈر بولۋاتىدۇ. بىز نۆۋەتتىكى مەدەنىيەتنى چۈشەنگەن ساپايىمىز بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە باھا بەرسەك خەلقئارالىق رىلىستىن ئاجراپ كىتىشىمىز ئېھتىمال. ئىلگىرى بىز بىر قىسىم ئىشلارنى«بەرھەق» دەپ بىلگەن بولساق مەلۇم شارائىتتا ئۇنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

     

    نۆۋەتتىكى بىلىشىمىزدە بىز ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى، كىيىنىش، ئۆرۈپ – ئادەت ھەم نەغمە - ناۋايىمىزنى مەدەنىيەت دەپ چۈشۈنمىز. شۇنداقلا بۇنى باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىمىز، بۇ پىسخىكىمىزدىكى ئادەت خاراكتېرلىك ئاجىزلىق. بۇ يەردە تىلغا ئالغان ياشاش ئۇسۇلىنى ھەرگىزمۇ قانداق تېرىقچىلىق قىلىش، تاماق يېيىش ياكى يۈرۈش-تۇرۇش دەپ چۈشۈنۋالماسلىقىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالىمەن. ياشاش ئۇسۇلى دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئوي - پىكىرى، تەپەككۇرى، ھەرىكەت - پائالىيىتى، ئىززەت - ئابرۇيى، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى، كۆز قارىشى، ياشاش پەلسەپىسى، مۇئامىلىسى، تەدبىرى، خەتەرنى ھېس قىلىشى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈشى كېرەك، بۇ ئېنىقلىما مۇشۇ يەردە تامام.

     

    ئىنسانلار  ياراتقان مەدەنىيەت(ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز ھەركەت) تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل مەناغا بۆلۈنىدۇ. بىز ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنى مەدەنىيەت دەپ ئاتىساق، يەنە بىرىنى مەدەنىي (مەدەنىيلىك) دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈردۇق. مېنىڭچە كىيىنكىسىگە چوقۇم يېڭىچە نام قويۇش كېرەك.  مەن ئۇيغۇر تىلىدىن بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقتىنچە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىمدىن «مەدەنىي» دېگەن ئاتالغۇنى «يۈكسەك مەدەنىيەت» دەپ ئاتاشنى، ئىلگىرىكى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇقۇمنى «مۈلكىي مەدەنىيەت» دەپ ئىشلىتىپ تۇردۇم. شۇندىلا ئىككى خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچە قالايماقانلاشمايدۇ.

     

    مۈلكىي مەدەنىيەت ئىنسانلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقتىن ئىبارەت. مىسالەن، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ – ئادەت قاتارلىقلار. يۈكسەك مەدەنىيەت بولسا يۇقىرىقى مەنىۋى بايلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، ئەڭ  مۇھىمى ئىنسانلار ياراتقان ماددىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يېزىق، كەشپىيات، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى. قاتناش قوراللىرى، بىناكارلىق، ئېغىر –يېنىك سانائەت، ئەقلىي ئىختىرا مېۋىلىرى، شۇ دەۋرنىڭ سىياسەتلىرى قاتارلىقلار. دېمەك، ئۇ مۈلكىي مەدەنىيەتتىن كۆپ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇقۇملار توغرىسىدا چۈشەنچە ئېنىق ئايرىلغاندىن كىيىن، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزگە قاراپ چىققىلى بولىدۇ.

     

    زامانىمىزدا مەيدانغا كېلىۋاتقان «مەشھۇر» ئەسەر ياكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۈلكىي مەدەنىيەتنى چۆردىگەن بولۇپ، بۇمۇ ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ(توغرىسى يازغۇچىسىمان تارىخچىلارنىڭ) تەپەككۈرىدىكى ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك. ئېنىقكى، بۇنىڭدىن قەغەز يۈزىدىكى ئاغزاكى(يەنى بىر قەدەر ئاددىي، ئاسان، رەسمىيەت-شەكىلۋازلىققا يېقىن، ئەمەلىيىتى ئاز بولغان) خىزمەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ، يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەمچىلىكىمىزگە مۈلكىي مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت. شۇڭا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇقۇم ھەم چۈشەنچىلىرىمىز ئاساسەن مۈلكىي مەدەنىيەت بىلەن بوپقالدى. يەنى ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ– ئادەت، شائىر، سازەندە، ئەدىب قاتارلىقلار. «مەدەنىيەت» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساق ئالدى بىلەن كاللىمىزدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نامايان بولىدۇ، ئاندىن مەدەنىيەتلىك-ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشتىكى مەدەنىيەت ئۇقۇمى كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سەگەكرەكلەرنىڭ كاللىسىدا شەھەرلىشىش، ئىلىم –پەن مەدەنىيىتى، بىناكارلىق، سانائەت قاتارلىقلار نامايان بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بىزدىكى يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۆز قاراشتا زور كەمتۈكلۈك مەۋجۈت، تەتقىقات خىزمىتىمۇ ناھايىتى كەمچىل. يۈكسەك مەدەنىيەت تارىخى - تەتقىقات خىزمىتى مۈلكىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن كۆپ جاپالىق بولۇپ، نەق مەيداندىن تەكشۈرۈشكە، سىناق قىلىشقا، ئىسپاتلاشقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. مىسالەن: بىر شەھەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، شەھەر ئەسلىھەلىلىرىنىڭ لايىھىلىنىش شەكلى، ھۈنەرۋەن - ئۇستازنىڭ تارىخى، كەشپىياتى، ئىلمىي نەتىجىسى، تۆھپىسى دىگەندەكلەر. يۈكسەك مەدەنىيەتتىن ئىنسانىيەتكە ئەڭ چوڭ نەپ يىتىدىغان نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىزنى توغۇرلىشىمىز زۆرۈر.

     

    ئەلۋەتتە، مۈلكى مەدەنىيەت يۈكسەك مەدەنىيەت ئۈچۈن بىر قىسىم مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، ئەمما ھاياجانلىنىشنىڭ ئۈنۈمى قول سىلىپ ئىشلىگەنگە يەتمەيدۇ، قول سىلىپ ئەمگەك قىلىش يۈكسەك مەدەنىيەت، يەنى بايلىق يارىتىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا نوقۇل مۈلكىي مەدەنىيەت ساھەسى بىلەنلا ئۇچۇر ئالماشتۇرماي تېخىمۇ مۇھىمى يۈكسەك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك بولماقتا. مۈلكىي مەدەنىيەتنىلا گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك بايلىق ياراتقۇچىلارغا، كەشپىياتچىلارغا ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئەڭ ئالقىشلىنىشقا تىگىشلىك، مانا بۇ ھەقىقىي خەلقچىل ئىدىيە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.