ئايال بولۇپ ياشايمەن

يوللىغۇچى : gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-09 16:40:32

ئايال بولۇپ ياشايمەنگۈلنار تىيىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇيغۇر ئەخلاقى ئەنئەنىۋى ئەخلاق رېلىسىدىن قېيىپ، ياتلىشىۋاتقان ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېل...

    ئايال بولۇپ ياشايمەن
    گۈلنار تىيىپ

          بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇيغۇر ئەخلاقى ئەنئەنىۋى ئەخلاق رېلىسىدىن قېيىپ، ياتلىشىۋاتقان ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ. تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەرلەر يوقنى تاپىدىغان، ئايال ئەرنىڭ تېپىپ بەرگىنىگە قاراپ ئولتۇرىدىغان تۇرمۇش شەكلى ئاللىقاچان ئۆزگۈرۈپ كەتتى. ھازىر ئەرلەر ھەتتا جۆرە تاللىغاندىمۇ ئاياللارنىڭ پۇل تاپالايدىغان ياكى تاپالمايدىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. خىزمىتى يوق ئاياللارنىڭ ئەرگە تېگىشىمۇ تەس. خىزمىتى يوق بولۇش ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقى ھىساپلىنىدۇ. بۈگۈنكى ئاياللار مانا مۇشۇنداق دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرىكىدەك ھەممە ئىشتا ئەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بوي سۇنمايدۇ. ئەگەر ئەرلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش پۇل تېپىش بىلەن تەڭ، ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكۈنى كۆتۈرۈشنى، بالا بېقىپ، بالا تەربىيىلەشنىمۇ پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئائىلىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئاياللار شۇنداق ئويلايدۇ: «مەن ئائىلىدە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش پۇل تېپىۋاتسام، خىزمەت قىلىۋاتسام، ئۇ نىمىشقا ھىچ ئىش قىلمايدۇ. نىمىشقا ھەممە ئىشنى مەن قىلىمەن، سەن بولمىساڭمۇ ياخشى ياشاپ كېتەلەيمەن.» رىئاللىق ئاياللارنى شۇنداق ئويغا كېلىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلارمۇ ئوغۇللار بىلەن ئوخشاش ئوقۇپ، ئوخشاش خىزمەت قىلىۋاتقان قىزلىرىغا  ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قانداق قىلىشنى ئەمەس، ئەرلەر بىلەن باراۋەر تۇرۇپ، قانداق ياشاشنى ئۈگىتىدۇ.  بىراق، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن ياخشى ياشاپ كېتىۋاتامدۇ؟ مۇھەببەتلىشىش يېشىنىڭ كىچىكلىشى، كىچىك تۇرۇپلا قىزلىق ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئەرلەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچراش، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى، نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتنىڭ ئەۋج ئېلىشى، بۇلار ئىشلارنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. ئاياللار تېڭىرقاشقا باشلىدى.
        ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرۇپ ياشاۋاتقان ئىكەن ئىشلار ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولىشى، ئاياللار ئۇنچە كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا  ئۇچرىماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟ مەسىلە نەدىن چىقتى؟ مەسىلە ئەرلەردىن چىقتى. ئەرلەر ئاياللارنى ئىجتىمائىلىق ئىچىگە سۆرەپ ئەكىردى-يۇ، ئۆزلىرى بۇ رىئاللىققا ماسلىشالماي قالدى. ئەسلى ئەرلەر تېخىمۇ بەك تىرىشىشى، ئائىلىدىكى نوپوزىنى، ئىناۋىتىنى ساقلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. ئەرلەرنىڭ ئىدىيىسىدە « ئۆي ئىشى قىلىش، بالا بېقىش، ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئەزەلدىن شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتقان، ھېلىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك»، ئەرلەر يەنىلا شۇنداق ئويلايدۇ. ئۇلار ئاياللارغا شۇنداق كۆپ يۈكنى ئارتىدۇ-يۇ، ئۆزلىرىگە تەلەپ قويمايدۇ. ئەرلەر نىمە ئىش قىلىشى كېرەك؟ گېزىت كۆرۈپ، قاچا بىكالاپ ئولتۇرۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئىشلار شۇنداق بولىدىكەن، ئاياللارنىڭ پىكرى چىقىدۇ. ئائىلىدىكى ئىناقلىققا دەز كېتىدۇ. بۇ ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتتە كۈچلۈكلىكىدىن پايدىلىنىپ ئاياللىرىغا زوراۋانلىق قىلىدىغان، ھاراق، شاراپ، بۇزۇقچىلىققا بېرىلىدىغان بىنورمال ھادىسە ئەۋج ئالدى. جەمئىيەتتە رىئاللىققا يۈزلىنىپ ئائىلىدە ئايالغا ياردەملىشىپ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈش يولىنى تاللىغان ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس. بىراق ئۇلار «سايىماخۇن، خوتىنىدىن قورقىدۇ» دىگەندەك مەسخىرىگە دۇچار بولىدىغان بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدە ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن يوشۇرۇشقا مەجبۇر. ئاياللار تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۆزىنىڭ ئەرلەرنىڭ بېقىندىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ ياشاش كېرەكمۇ؟ ياكى يېڭىچە ئەخلاق ئۆلچىمى تىكلەش كېرەكمۇ؟  ئەرلەرگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن ئاز. چۈنكى جەمئىيەت ئاللىقاچان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىجتىمائىلىق ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىچىدىمۇ ئاياللارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ ياشاش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى بارلىرى ئىنتايىن ئاز. ئاياللار ھەقىقەتەن تېڭىرقاپ قالدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەرلەردىن نارازى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا بېقىنىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئەرلىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى، ئۆزلىرىنى بوي سۇندۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنى ئېغىر ئېتىز ئەمگىكىگە سېلىپ قويۇپ قىماپ ئويناپ، قەرت ئويناپ، دامكا ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئەرلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ كەلگەن ئايالىغا تاماقنى ۋاختىدا پۇشۇرمىدىڭ، بالىنى يىغلاتتىڭ دەپ كايىپ، ئۆزى تېلېۋىزور ئالدىدا تاماكىنى پۇقۇرىتىپ چېكىپ ئولتۇرىدىغان، ياكى رېستۇرانغا، ھاراق سورۇنلىرىغا، ئولتۇرۇشلارغا كېتىدىغان ئەرلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
     قانداقلا بولمىسۇن، ئايال- مەيلى دىنى ئېتىقادى، ياشاۋاتقان ئىجتىمائى شارائىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇ ئالدى بىلەن ئايال. ئەرنىڭ قارشىسىدىكى ئادەم. ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى فىزولوگىيىلىك ئۆزگۈرۈش، پېسخېكىلىق ئېھتىياج، روھى جەھەتتىكى تەلەپ بارلىق ئاياللار ئۈچۈن ئورتاق. پەقەت ياشاش ئادىتى ، ئېتىقاتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك ئاياللارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش دەرىجىسى، شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئۆز-ئۆزىنى ھەقىقى چۈشەنگەندىلا، ئۆز - ئۆزىنى ھەقىقى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندا، مەسىلىنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى مەڭگۈ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.

       مەن شۇنداق بىر قىزنى تونۇيتۇم. ئۇ قىز مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. مۇلايىم ئەخلاقلىق قىز ئىدى. ئۇ قىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورنىدىن خىزمەت تاپالماي. بىر شەخسى شېركەتتە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ خىزمەتنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلىدى. توي قىلغاندىن كېيىن ئەرنىڭ تەلىۋى بىلەن خىزمەتنى تاشلىدى. ئايال بۇنىڭغا رازى ئىدى. چۈنكى، ئۇ كاللىسىدا ئەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، بالىنى ياخشى تەربىيىلىسەممۇ بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى. بىراق، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەر كېچە كېچىلىپ ئۆيگە كىرمەيدىغان، ھەتتا، مەن سېنى بېقىۋاتقاندىن كېيىن، نىمە جىق ئىشقا ئارىلىشىسەن، دەيدىغان بولدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئايالنىڭ ئەردىن كۆڭلى قالدى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ كەسپنى تاشلىۋەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلدى. 
    يەنە بىر قىز بار ئىدى، ئۇ قىز سەھرادىن بالا باققىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ساق 6يىل بالا باققاندىن كېيىن تاپقان پۇلىغا بىر كىچىك كىيىم كېچەك دۇكىنى ئېچىۋالدى. ئۇ قىز بۇ جەرياندا بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ يىگىت مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەيتتى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئاددىلا توي قىلدى. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ يىگىتنىڭ ئىشقا بارغىسى كەلمەيدىغان، قىزنىڭ ئاچقان دۇكىنىغا بېرىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
     تويدىن كېيىن يىگىت ئىشتىن توختىۋالغاننى ئاز دەپ، دۇكانغىمۇ چىققىلى ئۇنىمايدىغان، ئۆيدە ئۇخلايدىغان، ياكى، ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ كېچىچە ئېلىكتۇرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينايدىغان بولۇپ قالدى. ئاخىرى يىگىت تاپقان پۇلنى ئويۇنچۇق ئويناپ تۈگەتكەندىن كېيىن، قىز دۇكاننى تاقاشقا مەجبۇر بولدى. قىز ئەپسۇسلۇنۇپ شۇنداق دىدى: ئەسلى ئۇنى ئۆزەم يامان ئۈگىتىپ قويۇپتىمەن. يوقنى بار قىلىپ بەرمەي، مېنى باق دەپ ئولتۇرىۋالغان بولسام تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن ھەركەت قىلار بولغىيدى.
    يەنە شۇنداق بىر قىز بارئىدى. ئۇ شۇنداق چېچەن، چىراي شەكلىمۇ قاملاشقان، قولىدا تىككۇچىلىك ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى بار قىز ئىدى. ئاپىسى كىچىكلا تۈگەپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۇنى «ئاپىسى يوق، جاپا تارتماي، ياخشى ياشىسۇن» دەپ، باينىڭ بالىسىغا توي قىلىپ قويدى. قىزمۇ يىگىتنى خېلى ياختۇرۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى تېزلا توي قىلدى. بىراق، قىز تويدىن كېيىن يەتكىچە خورلۇق تارتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، قىزدا ئەمەس، يەنىلا شۇ ئەردە ئىدى. ئۇ ئەر، خوتۇن ئۇرىدىغان، ئۇرغاندىمۇ بىر يېرى سۇنۇپ كەتكىچە ئۇرىدىغان چىقىپ قالدى. ئۇ قىز تۇرمۇشنىڭ غېمىنى قىلمىسىمۇ بولاتتى. بىراق، ئېرىنىڭ قوپاللىقىغا چىدىمىسا بولمايتتى. بىر كۈنى ئېرى 3ياشلىق قىزى بىلەن تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ، بالىنىڭ پۇتىنى ئۇرۇپ سۇندۇرىۋەتتى. ئىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ئىدى. قىز چەكسىز ئازاپلانغان ھالدا ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولدى.
    ئاياللار تېڭىرقاشقا باشلىدى. ياشاش ئادىتىدە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولغان بۈگۈنكى دەۋردە ئاياللار زادى قانداق ياشاشنى تاللىسا بولىدۇ؟ئاياللار ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى، ئائىلىدىكى ئورنىنى، رولىنى قانداق چۈشۈنىشى كېرەك؟ سىز ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق ياشاشنى تاللايسىز؟ ئۆز قەدىر قىممىتىڭىزنى قوغداپ، ئايال بولۇپ يارىلىپ قالغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىپ ياشاشنى تاللامسىز ؟ ياكى زىددىيەت ئىچىدە، ئۆزىڭىزنىڭ نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ياشاشنى تاللامسىز؟
    ئاياللار ئۆز- ئۆزىدىن سۇئال سوراشقا باشلىدى.ئەگەر قايتا تاللاش پۈرسىتى بولۇپ قالسا، يەنە ئايال بولۇشنى تاللامدىم-يوق؟
    بىرىنچى ئايال ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن شۇنداق دىدى:. يەنىلا ئايال بولۇپ تۆرۈلۈشنى تاللايمەن. ئۆزلۈكىنى يوقۇتۇپ قويغان ئايال ئەمەس، تىرىشىپ، ئۆز قەدىر قىممىتىمنى تىكلەيدىغان ئايال بولۇپ ياشاشنى تاللايمەن.
    يەنە بىر ئايال قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇنداق دىدى. مەن ئەلۋەتتە يەنىلا ئايال بولۇپ تۆرۈلۈشنى تاللايمەن. بىراق، ئەقىللىق ئايال بولىمەن.
    يەنە بىر ئايالمۇ شۇنداق دىدى: ئايال بولۇپ تۆرۈلۈشنى تاللايمەن. بىراق، ئەرنىڭ قولىغا قاراپ، ياشايدىغان ئايال بولمايمەن.
    بۈگۈنكى دەۋدە ئاياللار قانداق ياشىسا بەختلىك ياشىيالايدۇ. ئاياللار بۇ سۇئالغا ئاللىقاچان جاۋاپ تېپىپ بولغاندەك قىلىدۇ. ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ، پىسخىكا جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئاياللىقىنى قوبۇل قىلىپ ياشىسا بەختلىك ياشىيالايدۇ.
    ئاياللار يەنە ئويلۇنۇپ قالدى. «بۈگۈنكى دەۋر بىزگە نىمىلەرنى ئاتا قىلدى؟ » ئاياللار شۇنداق جاۋاپ بەردى. «بىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.»
    توغرا، بۈگۈنكى ئاياللار ئاياللىق سۈپىتى بىلەن ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بىلەن، يېڭىدىن بىر قىسىم ئىمتىيازلارغا ئېرىشىپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار كەسپتە مۇۋەپپىقىيەت قازانسا بولىدۇ.  تەربىيەلەنسە بولىدۇ. ئائىلىدە مۇلايىم ئايال بولۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. پەقەت، روھى جەھەتتە ئۆزىنىڭ تاللىشىنى قوبۇل قىلسىلا، شۇ تاللىغان يولىدا بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ ياشىيالايدۇ. ئەمدىكى گەپ ئەرلەرنىڭ قانداق تاللىشىدا  قالدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قانداق تونۇيدۇ؟
    ئاياللار ئاستا شىۋىرلىشىشقا باشلىدى. بىز ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى، بىزگە يۆلەنچۈك بولۇشىنى، قانات ئاستىغا ئېلىشىنى، تۈۋرۈكىمىز بولۇشىنى مەڭگۈ ئۈمۈت قىلىمىز.  شۇنداق بولغاندىلا مەيلى قايسى دەۋردە ياشىمايلى ئايال بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ ياشىيالايمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.