تەكلىماكان-تەكتىماكان

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-30 19:40:05

تەكلىماكان قۇملىقى-تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يەر مەيدانى 338 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى قۇملۇقلار ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %47 ىنى ئىگىلەيدۇ. جېجياڭ،جياڭسۇ، فۇجيەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ.

     
    تەكلىماكان-تەكتىماكان
     
    تەكلىماكان قۇملىقى-تارىم ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، يەر مەيدانى 338 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى قۇملۇقلار ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %47 ىنى ئىگىلەيدۇ. جېجياڭ،جياڭسۇ، فۇجيەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ.
    «تەكلىماكان» دېگەن بۇنام ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى «تەكتىماكان»،«كىرسە چىققىلى بولمايدىغان تىلسىم ماكان» دېگەنلىك.
    بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار: بۇ يەر ئەسلى كەڭ كەتكەن بوستانلىق ئىكەن. ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك تەكلىماكانلىقلار دەل-دەرەخلەر باراقسان ئۆسكەن، گۈل-گىياھلار خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان، تۇپرىقى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، يايلاقلىرى چەكسىز بۇ ماكاندا ئەينى زاماندىكى ئاجايىپ ئاۋات شەھەر، قورغانلارنى بەرپا قىلغان ئىكەن. بىركۈنى تۇيۇقسىز قارا بوران چىقىپ قۇم-شېغىللارنى ئۇچۇرۇپ، بوستانلىقنى كۆمۈپ تاشلاشقا باشلاپتۇ. 40 كېچە-كۈندۈز توختىماي چىققان قارا بوران ياپيېشىل بوستانلىقنى، ئۇنىڭدىكى شەھەر، قورغان ۋە مەھەلىلەرنى قۇم ئاستىغا غەرق قىپتۇ. قارا بوران توختىغاندىن كېيىن، قۇم-بوران ئاپىتىدىن ئامان قالغان ئەمما ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان تەكلىماكانلىقلار يەنە داۋاملىق ياشاش ئۈچۈن، قاۋۇل يىگىتلەرنى تاللاپ، قۇم-بوران ئاپىتىدە كۆمۈلۈپ قالغان ئەسلىي ماكانىغا بېرىپ ئاشلىق، كىيىم-كېچەكلەرنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ، بىراق ئۇلار شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كېلەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇجاي كىشىلەرگە پايانسىز تىلسىم، سىرلىق بىر ماكان بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇجاينى«تەكلىماكان»(«تەكتىماكان»«تەرك ئېتىلگەن ماكان»«كىرسە چىققىلى بولمايدىغان تىلسىم ماكان»دېگەن مەنىلەرگە ئىگە) دەپ ئاتىشىپتۇ...
    ئەلۋەتتە بۇخەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەت، ھازىر كىشىلەر يەنە «تەكلىماكان» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا خىلمۇ خىل قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇشتى. مەسىلەن، تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددىي زەر يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن يېشىل مەرۋايىتقا ئوخشاش نۇرغۇن بوستان ۋادىلار بىر-بىرىگە تۇتاش ھالدا ھالقىسىمان تارقالغانىكەن، پەم-پاراسەتلىك، ئىشچان خەلقىمىز بۇ بوستانلىقلارنى كۆكەرتىش بىلەن بىللە، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىپتۇ. ئۇلار ئۇزاق تارىخ داۋامىدا ياشاش مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى تۈپەيلىدىن ئەسلىي ماكانىنى تاشلاپ، ئېقىن مەنبەسىنى قوغلىشىپ، تەدرىجىي كۆچۈپ ماكانلىشىپ ياشاپتۇ. بۇ جەرياندا تەرك ئېتىلىپ، قۇم دېڭىزى ئاستىغا غەرق بولغان شۇ ئۈزۈمزارلىقلارنى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا«تەكلىماكان» دەپ نام بېرىپتۇ، كېيىنچە بۇنام ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا شۇنداق ئاتىلىپتۇ.
    تەكلىماكان چۆللىرىنىڭ جەنۇبىي چەتلىرىدىن تېپىلغان نۇرغۇن شەھەر خارابىلىرى، قەدىمىي ئاسار ئەتىقىلەر....ئالايلى: نىيە خارابىسى، كىروران خارابىسى، ئىمام جاپپىرى مازىرى، مازار تاغدىكى قەدىمكى قەلئە ۋە باشقىلار بۇنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە تاكى زامانىمىزغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. «تەكلىماكان» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مورفولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىدىمۇ «تەكلىك ماكان» دېگەن مەنا مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تەك» سۆزى ئۈزۈم دېگەن مەنىنى «لى» سۆزى «لىك،لىق» دېگەن كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا «تۈرلۈك ماللار دۇكىنى»،«تۈرلى مېتال» دېگەن سۆزلەردە بۇ كۆپلۈك قوشۇمچىلار ھېلىھەم ساقلانماقتا. دېمەك،«تەكلىماكان» دېگەن نام«تەكلىك ماكان، ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
    «تەكلىماكان» دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قانداق تەھلىل قىلايلى، بەرىبىر بۇ نامنى ئاڭلاش بىلەنلا پايانسىز قۇملۇق كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كەلمەي قالمايدۇ، ئەمما بىز بۇ تەكلىماكاننىڭ زادى قانداق ماكان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ تىلسىم، قاقاس چۆل ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاستىمۇ ئالتۇن، ئۈستىمۇ ئالتۇن، بايلىقى مول ماكان ئىكەنلىكىنى ئاندىن چۈشۈنىمىز. تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپلا قالماستىن،ئۇنىڭدكى قۇم بارخانلىرىنىڭ شەكلىمۇ خىلمۇ خىل، ممەملىكىتىمىزدىكى باشقا قۇملۇقلاردا مەۋجۈت بولغان ھەرخىلبارخانلارنىڭ شەكلىنى بۇ چۆلدە ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولىدۇ، كۆچمە بارخانلار پۈتكۈل قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %85 ىنى تەشكىل قىلغاچقا، تەكلىماكان چۆلى دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان كۆچمە قۇملۇق سانالماقتا.
    تەكلىمكان قۇملىقىدىكى قۇملار تارىم دەرياسىدىكى ھەرقايسى دەريالارنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئېقىتىپ كەلگەن ئاقما چۆكىندىلىرىدىن، قۇرۇپ كەتكەن دەريا دېلتىلىرىدىن، تىنما تۈزلەڭلىكلەرنىڭ قاتمۇقات چۆكىندىلىرىدىن شەكىللەنگەن. قۇملۇقنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىيات دەۋرىدىن قارىغاندا، 4-دەۋرنىڭ (بۇرۇنقى 3 مىليون يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرا يېڭىلىنىش ئېپۇخانىسىدا) قۇرغاق كېلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىدىن، يەر يۈزىدىكى چۆكۈندىلەر ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئاپتاپتا ۋە شامالدا يىمىرىلىش ۋە يۆتكىلىىش ئارقىلىق ھازىرقى كەڭ كۆلەملىك قۇملۇقلار شەكىللەنگەن.
    تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ كىلىماتى ناھايىتى قۇرغاق، ھاۋا تېمپىراتورىسىنىڭ سوتكىلىق پەرقى چوڭ. ھۆل-يېغىن ئاز (20mm دىن تۆۋەن)، پارلىنىش كۈچلۈك (300mm دىن يوقىرى). شۇنداق بولغاچقا، چەتئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەر تەكلىماكاننى سۈپەتلەپ «ھاياتلىق يوق چۆل»، «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان.
    ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ماتىرىيالغا قارىغاندا، بۇ چۆل ئۇنچىۋالا قاقاس ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە مول يەرئاستى سۇ بايلىقى، تۇپراق بايلىقى بولغاندىن باشقا، يەنە كەڭ دائىرىدە ئۆسكەن ئۆسۈملۈك بايلىقىمۇ بار. بۇ جايدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس قۇياش ئېنىرگىيەسى ۋە مول نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقى دۇنيا ئەللىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
    كەلكۈن مەزگىلىدە خوتەن دەرياسىنىڭ تاشقىن سۈيى تەكلىماكاندىن ئېقىپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلغاندىن تاشقىرى، نىيە دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ ھەممىسى تەكلىماكاندا ئاياغلىشىپ يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بەزى جايلاردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ تۇرىدۇ. بەزى بارخانلار ئارىسىدا چايدام (چوڭ-چوڭ يېرىقلار) كۆللىرىمۇ شەكىللىنىپ قالىدۇ.
    بۇ قۇملۇقتا يەنە يۇلغۇن، قومۇش، سۆكسۆك،جۈزگۇن، يانتاق قاتارلىق 73 خىل ئۆسۈملۈك بار، ئۇلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ ئۆسۈپ ئاجايىپ گۈزەل چۆللۈك مەنزىرسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قۇملۇقتا يەنە سەكرىشىپ، ئازادە ياشاپ كېلىۋاتقان 27 خىل ھايۋان بار، ئۇلار بۇ «قاقاس» چۆللىكنى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر باغچىغا ئايلاندۇرغان.
    قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت بايلىقى ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى 20 مىليارد توننىدىن كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى ۋە ئېچىپ پايدىلىنىلماقتا.
    ئۇنىڭدىن باشقا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ قۇم تەركىبىدە نۇغۇن كېپەك ئالتۇن ۋە ئەينەك ياساشقا لازىملىق كىۋارتىس،خرۇستال قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەدەن بايلىقىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى.
    تەكلىماكان قۇملىقى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ قۇرغاق رايونى، ئىسسىقلىق مىقتارى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە قىروۋسىز مەزگىل ئۇزۇن بولۇپ، تەخمىنەن 180-240 كۈن داۋام قىلىدۇ. ئاپتاپلىق ۋاقىت بىر يىلدا 3000-3500 سائەتكە يېتىدۇ، شۇڭا تەكلىماكان قۇملىقى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر مۆتىدىل بەلباغ قۇملىقى سانىلىدۇ. ئۇ يەردە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ باشىقى چوڭ، دانلىرى تولۇق پىشىدۇ، مىۋە-چىۋىلەر تەملىك، شىرنىلىك.
    يىغىپ ئېيتقاندا، تەكلىماكان قۇملىقى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقى مول، مەنزىرسىمۇ ئۆزگىچە بىر گۆھەر ماكان. ئۇ ھەرگىزمۇ «ئۆلۈك دېڭىز، قاقاس ماكان» بولماستىن، بەلكى نۇرغۇن بايلىق كۆمۈلۈپ ياتقان بىر ئۈمىد دېڭىزى. تەكلىماكان-ئادەم ياشىغۇسىز قاقاسلىق بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئۈستىمۇ ئالتۇن، ئاستىمۇ ئالتۇن، كەلگۈسى ئىستىقبالى پارلاق ماكاندۇر.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.