«ئۇلۇغ تىراگېدىيە»-مىللى روھنىڭ چاقىرىقى(رابىيەم ئابدۇرېھىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-05 00:00:00

«ئۇلۇغ تىراگېدىيە»-مىللى روھنىڭ چاقىرىقىرابىيەم ئابدۇرېھىم دەرس ئىسلاھاتىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئىچىدە يېتىپ كەلگەن يېڭى دەرسلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۆكمە ھالەتتە قېتىپ قالغان بىكىنم...



    «ئۇلۇغ تىراگېدىيە»-مىللى روھنىڭ چاقىرىقى
    رابىيەم ئابدۇرېھىم





       دەرس ئىسلاھاتىنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئىچىدە يېتىپ كەلگەن يېڭى دەرسلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۆكمە ھالەتتە قېتىپ قالغان بىكىنمە تۇيغۇسىدا قاتتىق سىلكىنىش ۋە ئويغىنىش پەيدا قىلىپ، ئوقۇتۇش جەريانىغا بىراقلا يېڭىچە جۇشقۇنلۇق بىلەن تېڭىرقاش ئاتا قىلدى. ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسلاھات بۇ قېتىم ھەقىقى مەنىدىكى يېڭىچە ئىسلاھات قوڭغۇرىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار تۇيغۇسىغا ئويغىنىش سىگنالىدىن بىشارەت بېرەلىسە ئىدى، يېڭى دەرسلىكنىڭ ھەر بىر بېتىدىن تارىلىۋاتقان گۇمانىتارلىق لەھزىدىن بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى مىسلىسىز ھاياجانلىق زوق ئالالىغان بولاتتى. دۇنيا مىللى كىملىك دەۋاسىدا قىمىرلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز نىمىنىڭ قەغىشىدە مۈگدەۋاتىمىز؟
    يارنىڭ ئېتى ئايپاشا، ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا!



    ئىنساندا روھ ئۆلسە جىسمىلا ئەمەس بارلىق سەزگۈسىمۇ رولىنى يوقىتىشى مۈمكىن. ئەسلىدە بىزدە روھ يوقمۇ ئەمەس، بەلكى مىللى روھىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولساق كېرەك. ناۋادا «ئۇلۇق تىراگېدىيە»دىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ياڭراق چاقىرىق بىزنىڭ مەنىۋىيىمىزگە كىرەلىسە ئىدى، تۇيۇقسىزلا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەشۋىشلىك تەپەككۇرغا ھازىرلىنارمىز.   «ئۇلۇق تىراگىدىيە» ئاۋىسترالىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سىتىفان زىۋىگنىڭ ئەسىرى. ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى جەنۇبى قۇتۇپ ئېكىسپىدىتسىيىچىسى سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك سەپەر جەريانىدىكى تىراگېدىك كەچۈرمىشلىرى. مەن ئەسەرنىڭ بەدىئى ۋە ئىجتىمائى قىممىتى، تەسىرچانلىقى ھەققىدە توختالمايمەن. چۈنكى بۇ نۇقتىلار دەرسلىكتە ۋە يالقۇن روزى تۈزگەن «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى»دا تەپسىلى ھەم قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شەرھىلەنگەن. شۇڭا پەقەت ئەسەرنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا نىمىلەرنى بىلدۈرىشىمىز ھەققىدىلا توختىلىمەن. مېنىڭچە يېڭى دەرسلىكنى ئۆتىۋاتقان ھەر بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىگە «ئۇلۇق تىراگىدىيە» ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىمىلەرنى بىلدۈرىمەن؟ بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا نىمىلەرنى يېتىلدۈرىمەن؟ دىگەن سوئالنى قويىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ دەرسنى ئۆتۈش بىر قېتىملىق كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا ئەسەر ۋە ئەسەر ھەققىدىكى بىلىشكە تېگىشلىك ماتىرىياللار تەق. ئەمدىكى گەپ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يەتكۈزۈش ۋە ئۇلاردا قانداق روھ يېتىلدۈرىشىمىزدە. مېنىڭچە «ئۇلۇق تىراگېدىيە» سىكوت قاتارلىق بىر توپ كىشىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىدەك پاجىئەلىك جەريانلا ئەمەس، بەلكى چاقناپ تۇرغان مىللى روھنىڭ جاراڭلىق ئېزگۈ كۈيى.



    سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن مىللى روھ ئۇلاردا ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئەڭ قورقۇنچلۇق تىراگېدىيىگە تەۋەككۇل قىلىشقا جاسارەت ئاتا قىلغان. ئۇلار خۇددى ئۆز مەملىكىتىدىكى باشقا كىشىلەر ۋە بىزگە ئوخشاش ئائىلىسىدە بالا-چاقىلىرى بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسە تامامەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار جەنۇبى قۇتۇپقا بېرىشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك سەپەرنى تاللىدى. قار-شىۋىرغانلىق ھاۋا رايىغا دۇچ كەلگەن بىرىنچى كۈنىلا ۋاز كەچسە تامامەن بولاتتى ھەم ھاياتىدىن ئايرىلمايىتتى. لېكىن ئۇلار ئۆلۈم تەھدىتى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىنتايىن ناچار شارائىتتىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بۇ دەل ئېنگىلىزلارنىڭ ھەرقانداق مۈشكىلاتقا باش ئەگمەيدىغان قەيسىرانە تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ يارقىن نامايان بولىشى. ئۇلار قەيسەر روھنىڭ چاقىرىقى ۋە ئېزگۈ كۈيلىرى مەۋجىدە قار-شىۋىرغانغا باتۇرلارچە يەم بولۇپ كەتتى. بىز بۇ يەردە سىكوتلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىشنى باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىم دەپ قارايدىغان ئۇلۇغۋار روھنىڭ يالقۇنىنى كۆرىمىز. بۇ يالقۇندىن ئېنگىلىزلارنىڭ ئۆز خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ شان-شەرىپى، مۇۋەپپىقىيەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەردانە يۈزلىنەليدىغان جاسارىتى چېچىلىپ تۇرىدۇ. سىكوتلار جەنۇبى قۇتۇپنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمىغاندا بىزدە ھىساپسىز سىرلار كۆمۈلگەن تەكلىماكاننىڭ بارلىقىنى يادىمىزغا ئېلىشىمىز مۈمكىن. بىز جەنۇبى قۇتۇپنى قويۇپ تۇرۇپ ئۆز دىيارىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلدۇق؟ دىگەن سوئالنى ئۆزىمىزگە قويساقچۇ؟ بىزدە تەكلىماكانغا كىرگەن ئادەم يوق دىيەلمەيمىز. ئەمما ھازىرغىچە تەكلىماكاننىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن بەل باغلاپ قۇمغا كىرگەن ئۇيغۇر ھەققىدە قانچىلىك خاتىرە بار؟ كۆپ، كۆپ بولغاندىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ ياپونىيە، گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى ۋە ئۇلارغا يول باشلىغان بىز خەق. چەتئەللىكلەر سىر ئىزدەپ كىرگەن بولسا بىز ئۇلارنىڭ بىر توغرام نېنىنى كۆزلەپ كىرگەن. .ئەمما بىزمۇ ئۇنچە ئۈمىتسىز ھالدىمۇ ئەمەس. چۈنكى تەۋەككۇلچىلىق روھىنى نامايان قىلغان ۋە سىر ئىزدىگەنلەر بىزدىمۇ بار. ئادىل ھوشۇرنىڭ توسمىسىغا تارتىلغان پولات سىم، سەنشىيادىن ئۆتكەن ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلىرى يۈرەكلەرنى زىل-زىلىگە سالغان تەۋەككۇلچىلىق بولسا، گۈلچېھرەنىڭ تەكلىماكاننى پىيادە كېسىپ ئۆتىشى بىر خىل روھ. سۆيۈملۈك يازغۇچى خالىدە ئىسرايىلنىڭ «ئانا دەريانى ئىزدەپ» قۇملۇققا ئىچكىرىلەپ كىرىشى بىلەن، ئۆمەرجان ئىمىننىڭ «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»قا ئەگىشىپ خارابىلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرىشى بىزدىكى سىر ئىزدەشنىڭ مۇقەددىمىسى. سىكوتلارنىڭ ئۆلۈمى بىزدە نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلسا «شۇڭقار بولغان خانىكە»نىڭ تەۋەككۇلانە كۆز يۇمۇشى روھىمىزدا سىلكىنىش پەيدا قىلماسمۇ؟ سىكوتلارنىڭ تىراگېدىيىسى ئېنگىلىزلاردا بولغىنىدەك بىزدىمۇ بار. «ئۇلۇق تىراگېدىيە»نى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا مانا مۇشۇنداق مىللى روھقا جاسارەت بەخش ئېتىدىغان تەۋەككۇلچىلىق ۋە ئىزدىنىشلىرىمىزنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بالىلاردا ئۆزىمىزنى تۆۋەن چاغلاپ باشقىلارنى ئىلاھى قۇدرەتلىك چۈشىنىپ قالىدىغان چۈشكۈن پىسخىكىنىڭ باش كۆتىرىپ قېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىمىز.ناۋادا بىز دەرس جەريانىغا بۇنداق مىساللارنى جايىدا كىرگۈزىۋېتەلىسەك بالىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ جاسارەت ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرەلەيمىز.



       سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز چوقۇم ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ھەم ئىبرەت ئېلىشىمىز زۆرۈر بولغان كوللىكتىۋىزىملىق، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
      كونىلار ئېيتىدۇ: ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىرلىك بولماي سائادەت يوق.


      ئىنسان ۋۇجدىدىن ئۆملۈك ۋە ئۆزئارا يار-يۆلەك، ھەمدەم بولۇش خىسلىتى يوقاپ كەتسە ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ناۋادا قولنى قولغا  تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىدىغانلا بولسا، يەڭگىلى بولمايدىغان مۈشكىلات يوق. سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۈشكۈل ھەم جاننى قاخشىتىدىغان سەپەر جەريانىدا ئېنگىلىزلارنىڭ قىل سىغمايدىغان ئۆملۈك روھىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، تالاپەتكە ئۇچرىغانلار باشقىلارنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللاپ بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. سەپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلارنى تاشلىۋېتىپ ماڭسا خەتەردىن قۇتۇلۇش ئېھتىماللىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، كۆپچىلىك ھالسىزلانغان سەبدىشىنى مۇھاپىزەت قىلىپ خەتەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي قەدىمىنى ئاستىلىتىدۇ. بۇ ئېگىلىزلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ جاھان ئەھلىنى مەپتۇن قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر سىرى بولدا كېرەك. بۇ نۇقتىغا كەلگەندە بىزنى خىجالەت ۋە نومۇس ئورىۋېلىشى مۈمكىن. چۈنكى بىزنىڭ كوللىكتىۋىزىملىق روھىمىز بەكمۇ سۇس بولۇپ، تۆت ئادەمنىڭ بىر نىيەتتە بولمىقى ناھايىتىمۇ قىيىن. بىزدىكى نۇرغۇن قىسمەتكە تولغان پاجىئەلەر دەل مۇشۇ ئاجىزلىقىمىزدىن كېلىپ چىققان. سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك تىنىقلىرى ئۆزىگىلا خاس بولماستىن بەلكى، ئېنگىلىز مىللىتى ۋە ۋەتىنىگە مەنسۇپ. بۇ بىزگە يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ جانلىق تەربىيىسى. ئوقۇتقۇچى دەرس جەريانىدا بۇ خىل روھ ئارقىلىق بالىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسا بۇنىڭ ئۈنۈمى قۇرۇق ۋەزخانلىقتىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى ئۈنۈم بېرىشى مۈمكىن.



      «ئۇلۇق تىراگېدىيە» كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ھەر بىر قۇرىدىن مىڭلاپ سوئال تۆكىلىدىغان ئىبرەتلىك كامانداز ۋە روھنى يېلىنجىتىدىغان يالقۇن. بۇ يالقۇننى بالىلار قەلبىگە قانداق تۇتاشتۇرۇش ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىغا باغلىق. ئوقۇتقۇچى پەقەت بۇ يالقۇننى ئۆچۈرۈپ قويۇشتىن ياكى قالايمىقان چوخچىلاپ بالىلارنى كۆيدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلانسىلا، ھېچبولمىغاندا  ئەسەر ياراتقان قىممەتنى ساقلاپ قالالايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.