بىزنىڭ يۇرتتا كىتاپخانا يوق(نۇرئەلى تۇرۇپ)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 00:00:00

بىزنىڭ يۇرتتا كىتاپخانا يوقنۇرئەلى تۇرۇپچوڭلاردىن دائىم«ئوغلۇم ھاياتلىقىڭدا بىرەر تۈپ كۆچەت تىكىپ قوي! ئاخىرەتتە بېشىڭغا سايە بولىدۇ»دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم . ئەمما كىچىكلىكىمد...

    بىزنىڭ يۇرتتا كىتاپخانا يوق
    نۇرئەلى تۇرۇپ

     

    چوڭلاردىن دائىم «ئوغلۇم ھاياتلىقىڭدا بىرەر تۈپ كۆچەت تىكىپ قوي!  ئاخىرەتتە بېشىڭغا سايە بولىدۇ»
    دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم . ئەمما كىچىكلىكىمدىن بولسا كېرەك،ئۇلارنىڭ گېپىگە ئانچە زەن قويۇپ كەتمەپتىكەنمەن .ئەمدىلىكتە ئويلىسام بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئېيتىلىپ قالغان سۆز ئەمەس ئىكەن .ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن شۇنچىلىك چوڭقۇر پەلسەپىۋى تىرەنلىككە تويۇنغان تەۋەررۈك سۆزلەر بىلەن روھىمىزنى سۇغارغان ئىكەن .بىراق بىز بولساق يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئاتالمىش بەندە دېگەن ئازغۇچى دەپ  ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرۈپتۇق .


    بوۋامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە بىزنىڭ يۇرت بۇرۇندىنمۇ يىراق بۇرۇندا بەش چوڭ بوستانلىقنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولوپ،سۈيىنىڭ سۈزۈكلىكى، بوستانلىقلارنىڭ كۆپلىكى مېۋە-چىۋىسىنىڭ شىرىن -شىكەرلىكى بىلەن يىراق -يىقىنغا تونولغان ئىكەن .قايسى بىر پادىشاھ بۇ يۇرتنى مېنىڭ ئىرەم بېغىم بولسا دەپ ئارزۇ قىلاتتىكەن .ئادەملىر باي ھەم سېخى ،راستچىل ،سەمىمى ، ئەقىدە-ئىتىقاتلىق ئىكەن .لىكىن بۈگۈنكى بۇ ھالەتنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىققا تولىدۇ .بوۋاممۇ ئۆلۈپ كەتتى ،ئەمما ئۇنىڭ سۆزلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە .


     ھەر قىتم كوچىلارنى ئايلانغىنىمدا دوقمۇشتا توپلىشىۋىلىپ مىڭ يىللىق دەردى بار ئادەمدەك تاماكا چېكىۋاتقانلارنى ،بىلىياتخانىلاردا قويۇق تاماكا ئىسى ئىچىدە پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىلىيارت ئويناۋاتقانلارنى، كىچىك-كىچىك بوتكىلاردا شىردەك ھۆركىرەپ ھاراق ئىچىۋاتقانلارنى ،پۇل تىكىپ قارتا ئويناۋاتقانلارنى ئۇچرىتىپ قالىمەن ،بىراق بىرمۇ كىتاپخانا ئۇچرىتالمايمەن .مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بىخىرامان ياشاۋاتقان ،غەمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ غەمكىن يۈرىيدىغان تالاي ئادەملەرنى ئۇچرىتىمەنۇ ،نۇرلۇق چىرايلارنى ،ئۈمىدۋار كۆزلەرنى ئۇچرىتالمايمەن .بىزنىڭ يۇرتتا تالاي ئاشخانىلار ئېچىلدى ،ئەمما بىرمۇ كىتاپخانا ئېچىلمىدى ،تالاي ئىشرەتخانىلار ئېچىلدىيۇ،بىرمۇ كىتاپخانا ئېچىلمىدى.ئادەملەر ئاچلىقىنى ،ئۇسسۇزلىقىنى ھاراق-شاراپ ،سامسا-كاۋاپ بىلەن قاندۇردى ،ھېچكىم كىتاپ بىلەن قاندۇرۇشنى ئويلىمىدى .بالىلار مەكتەپتىن قېچىپ تورخانىلارغا،قاۋاقخانىلارغا يۈگىرەيدۇ .ئاتا-ئانىلار ئۇلاردىن غەم يەيدۇ ،كىيىم-كېچەك ئىلىپ بىرىدۇ، كىتاپ ئىلىپ بىرەلمەيدۇ .كۈنسىرى داۋاملاشقان ناچار ئىش ئادەتكە ئايلىنىدۇ .كۆنگەن يامانمۇ ،كۆيگەنمۇ ؟ساغلام بولمىغان تەندە ساپ ئەقىل بولسۇنمۇ ؟ ئەقىلسىزدىن ئاتا-ئانىسىغا ،يۇرتىغا ،خەلقىگە نەپ تەگسۈنمۇ ؟


      بىزدە نەسىھەتچىلەر كۆپ ،ئۇلارنى مەن بىلەي تاشقا ئوخشىتىمەن .ئۆزى كەسمەيدۇ ئەمما پىچاقنى كىسىدىغان قىلىدۇ .پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىنى ئۈلگە قىلىدۇ .ئۆزى ئەسكى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ بالىسىنى ئەسكى ئىشتىن توسسا، ئۇ بالىمۇ ماڭقۇرت ئەمەستە ! يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىنىڭ ئۆيىگىمۇ كىردىم.ئىسىل گىلەملەر،خىرۇستال چىنە-قاچىلار چېچىلىپ يېتىپتۇ .تاملارغا تام ئىشكاپلىرى ياسىلىپتۇ .بىراق كىتاپ تىزىىلغىنىدىن بىرسى يوق .مۇقەددەس كىتاپتا ئىنسان بالىسىغا ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرھىز دىيىلگەن .بىزنىڭ بۇ يۇرتتىكى ئادەملەر بۇ ھەقىقەتكە قارشى ھالدا گىزىت –ژۇرناللارنىڭ ۋاراقلىرىدا تاماكا يۆگەپ چېكىدۇ .نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مۇھتاجلىقى ئىغىر ،بىراق بىرسىمۇ كىتاپقا مۇراجىئەت قىلمايدۇ .پۇلغا مۇراجىئەت قىلىدۇ .باشلىققا مۇراجىئەت قىلىدۇ .بەزى ھاللاردا يۇرتۇم ھەققىدىكى ھاقارەتلىك پاراڭلاردىن يۈزلىرىم چىم-چىم بولوپ كىتىدۇ .ئەھۋال راست تۇرسائۇلارغا مۇشت كۆتەرگىلى بولسۇنمۇ؟


     چوڭلار راست دەپتۇ .بىر تۈپ كۆچەت ھاياتلىقتقكى ياخشى ئىش -ئەمەللەر ئىكەن.ئۇ ئاخىرەتتە بىزگە سايە بولىدىكەن .ئەي دوستۇم كەل قولۇڭنى !مەن سېنى ئاخىرەتتە بېشىڭغا سايە بولىدىغان بوستانلىققا باشلاپ باراي ،ئۇ يەردە لوقمان ھىكىم ساڭا سەۋەپ قىلىدۇ .ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ،زوردۇن سابىرئاكىمىز ساڭا تارىخىڭنى سۆزلەپ بىرىدۇ .شائىرلار قەلىپ ئىتىزىڭنى قاندۇرىدۇ .«ھىدايەت گۈلزارى »سېنى ھىدايەت يولىغا باشلايدۇ .مەھمۇد قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،ئەلىشىر نەۋائىلاربىلەن كۆرۈشىسەن شۇئان سېنىڭ قەلبىڭدە يېڭى بىر قۇياش پارلايدۇ .سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە ئايلىنىسەن .روھىڭ تېنىڭغا قايتىپ كىلىدۇ .سەن تىرىلىسەن .سەن ياخشى تەربىيەلەندىڭ ،ئوغلۇڭنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .ئوغلۇڭ ئوغلىنى ياخشى تەربىيەلەيدۇ ...


    ئەي ھاراقكەش دادىلار ،ئەي سۆلەتۋاز ئانىلار ھەدىسىلا بالاڭلارنى ئەيىپلەۋەرمەي ئەينەككە بىر قاراپ بېقىڭلار ! ئەتراپىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار !ئوغلۇڭلار كىتاپخانىغا كىرسۇن ،ئۇيەردە كۆچەت تىكسۇن .بۇ ئاخىرى يەنە ئۆزەڭلار ئۈچۈن ...

    بىزنىڭ يۇرتتا بىرمۇ كىتاپخانا يوق ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كىتابخانا