گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتۇنۇش يەنە بىر يۈزى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-08 19:27:43

گۇننار ياررىڭ شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لۇند ئونۋېرسىتىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناس گوستاۋ راكېتنىڭ ئوقۇغۇچىىسىدۇر. گوستاۋ راكېت شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەردىكى بازىسىدا ئۇزۇن مەزگىل تەرجىمە ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دىننىي جەمئىيەتنىڭ

     

    گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتۇنۇش يەنە بىر يۈزى
     
    قۇمتۇر
     
    (ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالە)
     
       گۇننار ياررىڭ  ئۇيغۇرلارغا  ناھايتى تونۇشلۇق بولغان شىۋېتسىلىك تۈركولوگ ۋە دېپلومات. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى ئارقىلىق تۇنۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە قەشقەر دىيارىدىن توپلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقتاردىكى ماتىرىياللارى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غايەت زور شۆھرەت تاپقان. گۇننار ياررىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پەقەت بىلىم ئىخلاسمەنلىرىگىلا تۇنۇشلۇق بولۇپلا قالماي، بەلكىي ئاۋام خەلق ئارىسىمۇ زور تەسىرگە ئىگە.
       گۇننار ياررىڭ 1929-يىلدىن 1930-يىلغىچە قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇرشۇش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ. گۇننار ياررىڭ ماقالىلىرىدا ئۆزۈنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنى ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنىش ئۈچۈن «قەشقەرگە قىلغان تىل ئۆگۈنىش سەپىرى» دەپ ئاتايدۇ. گەرچە گۇننار ياررىڭنىڭ قەشقەر سەپىرى ئۇنى تۇركولوگىيە ساھاسىدىكى نام–شۆھرىتىگە يېىڭى پەللە، تەتقىقاتىغا تۈگۈمەس مەنبە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەققى سالاھىيىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى تەتقىقات ساھاسىدە ئەمەس بەلكىي سىياسىي سەھنىدە ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيە جەمىيتىدە  تۈركولوگ نامى بىلەن ئەمەس بەلكىي مەشھۇر دېپلومات نامى بىلەن قەدىرلەنمەكتە.
     گۇننار ياررىڭ شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان  لۇند ئونۋېرسىتىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناس  گوستاۋ راكېتنىڭ ئوقۇغۇچىىسىدۇر. گوستاۋ راكېت شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ  قەشقەردىكى بازىسىدا ئۇزۇن مەزگىل تەرجىمە ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دىننىي جەمئىيەتنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىدى. گۇننار ياررىڭ ئۆزۈنىڭ تەرجىمھالىدا قەشقەرگە قىلغان سەپىرىنى ئاشۇ ئۇستازى بولغان گوستاۋ راكېتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بولغان دەپ بايان قىلىدۇ. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئوقۇۋاتقان گۇننار ياررىڭنىڭ پاكىز تەرجىمھالى ئۇنىڭ قەشقەر سەپىرىنىڭ مۇددىئاسىنى گوستاۋ راكېتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ماتىرىياللار ئۇنىڭ تەرجىمھالىدا يېزىلماي كېلىۋاتقان بىر قىسىم يۇشۇرۇن ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاپ،  ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ھەققىي مۇدداسىغا يېڭى مەنىلەرنى قوشماقتا.
    20-ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى پۈتۈن ياۋرۇپا مىقىياسىدا گېرمانىيەنى مەركەز قىلىپ تارقالغان ناتسىسلىق ئىدىيىسىگە ئىگە مىللەتچىلەرنىڭ ھەركىتى جانلانغان يىللار ئىدى. لۇند شەھىرى ئەينى چاغدىكى  شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرىنىڭ ئۇۋىسى ھېساپلىناتتى. بۇ شەھەردە شىۋېتسىيە ناتسىسلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى مىللەتچى پارتىيە «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» ئاكتىپ ھەركەت قىلاتتى. لۇند شەھرىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئادۋۇكات، ساقچى، ئەسكەر ۋە جەمئىيەتنىڭ نۇرغۇن يوقۇرى قاتلام كىشلىرى بۇ پارتىيەنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ئىدى.
    29 يېشىدىلا لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ دوسسېنتلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان گۇننار ياررىڭ لۇند شەھرىدىكى تەسىرى بار ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىۋېتسىيە ناتسىسلىرى ئاتالغان «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىدى. (1) ئۇنىڭ مىللەتچىلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ناتسىسلىق ئىدىيىسى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىلا باشلانغان بولۇپ، 1926-يىلى مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى» غا ئەزا بولۇدۇ. (2) 1936-يىلى شىۋېتسىيە پارلامىت سايلىمىغا «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» نىڭ ئاساسلىق نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇ سايلام نۇتۇقلىرىدا: «كۆچمەنلەرنى ئۈنۈملىك كونترول قىلىپ شىۋېت خەلقىنى يات ئامىللاردىن ساقلاپ قېلىش» (3) نى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ چاغدا گۇننار ياررىڭ « شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» دىكى غوللۇق 6 ئادەمنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ بۇ يىللاردا لۇند ۋە مالمۆ قاتارلىق شەھەرلەردىكى مىللەتچىلەر كۇلۇبلىرىدا نۇتۇقلار سۆزلەيدۇ، ماقالىلار ئوقۇيدۇ. شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرىنىڭ ئورگان ژورنىلى بولغان «ناخۇنېل يۈل» «داگىنىس پوست» دىگەندەك ژورناللاردا ماقالىلار ئېلان قىلىدۇ. (4) گۇننار ياررىڭ بىر تەرەپتىن ماقالىلىرى، نۇتۇقلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىسىدىكى ئوبرازى ئارقىلىق ناتسىسلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شىۋېتسىيە ھەربىيلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان  «چېگرا ئاگىنتلىقى» دا خىزمەت قىلىدۇ. «چېگرا ئاگنىتلىقى» شىۋېتسىيە ھەربىيلىرىنىڭ  1939-يىلىدىن 1946-يىلىغچە ۋەزىپىدە بولغان مەخپى ئىشپىيونلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېتلېر گېرمانىيىسى بىلەن قويۇق ھەمكارلىقتا بولغان. گۇننار ياررىڭ «چېگرا ئاگىنىتلىقى» دا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ناتسىس گېرمانىيەسى تەرىپىدىن 1942-يىلى ناتسىىس بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن « گېرمانىيە بۈركىتى» ناملىق ئوردىنغا ئېرىشىدۇ. (5) «گېرمانىيە بۈركۈتى» ناملىق ئوردىن ھېتلېر گېرمانىيىسى تەرپىدىن تەسىس قىلىنغان گېرمانىيە ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن چەتئەل پۇقرالىرىغا تارقىتىدىغان ئوردىن ئىدى.
    گۇننار ياررىڭنىڭ مىللەتچىلىككە تولغان ناتسىسلىق ئىدىيىسى 1930-يىللىرىدىن كېيىن تازا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇ ھېتلېر تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئارىيانلار ئىرقى نەزىرىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان ئىدى. گېتلېرنىڭ تەشەببۇسىدىكى ساپ ئارىيان ئىرقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار شۇ دەۋىردە پۈتۈن ياۋروپا مىقىياسىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەسلىنى ئىزدەش ۋە ئۆزلىرىنى ئارىيان ئىرقىغا باغلاش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچى، ئارخولوگ ۋە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئورتا ئاسىيانى مەركەز قىلغان پۈتكۈل ئاسىيا ئىقلىمىدا جاھانكەزدىلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. گۇننار ياررىڭ ئاشۇ تەۋەككۈلچى جاھانكەزدىلەرنىڭ قاتارىدىكى ئارىيان ئىرقى نەزىرىيىسىگە مەستانە بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىن كېيىن يازغان ماقالىلىرىدىكى ئارىيانلار ھەققىدىكى بەزى كۆز قاراشلار ئۇنىڭ ئاسىيا سەپىرىنىڭ مۇدداسىغا گۇمانىي تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.
      ئارىيانلار تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرىنى ئارىيان ئىرىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل ھادىسە گېتلېر تەرپىدىن ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا« ئارىيانلار قۇرۇشچان، باتۇر، ئىتتىپاق، ئەقىللىق، ئىشچان، چىرايلىق  خەلقتۇر. يەھۇدىلار پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇزغۇنچى، ھىلىگەر، زەھەرخەندە، ئاچكۆز، شەخسىيەتچى، پاسكىنا، سەت خەلقتۇر» (6) دەپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە گېرمانلارنى بىردىن-بىر ساپ ئىرىقلىق ئارىيانلار، دەپ ئاتايدۇ. گېتلېر تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ساپ ئارىيان ئىرقى نەزىرىيىسى ياۋرۇپادا باش كۆتەرگەن مىللەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئارىيان ئىرقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ۋە باشقا خەلقلەرنى پەس كۆرۈشىگە چوڭ نەزىريىۋى ئاساس تىكلەپ بېرىدۇ. گۇننار ياررىڭ تەشەببۇس قىلغان «كۆچمەنلەرنى ئۈنۈملىك كونترول قىلىپ شىۋېت خەلقىنى يات ئامىللاردىن ساقلاپ قېلىش» نەزىرىيىسىمۇ ئەمىلىيەتتە گېتلېرنىڭ ئارىيانلارنى ئۇلۇغلاپ، باشقىلارنى پەس كۆرۈش ئىدىيىسىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئۇ ئۆزۈنىڭ « يەر شارىدىكى جەننەت» دېگەن ماقالىسىدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەيدۇ.
    گۇننار ياررىڭ 1935-يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى قايتا زىيارەت قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەينى چاغدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ  چېگرىدىن كىرگۈزىلمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئافغانستان ۋە كەشمىرلەردە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، 1936-يىلى ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىدۇ ۋە شۇ يىلى ئۆزى تەۋە بولغان پارتىيە «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» نىڭ ئورگان ژورنىلى بولغان «ناخۇنال يۈل» دا « يەر شاردىكى جەننەت» دېگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا كەشمىر رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ «كەشمىرىنىڭ دالېن، كىرىڭ سىرىناگار دېگەن يۇرتلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا بارسىڭىز ئۇ يەردە ئەركىن، خوشال، ئۇچۇق، مېھماندوست، دوستانە، ياتلاردىن ئالتۇن ئۈندۈرۋېلىشنى ئويلىمايدىغان خەلق بىلەن ئۇچرىشىسىز. تەلىيىمىزگە كەشمىردىمۇ ياخشى خەلق بار ئىكەن. چۈنكى، كەشمىردە ئارىيانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق پەزىلەتلەر بار بولغان ھەقىقىي ئارىيانلار ياشاۋېتىپتۇ.» (7) دەپ يازىدۇ. ماقالىدا ئەكىس ئەتكەن بۇ نوقتىنئەزەرلەردىن گۇننار ياررىڭنىڭ ئافغانستان ۋە كەشمىرى زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى تىل تەتقىقاتىنى مەقسەت قىلغان دىگەندىن كۆرە ئارىيانلار ئىرقىنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلغان دەپ قىياس قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز. چۈنكى ئافغانستان ۋە كەشمىرلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئارىيانلار ياشىغان ماكانلار دەپ قارىلىۋاتقان كەڭ زىمىنلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمىلىيەتتە گۇننار ياررىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان رايونلار بولۇپ، ئەگەر سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە گۇننار ياررىڭنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ قېلىش مۈمكىنچىلىكى بار ئىدى. بەلكىم تەكلىماكان رايونىغا ماكانلاشقان ئارىيانلار ھەققىدە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى.
     گۇننار ياررىڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قەشقەر زىيارىتى 1929-يىلىدىن 1930-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ چاغدا گۇننار ياررىڭ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ياش يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ياش بولۇشىغا قارىماي قەشقەر قاتارلىق ئۆزىگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بىر ماكاندا، ناتونۇش بىر خەلق ئارىسىدا يەككە يىگانە زىيارەتكە تەۋەككۈل قىلىشى شۇ چاغدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يۇرت- يۇرتلارنى ئارىلىشى ۋە ۋە توختىماي قەدىمىي قول يازمىلارنى يىغىشى ئۇنىڭ ئاددىيغىنا تىل ئۆگۈنىش مەقسىتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن دىيىشكە بولاتتى. بۇ مەزگىلدە  گۇننار ياررىڭ شىۋېتسىيەدىكى «مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى» نىڭ 3 يىللىق سىنىقىدىن ئۆتكەن كونا ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئالىقاچان ياۋروپا باش كۆتەرگەن مىللەتچىلەرنىڭ ناتسىسلىق ئىديىسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ بولۇنغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ شۇنچە يىراق ياۋروپانىڭ بىر بۈرجىگىدىن شۇنچە جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ قەشقەرگە كېلىشىنى ئادىيلا «تىل ئۆگۈنىشنى مەقسەت قىلغان » دىيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تىل ئۆگەنگۈچىدىن كۆپرەك مەلۇم بىر نەرسىنى ئىزدىگۈچىگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىۋېتسىيەدە «شىۋىتلار قەشقەردىن كەلگەن» (7) دېگەن رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر  تارىخ بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈنىشنى مەقسەت قىلغان ۋە قەشقەرگە بېرىشقا تەۋەككۈل قىلغان  گۇننار ياررىڭنىڭ ھەققىي مۇددىئاسىنى تىكلىگەن قىزىقارلىق بىر مەنبە دىيىشكە بولاتتى. گەرچە بۇ شىۋېتلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان ۋە تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغان بىر رىۋايەت بولسىمۇ ئەمما 30 يىللاردىكى ئۆزىنى ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئۆزىنى ئارىيانلارغا باغلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى بىر ماتىرىيال ھېساپلىناتتى. بولۇپمۇ گۇننار ياررىڭدەك شىۋېتسىيەدىكى مىللەتچى پارتىيىنىڭ غوللۇق 6 ئادىمىنىڭ بىرى ھېساپلانغان ناتسىس مىللەتچىسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئەمما ئۇ قەشقەر سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ  1934-يىلى «جەنۇبىي شىۋېتسىيە كۈندۈلىك گېزىتى» دە ئىلان قىلغان «ئۇيغۇرلارىكى كىتابچىلىق» دېگەن ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئانچە ئىجابىي بولمىغان نەزەردە بولىدۇ. ئۇ قەشقەر كوچىلىرىدىكى كىتابپۇرۇشلارنى «ئۇلاردا كىتابلىرىنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلمايدىغان بىر چەتئەللىككە سېتىپ بېرىدىغان راي زادىلا يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىسى سوغاق تەلەتلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى.» دەپ تەسىۋىرلىسە، كىتابپۇرۇش رۇزىئاخۇننى «مەن كىتابپۇرۇشلاردىن روزى ئاخۇن بىلەن خېلى تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئادەم بېشىغا ئاق سەللە ئورىۋالغان كىشى ئىدى. يەرلىكلەرنىڭ قارىشىچە سەللىلىكلەر ئادەتتە باشقىلارغا قارىغاندا بىلىملىك كېلەرمىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا سەللە ئىناۋەت، بىلىمنىڭ سىمۋولىكەن. مېنىڭچە ئۇ كىشىنىڭ ھىيلىگەر ۋە قۇۋلىقى ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقىنى بېسىپ چۈشەتتى.» « ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھىنى تونۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇ مەندەك بىر ئىسلام دىنى مۇرىتى بولمىغان بىر بەندىگە كىتاب ساتقاندا «بىسمىللاھ» دەپ قويۇپلا سېتىۋەردى، بىرقانچە قېتىم قۇرئاننى سىڭا قولى بىلەن ياكى سول قولى بىلەن تۇتۇپ سالدى. ئۇ قەۋرە بېشىدا قىلغان دۇئالىرى بىلەن ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايتتى. گەرچە ئۇ مېنى قاقتى–سوقتى قىلىپ مەندىن نۇرغۇن پۇل ئۈندۈرىۋالغان ۋە مەن تەمىنلىگەن شىۋېتچە گېزىتلەردىن كۆپ پۇل تېپىۋالغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ مەككىگە قىلغان بۇ ئۇلۇغ سەپىرىگە مەدەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭ ھاجى بولۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەپ يازىدۇ.(8)
    ئۇنىڭ مىللەتچىلىككە تويۇنغان ئىدىيىسى تاكى 70-يىللارغىچە ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشىنى، شىۋېتسىيەنى كۆچمەنلەردىن  ئۈنۈملىك قوغداپ، شىۋېت خەلقىنى ناتۇش ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدە باش كۆتەرگەن شىۋېت مىللەتچىلىرىنىڭ  پارلامىتتىكى تەشەببۇسلىرىمۇ گۇننار ياررىڭنىڭ ئەينى چاغدىكى تەشەببۇسلىرىدىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.
    ئۇنىڭ بۈگۈن بازارغا سېلىنغان تەرجىمھالى يوقۇرىقىلاردىن مۇستەسنا پەردەزلەنگەن پاك-پاكىز تەرجىمھال بولۇپ، ئۇ بۈگۈن كىتابلاردا شىۋېتسىيەدە تۇنۇلغان دېپلومات، ئىلىم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولوگ بولۇپ يېزىلماقتا. گوننار ياررىڭنىڭ ئىدىيىسىنى 30 يىللارچە قامال قىلغان  مىللەتچىلىك ۋە ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ناتسىسلارغا باغلىنىشلىق كەچۈرمىشىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان، بولۇپمۇ قەشقەرگە قىلغان سەپىرىنىڭ ھەققىي مۇددىئاسى ئادەمدە گۇمان قوزغايدۇ.
     
    ئىزھات ۋە پايدىلانغان مەنبەلەر
    1-شىۋېتسىيە مىللى سوتسىيالىزىمىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭغا قىزىققۇچىلار 1931-1945-يىللىرى، شىۋېتچە نەشىرى
    2-شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى، 1972-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
    2-نىمە ئۈچۈن مىللەتچىلەر ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن؟  2000-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
    3-»ناخۇنال يۈل» 1936-يىللىق سانى، شىۋېتچە نەشىرى
    4- شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى، 1972-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
    5-قەشقەرگە قايتا سەپەر، ئۇيغۇرچە نەشىرى
    6-ئۆزلۈك ۋە كىملىك، ئۇيغۇرچە نەشىرى
    7- ۋېكىپېدىيە تور قامۇسى شىۋېتچە نەشىرى
    8-ئوكيان تور قامۇسى
    9- ئورخۇن تور بېتى. ئارىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى.
    10-»لۇندىكى مەدەنىيەت دەرۋازىسى تورى»، شىۋېتچە نەشىرى
    11-ئۇيغۇرلاردىكى كىتاپچىلىق، جەنۇبى شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى 1934-يىلى، زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى
    12-شىۋېتسىيە كۈندۈزلىك گېزىتى، 2006-يىلى، شىۋېتچە
    2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
    مەنبە: باغداش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.