بىز نىمىگە موھتاج؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 03:07:56

بىز نىمىگە موھتاج؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سودائېقىمىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قېرىنداشلىرىم، ئىزىڭلاردىن گۈل ئۇنسۇن! سىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ قەدىمىڭىز يىڭى بىر ئۈمىد ئىزىنىڭ باشلىنىشىدۇر، يىڭى بىر ئۇيغۇ...

    بىز نىمىگە موھتاج؟

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سودائېقىمىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قېرىنداشلىرىم، ئىزىڭلاردىن گۈل ئۇنسۇن!

    سىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ قەدىمىڭىز يىڭى بىر ئۈمىد ئىزىنىڭ باشلىنىشىدۇر، يىڭى بىر ئۇيغۇر ئىقتىسادى تەرەققىيات دەۋىرىنىڭ بەلگىسىدۇر. بۈگۈن بىز يارقىن پىكىر ۋە ئۈمىدلەر بىلەن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. چۈنكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. چاقماق سۈرئىتىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى ئۆزگىرىشنىڭ ئېھتىياجى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىم ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبىغا يۈكسەك ئۈمىدلەرنى باغلاپ بۇ يەرگە كەلدى، «ئۇچقۇندىن يانغىن يانىدۇ»، بىزدىكى بۇ ئۇچقۇن ھامان يالقۇن بولۇپ كۆيگۈسى!  تەرەققىيات سوقىۋاتقان مۇشۇ يۈرەكلەر مەڭگۈ ھارمىغاي!

    ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ مەنزىل بىزگە نۇرغۇن تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بەردى. بۇ تەجىرىبە ساۋقلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بىز ئالدىمىزدىكى يولغا باھا بېرىمىز ۋە قايسى يولداماڭساق توغرا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز.

     

    ئەمدى بىز 2008-يىلىغا بىر خۇلاسە چىقىرىپ باقايلى:

    مىنىڭ چەتئەلدە تۇرىدىغان بىر دوستۇم تېلىفۇن قىلىپ شۇنداق بىرگەپنى قىلدى. ئۇ بولسىمۇ بۇرۇن ئۇ جۇڭگۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنتايىن ئاز ئاڭلايدىغانلىقىنى، بىراق 2008-يىل بولسا ھەرئايدا دىگۈدەك بىر چوڭ ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 2008-يىل ھەقىقەتەن دۆلىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان بىر يىل بولدى. 2008-يىل دۆلىتىمىز ئۈچۈن كىرىممۇ بولدى، چىقىممۇ بولدى. ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەر يۈزبەردى. يىمەكلىك ساھەسىنى لەرزىگە سالىدىغان «سەنلۇ» سۈت پاراشۇكى ۋەقەسى، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى بىلەن دېڭىز بويىدىكى 13 تاشقى سودا كارخانىلىرى ۋەيران بولدى. شىنجاڭدىكى ئاشلىق، زىرائەتلەرنىڭ سېتىلماسلىقى، چەتئەلگە چىقىرىدىغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلماسلىقى، يىمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، ئېلى، چۆچەك ۋە ئالتاي رايۇنىدىكى 13 ئوتلاقنىڭ قۇرۇپ كېتىشى قاتارلىق ئاپەتلەر شىنجاڭ بازىرىنى خەتەرگە دۇچار قىلدى. بىز بۇ كۈنلەرنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىدۇق، بولدى بەس. بىز ئەمدى تەرەققىياتقا مۇھتاج!

     

    ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى كۆپلەپ قۇرۇلىۋاتقان بۇ ئىقتىسادى پەيت بىزگە ئوڭايلىق بەرمىدى، بىزنىڭ كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىقىمىز، كارخانا باشقۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەسلىكىمىز! ماركىتىڭ ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنالمايۋاتقىنىمىز، كونا سودا قېلىپىدىن ئاجراپ چىقالماسلىقىمىز، مالىيە سېستىمىمىزدىكى يىتەرسىزلىك، كارخانا دائىما باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ كەمچىلىكى، قارىغۇلارچە ئېلان ئۇسۇلىغا تايىنىۋىلىش، مودا قوغلىشىپ شىركەت قۇرۇش ۋە مەھسۇلات چىقىرىش دىگەندەك نۇرغۇن يىتەرسىزلىكىمىز، مەبلىغىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە بەك چېچىلما ھالەتتە بولىىشى، بېلىم قۇرۇلمىمىزنىڭ ئاجىز بولىشى، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنالماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتۇش قاتارلىق كەمچىلىكىمىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى توسۇپ قويماقتا! پۇل مۇئامىلە كىرزىسى، رىقابەتچى كارخانىمىزنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى، ئۇسۇلىنىڭ كۆپلىكى، تاكتىكىسىنىڭ خاسلىقى قاتارلىق ئامىللار بىزنى قىيىن يولغا قاپسىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز زادى نىمىگە مۇھتاج؟ بولدى بەس، بىز ئەمدى تەرەققىياتقا مۇھتاج! مەن بۇ يەردە قىسقىغىنە بىر مىسال ئالماقچىمەن، بىزنىڭمۇ نۇرغۇن شىركەتلىرىمىزنىڭ قۇرۇلىغىنىغا 10يىلدىن ئاشتى، بىراق بىز نىمىشقا باشقا جايلاردا قۇرۇلغان 10يىل بولغان شۇ شىركەتلەرگە يىتەلمەيمىز؟ بۇنكىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېڭنىيۇ شىركىتى 1999-يىلى 10مىلىيۇن بىلەن ئىش باشلىغان. (10مىلىيۇنغىمۇ يەتمەيدۇ). شۇ چاغدا نىيۇگېڭشىڭ ئۆز كوللىكتىۋىغا بىرىنجى يىلى 30مىلىيۇنلۇق سېتىش سوممىسى ۋەزىپىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ مۇمكىنمۇ؟ بىراق بۇ كوللىكتىپ نىيۇگېڭشىڭنىڭ يىتەكچىلىكىدە شۇ يىلى 40مىلىيۇنلۇق ۋەزىپە ئورۇنلايدۇ. 200-يىل بولسا 80مىلىيۇن ۋەزىپە بەلگىلەيدۇ. ئۇلار بىرلا كۈچەپ 280مىلىيۇنلۇق ۋەزىپە ئورۇنلايدۇ. 2001-يىلى 580مىلىيۇنلۇق ۋەزىپە پىلانلاپ 850مىلىيۇن، 2002-يىلى 1مىلىيارد 700مىلىيۇن ۋەزىپە پىلانلاپ، 2مىلىيارد100مىلىيۇن ۋەزىپە ئورۇندىغان. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ 2008-يىلى تەرەققىي سۈرئىتىنى %280كە يەتكۈزدى. بۇ بىزنىڭ كۆزىمىز يەتمەيدىغان پىلان، بىراق ئۇلار بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىز زادى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلالمايمىز؟ بۇنى ھەرقايسى كارخانىلار باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئويلىنىپ بېقىشتىمۇ؟

    بىز تۆۋەندە بىرنەچچە ئورۇندا تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:

    1.    باشقۇرغۇچىلار كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ باشقۇرغۇچىسى، ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى بىر كارخانا شۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ. لىكىن بىزدە بۇنداق باشقۇرغۇچى ئىنتايىن كەمچىل.

    2.    نۇرغۇن شىركەتلەر مەھسۇلاتقا ئەڭ چوڭ گۇناھنى ئارتىدۇ، لىكىن گۇناھ ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچىدىن مۇۋاپىق پايدىلانماسلىقىدا ۋە جەلىپ قىلالماسلىقىدا. چۈنكى سودىنى ئادەم قىلىدۇ، شۇڭا ئادەم كۈچى بايلىقى ئەڭ مۇھىم.

    3.    بەكلا قانائەتچان، رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

    4.    ھاكاۋۇرلۇق، قانائەتچانلىق. ئازغىنە نەتىجە بىزنى ئاسانلا جەڭدە غەلبە قىلغۇچى «زۇلقەرنەيىن» گە ئايلاندۇرىدۇ.

    5.    ئىسراپچىلىق. ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ ئاز بولىشى.

    ئەلۋەتتە بىزدە كەمچىللىكلەر نۇرغۇن. يۇقارقىسى بولسا ئاساسلىقلىرى، بىزنى ئەڭ ئاسان خاراپ قىلىدىغانلىرى، بىزگە ئەڭ ئاسان خىرىس قىلىدىغانلىرى. پۇل مۇئامىلە كىرزىسى شىنجاڭغا قارا قولىنى سۇندى.  ئامىرىكىدىكى بۇ ۋەقە قىسقىنغىنە 3ئاي ئىچىدە جۇڭگۇ بازىرىغا كىرىپ بىزنى نۇرغۇن قىيىن سۇئاللارغا دۇچار قىلدى. دېھقانلارپاختىلىرنى ساتالمىدى ،قىسقىغىنە ۋاقىتتاشىنجاڭدىكى نۇرغۇن زىرائەتلەر بېسىلىپ قالدى، شىىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانلار ئالدى ئارقا بولۇپ %30 تىن %50 گىچە سېتىش سوممىسىنى يوقاتتى. بىز شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى شىنجاڭ بازىرى ھەرگىزمۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇردىغان يەككە بازار ئەمەس. گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خاسلىقى بولسىمۇ ئۇيەنىلا ئىقتسادى تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، سودا ئامىلىرنىڭ ھەرقانداق ، ھەرقانداق بىر زەنجىرى زىيانغا ئۇچىرسا ئۇ ھامان ئۈزىلىدۇ خالاس.

    سۇ كېلىشتىن ئاۋۋال توغان سال، ئەمدى بىز 2009-يىلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. پۇل مۇئامىلە بازىرى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە ئىنتايىن تۇراقسىز. لىكىن بۇ بىر پۇرسەت. ئاز ساندىكى پايلاردا ئۆسۈش يۈز بەردى. بۇ چاغ مەبلەغ سېلىش ياخشى بولدى.

    ئالتۇن بازىرى 2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىم يىلىدا ئالتۇن باھاسىدا چۈشۈش يۈز بېرىدۇ. ئاشلىق باھاسى يەنىلا ئۆسۈشى مۇمكىن. دۆلىتىمىز 5جەھەتتىن ئىستىمال سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 1. خەلىقنىڭ كېرىمىنى ئاشۇرۇش. بۇ يەنىلا دۆلەتنىڭ شەكىلسىزقولى بىلەن كونتىرول قىلىنىدۇ. بۇ خەلىقنىڭ ئىستىمال نىسبىتى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس بولۇپ قالغۇسى. 2. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، بۇ شىنجاڭ بازىرىغا پايدىلىق، دۆلەت يەر ھوقوقىنى ئىجارىگە بېرىش ئىستىراتىگىيسىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، بۇ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ قۇرۇلىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بولىدۇ. 3. سۇغۇرتا ئىشلىرىنى ياخشىلاش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باجنى كۆپلەپ يىغىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلىتىمىز بېجىنىڭ %60تى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلاردىن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا دۆلىتىمىز بەلكىم ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىغا ياخشى بولىدىغان سىياسەتلەرنى چىقىرىشى مۇمكىن. 4. دۆلەت دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئېلىكتىرون مەھسۇلات بازىرى قىزىپ كېتىشى مۇمكىن!

    2008-يىلى پۈتۈن ئىقتىسادى ساھە ئۈچۈن بىر تۈن كېچىسى بولدى. بىراق ئالدىمىزدىكى كۈنلەر ئۇندىن ئۆتە قورقۇنۇشلۇق، بىزنىڭ ئەمدى تېخى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمغا ئاتلىنىدىغان پەيتىمىز كەلدى. بىز زادى نىمىگە مۇھتاج؟

    بىز تەرەققىياتقا مۇھتاج!

    ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا بۇ قورقۇنۇچلۇق 2009-يىلىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ!

    1.    ئاۋۋال نىشانىمىزنى بېكىتىپ چىقىشىمىز كېرەك. كىم يىراقنى كۆرەلىسە شۇ تېخىمۇ بىراق سەكرىيەلەيدۇ.

    2.    سىز ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ يېڭىچە سودا مۇھىتىدا يەنە پۇت تېرەپ تۇرالامدۇ؟ دىگەن مەسىلە توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك.

    3.    مالىيە سېستىمىڭىزدىكى مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىڭ ۋە بارلىق يىتەرسىزلىكىڭىزنى ھەل قىلىڭ.

    4.    يىڭىلىق يارىتىش ئىدىيىڭىز بولۇشى كېرەك.

    5.    ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىڭ.

    6.    ئىلانغا قارىغۇلارچە ئېسىلىۋالماڭ ۋە بىھۇدە ئارتۇقچە پۇل خەجلىمەڭ!

    سىز زادى نىمىگە مۇھتاج؟ سىز تەرەققىياتقا مۇھتاج! ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى سىز ئۈچۈن يەنى سىزنىڭ تەرەققىياتىڭىز ئۈچۈن بىر قولايلىق سورۇن، بىز بۇ سورۇننى ياراتتۇق، بىز پەقەت سىزنىڭ بۇ سەھنىدە ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىشىڭىزنى ۋە پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! بىز سىزنى مۈرىمىزدە كۆتۈرۈشكە تەييارمىز! بۇ پەقەت سىزنىڭ تاللىشىڭىزدا.

    ئاخىرىدا ھەرقايسى دوسلارنىڭ ئىشى ئۇتۇقلۇق بولسۇن، سودىسى روناق تاپسۇن!

    دوسلارغا رەھمەت!      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.