ئەدەبىيات بىزگە شۇنچىلا زۆرۈرمۇ؟ (2)

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-03 03:03:00

ئەدەبىيات بىزگە شۇنچىلا زۆرۈرمۇ؟ ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى تېخى بۇلا ئەمەس. ئىنسانلار پەقەت تىل ئارقىلىقلا باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئەدەبىيات بولسا تىلنى نامايەن قىلىدىغان پەن. يەنە مە...

    ئەدەبىيات بىزگە شۇنچىلا زۆرۈرمۇ؟

         ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى تېخى بۇلا ئەمەس. ئىنسانلار پەقەت تىل ئارقىلىقلا باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئەدەبىيات بولسا تىلنى نامايەن قىلىدىغان پەن. يەنە مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەدەبىيات بىر تۈركۈمنىڭ قوبۇل قىلغان ماددى مەنىۋى نەرسىلىرى ۋە ئىدىيىسى، تۇرمۇشى، مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئالاقىلىشىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەك. ئەدەبىياتنىڭ كىشىلىرىمىز قەلبىدىن كۆتىرىلىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى كىمدىن ئىزدەيمىز؟ كىشىلىرىمىز نېمىشقا ئەدەبىياتنى مەنسىتمەيدىغان ۋە كىتاب ئۇقمايدىغان بولۇپ قالدى؟ بىر ھېسابتا ئۆزىنىڭ پەن تارىخىدا ئەدەبىياتتىن باشقا ھېچنېمە قالدۇرمىغان بىز، قانداق قىلىپ ئەدەبىياتقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدۇق؟ مېنىڭچە مەسىلە دەل بىزنىڭ ئاتالمىش ئەدەبىياتچىلىرىمىزدا. ئارىمىزدا ھەقىقى ئەدەبىياتچىغا خاس روھ ۋە تالانت ھازىرلىغان، مىننەتسىز خىزمەت قىلالايدىغان، ھىچ بولمىغاندا ئەدەبىيات دىتىنى ھازىرلىغان ئەدەبىياتچىدىن قانچىسى بار؟ كىشىلىرىمىزنى ئەدەبىياتتىن بەزدۈرىۋاتقان زامانىمىز ھىكايە رومانلىرىدىكى مەنزىرىلەرنىڭ نۇرسىزلىقى، تەسۋىرلەرنىڭ تەكرار ۋە بىمەنىلىكى، نە ئەقىدە نە ئېتىقاد، نە بىر تەربىيىۋى ئەھمىيەت ياكى ھەققانىيەت سەمىمىلىكتىن ئۇچۇر يوقلىقى ئالدىدا، پۈچەك ، كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان ، بەدىئىلىكى تۆۋەن، ئوخشاش مەزمۇندىكى ساداقەتسىز مۇھەببەت ۋەقەلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرئەدەبىيات سەھنىمىزنى مونوپول قىلىۋالغان بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئەدەبىياتىمىز ئۈستىدە قايتا بىر قېتىم ئوپىراتىسيە ياسىماي بولمايدىغىنى ئېنىق.
        يازالمىغانلاردا ئەيىپ يوق، ئەمما تەرجىمانلارغا نىمە بولدىكىن؟ ئۇلارنىڭ تىلى نېمىشقا مۇجىمەل، نېمىشقا چۈشىنىكسىز؟نېمىشقا دۇنياغا داڭلىق ئەسەرلەرمۇ بېشىنى ئوقۇسا ئاخىرىنى ئوقۇغۇسى كەلگۈدەك كىشىنى جەلىپ قىلغىدەك راۋان تەرجىمىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ؟ پۈتكۈل تەرجىمە ئەدەبىياتىمىز توختا باقى، مەرىيەم مەمىتىمىن، ئىلدانە ئابدۇرېھىم قاتارلىق نەچچىلا تىل ئۇستىسىدىن قالسا ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئەدبىياتچى بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، تىلى بىلەن دىلى بىردەك، قەلبى راۋان، تەپەككۈرى ئۆتكۈر ۋە ئۆزلۈككە ئىگە ،مۇھىمى ئوخشىمىغان ئېقىملارغا كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىش نەزىرى بىلەن قارىيالايدىغان ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلالايدىغان ئاڭغا ئىگە بولسا ئاندىن ئەدەبىياتچىنىڭ شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ.
       ئارىمىزدىكى ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئەرزىمەس گۇرۇھۋازلىق، شەخسى زىددىيەت، مەخپى ۋە ئاشكارا دۈشمەنلىشىشلىرى ئەدەبىياتچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرغان يەردە، بىز يەنە كىمدىن نېمىنى كۈتىمىز؟ بىزگە دۈشمەنلىك ئەمەس نەتىجە كېرەك، كىمنىڭ راست كىمنىڭ يالغانلىقى ئەمەس، بەلكى كىمنىڭ تۆھپىكار كىمنىڭ ساختا ئىكەنلىكى مۇھىم. ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ھۆكمى شۇكى، ئەدەبىياتچىلار ئارىسىدا زىددىيەت ۋە گۇرۇھۋازلىق يۈز بەرسە كىمنىڭ تۆھپىسى كۆپ بولسا شۇنىڭ راست.
       ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىز قاتارىدىكى رومانلىرى بىلەن، ئابدۇۋەلى ئەلى «يانغىن قاپلىغان تۇپراق» رومانلىرى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلغان دەقىقىلەرنى ئېسىمىزگە سېلىپ ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى ئازراق بولسىمۇ ئېسىمىزگە سالدى، بىراق بەدىئىلىكى جەھەتتىن ئەدەبىياتقا ئەمەس تارىخى ئەسەرگە بەكرەك ئوخشايدىغان شۇ كىتاپلارنىڭ 30-40مىڭلاپ تۈگىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.
        بىز كىتاب ئوقۇمايمىز ئەمەس. كىتاب بولمىسا نىمىنى ئوقۇيمىز؟
       ئاپتونۇم رايونلۇق كىتاپخانىغا كىرىپ ئارانلا بىر قەۋەتنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن كىتاپلىرىمىز ئارىسىدىن دېھقانچىلىق ۋە قانۇن ياكى تىبابەتچىلىككە ياتمايدىغان، بىر ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك بەدىئىلىككە ئىگە كىتاپتىن ئوننى تاپالامسىز؟
       جاپا چېكىپ چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبى ئېقىملىرىنى بىزگە تونۇشتۇرىۋاتقان، گۆھەر تىللىرىنى ئىشلىتىپ تەرجىمە ئارقىلىق بىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ياردەمدە بولۇۋاتقان توختى باقى، مەرىيەم مەمىتىمىن، ئىلدانە ئابدۇرېھىم، پەرھات ئىلىياس قاتارلىق تۆھپىكار ئەدبىياتچىلىرىمىز يوق ئەمەس-يۇ ئەمما شۇ قەدەر ئاز!
       شۇ تاپتا ، بىز تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك ، تونۇشتۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن. ئەدەبىياتنى سۆيىدىغانلار، ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنى تونۇغانلار، كېلىڭلار ، قۇرىغان تۇپرىقىمىزغا ھەر بىرىمىز بىر تامچىدىن ئەجىر تەرىمىزنى تېمىتايلى .......

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:06:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.