دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتىرى(1)

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-19 13:01:00

دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتىرى(1) ئۆمەر راخمان باشلىنىش ئادۋۇكاتلىق كەسپى يۈزسىدىن بۇ بىر نەچچە يىلدا مەن ئارلاشقان ياكى ئۇچراتقان دىلۇلار ئاز ئەمەس. قانۇن خىزمىتى ئورنىنى جەمىيەتتىكى ھەر ساھ...

    دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتىرى(1)

    ئۆمەر راخمان

     

    باشلىنىش

          ئادۋۇكاتلىق كەسپى يۈزسىدىن بۇ بىر نەچچە يىلدا مەن ئارلاشقان ياكى ئۇچراتقان دىلۇلار ئاز ئەمەس. قانۇن خىزمىتى ئورنىنى جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ، ھەر خىل كەسىپ، ھەر خىل سالاھىيەتتىكى كىشلەرنىڭ ھەر خىل زىديەتلىرنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىدىغان مەركىزى سورۇنى دىسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ . مۇشۇ يوسۇندا ئالدىمغا كەلگەن ھەر بىر دىلۇ مېنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، سۈيۈملۈك ئۇيغۇرلىرىمنىڭ بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئاۋارچىلىقلارغا مۇپتىلا بۇلۇشلىرى، مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەخمىقانە ئۇسۇللىرى، ۋاختىنى بىھاجەت ۋە مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا سەرىپ قىلىشلىرى، ئاشكارا ئۆكتەملىك، شۆھرەتپەرەسلىك، ساپاسىزلىق ، مىشچانلىقلىغى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ تەپەككۇرلىرىمنى ئۇيغۇرۇمنىڭ خاراكتىرى ئۈستىدە ئەگىتىدۇ.

         مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئمىن ئۇيغۇرلىرىمىزدىكى روھى چېركىندىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغاندا تۆرەلگەن بىر ئەۋلاتنى ئاللىمۇقاچان قاتارغا قۇشۇپ جەمىيەت قوينىغا ھازىر قىلىپ بولدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ساپالىق قېرىنداشلىرىمىز خاراكتىرىمىزدىكى ئەخلەتلەرنى تازلاشقا كۆپ كۈچنى سەرىپ قىلدى. ھالبۇكى بەزى ناچار خاھىشلارنىڭ يەنىلا سەرخىللىرىمىز جىسمىدا زاھىر بۇلىشى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. شۇ سەۋەپلىك بىر مەزگىل  ئۆز خاراكتىرىمدىنمۇ گۇمانلىنىش تۇيغۇلىرى قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. بۇ ھەقتە چۇقان سالغۇم، زارلانغۇم كەلدى. « بەتبەشىرە ئامېركىلىقلار» ۋە « بەتبەشىرە جۇڭگولۇقلار » دىگەندەك كىتاپلارنىڭ شۇ مىللەتلەرنىڭ خاراكتىرىدىكى ئەخلەتلەرنى تازلاشتا قانچىلىك رۇلى بولغانلىغىدىن خەۋىرىم يوق، بىراق تەسىر قىلمىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بىزدە ھازىرغىچە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇكەممەل بىر كىتاپنىڭ يېزىلماسلىغى بىزدىكى بۇ ھەقتىكى ئىلگىرلەشنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەدە تۇرۋاتقانلىغىدىن دېرەك بىرىشى مۇمكىن.  مەن ئىدلوگىيە ئانالىزچىسى ئەمەس، مىللەت روھىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكە سالاھىيىتىم توشمايدۇ، شۇڭا مۇنداق كىتاپلارنى يېزىش  مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەسلىگى مۇمكىن بىراق سۆزلىمەسلىككە ئادەملىك بۇرچۇم يول قويمايدۇ. بىر مەزگىللىك ئويلىنىشلاردىن كېيىن «ئات تاپقۇچە ئېشەك مىن» دىگەندەك  ئاخىرى ئۆزەم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن دىلۇ جەريانلىرىغا باغلاپ، ئۇيغۇر خاراكتىرىدىكى بىر قىسىم خاھىشلارنى چۈچۈك تىللىرىم بىلەن بايان ۋە تەھلىل قىلىشنى قارار تاپتىم.

     

     

             سوت مەھكىمىسىنى قاپلىغان نىكاھ دىلۇلىرى

     

        1-ھىكايە:  پەلتو ۋە نىكاھ

       ئالدىمدىكى بىر-جۇپ ئەر خوتۇنغا (ئەگەر ئۇلارنى ئەر خوتۇن دىيىشكە توغرا كەلسە) قاراپ پىكىرلىرىم يەنە چېچىلدى. ئەر ئايال ھەر ئىككىسى 23 ياشلار ئەتىراپىدا ئىدى، بىر بىرىگە بولغان مۇئامىلىسىدىن يا ئۆچلىشىپ كەتكەنلىك ياكى مىھرىنى ئۈزەلمەسلىك ئالامەتلىرى كۈرۈنمەيتى. يات ئادەملەردەك سىلىققىنە مۇئامىلە قىلىشاتتى.

    -      ئاجىرىشىمىز......

    بۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق قارىشى ئىدى.

    سوتچى ئۇلارنىڭ 17 كۈن ئۆي تۇتتۇق دىگەن سۆزلىرگە  ئەجەپلىنىپ كەتمىدى. قارىغاندا سودىيە بۇنداق ئىشلارغا كۈنۈك ئىدى. سوت داۋامىدا كۆپ تالاش-تارتىش بۇلۇنمىدى. بۇ ئەر خوتۇنلارنىڭ ئاجراشتۇرۋېتىلدىغانلىغى ئېنىق ئىدى. ئارىدا پەرزەنىت يوق، ئورتاق مۈلۈكمۇ يوق، ھەر ئىككىسى ئاجىرىشىش پىكىرىدە.....

    ئۇنداقتا بۇ ئەر-خوتۇنلار نىكاھ ئىشلىرنى تىزىملاش ئورنىدا ئاجىراشماي نىمە دەپ سوت مەھكىمىسىدە دەۋالىشىپ يۈرىيدۇ؟ مەلۇم بىر نەرسىنى تالىشىۋاتامدۇ ؟

    توغرا ! ئۇلار بىر پەلتو ھەققىدە تالاش –تارتىش قىلىشىپ دەۋالىشۋاتماقتا ئىدى.

    بۇ تويدا ئەر، ئايالغا ئېلىپ بەرگەن ئادەتتىكى  بىر پەلتو بۇلۇپ تويدىن كېيىن  ئارىدا يوقاپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىككەيلەننىڭ سۆزلىرىدىن ئۇلار  پەلتو ياكى باشقا مال مۇلۈكلەرنى تالىشىپ قالمىغانلىغى، تويدىكى مۈلۈكلەرنىڭ كىمگە قېلىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىكەنلىگى ئېنىق ئىدى. ئۇلارنىڭ تالىشۋاتقىنى يوقاپ كەتكەن پەلتونى « سەن يۇشۇرۇپ قويدۇڭ » دىگەن مۇنداقلا ئېيتىلغان بىر ئېغىز گەپ بۇلۇپ، مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز ئىككى جەمەت توپلاشقان سورۇندا بىرلىككە كىلىپ بۇلۇنغان ئاجرىشىش پۇتمىنى بىكار قىلىشقا سەۋەپ بۇلۇپ، ئۇلارنى سوت سەھىنىسىگە سۆرەپ كەلگەن ئىدى.بۇ ئەر خوتۇنلارنىڭ مەۋقەسى بويچە بولغاندا «پەلتونى يۇشۇرۇپ قويدۇڭ » دىگەن سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش  نىكاھتىن ئاجرىشىشتىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇراتتى.

    سودىيە ئاخىردا ئۇلارنى نىكاھتىن ئاجراشتۇرغانلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى، ئەلۋەتتە « پەلتونى سەن يۇشۇرۇپ قويدۇڭ » نىڭ نەتىنجىسى چىقمىدى. نىكاھ  دىلۇسىدا يوقالغان، مەۋجۇت بولمىغان مۈلۈك ھەققىدە ھۈكۈم چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، بۇ سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايرىشنىڭمۇ زۇرۇريىتى يوق ئىدى . ھۆكۈمدىن كېيىن  ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى ھۆكۈمگە باشقۇچە قاراشتا بولمىدى، چۈنكى ئاجرىشىش ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈپلا ئۇلار ھەقىقى ياتلاشقانلىق سەۋەبىدىن  « پەلتونى سەن يۇشۇردۇڭ» نى تەگەشنىڭ زۆرۈريىتى قالمىغانلىغىنى ھىس قىلىشقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەر-خوتۇنلار (ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇرۇق-تۇققانلىرى بار ) ئىككى يىلغىچە بىر تەرەپ قىلىشىپ بولالامىغان نىكاھ ماجىراسى ئەنە  شۇنداق ئاددىلا ھەل قىلىندى.

    بۇ دىلۇ مېنى ئۇزاققىچە ئويلاندۇردى، بۇ ئەر-ئايالنىڭ ھەر ئىككىسى تۇلۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىچىدە تۇلۇقسىز مەلۇماتى بولغانلار  «سەۋىيەسى» بارلار ھىساپلىندۇ. بۇ سەۋيەلىكلەرنىڭ ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ « پەلتونى سەن يۇشۇردۇڭ» غا تۇتقان جىددى پوزىتسىيەسى بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشقا تۇتقان پەرۋاسىزلىق پوزىتسيەسى تېرادىگىيىلىك سېلۇشتۇرما ئىدى. بۇ خەلىقىمىزدىكى بۇلۇپمۇ دېھقانلىرىمىزدىكى نىكاھ قارىشىنىڭ چوققىللانغان ئىپادىسى ئىدى.

     

    ئاگاھ : بۇ تېمىنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ۋە نەشىر ئەپكارلىرىدا كۈچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.