«جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟

يوللىغۇچى : lezine يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 17:15:56

«جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى «ئورتاق ئىگە بولغان ۋە ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلغان ئەخلاق قىممىتى ۋە مەسئۇلىيەت بولمىسا، قانۇن ۋە دېموكراتىك سىياسىمۇ بولمايدۇ، ...

    «جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟
     شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى

     

       «ئورتاق ئىگە بولغان ۋە ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلغان ئەخلاق قىممىتى ۋە مەسئۇلىيەت بولمىسا، قانۇن ۋە دېموكراتىك سىياسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بازار ئىگىلىكىمۇ مۇۋاپىق يۈرۈشەلمەيدۇ»، مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى قىممەت قارىشىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى قاتتىق باشقۇرىۋاتقانلىقىنى، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرەپ تۇرىدىغىنى مۇقەررەركى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
    دەل مۇشۇ مەنە جەھەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوغلىشىش مۇساپىسىدە ياراتقان«جۇڭگۇ مۆجىزىسى»گە دىققەت قىلىشتىن تەرەققى قىلىپ غايەت زور ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولىۋاتقان «جۇڭگۇ ئەندىزىسى»نى تەكشۈرۈشكە ئۆزگەردى، ئۇلار «جۇڭگۇ مۆجىزىسى»«جۇڭگۇ ئەندىزىسى»نىڭ كەينىدە جەزمەن ئۇنىڭغا مۇناسىپ «جۇڭگوچە قىممەت»نىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
    دەرۋەقە، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى گېن ئېرسىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا تايىنىدۇ.
    ۋەھالەنكى، قىممەت قارىشى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ تونۇشى پەقەت يۈزەكى جەلىپ قىلىش ياكى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، تېخىمۇ ماھىيەتلىكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەت قارىشىغا يېقىنىدىغان تونۇشتىن ئىبارەت، ئىدىيە، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتارلىق جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ساھەلەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەت تەسىر كۈچىگە سىڭگەن ھەل قىلغۇچ ئامىلنى تۇتۇش، جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى، ۋارىسلىق قىلىش يادروسىنى تۇتقانلىق بولىدۇ.
    ماركىسىزم بىلەن ماركسىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنى بىرلىكتە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئاساسى گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنى بىرلىكتە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۇزۇم بىلەن خۇسۇسىلاشقان ۋە بىرلا خىل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە بىلەن غەربنىڭ كاپىتالىستىك دېموكراتىيىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش؛ سوتسىيالىستىك ئىدىيە، مەدەنىيەت بىلەن فېئوداللىق، كاپىتالىستىك چىرىك ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش لازىم. بۇ تۆت زور چەك-چېگرا سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنى بەلگىلەشكە، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى تاللاشقا، سىياسىينىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەمەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، يېڭى جۇڭگونىڭ 60يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتى ۋە ئىزدىنىشى داۋامىدا، بۇ«چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق» دەپ ئاتالغان زور ھۆكۈملەر«جۇڭگوچە قىممەت تەسىرى» نىڭ ئاساسىي ئىچكى يادروسىنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن «جۇڭگۇ مۆجىزىسى»نى ياراتتى.

    بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ۋە قىممەت تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي دەرس ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىزنىڭ «جۇڭگوچە قىممەت» تە چىڭ تۇرۇپلا قالماي، يەنە «جۇڭگوچە قىممەت»كە پۈتۈن يەر شارى نۇقتىسىدىن كۆڭۈل بۆلىشىمىزگە، «جۇڭگوچە قىممەت»نى تارقىتىش قانۇنىيىتىگە تايىنىپ ئومۇملاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۈبىھىسزكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېچىۋېتىشىتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى«جۇڭگوچە قىممەت»نى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، «تۆت زور چەك-چېگرا » بولسا، «جۇڭگۇ مۆجىزىسى» ۋە «جۇڭگۇ ئەندىزىسى»نى تونۇشنىڭ جەۋھىرىدۇر.
    بۇ مەنە جەھەتتە، مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ«تۆت زور چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىشنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى تۈزۈشكە تەشكىللىگەنلىكى «جۇڭگوچە قىممەت»نى ئاشۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان تارىخي پاكىتلار ئارقىلىق بۇ «چەك-چېگرا»لارنىڭ نېمە ئۇچۇن جۇڭگۇ ئۈچۈن «چوڭ ئىش»بولىدىغانلىقى شەرھىلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوتسىيالىستىك جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئىدىيىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ، نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي خۇسۇسىلاشتۇرالمايدۇ، نېمە ئۇچۇن ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىمايدۇ، نېمە ئۈچۈن پۇل ئېتىقادچىلىقى قىلمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىلگەن. بۇ، «شۇ بۆلگۈچىلەر» ئىچكى قىسىمغا قارىتا جامائەتنىڭ كەڭ قىممەت تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، سىرتقا قارىتا ئۇنىڭ دۇنيانىڭ«جۇڭگوچە قىممەت»نى چۈشىنىشىنى ۋە ئىگىلىشىگە ياردىمى بار.

    قىلچە شۈبھىسىزكى، بىز دەل«مەدەنىيەت ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان دەۋر»گە كىرىۋاتىمىز. مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى ئاللىقاچان دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى، دۇنيا دائىرسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئارىلىشىش، ئېلىشىش بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، مەدەنىيەت «يۇمشاق ئەمەلىي كۇچ» دەپ قارىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەھالەنكى، يادرولۇق قىممەتنىڭ تۈرتكە بولۇشى يېتەرلىك بولمىغان مەدەنىيەت «يۇمشاق ئەمەلىي كۇچ»ى ئانچە كۆپ جەلىپ قىلىش كۈچى پەيدا قىلالمايدۇ، قىممەتنىڭ كېمىيىشى پەقەت مەدەنىيەتنىڭ پۇچەكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۇڭگوچە قىممەت قارىشىنىڭ دۇنيا دائىرىسىدىكى جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ ئېشىشى «كۇڭزى ئىنىسستۇتىنىڭ ئېچىلىشى»، «جۇڭگۇ كىنولىرى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىغا پىششىق تونۇش بولۇشى» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سوتسىيالىستىك جۇڭگۇ تەشەببۇس قىلغان «سىياسىي قىممەت قارىشى»، «جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسى»نىڭ دۇنيادا يەنىمۇ ھېسداشلىق ۋە تەسىر كۈچى پەيدا قىلىش-قىلالماسلىقىىدا ئىپادىلىنىدۇ.
    مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۇش ئاستىدا، «تۆت زور چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىشنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى ئاساس قىلىپ، «جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ توشۇغۇچى، تېخىمۇ جانلىق تىللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش يەنىلا بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان جىددىي مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (چاڭ پېييۇ)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جۇڭگو