ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-10 10:48:33

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!ساپ ئۇيغۇر(بۇ –ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى تىز يازما،ئىلمى ئەسەر قىلىشقا ياكى مىللەتنى تىللاشقا باھانە قىلىۋىشقا بولمايدۇ،پەقەت كاتتا كىتاب ياكى ئ...

     

    ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!

    ساپ ئۇيغۇر

     

     

    (بۇ –ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى تىز يازما،ئىلمى ئەسەر قىلىشقا ياكى مىللەتنى تىللاشقا باھانە قىلىۋىشقا بولمايدۇ،پەقەت كاتتا كىتاب ياكى ئىلمى دوكلارنى سىستىمىلىق تەييارلىغۇچە،مۇناسىۋەتلىك ئىزدەنگۇچىلەرنى تىزرەك تۇرتكە بولسۇن،جىددى گەپلەرنى دوسىتلارمۇ ئاڭلاپ،ئىجتىمائى ئۇنۇم ھاسل قىلسۇن دىگەن نىيەتتە يازدىم،پايدىلىق مەسلىھەت-خەلقىمىزگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)

     

    مەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى،پايدا-زىينى،سەۋەبى،ھەل قىلىش تەكلىۋى

     

    ‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز پات ئارىدا ئافرىقىلىق ئەرلەر بىلەن توي قىلسا،بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلىمىز بولىدۇ››.

    بۇ سۆزنى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر دوستۇم دىدى.دوستۇمنىڭ دىيشچە، ئۇ بەش يىلدىن بىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ دەسلەپتە چەتئەللىك قىزلارغا قىزىزىقىش نسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ ،لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆمۈرلۈك جورسىغا ئۆز ئانا يۇرتىدا مىللى ۋە دىنى تەربىيە ئالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى تاللاش ئومۇميۇزلۇك يۇقىرى ئىكەن.ھەتتا ۋەتەنگە قىز ئىلىش ئۈچۈن كىلىدىغان ياشلار كۆپ ئىكەن.چۈنكى كۆپچىلىك ئۇيغۇر يىگىتلىرى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلاردا،‹‹ئۇيغۇر ئانا ،ئۇيغۇر ئاتا بەرىبىر ئۇيغۇر بالا تەربىيلەپ چىقالايدۇ››دىگەنگە ئشىنىدىكەن.ئەمما ‹‹ئۇيغۇر قىزلىرى بەك يۈرەكلىك،ئاجايىپ قەھرىمان،بولۇپمۇ ئەر تاللاش،يىگىت تاللاشتا،ئۇلار ئالدىراپ تەككەن ئىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى،ئۆزىنىڭ ۋە ئىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ھىسابلىشپ ئولتۇرمايدۇ››.

    بىر قىسم ئۇيغۇر قىزلىرى بولسا چەتئەللىك يىگىتلەرنى خۇددى ‹‹تىپىلماسنىڭ خورمىسى ››بىلىپ،قارشى تەرەپنىڭ دىنى ئىتىقادى،مىللى تەۋەسى،تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھاياتتا ئورتاق غايسى بار-يوقلۇقى بىلەنمۇ كارى بولماستىن كۇرت مىللىتى،ئەرەب مىللىتى،پارىس مىللىتىدىن بولغان پۇلدار ،جەلىپ قىلىشقا مايىل ئەرلەر بىلەن توي قىلىشنى ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن توي قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرگەن.ھەتتا يولدىشنىڭ تىگى-تەكتىنى سۇرۇشتۇرمەي نىكاھلانغان قىزلارمۇ كۆپ بولغان.بۇنداق ئەھۋاللار شىمالدىن ئوقۇش،تىجارەت قىلىش ،تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چىققان بىر قىسىم تەنتەك،كىچىك  قىزلار ئارىسدا كۆپ بولۇپ،ئنگىلىزلار،ئسپانلار،نىمىس ۋە شىۋىېتلار بىلەن تويلىششنى بىر خىل مەرتىۋىنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.

    دوستۇمنىڭ دىيىشچە،‹‹تۈرك قىزلىرى،غەرپ قىزلىرى ئادەمگە ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىرايلىق،پاكىزە،سۆھبەت ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى،تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتى ،بەدەن قۇۋۋىتى ۋە تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بىلىنىدۇ،شۇڭا نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلىشىدۇ،ئەمما ئوغۇللارنىڭ جۆرە تاللاشتىكى مىللى مەيدانى قىزلارنىڭكىدىن كەسكىن،ئۇيغۇر يىگىتيلىرى قارىماققا مەسئۇلىيەتسزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن مىللى تەقدىر مەسلىسدە مۇرەسسە قىلمايدۇ››

     

    ئۈرۈمچىدىمۇ ئەرەبلەر،پاكستانلىقلار بىلەن تويلاشقان قىزلار ناھايتى كۆپ بولۇپ،بۇنداقلارنىڭ ئاجرىشش نسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئۆزىنى بىز مۇسۇلمان دەپ يۇرۇپ،ئاياللارنىڭ دىنى ھىسياتىدىن پايدىلىنىدىكەن،ئۇرۇمچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۆي تۇتقاندىن كىين باشقا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تونۇشۇشقا خوتۇنىنى ۋاستە قىلىدىكەن،بۇنداق سەمىمىيەتسزلىك ھەم بۇنداق ئەرلەر باي دىگەن بىلەنمۇ تايىنلىق بولۇپ،ئۇرۇمچىدە ئۆيى بار ئاياللارنى ئىزلەشكە مايىل ئىكەن،پات-پات يوقلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل ئارزۇسنى قاندۇرۇشنى،ئازدۇر-كۆپتۇر ئائىلە چىقىمىنى كۆتۈرۈش بىلەن ئاساسى مەسئۇلىيەتتىن  قىچشنى ئويلايدىكەن،ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا-ھەقىقى ئەردەك ئۆزىگە ئىگە بولۇشنى،ئائىلىگە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن،ئاساسەن بۇنداق سەمىمىيەتسز نىكاھ-ئۆز-ئارا پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇنغا بارمايدىكەن،ھەم بۇنداق قىزلارنى ئۇيغۇر تونۇش-بىلىشلىرى كۆزگە ئىلماي، كۆپ ئارىغا ئالمىغاچقا، ئاقىۋەتتە ئاجرىشپ كىتشكە مەجبۇر بولىدىكەن.

    ئامرىكىلىققا تىگىپ ئاجرىشپ كەتكەن ئۇرۇمچىلىك  ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھىكايسى بىر چاغلاردا ھەتتا ئابدۇراھمان قاھارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەنمۇ يۇز كۆرۈشكەنىدى.

    خەنزۇلار بىلەن تويلاشقان ھەم تويلاشماقچى بولغان قىزلار بولسا-مەن ئۇلارنى ئۆز دىنىمغا كىرگۇزۇپ مۇسۇلمان قىلىمەن دەپ ئەخمەقلەرچە تەۋەككۇل قىلىشقان،ئاخىرىدا ئاجرىششقا مەجبۇر بولغان،بۇنداق ھىكايىلەرنى تور ئارقىلىق كۆپ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسدا كۆپ ئاڭلىنىدىغان بۇنداق مەنتىقىسزلىققە ئەسلىگە قايتۇرۇش تەربىيسى كۆپ ئشلنىشى كىرەك.

     

    ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان چەتئەللىك مۇسۇلمان مىللەتلەر –ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۈچىنچى،تۆتىنچى خوتۇنلۇققا ئىلىپ،ئۆي ئشلىرىغا سالغان،توقال قىلغان.(بۇنداق ئەھۋال ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن.سەئۇدى ئەرەبستاندا ئەرەبلەرگە ئالدىنىپ،ياكى ھەج داۋامىدا ماشنىسغا ئولتۇررۇپ ماڭغان ئەر-ئايال يولۇچىلارنى يىرىم يولغا بارغاندا، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى دەپ ،ئىرىنى ماشىنا ئىتتىرىشكە چۇشۇرۇپ،ئىرى چۇشۇپ كەتكەندە خوتۇننى ئىلىپ قاچقان، بۇ ئىلاجىسز قالغان ئاياللاردىن پايدىلىنىپ بولغاندىن كىين، ئۇلارنى ئۆي خىزمەتچىسى بولۇشقا سالغان ياكى باشقىلارغا سىتىۋەتكەن ،ئەرەب تىلىنى ئۇقىمىغاچقا، ھىچكىمگە دەردىنى دىيەلمەي،گىپىنى ئۇقتۇرۇشقا ئامالسز قالغان بۇنداق ئاياللارنىڭ سانى گەرچە ئىنىق بولمىسمۇ،نەچچە ئونغا يىتىدىكەن،چۈنكى ھازىرغىچە ھەجگە چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلمىگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار،سەئۇدىدا ھەج مەۋسۇمىدا ۋەتەندىن كەلگەنلەرگە دەرت ئىيتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋەر يەتكۇزۇشنى ئىيتقانلار ئاز ئەمەس ئىكەن) .تۈركىيەدە بىر قىسم لۇكچەك تۈرك ئەرلىرىگە (كۆپلىگەن تۈركلەر بۇنداق رەزىللىككە قارشى ئىكەن،ئەمما جنايەت ھەممە يەردە بار)ئالدىنىپ ،ئاۋۋال خوتۇن بولۇپ،كىين ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئىلىپ چىقىلىپ ،بايلارغا سىتىلىپ،مەجبۇرى خوتۇن قىلىنغان 20 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ داۋاسى بولغانلىقى مەلۇم-(ئىزاھات،بۇنى بىر تەقۋادار ھەجدار ئاكىمىزدىن ئاڭلىدۇق،راست-يالغانلىقىنى ئاللا ياخشى بىلىدۇ،شۇڭا پايدىلىنىش خەۋىرى سۇپىتىدىلا ئاڭلاشقا بولىدۇ).

    لىكىن ئومۇميۇزلۇك ھادىسە،چەتئەلدە بولسۇن،ۋەتەندە بولسۇن،باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلاشقان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجراشقان،ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن تىپىشقان ياكى ئىزچىل ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار كۆپ ئىكەن.كۆڭۈل ئارزۇسى،ئۆرپ-ئادەت،تىل- ۋە مەدەنىيەت ،خاراكتىر قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەس كۆرۈلۈشكە ئۇچرىغان دەرتمەنلەر ئۇيغۇر قىز-خوتۇنلىرى ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىلىشكە مەجبۇر بولغان.

     

    پايدا-زىينى:

    خۇددى ئەڭ ئىلمى ،ئەڭ توغرا تەھلىل قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندى (ئۇ كىشى ئۇيغۇرنى تىللىمايدۇ،ئىجتىمائى مەسلىنى ماھىيەتلىك قانۇنىيەت بويىچە يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ،مەسلە ۋە ئۇنىڭ چارىسىنى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويالايدۇ) مۇنبەر ژۇرنىلىدا ئىلان قىلغان ( ماقالىسدە ئىيتقاندەك، ...دەرھال ھەرىكەت قوللانمسا ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسئال-كۇلتۇرەل قۇرۇلمىسى (ئىجتىمائى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى)يىمىرىلىش خەۋپىدە تۇرىۋاتىدۇ)دىگەنىدى.نۆۋەتتە شىدددەت بىلەن يامراۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا كۆيۈنمەسلىك ۋە ساداقەتسزلىكى بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن يۇز ئۆرۈش ھادسسى-ئۇيغۇر مىللى مەۋجۇتلۇقىنى خەۋپكە دۇچار قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ.

    ئۇيغۇر ئانا خەقكە تەگسە-بالا دادىنىڭ،ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان دىيەلمەيدۇ.بالا-خەقنىڭ ئىددىيسى بويىچە چوڭ بولىدۇ،مەلۇم مۇددەتتىن كىين ئەبجەش بولغان بىر قىسم ئەۋلات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،ئۇلار ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇر تىلىنى چۇشىنىدىغان بولغاچقا  ئۇيغۇرغا زىيانلىق ئەڭ كۆپ ئشنى شۇلار قىلىدۇ.مىللەتنىڭ ساپلىقى بولمسا،ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئېتىقاتىدا بولمىسا ،دۆلەت تەرىپىدىن مىللى مەدەنىيەتنى پۇل بىرىپ،ناخشا ئىيتىپ،نورۇز ئۆتكۇزۇپ،دوپپا بايرىمىنى تەشۋىق قىلىپمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ،مەسجىتنى يوغان ئىچىپ كىرىڭ دىسە كىرمەيدىغان ،دىنىدا ئوقۇساڭ،كىتاپ يازساڭ ئىختىيار دىسە،قىلغۇسى كەلمەيدىغان،مىللەت ھەققىدە نىمە دەۋالساڭ،نىمە يىزىۋالساڭ ئۇيغۇرچىنى نەدە قوللانساڭ ،مەيلى دىسىمۇ،پەرۋا قىلمايدىغان ،ئۇيغۇر بىلەن بىر پۇڭلۇق ئىشى يوق ئىسل ئەۋلاتلار بارلىققا كىلىدۇ.

     

    قسقىچە سەۋەبى:

    مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبلىرى:1-ئائىلە تەربىيسى،دىنى ئىتىقات ۋە مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆزلۇك ۋە غۇرۇر تەربىسينىڭ كەملىكى 2-ئەرلەرنىڭ لاڭتاسمىلىقى .ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنىنىمۇ باقالمايدىغان ،زەيپانە روھ،لەقۋالىق،تىرىشماسلىق،ئايالنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ،ئەكسچە ئايال كىشىدىن پايدىلىنىش ،ئۇلارنى ئويناپ تاشلىۋىتىش،بۇزۇق قىزلار سانىنى كۆپەيتىشكە ھەسسە قوشۇش ئۇچۇن مۇھەببىتنى ئويناپ تاشلىۋىتىشى،ئازراق كۇچى،پۇلى  بارلىرى خوتۇن ئىلىپلا ئاشنا ئويناش،ئايالىنىڭ ھەقىقى ئىھتىياجى نىمە،ئۇنى قانداق ئىدارە قىلىمەن،قانداق پەرزەنىت ،قانداق ئائىلەم بولىدۇ ؟مەن بۇ قىزلارنى،خوتۇنلارنى ئويناپ تاشلىۋەتسەم،مىنىڭ سىڭلىم،ئاچام،قىزىم،خىزمەتدىشىم،يۇرتدىشىم،ئوقۇتقۇچۇم،ئوقۇغۇچۇم بولمىش ھەم كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغان قىزلار قانداق قىلىدۇ؟مىللەتنىڭ قىنى بۇزۇلسا ،كىم جاۋاپكار بولىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ،ئۆزىنىڭ بىر قىتملىق ئويۇننىڭ كەينىدىن نۇرغۇن قىزلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشى ھەققىدە ئەقلى خۇلاسە چىقىرىپ باقمايدۇ،

    3-ئۇيغۇر قىزلىرى ھەددىدىن زىيادە ئاغمىچى،مۇقىم مەيدانى يوق،چىدىماس ھەم سەۋىرسز بولۇپ،ئۇيغۇر ئەرلىرىنى بەك كەمستىدۇ،پۇلىسى بولمىغاچقا ئىقتىدارسز دەپ قارايدۇ،شۇنچە ئشلەپ روناق تاپالمىسا ،ھورۇن،يارىماس دەپ ھاقارەت قىلىدۇ.بىر نەچچە يىللىق جاپالىق تۇرمۇشقا ئۆلۇپ كەتمەيدىغان تۇرۇقلۇق ئىرىدىن ئاجرىشمەن،ياكى نامرات بىلەن توي قىلمايمەن دەپ قوپىدۇ ،بىللە ئشلەپ،بىللە تۇرۇپ،ئىرىم خاتالاشسا چىڭ چاپلىشپ ،ئۇنىڭ يۇرىكىنى ئۆزۇمگە قارىتىپ ئۆي تۇتۇپ قالاي دىمەيدۇ،سەۋرسزلىك،چىدىماسلىق بىلەن ئۆي بۇزىدۇ،ئايرلىدۇ. دەرۋەقە –ئىرى ئازراقلا خاتالاشسا،ئاجرىشمەن دەيدىغان، ئۇرۇشىدىغان، ئائىلىنى بۇزۇشقا ئالدىرايدىغان قىلىق بەك كۆپ.

    ئەمما تۇرمۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ھەممە ئادەم ئاخىرىدا ئەسلىگە قايتىدۇ،ئۆزىگە لايىق جايغىلا بارالايدۇ.

    ئافغانستان ئاياللىرى ھەققىدە يىزىلغان بىر داڭلىق روماننىڭ مۇنۇ جۇملە سۆزى غەرپ دۇنياسدا ھىلىغىچە مودا:قىزى ئاپسىغا :ئاپا ،مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن.كاتتا ئادەم بولىمەن-دەيدۇ.ئاپسى:قىزىم ،ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ياشاۋاتقان بىز ئافغانستان ئاياللىرىغا سەن دىگەن ئۇ مائارىپ ھىچنىمە بىرەلمەيدۇ،بىزگە لازىملىق بولغان چىداش،سەۋر قىلىش،كۇتۇشتىن ئىبارەت ھاياتىمىزنىڭ ئەڭگۇشتىرىنى مائارىپ ئۆگىتەلمەيدۇ.

    بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن مائارىپ ئەلۋەتتە مۇھىم،ئەمما بەرداشلىق بىرىش،رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ،ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بۆشۇكى بولغان ئائىلىنى قوغداش-ۋەتەن قوغداش بىلەن باراۋەر،ئائىلىنى سۆيىدىغان ،يولدىشغا ۋاپادار ،پەرزەنىتىگە مىھىرىبان ئانىلار-مىللەتنى قوغدايدىغان ھەقىقى جەڭچىلەردۇر.

     

    ھەل قىلىش تەكلىۋى:1-ئائىلە مائارىپىنى كۇچەيتش كىرەك،2-شۇنداقلارغا ئاقىۋەت ھەققىدە ياخشى ئويلاش تەكلىۋى بىرىش كىرەك،3-يىگىتلەر –قىزلارنى ئاسراپ،ئىگە بولۇشى كىرەك.

     

    مەنبە:تارىمى تورى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇر قىز كۈيئوغۇل